|
|
|
|
يېڭى يىل ! ھاياتقا يېڭى بىر سۇئال ! يېڭى نىشان ! يېڭى روھ !
قىرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىغا تارىخىي تىمېدىكى بۇ كالىندارنى سۇندۇم . ھەر ئايلىق كالىندار بېتىدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگىنى 1900-يېلى شىۋىتسىيە ئارخىلوگلىرى يۇرتىمىزدىن يىغىپ ساقلىغان بىزنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ۋە تەۋەررۈكلەر . بەزىلىرىنى بىز ئاڭلىغان ، بەزىلىرىنى بىز كۆرگەن ، بەزىلىرىنى بىز ئۆز تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىپ باققان . مەقسەت ، قىرىنداشلارنىڭ مەيلى قىزىقىش نۇقتېسىدىن بولسۇن ياكى مەدەنىيەت دىگەن بۇ تىما ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزۈش نۇقتېسىدىن بولسۇن ، شۇ مەزمۇنلارنى ئەسلەپ ئۆتۈشىنى ، تونۇپ يېتىشىنى ، بوۋېلىرىمىز خامان تەپكەن ئارالارنىڭ ، مومېلىرىمىز يىپ ئېگىرگەن چاقلارنىڭ بىزدىن تىخىمۇ يىراقلاپ ، بىز ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ناتونۇش يات بىر ئۇقۇم بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشنى تىلەپ .
مەرھۇم تېيىپجان ئېلىيۇپ دېھقانلىرىمىزغا: «ئېتىزغىمۇ كىتاب ئوقۇپ چىق» دەپ خىتاب قىلغانىكەن . بىزدە كۆپلىگەن ھوسۇللۇق كىتاب- ژورناللار بار . لىكىن كىتاپ ئوقۇشتەك بۇ ئىسىل ئادەتنى يىتىلدۈرۈش ئېڭى بىزدە بىر قەدەر سۇس . بىكار ۋاقىتلىرىمىزدە ھەتتاكى ئالدىراش ۋاقىتلىرىمىز ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كىتاپ ئوقۇپ تۇرساق بىزگە ئەقىل قونىدۇ ، مەنىۋىي ئۇسسۇزلۇقىمىز قانىدۇ . يېلنىڭ بېشىدا ئۆز نۆۋېتىدە مۇنداق بىر كىتابنى قىرىنداشلىرىمىزغا سۇنماقچىمەن .
بۇ كىتاب _ قارىماققا بىر مىنۇتلۇق كىتاب ! بۇ كىتاب _ يۈرەك بىلەن تىڭشىماققا بىر كۈنلۈك ، بىر يىللىق ، بىر ئۆمۈرلۈك كىتاب !
مەنبە : ئۆز لاھىيەم رىۋايەت.713 بىلوگى http://blog.sina.com.cn/pasian
|
|
|
|
|
|