شەخىسلەرنىڭ بانكا ئۆي قەرىزنى قايتۇرۇش سوممىسىدا بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزگۈرۈش بولىدۇ.
چوڭچىڭ كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: سىز ناۋادا ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن بانكادىن قەرىز ئالغان بولسىڭىز بۈگۈندىن باشلاپ ئايدا قايتۇردىغان قەرىز پۇل سوممىڭىزدا ئۆزگۈرۈش بولىدۇ، يەنى ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا بۇ ئايدىن باشلاپ قەرىز قايتۇرۇدىغان بانكا كارتىڭىزغا سەل جىقراق پۇل سېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
چۈنكى مەركىزى بانكا بۇلتۇر ئۆي قەرىز پۇلىنىڭ قايتۇرۇش ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۈچ قېتىم ئۆستەردى، بۇلتۇر 2- ئاينىڭ 9- كۈنى ، 4- ئاينىڭ 5- كۈنى، 7-ئاينىڭ 6- كۈنى ئارقا ئارقىدىن قەرىز قايتۇرۇش نىسبىتىنى ئۈچ قېتىم ئۆستەردى.
بۇلتۇر 2-ئاينىڭ 9- كۈنىدىن بۇرۇن بەش يىلدىن يۇقۇرى مۇددەتتە ئۆي قەرىز پۇل بىجىرگەن بولسىڭىز ئۇنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئەسلىدىكى 6.40% تىن ھازىرقى 7.05% كە ئۆسكەن بولىدۇ .
بۇلتۇر 2- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 5- كۇنىگىچە قەرىز رەسمىيىتى بىجىرگەن بولسىڭىز شۇ چاغدىكى ئۆسۈم نىسبىتى 6.60% تىن ھازىرقى ئۆسۈم نىسبىتى 7.05% كە تەڭشەلگەن.
4-ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە قەرىز رەسمىيىتى بىجىرگەن بولسا شۇ چاغدىكى 6.80% تىن ھازىرقى 7.05% كە تەڭشەلگەن.
ھەر بىر شەخىسنىڭ قەرىز مۇددىتى ، قەرىز سوممىسى ، قەرىز قايتۇرۇش ئۆسۈم نىسبىتى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغاچقا ھەر بىر ئايدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا قايتۇردىغان قەرىز سوممىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
مەسىلەن يىگىرمە يىللىق مۇددەتتە باكىدىن 300 مىڭ سوم قەرىز ئالغان بولسىڭىز مۇشۇ قەرىز قايتۇرۇش ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى سەۋەپلىك بانكىغا قايتۇرىدىغان پۇلىڭىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھەر ئېيىغا 115 كۆپ بولىدۇ.
مەنبە:
http://finance.huanqiu.com/roll/2012-01/2319372.html