ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار
بۈگۈن دەرىجىدىن تاشقىرى بالدۇر ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كەلسەم ئەسكى تۈسكى يىغىۋالىدىغان بىر يولداش ئۈچ چاقىلىق توكلۇق موتسىكىلىتى بىلەن ياڭراتقۇدىن ئۆزىنىڭ ئىلانىنى قۇيۇپ قۇيۇپ ئىككى تەرەپكە تەڭ قاراپ چوڭ يولغا ماڭغىلى تۇرۇپتۇ . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ موتسىكىلىتىدىن خېلى كۆپ مىقداردىكى كىتابلارنى كۈرۈپ قېلىپ چاقىرىپ توختىتىۋالدىم . ھەمدە بۇ كىتابلارنى ساقلاپ قېلىش ئىستىكى قوزغىلىپ ھەر كىلوسىنى 2 يۈەندىن سېتىۋالدىم ...جەمئى 14كىلوگىرام كىتاب ، قەيەردىن ئالغانلىقىنى سۇرىسام ئالدىنقى بەش ئالتە كوچا نېرىدىكى ئائىلىكتىن سېتىۋاپتۇ ، (بىز بۇ يەرگە كۈچۈپ كەلگىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئىجتىمائى مۇناسىۋىتىمنىڭ تۈۋەنلىكى سەۋەبلىك مۇشۇ ئەتراپىمدىكى قوشنىلىرىم بىلەنلا ئارىلىشىپ ئۆتەتتىم . كىملىكىنى بىلەلمىدىم )مىنىڭ كىتابلارنىڭ ئىگىسىنى ئىزدەپ تېپىپ ئاپىرىپ بىرىش مەسئۇلىيتىم يوق دەپ ئۆزۈمنى ئالداپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كىردىم .
كىتابلار ئاساسلىقى دەرىسلىك كىتابلار 12 پارچە 4دانە چوڭ خاتىرە دەپتەر ،يەنە ئادەتتىكى دەپتەر (ئىچى قالايمىغان رەسىملەر ۋە چۈشنىكسىز سەت ئىملا بىلەن يېزىلغان بىر ئىككى قۇردىن قىلىنغان مەشىق تۇراتتى ، ئىسراپ قىلىش دىسەك ئارتۇق كەتمەيتى ) قالغىنى ئەدەبى كىتابلار .
بۇلارنىڭ ئىچىدە ، مەشھۇر خەنزۇ يازغۇچىسى ۋاڭمىڭنىڭ ‹زەڭگەر كۆز› ناملىق پوۋسىتلار توپلىمى (تەرجىمىسى، بۇ كىتابنى مەن كۈرۈپ باقمىغىلى 10 يىلچە بولغانىدى . پەرىزىمچە 90 ـ يىللاردا نەشىر قىلىنغان بۇلىشى مۇمكىن ) ،ئائىلىلەردە يىمەكلىك تەييارلاش ،ئوقۇغۇچىلار دوستى (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى1991-1-نەشىرى 1993-يىلى 2- بېسىلىشى ئىكەن )،قىززىقچى نەسىردىن ئەپەندى (2پارچە ) ،قۇم باسقان شەھەر (96- يىلىدىكى 1-نەشىرى 1-بېسىلىشى ئىكەن ) ، يەنە بىر دانە ئۇيغۇرچە ئىنگىلىز تىلى ئۈگىتىش دەرىسلىكى بۇلۇپ (بۇ نەشىرىياتنىڭ ئەمەس خۇسۇسى باسمىخانىلاردا بېسىلغاندەك قىلىدۇ ، ناھايتى ، تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇلغانكەن ) . بۇلارنى كۈرۈپ ھەيران قالدىم ، ئەقلى بار نۇرمال ئادەم شۇنچە كىتابلارنى ئوننەچچە يۈەنگە سېتىۋەتكۈچە قۇيۇپ قويسا بولمامدۇ ؟ ھازىر 10 يۈەنگە نىمە كىلەتتى ؟ ئەپسۇسلىق ئىلكىدە تۇرۇپلا قالدىم .
بۈگۈن سىلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىدىغان تىما كىتابلارنى ئەسكى تۈسكى يىغىدىغانلارغا سېتىۋېتىش مەسىلىسى ئەمەس،بەلكى شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى ۋە ھازىرقى دەرىسلىكلەر توغرىسىدا بۇلىدۇ .
بايىقى ئەسكى تۈسكى يىغىۋالىدىغان يولداشتىن سېتىۋالغان كىتابلارنى كۈرىۋېتىپ شىنجاڭ دەپ بىر دەرىسك كىتابنى كۈرۈپ ھەيرانلىق بىلەن قۇلۇمغا ئالدىم ، قارىسام 7- يىللىقلار ئۈچۈن دەپ تۇرىدۇ ، بىراق مەن ئۇقۇغان ۋاقىتلاردا بۇنداق دەرسلىك بولمىغاچقا قىزىقىپ ئاۋال مۇشۇ كىتابنى كۆردۈم ، مۇقاۋىسىدىكى خەتكە قايتا قاراپلا جۇدۇنۇم ئۆرلەپ 90گىرادۇسقا چىقىپ كەتتى ، كىيىن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن شىنجاڭنىڭ يېزىلىشقاھەرپ قۇشۇلغان بولسا بولسا بىلەلمىگەندىمەنمۇ دەپ باشقا يېرىگە قاراپ باقتىم .بىراق ئىچىدىكى توغرا ئىدى .
تۆۋەندىكىسى مۇقاۋا ۋە مۇقاۋا ئارقىسىدىكى بىرىنجى قىستۇرما رەسىم