مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 362|ئىنكاس: 7

يېڭى يىللىق سوۋغا: «ئەلبەھرە 2011» (ئېلكىتاب) [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9090
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6203 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 08:19:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى يىللىق سوۋغا: «ئەلبەھرە 2011» (ئېلكىتاب)


2011-يىل بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز. 2011-يىلى دېموكراتىيە ۋە قانۇنچىلىق تارىخىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقىدا غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى، ئىنسانلار ئۇچۇر ئىنقىلابىغا يېقىنلىشىش ئارقىلىق دېموكراتىيەنىڭ دۇنياۋىي يۈزلىنىش ئىكەنلىگىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتىشكە باشلىدى.
ھايات مۇساپەمدىن ئېلىپ ئېيتسام، 2011-يىلى ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان بىر ئىشقا – تور بەت قۇرۇشقا كىرىشىپ قالدىم. «تارىم شېئىرىيەت تورى» قۇرۇلۇپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن، تور بەت باشقۇرۇش نىشانى «دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، تېنچلىق، تەرققىيات»قا ئائىت يازمىلارنى ئېلان قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، «ئەلبەھرە تورى» قۇرۇلدى. تورداشلارنىڭ قوللىشى ۋە رىغبەتلەندۈرۈشى ئارقىسىدا، «ئەلبەھرە تورى»دا قىسقىغىنا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خېلى كۆپ ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى، باشقا تور بەتلەرگىمۇ كۆچۈرۈلدى. بەزى تورداشلار بۇ ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى ئىشلەشنى تەۋسىيە قىلىشتى.
شۇنداق قىلپ، «ئەلبەھرە 2011» سەرلەۋھىلىك توپلام ۋۇجۇدقا كەلدى. بۇ توپلامغا  كەمىنە مۇئەللىپ «ئەلبەھرە تورى»دا ئېلان قىلغان ئىجادىي ۋە تەرجىمە ماقالىلەر تاللاپ كىرگۈزۈلدى. ماقالە-ئەسەرلەرنى تاللاپ رەتلەشتە، «ئەلبەھرە تورى»نىڭ سەھىپىلىرى ۋە ئېلان قىلىنغان تېما دائىرىسى ئاساس قىلىندى.
«ئەلبەھرە 2011» قۇرۇلما جەھەتتىن تۆت بۆلەككە ئايرىلدى. «تاققا-تۇققا پاراڭلار» قىسمىغا جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىشلار ۋە ھادىسىلەر توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار، مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك دەپ قارالغان مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ماقالىلەر كىرگۈزۈلدى.
«فېليەتونلار ۋە ئاخبارات ئوبزورلىرى» قىسمىغا ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەرەپلىرى، يەنى دىققەتنى تارتىپ تۇرغان ئېقىم مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك ساھە ۋە قاتلاملىرىدىكى قارغىش تەگكۈر رېئاللىقلار، زامان ئىللەتلىرى، جاھالەت، خىيانەت، يالغانچىلىق، ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، ئاچ كۆزلۈك، نائەھلىلىك، ئۆكتەملىك ۋە زوراۋانلىق، زالىملىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش رەزىللىكلەر، تۈرلۈك نوقسان-ئىللەتلەر قامچىلانغان فېليەتونلار ۋە يازمىلار كىرگۈزۈلدى.
«ئۇنى-بۇنى ئوقۇش خاتىرىلىرى» قىسمىغا تۈرلۈك ئەسەرلەرنى ئوقۇشتىن ئالغان تەسىراتلار ياكى قالدۇرغان خاتىرىلەر كىرگۈزۈلدى.
«ئەلگە نەپ» قىسمىغا ئەل-ئاۋام تۈرلۈك ساھەلەردە بىۋاستە بەھرە-نەپ، مەنپەئەت ئالىدىغان سىياسەت-بەلگىلىمىلەرنى چۈشەندۈرۈش ئاساس قىلىنغان يازمىلار، قانۇن-سىياسەتلەردىن ساۋاتلار كىرگۈزۈلدى.
مەزكۇر «ئەلبەھرە 2011»ناملىق ئېلكىتابنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، بەت تىزىش-لايىھەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىلقۇت بلوگىدىن ي. م. ئىلقۇت ئەپەندى ئەسلىدىكى «ئەلبەھرە 2011»نىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسەن بەت كۆركەملىكى ۋە ئېلكىتاب سۈپىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، قايتىدىن بەت تىزىپ ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەپ چىقتى. ي. م . ئىلقۇت ئەپەندى ئىشلىگەن نۇسخىسىنى«ئەلبەھرە2011»نىڭ 2- نەشرى سۈپىتىدە تورداشلارنىڭ بەھرىلىنىشىگە سۇندۇق. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، ي. م. ئىلقۇت ئەپەندىگە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمەن.


«ئەلبەھرە2011»نىڭ 2- نەشرىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

http://down.qiannao.com/space/file/mir512/Elbehre2011(2-002dneshri).pdf/.page
ياكى

ئەلبەھرە تورىنىڭ كيۇكيۇ توپىغا كىرىپ، ھەمبەھرلەنگەن ھۆججەتلەر قاتارىدىن چۈشۈرۈش. ئەلبەھرە تورىنىڭ كيۇكيۇ توپى نومۇرى: 176147045


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-31 08:20 PM  


ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10931
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7068 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 12:02:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان سوۋغات ئېلىپ كەپسىز، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر...دېموكراتىيەگە ئائىت بەزى ئەسەرلەر بار ئىدى تەۋسىيە قىلاي، چ چ نى پەقەتلا ئاچمايسىزغۇ، يا جاۋاب قايتۇرمايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9090
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6203 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 12:18:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Naprat2009 يوللىغان ۋاقتى  2012-1-1 12:02 AM
ئوبدان سوۋغات ئېلىپ كەپسىز، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر...دېمو ...

رەھمەت سىزگە.
موشۇ چ چ دېگەن نېمە بەك ئاۋارە قىلىۋېتىكەن. شۇڭا دائىم ئاچماي، پات-پات ئېچىپ، دوستلار قالدۇرغان ئۇچۇرنى كۆرۈپ بولۇپلا تاقايمەن.
ياخشى ماقالىلەر بولسا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويغايسىز ياكى ئېلخەت قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئېلخەت mir512@126.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72289
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 12:56:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپتىكەنسىز!

قەھرىمانغا تەييار ھامان كەڭ سورۇن،
ھېچ بەيگىدە ئۇتقان ئەمەس بىر ھورۇن.

www.xjhiyal.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70477
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 84
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2011-12-15
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 02:33:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىسە مەن توپقا كەتتىم تەستىقلىۋىتىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9090
تۆھپە نۇمۇرى: 1679
توردا: 6203 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 12:59:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېلكىتابنى چۈشۈرەلمىگەنلەر ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇڭ ياكى كيۇ كيۇ توپىغا كىرىپ چۈشۈرىۋېلىڭ ياكى 1547408515 كيۇ كيۇ نومۇرىغا ئۇچۇر قالدۇرۇڭ.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4422
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 07:58:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

مەن تىنىچلىق ئەل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2341
تۆھپە نۇمۇرى: 650
توردا: 837 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-14 01:26:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشئ ظئش بذپتذ بئز تذر بئكئتئثارنئ قذللايمئز

مەن تىنىچلىق ئەلچىسى، مەن تىنىچلىقنى سۇيىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش