يوشۇرۇن سۆيگۈ
بۇ كېچە كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن بىدار،
خىيالىم ئىزدەيدۇ سېنىڭ سايەڭنى .
ئاق قارلار ئىلكىگە پىنھان يوشۇردۇم ،
چىن سۆيگۈ، ساداقەت ھەم ھەقىقەتنى .
بۇ كېچە كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن بىدار،
كۈتۈپ سېنىڭ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرىڭنى .
سۆيگۈمدىن مەن ساڭا بەردىم بېشارەت ،
ۋە لېكىن بىلمىدىڭ يۈرەك سىرىمنى .
بۇ كېچە كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن بىدار،
قىينالدىم سۆيگۈمنى ئىزھار قىلالماي.
سۆيمەك، سۆيۈلمەك شۇنچە ئازاپمۇ ،
يوشۇرۇن كۈتمەكتىن نە ئامال قىلاي .
بۇ كېچە كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن بىدار،
سېغىنغاچ يۈرۈگۈم قىينالدى بۇ جان .
ۋىسال پەيتىنى باغاچ ئەت ماڭا ،
ئەبەدىل ئەبەدكە كەلمىسۇن ھىجران !!!
مەنبە : ئۆزۈم.(يايرىمغا )