ئېلېكترونلۇق تاماكىدا ساقىلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر
▲يېقىندىن بېرى «ئېلېكترونلۇق تاماكا» مەھسۇلاتىغا ئائىت ھەر خىل ئېلانلار كۆپىيىپ قالدى. تاماكىنىڭ زىيىنىنى بىلىپ يەتكەن ۋە تاماكا تاشلاشنى ئويلاپ يۈرگەن لېكىن، ئۇزاق يىل تاماكا چەككەنلىكتىن تاماكا تاشلىيالمايۋاتقان بەڭگىلەرگە نىسبەتەن، ئېلان قىلىنىۋاتقان ئېلېكترونلۇق تاماكىنى ئىشلىتىش ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغانلىقمۇ؟ ئۇنداقتا «ئېلېكترونلۇق تاماكا» دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ تاماكا تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش رولى بارمۇ- يوق؟ ئۇنى ئۇزاق ئىشلەتسە بەدەنگە زىيىنى بارمۇ؟ ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان «ئېلېكترونلۇق تاماكا» مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە توشامدۇ؟ مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە يېقىندا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.
▲يىگىرمە نەچچە يىل تاماكا چەككەن ئېرىنى تاماكا تاشلاتقۇزۇش مەقسىتىدە، ئايگۈل خانىم تور ئارقىلىق 120 يۈەنگە بىر قاپ «ئېلېكترونلۇق تاماكا» سېتىۋالغان. ئايگۈل خانىمنىڭ دېيىشىچە: يولدىشى تاماكا تاشلاش ئۈچۈن ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغان. بىر كۈنى توردىكى بىر مال سېتىش بېكىتىدە «ئېلېكترونلۇق تاماكا» مەھسۇلاتىغا ئائىت ئېلاننى كۆرۈپ قالغان. ئېلاندا: «ئېلېكترونلۇق تاماكىدا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق كوكۇس مېيى يوق، تاماكىنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ، كۆيمەيدىغان مەھسۇلات، تاماكا تاشلاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى» دېيىلگەن ئىكەن. ئايگۈل خانىم كۆيمىسە، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق كوكۇس مېيى بولمىسا ھەم تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولمىسا، ئادەم بەندىنىگە ھېچقانداق زىيىنى يوق ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىغان.
▲يولدىشىنىڭ تاماكا تاشلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئويلاپ كەلگەن ئايگۈل خانىم يولدىشىنىڭ ئېلېكترونلۇق تاماكىنى ئىككى قېتىم ئىشلىتىپلا تاشلاپ قويىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. چۈنكى، ئېلېكترونلۇق تاماكا ئېرىنىڭ تاماكا تاشلىشىغا تۈرتكە بولمايلا قالماي، ئەكسىچە ئۇنى چەككەن ھامان يۆتەلدۈرۈپ، ئاغزىغا قەتئىي ئالماس قىلىۋەتكەن ئىدى. جاڭ خانىم يولدىشىنىڭ يۆتىلىپ، قېقىلىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەجەپلىنىپ بۇ مەھسۇلاتنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇپ باقاي دېگەن. ئەمما، بۇ ئېلېكترونلۇق تاماكىنىڭ ھېچقانداق چۈشەندۈرۈشى يوق بولۇپ چىققاچقا، ئۇنىڭ قانداق سۈپەت مەسىلىسى ۋە ئەكس تەسىرى بارلىقىنى بىلەلمىگەن. ئۇ يولدىشىنى تاماكا تاشلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئەكس تەسىرىگە ئۇچراپ قېلىشىدىن تېخىمۇ ئەنسىرىگەن.
▲ئېلېكترونلۇق تاماكا زادى قانداق نەرسە؟ ئايگۈل خانىم تېخىمۇ ئېنىق بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدىكى خۇالىڭ بازىرىغا بارغان. ئۇ بۇ يەردە يايما يېيىپ ئېلېكتورنلۇق تاماكا سېتىۋاتقانلارنىڭ خېلىلا كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. توردىكى مال سېتىش بېكەتلىرىدىمۇ ئېلېكتورونلۇق تاماكا مەھسۇلاتىغا ئائىت ئېلانلار ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، ئېلېكتورنلۇق تاماكىنىڭ باھاسى نەچچە ئون يۈەن، ھەتتا نەچچە ئون مىڭ يۈەن ئىدى. ئېلېكترونلۇق تاماكىنى ئىشلىتىپ باققان بەزى كىشىلەر توردا: «ئېلېكترون تاماكىنى چەكسەم گېلىم ئېچىشىپ كەتتى، تەمى ئادەتتىكىچە ئىكەن»، «ئېلېكترونلۇق تاماكىنى چەككەندىن كېيىن بوغۇزۇم ئىششىپ، تۈكۈرۈكۈمنىمۇ يۇتالمەي قالدىم» دېگەندەك سۆزلەرنى قالدۇرۇلغان ئىكەن.
▲ئۇنداقتا «ئېلېكتورونلۇق تاماكا» ئارقىلىق تاماكا تاشلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولامدۇ؟ ئىگىلىنىشچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2008- يىلى 9-ئايدا ئېلېكتورنلۇق تاماكا توغرىسىدا ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئېلېكترونلۇق تاماكىنى تاماكا تاشلاشنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك قورالى دېيىشكە ھېچقانداق ئىلمىي ئاساس يوق، تەشكىلاتىمىز ئېلېكترونلۇق تاماكىنى بەڭگىلەرنىڭ تاماكا تاشلىشىغا تۈرتكە بولالايدىغان، نىكوتىننىڭ ئورنىنى ئالىدىغان قانۇنلۇق نەرسە دەپ قارىمايدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئاۋستىرالىيە، دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مۇناسىۋەتلىك قانۇن- پەرمان ئېلان قىلىپ ئېلېكترونلۇق تاماكىنىڭ سېتىلىشىنى قاتتىق چەكلىدى» دېگەن.
▲ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئېلېكترونلۇق تاماكا توغرىسىدا تېخى مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم بېكىتمىگەن بولغاچقا، بەزى قانۇنسىز زاۋۇتلارغا پۇرسەت يارىتىلغان. لەنجۇ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىسى قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يۇقارقى ئەھۋاللارغا قارىتا: «دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا يوچۇق قالدۇرماسلىقى، شۇنداقلا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەركىبىنى يوشۇرۇشقا پۇرسەت بەرمەسلىكى، ئېلېكترونلۇق تاماكىنىڭ بىخەتەر ياكى بىخەتەر ئەمەسلىكىنى ئېنىقلىشى، بۇ مەھسۇلاتقا دائىر ئېلانلارنى قەتئىي چەكلىشى كېرەك» دېدى.
كېلىش مەنبەسى : شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى
http://uyghur.xjkunlun.gov.cn/10 ... 11/2011/1861278.htm