|
|
|
|
ئىككى نەپەر تۈمۈر يول ئىدارە باشلىقى ئىنتىزامغا خىلاپىق قىلىشقا چېتىلىپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك سالاھىيتىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى تېلىگراممىسىدىن ئىگىلىنشىچە،مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنڭ بەزى ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيتى توغرىسىدىكى دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا،ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم رايونى تاللاپ چىققان 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى،خوخخوت تۈمۈر يول ئىدارىسى باشلىقى لىن فېڭ چىياڭ{ 林奋强} ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلشقا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتى تەرپىدىن 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك سالاھىيتىدىن ئېلىپ تاشلاشنى بېكىتتى.
گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونى تاللاپ چىققان 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى نەنچاڭ تۈمۇر تول ئىدارىسى باشلىقى شاۋ لى پىڭ{邵力平}(ئىلگىرى ليۇ جوۋ تۈمۇر يول ئىدارىسى سىكىرتارى،ئىدارە باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن) نى،پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن،گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتى تەرىپىدىن 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك سالاھىيتىدىن ئېلىپ تاشلاشنى بېكىتتى. ۋەكىللەر قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىملىرىگە ئاساسەن،لىن فېڭ چىيا{ 林奋强}،شاۋ لى پىڭ{邵力平} لارنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك سالاھىيتى توختۇتۇلىدۇ.
نەنچاڭ تۈمۇر تول ئىدارىسى باشلىقى شاۋ لى پىڭ{邵力平}
خوخخوت تۈمۈر يول ئىدارىسى باشلىقى لىن فېڭ چىياڭ{ 林奋强}
مەنبە:تېڭشۈن تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-2 11:42 AM
|
|
|
|
|
|