|
|
|
|
ھىندونېزىيەلىك ئۇزۇن چاچلىقلارنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلدى
ھىندونېزىيەدە پۇنكچۇ دەپ ئاتىلىدىغان خورازنىڭ تاجىدەك ئۇزۇن چاچ قويغان 65 نەپەرياشنىڭ چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلدى.
ئۇلار ھەر خىل ئۇزۇن چاچلارنى قويۇۋېلىپ ئويۇن قويىدىغان سەنئەتچىلەر بولۇپ، ھىندونىزىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئېتىقادى ئەڭ كۈچلۈك Pirsingovannye ۋىلايىتىگە ئويۇن قويغىلى كەلگەندە ساقچىلار ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ ھەممىسىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى چاچ ئېلىش ماشىنىسى بىلەن مەجبۇرى چۈشۈرۈۋەتتى. كېيىن ئۇلارنى دەرياغا ئاپىرىپ يۇيۇنغىلى سالدى ۋە ئونىڭدىن كېيىن ئۇلارنى تەربىيلەشكە باشلىدى.
ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلارنى 10 كۈن بويىچە تۇتۇپ تۇرىدىكەن. بۇ 10 كۈن ئىچىدە ئۇلارغا دىنىي ئەخلاق ۋە ناماز ئوقۇشتىن باشقا مەخسۇس ئەسكەرلىككە ئېلىپ تەربىيلەيدىكەن. ھازىر ئۇلار ناماز ئوقۇشنى ئۆگىنىپ ھەر كۈنى بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان بوپتۇ.
[url=http://www.habervitrini.com/fotogaleri.asp?hfoto=577243&gfoto=&pn=26#fotonM|e]http://www.habervitrini.com/fotogaleri.asp?hfoto=577243&gfoto=&pn=26#fotonM|e[/url] بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-1 07:47 PM
|
|
|
|
|
|