يان تېلېفون ئىشلەتكەندە...
يان تېلېفونغا توك قاچىلاشتا ... ئادەتتە، يان تېلېفوننىڭ توكى تۈگىگەندە ياكى ئاز قالغاندا ئاندىن توك قاچىلاش كېرەك، دەپ قارايمىز. چۈنكى بىز بۇرۇن ئىشلەتكەن باتارېيەلەرنىڭ كۆپىنچىسى نىكىل ھىدرىد باتارېيەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بولىدۇ، يەنى بۇ قېتىم توكى قانچىلىك قالغاندا توك قاچىلانغان بولسا، كېلەركى قېتىمدىمۇ شۇنچىلىك قالغاندا توك قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن توكى بولسىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بىراق، ھازىر يان تېلېفونلارغا لىتىي باتارېيەسى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا توكى پاكىز تۈگىگەندە توك قاچىلايمىز دېسەك، باتارېيە ئىچىدىكى ماددىلارنىڭ خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە قاتنىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىپ، باتارېيەنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ. شۇڭا، ۋاقتىمىز يەتسىلا باتارېيەگە توك قاچىلاپ باتارېيەنى توكى تولۇق ھالەتتە ساقلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا باتارېيەنى ئۇزاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يان تېلېفوننىڭ سىگنال بەلگە سىزىقى بىرتال قالغاندا ئىشلەتمەسلىك كېرەك ھەممىمىزگە مەلۇم، يان تېلېفون ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە تارقىتىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋاب بولۇپ، بۇ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرى ئادەم ئۈچۈن زىيانلىق. يان تېلېفونلاردا سىگنال ئاجىز ئورۇنلاردىمۇ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىپ تارقىتىپ سۆزلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىقتىدار لايىھەلەنگەن بولۇپ، سىگنال تولۇق بولغان ۋاقىت بىلەن بىرتال سىزىق قالغان چاغدىكى يان تېلېفون رادىياتسىيەسىنى سېلىشتۇرساق، پەرقى 1000 ھەسسىدىن ئېشىپ، تارقىتىش قۇۋۋىتى 0.6 ۋاتقا يېتىپ بارىدۇ. ئادەتتە، كىچىك رادىيولارنىڭ دىئامېتىرى تۆت سانتىمېتىرلىق ئاۋاز كانىيىنىڭ ئاۋازى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا چىقىرالايدىغان قۇۋۋىتى 0.25 ۋاتتىن 0.5 ۋاتقىچە بولىدۇ. دېمەك، 0.6 ۋات رادىياتسىيەنىڭ ئادەملەرگە بېرىدىغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يان تېلېفونغا سۇ كىرىپ كەتكەندە ... يان تېلېفونغا سۇ كىرىپ كەتكەندە ياكى يان تېلېفون سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە، ئۇنى دەرھال سۇدىن ئېلىۋېلىش، قاتتىق سىلكىمەسلىك، ھەرقانداق كۇنۇپكىسىنى باسماسلىق كېرەك. ياخشىسى، دەرھال ئارقا قاپقىقىنى ئېچىپ، باتارېيەنى چىقىرىۋېتىش، باتارېيە ۋە باشقا قىسىملىرى پاكىز قۇرۇغاندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك. ناۋادا، يان تېلېفوننى سۇدىن ئېلىپلا كۇنۇپكىلىرىنى باسساق، باتارېيە ياكى باشقا قىسىملىرىدا قىسقا تۇتىشىش يۈز بېرىپ، يان تېلېفون ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. يان تېلېفون باتارېيەسىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش يان تېلېفون باتارېيەسىنىڭ ئىشلەش ۋاقتى قىسقىراپ قالغاندا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ: يان تېلېفون باتارېيەسىنى گېزىتكە ئوراپ يالتىراق خالتىغا سېلىپ ئوراپ توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمچىسىدە ئۈچ كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن چىقىرىۋېلىپ، ئادەتتىكى شارائىتتا ئىككى كۈن تۇرغۇزۇپ، ئاندىن توشقىچە توك قاچىلاپ ئىشلەتكەندە، باتارېيەنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتىنى %80 تىن-%90كىچە ئۇزارتقىلى بولىدۇ. يان تېلېفوننىڭ توكى پات-پات ئۈزۈلۈپ كەتسە يان تېلېفوننىڭ توكى پات-پات ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان ياكى توشقۇزۇپ توك قاچىلىسىمۇ توكى ئىتتىكلا تۈگەپ كېتىدىغان بولۇپ قالسا، بۇ باتارېيە بىلەن يان تېلېفون ياخشى تېگىشمىگەن ياكى باتارېيە قۇتۇپلىرى ئارىسىدا توك قېچىش يۈز بەرگەنلىكتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا باتارېيەنى چىقىرىپ، رېزىنكە ئۆچۈرگۈچ بىلەن باتارېيە قۇتۇپلىرىنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، جايىغا سېلىپ قويسا كاشىلا تۈگەيدۇ. جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-1 08:25 PM
|