ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم ئەپەندىم ۋە مىسرانىم قەلەمكەشلىرى ،ئالدى بىلەن ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى نامىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
ھەممىزگە مەلۇم گۇرۇپپىمىزنىڭ قۇرۇلۇشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرچە قايتا نەشىر قېلىنمىغان،يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان نادىر كىتابلارنىڭ ئېلكىتابنى ئىشلەپ ساقلىۋېلىش. بىز سىناق نۇسخىسىدا يازغۇچىمىز چوپانىنىڭ ‹‹ياغاچ مىدال››،‹‹سەمەندەر›› ناملىق تارىخى روماننىڭ ئېلكىتابىنى مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا ئىشلەپ كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردۇق.
تۇنجى قېتىملىق ئېلكىتاب ئىشلىشىمىز بولغاچقا نۇرغۇن مەسلىلەر ساقلانغاندۇ،لىكىن بىز ئەڭ زور تىرشچانلىقىمىزنى كۆرسۈتۈپ،تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ بۇندىن كىيىن ئىشلىگەن كىتابلارنى تېخىمۇ ياخىشى ئىشلەشكە تىرشىمىز.
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،بىز يېڭى يىلدىن باشلاپ رومان كىتابلارنىڭ ئېلكىتابنى ئىشلەش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يەنە بىر قانچە نوپۇزلۇق ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەرنىڭ تور ژۇرنىلىنىمۇ ئىشلىمەكچى بولغان .تور ژورنىلى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى مەن دىمىسەممۇ بولار،ھەممىزگە مەلۇم تور بېكەتلەرنىڭ ئۆمرى ئوخشاش بولمايدۇ،ياخشى بىلىملەر بىلەن تولغان تور بېكەتلەر نامەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇيۇقسىز تاقىلىپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىچىدىكى ياخشى مەزمۇنلارمۇ يوقايدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا شۇنداق نادىر ياخشى يازمىلار ئىنكاس چۈشمىسە ئىككى كۈندىلا ئارقا سەپكە ئۆتۈپ كېتىپ تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشلەر كۆرۈلمەيدۇ،يەنە كېلىپ كومپىيوتىر بولغان بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ ئەتىگەندىن كەچكىچە تورغا ئۇلاش شارائىتى يوق.ئەگەر بىز تور بېكەتتىكى ساقلىۋېلىش قىممىتى بار،تەربىيى ئەھمىيەتلىك نادىر يازمىلارنى ئايرىپ ئېلىپ ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەپ قويساق ئەبەدىل-ئەبەت ساقلىنىپ قالغۇسى.ھەمدە نۇرغۇن كىشلەرگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەرگۈسى. ئېلكىتابتىن ئىبارەت بۇ يېڭىچە شەيئىي تور دۇنياسىدا بىر قېتىم تارقالغان ھامان ئۇ مەڭگۈ قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، نەشر ئەبكار كىتابلار يۈتۈپ كەتسە ياكى يىرتىلىپ كەتسە يوقايدۇ، ئەمما توردىكى ئېلكىتابتىن ئىبارەت بۇ نەرسە خالىغانچە كۆپەيتىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغاچقا ھەرگىز يوقىمايدۇ. دېمەك ھازىر تارقاتقان ئېلكىتابلار بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل، ھەتتا نەچچە يۈز يىللاردىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇ تارقاتقان ۋاقىتتىكى سۈپىتىدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ دېگەن سۆز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز بەلكىم ھازىر بىر ئېلكىتابنى ياساپ توردا تارقىتىپ قويساق، كەلگۈسىدە بىز ئۆزىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كېتىپ قالغاندىن كېيىنمۇ ئۇ كىتابلار بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئارىسىدا داۋاملىق دەۋر سۈرىدۇ دېگەنلىك.
شۇڭا مىسرانىم ئەپەندى ۋە مىسرانىم قەلەمكەشىلرى قوشۇلسا بىز مىسرانىم مۇنبىرنىڭمۇ مىسرانىم تور ژۇرنىلىنى ئىشلەيلى دىگەن،ئويلىشىپ بېقشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن.
ئەلۋەتتە بىز پەقەت بىر ئايدا بىر سان ئىشلەيمىز،پۈتكەندە مىسرانىم ئەپەندىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن تور يۈزىدە تارقىتىلىدۇ.
ھۆرمەت بىلەن:
ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-31 07:21 PM