دادا ئوغلىغا: ئوغلۇم مەن ساڭا بىر قىزنى تاللاپ قويدۇم، شۇ قىز بىلەن توي قىلغىن دەپتۇ.
بالا دادىسىغا: مەن پەقەت ئۆزەم تاللىغان قىز بىلەنلا توي قىلىمەن دەپتۇ.
دادا : لىكىن ئوغلۇم مەن ساڭا بىل گەيتىسنىڭ قىزنى تاللاپ قويدۇم دەپتۇ.
بالا: ياخشى! مانداق يەلىرى بولسا مەن بۇ تويغا سىنىڭ تاللىشىڭغا قۇشۇلىمەن. دەپتۇ.
دادا: بىل گەيتىسنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ بىل گەيتىسكە: مەن سىزنىڭ قىزىڭىزغا ئەڭ لايىق كىلىدىغان بىر يىگىتنى تېپىپ قويدۇم. دەپتۇ.
بىل گەيتىس: مىنىڭ قىزىم تېخى كىچىك، توي قىلىش يېشىغا توشمىدى. دەپتۇ.
يىگىتنىڭ دادىسى: لىكىن، مەن تاپقان بۇ يىگىت خەلقئارالىق بانكىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. دەپتۇ.
بىل گەيتىس: ئوۋ! شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا مەن بۇ تويغا قۇشۇلىمەن. دەپتۇ.
يىگىتنىڭ دادىسى: خەلقئارالىق بانكىنىڭ باش رەئىسىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ: مىنىڭ بىر ئوغلۇم بار، سىلەرنىڭ بانكاڭلارنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ناھايتى ماس كىلىدۇ. ئوغلۇمنى بانكاڭلارنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قىلالارسىلەرمۇ. دەپتۇ.
بانكا باشلىقى: كەچۈرۈڭ! بىزنىڭ بانكىدا نۇرغۇنلىغان مۇئاۋىن مۇدىرلار بار. ئوغلىڭىزغا مۇۋاپىق بوش ئورۇن يوق. دەپتۇ.
يىگىتنىڭ دادىسى: مەن كۆرسىتىۋاتقان بۇ يىگىت، بىل گەيتىسنىڭ قىزىنىڭ ئىرى. دەپتۇ.
بانكا باشلىقى: نىمە؟ بىل گەيتىسنىڭ؟ ئوۋ .... ئۇنداقتا ئوغلىڭىزنى بانكىمىزنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدىم. دەپتۇ.
مەنبە : تور. ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: ئۆزچىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-2 12:07 AM