ئۇ قانچىلىك ئىش ئىدى
بىر ئەر ئارتىس بار ئىدى.ئۇنىڭ خۇتۇنى ئۆلۈپ قالدى.ئۇ ئۆزىنى يوقىتىپ،ئاۋازىنى بولىشىغا قۇيۇۋىتىپ يىغلايتى،كۆز ياشلىرى دەريا بولۇپ ئاقاتتى.
-سىنىڭ خۇتۇنىڭنى بۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقماپتىمەن،دېدى بىر ئاغىنىسى.
ئارتىس ئاغىنىسىگە لەپپىدە بىر قاراپ قۇيۇپ ئېغىز ئاچتى:
-بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى،تۇنجى خۇتۇنۇم ئۆلگەندە يېغلىغىنىمنى كۆرگەن بولساڭ ھوشۇڭدىن كىتەرىكەنسەن.
سەۋدايىلىق
بىر كۈنى پادىشا روھى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باردى.دوختۇرخانا مەسئۇلى ئۇنى ھەممە كىسەللەر ياتىقىغا ئەكىرىپ كۆرسەتتى.پادىشا ئېلىشىپ قېلىش سەۋەپلىرىگە بەكمۇ قىزىقاتتى ۋە بۇ جەھەتتە مەخسۇس ئىزلىنىش ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.چۇنكى ئۇ ھەر بىر ئادەمگە چېتىلىدىغان مەسىلە.
بىر ئادەم تۆكۈلۈپ يىغلاۋاتاتتى،بېشىنى رىشاتكىغا ھەدەپ ئۇراتتى.بۇ ئادەمنىڭ غەزىپى ۋولقان،ئازاپلىرى دېڭىزدەك چوڭقۇر كۆرۈنەتتى.دوختۇرخانا مەسئۇلى چۈشەندۇردى:
-بۇئادەم بىر قىزنى ياىشى كۆرۈپ قېلىپ ئېرىشەلمىگچكە ئېلىشىپ قالغان.
ئاندىن ئۇلار يەنە بىر ياتاققا كىردى.ئۇ يەردە بىر ئەر بىر ئايالنىڭ رەسىمىگە تۈكۈرۈپ ئولتۇراتتى.
-بۇ ئادەم نېمىشقا ئېلىشىپ قاپتىكەن؟-سورىدى پادىشا،-ئۇنىڭ ئېلىشىپ قېلىشىمۇ ئايال كىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلىدىغۇ؟
-بۇمۇ بايقى ئەر ئىرىشەلمىگەن قىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك،دىدى دوختۇرخانا مەسئۇلى ،- بۇئادەممۇ ئۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا ئېرىشكەن،شۇ سەۋەپتىن ئېلىشىپ قالغان.
ئەگەر سەن تەشنا بولغان نەرسەڭگە ئېرىش ياكى ئېرىشمە ئوخشاشلا ئېلىشىپ قالىسەن،ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا ئوخشاش .مەيلى نىمە ئىش قىل ،ئۇنىڭ ئەپسۇسلىنىدىغان بىر تەرىپى بولىدۇ.
ئاغزى ئوچۇق تۇرسا
بىر كىچىك بالا ئۆيگە قايتىپ كېلىشىگە ئاپىسى كايىپ كەتتى:
-قوشنىلارنىڭ باللىرىدىن ئاڭلىسام ،سەن بىر قىزنىڭ ئاغزىغا لاي ئېتىپسەن،جازاغا تارتىلىپ ،پوتۇن بىر كۈن سىنىپقا كىرەلمەپسەن!
-شۇنداق بولدى،-دىدى بالا.
ئانىنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىدى.
-نېمىشقا ئۇنىداق قىلدىڭ؟نېمىشقا باشقىلارنىڭ ئاغزىغا لاي ئاتتىڭ؟
بالا مۈرىللىرىنى ئېتىپ قويۈپ جاۋاپ بەردى:
-ھى،ئۇنىڭ ئاغزى ئوچۇق تۇرسا.
ئەمدى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئورنى قالمىدى،يېتەرلىك سەۋەپ بار؛بالىنىڭ قولىدا لاي بار،قىزنىڭ ئاغزى ئوچۇق،ئۇ ھالدا قانداق قىلىش كىرەك؟ئىش مانا شۇنداق يۈز بەرگەن.
مەن ئۇ ئەمەس
ئۆيدە ئانىسى بالىسىغا تاپشۇرۇقلارنى ئىشلىۋېتىشنى قايتا-قايتا ئېيتتى .لىكىن بالا ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي ئويۇنىنى ئويناۋەردى.
-سەن مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلامسەن،ئاڭلىمامسەن!-دىدى ئانىسى ئاچچىق بىلەن.
-سەن مىنى كىم كۆرۈپ قالدىڭ،-دىدى بالا بېشىنى كۆتۈرۈپ ،-مەن سىنىڭ گىپىڭدىن چىقمايدىغان دادام ئەمەس.
ئۈچ بوۋاي
ئۈچ بوۋاي باغچىدا قېچىپ قۇتۇلغىنى بولمايدىغان ئۆلۈم توغرىسىدا پاراڭغا چۇشكەندى.73
ياشقا كىرگەن بوۋاي ئېغىز ئاچتى:
-ھەييييييي مەن ئۆلگەندە ،ئەڭ ئۇلۇغ ھەم كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئابراخام لىنكۇلىن زۇڭتۇڭ بىلەن بىر يەردە يېتىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
-مەن ئۇلۇغ ئالىم،ئىنسانپەرۋەر،پەيلاسوپ،تىنىچلىقنى سۆيىدىغان ئالبېرىت ئېينىشتېيىن بىلەن بىر يەردە يېتىشنى ئارزۇ قىلىمەن،-دىدى 83 كە كىرگىنى.
سۆزلەپ بولغان ئىككەيلەن 93 ياشقا كىرگەن بۇۋايغا قارىدى.ئۇ بۇۋاي ئېغىز ئاچىتى:
-مىنىڭ سوفيە روللانىد بىلەن بىر يەردە ياتقۇم بار.
قالغان ئىككى بوۋاينىڭ قاتتىق ئاچچىقى كىلىپ سورىدى:
-ھوي ئۇ تېخى ھاياتقۇ!
بوۋاي جاۋاپ بەردى:
-مەنمۇ ھاياتقۇ!
دوسىتلارغا يېڭى يىللىق قۇرۇق بولسىمۇ ئازراق كۆڭلۇم.
مەنبە :ئوشۇ ھىكايەتلىرى دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-1 07:14 PM