ئۆيگە ئەلچى كەلمىدى يېشىم يەتتى ئوتتۇزغا،
بويتاقلىق كۈن ئەمەسكەن مەيلى قىزغا ئوغۇلغا.
مىسرانىمدا بويتاق قىز ئەتىۋارمىش ئاڭلىسام،
شۇڭا ئىزدەي يىگىتنى مۇشۇ كەڭرى سورۇندا.
ئاۋال مەن خالايىققا تونۇشتۇراي ئۆزۈمنى،
تەپسىلى بايان قىلاي يوشۇرماستىن سۆزۈمنى.
شەرتىمگە چۈشىدىكەن دىگەن يىگىتلەر بولسا،
تېزرەك ئىنكاس قايتۇرسۇن تۆت قىلماستىن كۆزۈمنى.
ئايپاتەم دەپ زەپمۇ ئۇز خوپ ياراشقان ئېتىم بار.
تال چىۋىقتەك بەدىنىم چۆمۆلىدەك بېلىم بار.
چىراي تۇرقى قانداقكىن دەپ قالماڭلار يىگىتلەر،
سۈتتەك تېرە،ئاھۇ كۆز،خام قايماقتەك لېۋىم بار.
قىزىقىشىڭ دىسىڭىز مەن ئۇسۇلنى سۆيىمەن،
مىللىيچىغا مەيلىم يوق ھىندىچىغا كۆيىمەن.
دىسىڭىزمۇ كارىم يوق شەرىئەتكە دۇرۇسمەس،
سەنئەت ئۈچۈن يەنىلا شام چىراغ بوپ كۆيىمەن.
كەسپىڭچۇ دىسىڭىز كەسپىم بازار ئوينايمەن،
ئوچۇقىنى دەپ بېرەي يات يانچۇقنى كولايمەن.
پۇرسەت بولسا ئۇقۇشۇپ داشۆدىن شاش قىزلارنى،
ئېلىپ خېلى كۆپ پايدا لوبەنلەرگە سولايمەن.
ئارزۇيۇڭچۇ دىسىڭىز،ئارزۇيۇم چولپان بولۇش،
سەنئەت ئۈچۈن شام ئەمەس يانار تاغ ۋولقان بولۇش.
تاسقاپ يوتا كاسسامنى چىقسام قاچان سەھنىگە،
مەستانىلەر ھاياجاندا ئايلىنىپ قالغان بولۇش.
چۈشەندۈرۈشۈم تامام ئەسسالاتۇ ۋەسسالام،
ئىنكاس يېزىپ قويارسىز سىزگە يارىغان بولسام.
مايماق ئىجادىيىتى
بىرىنچىسى بۇ يەردە:
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-65649-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا maymah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-31 11:45 PM