شەيخ ئەبۇبەكرى قارىم كاشغەرىي
(1317- 1381ھ)
(1899-1961م)
شەيخنىڭ ئىسمى ئەبۇبەكرى ئابدۇل ئال بولۇپ، ھىجىرىيە 1317-يىلى قەشقەردە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۆز دەۋرىدە كۆزگە كۆرۇنگەن ئەدىب بولۇپ، ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلىرى، كەسكىن پىكىرلىرى بار كىشى ئىدى.
ئۇ ئوغلىنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئىلىمسۆيەر يىگىت قىلىپ تەربىيلىگەن بولۇپ، ئەبۇبەكرى دادىسىدىن تىل-ئەدەبىيات پەنلىرىدىن پۇختا ئىلىم تەھسىل قىلغان. كىيىنچە 1332-يىلى قەشقەردە ساقىيە مەدرىسى تۇنجى قېتىم ئىچىلغاندا دادىسى ئۇنى شۇ مەدرىسكە ئەكىلىپ ئوقۇتىدۇ.
ئۇ شىئىر ئوقۇشقا ئامراق بولسىمۇ، كىيىنچە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىلەن شەرىئەت ئىلىملىرىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە ئىلمى ۋە ئەخلاقى جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، شۇ دەۋىردە كىشىلەردە تېپىلىدىغان ياخشى ئەخلاقى -پەزىلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۇرىدۇ. (ئۆتكەن ئەسەردە ئەۋلادلىرىمىزدا قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتلەر بار ئىدى. ئۇلار مېھماننى سېخىيلىق بىلەن كۈتەتتى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيتتى. شەرمى-ھايا ھەربىر ئائىلىنىڭ، ھەربىر كىشىنىڭ ئۆرپە-ئادىتى، تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمىدەك بولۇپ كەتكەنىدى. شۇنداقلا بەش ۋاخ نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش، شەك-شۈبھىلىك نەرسىلەردىن، يىتىم-يىسىر، ۋەقپىنىڭ ماللىرىدىن يىراق تۇراتتى، ئامانەتنى ياخشى ساقلاپ، ئۆز جايىغا تاپشۇراتتى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى دىيارىمىزدىكى مۆمىن خەلىقىمىزنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، بۇ ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالاھنىڭ خەلقىمىزگە بەرگەن فەزلى-مەرھەمىتى ۋە تەۋفىقي. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا كاتتا ھەمدۇسانا ئوقۇيمىز.)
شەيخ ئەبۇبەكرى قارىم ئۆز دەۋىردىكى مۆمىن، سالىھ كىشىلىرىمىزنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش شاھادىتىنى ئىلىپ، قەشقەردىكى بىر مەدرىسكە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلەنگەن.
ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بەش يىل بۇرۇن، ياشىنىپ قىلىش ۋە بەزىبىر خاس زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلىدىن، ئۆيىدە ئىتىكاپتا تۇرۇپ، ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلانغان.
ھىجىرىيە 1381-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولۇپ، شۇيەرگە دەپنە قىلىنغان.
ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي! ئامىن.
(مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئەرەبچە "ئەلئىئلام" دېگەن كىتابىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھەمزەم)
مەنبە:
http://www.sajiye.net/viewarticle.php?id=97 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 0998nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-1 06:41 PM