مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 42540|ئىنكاس: 261

‹QQ› دىكى قىزلار سودىسى -داڭگال   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14848
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 10:01:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ‹QQ› دىكى قىزلار سودىسى ( 1 - بۆلۈم)

( بۇ يازمىنى ھەر قانداق بىر ئورۇن ۋە شەخىسنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلگەنلىكى بايقالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىمەن)
                                     كىرىش سۆز

    سىلەر بىلمەيسىلەر، بىزنىڭ يۇرتتىكىلەر سەنئەت دىسە ئۆلۈپ بېرىدۇ. نەدە،قانداق بىرەر ناخشا ، بىرەر يىڭى ئىتوت ۋە ياكى كىنو چېقىپتۇ دىسۇن قوغلاپ يۈرۈپ پەيدا قىلىدۇ-دە ناھايىتىمۇ تىزلا ئۆزلەشتۇرۈۋالىدۇ. شۇڭىمۇ يۇرتتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ لەقەملىرى قىزىقارلىق ، ھەجۋى تۈسىنى ئالغان. ئالايلى؛ سوپاخۇننىڭ ھېلىقى يۈزلىرىگە تال-تال قورۇق چۈشۈپ كەتكەن، ھېلىلا يېقىلىپ چۈشىدىغاندەك ئورۇق ، شىمىشكا كۆز خوتۇنىنىڭ لەقىمى ‹رۇخسارى›، بازار دوقمۇشىدىكى سەيچى مەستۇرەمخاننىڭ ئىسمىنىغۇ ساپ-سېرىق، يۇۋاش، تولا ئەرگە تەككەنلىكىدىن ‹ئىزورا› دىمىسە ھېچكىم تونىمايدۇ. بېشىغا كونا شىلەپە كىيىپ خۇدانىڭ كۈنى ئۇچ چاقلىق ھارۋا ھەيدەپ بىزنىڭ ئىشىك ئالدىدىن كۈنىگە تۆت ۋاق ئۆتۈپ تۇردىغان سابىر موزدوزنىڭ ‹زورو›...ئەلۋەتتە، خەلىق قوغدىغۇچىلىرى ئىچىدىمۇ ‹مايمۇن ساقچى›،‹كاۋلى›،‹دول-بودى› لەر ئاز ئەمەس بولغىنىدەك ئانچە- مۇنچە ئوتلاپ دەلدۈگۈنۈپ ،ئۆيمۇ-ئۆي قاتراپ يۈرگەنلەر ‹داڭگال›،‹پاتەمخان› بولسا، چېچى بۈدۈر ، سىمىز، ئاق پىشماق ئاۋۇ لەڭپۇڭچىمىزنىڭ نام-شەرپى ‹ساچىر خانىم› تېخى...
      ئويلاپ باقسام، ئۇلار سەنئەتتىن  سەنئەتچىلەرگە بەكرەك ھەۋەس قىلامدىكىن دەيمەن. قانداق دىسىڭىز مۇشۇ ئۆزىنى كۆرمىگەن، ئاۋازىنى ئاڭلىغان سەنئەتچىلەرنى دەپمۇ نۇرغۇن ئازارلىشىشلار يۈز بېرىپ كەتتى. ئوي مەھەللىدىكى دىلارەم بىلەن بەكرىلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالى . كېيىن ئۇقساق ئۇلارنىڭ ئۈچ بالا بىلەن ئاجرىشىش سەۋەبى  بىرى  ئاھ، ‹ئۆمەرجان ئالىم›،‹ئابدۇللا ئابدۇرېھىم›...دەپ ئۆزىنى كاچاتلاپ يۈرسە ئاۋۇ ئېرى بولغان غوجاممۇ ‹ئىززەت ئىلياس›،‹سەنەۋەر تۇرسۇن›...لارغا  كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي ئۇھ تارتىپ بولغان ئىشمىش. دەرۋەقە ،چولپانلىرىمىزنى دەپ بىر بىرىنى كۈنلەپ ،بىر بىرى بىلەن بوغۇشۇپ ئاھالە كومتىت، ۋە ھەتتا سوتقىچە باردىغان ئىشلار دەل بىزنىڭ يۇتتىن چىقىدۇ. يېقىندا ئاڭلىسام پوچتىخانىدىكى ئۇرايىمجان كىمدۇ بىرىنىڭ ئابدىكىرىم ئابلىزغا يېزىپ قايتىپ كەلگەن سالام خېتىنى كۆرۈپ ھەپتە تاماق يىمەپتۇدەك..
  كېيىن بىلدىمكى كىشىلەر ئەسلى غايىۋى نەرسىلەرگە كۆپرەك ئىنتىلىدىكەن. ئەمما گەپ قانداق ئىنتىلىشتە قالدى.
                                                                ‹1›
    ئۇ يانچۇقىدىكى 10كوي پۇلنىڭ 5 كويىغا ئىككى تال ‹جىگەر بۆرەك› بىلەن بىر ناننى ئىشـتىھا بىلەپ يەپ قوسىقىنى چالا تويغۇزۇپ پوچتىخانىنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى ‹پەرىشتىلەر › تورخانىسىغا كىردى-دە، ئېشىپ قالغان 5 كويغا بىر كومپىيۇتېرنى ئىككى سائەتلىك ئاچتۇرۇپ خاتىرجەم بولدى.
-‹ھاجىم› دەپ كىرەي-دېدى ئۇ تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ ‹سىرداشلار› چايخانىسىنىڭ ئىسىم يېزىلىدىغان بوش ئورنىغا ھەرپ تىزغاچ.
  چايخانا ۋە چايخانىدىكى بىر نەچچە رەڭدار ،ئالاھىدە ئىسىملىك ، ۋېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان گېنراللاردەك مىدال ئېسىۋالغان باشقۇرغۇچىلار ئۇنىڭ مۇبارەك قەدىمىنىڭ يەتكەنلىكىدىن خۇشاللىق بىلەن بېشارەت بېرىپ تۇشمۇ-تۇشتىن ئۇچۇرمۇ ئەۋەتىشتى. ئۇ ھېچنىمىگە پەرۋا قىلمىغاندەك ئالدىراپ تىزىملىككە كۆز يۈگۈرتەتتى.
-ۋاھ...بۈگۈن قىز-چوكانلار نېمە دېگەن كۆپ -ھەي؟!-دەيتى ئۇ ئۆز ئۆزىگە پىچىرلاپ ،-ھازىر مۇشۇ خوتۇن خەقمۇ خېلى ئاڭلىق بوپ كېتىپتۇ، ھەر ھالدا ئىسمىنىڭ يىنىغا 30ياش، 35ياش، 39ياش...دەپ ئوبدانلا ئەسكەرتىش بېرىپ تۇردىكەن...گۈلجەننەت، باھار....
  ئۇ ھاپىلا-شاپىلا بىر نەچچە ‹خان› غا سالامنىڭ كاتتىسىنى يوللىغاچ تۇيۇقسىز بىر نەرسە تېپىۋالغاندەك ھېجاراپ كەتتى.
-توختا، مۇنۇ ‹ھاجىمگۇل› غا راۋۇرۇس سالام قىلىش كېرەك. كاساپەت ،ھەجەپ ماڭا يېقىنلا ئىسىمنى قويۇۋاپتا!-دېدى -دە پۇل تۆلىمىسىمۇ بولىدىغان يوغان بىر دەستە گۈل بىلەن يېقىنلىرىغىمۇ ئايدا-يىلدا بىرەر قېتىممۇ قېلىپ قويمايدىغان مىللىيچە سالامنى تولدۇرۇپ يېزىۋەتتى.
-سالام بىرگە ھاجىم! بۇ يەرگە كىرىپ قاپلىغۇ؟
-5-6نەزىر،4 -5 خـەتنە توي ،2-3 ئۆلۈم پەتىدىن يېنىپ يولدىن ئۆتكەچ كىرىپ قويدۇققۇ! سالامەتتۇ؟
- ھا...ھا..ھا..قەدىرئەھۋال، ئوبدان قىپلا ھاجىم. بازارلىرى خېلى ئىتتىك ئوخشايدۇ-ھە؟
-مەنغۇ دائىم ئوبدان قىپ تۇرىمەن. ئالدىراشلىققا كەلسەك، كۆچمە خەۋەرلىشىشتىن بىر،  بىرلەشمە خەۋەرلىشىشتىن بىر ئىككى تېلېفون يېتىشمەي بىر نەچچە ‹چ چ›، بىر نەچچە ئىمال ئادرېس ،شەخسى بلوگ...لارنى ئىچىپ قويدۇم.
-شۈكرى خېلى ئابروي-ئىناۋەتلىك ئادەم بىلەن تونۇشۇپتىمەن.
-ئۇنۇڭدا گەپ يوق-تەلەي ئالدىڭىزدا يۈگۈرۈپ يۈرۈيدىكەن سىزنىڭ.راستىمنى دەي، ئەمما سىزگىلا...ھېچكىمگە دىمەڭ،  ھەرەمگە 18 قېتىم بېرىپ كەلگەن ھاجىمدەك ھاجىممەن...
‹ھې..ھې..ھې! ماۋۇ پونى قارا ، پوغازە مۇشۇ يەردە باج ئالمايدۇ. نەدە ھەرەمگە باراي. كىچىك چاغلىرىمدا تاغام بىلەن چېگرىغا قۇمۇشقا بېرىپ سالمىدىن قورقۇپ ئىشتانغا چىگىتتەك چىقىرىۋەتكىنىمنى بۇلار بىلەمتى!؟...›-دەيتى ھاجىم كۇنۇپكا تاختىسىدا ئويناپ تۇرغان قوللىرىغا ھەۋەس قىلىۋاتقاندەك.
-يائاللا، مۇبارەك قوللىرى بىلەن يېزىلىۋاتقان قۇرلارنىڭ ماڭىلا تېگىل بولىۋاتقىنىدىن خۇرسەنمەن ھاجىم.
-ۋاي ھەشقاللا! مۇبارەك يۇرتلىرى نەدىن بولىدىكىن بۈۋىھاجىم؟ مالال كۆرمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئاز-تولا تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز...سىز بىلەن رەسمى تونۇشقۇم كېلىۋاتىدۇ...
-ئا شەھرىدىن،كەسپىم مۇئەللىم...40ياش...
-سالام مۇئەللىم!ھې...ھې...ھې...ئۆسمۈر چاغلىرىمدىمۇ مۇئەللىملىرىمگە 100مىتىر يەردىن چاست بېرىپ ،يازلىرى ئومىللىرىنى ئورۇشۇپ، قىشلىرى ئۆگزىلىرىنىڭ قارلىرىنى ئېلىشىپ. ئالامەت ھۆرمەتلەپ قوياتتىم. ھەرھالدا ئۇلۇغ كەسىپ.
  ئۇلار شۇ تەرەققىدە خېلى پاراڭلاشتى. تور دۇنياسىغا ئەمدىلا كىرىپ تەمتىلەپ يۈرگەن ھاجىمگۇل ئۈچۈن بۇ باشلىنىش ئاجايىپ كۆڭۈللۈك تۇيۇلۇپ باراتتى. ئۇ تۇنجى كۈنىلا ھاجىمدىن ئىبارەت بۇ سۆزمەن ، قىززىقچى ئەرنى يولۇقتۇرغىنىغا خېلى رازىدەك قىلاتتى.
-چ چ -پ چ باردۇ؟
- كەچۈرۈڭ! مەن تېخى چ چ دېگەن نىمىنى ئاچتۇرمىغان. پات ئارىدا بىرەنى تاپارمەن. ئۆزىڭىزنىڭكىنى ئېۋەتىپ تۇرۇڭ.
-بولىدۇ مېنىڭ نومۇرۇم...
  ھاجىم خۇشاللىق بىلەن چ چ نومۇرىنى بېسىپ ئېۋەتىپ ‹تايىنلىق بۇ خوتۇن ئاۋۋال مىنىڭ چ چ رىمنى ئېچىپ بىرە قۇر غەلۋىرگە سېلىپ ئاندىن ئۆزى غىمىسسىدە پەيدا بولىدىغۇ› دىگەنلەرنى ئويلاپ غودۇراپ ئولتۇراتتى، ئۆشتۇمتۇت كومپيۇتور ئۆچۈپ قالدى.
-ئەستا توك كەتتى.
-توك!
-ۋاڭگۇئەن!....
   تورخانا بىر مەھەل ھۆپۈر -تۆپۈر بولۇپ جىمىدى.
                                                                ‹2›

    نىمىشقىكىن چايخانىلار نەچچە كۈنگىچە ئېچىلىپمۇ قويمىدى. ھاجىمنىڭ ئىدارىسىمۇ ۋاختىدا مۇئاش بىرەلمىگەچ بىچارە بايقۇش تورخانىلارغىمۇ قاتىرالماي  كونا تېلېفونىنى پات-پات ھاپپاقلاپ ‹مانا مۇشۇنداق ئۇرۇپ تۇرمىسا ئىشلىمەيدۇ›دىگىنىچە ئاللىكىملەر بىلەندۇ چچ لىشىپ ئۆتىلىۋەردى. دەرۋەقە، ئۇنى تونۇيدىغانلارغۇ بىمالال مۇڭداشسا تونىمايدىغانلار ‹ئۇ كىمدۇ؟›، ‹قانداق ئادەم ھەي-بۇ!؟›، ‹ھەجەپ چېقىشقىنى بولمايدىغان ئادەمكەن!...› دەپ كىتىشەتتى. ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولسىمۇ ھېكايىمىز ئۇزىراپ كەتسىمۇ كەمىنە مۇئەللىپ ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ئۈستىدە ئاز -تولا توختۇلۇپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.
     ھاجىم، ئەر، ئۇيغۇر، 37ياش، پارتىيە ئەزاسى بولمىسىمۇ ھەرھالدا سادىق.ئۇ 1973-يىلى بىر سولچىل ،بىر ئوڭچىل ئىككى كوممۇنىست ياشنىڭ كومىنا خامىنىدا ئېزىپ قىلىشى بىلەن تۆرىلىپ 1974-يىلى ‹خۇييەن› قەلئەسى (باشقىلار شاڭخەي،شەنخەيگۇئەنلەردە تۇغۇلغان بىلەن) نىڭ بىر ماخوسىدا مەدەككە قوناق ئۇۋىلاۋاتقان قەھرىمان ئانا تەرپىدىن ئاپىرىدە بولغان.
  ئىككى ياش چېغىدا ئۇلۇغ داھىمىز ماۋزىدۇڭغا يىغلاش چىمپىيۇنى بولۇپ شودۇيدە بىر ھارۋا مەڭگەن بىلەن تەغدىرلەنگەن.6 ياشتا رەھمەتلىك مەممەت سەتىراشنىڭ گال ئۇستۇرلۇق ئوپىراتسىيەسىگە ئېغى يوق ئىشتان بىلەن قاتنىشىپ ئەسكەر بولۇپ 6 تۇخۇمنى پۈتۈن يەۋەتكەن. 7ياش چېغىدا نۇرىيە باشلانغۇچقا قوبۇل قىلىنىپ دەرس بېرىۋاتقان ئەكپەر مۇئەللىمنىڭ بوينىغا مىنىۋالغان.
  ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا ياغاچ مىلتىق، خاشۇ قىلىچلار بىلەن ھېندىستان، ۋىتنام ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ مەھەللىدىكى 7 بالىنىڭ بېشىنى شەرەپلىك ھالدا يېرىپ 5 بالىنىڭ قولىنى چىقىرىپ تاشلىغان. ھاجىم باشلانغۇچ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئاتا-ئانا، مۇئەللىملىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇنىماي قۇشلار تەتقىقاتىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ قۇشقاچ، قارغۇجا، قارلىغاچ، شەپەرەڭ ...دەك ھەددى ھېساپسىز قۇش باللىرىنى تىنىدىن جۇدا قىلغان.ئۇ ئويۇنپەزلىك ساھاسىگىمۇ ئوبدانلا ئاساس سالغان بولۇپ ھوشۇق، پىستان، پاخپاق...ئويناش، قىزلارنى بوزەك ئېتىش ،خالادا باڭباڭزا تېرىپ چېكىپ قويۇش قاتارلق بىر قاتار تۈرلەردە خېلىلا نەتىجە قازانغان.
     ھەممىدىن بەك تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى ئۇ 13 يېشىدىن باشلاپلا مۇھەببەت يولىغا قەدەم تاشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. ئۇنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى ‹دانىخورەك›، ‹قوش قەۋەتلىك قېشىڭىز›، ‹تام تۆپىسىدە ماڭغاندا›...قاتارلىق ئەسەرلىرى ۋىلايەتنى زىل -زىلىگە سالغان .
  ھاجىم 1997-يىلى باش سىكىرتارىمىز دىڭ شياۋپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شىنجاڭدىن ۋەكىل بولۇپ شاڭگاڭنى قايتۇرۇۋىلىش، 1999-يىلى ئاۋمىننى قايتۇرۇۋىلىش...تەك ئۇلۇغۋار ئىشلارغا قاتنىشىپ 2000-يىلى جوڭگودىكى 10مىنەۋۋەر ياش نامزاتىغا ئېرىشكەندەكمۇ قىلغان.
  ئۇ داۋاملىق تىرىشىپ ئابدىرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹ئىز› شېئېرنى ئۆزلەشتۇرۋىلىپ ، روزى سايىتنىڭ ‹دېھقان بولماق تەس›كە تەقلىد ‹مايمۇن بولماق تەس› شېئىرى بىلەن غول-غولا قوزغاپ ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى قېتىم مۇھەممەتجان راشىدىن شېئىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئايىغى چېقماس رومانلاردىن ‹نوغۇچ پالۋان›، ‹ساۋۇر بوتكىنىڭ قېينىئانىسى›، ‹خۇماخان›...لار بىلەن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتى يېڭىدىن تەسىس قىلغان دەھشەتلىك يازغۇچىلىق نامزاتىغا كۆرسىتىلىپ تارىخى رومانلاردىن ‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش›، ‹سۇ بويىدا›، ‹3پادىشالىق ھەققىدە قىسسە›...لەرنى نەق مەيداندا تەرجىمە قىلىپ، چىخوپنىڭ ‹خامىلىيۇن›ھېكايىسى ، گوركىينىڭ ‹ئانا› رومانى، تاگورنىڭ ‹گاستانجانى›  ناملىق نەسرى شېئېرلىرى، ئامرىكىنىڭ ‹قىساسكار چايان › كىنو فىلىمى قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرگە ئۆزى يالغۇز ھېچكىم يوق يەردە سىرتتىن ئاۋاز بېرىپ قويۇپ نۇرغۇنلىغان تۇل ئاياللارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.
     ئۇ يەنە بىر مەزگىل دوختۇرلۇققا قاتتىق قىزىقىپ بالىلار كىسەللىكلىرى بويىچە تاس تاماس قالغان دوكتۇر ۋىراچ بولۇپ قالغىنى .ئۇنىڭ ياڭاق بىلەن شاڭجونى ئارلاشتۇرۇپ ياسىغان كومىلىچى يەر شارى بويىچە ئەڭ ئېسىل مىجەز تەڭشەش كومىلىچى بولۇپ خوتەن مىللى شىپا جەمەتىدىكىلەرمۇ  چېشىنى يېرىپ بىر نىمە دىيەلمىگەن .
ئادىل ھوشۇر سەنشادىن ئۆتكەندە ئاغامچا تارتىشىپ بەرگەن، رادىل ئابلاغا ‹ئارمان› ماركىسىنى تۇنجى بولۇپ تەۋسىيە قىلغان، ‹ئۆزباش›نى ھاۋاي ئونۋىرسىتىغا ئۇزۇتۇپ قويغان ، نۇر بەكرىگە بىر سايلام بېلىتىنى پۈتۈن تاشلىغان ...دەل مۇشۇ بىزنىڭ ھاجىمدىن باشقىسى ئەمەس.....
                                                                       ‹3›
     بۈگۈن ھاجىم يەنە يالغۇز قالدى.دەم ئىلىش كۈنلىرى ھېلىقى تەپسە تەۋرىمەس، يۇۋاش-يۇمشاق ، ئورۇق خوتۇنىنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يولغا سېلىۋىتىپ ئۆيگە قاراش ئۇنىڭ دائىملىق تۇرمۇش تەرتىپلىرىنىڭ بىرى. ئۇ تېلىۋوزور كۆرۈپ باقتى، پىلاستىنكىمۇ كۆرۈپ باقتى، كىتاپ-ژورنال،گىزىتلەرمۇ ئۇنى زېرىكتۈردى-دە كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ ‹سەندىن باشقىسى بىكا-دە!›دىگىنىچە چچ غا شۇڭغىدى.
-‹يېگانە قىز› مىش! بۇ ھېلىقى باجگىرنىڭ خوتۇنىغۇ؟! مۇشۇ خەق باغۇ ئىلگىرىكىن داۋىخو بوپ كەتتى. بىر چىرايلىق خىزمەت قىلىدىغان ئېرى، ئىناق ئائىلىسى ،يەيدىغان-ئىچىدىغان ...ھەممە نەرسىسى تەل تۇرۇپ يەنە ئەرلەرگە بىر نىمىلەرنى دەپ كۆتىنى سۈركەيدۇ...نىمىسى كام-دەيمەندە! -ئۇ ئۆزىچە غودۇرۇپ ھېلىقى‹ يىگانە قىز›نى چچ سىدىن بىراقلا موللاق ئاتقۇزۋەتتى.
  ھاجىم قېلىنمۇ دۇنيامۇ؟ بۇنۇڭغا ھېچنىمە دەپ بولمايدۇ. ھاجىمچۈن ئەرلەر تالاغا قارىسا ھېچگەپ ئەمەس، ئاياللار قاراپ قالسا ۋۇيت-ۋۇيت...
-‹گۈزەل›...ھې..ھې...ھې...تىزەككە قېرو چۈشسىمۇ يەنىلا ئۇ تىزەك. نەدە سەت-كۆرۈمسىز، گىرىم بىلەن ئاران ئۆرە تۇردىغان ئاياللار ئۆزىنى سەتەڭ چاغلاپ كىتىدۇ-يىتىم قوغامنى ئىگىپ...بىچارە گۈزەللىكىدىنغۇ سەتىراچ بولىۋاپتىكەن...
-‹ئىپارخان›، بۇ سىمىز، بەستلىك تازلىقچى خوتۇن. ئىپار ئەمەس تەر پۇراپ تۇرشىغا ئامال يوق. خۇداغا مىڭ قەترە شۈكرى ھازىر شىنجاڭدىكى مىللى خىزمەتچىلەرنىڭ 80% نى مۇشۇ تازلىقچىللىرىمىز ئىگەللەپ تۇرىدۇ. تاتلىق جىنىم ھېرىپ كىتىپ رىشاتكىغا يۆلۈنۈپ تۇرۇپ كىملەرگە ئۇچۇر يوللاپ ھېجاراپ يۈرگەنسەن!؟
- ‹رەخىمە›،4 بالا بىلەن تۇل قالغان بوتكىچى ئايال. قىشتا ئىچىملىك ماڭمىسا نىمە ئامال تورغا چېقىپ كۈن سانايدۇ-دە!
-‹ئايخىنىم›،ئۆزى تېخى دۆلەت مەمۇرىمىش.لېكىن قاپقارا ئايال بۇ، مىجەزى ئىلگىرىكىن چۇس. بۇ ئايالغا گۈللا بولسا ئىۋەتىپ بەرسەڭ ...سەللا تېمىدىن چەتنەپ كىتىپ قالدىڭمۇ ئاغزىنى بۇزۇپلىۋىتىدۇ....
-‹قەلەمقاش›، مانا، مانا...خەت يېزىشساڭ مۇنۇ ئايال بىلەن يېزىشساڭ پۇخادىن چېقىسەن. بىرىنچى كۈنى تونۇشۇپ، 2-كۈنى مۇھەببەتلىشىپ 3-كۈنىلا چچ دا نىكاھ ئوقۇتىۋالساڭ بولىۋىردۇ...ئالامەت كەيفاڭ، ئېسىڭدە يوق ئاغزىڭنى ئاپىرىپ قالما، چېشىڭنى ئوشتىۋىتىشتىن يانمايدۇ...ھې...ھې...ھې...
  ئىشنى قىپ ئۇ كۈنىگە دىتىگە ياقمىغان 10 ئايالنى چېقىرىپ 15 نى قېتىپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ چچ سىدكى قىز-ئاياللار 500گە يەتمىسىمۇ ھەر ھالدا 17 شەھەر ،ۋىلايەتنىڭ ھەممە يېرىدىن ،ھەر كەسىپتىن بولۇپ ھېلىقىدەك كاماندۇرۇپكىغا چېقىپ قالغانلىرىدا ئۇزۇن يىل كۆرۈشەلمىگەن ئۇرۇق-تۇققان،مەشۇقلىرىدەك دىدارلىشىشقا ئەس قاتىدۇ....
ئۇ ئادىتى بويىچە بۈگۈنمۇ 5-10ئايالنى چچ سىغا ئۇيىتىۋالدى. يەنە بىر ئىككىسى بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتۈپ كىتىشكە چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ بىر ئىككىسى بىلەن ئالدىمىزدىكى شەنبە، يەكشەنبە قايسىدۇر ئاشپۇزۇللاردا دىدارلىشىدىغان ۋە بىر ئىككىسى بىلەن كامىرادا كۆرۈشۈپ ۋە يەنە بىر ئىككىسى بىلەن تېلېفۇنلۇشۇپ تۇرىدىغانغا نومۇرلار ئىۋەتىشىپ ...كۆڭلى ئەمىن تاپتى.
                                                                        ‹4›
   ھۆكۈمەت ئېسىل بوپ كەتتى.ھەممە ئىشخانىلارغا بىردىن كومپيۇتور بېكىتىپ قويدى. ئىشىنىڭ تايىنى يوق بولسىمۇ ئالدىرمايدىغان ، كۈن ئۆتكۈزۈپ داش قازاننىڭ بۇ شېرىن تائاملىرىدىن بەخارامان ، تولۇق بەھرىمان بولىۋاتقان ھاجىمدەك كادىرلارغا بۇ قولايلىق تېخىمۇ پايدىلىق.ئۇ ئىشخانىغا كىلىپلا كومپىيۇتۇرنى قوزغۇتۇپ ئويۇن ئويناپ ئولتۇرۇۋىدى، تۇيۇقسىز تېلېفۇنى جىرىڭلاپ قالدى.
-بارمۇسەن-ھوي!؟
-با،با...ئۆزەڭچۇ؟ يەنە پات-پات مىلتىقسىز  ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈۋاتامسەن؟ يېقىندىن پايدا-مەنپەتلىرىڭ ئوبداندۇ-ھە؟!
  ھاجىم بۇ  يىقىن ئاغىينىسىنىڭ تېلفۇنىنى قوبۇل قىلىپ ئىچىلىپلا كەتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىر يۇتلۇق بولۇپ بالا ئاغىينىسى ئىدى.
-جىق گەپ قىلماي چچ رىڭنى ئاچ ئاداش. ئىدارىنىڭ تېلفۇنى ئەمەس بۇ شەخسى تېلفۇن ھې..ھې.. .ساڭا دەيدىغان موھىم گەپ بار.-دىدى قارشى تەرەپ ئالدىراپ.
-بىر مىنۇت ساقلا.
   ھاجىم ئالدىراپ چچ نى ئاچتى.‹ئۆتكەندە ئالماشتۇرغان قىزلار ئىچىدىمۇ خېلى يامان ئەمەسلىرى باركەن..مەنغۇ ساپلا دادىن قاچقان ،يېشى چوڭ،50قېتىم گەپ قىلساڭ ئاران بىر قېتىم يۆتۈلۈپ قويىدىغان چوكانلارنى بەرگەن....ھې..ھې... ھې...بىر جوزا سەيگە بېرىۋەتكەن ئاۋۇ خوتۇنلارغۇ شالاقشىپ كەتكەن نىمىلەرتى  تېخى!›ئۇ شۇلارنى چاقماق تىزلىكىدە كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ؛
-ھە مانا مەن-دىگىنە گىپىڭنى-دىدى.
-بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىپ 6ئاي تۇرۋەتكىنىم يادىڭدا.تېخى چىداپ  300كويدىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرۋەتتىم...
-ھە دەۋە.
-توك پۇلى،سۇ پۇلى...تاماق...ھەممىنى قاتسامغۇ ئوبدانلا بىر يەرگە بېرىپ قالغۇدەك ئاداش.بىراق بىزنىڭ ئىدارىدىن ياتاق پۇلىنىلا كۆتۈرمىز دەيدۇ.شۇڭا،مۇشۇنۇڭغا بىر ئامال قىلىلى.
-سەندە ھېلىقى ئۆي ئالغان كېلىشىم بارتىغۇ؟
-قويە ئۇنى! گەپ مۇشۇ يەردە...ئۇ بەك ئاز ئاداش...ئۇنى ئاچچوت قىلسام زىيان تارتمامدىم.ئۇنۇڭ ئۈستىگە يەرلىك باجنىڭ فاپىيوسى بولمىسا بولماسمىش....
-مانا...مانا..مانا ئۆزلىرى ساڭا داستىخان ئېچىپ بېرىپتىغۇ ...ئۆزەم توغۇرلايمەن...دىگىنە نەچچە پۇللۇق قىلىۋىتەي....
-5مىڭ كوي ئۆپچۆرىسىدە بولسا بولا؟
    ھاجىم قەدىناس دوستىنىڭ بېشىغا يەنە كۈن چۈشۈپ قالغىنىدىن قەۋەتلا خوش بولۇپ كىتىۋاتاتتى.قانداقلا بولمىسۇن بۇ قېتىمقى سودىدىن ئۇ راۋۇرۇس نەپ ئالىدۇ.‹بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقىمەن.ھې..ھې..ھې › دەيتى ھاجىم ئىچىدە.
-ھازىر يەرلىك باج كارامەت ئۆرلەپ كەتتى-ئاداش،ئۇنۇڭ ئۈستىگە...-‹ئۇنۇڭ ئۈستىگە مەنمۇ ئاز تولا پايدا ئالمىسام بولماس› دىيەلمىگەن ھاجىم يالغاندىن قاخشاپ قويدى.
-خاتىرجەم بول،قانچىلىك ئۆرلىسە شۇنچىلىك تۆلەپ ئالىمىز.ھە راس،سېنىمۇ قۇرۇق قول قويمايمەن.ئۆتكەندە سەن ماڭا بەرگەن ئەمدە مەن ساڭا قايتۇرىمەن...
-نىمىنى؟
-چچ دىكى قىزلارنى...
-سەندە بەرگۈدەك قىزلار چىقارمۇ زادى؟-ھاجىم سەل جانلاندى.
-چېقىدۇ ئاداش يېقىندىن بۇيان خېلى ئاۋۇپ كەتتى.چچ توشاق ھازىر.مۇنداق بولسۇن ساڭا تاپان ھەققىڭگە ئەڭ ياخشىللىرىدىن 5 نى بېرىۋىتەي.مىنى بەردى دىمە.ئەمما ئىككى كۈن ئىچىدە ئىشنى پۈتتۈرسەن-قانداق؟
-تاغدىن گەپ قىلساڭ باغدىن سۆزلەپ قويىدىغان،ئىلگىرىكىن مەتۇ،ساپلا ئېرى بار نىمىلەرنى بەرسەڭ ئالمايمەن...-دىدى ھاجىم ھىجاراپ.
- a يۇتتىن بىرنى بېرىمەن.ئۆزەڭ بىلىسەن ئۇ يەرنىڭ ئاياللىرى ۋەششى چېقىشقاق،4لا كۈندە يەملىشىپلا كىتىدۇ.كۆرۈشۈپ قالساڭمۇ ساڭا چېقىم قىلدۇرمايدۇ.b يۇتتىن بىرنى بىرىمەن.ساپلا كادىر،بويتاق،ئويۇنچى خوتۇنلار شۇ يەردىن چېقىدۇ،بۇ ساڭا 5 قولدەك ئايان.c يۇتتىن بىرنى قوشۇپ قوياي،يۇۋاش-يۇمشاق ،ئىككى ئېغىز گەپ قىلساڭ بىڭگودەك شۈررىدە ئېرىپ كېتىدىغانلار جىق...
-بوپ قالىدىكەن...ھې..ھې..ھې...يەنىچۇ؟-ھاjىم قەۋەتلا خوش بولۇپ تىپپىرلاپ كەتتى.
-d،e...يۇرۇتلارنىڭ خوتۇنلىرى ئىلگىرىكىن قاقۋاش،تەرسا،ئېرىگە سادىق...سەللا ئاچچىقىنى كەلتۈرسەڭ بېشىڭنى سۇغا تېقىۋىتىشتىن يانمايدۇ...ھې..ھې..سەن تەرەپتە قار يېغىۋاتىدۇ دەيدۇ قارغا  بېشىڭنى تېقىۋەتمىسۇن ...شۇڭا f يۇتتىن بىرنى بىرەي ،يېقىندا تونۇشقان كاساپەت تېخى 30غىمۇ كىرمىگەن سىستىرا،ئېرىدىن ئاجراشقىنىغا بىر يېرىم ئاي بولدى،كۆڭلى بەك يېرىم ،سەن تەرەپتە بىلىم ئاشۇرۋاتىدۇ...ئۆزەڭ بىر نىمىلەرنى قىپ بىللە ئاشۇرۋىتەسەن...y يۇتتىن بىرنى قوشۇپ قويمىسامغۇ  ئۇنىمايسەن. بىر يېشى چوڭراق ئايال بار،لىكىن نوچىلىقىدا گەپ يوق.ماۋۇ بىلەن خەت يېزىشىپ قالدىڭمۇ بولدى سېنى ئۆزى ئىزدەپ بېرىپ قاندا ئويۇن دىسەڭ داستىخاننى كەڭرى سېلىۋىتىدىغىنى ...پۇلدار-سودىگەر خوتۇن،قولدىن بېرىپ قويما...ياتاقنى ئۆزى ئالىدۇ.ھې.ھې..ھې يارامدىكەن؟
  -چاتاق يوق ئاداش مۇشۇ بەش ئايالنىڭ چچ نومۇرنى بەرسەڭلا ئىشىڭنى ھەربىدەك ئورۇنلىۋىتىمەن.
  شۇنداق قىپ ئۇلار كىلىشتى.ھاجىم نەچچە يۈز كوي ئۈندۈرۋالدىغىنىغا ئەمەس ئاۋۇ قىز-ئاياللارنىڭ چچ سىغا ئېرىشىدىغانلىقىدىن بەكرەك رازى ئىدى.
                                                               ‹5›
  «تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۈ» دىگەندەك ئۇمۇ ئۆزىنىڭ دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ. مۇشۇ كۈنلەردە نەدە ئۇنداق ئاسان ئىشلار بولسۇن-دەيسىز!ھاجىممۇ ئاز ھەرەج تاتمىدى .ئاچچوت قەغىزى ئالىمەن دەپ نۇرغۇن ۋاقىت،يول،پۇل...بەدەللەرنى تۆلىدى.
    ئاغىينىسى بەرگەن  5قىزنىڭ بىرىنىڭ ئۇچۇرى كەلمەي تازا جىلە بولۇپ تۇرغان ھاجىمنىڭ بىردىنلا كۆزلىرى يورۇپ كەتتى.ئۇزۇندىن بىرى دىرىكى بولمىغان ھېلىقى ‹ھاجىمگۇل› ئۇشتۇمتۇت ئۇنۇڭ چچ سىدا پەيدا بولدى.
-سالام قوبۇل!-دىدى ئۇ خوشاللىق بىلەن ھاجىمگۇلنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئىلىپ.
-رەھمەت،سالامەت تۇرۇپلا ھاجىم!
-ئىنشائاللا،زۇكام ئارلاش كىتىپ بارىمىز....
-ھې..ھې..ھې..بەك قىززىقچى ھە-سىز؟ چايخانىلار تاقىۋىتىلگەچ ئاخىرى بىر سىڭلىمغا چچ نومىرى ئالغۇزۇپ ئېچىپ قويدۇم...
-ئالامەت ئىش قىپلا،مۇشۇ يەرلىرى ئېسىلدە!
-ئېسىل يەرلىرىمنى كۆرمىدىلە-تېخى..يەتكىچە جۇمۇ!
   ئۇلار خۇددى كونا تونۇشلاردەك ئىچىلىپ يىيىلىپ مۇڭدۇشۇپ كەتتى.
  چچ دىكى «دىدار غەنىمەت» لەرنىڭ ئاۋۇپ بېرىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ ئاجايىپ سۆزمەن،پەيلاسوپتەك بۇ ئاغىينىمىز بىلەن تور دۇنياسىغا پەقەت مۇشۇ ‹ئىتى ئۇلۇغ،سۇپۇرسى قۇرۇق›-ئۇلۇغۋار ئەر بىلەنلا چۆكۈپ كىتىۋاتقان ھاجىمگۇلنىڭ تەرەققياتى كۈنسىرى ئەۋىج ئىلىپ باردى.ئۇلار ھېيىقىش،تەپ تارتىش،نۇمۇس قىلىش قايرىلغان ھايات ئەلۋەڭلىرىنىڭ شېرىن،باھادىر دەملىرىدىن چچ ئارقىلىقلا ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ جاھاندا بولىدىغان بار ئەر -ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى جىمى خولۇق،خۇلۇقلارغىچە بىمالال يىزىشىپ كەلگۈسىللىرىگە ئاساس سېلىپ باراتتى.
  ئارىدىن بىرە ئايچە ئۆتۈپ چېتىغا تۇخۇم قىستۇرۋالغاندەك ئاران ماڭىدىغان سىمىز پاچاق ، ئۆزى قېرىسىمۇ چىرايى قېرىمىغان بۇ چىرايلىق چوكان بىلەن يېشى 4-5ياش كىچىك بولسىمۇ تالا قېرىتىۋەتتىمۇ ئەيتاۋۇر يۈزلىرىگە قورۇق سانجىغان ئەزىز قەھرىمانىمىز شەھەرنىڭ قايسىدۇر بىر بۇلىڭىدىكى خىلۋەت بىر ئايرىمخانىدا يۈز كۆرۈشتى.
  دۇنيا تۈگمەن تېشىدەك چۆرگىلەۋاتىدۇ.تۇرمۇش رىپىدىخاننىڭ قازىنىدەك گاھى توختاپ،گاھى ۋاراقشىپ قايناپ تۇرماقتا.توۋا ،بىز شۇنداق كۈلىۋاتىمىزكى كۆزلىرىمىزدىن ئاققان ياشلار يۈزلىرىمىزنى يۇيالماي شالتاق قىلىۋىتىپارامدۇ-نىمە؟!
     تۈگىدى.
    2011يىل.دېكابىر.ئۈرۈمچى.

‹QQ› دىكى قىزلار سودىسى ( 2 - بۆلۈم)

كىرىش سۆز                                                     

    سىلەر بەلكىم ئىشەنمەيسىلەر ، بىزنىڭ يۇرتتىكى دېھقانلار ھازىر شۇنداق زامانىۋى، ئىلغار بولۇپ كەتتىكى رادىيودا، تىلىۋزوردا ئىلانى بولمىغان تىراكتۇردا يەرمۇ ھەيدىمەيدۇ. بىرەسى توپىقىنى قوشقا قېتىپ ماڭسۇن ‹ھەي، مۇنۇ توپىقۇڭ ئېلان قىلنغانمۇ؟› دىيىشتىن يانمايدۇ. بىكارچىلىقتىن بىكا بولالمىغان ياشلىرىمىزمۇ ئىلانى يوق تورخانا، بورىتخانا ،كورۇتخانا...ئاللىنىمىخانىلارغىغۇ دەسسەپمۇ قويمايدۇ. شۇڭا ھەتتا پەيشەنبە بازىردىكى ئاۋۇ توخۇ سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدىن شەھەردىكى جۇبا، دىبا، ئارامگاھ-شىپاڭلارغىچە پېچەت ئېلانلىرى بار. يېزىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر تېخى بىرلا ‹ئارمان›، بىرلا ‹ئىخلاس› تىن باشقا كىچىك دۇكانلاردىنغۇ مال ئالماسلا بولۇپ كەتتى. دەرۋەقە،لەڭپۇڭچى، سەتىراش، تۆمۈرچى، موزدوز، ناۋاي، قاسساپلارغىچە ھەممىسىنىڭ ‹لىغىر-لىغىر›، ‹يالىت-يۇلۇت›، ‹مەن باراي›،‹يەنە بامۇ›، ‹ مەنسىز-سەنسىز›...دىگەندەك ئۆز ئالدىغا ماركىسى بار . مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا يەتكىچە ۋاقىرتىپمۇ قويدى-تېخى! سىزگە دىسەم ،يېقىندا باغۇ بازار دوقمىشىدىكى كونا موخۇركىچى داۋۇت بىر نەچچەيلەننىڭ ‹مەھسۇلاتىڭنىڭ ماركىسى يوقكەن› دەپ گىلىنى سېقىشىغا دۇچار بوپتۇدەك. ھۆل يېغىن بولۇپ قىلىدىغانغا ئىشى يوق ئۇ يەر بۇيەردىكى دوقىلارغا يېغىلىشىپ قالغان دېھقانلار پارىڭىدىمۇ ‹ھەي ئاڭلىدىڭلارمۇ ھازىر شەھەردە باغۇ تولا خوتۇنلارنىڭ ‹ئايپاتەم›، بويتاق ئەرلەرنىڭ ‹ھاشىمەك› دەپ لەقىمى چېقىپتۇ. سىچۇئەندىن چېققان بىر لوبەن پاختەككە ھۆپۈپ دەپ ماركا چاپلاپ ئىچكىرگە يۆتكىگىلى تۇرۇپتىمىش›...دىگەندەك پاراڭلار قىززىق نۇقتا.
     نىمىسىنى دەيلى، چاقماق قەندەك پىرىسلاپ ئەنخۇي، گەنسۇ، چىڭ خەي ئۆلكىلىرىدىن  ‹ما لى كى پىژ › دەپ ئۆلتۈرۈپ ئىككىدىن تۆتنى تۈكۈرۈپ تىلى قىلغان كالا،قوي گۆشلىرىنى...جىگە،بۆرەك،تاللارنى ‹ۋاھ ئەرزانكەن!› دەپ  يەۋاتمامدۇق!؟ چىرايلىق،داغدۇغۇلۇق ماركىسى بولسىلا ‹ھالالكەن› دەپ ئاتاڭ كۆرمىگەن ئاناڭ ئاڭلىمىغان‹ئالامەت مايكەن› دەپ شۆلگەي ئېقىتقان  پۇراقسىز،رەڭسىز ئازگال يۈندە  مايلىرىنى ،قايچىدە گىتتىدە بوينىنى ئىلىپ ماشىنىدا چالىلا  ئېرىغداپ ھارغىچە ئىلان بىلەن يوغان ئىش قىلىپ ئالدىڭىزغا ئەكەپ بەگەن توخۇ، ئۆردەك...تەركىۋى نە،يىزىپ قويسىلا بولىغان تۇغۇلۇپ بولىشىغىلا يىگۈزمىسەك بولماس سۈت پارۇشۇكلىرى!...يە ،يە خەلىق! ھەممە نەرسە ۋاشاڭ...ئاسماندا ئۇچقاننى، يەردە ئۆمۈلىگەننى يىمىگەندىن مۇئەللەقتە بىزلا قالغان...قانداق قىلمىز كۆزمىز كۆرمىگەن نەرسە شۇنچە تاتلىق تۇرسا-ھە؟!
  سۆزلىسەك گەپ تولا، گەپ ئىچىدىن يەنە نۇرغۇن گەپ چېقىۋىردىكەن ئەڭ ياخشىسى ئەمدىكى گەپنى ھاجىمدىن ئاڭلايلى.

  ‹1›                                                            
     QQ نى ئىچىپلا كىمدۇ بىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرگەن ھاجىمنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولدى.
-كىمسەن؟ ياخشىسى  ئۆزەڭنى ئاشكارلا!-دەيتى ھاجىم تېلېفۇنغا تۈكۈرۈك چاچرىتىپ.
-نېمە كارىڭ! ...ساقىلى يوق ھاجىم، دۆت ھاجىم، كۆت ھاجىم، خوتۇنپۇرۇش ھاجىم...ئىستىنجا قىلىدىغان يەردە ئولتۇرۇپ گېزىت كۆرىدىغان ھاجىم...-قارشى تەرەپ ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان ھاقارەتلەرنى ياغدۇرماقتا ئىدى. نېمە ئامال ،تور دېگەن مۇشۇنداق نەرسە. گاھى شۇنداق ھاياجانلىق پاراڭلارنى سېلىپ بىزنى بىر مەھەل مەس-ئەلەس قىلىپ ئاندىن تۇيۇقسىز يوقايدىغانلار ، يول سورايدىغانلار، پۇل سورايدىغانلار ...سېرىق رەسىملەرنى ئېۋەتىپ كۆزىڭىزنى ئالاچەكمەن ،ئۆزىڭىزنى ئاھچەكمەن قىلىۋىتىدىغانلارمۇ ئۇچرايدۇ. ھاجىم ئۇنۇڭ بىلەن خېلى بىر ھازاغىچە تاكاللىشىپمۇ باقتى. ‹تۆت پۇتۇڭنى بىر ئۆتۈككە تېقىمەن! ئۇنداق قىلىمەن،مۇنداق قىلىمەنەي...› دەپ قورقۇتۇپمۇ باقتى. لېكىن ھېچقايسىسى ئۈنۈم بەرمەي ئاخىرى ئۆزى QQ دىن چېكىندى.
  ھاجىمگۇل بىلەن قېنىپ بىر مۇڭدۇشىۋىلىش ھاجىمنىڭ كۈندۈلۈك پىراگىراممىسىدا مۇھىم بىر كۈن تەرتىپكە ئايلاندى. ئۇ ھەر كۈنى كەچلىكى بىرە يېرىم سائەتنى مەخسۇس ھاجىمگۈلگە ئاتاپ ‹جاھاندا بىر بودىكى› نىڭ دىل ئارامىنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇراتتى.ھەرھالدا بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۇنتۇلغۇسىز ئۆتمىسىمۇ ھاجىمنىڭ ئوچۇق،سۆزمەن ،سېخى،سىپايى ،ئەركەكلەردەك تېتىكلىكى ھاجىمگۈلدە ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردىمۇ ئەيتاۋۇر شۇندىن ئىتىبارەن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەت مەيدانى كۈنسېرى كىڭىيىپ باردى.ئۇلار ئەمدى QQ دىلا ئەمەس تېلفۇنلاردىمۇ ئۇچۇر يېزىشىپ تۇرىدىغان ،ئارلاپ-ئارلاپ تىنچ ئامانلىق سورۇشۇپ،خىزمەت،ئائىلىۋى تۇرمۇش ئۈستۈدە ئاز تولا بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ قويىدىغان ،قىز-يىگىتلەردەك ئۇستۇلۇق بىلەن ئېھتىيات سىزىقىدا ئاۋاز چىقىرىشىپ قويىدىغانمۇ بولۇشتى...
  ھاجىم مۇشۇلارنى ئويلاپ جىددىيلىكتىن سەل پەسكويغا چۈشتى-دە ئۆزىچە كۈلۈپ سىرىتقا چىقتى ۋە تېلېفونىنى قولىغا ئىلىپ ھاجىمگۇلنىڭ نومۇرىنى باستى.
                                                         ‹2›
  ‹دۇكانغا سالمىغان تولا خوتۇن بىلەن بويتاق ئەرلا قالدى› دېگەن پاراڭ يالغان.ئالايلى ‹لايىق تونۇشتۇرۇش› ئورۇنلىرىغۇ رەسمىي كىنىشكىلىك دۇكان بولۇپ كەتتى.ئەمما تور دۇنياسى ئۆزىنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچى بىلەن بۇ بوشلۇققا ئاجايىپ زور تۆھپىلەرنى قوشتى. كىشىلەر خۇددى تاللا بازىرىغا كىرگەندەك ئۆزىگە لايىق ‹كېرەكلىك› لىرىنى بىمالال سېتىۋالالايدىغان بولدى.ساپادىن تېخى سۆز ئىچىش بالدۇر كېلىدىغان،‹ئاڭ› بامۇ دىسە ‹تاڭ› دەيدىغان ،بۈگۈن چاقىرساڭ ئەتىسى ‹ھە › دەيدىغان ،‹جاھان مۇشۇ ئوخشايدۇ› دەپ ئۆتكەن كۈنىگە خوش تىرە چورۇقىغا تۈكۈرۈپ شىلتىڭ ئىتىپ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان رەڭگىدە نە ئىمان، نە ئارمان ،ئېتىقاد زىباسى ئەسلا يوق  بىنىشان ھەددى-ھېساپسىز ئادىمى مەھسۇلاتلىرىمىز تۇرغان يەردە توردىن ئىبارەت بۇ يا دەرۋازىسى، يا ئىجارىسى ۋە يا ئالىدىغان بىجىمۇ يوق ...ئۆزگىچە پۈكەيلىرى بىلەن كۆز قاماشتۇرىدىغان دۇكانلار راۋاج تاپماي قالامتى؟!
  ھاجىم بارغانسېرى ئالدىراش بوپ كېتىۋاتاتتى.خىزمەت ،ئائىلىنىڭ ئىشلىرىدىن باشقا  توي ،نەزىر ،شەنبىلىك،يەكشەنبىلىك ئۇچۇرۇشۇش،تورداشلار يېغىلىشى، پالانى تور بېتى قۇرۇلغانلىقنىڭ مانچە يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن چاقىرمىلار ...ئۇ...بۇ...ۋاھ! ئەمدى ئۇنۇڭ پۇت-قولى يەرگە تەگمەسلا بولۇپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ  قول ئىلكىدىكى  ھېچكىم چىشىنى ئالدىراپ پاتۇرالمايدىغان 24 سائەتنى  ناھايىتىمۇ ئۇستۇلۇق بىلەن  يىڭى يىل، چاغان،ھاشۇق-مەشۇقلار بايرىمى، ماي بايرام-ئاي بايرام،ياشلار،بالىلار،روزا ھېيتلىق،قۇربان ھېيتلىققىچە بولغان ئۇچرىشىشلارغا قەدەر خەرىتىسىنى سىزىپ سىمدەك ئورۇنلاشتۇرۇپ  چەمبەرچاس قىلىۋەتتى.
  دەرھەقىقەت،ھاجىمنىڭ QQ سىدىكى قىز-چوكانلار سان ۋە سۈپەت جەھەتتە دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرالمىسىمۇ ھەر ھالدا ئىنتېرنېت دىۋانىدا  لەۋھە ئالغۇچىلىكى بار.شىنجاڭ،جوڭگۇ ۋە ھەتتا گىرمانىيە،ئاۋىستىرالىيە،مالايسىيا،ئامرىكا،كانادا...مۇز ئوكياندىن باشقا قىتئەلەرنىڭ ھەممىسىدىن بارلا ئىشقىلىپ.راسىت، ئۇ ھازىر ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس.مەخسۇس QQ دىكىلەرگە يۇقىرى تەمىنات بىلەن دەرس بەرگۈچىلىكىمۇ بار.تېخى يېقىندىلا فىرانسىيىگە ئوقۇشقا چېقىپ ئانىسىنى يوقلىغىنى كەلگەن بىر قىز ئاتايىتەن ئۇنۇڭغا يېرىم سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ ئىككى -تۆتنى سۆيۈپ قويۇپ كەتتى ئەمەسمۇ!

  داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىلدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 05:26 PM  


دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

تەركىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10191
تۆھپە نۇمۇرى: 962
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 11:01:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغۇتلۇق تىمىدىن بىرنى كۆرۈپتىمەن. ئاخىرىنى قاچان ‹تەۋەللۇت› قىلاسىز؟
     چاخچاق -ھە! كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ!

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئـاق ئـاتـلـىـق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 993
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14419
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 757 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 11:10:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمما ئالامەت پەچەت چىقىدىغاندەك قىلىدۇ ماۋۇ يازما...
ئىچىگە كىرىپلا كەتكەنتىم، تىزلا تۈگەپ كەتتى.

ئـادەم خـوشـال بـولىۋەرمەس كـۈلسىلا، خـوشـاللىققـا بـەلـگـە ئەمەس كۈلكىلا. ئـويـلىمىغىن غەملا كۆرسەڭ قايغۇ دەپ، ياشاش دىگەن ئاسان ئەمەس ئۇنـچىلا.

كىملەرنىڭ ئەزىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12660
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 4442 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 11:25:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى داۋاملىق كۆتۈپ زۇلفاي...
ھېكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5214
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 11:46:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىل ئىشلىتىشكە ماھىركەنسىز ،تىلى شۇنچە يىنىك ۋە جانلىق چىقىپتۇ !!!

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60437
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4175
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1213 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2011-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:03:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دييارىمدا داڭگال دەپ بىرسى بولىدىغان، شۇمۇ  مۇشۇنداق داڭگـال پۇرىقى بار نەرسىلەرنى يازاتتى، شۇمۇ يە سىز؟؟؟

تىزىملاتقان ئىسمىمنى ئامىلەگە ئۆزگەرتكۈم بار ئىدى.

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:03:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست تىلى يىنىك ھەم جانلىق چىقىپتىكەن،تېزلا تۈگەپ قالدى دىسە،ئامال بار تېزراق پۈتتۈرەرسىز ھە،ساقلايمىز.ئېسىل يازمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ياپۇن سامۇرايلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 1556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36535
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 5179 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:06:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64763
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4348
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 532 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:09:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ھېكايە يامان قىزىيدىغان چىراي ، داۋامىغا تەشنا بىز !!!

nothing is impossible,just do it

چىرايلىق چىرايل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57927
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3097
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2011-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 12:11:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي باللا، ئاخىرى قىنى بۇنىڭ.....

نادانغا قىلغان ئەقىدە، ئىشەككە ھالۋا بەرگەنگە ئوخشايدۇ!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش