ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم..
تور بېكىتىمىز 2004 - يىلدىكى چىننۇرىدىن كېيىن 2007- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي ھالەتتە مىسرانىم نامى بىلەن تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ كېلىۋاتىدۇ. مانا بۈگۈن 2012-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى تور بېكىتىمىز قۇرۇلغىنىغا دەل 5 يىل بولغان قۇتلۇق كۈن. بۇ 5 يىل مابەينىدە نۇرغۇن ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن بولسىمۇ ،تور بېكىتىمىز ئىزچىل مۇقىم ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىدە مېڭىپ كېتىۋاتىدۇ ھەم ماڭغۇسى.
بۇ جەرياندا ئىزچىل قوللىغان باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى ھەم يىمىرىلمەس ئىناق بولغان ئەزالار قوشۇنىدىن تەركىب تاپقان مىسرانىم ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.
گەرچە بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلىرىمىز تۇمۇش بېسىمى ۋە بىر قىسىم ئىشلار سەۋەبى بىلەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تۆھپىسىنى ھەر ۋاقىت ئەسلەيمىز ئەلۋەتتە.
بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى قوللىغان،ئىزچىل ياخشى تەكلىب - پىكىرلەرنى بېرىپ كېلىۋاتقان تورداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز..
بارلىق تورداشلارنىڭ مىسرانىم چوڭ ئائىلىسىدە ئىناق - ئىتتىپاق ھالدا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە مىسرانىم تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.
______
قىستۇرما:
بۈگۈن تورىمىزنىڭ 5 يىللىق قۇتلۇق كۈنى ،، مۇنبىرىمىز سېستىمىسىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا كۆچۈپ بولدى، تورداشلارغا دەرىسلىكلەرنى بىر بىرلەپ يوللايمىز.شۇنداقلا مۇنبەر ئىشلىتىش قوللانمىسى تۈزۈپ تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنىمىز..
يەنە ئېيىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلدىغىنى بۇ قېتىم بىز مۇنبىرىمىزدىكى تۆھپە قوشقان ھەر بىر ئەزانىمۇ چالا قويمىغان ھالدا
تېرىشچان ئەزا دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولغان بارلىق ئەزالارغا يوللىغان يازما توردا تۇرۇش ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئويلاشقان ھال 1 دىن 2 گىچە ،باشقۇرغۇچى ۋە ئالىي ئەزالارغا 3 گىچە
مېدال تارقاتتۇق..
ھەممىمىزنىڭ مىسرانىم قۇتلۇق قەدەملىرى ئاستىدا تېتىك روھ،مەردانە قەدەملەر بىلەن مىسرانىمنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمىز..
شۇنداقلا مىسرانىم تورىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئۆزىگە خاس رەڭدار مەزمۇنلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ تور مەنىۋيىتىنى ھەقىقىي تۈردە قاندۇرىشىنى تىلەيمىز.
مىسرانىم تور باشقۇرۇش ئىشخانىسى
2012- يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنى