(سالام خەت)
ئابدۇرېھىم ئوسمان
يادرودىكى DNA دىن ھۈجەيرىگە تارقالغان ئاقسىل ئاغىنەمگە ئوتلۇق سالام:
ھۆرمەتلىك دۇستۇم ئاقسل، ياخشىمۇسەن؟ نىسپىي مولىكۇلا ماسساڭ كىچىكلەپ كەتمەي تۇردىمۇ؟ سېنى تۈزگۈچى ئامىنۇ كىسلاتالىرىڭنىڭ سانى كەملەپ كەتمەي، تىزىلش تەرتىپى ئالمىشىپ كەتمەي تۇرىۋاتقانسەن؟ ئاڭلىسام خىمىيە ئالىملىرى سېنى تۇز ئارقىلىق ئاجرىتىپ ساپلاشتۇرماقچى بوپتۇ. بۇ ئازلىق قىلغاندەك ساڭا قويۇق نېترات كىسلاتا تېمىتىپ ساپسىرىق ئالتۇن ياشلىرىڭنى ئاققۇزۇپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ساڭا ئىنتايىن ئىچىم ئاغرىدى.
نېمىشقا دەمسەن؟ چۈنكى ئالىملىرىمىز قايسى بىرىمىزنىڭ ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ئېرسىي ماددىسى ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلىغاندىن بۇيان، سەن مەندىن خاپا بولۇپ قەيەرلەرگىدۇ كېتىپ قالدىڭ. بۇ نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋىرې ئەپەندىم ئىشلىگەن تەجرىبىدىمۇ ئۆزۈڭنىڭ %0.02 لىك قىسمىنى ماڭا قېتىپ قالدۇردۇڭ. بۇنىڭ بىلەن تەقرىبىي نەتىجىگە تەسىر يېتىپ، ھەر ئىككىلىمىز ھاياتلىقنىڭ ئىرسىي ماددىسى دەپ ئاتىلىپ كەلدۇق. كىم بىلسۇن؟ كېيىن خېرشى ۋە چېيىز ئەپەندىم چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىريىسىنى T2 باگىتىرىئوفاگ تېنىنى يۇقۇملاندۇرۇش ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ئىرسىي ماددىسى DNA يەنى مەن ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاپ چىقتى.
شۇنىڭدىن بۇيان سېنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئاڭلىسام قۇتراتقۇلۇق قىلىپ قېرىندىشىم RNA نىمۇ ئازدۇرۇپسەن. ئۇنىڭغا بىر تالاي يالغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنىمۇ مەندىن تاندۇرۇپ، مېنىڭ ئازۇتلۇق ئىشقار رادىكالىمدىكىT (تىمىن) نىڭ ئورنىغا بىردانە U(ئۇراتسىل) لىق ئىشقار رادىكالىنى ئورنىتىپسىلەر. شۇ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنى مەندىن پەرقلەندۈرمەكچى بوپسىلەر. بۇنىڭغىمۇ بوپتۇ دەپ يۈرسەم، ۋاتسون بىلەن كرېك ئەپەندى مېنىڭ بوشلۇقتىكى سىتېرىئولۇق تۈزۈلۈشۈمنى ۋە ئورنۇمنىڭ يادرودا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋېدى، ئاچچىقتىن ئۆلەي دېدىڭلار. چۈنكى RNA تاق زەنجىرلىك بولۇپ ئۇنىڭ ئورنى ستوپلازمىدا. شۇنداقتىمۇ سىلەر بولدى قىلماي،RNA نىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈش ئارقىلىق ماڭا ئايلىنالايدىغانلىقىنى ۋە بەزى ۋېرۇسلارنىڭ تەركىبىدە مېنىڭ بولمايدىغانلىقىمنى تۇتقا قىلىپ ، RNA بىلەن مەن ھاياتلىقنىڭ ئىرسىي ماددىسى دەپ كۆڭلۈڭلارنى خۇش قىلىپ يۈردۈڭلار.
ھەي ئاقسىل، ھەي ئاقسىل! بىزنىڭ ئارىمىزدا ئەزەلدىن ئۆچ- ئاداۋەت يوق ئىدى! نېمە ئۈچۈن مەندىن نام-ئاتاق تالىشىپ، مەن بىلەن ئۆچەكىشىپ يۈرىسەن؟ قىزىق ئىش، ئىرسىيەت تەسىرى بولغان مىنىڭ ئۈزۈندەم-گېن دەپ ئاتىلىۋېدى، ئۆزۈڭنى قايتىدىن بىر تۈزەش ئۈچۈن ‹‹رىبوسۇم›› شىركىتىنى تىپىپ ئۇنىڭغا ‹‹قۇراشتۇرۇش ماشىنىسى›› دېگەن نامنى بېرىپسەن. يەنە ‹‹ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددا›› نىڭ بىرى دېگەن نامغا ئېرىشىپ خۇشاللىقىڭدىن ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قاپسەن. سىلەرنىڭ سېخىڭلار پلازما ئېچكى تورى بوپتۇ. سېنى سېنتىزلەش ئۈچۈن پلازما ئېچكى تورى كۈچ چىقارسا، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە يۆتكەش ئۈچۈن يەنىلا گولكى تەنچىسىگە تايىنىدىكەنسەن. بۇ سېنىڭ كاج، جاھىل ئىكەنلىكىڭنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەمدۇ؟ سەن قاچانلاردىن بۇيان ‹‹ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ماددا››نىڭ بىرى دېگەن نامغا ئېرىشتىڭ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزۈڭنىڭ كاتالىزلاش، توشۇش، تەڭشەش، ئېممۇنىتېت قاتارلىق جەھەتلەردە جانلىقلار تېنىنى تۈزگۈچى ئاساسلىق ماددا ئىكەنلىكىڭنى كۆز-كۆز قىلىپ بەكلا مەغرۇرلىنىپ كەتتىڭ. شۇ سەۋەبتىنمىكىن–تاڭ، سىلەر ئۈچىڭلارنىڭ ئارىسىدا ئىخىتىلاپ يۈز بېرىپ، ئۈچىڭلار بەزىدە بىر بىرىڭلارغا ئايلىنالىساڭلار بەزىدە ئايلىنالمايدىغان بولۇپ قاپسىلەر، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان دۈشمىنىڭلار-ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىسىدىكىB ھۈجەيرە قۇربان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ دېئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى. شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار سىلەرنى پەرقلەندۈرۈشكە تىرىشتى. يەنى سىلەر ئۈچىڭلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى بىلىپ يەتتى بولغاي، رەڭگىڭلار ئارقىلىق پەرقلەندۈرمەكچى بوپتۇ. قەنتكە فېلىڭ رېئاكتىپى قوشۇپ قىزدۇرۇپ، خىش قىزىل رەڭ ئىپادىلەيدىغانلىقىنى، ياغنىڭ سودان Ⅳ بويىقىدا قىزىل، سودانⅢ بويىقىدا قىزغۇچ سېرىق رەڭ ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ۋە سېنىڭ بىئۇرېت رېئاكتىپىدا سۆسۈن رەڭ ئىپادىلەيدىغانلىقىڭنى ئىسپاتلاپ چېقتى. سەن بۇنى ئاڭلاپ ماڭا يۈزسىزلەرچە قارا چاپلىدىڭ ۋە DNA مۇ دىفنىل ئامىنغا يولۇقسا كۆك رەڭ ئىپادىلەيدىكەنغۇ، دەپ يەنىلا مېنىڭ ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي ئىرسىي ماددىسى ئىكەنلىكىمىگە تېخىچە شەك كەلتۈرۈپ يۈرۈپسەن.
بىر قىسىم ئىشلاردا مەن بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇڭمۇ قانداق؟ ئارىمىزغا RNA نى سالاچىلىققا قويۇپسەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئورنى بىلەن مېنىڭ ئورنۇم ئوتتۇرسىدا پەقەت يادرو تۆشۈكىلا بولۇپ، ئۇ يەردىن RNA دىن باشقا ھېچقايسىڭلار ئۆتەلمەيسىلەر! سېنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭنى چۈشەندىم. سەن مۇنداق دېمەكچىكەنسەن: كۆچۈرۈلۈش بولسا ھۆجەيرە يادروسىدا (يەنى سېنىڭ ئورنۇڭدا)ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۆچۈرۈلۈش ـــ سېنىڭ بىر تال زەنجىرىڭنى ئۈلگە قىلىپ ئىشقار رادىكاللىرىڭنىڭ جۈپ تۈزۈش پرىنسىپى بويىچە RNA نىڭ سىنتىزلىنىشى بولۇپ بۇ ئىككىڭلارنىڭ ئاكا-ئۇكا ئىكەنلىكىڭلارنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمدى ئاغدۇرۇلۇشقا كەلسەك ئۇ سىتۇپلازمىدا‹‹يەنى RNA نىڭ ئورنىدا›› ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاغدۇرۇلۇش ئۈچۈن RNA نىڭ كەپسىز ئوغلى خەۋەرچى RNA نى ئۈلگە قىلىپ بەلگىلىك ئامىنۇ كىسلاتا تەرتىپى بولغان مېنىڭ سىنتىزلىنىش جەريانىمنى كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا بىزمۇ ئەمدى تەتۈر قارىشىپ يۈرمەيلى، دىمەكچىكەنسەن. بۇنى RNA نىڭ سۇخەنچى ئوغلى تۇشۇغۇچىRNA دىن ئاڭلاپ قالدىم. لېكىن ئۇنىڭ سۆزىگە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەك تۈزەلەيدىغان بىردىنبىر مىكروئورگانىزىم ۋېرۇسنىڭ قېشىغا كەلدىم. چۈنكى ۋېرۇسنىڭ سىرتقى قېپى سەندىن تۈزۈلىدۇ. مەن بولسام ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلىشىمەن. ئىككىمىز ئۇيەردە خاتىرجەم پاراڭلىشالايتتۇق. ئۇ يەردە ئاخىرى سەن بىلەن كۆرۈشتۈم. سىنىڭ چىن دىلىڭدىن قىلىۋاتقان سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ، ساڭا چەكسىز ئىشىنىپلا كېتىپتىمەن. كىممۇ ئويلىغان دەيسەن؟ شۇنىڭ بىلەن RNA ئىككىمىزنىڭ قىلىشىۋاتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. ئۇ: ئىككىڭلارنىڭ تىلى بىر، دەپ مەندىن رەنجىپ يۈرىدۇ. ئەسلىدە ئىككىڭلارنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ مېنىڭ يادرودىكى ئورنۇمنى ئىگىلىمەكچى ئىكەنسىلەر…
سەن بىلەن چىن دوستلاردىن بولۇشتىن ئىلگىرى ساڭا مۇنۇ سۆزلەرنى دەپ ئۆتمەكچىمەن:
مىنىڭ رولۇم:-شىفىر تۈزۈش، ئىرسىي ئۇچۇرلارنى نۇسخىلاش، سىنىڭ سىنتىزلىنىشىڭنى كونترول قىلىش؛ RNA نىڭ رولى بولسا ئىرسىي ئۇچۇرلارنى مەن ئارقىلىق ساڭا يەتكۈزۈش. بۇ جەھەتتە ئۈچىمىز ئورتاقلاشمايدىكەنمىز، يېڭى بىر ھاياتلىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرالمايدۇ. مەن ئىرسىيەت قۇرۇلۇشىغا كىرگەندىن كىيىن خەلقئارادا ئالقىشقا ئېرىشىپ ئورنۇم يوقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ ـــ ئىنسانلارغا بەخت ياراتقانلىق! ئىرسىيەت ئاساسىي بىرلىكى بولغان مېنىڭ ئۈزۈندەم-گېن ئاللىبۇرۇن قۇرۇلۇشقا چۈشتى. ئۇ دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. ئەمدى ساڭا كەلسەك، سەن گېن قۇرۇلۇشىنىڭ داۋامى بولغان ئاقسىل قۇرۇلۇشى. بىر قىسىم زور نەتىجىلەر ئىككىمىزنىڭ ھەمكارلىشىشىنى كۈتمەكتە. بىر قىسىم كېسەللىكلەر سەن ۋە مېنىڭ قۇرۇلۇشىمدا تىزگىنلىگىلى بولۇپلا قالماي يەنە يوقاتقىلىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۆز قىممىتىمىزنى تونۇپ، چىرايلىق ئۆتەيلى دېسەڭ، ساڭا چىن مېھرىمنى بېرىمەن ۋە سېنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن.
ئاخىرىدا، خرۇموسومنى تۈزۈش جەريانىدىكى بەختلىك كۈنلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىپ:
دوسىتۇڭ: DNA
ۋاقتى: سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ كېيىنكى دەۋرىدە.
مەنبە : ئەلداۋا تورى