ياشىنىپ قالغان فاتىمە ئارخىلوگ رافىت بىلەن توي قىپتۇ،باشقىلار فاتىمەدىن ‹‹نېمە ئۈچۈن ئارخىلوگنى جورا قىلىپ تاللىدىڭىز؟››دەپ سورىغاندا،فاتىمە :
-ئاياللارغا نىسپەتەن ئارخىلوگ ئەڭ ياخشى ئەر بولالايدۇ،چۈنكى ئارخىلوگ كونا نەرسىلەرنى ياخشى كۆرگەچكە،خوتۇنى قېرىغانسېرى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
شېرخان قىز دوستى 1670154432 بىلەن باغچا ئايلىنىپتۇ،قىز دوستى 1670154432 شېرخاندىن:
-يۈزۈمدە سەپكۈن بار،راستىنلا كۆڭلىڭىزگە ئالمامسىز؟-دەپ سوراپتۇ.
-كۆڭلۈمگە ئالمايمەن،چۈنكى مەن ماتېماتىك،چېكىت،پەش دېگەندەك نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىمەن،ئۇلار بولمىسا ھېساب دۇرۇس بولامتى؟-دەپتۇ شېرخان .
كۆڭۈل ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇپ يولدىشىgerip nahxisi غا : -ۋەي، سۆيۈملۈكۈم،تېپىپ بېقىڭە،مەن كىمۇ؟-دەپ تېلىفون قىپتۇ.
- سۆيۈملۈكۈم،سەنئەت ئۆمىگىدىكى nazila998 ما؟-دەپتۇgerip nahxisi.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق دەرغەزەپكە كەلگەن كۆڭۈل دەرھال ئۆزىنىڭ ئەسلى ئاۋازى بىلەن:
- نېمە؟!ھەي، nazila998دېگەن كىمۇ؟-دەپ ۋارقىراپتۇ.
قورقۇپ كەتكەن gerip nahxisi دەرھاللا ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ:
-سىزمۇ ئويلاپ تېپىڭە،مەن كىمۇ؟-دەپتۇ.
ناتىق بىلەن lazzat توي كۈنىنى خاتىرلەپ سۈرەتكە چۈشمەكچى بوپتۇ.
-ئەپەندىم،يېقىنراق كېلىپ قولىڭىزنى ئايالىڭىزنىڭ مۆرىسىگە قويۇڭ،ھەببەلى،ئەمدى تەبئىي بولدى،-دەپتۇ سۆرەتكە تارتقۇچى.
ناتىق سوغۇققىنا كۈلۈپ :
-ئۇستام تېخىمۇ تبئىيراق بولسۇن دېسىڭىز،ئۇ يانچۇقۇمغا قولىنى سېلىپ تۇرسۇن،-دەپتۇ.
Noriya ئاپىسى نۇربىيەگە :
-مەن بۈگۈن ئېلىجان ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن دوست بولۇپ قالدىم،ئۇنىڭ دادىسى مىليونېر،تاغىسى ھۆكىمەت ئەمەلدارى،ئاكىسى چەتئەلدە تۇرۇشلۇق كونسۇل ئىكەن،شەرت –شارائىتى كۆڭۈلدىكىدەكمىكەن ئاپا؟-دەپتۇ.
-خوش، قىزىم،ئۇنداقتا سەن ئۇلارنىڭ قايسىسى بىلەن توي قىلماقچى ؟-دەپ سوراپتۇ ئاپىسى نۇربىيە .
مەنبە : ئۇنىڭدىن –بۇنىڭدىن
ئەسكەرتىش: چاخچاققا خاپا بولسىڭلار قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەر قىلىڭلار...