مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1076|ئىنكاس: 13

يېڭى يىللىق سوغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46436
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9555
تۆھپە نۇمۇرى: 2283
توردا: 2167 سائەت
تىزىم: 2011-7-2
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 06:50:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


                                                  مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭى يىلى



بىز مۇسۇلمانلار بىرقانچە كۈندىن كېيىن بىر يىلنى تۈگىتىپ يېڭى بىر يىلغا قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھىجرى يىلنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.

زامان دېگىنىمىز قۇياش، ئاي، يەر شارى ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدىغان مۇرەككەپ ھايات ئۆلچەملىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەرەبلەر ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى بىر يىلنى ئون ئىككى ئايغا بۆلىدىغان، كۈندۈزنىمۇ 12 سائەتكە كېچىنىمۇ 12 سائەتكە بۆلىدىغان قەمەرىي كالېندار ئىشلەتكەن. ئۇلاردا 24 سائەتنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىسمى بار ئىدى. ئۇلار بۇ كالىندارنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن ئالغاندۇر. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ بېكىتكىنى بويىچە ئەمەل قىلغان.

(شۈبھىسىزكى، ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتقان كۈندە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى بولۇپ، ئۇلاردىن تۆتى ھەرەم ئايلاردۇر، بۇ رۇس دىندۇر.)(تەۋبە سۈرىسى 36-ئايەت)

ئەرەبلەرنىڭ مىلادىي 412-يىلدىن تارتىپ قوللانغان كالىندارى بويىچە ئايلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە:

مۇھەررەم     

سەفەر     

رەبىيئۇل ئەۋۋەل     

رەبىيئۇل ئاخىر     

جۇمادەل ئۇۋلا      

جۇمادەل ئەخىرە

رەجەب

شەئبان     

رامازان

شەۋۋال     

زۇلقەئدە     

زۇلھەججە  

لېكىن ئۇلار تارىخلاشتۇرۇشتا مەلۇم بىر كالىندارنى ئاساس قىلماستىن ھەر بىر يىلى يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقەلىكلەرگە ئاساسەن تارىخنى بىكىتكەن، مەسىلەن: فىيل يىلى(مىلادىي 571-يىل)، كەئبە قايتا بىنا قىلىنغان يىلى دېگەندەك. بۇنىڭ سەۋەبى ئەرەبلەر ياشىغان بەدەۋىي ۋە كۆچمەنلىك تۇرمۇش شۇنداقلا ئۇلار بىرى-بىرى بىلەن داۋاملىق ئۇرۇش قىلىپ چىقىشالماي مۇقىمسىز ھالەتتە ياشىغاچقا ھەممىسى بىردەك بىر كالېندار بويىچە تارىخلاشتۇرۇشقا كېلىشەلمىگەن.

شۇنداقتىمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامدىن قالغان تەلىم بويىچە بەزى مۇئەييەن ئايلارنى ئۇلۇغلاشقا ئۆزئارا كېلىشىپ بۇ ھەرەم ئايلاردا ئۇرۇشۇش ۋە قان تۆكۈشنى قاتتىق چەكلىگەن.

ھەرەم دېگەننىڭ مەنىسى: ئۇنىڭدا قىلىنغان گۇناھ-مەسىيەتلەرنىڭ جازاسى ئادەتتىكىدىن ئېغىرراق، ئۇنىڭدا قىلىنغان تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى ئادەتتىكىدىن كاتتىراق بولۇشتىن ئىبارەت. ئەرەبلەر بۇ ئاينى قاتتىق ئۇلۇغلايدىغان ئىدى، بەزىلىرى ئاتىسىنىڭ قاتىلىنى ئۇچرىتىپ قالسىمۇ ئۇنىڭغا چېقىلمايتتى.(تەپسىرۇل كەبىير 16/42)

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن زامان، ئاللاھ ئاسمان-زېمىننى ياراتقان كۈنىدىكىدەك ئايلاندى. بىر يىل ئون ئىككى ئايدۇر، بۇلاردىن تۆتى ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايلار بولۇپ، زۇلقەندە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم قاتارلىق ئۈچى ئۇلىنىپ كېلىدۇ. تۆتىنچىسى: جۇمادە ئېيى بىلەن شەئباننىڭ ئارىلىقىدا كېلىدىغان مۇزەر قەبىلىسى ھەممىدىن بەك ئۇلۇغلايدىغان رەجەب ئېيىدۇر».(بۇخارى 4662-ھەدىس)

ھەرەم ئايلار تۆۋەندىكىچە:

زۇلقەئدە

زۇلھەججە

مۇھەررەم

رەجەب

شۇنداق قىلىشقا كېلىشكەن تۇرۇقلۇق ئەرەبلەر بەزىدە ھىلە ئىشلىتىپ ھەرەم ئايلارنى خالىغانلىرىچە ئالدىغا سۈرۈپ ياكى كېچىكتۈرۈپ بۇ ئايلارغا ھۆرمەت قىلىشقا بەزىدە رىئايە قىلمىغان، تاكى ئىسلام كەلگەنگە قەدەر بۇ ئادەت داۋاملاشقان، ئىسلام كەلگەندىن كېيىن بۇ ئادەتنى چەكلىگەن. (تەۋبە 37-ئايەتكە قارالسۇن)

تارىخ قالدۇرۇشتىمۇ ئىسلامىيەت كەلگەندىن كېيىن مەلۇم مۇددەت مۇھىم ۋەقەلىكلەر بىلەن تارىخلاشتۇرۇش ئادىتى داۋاملاشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى ئون يىللارغىمۇ مەلۇم رەقەم بېرىلمەي، شۇ يىللاردا يۈز بەرگەن مەشھۇر ۋەقەلىكلەر بىلەن ئاتالغان، مەسىلەن:

ھىجرەتنىڭ بەشىنچى يىلى زىلزال يىلى، توققۇزىنچى يىلى بارائەت يىلى، ئونىنچى يىلى ۋىدالىشىش يىلى دېگەندەك.

تاكى ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلاپەت دەۋرىگە كەلگەنگە قەدەر تارىخلاشتۇرۇش مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشتى، خەلىپە ئۆمەر تېرىتورىيىسى ئىنتايىن كەڭ كۆلەمدە كېڭىيىپ كەتكەن ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزىگە خاس بىر كالېندار ۋە تارىخقا ئېھتىياجى بارلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ساھابىلارنىڭ ئاق ساقاللىرى بىلەن كېڭەش قىلىپ مەسلىھەتلەشكەن، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ قارارى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە قىلغان ھىجرىتىنى كالىندارنىڭ باشلىنىش نوقتىسى قىلىشقا بىرلىككە كەلگەن، نېمە ئۈچۈن دېگەندە: ھىجرەت ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىپ تۇرغان پاسىل، شۇنداقلا بىرىنچى ئىسلام دۆلىتىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ تۇغۇلغان كۈن 18-كۈندىن 21-كۈنگىچە ئارىلىقتا كەسكىن ئېنىق بولمىغاچقا تۇغۇلغان كۈن ئاساس قىلىنمىغان.

يەنە ئۇلار مۇھەررەم ئاينى بۇ كالىندارنىڭ بىرىنچى ئېيى قىلىپ بېكىتىشكەن، ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرىتى بۇ ئايدا بولمىغان، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدىن كېيىنكى سەپەر ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا مۇھەررەم ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن 67 كۈن كېيىن ھىجرەتنى باشلاپ، مەدىنىگە رەبىيئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 12-كۈن يېتىپ بارغان، ئۇلارنىڭ مۇھەررەم ئاينى يېڭى كالىندارنىڭ بىرىنچى ئېيى قىلىپ بېكىتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ ئاي ئەرەب ئېيىدا ساناشتا بىرىنچى ئاي، شۇنداقلا ھەرەم ئايلارنىڭمۇ بىرىنچىسى، كىشىلەر بۇ ئايدا ھەجدىن قايتىشىدۇ، بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇھەررەم ئېيى بىرىنچى ئاي قىلىنىشى مۇناسىپ كۆرۈلگەن.

ھىجرى 17-يىلى جۇمادەل ئەخىرە ئېيىنىڭ 20-كۈنى چارشەنبىدىن تارتىپ مۇسۇلمانلار بۇ يېڭى كالىندارنى قوللىنىشقا باشلىغان، بۇنىڭغا ئاساسەن ھىجرىي بىرىنچى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى مىلادىي 622-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ كالىندارنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىسلام دۆلىتى ۋە جەمئىيىتىنىڭ مەدىنىي ۋە ھازارىي مۇستەقىللىقىغا ئۇل تەييارلىغان، كېيىنچە مۇسۇلمانلار بۇ كالىندارنى ئىشلەتكەن ھالدا دۇنياۋىيلىشىشقا يۈزلىنىپ دۇنياغا ئۇستازلىق ۋە يېتەكچىلىك قىلغان كاتتا ئىسلام مەدىنىيىتىنى بەرپا قىلغان، دىنىي ئىبادەتلەرمۇ مەسىلەن روزا، ناماز، زاكات ۋە ھەج قاتارلىقلار مۇشۇ كالېندار بويىچە بەلگىلىنىدىغان بولغان.

بۇ ھىجرى كالېندار بويىچە بەزى ئايلار 29 كۈن بەزى ئايلار 30 كۈن كېلىدۇ، شەمسى كالىندارىغا ئوخشاش كەبىسە بولمايدۇ.

جەبەلە ئىبنى سۇھەيم رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاي دېگەن مۇنداق، مۇنداق، مۇنداق بولىدۇ» دەپ ئوتتۇزغا ئىشارەت قىلدى. ئاندىن: «يەنە مۇنداق، مۇنداق، مۇنداق بولىدۇ» دەپ يىگىرمە توققۇزغا ئىشارەت قىلدى. بىر قېتىم يىگىرمە توققۇز كۈن، بىر قېتىم ئوتتۇز كۈن بولىدۇ، دېمەكچى.(سەھىھۇل بۇخارى 5302-ھەدىس)

يەنە بۇ ھىجرى كالېنداردا بىر سوتكىنىڭ كېچىسى شۇ سوتكىنىڭ كۈندۈزىدىن بۇرۇن كىرىدۇ. مەسىلەن: جۈمە كېچىسى پەيشەنبە كەچ كىرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن كۈن پېتىش بىلەن يېڭى بىر سوتكا كىرگەن بولىدۇ. مەسىلەن پەيشەنبە شام ۋاقتىدا كۈن پاتسا، جۈمە كۈنىگە تەۋە كېچە كىرگەن بولىدۇ. بۇنىڭ بوۋاققا ئىسىم قويۇشتا يەتتىنچى كۈننى بەلگىلەش، ئېتىكاپقا كىرىش ۋە چىقىش دېگەندەك كۆپ ئەھكاملارغا مۇناسىۋىتى بار.

مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇ كالېندار دۇنيانىڭ كەڭ بىر قىسمىدا ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ كالىندارنى ئىشلىتىشمۇ ئاستا-ئاستا ئىسلام دۇنياسىدا ئەمەلدىن قېلىشقا، ئۇنىڭ ئورنىغا يات غەرب مەدىنىيىتى كالىندارى بولغان مىلادىي كالېندار دەسسەشكە باشلىغان، ئاخىرى غەرب جاھانگىرلىرى ئىسلام دۇنياسىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن شام ۋە مىسىردەك كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرىدە دەسلەپكى باسقۇچتا ھىجرى ۋە مىلادىي ھەر ئىككى كالىندارنى قوللانغان، كېيىنكى باسقۇچتا مىلادىي كالېندارنىلا قوللانغان، ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىسلام تارىخى بىلەن بولغان رىشتىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن ھىجرى تارىخ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بۇ ئىسلام خىلاپىتىنى يىقىتقان مۇستافا كامالنىڭ ھىجرى 1344-مىلادىي 1926-يىلى ھىجرى كالىندارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۇنى مىلادىي كالېندار بىلەن ئالماشتۇرۇش قارارى بىلەن ئەمەلىيلەشكەن.

شۇنداقتىمۇ ھازىر بەزى ئىسلام ئەللىرىدە ھىجرى كالېندار رەسمىي كالېندار ھېسابلىنىدۇ، يەنە بەزى ئىسلام ئەللىرىدە ھىجرى كالېندار مىلادىي كالېندار بىلەن يانمۇ يان قوللىنىلىپ كەلمەكتە.

ئىمام رازى يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدىكى (بۇ رۇس دىندۇر.) دېگەن جۈملىنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئەھلى ئىلىملار مۇنداق دېگەن: مۇشۇ ئايەتتىكى ھۆكۈمگە ئاساسەن مۇسۇلمانلار سودا-سېتىقلىرىدا، قەرز مۇددەتلىرىدە، زاكات بېرىش ئىشلىرىدا ۋە بارلىق ئەھكاملىرىدا ئاسماندىكى ئاي بىلەن ھېسابلايدىغان ئەرەبى يىلنى ئاساسلىنىشى، ئەجەم، رىم يىلىغا ئاساسلانماسلىقى ۋاجىبتۇر".(تەپسىرۇل كەبىير 16/43)

شۇڭا بىز زاكات، ئىددەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلاردا قەمەرى كالىندارنى ھېساب قىلىشىمىز لازىم. بولمىسا ئىبادەتلىرىمىزدە ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئاددى بىر مىسال: زاكات بېرىشتە مىلادى يىلنى ھېساب قىلساق بىر يىلدا 11 يېرىم كۈننىڭ، 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتى ئادا قىلىنماي گەدىنىمىزدە قالىدۇ.

جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئىززەت ئاتا قىلغاي!

تەييارلىغۇچى: ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ


مەنبە:http://www.sajiye.net/viewarticle.php?id=91

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
barquk8 + 99 بىلىۋالدىم رەھمەت سىز.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

ئىبراھىمجان ئىر

باش رەسىمى نىقابلانغان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26436
يازما سانى: 3518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29442
تۆھپە نۇمۇرى: 3126
توردا: 6427 سائەت
تىزىم: 2011-1-16
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 07:29:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
<< بىرمىسقال بىلوگى >> يىڭىدىن قۇرۇلدى .
بۇ بىلوگ خام ئالتۇن باھاسى ۋە دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان99%لىك تەييار زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ ئەمەلى باھاسىنى قەرەللىك ھالدا بۇ بىلوگقا يوللىنىپ تۇرىدۇ

     http://1miskal.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 07:59:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ:qiray121:qiray121

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 969
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11243
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1136 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 08:22:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم رەھمەت سىزگە !!!

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12044
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8737 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 08:33:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  بىلۋالدۇق  رەھمەت.:qiray121  لىكىن  مەنمۇ  يىڭى  يىلىق  سوغلارىنى  تاپشۇرۋالغان  ئىدىم.:qiray2

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

بۈگۈن خىزمەتتە ت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69868
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3549
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 08:36:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ،
ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلاركەن،
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا.

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم، سۇبەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، ئەجرىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4652 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 08:48:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ ،

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49637
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3785
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 08:53:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تىما ئىكەن، كۆپ رەھمەت

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6389
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1293 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 09:15:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بېر ئويلانغۇدەك تىما.....

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!

كېرەك يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63055
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6389
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1293 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 09:20:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بېر ئويلانغۇدەك تىما.....

بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرگە ئوخشاش!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش