مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5647|ئىنكاس: 29

سۆيگۈ دىگەن نىمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35342
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10350
تۆھپە نۇمۇرى: 869
توردا: 2001 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 01:21:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

未命名.jpg






سۆيگۈ دىگەن نىمە؟


ئالاۋۇددىن بەشەر


ئەرەپچە «ھىدايەت» ژورنىلىدىن ئۆزبىكچىگە تەرجىمە قىلغۇچى دەۋران قابىل


       ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى تاھىربەگ



بىر دوستۇمنىڭ كىتاپ دۇككىنىغا بارغان ئىدىم. ئۇ خېرىدارلار بىلەن مەشغۇل ئىكەن، بىكار تۇرماي دەپ، قارشىمدىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلىشقا باشلىدىم.

قاتارـ قاتار تىزىلغان قارلىق تاغلار، ئىتەكلىرگىچە ئاقلىققا پۈركەنگەن، ئاستىدا ئالتۇن رەڭ قۇياش نۇرى يالىت ـ يۇلىت قىلىپ ئەكىس ئىتىپ تۇرىدۇ. تاغ يانباغىرلىرىنى دەرەخلەر قاپلىغان. پەس تەرپىدە بولسا رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. ئۆزگىچە بىر گۈزەللىك مەنزىرىسى...

شۇ كەڭ ئالەمنىڭ تارغىنە قېلىپكە سىغدۇرۇلغان بىر پارچىسىنى مىليارد ئىنساننىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تاماشا قىلىۋاتىمەن. «ئۇ رەسىم كائىناتتىن بىر پارچە، مەن ئىنسانىيەتتىن بىر پارچىمەن...»، دەۋاتقان ئىدىم ئۆزۈم ئۆزۈمگە.

دوستۇم خىرىدارلىرىنى ئۇزۇتۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆزۈر سوراپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. دۇككاندا ئۇ ۋە مەن، ھەمدە رەستىلەردىن كىتاپ ئىزدەۋاتقان بىر نەۋقىران قالغان ئىدۇق. يىگىت ئۈستىگە تار چاپان، ئاستىغا كەڭ ئىشتان كىيىپ، تىپىك غەربچە ياسىنۋالغان ئىدى. كاللامدىن بەزى خىياللار كەچتى. كىيىن ئۇ نەۋقىران بىز تەرەپكە قاراپ، ئۈستەلگە يېقىنلىشىپ كەلدى. ھەيران قالدىم. شۇ پەيىتكىچە يىگىت دەپ يۈرگەن بۇ شەخىس، ئەكسىنچە قىز ئىكەن. ئۇنىڭ دوستۇمدىن سورىغان سۇئالى تەئەججۈپۈمنى يەنە ئاشۇردى.

ـ ماڭا ھەقىقەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ۋە ھاياتنىڭ مەزمۇنىنى، غايىسىنى چۈشەندۈردىغان بىر كىتاپ كىرەك. قايسى كىتاپنى ماڭا تەۋسىيە قىلىسىز؟، دەپ سورىدى قىزچاق.

دوستۇم ماڭا قاراپ، بۇ خۇسۇسدىكى قارىشىمنى سورىدى.

ئاۋۋال بۇنداق ماۋزۇغا قىزقىشى بولغان قىزنى قىزغىن تەبرىكلىدىم. كىيىن:

ــ بۇ كىتاپنى ھازىرلا تېپىپ بىرىش مۇھىم ئەمەس، دىدىم. بۈگۈن بولمىسا، ئەتىگىچە تاپارسەن. ئەمما بۇنى ھىچ ئويلىماستىن ياشاۋاتقانلار، يەتمىش ـ سەكسەن ياشقا كىرسىمۇ، ئەپسۇس ـ نادامەتتىن باشقا بىرەر نەرسە تاپالمايدۇ.

كىين ئورنۇمدىن تۇرۇپ، رەستىلەردىن بىر كىتاپنى تاللاپ ئۇنىڭغا بەردىم. ھازىرچە مۇشۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ تۇرغىن، كىرەك بولسا مەن يەنە تاللاپ بىرىمەن، دىدىم. دوستۇم كىتاپنى ئوراۋاتقاندا قىز ماڭا قاراپ:

ــ كەچۈرسىز، كەسپىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟، دىدى.

دوستۇم ماڭا پۇرسەت بەرمەستىن ئۆزىنڭ كىملىكىنى ئېيتىپ ئۈلگۈردى. ياش قىز بىردەم ئويلىنىپ قاراپ تۇردى دە، شۈبھىلىك نەزەرلىرىنى ماڭا يۆتكەپ:

ــ نىمە دىسەم بولا... ھېلىقى...، دەپ توختاپ قالدى. ئۇنىڭغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن:

ــ تارتىنما، مەن سىنىڭ ئاكاڭ ئورنىدا ياكى مۇئەللىم بولغىنىم ئۈچۈن داداڭ ئورنىدا ھىسابلىنىشىم مۇمكىن. ئەگەر ساڭا پايدا ئەكىلەلىسەم، بۇنى مەمنۇنىيەت دەپ بىلىمەن، دىدىم.

قىزنىڭ يۈزىدە ئۈمۈد ئۇچقۇنلىرى جىلۋىلىنىشكە باشلىدى. لىكىن شۈبھىلىرىدىن تولۇق قۇتۇلالمىغان ئىدى. مەن سۆزۈمنى داۋام ئەتتىم:

ــ ئەگەر بىرەر نەرسە ئۈگەنمەكچى بولساڭ، مىنى سۇئاللىرىڭنى ھەل قىلىپ بىرەلەيدىغان كىشى دەپ ئويلىغان ئىكەنسەن، گەرچە مەن ئۇنداق ئادەم بولمىساممۇ،  سەن بۇ قانائىتىڭنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە، مەندىن ھەممە سۇئاللىرىڭنى سورىشىڭ لازىم. دەردىڭنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويمىساڭ، ساڭا لايىق تەرىزدە پايدا يەتكۈزەلمەيمەن. ھەممە سۇئالىڭغا جاۋاپ بىرەلەيمەن، دىگەن دەۋانى قىلمايمەن. ئەمما بىلمىگەنلىرىمنى مۇراجەت قىلىدىغان كىتاپلارنىڭ نامىنى بىلىمەن.

قىز ئۆزىنى سەل بىمالال ھىس قىلىشقا باشلىدى.

ــ يېقىندا مەن بۇ شەھەردىن كىتىمەن. دىپلومىمنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمەن. سۇئاللىرىمنى يېزىپ مۇشۇ يەرگە قويۇپ كەتسەم، ماڭا جاۋاپ يازارسىزمۇ؟، دىدى قىز.

ئۇنىڭغا قولۇمدىن كىلىشىچە ھەركەت قىلىدىغانلىقىمنى دىدىم. قىز ھاياجان ۋە ئۈمىدگە تولغان، تىترەك ئاۋازى بىلەن:«خەيرى_خوش»، دەپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

ئۇ تاشقىرغا چىقىۋاتقان پەيىتتە:«بىر مىنۇت»، دەپ ئۇنى توختىتىۋالدىم. بىر نەرسىنى دەپ قويماقچى ئىدىم. پىكىرلىرڭىزگە بۇ گىپىم تۈرىتكە بولار. قىسىغىنا دەيمەن، ئاللاھ نىسىپ قىلسا، كىيىن تەپسىلى دەپ بىرەرمەن. قىزنىڭ رازىلىقىنى ئالغاچ قارشى تەرپىمدىكى بايىقى مەنزىرىنى كۆرسىتىپ:

ــ ئاۋۇ رەسىمنى كۆردىڭمۇ؟، دىدىم.

ــ ھەئە، كۆردۈم.

ــ ئۇ رەسىمدىكى تاغلار ھەقىقى تاغ، دەرەخلەر ھەقىقى دەرەخمۇ؟، دەپ سورىدۇم.

ــ ھەئە،دىدى ئۇ ،ــ بۇ بىر فوتوسۈرەت، ماي بوياق رەسىم ئەمەس.

ــ توغرا دىدىڭ،ئاستىغا كىچىك ھەرىپلەر بىلەن قايسى يەرنىڭ فوتوسۈرىتى ئىكەنلىكى ئىنىق يېزىلغان. ھازىر سەن شۇ يەرگە بارساڭ، ئۇ گۈللۈكلەردە ئولتۇرۇپ، ئۇ تۆپىلىكلەرنى تاماشا قىلىپ، دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا دەم ئېلىشىڭ مۇمكىن، شۇنداقمۇ؟

قىز ئويچان تەرىزدە«ھەئە»، دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتتى.

ــ ئەمدى بۇ دۇككاندا نۇرغۇنلىغان ماي بوياق مەنزىرە رەسىملەر بار، دەپ پەرەر قىلايلى. ئۇلاردىكى دەرەخلەرنى، تاغلارنى، سۇلارنى «ھەقىقىي» دىيەلەمسەن؟ ئۇ دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ، سۇلارنى ئىچەلەمسەن؟

قىزنىڭ كۆزىدە بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلغاندەك سەل ـ پەل ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى بىلىنىشكە باشلىدى.«ياق»، دەپ جاۋاپ بەردى.

ــ ئەنە كۆرىڭمۇ، ئېيتىلغان ھەرقانداق سۆز، ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەرقانداق پىكىر ياكى بىر ھەقىقەتكە تايىنىدۇ، ياكى شەخسنىڭ شەخسىي چۈشەنچىسىنىڭ مەھسۇلى بولىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئۆزگەرمەس ۋە سابىت بىر ھەقىقەت بولىمىقى لازىمكى، پىكىرلىرىمىز ئۇنىڭغا يېقىنلاشسا توغرا، ئۇ ھەقىقەتتىن يىراقلاشسا خاتا بولىشى كىرەك. ھەقىقەت ئۆزگەرمەيدۇ. ئۆزگىرىدىغان نەرسىلەر ھەقىقەت دىيىلمەيدۇ. ھەربىر پىكىر بۇ ئاساس ئارقىلىق ئۆلچەنسە، بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى قەيەردىن ۋە قانداق تاپىمىز؟ بۇ ماۋزۇ ئاساسدا بىر ئاز باش قاتۇرشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن. كىيىنچە بىزـ بىرىمىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلاشقا تېخىمۇ پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

قىز بىرئاز ئاشۇ فوتو سۈرەتكە قاراپ تۇردى. خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ھىچقانداق پىكىر بىلدۈرمەي، ناھايىتى سەمىمىي رەۋىشتە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ دۇككاندىن چىقىپ كەتتى.

شۇكۈنى خېلى كەچ ۋاقىتلاردىمۇ ئۇ قىزنىڭ ئىبرەت بەرگۈچى تەسىرىدىن خالاس بولالمىدىم. ئەتىسى شۇ ئىشلارنى خاتىرەمگە خاتىرلەپ قويدۇم.

ئۇنىڭ نىمىلەرنى سورىشى ۋە ئۇ سۇئاللارغا قانداق جاۋاپ بىرىشىم ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس ئىدى. «ھەممىدىن مۇھىمى، بۇ قىز ۋە بۇقىزغا ئوخشاش مىڭلىغان ياشلارنىڭ روھ ئالەملىرىدە قانچىلىغان ئىزتىراپلارنىڭ ئەۋىج ئالغانلىقى ۋە بۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلارنىڭ يوقلىقى»،دىدىم ئۆزۈمگە ئۆزۈم.

ئۇ قىزنىڭ مەن بىلەن ئۇچۇرشىپ قېلىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئەمەسمىتى؟ ئەگەر ئۇنىڭ دەردىنىڭ داۋاسى مەندە بولسا، مەن ئۆزۈم ئۇنى بالدۇرراق ئىزدەپ تېپىشىم كىرەك ئىدىغۇ؟! مەن، يەنى ھەممىمىز، پۈتۈن كاللىسى ئويغاق كىشىلەر ئەتراپ مۇھىت تازلىقىغا، ماددى تەمىنات مەسىللىرىگە قانچىلىك ئەھمىيەت بەرگەن بولساق، ياشلارنىڭ مەنىۋىيتىگە شۇنچىلىك، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق ئېتىبار بىرىشىمىز كىرەكتىغۇ؟!

ئۇلارنىڭ بۇزۇلىشىنى، ئەيىش ـ ئىشرەتكە مۇپتىلا بولىشىنى، قاراڭغۇ كوچىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كىتىشىنى نىمىشقا توسمايمىز؟!

بىردەمدىن كىيىن ئۆزۈمنى ئاشۇ قىزنىڭ ئورنىغا قويۇپ كۆردۈم. ئائىلىسى ئۇنىڭدىن بىرلا نەرسىنى ـــ مۇۋاپىقيىتىنى ئىستەيدۇ. بۇ ياشنىڭ روھى ئىزتىراپلىرى، ئىشەنچى، كەيپىياتى، مەنىۋىيىتى، نە ئائىلىسى ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس، نە كەسىپداشلىرى ئۈچۈن...ئۇنداقتا كىم، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ ئەجىبا، ئەتە مەندىن سورىلىدىغان سۇئاللار بۇ قىزنىڭ ئۆزىنىڭ سۇئاللىرىمدۇ؟ ياكى ئۇ سۇئاللاردا ئۇنى بۇ ئايىغى چىقماس كوچىغا بىلىپ تۇرۇپ باشلىغان ئەتراپىدىكى بەزى قارا نىيەتلەرنىڭ «مۇۋاپىقىيەت» ئالامەتلىرىنى كۆرەمدىغاندىمەن؟

« بولدىلا، نىمە بولسا بولسۇن، بۇ ھازىرچە پايدىسىز خىياللار»، دىدىم ئۆزۈمگە ئۆزۈم. بىر ياشنىڭ نىجات تېپىشى ئۈچۈن جەمىيەتنىڭ پۈتەنلەي تۈزىلىشىنى كۈتۈش ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس.  جەمىيەت دىگەن زادى نىمە؟ جەمىيەت شەخىسنىڭ توپلىنىشىدىن بارلىققا كىلىدىغۇ؟! دېمەك، بىر ياش تۈزەلسە جەمىيەتنىڭ مىليوندىن بىرى تۈزەلگەن بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئاستاـ ئاستا تۈزەلمەمدۇ...

ئەتىسىگىچە ئوي ـ خىيالىمنى شۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پىكىرلەر بىلەن مەشغۇل قىلدىم. ئىشتىن چۈشۈپ، كىتاپ ساتىدىغان ئاغىنەمنىڭ قېشىغا باردىم. «بىرەر خەۋەر بارمۇ؟» دەپ سورىدىم.

ئۇ ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن:

ــ كەل، كەل. كۈتكەن مەكتۇبىڭ كەلدى، دىدى.

ھەقىقەتنى تېپىش ئارزۇسى مەكتۇبنىڭ ھەر بىر قۇرىدا ئىپادە قىلىپ تۇراتتى. قىز مەكتۇبنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق دىگەن ئىدى:

ــ «ھۆرمەتلىك ئەلى، مەن دىپلومىمنى ئالدىم. بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن بۇ شەھەردىن كىتىمەن. پەلسەپە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ھاياتقا قەدەم تاشلايمەن. ئەمما قىززىقى شۇكى، مەندە تېخىچە ئۆزۈمگە خاس بىر ھايات چۈشەنچىسى شەكىللەنمىگەن. بۇ ھالىم بىلەن كىمگە نىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيمەن؟ قايسى پەيلاسوپنىڭ گىپىگە قۇلاق سالىمەن؟ ھەيران قالىمەن بەزىدە، ھەممىسى ئالدىمغا كىلىپ:« ھەقىقەت مەندە، مىنىڭ يېنىمغا كەل»، دىمەكتە گويا.  ئۆزلىرى بولسا بىرـ بىرلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئىنكار قىلىشماقتا، مەن ئوتتۇردا قالماقتىمەن. بەزىللىرى:«پالان كىتاپنى ئوقۇ» دىسە، يەنە بەزىللىرى:« پالان كىتاپنى ئوقۇ»،دىگەن. تەۋسىيەلىرىمۇ بىر بىرىگە زىت. شۈكىرى، ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ قۇتۇلدۇم.»

مەكتۇبنىڭ يەنە بىر يېرىدە ئۇ جەمىيەتتىن سۆز ئېچىپ:« ...ئۇ ھەم پەلسەپەچىلەرنىڭ باشقا بىر كۆرىنىشى، ھەربىر تائىپە ئۆزىچە بىر ھايات چۈشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مۇنداق قىلسام باشقا بىر تائىفە تەرپىدىن ئەيىپلىنىمەن، بۇنداق قىلسام يەنە بىر تائىفە تەرىپىدىن ئەيىپلىنىمەن...»

يەنە مەندىن سورىدى:« بۇلارنىڭ قايسى بىرى ھەق؟ ئىلتىماسىم شۇكى، ماڭا ياردەم بەرسىڭىز!... بۇلارنىڭ ھىچ قايسىسىنى ئويلىماستىن، باش قاتۇرماستىن ياشاي دەيمەن. لېكىن قارىسام، ھازىرقى بۇ ئىديەم ئۆزۈم بىلمىگەن ھالدا باشقا بىر پىكىرلەرنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كىتىپتۇ...»

خېتىنىڭ روھى ھالىتىنى مۇنداق تەسۋىرلەپتۇ ئاخىرىدا:

ـ« قەلبىم زىددىيەتلەرنىڭ جەڭ مەيدانى... بىر ئۇ تەرەپكە، بىر بۇ تەرەپكە مايىل بولىمەن. بەزىدە ئۆزۈمنى مۇئەللەق بوشلۇقتا ھېس قىلىمەن. دۇنيانى، ھاياتنى، پاراڭلىشىشنى، جىملىقنى، يىغلاشنى، كۈلۈشنى، ھەممىسىنى مەناسىز ھېس قىلىمەن... ئويۇن، ئويۇن، ھەممىسى ئويۇن... دەيمەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم.

ئەقلىمدە تۈرلۈك چۈشەنچىلەر توقۇنىشىدۇ. ھىچ بىرى بىقارار قالمايدۇ. بىرى كىتىدۇ، ئورنىغا باشقا بىرى ھۇجۇم قىلىدۇ. كىچىككىنە ھوزۇرـ ھالاۋەتنىمۇ يوقۇتۇپ قويدۇم.»

مەكتۇبنىڭ ھەرـ بىر قۇرىدا بىرخىل دەرت بار ئىدى. ئاخىرقى سەھىپىسىدە بولسا بىرمۇنچە سۇئاللارنى قويۇپتۇ.

« ئىنسان كىم ئۆزى؟ ۋەزىپىسى نىمە؟

سىزنىڭچە ئەر ـ ئاياللار تەڭ بولىشى مۇمكىنمۇ؟

ئالەم ھادىسسىلىرىگە قانداق قارايسىز؟

ئالەمنىڭ چېكى بارمۇ؟»

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ سۇئاللار... ئاخىرىدا ئېھتىرام سۆزى ۋە ئىمزاسى: ـ خۇليا.


بىرىنجى مەكتۇب


بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر مەكتۇب بىلەن جاۋاپ بىرىپ بولالماسلىقىمنى ئويلىدىم. «ئەمما نىمە بولسۇن يېزىشىم شەرت!» دىگەن قارارغا كەلدىم. ئۇ قىز قالدۇرغان مەنزىل بىر مۇئەللىمنىڭ ئۆيى. مەكتۇبلارنى ئۇ كىشى ئارقىلىق ئېلىشنى مۇناسىپ كۆرۈپتۇ. كىيىچە بىلسەم ھەقىقى ئىسمى ھەم خۇليا ئەمەس ئىكەن. بۇ ئىسىمنى نىمە ئۈچۈن تاللىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۆزۈممۇ بىلمىگەن بىر ھىس بىلەن بۇ ئىسىم ماڭىمۇ ماقۇل كەلدى.

خۇلاسە كالام، مەن خۇليانىڭ مەكتۇبىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن مەلۇم مۇددەت تۈرلىك مەتبۇئات ئورگانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خانىم ـ قىزلار ئۈچۈن چىقىدىغان نەشىرلىرىنى بىرمۇـ بىر ئوقۇدۇم. بەزى ئاپتورلار بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ، مۇلاقەتتە بولدۇم.

نەتىجەم شۇ بولدىكى، خۇليانىڭ دەردى چوڭ بىر تائىفىنىڭ، مىللەتنىڭ دەردى ئىكەن. بىراق باشقىلار سۇئاللىرىنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئوچۇق ئوتتۇرغا قويالمىغان، دەردىنى پۈتۈنلەي تۆكۈشتىن تارتىنغان ئىدى. بۇ تەرەپنى ھىساپقا ئېلىپ، خۇلياغا يازغان مەكتۇبۇمنى بىرەر مەتبۇئاتتا چىقارساممىكىن، دەپ ئويلىدىم. كىيىن بۇ خىيالىمدىن ۋاز كەچتىم. «جاۋاپلارنى چىقىرىدىغان بولسام، سۇئاللارنىمۇ بىرگە چىقىرىشىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇليادىن رۇخسەت ئېلىشىم لازىم»، دەپ ئويلىدىم.

ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى.

ئۇنىڭغا تۇنجى مەكتۇبۇمنى مۇنداق يازدىم:

ـــ ساڭا «ھەقىقەتنى ئىزلىگەن خۇليا» دەپ خىتاپ قىلىمەن. سەن سورىغان سۇئاللارنىڭ ھەربىرى ئالاھىدە ئىلمىي سۇئاللار، بىر كىتاپنىڭ مەۋزۇسى دىسەم ئىتراز بىلدۈرمەسسەن ھەر ھالدا. بۇلارنىڭ بىر قىسىمىغا جاۋاپ بىرىپ ئۆتىمەن، خالاس.

ئەۋۋەل شۇنى ياخشى بىلىشىڭ كېرەككى، ئايال بارچە نەرسىدىن قىممەتلىك ئىنساندۇر. ئاياللىق ۋەزىپىسى ۋە مەجبۇريىتى بۇندىن كىيىن كىلىدۇ. مەن ھەم سۆزۈمنى شۇ نۇقتىدىن باشلايمەن. سۇئاللىرىڭغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن، سەن سورىغان سۇئاللارنىڭ تەرتىۋى بەزى يەرلىرى بۇزۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن. ئەمما مەكتۇبلىرىم ئاخىرلاشقاندا، ئىشىنىمەنكى ئىككىلىمىز مەلۇم بىر نۇقتىغا كەلگەن بولىمىز. ئۇنىڭدىن كىيىنكىسى بولسا سىنىڭ شەخسى غەيرىتىڭگە باغلىق بولىدۇ.

بۇ مەكتۇبۇمدا سەن بىلەن ئومۇمىي بىر سۆھبەت قىلماقچىمەن. ئاللاھ نىسىپ قىلسا، ئىككىنجىسىنى «ھەقىقەت نىمە؟» ماۋزۇسىغا بېغىشلايمەن.

ئەمدى ساڭا بىر تەكلىبىم بار. خىيال كۈچۈڭنى يىغىپ، دۇنياغا بىر چاغلاردا كەلگىنىڭنى پەرەز قىل. ئەتراپىڭ تامامەن ئىزسىز، ئادەمسىز بولسۇن. سەندىن باشقا ھىچ ئىنسان بولمىسۇن يېنىڭدا. سەن تەئەججۈپ ئىچىدە نىمە قىلىشىڭنى بىلمەي ھەيران بولۇپ تۇرغان پەيتىڭدە بىردىنلا يەر يېرىلسۇن دە، ئۇ يەردىن بىر دەرەخ ئۆسۈپ چىقسۇن. ناھايىتى تىزلا چوڭ بولسۇن. ئۇنىڭ سايىسىدە بىرئاز دەم ئال.

كەينىدىنلا مىۋە پىشىشقا باشلىسۇن شاخلىرىدا. ئۇلارنى ئۈزۈپ يىگىن. كىيىن بىر ھايۋان ئاستا ـ ئاستا يېنىڭغا كەلسۇن. ئۇنى سېغىپ سۈتىنى ئىچ. ئەتراپنى تازا بىر كىزىپ چىقماقچى بول. يىرقتىن بىر تۆت ئاياقلىق كەلسۇن ۋە يېنىڭدا تۇرسۇن. ئۇنى مىنگىن دە، بىر مۇددەت سەيىر قىل.

ئەمدى ساڭا سۇئال: بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ھىچ ئەجەپلەنمەستىن، تەبىئىي قاراپ، ھىچبىر ھىس تۇيغۇسىز قوبۇل قىلالامسەن؟ « ۋاي توۋا، نىمە ئىشلاربۇ؟» دەپ سورىمايسەنمۇ ئۆزۈڭدىن؟ شائىرنىڭ ئىپادىسى بىلەن:« مەن كىم زادى؟ بۇ ھالەت قانداق يۈز بىرىۋاتىدۇ؟»، دېمەمسەن؟  قەلبىڭ ھاياجانلانمامدۇ؟  بۇ بارچە ئېھسانلار بەدىلىگە كىمگە، قانداق تەشەككۈر ئېيتىشىڭنى سوراپ ئۆگۈنۈش سىنىڭ ئەڭ كاتتا ۋەزىپەڭ بولمامدۇ؟

ئەمدى باشقا بىر سەھنىنى پەرەز قىل:

سەن يالغۇز ئەمەس. ئەتراپىڭنى مىڭلاپ، يۈزمىڭلاپ... ۋە نىھايەت، بۈگۈنكى دۇنيا ئاھالىسىدەك ئىنسانلار قورشىغان...

ساڭا خىزمەت قىلىدىغان، مىۋە بىرىدىغان ۋە سىنى كۆتۈرۈپ مەنزىلىڭگە يەتكۈزىدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ تۈرىمۇ كۆپ. ھازىرقى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ ھەممىسى سەن ئۈچۈن خىزمەتتە.

ئەمدى ئۆزۈڭدىن سورا:

نىمە ئۆزگەردى؟ يالغۇز ئىكەنلىكىمدە ھىس قىلغان ھاياجاننى، تەئەججۈپنى، ئىچىمدە ساقلىغان تەشەككۈر ئارزۇيۇمنى ئەمدى نىمىشقا ھېس قىلالمايمەن؟ ئەسلىدە ھەيرانلىقىم يەنىمۇ ئارتىشى كىرەك ئەمەسمىدى؟...

زور ئىنسانلار توپى، بۇ ھەيۋەتلىك بىنالار، بۇ شاۋقۇنلار، بۇ تىرىكچىلىك غەۋغالىرى مىنىڭ چۈشەنچەمگە پەردە بولۇپ قالدىمىكىن؟

ئەي ھەقىقەتنى ئىزلەۋاتقان ياش قېرىندىشىم، بىر ئازدىن كىيىن شۇنى ھىس قىلىسەنكى: بىر جەھەتتىن جەمىيەت ھاياتى ئىچىدە بولغان ۋە كۆپۈنچە ئىھتىياجلىرىنى جەمىيەت ئارقىلىق قاندۇرۋاتقان ئىنسان، باشقا بىر جەھەتتىن ھاياتىنى يالغۇز ئۆزى ياشىماقتا، ئۆمۈرىنى يالغۇز ئۆزىلا ئۆتكۈزمەكتە. بۇ دۇنياغا ئۇ يالغۇز كەلگەن، تۇغۇلۇش ئىزتىراپىنى يالغۇز تارىتقان... دۇنياغا كىلىپلا يالغۇز ئۆزى يىغلاشقا باشلىغان.

ئەنە شۇ ئىنسان ئىچكى دۇنياسىدا ئۆمۈر بويى ئۆزى يالغۇز ياشايدۇ، ئاخىرىدا قەبرىگە ئۆزى يالغۇز كىرىدۇ. ئاخىرەتتە مەھشەر مەيدانىغا چىققاندا، باشقا بارچە ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ھىسابىنى ئۆزى يالغۇز بىرىدۇ.

ئىنسان بۇ دۇنياغا تۇنجى قەدىمىنى ياتار جايىغا تاشلايدۇ. ئۆزىگە خاس ئالەم ۋە ئارام جاي تاپقانلىق ھۇزۇرى بىلەن سۈت ئىمىدۇ. ئاندىن بۆشىكىدە بىر ئۆزى يالغۇز ئۇخلايدۇ...

ئايىغى چىققاندىن كىيىن ئۆينىڭ دالانلىرىدا، سەل چوڭايغاندىن كىيىن مەھەللە كويلاردا، يېقىن ـ يىراقتىكى بازارـ دۇككانلاردا كىزىپ يۈرۈشكە باشلايدۇ... يالغۇز ئۆزى ئۇخلايدۇ. چۈشنى يالغۇز ئۆزى كۆرىدۇ ۋە يالغۇز ئۆزى ئويغۇنىدۇ. چۈشىدە بەزى كىشىلەر بىلەن كۆرىشىشى، ئويغاقلىقىدا دوسلىرى بىلەن ئايلىنىپ يۈرۈشلىرىمۇ ئۇنىڭ يالغۇزلۇقىنى يوقىتالمايدۇ...

داستىخاندا بىر ئائىلە كىشىللىرى  جەم بولۇپ غىزالىنىدۇ. ئەمما ھەركىم ئۆز قورسىقىنى تويغۇزىدۇ، ئۆز كۈچى بىلەن ئىشلەيدۇ، ئۆز كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ.

دەرھەقىقەت، ئىنسان يارىتىلىشىنىڭ تەقەززاسى بىلەن جەمىيەت ھاياتىغا كىرىشى كىرەك. كۆپلىگەن ئىھتىياجلىرىنى تەمىنلىشى كىرەك. ئەمما كۆپچىلىك ئىچىدە ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماسلىقى لازىمدۇر ۋە ئەتراپىدىكى بۇ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەبرىگە كىرىدىغانلىقىنى، يىڭى تۇغۇلغان بالىلارنىمۇ ھىسابلىغاندا يۈز يىلدىن كىيىن شۇ دەۋىردىكى ئىنسانلارنىڭ ھىچ بىرىنىڭ يەر يۈزىدە قالمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىشى كىرەك.

يالغۇز دۇنياغا كەلگەن ئىنسان قەبرىگىمۇ يالغۇز كىرىدۇ،شۇ ئىنسان ئۆلۈم بىلەن ئېلىشىۋاتقاندا، ئەتراپىدىكى بىر نەچچە يېقىن كىشىللىرىدىن باشقا مىلياردلىغان ئىنسانلار ئۆز ھاياتلىرىنى ياشاشنى ۋە كەيپ ـ ساپا سۈرۈشلىرىنى داۋام ئىتىۋىرىدۇ...

شۇنداق بولغانكەن، ئەمدى سەن بۇ غەۋغاچىلاردىن، بۇ ئىنسانلار توپىدىن خىيالەن ئايرىل... ئۆز يالغۇزلىقىڭغا قايىت...

ۋۇجۇدىڭدىكى ۋەزىپىىنى ئادا قىلىۋاتقان ئەزالارغا قارىغىن: ھېچ قايسىسى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆزى خالاپ ئالمىغان.شۇنىڭغا قارىماي ھەر بىرى ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ بىشىدا... باشقا ئەزالاردىن، ھەتتا ئۆزىدىنمۇ خەۋەرسىز ھالدا ئۆز ۋەزىپىسىنى بىجاندىللىق بىلەن بىجەرمەكتە. سەن بولساڭ ئۇلارنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇپ، سىرىتتىكى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋىتىپسەن، ئويلاۋىتىپسەن، ياكى سەيىر قىلۋىتىپسەن، كۈلىۋىتىپسەن...

دۇنياغا كىلىشىڭنى ئەسلە. ئۇ كىلىشىڭ سىنىڭ ئۇنۋىرىستىتىقا كىرىش ئۈچۈن يۇرتۇڭدىن ئايرىلىپ، بۇ شەھەرگە كىلىشىڭگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ. كىم ئىكەنلىكىڭنى، كىمنىڭ بەچچىدىنىدا ئوزۇقلىنىشىڭنى، كىمنىڭ ئۆيىدە دۇنياغا كىلىشىڭنى ئۆزۈڭ بىلەمتىڭ؟ ئاتا ـ ئاناڭمۇ سىنى بۇ دىيارغا چاقىرغان ئەمەس ئىدى. سىنى تۇققان ئاناڭغا قەدەر ھەر ئىككىسى سىنى تونىماس ئىدى. بىر يېڭى مىھماننى كۈتىۋاتقان ئىدى. ئەمما كىم كىلىدۇ؟ ئوغۇلمۇ،قىزمۇ؟  سېرىقمۇ ياكى قارامتۇلراقمۇ؟ ئورۇقراقمۇ ياكى بۇدرۇققىنىمۇ؟ بۇلاردىن بىرەرسىنىمۇ بىلمەس ئىدى.

ئۇ ھالدا سىنى بۇ دىيارغا كىم، نىمە ئۈچۈن ئەۋەتتى؟ شۇ يەر يۈزى سىنى ۋە ساڭا ئوخشىغان مىليارىدلاپ ئىنساننى يەلكىسىگە ئارتىپ قاياققا كىتىۋاتىدۇ؟ بۇ «كېمە»نىڭ ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكىلىرىنىڭ ئىگىسى كىم؟ ھەر كۈنى يۈزمىڭلەرچە يولۇچىنى ئۈستىگە چىقىرىدۇ ۋە يۈزمىڭلەرچە يولۇچىنى تەرىك ئىتىدۇ. كېمىگە چىققانلار قەيەردىن كىلىۋاتىدۇ؟ كېمىدىن چۈشكەنلەر قەيەرگە كىتىۋاتىدۇ؟ شۇ قەبرە قىرغىقىنىڭ قارشى تەرىپى قايسى دىيارغا تۇتىشىدۇ؟

ھە، بۇلار ھەربىر ئىنساننىڭ بېشىدا بار سۇئاللار. بۇلارنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا ئىنتىلىش بولسا، ھەقىقەتكە ئىرىشىشنىڭ ۋە قەلبىنى خاتىرجەم قىلىپ، ھوزۇر ھالاۋەتكە چىقىشنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر.

لىكىن، ئىنسانلارنىڭ بۇ ماۋزۇدىكى چۈشەنچىللىرى ۋە ھەركەتلىرى بىر ـ بىرىگە ئۇنچىۋالا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.

بىر تائىپە ئىنسان، بۇ سۇئاللارغا شەخسى كۆز قاراشلىرىنى كەلتۈرىدۇ. بەزىلەر بۇ ناچار پىكىرـ ئىزاھلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ دەۋالىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرىشىدۇ. خاتا ئىدىيىلەر بىلەن سۇغۇرۇلغان زىھىنلىرى ھەقىقەتلەرنى توغرا قەيىت ئىتەلمەيدۇ... خاتا پىكىر ئىدىيىلەر ئىچىدە ياشاۋىرىپ، نىھايەت باشقىلارنى پۈتۈنلەي خاتا پىكىر ئىدىيىلەرگە ئەگىشىپتۇ دەپ ئويلايدۇ.

ئەمما بۇ خاتا پىكىر ئىدىيىلەر ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى قاندۇرالمايدۇ. نەتىجىدە يەنە ئۆزلىرىنى بۇ كائىنات چۆللىرىدە ئادەمسىز بىر بىچچارىدەك كۆرۈشدە داۋام ئىتىدۇ. بىر ساھىبى، ئىگىسى بارلىقنى بىلىشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمەيدۇ، ھەقىقى زوققا ئىرىشەلمەيدۇ. ئەقىل ۋە ۋىجدانلىرى ئۇلارنى دائىما ئازاپلايدۇ. روھىدىكى قورقۇش ۋە ئىزتىراپ ھىچ تىنمايدۇ، ئازايمايدۇ.

باشقا بىر تائىپىلەر بولسا بۇنداق سۇئاللارغا ھىچبىر قىزىقمايدۇ، ئەقىل ۋە ۋىجداننىڭ قىيناشلىرىغا ھىچ پەرۋا قىلمايدۇ. كىم نىمە دىسە دىسۇن، بۇلار ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ. كەيپى ساپا ۋە كۆڭۈل ئېچىش بىلەن، ئەيىش_ ئىشرەت، غەيۋەت_ شىكايەت بىلەن، نەتىجىسىز بەس مۇنازىرە بىلەن ئۆمۈرىنى ئۆتكۈزىدۇ.

بۇ تائىفىلەر ئۆزلىرىچە «تويۇشنىڭ يولى ئاچلىقنى ئويلىماسلىقتا» دەپ، شۇنىڭغا رىئايە قىلىدۇ. ئەمما بۇ ئۆتكۈنچى ۋە ئورۇنسىز ئۇسۇل روھنى ھەرگىزمۇ قاندۇرالمايدۇ.

بۇنداقلار باشلىرىغا ئازغىنە مۇسىبەت كەلسە، زادى قاتىراپ، ئازغىنە ئىزتىراپتىن دەرھاللا ئىزىلىپ كىتىدۇ. ئۆزلىرىنى ئالداپ ياشاشقا جان كۆيدۈرىۋاتقان بۇ تائىفە ئادەملەر بىر يەرگە توپلانسا، گوياكى بىر مەكتەپ تەشكىل قىلىدۇ. «پەرۋا قىلما»،«سەنمۇ ھەممىگە ئوخشاش ئادەمغۇ؟، نىمە قىلىسەن ئۇ ئىشلارنى ئويلاپ. ھاياتىڭنىڭ بارىدا ئوينىۋال»،« ئۆزۈڭنى قىينىما، باشقا كەلگەندە باتۇر»، دىيىشىدۇ. تىزلىكى سائىتىگە يۈزمىڭ كىلومىتىردىنمۇ ئارتۇق بولغان يەر يۈزى ئۈستىگە قەيەرگە كىتىۋاتقانلىقىنى ئويلىماستىن ياشاپ، بۇنى بىر پەلسەپە، دەپ ئۆزلەشتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ياشاش پەلسەپەسىنى بىرەرسى تەنقىد قىلسا،:« سەن بۇ زاماننىڭ ئادىمى ئەمەسمۇ نىمە؟ قايسى ئەسىردە ياشاۋاتىسەن ئۆزى؟» دىگەندەك سۇئاللار بىلەن ئۇنى مەنسىتمەي، پىسەنىت قىلماي قويىدۇ. ھەقىقەتنى مەسخېرە ئارلاش ئىپادىلەر بىلەن بوغۇشقا ھەركەت قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى شۇنداق قىلىپ ئاۋۇندۇرۇپ يۈرىشىدۇ.

ھىچ ئويلىمايدىلەركى، ئۆزگىردىغىنى جەمىيەت ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنسانلاردۇر. يەر يۈزى ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن پائالىيتىنى داۋام قىلماقتا. يوپۇرماقلار ئەنە يىشىل تۇرىدۇ. قار يەنىلا ئاپپاق ياغىدۇ. يولۋاس يەنىلا ۋەھشىي گۆشخور ھايۋان، ئوتخورغا ئايلىنىپ قالغىنى يوق. قوي يەنىلا يۇۋاش...

پەن ۋە سانائەتتىكى راۋاجلىنىش ئەپسۇسكى ئەسىرمىزدىكى ئىنسانلارغا ئۆزلىكىنى ئۇنۇتتۇردى. ھالبۇكى پەن نەقەدەر تەرەققىي قىلسا قىلسۇن، ئىنساننى ئىنسان قىلىدىغان قەدىريەتلەر، پەزىلەتلەر ئۆزگەرمەسلىكى، ئەسلى ئورۇنلىرىنى ساقلاپ قېلىشلىرى لازىم ئىدى. ئەخلاقلىق ئادەم ھەر ئەسىردە مەقبۇل. ئەخلاقسىز، ئىپپەتسىز كىشى ھەر دەۋىردە يامان، ئەسكى ھىساپلىنىشى كىرەك ئىدى. نىمىشقىدۇر بۇنداق باھالانمىدى. پەن ۋە ئىلمىي تەرەققىيات بىلەن ئەخلاقىي چۆكۈش ئوتتۇرسىدا گويا تەتۈر تاناسىپ بارلىقى مەككىرانە تەلقىن قىلىندى ۋە قىلىنماقتا.

ئۈچىنجى بىر تائىفە ئىنسانلار ھەم باركى،  ئۇلار مەزكۇر سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشقا ئىنتىلىدۇ. ئوقۇيدۇ، ئويلايدۇ، پىكىر قىلىدۇ، ئۆگىنىدۇ، سوراپ سۈرۈشتە قىلىدۇ ۋە نىھايەت ئاڭلايدىكى: ــ  ئىنسانلارمۇ غايىسىز ئەمەس، بۇ دۇنيامۇ ئىگىسىز ئەمەس. پۈتۈن بارلىق بىر تەقدىرنىڭ رىجاسى ۋە بىر قۇدرەتنىڭ ئىجادى بىلەن بارلىققا كەلمەكتە... قۇياشنىڭ چىقىشى ۋە پېتىشى كەبى، ھەر جانلىقنىڭ دۇنياغا كىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن كىتىشىمۇ مۇكەممەل بىر نىزام، نىھايەتسىز بىر ئىلىم بىلەن بولماقتا. قۇياشمۇ بىر قۇدرەتكە سىموۋۇل، ئايمۇ ھەم، يۇلتۇزمۇ ھەم... ئىنسانمۇ بىر نىزامغا ئىگە،قۇشلارمۇ شۇ، گۈللەرمۇ شۇ...يۇلتۇزلارنى ئورناتقان، سەييارىلەرنى ئايلاندۇرغان، ئىنسانلارنى كەزدۈرگەن، بېلىقلارنى ئۈزدۈرگەن بىر ئىلىم ۋە قۇدرەت، ئېرادە ۋە ھېكىمەت ئىگىسى باردۇر.


سەن خۇليا، شۇ ئۈچۈنچى تائىفىنىڭ ئەزاسىدۇرسەن. چۈنكى ئويلىنىۋىتىپسەن، ئىزدىنۋىتىپسەن، سوراۋىتىپسەن. بۇنى بىر پۇرسەت بىل ۋە بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئىنتىل. ئۆتكۈنچى، ئالدامچى ۋە كۆپىنچىسى سەمىمىيەتسىز بولغان ئىلتىپاتلاردا بوغۇلما. بۇ دۇنيا ھاياتىدا بىر يولۇچى كەبى، جەميەتتىن ئىبارەت بۇ مېھمانخانىدا بىر مۇساپىر كەبى ياشىغىن.

پەقەت بۈگۈنىڭنىلا ئويلاشنى تاشلاپ، ئۆمۈرىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئۈگەن. شۇ قىسقىغىنا ھاياتىڭدا ئىنسانلارغا ياردەملىشىپ ئىشلە، ھەركەت قىل، ئۇتۇق قازان، تۇرمۇش قۇر... بىراق، ئۇنۇتمىغىنكى سەن بۇ دۇنياغا تۇرمۇش قۇرغىلى، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرگىلى، ۋە قېرىپ ئۆلگىلى كەلمىگەنسەن...

بىر نۇقتىغا قىسقىغىنە ئىشارەت قىلىپ مەكتۇبۇمنى تۈگەتمەكچىمەن:

ـــ ھەقىقەتنى تاپماقچى بولساڭ، مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇشۇڭ كىرەك. ياشاۋاتقان جەمىيەتنى ھەقىقەتنىڭ يىگانە ئۆلچىمى دەپ قاراش خاتا. كۆپچىلىككە ئەگىشىش ئىنساننى ھەر دائىم ھەقىقەتكە ئېلىپ بېرىۋەرمەيدۇ...

ـــ ھەقىقەت نىمە بولسا، شۇدۇر. شەخىسمۇ، جەمىيەتمۇ پەقەت ئۇنىڭغا ئەگىشىش بىلەنگىنە ھەقىقەتچى بولالايدۇ.

ئەتراپىڭغا شۇنداق بىر كۆز تاشلا، جانسىز بارلىقلار جانلىقلاردىن كۆپ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەمما مۆجىزىلىكتە پۈتۈن جانسىز بارلىقلار چۈمۈلىنىڭ بىر پۇتىچىلىك بولالمايدۇ. جانلىقلار ئالىمىدە ھايۋانلار ئىنسانلاردىن بىر نەچچە ھەسسە كۆپ. ئەمما ئەقىل جەھەتتە پۈتۈن ھايۋانلارنى بىر يەرگە توپلىساڭ، بىر كىچىك بالىچىلىك بولالامدۇ؟  ئىنسانلار ئارىسىدا جاھىللار ئالىم كىشىلەردىن كۆپ. لىكىن مىڭلارچە جاھىل بىر ئالىم بىلەن باراۋەرمۇ؟

شۇنداق ئىكەن، سەنمۇ كۆپچىلىككە ئەگىشىش پەلسەپەسىنىڭ بىر تەرپىگە ئۆتكىن. ھەقىقەتنى تېپىشقا ئىنتىل. ئۇنى تاپقاندا ئۇنىڭ پېشىگە ئېسىل ۋە ھەرگىز ئايرىلما...

سالام بىلەن...».


    ئون بەش كۈندىن كىيىن خۇليادىن جاۋاپ خەت كەلدى. ئۇنىڭ ئىپادىللىرىدىن مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى. خۇليا مەكتۇبىنىڭ بىر يېرىدە:« ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتنى تېپىشدا تەڭ ئىمكانغا ئىگە ئەمەسمۇ؟»، دەپ سوراپتۇ ۋە داۋام ئىتىپ :« ياراتقۇچى ئىگىسى بولسا، ھەممە ئىنسانلار نىمىشقا بىر نۇقتىغا بىرلىشەلمەيدۇ؟ بۇنى قانداق ئىزاھلايسىز؟...»، دەپتۇ.

بۇ گەپنىڭ ئارقىسىدىن شۇنداق بىر ئىزاھ كەلتۈرۈپتۇ:

ــ«ئىنشائاللاھ، بۇ گەپلىرىمدىن ئېتراز ۋە ئىسيان مەنىسى چىقماس، سەمىمىي دەۋەتىمەن: يىگانە مەقسىدىم ھەقىقەتنى ئىزدەش... شۇنى ھەم تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن، بۇ سۇئاللارنى پەلسەپە تەلىمى ئالغان بىر قىزغىلا خاس دەپ ئويلىماڭ. مەن ئۇچراشقان نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ كاللىسىدا شۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان سۇئاللار كۆپ. پەقەت ئۇلار بۇ سۇئاللار توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلانمايدۇ، ئىزدەنمەيدۇ. ئىتبارسىزلىقتىن، بېپەۋالىقتىن تاشلاپ قويىدۇ.

ئىتىراپ قىلىمەن، سىزدىن سورىغان سۇئاللىرىمنىڭ بىر قىسمىنى بىر ۋاقىتلاردا دوستلىرىممۇ مەندىن سورىغان ئىدى. كىيىن ئويلاپ كۆرسەم بەزىللىرى قەستەن شۇنداق سۇئاللارنى سورشىدىكەن. نىمە بولسا مەيلى، ئەمدى بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپماقچىمەن.»

   مەكتۇپنىڭ ئاخىرىدا بىر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقىننى يېزىپتۇ ۋە:

ــ« خېتىڭىزنى كەسىپداشلىرىمغىمۇ ئوقۇپ بەردىم، بىلمىدىم توغرا قىلدىممىكىن؟»، دەپ سوراپتۇ.

    مەكتۇپ قولۇمغا تەككەن چاغدا ئىككىنجى مەكتۇبۇمنى يازماقچى بولۇپ تۇرغانتىم. ئۇنىڭغا بۇ مەكتۇبۇمدا ھەقىقەتنى سۆزلىمەكچى ئىدىم. ئەمما ئۇ يېڭى بىر سۇئال بىلەن قارشىمغا چىققان ئىدى. بىر مۇددەت مەكتۇپنى ئويلىغىنىمدەك يېزىۋەرسەم بولامۇ ياكى خۇليانىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ باشقىچە يازسام بولامۇ دەپ تەئەججۈپلەندىم.

نىھايەت، ئىلاھى ئادالەتكە ئالاقىدار سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى كىيىنكى خەتلىرىمدە يېزىشنى قارار قىلدىم. بۇ قېتىم...


ئىككىنجى مەكتۇب


« ھەقىقەتنى ئىزلەۋاتقان خۇليا!

  ئەۋۋەللەن سەن ھەققىدە ھىچقانداق يامان گۇماندا ئەمەسلىكىمنى ئېيتىمەن. بۇ كەبى سۇئاللارنى سورىساڭ ئەمەس، بەلكى سورىماي ئىچىڭدە يوشۇرۋالساڭ سەندىن خاپا بولۇپ قالىمەن. مەكتۇبۇمنى كەسىبداشلىرىڭغىمۇ  ئوقۇپ بەرسەڭ، بۇنىڭ ھىچ بىر زىيىنى يوق.

ئىلگىرى دىگىنىمدەك، بۇ مەكتۇبۇمدا ھەقىقەت ھەققىدە سۆزلىمەكچىمەن ۋە ئىنشائاللا كىيىنكى مەكتۇبۇمنى ھەم شۇ ماۋزۇغا بېغىشلايمەن.

ئەۋۋەللەن شۇنى تەكىتلىمەكچىمەنكى، ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقان ئادەمنىڭ كاللىسىدا بىر تالاي سۇئاللار بولىدۇ. ئەسلىدە ئۇ شۇلارنىڭ جاۋابىنى تاپماقچى:

بۇ كائىنات ئىگىسىزمۇ؟ ئىگىسى بولسا، ئۇ كىم؟  ئۇنىڭغا قانداق ئىشىنىشىم كىرەك، بۇ ئىشەنچىم ھەق بولسۇن؟

ئىنساننىڭ بېشى ۋە ئاخىرى ۋەزىپىسىز، مەسئۇليەتسىز، ئىگىسىز بىھۇدە بىر بارلىقمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا ئىنسانىلىقنىڭ  ھەقىقىتى نىمە؟  ئۇ ھەقىقەتنى قانداق بىلىشىم ۋە باھالىشىم كىرەككى، شۇ بىلىش دائىرسىدە ھەقىقىي مەنىدە ئىنسان بولاي. يەنى ئىنسانىلىقنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن نىمىلەرنى دىيىشىم، قانداق ئويلىشىم، قايسى ئۆلچەملەر دائىرسىدە تۇرمۇش قۇرۇشۇم ۋە قانداق ياشىشىم لازىم؟

جىنسىيەتنىڭ، ئايال ۋە ئەركەكلىكنىڭ ھەقىقىتى نىمە؟ ئۇلارغا قايسى دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىشىم كىرەك؟

سۆيگۈ ۋە قورقۇشنىڭ ھەقىقىتى نىمە؟ بۇ ھىس ـ تۇيغۇلارنى ھەقىقى مەنىسىدە قوللىنىشىم ئۈچۈن كىمنى قانداق سۆيۈشۈم ۋە كىمدىن قانچىلىك قورقۇشۇم كىرەك؟

قىزىقىشنىڭ، ئەندىشىنىڭ، ئۈمۈدنىڭ، شەپقەتنىڭ، مەرھەممەتنىڭ ۋە يەنە كۆپلىگەن ھىس ـ تۇيغۇلارنىڭ ھەقىقىتى نىمە؟ قانداق قىلسام بۇلارنى ھەقىقىي غايىللىرى يولىدا ئىشلەتكەن بولىمەن؟

  مانا، خۇليا، ھەقىقەتنى ئىزلەۋاتقان بولساڭ، مۇشۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ، قەلبىڭنى، ئەقلىڭنى، ھىس ئالىمىڭنى ۋە نىھايەت ھەر تۈرلۈك ھەركەتلىرىڭنى ئۇنىڭغا چۈشۈرۈپ تەرتىپلەپ، ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرىشىڭ كىرەك. تەدبىقلاشقا تايانمىغان ھەقىقەتنى ئىزلەشنىڭ،  ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلىپ قال.

  يۇقۇردا سانالغان سۇئاللارغا پەرىقلىق ۋە ھەتتا بىر ـ بىرىگە زىت جاۋاپلار ئوتتۇرغا تاشلانسا، بۇلاردىن پەقەت بىرسىلا توغرا، قالغانلىرى يالغاندۇر. ئەنە شۇ يىگانە ۋە ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى قانداق تاپىسەن؟

بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ھەقىقەتنىڭ تېپىلىشىنى قىيىنلاشتۇردىغان سەۋەپلەر ھەققىدە بىر ئاز گەپ قىلماقچىمەن.

بۇلاردىن بىرىنجىسى، ئىنساننىڭ شەخسى قانائىتى، نەپسانىي تۇيغۇللىرى، ئۆزىنىڭ قۇسۇرلىرى ۋە خۇسۇسى ھاياتى... ھەقىقەتتە بەدەن خىزمەتچى، روھ بولسا خوجايىن ماقامىدىدۇر. روھىنى بەدىنىگە خىزمەت قىلدۇرغان ۋە دۇنياغا كىلىش غايىسىنى بىر قىسىم نەپسانىي ھىسلاردىن ئىزلىگەن ئىنساننىڭ ھەقنى تېپىشى قىيىنلىشىدۇ.

   ئىككىنجىسى، ئائىلە ھاياتى... ئائىلە قۇرۇش ۋە نەسىلنى داۋام قىلىش ھاياتنىڭ بىر قانۇنى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىمتىھانلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ ھەقىقەتتىن غەپلەتتە قېلىپ، تۇرمۇش قۇرۇشنى ئەڭ بۈيۈك غايە دەپ ئويلىغان ۋە پۈتۈن خىزمىتىنى، غەيرىتىنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تىرىكچىلىكىگە ۋە ئۆي بىساتلىرىنى ئىسىللاشتۇرۇشقا سەرىپلىگەن ئىنسان ھەقىقەتنى تېپىشتا زور مۇشەققەتكە دۇچ كىلىدۇ.

   ئۈچۈنجىسى، جەمىيەت ھاياتى... يادىڭدا بولسا، ئۆتكەن مەكتۇبۇمدا بۇ توغۇرلۇق بەزى نەرسىلەرنى يازغان ئىدىم. ئۇلارغا بۇلارنى ئىلاۋە قىلماقچىمەن: مال ـ دۇنيا، ئۇنۋان، ئابروي، مەرتىۋە كەبى دۇنيا ھاياتىنىڭ جەزبىدار، دەبدەبىلىك جەھەتلىرىگىمۇ بىر لۇتفى ۋە ئېسھان سۈپىتىدە، ھەمدە بىر ئىمتىھان ۋاستىسى سۈپتىدە قاراش كىرەك(يەنى، بۇلار بىرەر كىشىگە ئېھسان قىلىنغان بولسا، ئەلۋەتتە بۇ سىناق ـ ئىمتىھان ئۈچۈندۇر).

مەسىلىگە بۇنداق باھا بەرمەيدىغان، باي بولۇشنى، چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشنى ھاياتنىڭ غايىسى ۋە دۇنيانىڭ يارىتىلىش ھىكىمىتى دەپ ھىساپلىغان ئىنساننىڭ ھەقىقەتنى تېپىشى بەكمۇ قىيىن بولىدۇ.

ماۋزۇسىمىزنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى بار. ئۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن.

ھەقىقەتنى تېپىش باشقا، ئۇنىڭدا ياشاش باشقىدۇر. ھازىرقى جەميىتىمىزدە پىكىر ۋە ئىشەنىچلىرى ھەق بولغان ھالدا بۇنى كۈندىلىك ھەركەت ۋە ئەمەللىرىدە ئەكىس ئەتتۈرۋاتقان بىر گورۇھ كىشىلەر بار.  ئەقلى بۇلغۇنۇپ كەتكەن بەزى بىچچارە كىشىلەر ئۇلارغا قاراپ: « شۇلارنىڭ ئىشلىرى ھەقىقەتمۇ؟» ياكى  « بۇلار مېڭىۋاتقان يول توغرىمىدۇ؟»،دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. ئەسلىدە بۇ سۆزلەر ئاساسسىزدۇر. ھەقىقەت كىمنىڭ قولىدا بولىشىدىن قەتتىنەزەر ھەقىقەتتۇر. شەخىسنىڭ باشقا قۇسۇر ۋە نۇقسانلىرى بولسا ئايرىم باھالىنىشى كىرەك.

بىز ئىچىدە ياشاۋاتقان جەمىيەتتە كۆپچىلىك ئىنسانلار مۇددىئانى، مەنپەئەتنى، تىجارەتنى ئالدىن كۆرمەكتە. ئەخلاق ۋە پەزىلەت بولسا تېخى يىراقتا.

ئەنە شۇ بۇزۇق مەنىۋىي مۇھىت كۆپلىگەن كىشىگە زەرەر يەتكۈزمەكتە. بىمارلارنى باھانە قىلىپ، شىپادىن رەنجىش بولسا، ئەقىللىق كىشىنىڭ قىلىدىغان قىلىقى ئەمەس. مەسىلىگە بۇ جەھەتتىن قارىمايدىغان كىشىلەر قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئاخىرى كۆرۈنمەيدىغان، پايدىسىز، مەناسىز گەپ سۆزلەر بىلەن زايا قىلىشىدۇ. ئۇلار بۇ ھالەتلىرى بىلەن پايدا قىلىدىغان تىجارەتنى تاشلاپ، زىيان قىلىدىغان تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولغان سودىگەرگە ئوخشايدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى بولسا پەقەتلا ھەسرەت ـ نادامەت، پۇشايماندۇر.

   بىز تۇرىۋاتقان بۇ ئالەم «كائىنات كىتابى» دىيىلىدۇ. ھەر سەھىپىسى، ھەر قۇرى، ھەربىر ھەرىپى نۇرغۇنلىغان مەنالارغا تولغان كىتاپ. ئىنسان ئۇ كىتاپتىن بىر جۈملە، بىر سۆزدۇر. ئەمما ئەقىللىق، ئاڭلىق جۈملە. ئىلىم، ئىرادە، قۇدرەت، ئاڭلاش كەبى سۈپەتلىرى بولغان جۈملە. يېزىلغان كىتاپنى تاماششا قىلىدىغان، ئۇنىڭدىكى سىرلارنى تېپىشنى ئويلايدىغان غەيرەتلىك جۈملە. ئەنە شۇ جۈملە ھەقىقەتنى تاپماقچى بولسا، ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ «جۈملە» ئىكەنلىكىنى، «يېزىلغىنىنى» بىلىشى كىرەك. باشقا يېزىلغانلارنىمۇ ھەم شۇنداق باھالىشى لازىم. ئۆزىمۇ يېزىلغان كىتاپنىڭ قۇرلىرى ئىچىدە يوقۇلۇپ كەتمەسلىكى لازىم. ئۇنىڭدىكى ئىلىم بىر ئالىمدىن، ھىكىمەت بىر ھەكىمدىن، قۇدرەت بىر قادىردىن كەلگەنلىكىنى ئاڭلىماق شەرت. ئەكىس ھالدا ئىنسان دۇنيا ھاياتىنىڭ مۇئەممالىرى ۋە ئىزتىراپلىرى ئاستىدا ئىزىلىپ، قارشىلىقلىق ۋە غوۋغالار ئىچىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرىۋىرىدۇ.

كۆردىڭمۇ خۇليا، سەن بۇ توسۇقلاردىن ئۆتۈشكە مەجبۇرسەن. ئېرادەڭنى ئىشقا سالساڭ، بۇ ئىشنىڭ قولۇڭدىن كىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەتراپىڭغا شۇنداق بىر نەزەر تاشلا: ھەر تەرىپىمىزدىن پۈتۈنلەي ھەقىقەت بىلەن ئورالغانمىز، توغرىمۇ؟ ئۇلارنى كۆرىشىمىز ئۈچۈن ئازغىنە غەيرەت سەرىپلىشىمىز كۇپايە...

  بىر ئويلاپ كۆر، ئەتراپىمىزدىكى بارلىقلارنىڭ بارلىقى بىر ھەقىقەت. بۇ مەسىلىدە ئويلىنىش يوق. «قۇياش، ئاي، ئىنسان، تۇپراق بارمۇ؟ يوقمۇ؟» دەپ تارتىشىش قىلىش يوق.

دېمەك، نەرسىلەرنىڭ بارلىقى ھەقىقەت. شۇ قەدەر قۇۋۋەتلىك يەنە بىر ھەقىقەت باركى، بۇ بارلىقلارنىڭ ھىچ بىرى ئۆزىنى ئۆزى پەيدا قىلمىغان.

ئېيتايلۇق، ئالدىمىزدا چوڭ بىر بىنا  تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بارلىقىنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ ، ھەمدە ھىچكىم ئۇ بىنانىڭ ئۆزى «بىناكار» دىمەيدۇ. ھەتتا ئۈچ ياشلىق بالىمۇ شۇ بىنانى كۆرسە دەرھال: « دادا، بۇ بىنانى كىم ياسىغان؟» دەيدۇ.

  بۇ ئىككى ھەقىقەتنى بىرلىكتە ئويلىساڭ، پۈتۈن بارلىقلارنىڭ بار قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنى كىمدۇر ھۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكى، ياراتقىنى نامايەن بولىدۇ.

ھەر مەۋجۇداتنىڭ شەكلى بارلىقى يەنە بىر ھەقىقەت. بۇ شەكىل ۋە سۈرەتلەر ئاشۇ مەۋجۇداتقا ئەڭ مۇناسىپ تەرىزدە. ھىچبىر ئارتۇقچىلىق، ياكى ھىچبىر نۇقسان يوق. قۇشقا قول، قويغا قانات، بېلىققا پەنجە قىلىنمىغان.

سەن ئۈشبۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان دەقىقىلەردە يۈزمىڭلىغان ئىنساننىڭ سۈرەتلىرى ئانا بەچچىدېنىدا شەكىللەندۈرلىۋاتىدۇ... بۇ رەقەمگە يەنە ئانىللىرنىڭ بەچچىدانلىرىدىكى قوزىچاقلارنى، موزايلارنى ۋە باشقا ھايۋانلارنى قوشقىن... بۇلارنىلار ئەمەس، تۇخۇمنىمۇ بىر بەچچىدان ئورنىدا كۆرۈپ، ئىچىدە شەكىللىنۋاتقان جەمى قۇشلارنى، چۆجىلەرنىمۇ نەزەرگە ئال. ئۇلار خۇددى رەسسامنىڭ ئالدىدا تۇرغان سۈرەتتەك ئۆزىدىن بىخەتەر. تۈزىلىشلىرىدە قوللىنىلىدىغان ھەممە ماددىلار، خۇددى قەلەملەردىكى بوياقلاردەك ھىس تۇيغۇسىز.  ئانىلار ئىچىدە بولۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ھالدا ئۆزى بىلەن مەشغۇلدۇر.

مانا شۇ سۈرەت ـ شەكىل بىرىش ئىشىدىن،سۈرەت شەكىل بەرگۈچىگە ئۆتەلىسەڭ ھەقىقەتكە ئېرىشكەن بولىسەن. ئەكىس ھالدا رەسىمگە ھەيران بولۇپ قالغان ھالدا، رەسسامنى ئىنكار قىلىدىغان ئەقىلسىز بالىدىن ھىچ پەرقىڭ قالمايدۇ.

  يۇقارقى تەرىزدە پىكىرلىشىشنى يەنە داۋام قىلىمىز:

  جانلىقلاردا كۆرۈش سۈپىتىنىڭ بارلىقى ھەقىقەت. لېكىن ھىچ بىر جانلىق بۇ سۈپەتكە ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئىگە بولمىغانلىقى بۇ يەنە بىر ھەقىقەت. كۆز دوختۇرىغا بارغان كىشى بىلەن، تىلۋۇزۇر ئۇستىسىغا بارغان ئادەم ئوخشاش بىر ئىشنى بىجەرمەكتە. يەنى، ھەر ئىككىسى ئۆزى ئىجاد قىلمىغان، ئۆزلىرى ياراتمىغان بىر نەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىستىمەكتە.

«كۆرۈش»كە شۇ جەھەتتىن قارىساق، پۈتۈن جانلىقلارغا بۇ نىئمەتنى بەرگەن بىر زاتنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. ھاياتلىق بىرىش، سۆزلەتتۈرۈش، ئاڭلىتىش، رىزىقلاندۇرۇشقا ئوخشىغان بىھىساپ ھادىسىلەرنىمۇ ئەينى شەكىلدە باھالايمىز.

«ھەربىر جان ئۆلۈمىنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر»،دىگەن ئايەتمۇ يەنە بىر ھەقىقەتنىڭ ئىپادىسى. ئىشىنىش ياكى ئىنكار قىلىش بۇ ھەقىقەتنى زەررىچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۆلۈم ئىنكار قىلىنمايدىغان ھەقىقەتتۇر.

باشقا بىر ئايەت كەرىمىدە:

«ھەقىقەتەن بىز ئىنساننى بىر بىرى بىلەن ئارلاش بىر تامچە سۇدىن ياراتتۇق. ئۇنى ئىمتىھان قىلماقتىمىز. شۇ تۈپەيلى ئۇنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى قىلدۇق».

ئىنساننىڭ مەنىدىن يارالغانلىقى قانداق بىر ھەقىقەت بولسا، دۇنيادا ئىمتىھان ئېلىنۋاتقانلىقىمۇ شۇنداق بىر ھەقىقەت. ھەممىمىز ئۆمۈر بويى ئىمتىھان قىلىنىمىز: كۆرىشىمىزنى، ئاڭلىشىمىزنى ۋە باشقا بىزگە بىرىلگەن بارچە سەرمايىلەرنى ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىۋاتامدۇق ياكى؟...

ئۆلۈم كىلىشى بىلەنلا ئىمتىھان ۋارىقى قولىمىزدىن ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن بىر سۆزنىمۇ يېزىشقا رۇخسەت بىرىلمەيدۇ. بۇ ھادىسە بىزگە شۇنداق دېمەكتە:

« كۆزىڭىز بىلەن قانچىلىك ھالال ھارامغا نەزەر سالغان بولسىڭىز بولدى، ئەمدى كۆزىڭىزنىڭ نۇرى تۈگىدى، كۆرۈش «سىياھى» كۆز «سىياھدان» نىدىن بوشىتىلىدۇ...

  مىڭە دەستىگاھىنى توغرا ياكى خاتا قانداق قوللانغان بولسىڭىز بولدى، ئەمدى بىرەر نەرسە ھەققىدە مىڭىڭىزدە تەپەككۇر قىلالمايسىز... قەلبىڭىز بىلەن نىمىگە ئىشەنگەن بولسىڭىز ئىشەندىڭىز، ئەمدى تاللاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇن قىلىنغان ھالەتتىسىز...»

  ئىتبار بەرگەن بولساڭ، ئاۋۋالقى كەلتۈرگەن ئايەت كەرىمىدە « ھەر بىر جان ئۆلگۈچىدۇر» دىمەي، « ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر» دەپ كەلگەن. ئالدىمىزدا نۇرغۇنلىغان داستىخاننىڭ بارلىقىنى ئىشارە قىلۋاتقاندەك گويا.

  ئانا بەچچىدانىدا توققۇز ئاي ئوزۇقلىنىپ چوڭ بولدۇق. كىيىن تۇغۇلۇش ھادىسسىنى بېشىمىزدىن كەچۈردۇق. مەلۇم يىل دۇنيادا ياشاپ، ھايات لەززىتىنى تېتىدۇق. ئاندىن نۆۋەت ئۆلۈم تەمىنى تېتىشتۇر. ئاندىن كىيىن تېخى قەبرە ھاياتى بار. ئۇنىڭدىن كىيىن تېخى «ئاخىرەت» ۋە «ھىساپ ـ كىتاپ» كىلىدۇ.

  ئىنساننىڭ « ئىمتىھاندا ئىكەنلىكىنى» خەۋەر بەرگەن ئايەتتىمۇ خۇددى مۇشۇ ھەقىقەتكە ئىشارە قىلىنىپتىغۇ؟!

ئىمتىھان تۈگىشى بىلەن ھەممە نەرسە تۈگىمەيدۇ. ئەكسىنچە، كۆپ ئىشلار ئىمتىھان تۈگىگەندىن كىيىن باشلىنىدۇ. مۇكاپات ئېلىش ياكى جەرىمانە تۆلەش، سۆيۈنىش ياكى ئۆكۈنۈش، پاراۋانلىق ياكى ئىزتىراپ ھەممىسى ئىمتىھاندىن كىيىندۇر.

  ئىنساننىڭ مەنىدىن يارالغانلىقىنى قەيىت قىلغان يەنە بىر ئايەتتە، بۇ نىئمەتكە نىسبەتەن ئىنساننىڭ تۇزكورلىقى شۇنداق ئىپادىلەنگەن:

« ئىنساننى مەنىدىن ياراتتى... قارىساڭ، ئۇ ناتىق( سۆزلىگۈچى، گەپ قىلىدىغان) دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالدى».

بۇ ئايەت ئىنساننىڭ قەلىب ۋىجدانىغا گويا تۆۋەندىكىدەك خىتاپ قىلماقتا:

« سەن مىليونلاپ ئۇرۇقلار ئىچىدە بىر لۇتىف ۋە ئېھسان بىلەن تاللاندىڭ. ئىنسان بولۇپ يارىلىشقا نامزات قىلىندىڭ. باشقا مىليونلىغان بۇرادەرلىرىڭ تۇپراقنى تاپالماي چىرىپ كەتكەن داندەك بەچچىدان سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاندى. ئۇلار كەتتى، سەن قالدىڭ. ئاشۇ كۈنى نە مىڭەڭ، نە تىلىڭ، نە كۆزۈڭ يوق ئىدى. بۇلارنى ساڭا ئۇ بەردى. قۇۋۋەتتى، ئىرادىنى، ئويلاشنى ئۇ ساڭا ئىنئام قىلدى. ئەمدى ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان شۇ ئېھسانلىرىنى ئۇنىڭغا ئىسيان قىلىشقا قوللىنامسەن؟!»

ئۇنىڭغا بۇ پۇرسەت نىمە ئۈچۈن بىرىلىپتۇ؟ ئەقىلگە شۇنداق بىر سۇئال كىلىشى مۇمكىن:« ئادەم ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇندىماي ئىسيان قىلسا، نىمە ئۈچۈن ياراتقۇچىنىڭ قەھىرـ غەزپىگە ئۇچۇرمايدۇ؟»

  يۇقۇردا كەلتۈرگەن ئايەتتە بۇنىڭ جاۋابى بار. « بىز ئىنساننى ئىمتىھان قىلماقتىمىز».

ئىمتىھاننىڭ ۋاقتى توشماي تۇرۇپ ھىچكىمگە جازا بىرىلمەيدۇ. ئىمتىھاننىڭ مۇددىتى ئۆلۈم بىلەن تۈگەيدۇ. ئۆلۈم «قوڭغۇرىقى» چېلىنىشى بىلەنلا ئىمتىھان قەغىزى يىغىۋىلىنىدۇ...

ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتا ساڭا مۇۋاپىقيەت تىلەپ، خېتىمنى مۇشۇ يەردە توختاتاقچىمەن. مۇ ماۋزۇنى كىلەچەكتىكى خېتىمدىمۇ داۋام ئېتىمەن ئىنشائاللاھ... سالام بىلەن...»


بۇ قېتىم خۇليانىڭ جاۋابى ئالدىنقى قېتىمدىن تىزراق كەلدى. بىر سەھىپىلىك خېتى ئەينەن مۇنداق ئىدى:

« ھۆرمەتلىك ئۇستاز، مەكتۇپلىرىڭىز بىلەن مىنى خجالەتتە قالدۇردىڭىز. سىزگە قانداق تەشەككۈر ئېيتىشىمنى بىلمەيمەن. يېڭى دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان بىمارغا ئوخشىتىۋاتىمەن ئۆزۈمنى.  يازغانلىرىڭىزنىڭ ھەربىر سۆزلىرىگە ئەھمىيەت بىرىپ، تەكرارـ تەكرار ئوقۇپتىمەن. خىزمەتداشلىرىمغىمۇ مەكتۇبلىرىڭىزنى ئوقۇپ بەردىم. بىر خىزمەتدىشىم:« ئۆلۈمدىن كىيىن ھاياتلىق بولىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم. ئەمما بىلمەيمەن، بۇ قانداق بولاركىن. ھىچ ئەقىلگە سىغدۇرالمايمەن»، دېدى.

ئۆتكەندە بىر تەبركنامە تاپشۇرۋالدىم. تەبرىكنامە ئۈستىگە مۇنداق بىر ھېكىمەت يېزىلغانكەن:« بۇ كېچىنىڭ كەينىدىن كۈندۈز، بۇ قىشنىڭ كەينىدىن باھار كىلىشى قانچىلىك ئەقىلگە توغرا كەلسە، قانچىلىك زۆرۆر ۋە قەتئىي بولسا، ئۆلۈم كېچىسىدىن كىيىن قىيامەت تېڭىنىڭ ئېتىشى، قەبرە قىشىدىن كىيىن ئاخىرەت باھارىنىڭ كىلىشىمۇ شۇنچىلىك قەتئىيدۇر»، دىيىلىپتۇ.

  ئەتىسى خىزمەتدېشىمغا مۇشۇ ھىكىمەتلىك سۆزنى ئوقۇپ بەردىم. قانچىلىك سۆيۈنگىنىنى بىلسىڭىز ئىدى! ئىچ ئىچىدىن خۇرسەن بولۇپ كەتتى. گوياكى يوقۇتۇپ قويغان قىممەت باھالىق نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك...

  ئارتۇقچە ۋاقتىڭىزنى ئالماي. مەكتۇبىڭىزنىڭ داۋامىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ:

        خۇليا»


  ئۇنىڭ بۇ سەمىمىي ئىپادىسى مىنى يەنە غەيرەتكە كەلتۈردى. ئاشۇ پەيىتتە « ھەقىقەتنىڭ تەرىپى ۋە تەھلىلى» بىلەن ئالاقىدار مەكتۇبۇمنى يېزىشقا كىرىشتىم.


ئۈچۈنجى مەكتۇب


« ھەقىقەتنى ئىزلەۋاتقان خۇليا،

   بۇ مەكتۇبۇمدا ساڭا «ھەقىقەتنىڭ نىمە ئىكەنلىكى» ھەققىدە بىر نەرسىلەر يېزىشقا ھەركەت قىلىمەن. ئاخىرەت ماۋزۇسىنى كىيىنگە قالدۇرماقچىمەن. سەن ھەم بۇرۇنقى مەكتۇبلىرىڭدا تەكىتلەپ ئۆتكەندەك، ئاغزىنى ئاچقانلىكى ئىنسان، سۆزلەۋاتقىنىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشىدۇ. ئەتراپىمىزدىمۇ ھەقىقەت دەپ ئېيتىلغان، بىر بىرىگە قارمۇ قارشى بولغان پىكىرلەر تولا.  بۇ زىددىيەتلەتنىڭ ئوتتۇردىن كۆتۈرىلىشىنى مەنمۇ ساڭا ئوخشاش خالايمەن. لىكىن شۇنىمۇ ياخشى بىلىمەنكى،  ھەقىقەت ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ئاڭلىتىلغان دەۋىردىمۇ، بىر تائىپە كىشىلەر بۇنىڭغا قارشى چىققاندۇر.

مىنىڭچە، ھەقىقەتنى ئىككى تەرەپتىن تەتقىق قىلىش پايدىلىق بولىدۇ. بىرى «فىزىكا»، يەنە بىرى «مىتافىزىكا» تەرىپدىن.  ئاددى قىلىپ ئېيىتساق، بىرى «ماددى»، يەنە بىرى «مەنىۋىي»...

  بەس مۇنازىرلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئىككىنجى تەرەپتىن بولىدۇ. بىراق مىتافىزىكىغا فىزىكىدىن بېرىش ئىشەنچىلىك يولدۇر. ھەقىقەتنىڭ تەرىپىگە ئۆتۈشتىن ئاۋۋال خۇسۇسىنى تەكىتلىمەكچىمەن:

  «راسىت» ۋە «ھەقىقەت» سۆزى كۆپىنچە ھاللاردا ئەينى مەنىدە قوللىنىلىدۇ. ھالبۇكى بىز ھەقىقەت دەپ مۇنازىرە قىلىۋاتقان نەرسە ئەسلىدە «ھەق» دىيىلسە توغرا بولىدۇ. بۇنى ھازىر تەھلىل قىلىپ ئولتۇرمايمەن. ئېيىتماقچى بولغىنىم شۇكى، لۇغەتتە «ھەق» ئۈچۈن « توغرا، راسىت» قا ئوخشاش مەنا بىرىلىدۇ ۋە ھەقنىڭ قارشىسى «باتىل» ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. «باتىل» دىگىنى خاتا ئىشەنىچ، خاتا چۈشەنچە، توغرا بولمىغان پىكىر دىگىنىدۇر.

  ئەمدى «ھەق» قە تەئەللۇق بەزى تەرىپلەرگە ئۆتىمەن. بۇلارنى «ھەقىقەتنىڭ تەرىپى» دەپ قوبۇل قىلىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن.  «ھەق دىگەن ئىنكار قىلىش مۇمكىن بولمىغان ئۆزگەرمەس نەرسىدۇر».

   «مەۋجۇت بولغاننى ھەق دەيمىز، يوق بولغان ھالبۇكى باتىلدۇر».

بۇ تەرىفلەرنىڭ ئومۇمىي نۇقتىسى: ھەقنىڭ شەخىسلەرگە قاراپ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئەكىسچە مەلۇم بىر ئاساسقا تايىنىدىغانلىقىدۇر.

ماۋزۇنى يەنە بىر ئاز ئايدىڭلىتىش ئۈچۈن سەندىن بىر سۇئال سوراي:« قۇياش يەر شارىدىن قانچىلىك چوڭ؟».

  بۇ سۇئالغا «بىر مىلىيون ئۈچيۈزمىڭ ھەسسە»، دەپ جاۋاپ بەرسەڭ، ھەقىقەتنى ئېيىتقان بولىسەن. سىنىڭ بۇ سۆزۈڭنى ھەقىقەت قىلىپ تۇرۋاتقان نىمە ، بىلەمسەن؟  مەۋجۇتلۇقتا، يەنى قۇياشنىڭ يەردىن ئاشۇنداق چوڭ بولىشىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدۇر.  يەنى، سىنىڭ بۇ ھۆكۈمىڭ بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىپادىسى بولدى.

  بۇ ھەقىقەتنىڭ ئۆزگەرمەس ۋە قەتئىي بولىشىغا قارىماي، ئەگەر جىمى ئىنسانلار بىر بولۇپ قارشىلىق بىلەن باشقا بىر ساننى ئېيىتسا، مەسىلەن، «قۇياش يەردىن مىڭ ھەسسە چوڭ»، دىسە، ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟!

  ئېسىڭدە بولسا دوستۇمنىڭ كىتاپ دۇككىنىدا ساڭا بىر سۈرەتنى كۆرسەتكەن ئىدىم. ئەنە شۇ سۈرەت بىر ھەقىقەتنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئۇنىڭدىكى مەنزىرىلەر يەر يۈزىدە مەۋجۇت ئىدى... ئەمما خىيالى رەسىملەر ۋە سىزىلغان سۈرەتلەر ھەققىدە بۇنداق دىمىگەن ئىدۇق، بۇلارغا يەر يۈزىدىن ئورۇن تاپالمىغان ئىدۇق...

  كۆردىڭمۇ، قۇياش ھەققىدە ئېيتىلغان خاتا رەقەملەر شۇ خىيالى رەسىمگە ئوخشايدۇ...

دېمەك، پەن ساھەسىدە ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس بىر «ھەق قارىشى»، «ھەق نەزىرى»، «ھەقىقەت چۈشەنچىسى» بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. دىيىلگەن سۆزلەر «كائىنات كىتابى» بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ كۆرىلىدۇ. ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كەلسە ھەقىقەت بولىدۇ.

بىر ئالىم:«ئىنسان كۆزى ئالەمدە مەۋجۇد نۇرلارنىڭ پەقەت ئۈچ پىرسەنتىنى كۆرەلەيدۇ»، دەيدۇ. بۇنىڭغا كۆرە، بىز ئۆزىمىز ئىچىدە ياشاۋاتقان فىزىك (ماددى) ئالەمنىڭ پەقەت ئۈچ پىرسەنتىنى كۆرەلەپتۇق خالاس...

  مەلۇمكى، يىراقنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆزنىڭ ئۆزى يىتەرلىك ئەمەس. چۈنكى مۇتلەق قاراڭغۇلۇقتا بىر نەرسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەقىل بىلەن بىرەر ھەقىقەتنى تېپىشمۇ كۆز بىلەن نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئوخشايدۇ، ئەمما ئارىسدا پەرىق بار: بىرى مەنىۋىي بولسا، ئىككىنجىسى ماددىيدۇر. مەسىلەن كۆز ماددىي نەرسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ماددىي نۇرغا ئېھتىياجلىق بولغىنى كەبى، ئەقىلمۇ مەنىۋىي ئالەملەردىكى ھەقىقەتلەرنى  كۆرۈش ئۈچۈن مەنىۋىي نۇرغا ئېھتىياجلىق. بۇ مەنىۋىي نۇر ئىماندۇر.  ئەقىل بىلەن ماددى ئالەمدىكى بەزى ھەقىقەتلەرنى تېپىش مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭدىكى مەنالەرنى مەنىۋىي نۇر ۋاستىسى بىلەنلا كۆرەلەيدۇ.

  سۆزىمىزنى يەنە داۋام ئىتەيلى. ھەر بىر ئالىم، گوياكى پۈتۈن ئىنسانىيەت نامىدىن، كائىنات كىتاۋىنىڭ بىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا، بىر ھەرپىنى ئاڭلاشقا ئۇرۇنماقتا. بەزىسى ياپراقنى، بەزىسى تۇپراقنى، يەنە بەزىسى مىڭىنى، بىرى يۈرەكنى ھەيرانلىق بىلەن تەتقىق قىلماقتا.

  ھەربىر ئاتوم، ھەربىر ھۈجەيرە، ھەربىر باكتىريە، ھەربىر ياپراق، ھەربىر مېۋە، ھەربىر ھاشارەت، ھەربىر سەييارە گوياكى بىر ئىلىم خەزىنىسىدۇر.

  ھەقىقەتنى ئىزدىگەن ئالىم، بۇ مەنزىرە ئالدىدا ئۆزىدىن شۇ سۇئالنى سورىشى كىرەك:« جانسىز ۋە ئاڭسىز كائىناتنى بۇ قەدەر مەنالار بىلەن كىم تولدۇردى؟ ئۇ زاتنى قانداق چۈشىنىشىم كېرەككى، بۇ چۈشىنىشىم «ھەق» بولسۇن؟!

   ئەنە شۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرەلىگەن ئىنسان ھەقىقەتنىڭ ئىشىكىنى ئاسانلا تاپىدۇ. يۇقۇردا بىز ئىماننى مەنىۋىي نۇر دىدۇق. بۇ نۇرنىڭ ئاساسى مەرىپەتتۇر. يەنى ئاللاھنى تونۇش ۋە بىلىشتۇر.

  ئەمدى ھەق ئۈچۈن كەلتۈرگەن تەرىفلىرىمىز سايىسىدە شۇنداق ئويلىشىمىز لازىم:« ئاللاھنىڭ مۇقەددەس زاتى ۋە سۈپەتلىرى مەۋجۇتلىقىدا قانداق بولسا، ئىىنسان ئۇنى شۇنداق بىلىشى كىرەك. ئەكسىنچە بولغاندا، بارچە سۆزلىرى باتىل ۋە سەپسەتە بولۇپ قالىدۇ. .ئاللاھنى بۇ چەكلىك ئەقلىمىز بىلەن بىلشىمىزنىڭ بىرلا يولى بار:« ئاللاھنى ئۆزى بىلدۈرگەندەك بىلىش».

بۇنىڭ ئۈچۈن ھالبۇكى:« ئۇ نازىل قىلغان كىتاپلارنى ئوقۇشىمىز ۋە ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ دىگەنلىرىنى ئاڭلاش...».

ئىنساننىڭ بۇ ماۋزۇدا بىرىدىغان ھۆكۈمى پەقەت شۇ ھالەتتىلا ھەقىقەت بولىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى سۆزلەر باتىلدۇر.

گەپنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى:« كائىنات ئاللاھنىڭ مۈلىكى، قۇرئان ئۇ ئاللاھنىڭ كىتابى، ئىنسان ئاللاھنىڭ بەندىسى... بۇ بەندە تەبىئەتكە ئائىت گەپ قىلىۋاتقان بولسا، گېپى چوقۇم كائىنات كىتاۋىغا مۇۋاپىق بولىشى كىرەك. ئىلاھى ھەقىقەتلەر ئۈستىدە گەپ قىلىۋاتقان بولسا، گېپى چوقۇم ئىلاھى پەرمانغا ئۇيغۇن بولىشى كىرەك».

   قۇرئان تەربىيەسى كۆرگەن ئەقىل شۇنداق پىكىر قىلىدۇ:

« بۇ كائىنات ھەربىر ھەرىپى چەكسىز مەنالارغا تولغان بىر كىتاپ ئىكەن، ئۇنى يازغان زات، زاتىدا بولسۇن ياكى سۈپەتلىرىدە بولسۇن، ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلارغا ھەرگىز ئوخشىمايدىكەن. ئۇ زاتنى ئەقلىمگە كەلگەن ھەرقانداق تەسەۋۋۇردىن، خىيالدىن باشقىچە تونۇشۇم كىرەك ئىكەن.

   كائىناتتىكى جىمى مەۋجۇداتنى ياراتقان زاتنى ماكاندىن تاشقىرى، ماكاندىن خالى دەپ بىلىشىم كېرەككەن. ماكاننى ياراتقان زات ئەلبەتتە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق بولمايدۇ.

ھەر ۋاقىت يېڭى يېڭى مەۋجۇداتلار ۋۇجۇتقا كىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىجاتكارىنى زاماندىن خالى، ۋاقىت ئاستىدا بولمىغان دەپ بىلىشىم زۆرۆر".

  ئىنسان ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن تەڭ، ئۆزىنى ھەم پۈتۈن مەۋجۇداتنى ئۇنىڭغا مەنسۇپ دەپ بىلىدۇ. يەنى:« بىز ھەممىمىز ئاللاھنىڭدۇرمىز. پۈتۈن بارلىقلار ئۇنىڭ مەخلۇقى. بارچە ئالەملەر ئۇنىڭ مۈلىكى، پۈتۈن سۈرەتلەر ئۇنىڭ تەسۋىرى، بارچە گۈزەللىكلەر ئۇنىڭ زىننەتلىگىنى»، دەيدۇ.

ئىنسان بۇ مەنسۇپلۇقنى تەسدىق قىلسىمۇ ياكى تەسدىق قىلمىسىمۇ ھەقىقەت زەررىچە ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمما تەسدىق قىلىشى بىلەن ئىنسان بەكمۇ كۆپ نەرسىلەرگە ئىرىشىدۇ. «ئىنسانلار كۆپۈنچە ھالدا ئۆزىگە بىرىلگەن قابىلىيەتنى خاتا يولدا قوللىنىدۇ». بەكمۇ قىممەتلىق بۇ سەرمايىلەرنى ئۆتكۈنچى، كېرەكسىز نەرسىلەرگە سەرىپلەپ، يوق قىلىدۇ.  پالانچىنىڭ ئۆيى، پوكونچىنىڭ  ماشىنىسى، پۇستانچىنىڭ مەنسىپى، ئۇنىڭ مال ـ دۇنياسى... دەپ، دۇنياۋى شۆھرەت، دۇنيا ئويۇنلىرى بىلەن ۋاقىتلىرىنى زايە قىلىدۇ...

  مەكتۇبۇمنى جىق ئۇزارتىۋەتمەي. لىكىن بۇ ماۋزۇنى ئىككى ئۈچ ئېغىز گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولمايدىغانلىقىمنى بىلىسەن.

  يېزىلغانلارنى چۈشىنىشتە بەلكىم قىينىلارسەن. بىراق بۇ قىيىنچىلىق كەلگۈسىدە ساڭا كۆپ ھوزۇر ئېلىپ كىلىدۇ. شۇ كەمگىچە يازغانلىرىمدا چۈشىنىكسىز يەرلەر بولسا، ئەلۋەتتە سورىغىن.  ئىنشائاللاھ، كىيىنكى خېتىمدە بەكمۇ مۇھىم بىر مەسىلە ئۈستىدە گەپ يۈگۈرتىمەن.

  سالام بىلەن...»


   مەكتۇبۇمنى ئەۋەتكەندىن كىيىن دەرھال كىيىنكى مەكتۇبنى يېزىشقا تۇتۇش قىلدىم. ئۇنىڭدىن كىلىدىغان مەكتۇبنى كۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.

  بۇ مەكتۇبۇمدا ئۇنىڭ بىلەن مەلۇم ئۆلچەم ئاساسىدا كىلىشمەكچى ئىدىم. چۈنكى ئۆلچەمسىز سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجە بەرمەسلىكىنى ياخشى بىلەتتىم.

  بۇ «ھەقىقەت» ئاساسىدىكى مەكتۇبۇمنىڭ ئاخىرقىسى ئىدى. ئەمدى ئىنىق ھادىسىلەر ھەققىدە گەپ قىلىپ، خۇليانىڭ باشقا سۇئاللىرىگە جاۋاپ بەركچى ئىدىم. ئۇنىڭغا مۇنۇلارنى يازدىم:


تۆتىنجى مەكتۇب


«ھەقىقەتنى ئىزلەۋاتقان خۇليا:

  ئەرـ ئاياللار باراۋەرلىكى، ئايال كىشىنىڭ ھەقىقى ۋەزىپىللىرى، ئىلاھى ئادالەت، ئۆلۈم ۋە ئۇنىڭ كيىنكى تەرپىگە ئوخشاش ناھايىتى مۇھىم ماۋزۇلار ھەققىدە سورالغان سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى يەنە كىچىكتۈرمەكچى ئەمەسمەن. سەندىن يېڭى بىر سۇئال كەلمىسە، «ھەقىقەت مۇنازىرسى»نى بۇ مەكتۇبۇمدا ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن. ئۆتكەنكى مەكتۇپلىرىمدا« بۇ كائىناتنىڭ ئىگىسىنى قانداق بىلسەك، ھەق بىر ئىشەنىچكە ئېرىشكەن بولىمىز؟» دىگەن ماۋزۇدا بىر نەرسىلەر يېزىشقا تىرىشقان ئىدىم. ئەمدى «كائىنات ۋە ئىنساننى قانداق باھالىشىمىز كىرەك» لىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.  نىسىپ بولسا، كىيىنكى مەكتۇبلىرىمدا تەپسىلىرەك يازارمەن.

  كائىنات بىر ساراي، ئىنسان ئۇنىڭدا مىھماندۇر.  ئىنسان ۋە كائىنات باسقۇچمۇ باسقۇچ يارتىلغان. كائىنات ھەر ۋاقىت ئۆزگەرمەكتە. ئىنسانلار توختاۋسىز كائىنات مېھمانخانسىغا كىلىپ كەتمەكتە. بۇ توختاۋسىز پائالىيەتلەر ئەقىل ئىگىللىرىگە بىر ھەقىقەتنى بىلدۈرمەكتە:

ـ ھەر نەرسە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىكەن. شۇنداق بولغان ئىكەن بۇلارنى ئۆزگەرتكۈچى« بارلىقى ھەق، بىقارار ۋە ھىچبىر ئۆزگەرتىشكە ئۇچۇرمايدىغان بىر زات» بولىشى كىرەك...

بۇ ئاخىرقى ئىپادە، ئاللاھنىڭ ھەق ئىسمىنىڭ تەرىپىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئىسىمنىڭ تەرىفى شۇنداق بايان ئىتىلىدۇ:

« مۇتلەق ھەق ئۆز زاتى بىلەن بار بولۇپ، ئۇ زات ھەقىقى مەۋجۇتتۇركى، ھەق بولغان مەۋجۇداتلار ھەقىقەتنى ئۇ زاتتىن ئالىدۇ».

  بۇ بىر جۈملە كەڭ مەنالارغا قىسقىچە بىر ئىشارەتتۇر. ئاللاھنىڭ باشقا سۈپەتلىرىگە ھەم نەزەر سالىمىز.  ئاللاھنىڭ ئىلىم سۈپىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. ئاللاھنىڭ ئىلىمى چەكسىزدۇر. خاتالىقتىن، ئۆزگىرىشتىن ۋە ئۇنتۇشتىن خالى ۋە پاكتۇر. ھالبۇكى ئىنساننىڭ ئىلىمى ئۆزىگە ئوخشاش ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.  تۈنۈگۈن توغرا دىگىنىنى بۈگۈن خاتا دىيىشى مۇمكىن...

   مەسىلەن، ئۆتكەن بىر چاغلاردا « قۇياش يەرنىڭ ئەتراپىدا ئايلاندى» دىگەن ئىدۇق. ھازىر ھالبۇكى ئۇنىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلىدۇق ۋە ئىنساننىڭ قۇسۇرىنى ئىتراپ قىلدۇق.

  ئاللاھنىڭ ئىلىمىدە بىرەر ئۆزگىرىشنىمۇ تەسەۋۋۇرر قىلىش ھەم مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى يەرمۇ، ئاسمانمۇ، كائىناتمۇ ئاللاھنىڭ مۈلىكى. بۇلارنىڭ قانداق ھەركەت قىلىشىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق كىم بىلەلەيدۇ؟!

  ئىنسانلار يەرنىڭ ئايلىنىشى بىلگەندىن كىيىن نىمە قىلدى، بىلەمسەن؟ ئېيتىپ بىرەي، يەرنىڭ ھەركىتىنى ئاللاھنىڭ ئىلىمىگە مۇۋاپىقراق بىلدى ۋە بۇ يېڭى بايقىشىنى شۇنداق ئىلان قىلىشتى:« ھەقىقەتنى تاپتۇق!».

   بۇنداق ئىلان قىلىشى ھەقلىق ئىدى. چۈنكى بۇ ھۆكۈملەر ھەقىقەتنىڭ تەرىفىگە مۇناسىپ ئىدى، يەنى ھەقىقەتنىڭ ۋاقىلىكىگە (مەۋجۇتلىقىغا) مۇۋاپىق ئىدى...

مانا خۇليا!

   «كائىنات نىمىشقا يارىتىلغان؟» ۋە « ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋەزىپسى نىمە؟» دىگەن سۇئاللىرىڭغا بىرىدىغان جاۋاپلىرىمىز ھەقىقەت بولۇشى ئۈچۈن ئىلاھى ئىلىم (ئاللاھنىڭ ئىلىمى) ۋە ئىرادىسىگە مۇۋاپىق بولىشى شەرت.   ئەكسىنچە بولغاندا، ئۆزىمىزنى ۋە باشقا ئىنسانلارنى ئالداشتىن باشقا ھىچ نەرسە قىلمىغان بولىمىز...  ھەقىقەت ئەسلى نىمە بولسا شۇدۇر. ئۇنىڭدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ... ئويلاپ باققىن، بىر كىشى تەرپىدىن ياراتقان نەرسىنىڭ يارىتىلىش غايىسىنى كىم بەلگىلەيدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنى ئۆز ئىلىمى ۋە قۇدرىتى بىلەن ياراتقان زات بەلگىلەيدۇ.  مادامىكى، ئىنسان مەخلۇق (يارىتىلغان) ئىكەن، قانداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ يارىتىلىش غايىسىنى ئۆزى بەلگىلىيەلەيدۇ ۋە ئۆز ئىستىكى بويىنچە ئۆزگەرتەلەيدۇ؟  مەخلۇقنىڭ  غايىسىنى، دۇنيادىكى ۋەزىپىسىنى ياراتقۇچىسىلا بەلگىلەيدۇ.

   دېمەك، «ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى نىمە؟» دىگەن سۇئالىڭغا بىرىلىدىغان جاۋابىمىز تۆۋەندىكىدەكتۇر:

« ئاللاھ ئىنساننى نىمە ئۈچۈن ياراتقان بولسا، ئۇنى قانداق ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن بولسا، نىمىلەرنى قىلىپ، نىمىلەرنى قىلماسلىقنى، قانداق ياشاشنى ئىرادە قىلىپ تەيىن قىلغان بولسا، ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى شۇدۇر. ئىنسانغا لازىم بولغىنى بۇلارنى سوراپ بىلىش، سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىزدەپ تېپىشتىن ئىبارەت.

  ئەكىس ھالدا بولسا، ئىنسان ئاللاھنىڭ ھۆكىمىگە قۇلاق سالماي، تۇغۇلۇپ ـ ئۆسۈشكە، ئۇخلاپ ئويغۇنۇشقا، ئۆلۈپ تىرىلىشكە ۋە نىھايەت ھىساپ ـ كىتاپ قىلىشقا مەھكۇم بىر ئاجىز ئىنساننىڭ شەخسى قاراشلىرى، شەخسى پكىلىرى بىلەن بۇ سۇئالغا توغرا جاۋاپ تاپالمايدۇ.  

  كىلەچەك مەكتۇبلىرىمدا سىنىڭ ھەممە سۇئاللىرىڭغا بۇ ھەقىقەتنىڭ نۇرى ئاستىدا جاۋاپ بىرىمەن. ئۈشبۇ مەكتۇبۇمنى كۆپتىن بىرى يادىمدا قالغان بىر ھىكىمەتلىك سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن:

« ئاللاھ بىردۇر، ئۇنىڭ يولىمۇ بىردۇر. قارىمامسىز، ئىككى نۇقتىنى تۇتاشتۇردىغان تۈز سىزىق بىردۇر. ئەمما جاھالەت ۋە زالالەت يوللىرى ناھايىتى كۆپ. ھەقىقەتەن، ئىككى نۇقتىنى تۇتاشتۇرغۇچى ئەگرى سىزىقمۇ ناھايىتى كۆپدۇر...».

  ساڭا يوغرا يولنى تېپىشىتا مۇۋەپىقيەتلەر تېلەيمەن.

  سالام بىلەن..."


ئاخىرقى مەكتۇپنى ئەۋەتكىنىمگە بىر ئايدىن ئاشقان ئىدى. ئاخشام كۇتۇپخانىغا كىرسەم،«جاۋاپ خەت كەلدى » دىدى. ئالدىم...

مەكتۇپتا پۈتۈنلەي باشقا بىر خۇلياغا دۇچ كەلدىم. ئۇنىڭ قەلبىدىكى غەم ـ غۇسسىنىڭ ئورنىنى ھاياجانلار ئىگەللەۋاتقانلىقى يازغان قۇرلىرىدىن ئوچۇق سىزىلىپ تۇراتتى.  مەكتۇپتا قەلەم كۈچى ئىپادىلەپ بىرەيمەيدىغان بىر خىل روھ ھۈكۈمران ئىدى. بۇ روھ ھەقىقەتنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى ھاياجان بىلەن ئىزدىگەن روھ ئىدى. ئۆتكەن ۋاقىتلار مابەينىدە خۇليانىڭ خىلى كىتاپ ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ھاياجىنى جۈملىللىرگە سىغماي تولۇپ تاشماقتا ئىدى. مەكتۇپ ئاخىرىدا مۇنداق دىيىلگەن ئىدى:«سۆھبەتلىرىم ئاساسەن ئاياللار بىلەن ئۆتمەكتە. تۈرلۈك ھاياتى پىكىرلەر ۋە ئاياللارغا خاس قاراشلارغا يۈزمۇـ يۈز كەلمەكتىمەن. ئۇلارغا نىملەرنىدۇر ئاڭلىتىشنى خالايمەن، ئەمما كۆپۈنچە بۇنىڭغا بەكمۇ ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلىمەن.

مەكتۇپلىرىڭىزدىن چۈشىنىشىمچە، بۇ پىكىرلەرنىڭ بىرسىلا توغرا، ئۇ بولسىمۇ بىزلەرنى ئايال قىلىپ ياراتقان ۋە بىزگە ھاياتلىق بەرگەن رەببىمىزنىڭ ھۆكۈمىدۇر. بۇ ھەقىقەتكە پۈتۈن روھىم بىلەن ئىشەندىم. ئەمما بۇ ھەقىقەتنى باشقىلارغا ئۆزۈم ئاڭلىغاندەك ئاڭلىتالماپتىمەن. بەلكى بۇنىڭغا بىز ئاياللارنىڭ نەسىھەتنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشدا ئەرلەردىن سەل سەۋىرسىز ئىكەنلىكىمىز سەۋەپچىدۇر. قانداق بولسۇن نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ. سىزدىن بۇ ماۋزۇدا يەنە بىر مەكتۇپ يېزىشىڭىزنى ئىلتىماس قىلىمەن».

مەكتۇپنىڭ جاۋابىنى يېزىشقا ئالدىراپ كەتمىدىم. چۈنكى ئۇنىڭ ھەقىقەتنى تېپىش يولىدا جىددىي ھەركەت قىلۋاتقانلىقى سىزىلىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ يەنىمۇ كۆپ ئوقۇشىنى، ئىزلىنىشىنى، بىلىمىنى ئاشۇرىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم.

ئارىدىن بىر ئايچە ۋاقىت ئۆتتى. ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى مەكتۇپنى يازدىم.


بەشىنچى مەكتۇپ


«ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقان خۇليا!

كۇتۇپخانىغا قويۇپ كەتكەن خەتلىرىڭنى ئالدىم. ئەۋۋالقىسىدا ئاياللارغا ئائىت پەقەت بىرلا سۇئال سوراپسەن، ئۇ بولسا ئەرـ ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك مەسىلىسى ئىكەن. كىيىنكى خېتىڭدا بۇ مەسىلىگە ئۇنچىۋالا كۆپ ئېسىلۋالمىغىنىڭ مىنى ھەيران قالدۇردى. دىمەك، «ھوقۇقىمىز ئەرلەر بىلەن تەڭمۇ ياكى؟» دىگەن سۇئالنى كاللاڭدىن چىقىرۋىتىپسەن. ئۇنىڭ ئورنىغا «ئاياللارغا نىمىلەرنى ئاڭلىتالايمەن، ئۇلارغا قانداق قىلسام پايدام تىگىدۇ؟» دىگەن پىكىرنى قويۇپسەن. سىنى تەبرىكلەيمەن. بۇ ئىپادەڭدىن سىنى ،«تەڭ ھوقۇقلۇق» ھەققىدە يازماس بوپتۇدە، دەپ ئويلىدىم. بۇ ھەقتە يەنە بىرئاز پىكىر بىلدۈرۈپ ئۆتىمەن، خالاس.

خۇليا، بۇ ئالەمگە بىر قارىغىنە... كائىنات تىنىمسىز ھەركەتتە. قۇياش ئۆزىگە خاس تىزلىكتە ھەركەت قىلماقتا. سەييارىلەر قۇياش ئەتراپىدا ئايلانماقتا. قۇياش سېستىمىسى مەلۇم بىر تەرەپكە قاراپ ھەركەت قىلماقتا. بىر نەچچە قۇياش سېستىمىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سامانيولى تۈركۈمىمۇ يەنە باشقىچە بىرخىل پائالىيەت ئىچىدىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن بىزنىڭ بىۋاستە ئالاقىمىز بار. يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ۋە قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆر! ھەر ئىككى ھەركەت ھەرخىل تىزلىكتە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاپتۇبۇسنىڭ تىزلىك بىلەن بۇرۇلىشى نەتىجىسىدە ئاشقازانلىرى چايقىلىپ، بىئارام بولىدىغان ئاجىز ئىنسان، يۇقارقى ئىككى جەرياننىڭ دەھشەتلىكىگە قارىماي، خاتىرجەم ۋە بەخىتلىك ياشاۋىتىپتۇ. يەرشارىمۇ يولىدىن قىلچىلىك چەتنىمەي ساياھىتىنى قىلىۋىتىپتۇ.

نىمە ئۈچۈن؟ ئىنساننىڭ راھەت ـ پاراغەت ئىچىدە ئويناپ ـ كۈلۈپ ، غەپلەتتە ياشاپ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشى ئۈچۈن ئەمەس، ئەلۋەتتە!

كائىناتتىكى تىنىمسىز ھەركەت جەريانى ھەربىر جىسىمدا ئۆزىگە خاس بىر شەكىلدە نامايەن بولىدۇ، شۇ جۈملىدىن ئىنسان ھۇجۇدىدىمۇ ھەم.  يۈرەك توختاۋسىز سوقماقتا، تومۇرلىرىمىزدا قان تىنىمسىز ھەركەتلەنمەكتە، ھۈجەيرىللىرىمىز ئۈزلۈكسىز يېڭىلانماقتا. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھىچقايسىسى ئىنساننى بىئارام قىلمايدۇ، قىينىمايدۇ. نىمە ئۈچۈن؟ ھەر قانچە بولسىمۇ ھىكىمىتىنى، ھەقىقىتىنى ئاڭلىماستىن ياشىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس! ...

كائىنات ۋە بەدىنىمىزدە ئۈزلىكسىز داۋام قىلىۋاتقان بۇ جەياننىڭ روھىمىزدا ئەكىس ئەتكەن تەرپىنى دائىما ئويلاش ۋە پىكىر قىلىشتۇر. ئىنسان ھەتتا ئۇيقىسىدىمۇ ئويلايدۇ. شۇنداق ئىكەن پۈتۈن مەسىلە بىر چۈشەنچىگە،يەنى«ئويلاش»قا مەركەزلەشمەكتە. بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرپى.

ئىنسان ئويلىسۇن دەپ قۇياش تىنىمسىز نۇر تارقاتماقتا. ئىنسان ئويلىسۇن دەپ يەرشارى توختىماي ئايلانماقتا. نىمىنى ئويلىسۇم دەپ؟ ھەر ھالدا پەقەت نەپسىنى ۋە شەھۋىتىنى ئويلىسۇن دەپ ئەمەس...

«ئىنسانلار ئۇيقۇدىدۇر، ئۆلگەندىن كىيىن ئويغىنىدۇ» دىگەن ھەدىس شەرىف نىمىدىگەن ھىكمەتلىك ھە، شۇنداق ئەمەسمۇ؟!  ئەمما ئەڭ مۇھىمى، خۇليا، ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئويغۇنىشتۇر. «ئۆلمەستىن ئاۋۋال ئۆلۈڭلار!» دىگەن ھەدىس شەرىفنىڭ مەنىسى ھەم شۇنى دالالەت قىلسا كىرەك.

سۆزۈمنىڭ بۇ يېرىدە ساڭا بىر ھادىسىنى ئېيتىشنى توغرا تاپتىم. نەچچە يىل ئىلگىرىكى بۇ ۋەقە كاللامدىن كەتمەيدۇ. بىر قەبرىستان بار ئىدى. شەھەرن كىڭەيتىشنى ئويلىغان رەھبەرلەر يۆتكەشكە بولمايدىغان ھۆكۈمدە بولغان ، خاتىرە ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى بۇ جىمجىت ماكاننى يۆتكىمەكچى بولدى ۋە بۇنى ھەر تەرەپكە ئېلان قىلىشتى:«پالان قەبرىستان پالان ۋاقىتتا بۇزۇلىدۇ، خالىغان كىشىلەر ئۆزىگە تەە جەسەتلەرنى پالان قەبرىستانغا يۆتكىسۇن...»

ئېلانغا ئىتبار بەرگەن كىشىلەر دىگەندەك كۆپ چىقمىدى. چۈنكى يېڭى ۋاپات بولغانلار يېڭى قەبرىستانغا دەپنە قىلىنماقتا ئىدى. كونا قەبرىستاندىكى قەبرىلەرنىڭ كۆپۈنچىسىگە ئىگە چىقمىدى.

شۇنداق قىلىپ ئېلاندا دىيىلگەن كۈنمۇ يىتىپ كەلدى. ئىشچىلار قەبرىستاننى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىپ تەكشىلىدى. قەبرىلەردە جەسەتلەرنىڭ ئەسىرىمۇ قالمىغان ئىدى.ئىشچىلار تېخى چىرىپ ئۈلگۈرمىگەن سۆڭەكلەرنى بىر ـ بىرىگە ئارلاشتۇرۇپ، يۈك ماشىنىسىغا بېسىشتى. ماشىنىلار نۆۋەت بويۇنچە يولغا چىقىشتى. بۇ غېرىپ مەنزىرە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. شۇ كۈنى سۆڭەكلىرى ماشىنىغا بېسىلغان ئىنسانلار تېخى يېقىنقى چاغلاردا مۇشۇ شەھەرنىڭ ئاھالىللىرى ئىدى، ئارىسىدا بايلىرىمۇ، كەمبەغەللىرىمۇ بار ئىدى. ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلى بىرـ بىرىنىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىنى كۆرەلمىگەن، بىرـ بىرىلىرى بىلەن جىدەللەشكەن ئەشەددىي رەقىبلەر مانا ھازىر بىر جايدا، يانمۇـ يان، ئارلىشىپ كىتىشىپ، بىر ماشىنىدا شەھەرنى تەرك ئەتمەكتە ئىدى. ئارىللىرىدا ئاشۇق ـ مەشۇق بولغانلىرىمۇ بار ئىدى. ھازىر بولسا ھەممىسىنىڭ تۇپراقلىرى بىر ماشىنىدا بىر جايغا توپلىنىپ، يېڭى غاپىللار قۇرغان بۇ شەھەرنى تەرك ئەتمەكتە ئىدى...

ئۆلۈم توغرىسىدىكى تۆۋەندىكى ھەدىس ـ شەرىف بەندىلەر ئۈچۈن بۈيۈك بىر ئاگاھدۇر:«لەززەتلەرنى ئاچچىق قىلغۇچى ئۆلۈمنى كۆپ ئەسلەڭلار!».


خۇليا، شۇنى ئىسىڭدە تۇتقۇنكى ئەتىنى ئويلىماسلىق دەرتكە داۋا بولالمايدۇ. كۆزنى يۇمۇۋالغانغا ھەقىقەت يوقاپ كەتمەيدۇ، جۈملىدىن ئۆلۈممۇ شۇ. ئىمتىھانلارنى ئۇنتۇش بەدىلىگە ئۆتكۈنچى خاتىرجەملىك بەخىش ئىتىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ غەپلەتنىڭ نەتىجىسى ئۇنتۇلماس تەشۋىشتۇر، ئازاپ ۋە ئىزتىراپلاردىن ئىبارەتتۇر. سەرمايىسىنى ئۆلچەمسىز سەرىپ قىلغان سودىگەر ۋاقىتلىق پايدا ئېلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بەكمۇ ئاچچىق ۋە ئېغىر بولىدۇ. كېلەچەكنى ئويلىماسلىق، بۈگۈنى ئۈچۈنلا ياشاش ئىنسانلارغا خاس ھايات ئۇسۇلى بولمىسا كىرەك...

ئۆلۈمنى ئۇنتۇشقا ھەركەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ھالىتىنى شۇنىڭغا ئوخشىتىمەن: ـ ئالايلۇق، ھوجۇراڭدا ياكى بىر باغدا دەم ئېلىپ ئولتۇرۇپ، ئۆمىلەپ كىتىۋاتقان بىر ھاشارەتكە كۆرۈڭ چۈشتى. ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ياكى ئەرمەك قىلىپ ئويناش ئۈچۈن ئىگىلىپ ئۇنىڭغا قول ئۇزاتتىڭ. ھېلىقى ھاشارەت قورقۇپ، ئارقىسىغا بۇرۇلدى ۋە تېز سۈرئەتتە قېچىشقا باشلىدى. ھاشارەت قچىپ سەل نېرىدىكى ئۆزىدىن چوڭراق بولغان، مەسىلەن بىر گۇگۇت قۇتىسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرنىۋالدى. بوينۇڭنى سەل سوزۇپلا ئۇنى يەنە تاماششا قىلىۋەردىڭ.

ئەتراپ تىنىق ئاڭلانغۇدەك تىنىچ. ئېيتايلى، باشقا بىر ھاشارەت ئۇنىڭ يېنىغا باردى. سەندىن قاچقان ھاشارەت ھېلىقى شىرىكىگە:«باياتىن ئاجايىپ بىر مەنزىرىگە يولۇقتۇم، ئالدىمدىن ناھايىتى يوغان بىر مەخلۇق چىقتى، مەن ئۇنى كۆرۈپ شارتتىدە بۇرۇلۇپ قېچىپ كەتتىم. خەيرىيەت، مانا ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇم» دىگىنىنى ئاڭلىغاندەك بولىسەن گويا.

بىزنىڭ ئۆلۈم پەرىشتىسى ئالدىدىكى ھالىتىمىزمۇ يۇقارقىدىن پەرىقلەنمەيدۇ. قەيەرگىدۇر بېرىۋالايلى، قەيەرلەرگىدۇر يوشۇرنىۋالايلى، ئۇنى ئۇنتۇش ئۈچۈن مەئىشەتكە چۆمۈپ، قانداقتۇر چارىلەر تاپايلى نەتىجە پەقەتلا ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇ بىزنى ھەرۋاقىت كۈزىتىپ تۇرالايدۇ ۋە جېنىمىزنى ئېلىش ئۈچۈن ئاللاھتىن بۇيرۇق كۈتمەكتە...

شۇنداق ئىكەن ئۆلۈمدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇش ياخشىمۇ ياكى روھىمىزنى ئۆلۈم پەرىشتىسىگە پاكىز ھالدا تاپشۇرۇشقا ھەركەت قىلىشىمىز ياخشىمۇ؟ مەكتۇبىڭدا ھەرخىل ھاياتى پىكىرـ چۈشەنچىلەرگە دۇچ كەلگىنىڭنى ئېيتىپسەن. بىز مۇشۇ ماۋزۇ ئۈستىدە توختىلايلى...

دۇنيا ھاياتىنڭ ئەسلى ماھىيىتى بىر ھەدىس شەرىفتە شۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«دۇنيا ئاخىرەت ئۈچۈن بىر ئېكىنزار(دالا) كەبىدۇر». ئەقلىمىزدە جانلانغان ھەرـبىر چۈشەنچە، مىڭىمىزگە ئورناشقان ھەرـ بىر خاتىرە، كۆزىمىزگە تاشلانغان ھەرـ بىر سەھنە، قۇلقىمىزغا كىرگەن ھەرـ بىر سۆز، ئاغزىمىزدىن چىققان ھەرـ بىر جۈملە، تاشلانغان ھەرـ بىر قەدەم ۋە ئەڭ مۇھىمى قەلبىمىزدە ئويغانغان ھەرـ بىر سۆيگۈ بۇ دالاغا چېچىلغان ئۇرۇقدۇر. بۇ ساناپ ئۆتكەنلىرىمنىڭ ئارىسىدا توغرىسى بىلەن بىرگە ئەگرىسىمۇ، ياخشىسى يېنىدا يامىنى ھەم مەۋجۇت. ھەرـ بىر ئىنساننىڭ ھاياتى ئالاھىدە بىر دالا، ھەر بىر ئىنسان يىتىشتۈرگەن مەھسۇلاتىغا لايىق ھوسۇل ئالىدۇ. بىر دالاغا ئارپا تېرىغان بولسا، ئۇنى «ئارپا دالاسى» دەيمىز. دالا چېتىگە ئۈنۈپ قالغان ئوت ـ چۆپلەر دالانىڭ بۇ نامىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. گۈل تېرىلغان دالانى «گۇلزار» دەيمىز، بەزى بىرخىل ئوتلار چىقىپ قالسىمۇ، بەرىبىر ئۇ يەر گۇلزاردۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش ھەرـ بىر ئىنسان ھاياتىدا قىلغان ئىشلىرىغا قارتا نام ئالىدۇ. بۇ كۈننىڭ ئىنسانلىرىغا قانداق نام بىرىشنىمۇ بىلەلمەي قالىدىكەن كىشى. بىر قىلغان ئىشى ئىككىنجىسىگە ئەسلا توغرا كەلمەيدۇ. ئۆمۈر دالىللىرىدا پايدىلىق ۋە زىيانلىق ئوتلار، گۈل ۋە تىكەنلەر ئارلىشىپ كەتكەن. كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىللىرىدىن تارتىپ تاكى قىياپەتلىرگىچە كۆرگەنلەرنى شۈبھىلەندۈردىغان دەرىجىدە بىر ھالەتكە كەلدى(بەزىلەرنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىنى پەرىق قىلغىلى بولمايدىغان).

كۆرگىنىڭدەك، مانا بۇ ئۆمۈر ھەدىس شەرىفتە دىيىلگىنىدەك ياكى ساۋاپ(ياخشىلىق) دالاسى بولىدۇ، ياكى شەررى ـ گۇناھ(يامانلىق) دالاسى بولىدۇ. بىرىنچى خىلىنىڭ نەتىجىسى مۇكاپات بولسا، ئىككىنچىسىنىڭ نەتىجىسى پۇشايمان، نادامەتتۇر.

ھە، خۇليا، مانا مۇشۇنداق. ھەممە ئىمتىھاندا ھېساپـكىتاپ قىلىشقا مەھكۇم. ئاجىز ۋە كۈچلۈك، بىچچارە ۋە فەقىر... ئۇ بۇ ئىنسانلارنىڭ گەپلىرىنى بىر چەتكە سۈرۈپ، ئۆمۈرمىزنى گۈلزارلىققا، مەھشەر ھاياتىمىزنى بولسا سائادەت بوستانلىقىغا ئايلاندۇرۇشقا ھەركەتكە ئۆتەيلى، بۇ ئىشقا غەيرەت كۆرسىتەيلى...

قارا، خۇليا! بۇ دۇنيادا نەپسىمىزدىن قانچىلىك ھىساپ ـ كىتاپ قىلىپ تۇرساق، ئۇ دۇنيادا بىرىدىغان ھىسابىمىز شۇنچىلىك ئاسان بولىدۇ. ھاياتى دۇنيادا ھۆكۈمى ھالال بولمىغان ئىشلارنىڭ ئۆتكۈنچى لەززىتىدىن قانچىلىك كۆپ ۋاز كەچسەك، سىرات كۆرۈكىدىن ئۆتىشىمىز شۇنچىلىك ئاسانلىشىدۇ. لېكىن ئۆزىمىزنى قانچىلىك بوش قويۇۋەتسەك، ئاخىرەتتە شۇنچىلىك خارۇـ زارلىققا دۇچ كىلىمىز. بۈگۈن ئاللاھتىن قانچىلىك قورقىساق، ئۇ كۈندە شۇنچىلىك راھەت تۇرىمىز.  دەھشەتلىك مەھشەر مەيدانى بۇ دۇنيانىڭ ئاسىي ۋە ئىتائەتسىز كىشىللىرىنى كۈتمەكتە.

قىسقىسى خۇليا، ئالدىمىزدا خېلى كۆپ مەنزىل، توغرىراقى بىكەتلەر بار. بۇلاردىن ئامان ـ ئېسەن ئۆتۈش ۋە قارشى مەنزىلگە يىتىپ بېرىش ئۆزىمىزگە باغلىق. بۇ مەسىلىلەرنى ئۇنتۇپ، دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى لەززەتلىرىن زوقلىنىپ يۈرگەن، بىر كۈن كىلىپ ھەممىسى تۇپراققا ئايلىنىدىغان شۇ ئىنسانلارنىڭ رىياكار سۆزلىرىگە ئالدىنىش، ئۇلارنىڭ سەمىمىيەتسىز، شەھۋەتپەرەس مەدىنىيەتسىز تەسىرى ئاستىدا قېلىپ، نىھايەت ئۆلۈم كەلگەندە ئاسىي ھالدا ئۆلۈش ناھايىتى شەرمەندىچىلىكتۇر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە شۇنداق مەرھەمەت قىلىدۇ:« دۇنيا تىرىكچىلىگى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنلا ئىبارەت. تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟»(سۈرە ئەنئام 32ـ ئايەت).

ئەسلىدە، دۇنيا ھەم ئاللاھنىڭ مۈلىكى، ئاخىرەتمۇ شۇنداق. ئۇ زاتتىن باشقا كىمنىڭ بولسۇن؟! بىزنى ھەم شۇ زاتنىڭ مۈلىكى بولغان بۇ ئالەمگە ئۇنىڭدىن باشقا كىممۇ كەلتۈرەلىسۇن؟!

ئاخىرەت ئۇنىڭ باشقا بىر دىيارىدۇر. بىزنى ئۇ يەرگە پەقەت ئۇ ئۆزىلا ئېلىپ بارىدۇ. خالىساق ـ خالىمىساق ئۆلۈم بىكىتىدىن ئۆتۈپ ئۇ يەرگە يىتىپ بارىمىز.

ئۇ يەرگە بېرىپ ھىساپ ـ كىتاپقا تارتىلشىمىزنى بىلگەن ئىكەنمىز، ئەقىللىق ئىنسانلار قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟!  ئۆز شەخسىي دۇنيا قاراشلىرىنى بىر چەتكە سۈرۈپ، ئاللاھنىڭ « سىز ئۈچۈن خەيىرلىكتۇر» دىگەن تەرىپىگە يۈز كەلتۈرۈشتۇر. دۇنيا ھاياتىنى ياشاۋاتقىنىمىزدا، ئاخىرەت يولۇچىسى ئىكەنلىكىمىزنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەك. ئۇنى بىر ئازمۇ ھەم ئەقىلدىن يىراقلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

يۇقارقى ئايەت ئاخىرىدا:« ئەقىل يۈرگۈزمەمسىلەر؟» دىمەكتە. بۇ ئايەت دۇنيا ھاياتىنى«پەقەت ئويۇن، غەپلەت» دەپ تەرىفلەۋاتقان بولسا، بىر ھەدىس شەرىف دۇنيا ھاياتىنى «سەپەر»، ئۆزىمىزنى «مۇساپىر» دەپ بىلىشىمىزنى بۇيرىدى.

بىز سەپەردىكى مۇساپىرمىز.

دۇنياغا ئۆز خاھىشىمىز بىلەن كەلگىنىمىز يوق. دۇنيانىڭ ساھىبى ۋە بىزنىڭ خالىقىمىز بۇ سەپەرنىڭ ئاخىرىنىڭ ئاخىرىتكە بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە. شۇنداق بولغانكەن خۇليا، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ، ئويۇن ۋە كەيىپ ـ ساپا بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكەزگەنلەرنى «سەپەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان مۇساپىرلار» دەپ بىل. ئۇلارغا ھەۋەس قىلما. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ قۇلى ئىكەنلىكلىرىنى، يارىتىلغانلىقلىرىنى، سەپەردە ئىكەنلىكلىرىنى ئەسلەت. ئۇلارغا بۇ كائىنات كىتاۋىنى ئوقۇتۇشقا ھەركەت قىل. دەرەخنىڭ مىۋە، تۇپراقنىڭ دان بىرىشى ۋە ئانىنىڭ پەرزەنىت كۆرىشى ئوتتۇرسىدىكى ئوخشاشلىقلارنى كۆرسەت. بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسىنى باشقۇرۇپ، كۈزۈتۈپ تۇرغان زاتنىڭ بارلىقىنى ئاڭلات. يەر يۈزىنىڭ بىر داستىخان ئىكەنلىكىنى ئەسلەت. ئۆزلىرىنى مېھمان، دەرەخ ۋە ئېتىزلارنى زاۋۇت، مىۋە ۋە دانلارنى شۇ ھالىتىدە ياراتقان خالىقىغا شۈكۈر قىلىشلىرى كىرەكلىكىنى ئۇلارغا ياخشى چۈشەندۈر. بۇ نېئمەتلەرگە جاۋابەن ئاللاھقا ئىسيان كۆتۈرمەسلىكىنى ئۇلارنىڭ ۋىجدانىغا ھاۋالە قىل ۋە ئۇلارغا بۇ ئايەتنى ئوقۇپ بەر:«ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى شەيئىلەر اﷲنىڭدۇر(يەنى اﷲنىڭ مۈلكىدۇر،مەخلۇقاتىدۇر). سىلەردىن ئىلگىرى كىتاپ بېرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە سىلەرگە اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلدۇق، ئەگەر كاپىر بولساڭلار (كۇفرىڭلار اﷲ قا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ)، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر اﷲ نىڭ (مۈلكىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). اﷲ (مەخلۇقاتتىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر».

بەزى كىشىلەر:« نىمە ئۈچۈن جانابى ھەق بىزنى ئۆزىدىن قورقىشىمىزنى تەكىتلەيدۇ؟» دىگەن ۋەسۋەسىگە چۈشمىسۇن دەپ، ئايەتنىڭ داۋامىدا جاۋابىنى بەرمەكتە.  «ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى شەيئىلەر اﷲنىڭدۇر». بۇ شەيئىلەرنىڭ بىرى ئىنساندۇر. ئۇنى ياراتقان زات ئاللاھدۇر. ئىنسان ياشىشى ئۈچۈن كىرەك بولغان زۆرۆر شارائىتلارنى، ئىنسان يارىتىلماستىن بۇرۇنلا تەييارلىغان زات ھەم ئاللاھدۇر. ئىنساننىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى قىيامەتكە قەدەر قاندۇرغۇچى ھەم ئاللاھدۇر.

خۇليا!  شۇ كۆپكۈك ئاسمانغا، كۆزنى قاماشتۇردىغان قۇياشقا، شۇ ياپيىشىل ئورمان ۋە ئېتىزلارغا، شۇ كۆز يەتكۈسىز دېڭىزلارغا نەزەر سالغىن...  مەسىلەن، پۈتۈن گۈزەللىكلەرنى كۆرۈپ باقمىغان بىر قارىغۇنىڭ كۆزى توساتتىن ئېچىلىپ كىتىپ گۈزەل مەنزىرلەرنى ئەقلى لال بولۇپ تاماششا قىلسا، شۇ گۈزەللىكلەرنىڭ گۈزەللىكىدە بىرەر ئۆزگىرىش ياكى كۆپىيىش يۈز بىرەمدۇ؟

ئەلۋەتتە، يۈز بەرمەيدۇ. يەنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزى ئېچىلىشى بىلەن نە قۇياش تېخمۇ پارلاپ كەتمەيدۇ، نە ئورمانلار، ئېتىزلار تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتمەيدۇ. پەقەت شۇ ئادەملا خۇشال بولۇپ ھوزۇرلىنىدۇ خالاس.

ھىدايەتكە ئىرىشكەن، ھەقىقەتنى تونىغان ئادەمنىڭ قەلبىدىكى ھۇزۇرى ئۇ قارىغۇ ئادەمدىن نەچچە ھەسسە يۇقرىدۇر. ئەمما ئاللاھ ئۇنىڭ ئىمانىغا، ئىبادىتىگە ئەسلا مۇھتاج ئەمەس. بۇ يەردە خۇشال بولغان، پايدا ئالىدىغان پەقەت شۇ ئادەمدۇر. مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بار، ئاللاھنىڭ يامانلىققا ئەمەس، ياخشىلىققا رىزاسى بار. ئاللاھنى سۆيۈش ھەم، قورقۇش ھەم بىر خەيىرلىك ئىشتۇر، ياخشىلىقتۇر. بىرىنجىسى ئىنساننى ياخشى، سالىھ ئەمەل قىلىشقا، ئىككىنجىسى گۇناھلاردىن ساقلىنىشقا ئۈندەيدۇ. ئەبەدىي سائادەت شۇنىڭ بىلەن قولغا كىلىدۇ ۋە جەننەتكە پەقەت شۇنداق قىلالىغان ئىنسانلارلا مۇيەسسەر بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن بىزنىڭ ئاللاھنى سۆيىشىمىز ۋە ئۇنىڭدىن قورقىشىمىز پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر.

دوستلىرىڭغا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر ـ بىرلەپ چۈشەندۈر. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىمىزنى داۋاملىق ئەسلىتىپ تۇر. ھەر بىر مەۋجۇداتنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆزىگە خاس ۋەزىپىسى بارلىقىنى، دىمەككى ئەقىللىق بولغان ئىنسان ھەرگىزمۇ ۋەزىپىسىز، غايىسىز ئەمەسلىكىنى، بۇ دۇنياغا بىكاردىن بىكار كىلىپ قالمىغىنىنى ئۇلارغا چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزگىن. بۇ مەسىلىلەردە بىر مۇنچچىلىغان شەخسىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشلىرى مۇمكىن. ئىنساننىڭ ئەسلى ۋەزىپىسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا بەزى قىيىن پىكىرلەرگە دۇچ كىلىشىڭ مۇمكىن. لىكىن سەن ئۇلارغا ئەسلى ھەقىقەتنىڭ تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرگىن. ئىنساننىڭ قۇل ئىكەنلىكىنى، بەندە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئويۇن تاماشا ۋە كەيپى ساپا ئەمەسلىكىنى بىلدۈر ئۇلارغا.

ئىنساننىڭ ئىگىسىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئىنساننى نىمە ئۈچۈن ياراتقان بولسا، ئىنساننىڭ ۋەزىپىسى شۇ ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاشقا ھەركەت قىل ۋە ئۇلارغا بۇ ئىلاھى پەرماننى ئوقۇ:«مەن ئىنسان ۋە جىنلارنى پەقەت ئۆزۈمگىلا ئىبادەت قىلىشقا ياراتتىم»(سۈرە زارىيات 56ـ ئايەت مەزمۇنى).

ئۇلارغا شۇنداق دەپ سۇئال تاشلا:«قايسى ئىشچى ئۆز باشلىقىنىڭ كۆرسەتمىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆز ئارزۇـ ئىستەكلىرى بويۇنچە ئىشلەۋىتىپتۇ؟! قايسى ئوقۇغۇچى مۇئەللىمىنىڭ دەرىسىنى ئاڭلىماي، ئۆز خاھىشى بىلەن ئۆزى بىلگەن كىتاپنى ئوقۇپ ئۈگۈنۈۋىتىپتۇ؟! ياكى بولمىسا قايسى ئەسكەر قوماندانىنىڭ بۇيرۇقىغا قۇلاق سالماي، ئۆزى بىلگىنىچە ئەسكەرلىك تەلىماتلىرىنى ئۆگۈنىۋىتىپتۇ؟! شۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىشقا قۇللۇق ۋەزىپىڭىزنى ئۆزىڭىز بەلگىلەشكە ھەركەت قىلىسىز؟!». ئايەتتىكى «ئىبادەت» سۆزىنى بەزى مۇپەسسىرلەر «مەرىفەت» يەنى «ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، ئاللاھنى تونۇش» دەپ تەفسىرلىگەن. «ئىنسانلارنى مىنى تونىسۇن دەپ ياراتتىم» دىگەن ھەدىسى قۇددۇسمۇ ئاللاھتائالا بۇنىڭغا دەلىل ۋە ھۆججەت كەلتۈرمەكتە. يەنە بەزى تەپسىرچىلەر بىز ئاڭلىغان ئىبادەت سۆزىنى مەرىفەتنىڭ نەتىجىسى دەپمۇ چۈشەندۈرگەن ۋە «ئاللاھنى تونۇغان ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ، ئەمىرلىرىنى بىجىرىدۇ، مەنئىي قىلغانلىرىدىن قاچىدۇ»، دىيىشكەن.

دوسىتلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە بۇ گەپلەرنى چۈشەندۈر. ئۇلارغا مەندىن سالام ئېيىت. مانا بۇ گەپلەرنى مىنىڭ نامىمدىن ئۇلارغا يەتكۈز:« سىز بۇ دۇنياغا ئۆزىڭىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن، ساياھەتچىگە ئوخشاش دۇنيانى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ياكى ئۆزىڭىز كەبى ئاجىز بولغان باشقا بىر ئىنساننىڭ مۇھەببىتىگە ۋە ئىلتىپاتىغا نائىل بولۇش ئۈچۈن يارىتىلمىدىڭىز. ئىنسانلىقىڭىزنى ئۇنۇتقان ھالدا، ئەقلىڭىزنى ھايۋانات ئالىمىگە مەنسۇپ بولغان «جىنسىيەت قانۇنى» بىلەن بۇلغىماڭ. بۇ ئالەمگە پەقەت قارشى جىنىستىكى بىر ئىنساننى سۆيۈش ۋە ئۇنى مەمنۇن قىلىش ئۈچۈن كەلمىدىڭز. سىزنىڭ ئەسلى ۋەزىپىڭىز ۋە ھاياتىڭىزنىڭ ھەقىقىي مەنىسى سىزنى ۋە بارچە يېقىن كىشىللىرىڭىزنى ياراتقان رەببىمىزنى تونۇش، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈشتۇر. ئۇنىڭ سائەتلىرىنى ئىبرەت بىلەن تەپەككۇر قىلىشىڭىز، قەلبىڭىزنى ئۇنىڭ ئىشقى بىلەن تولدۇرۇپ، ئىش ـ ھەركەتلىرىڭىزنىمۇ ئۇنىڭ رىزالىقى دائىرسىدە تەرتىپكە كەلتۈرۈپ ياشىشىڭىزدۇر. سىلەرگە بۇ يولدا ئامەتلەر تىلەيمەن».

ھە، خۇليا! ساڭىمۇ ئامەتلەر تىلەپ، خېتىمنى يەكۈنلەيمەن. ئاللاھ نىسىپ قىلسا كىيىنكى مەكتۇپتا «جىنسىيەت» ماۋزۇسى ھەققىدە يەنە كۆپرەك سۆھبەت قىلىش نىيىتىم بار. سالام بىلەن...`'


ئالتىنجى مەكتۇب


بىر ھەپتىدىن كىيىن تۆۋەندىكى مەكتۇپنى يازدىم:

"ھەقىقەتنى ئىزلەۋاتقان خۇليا!

بۈگۈنكى كۈندىكى ھاياتى چۈشەنچىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى «جىنسىيەت» چۈشەنچىسىنى خاتا قوللانغانلىقتىن كىلىپ چىقماقتا. ساڭا بۇ ماۋزۇدا بىر نىمىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە ھەركەت قىلىمەن. ئويلايمەنكى دوستلىرىڭغىمۇ بۇنىڭ پايدىسى تىگىدۇ.

جىنسىيەت نىمە زادى؟ ھەددىمىزدىن ئاشماسلىق ئۈچۈن ئۇنى قانداق چۈشىنىشىمىز ۋە قانداق ئەمەل قىلىشىمىز كىرەك؟ بۇ مەسىلىنى پەقەت شەھۋەت مەنىسىدە چۈشىنىش، ئەلۋەتتە بەكمۇ تار مەنىدىكى قاراشتۇر. شۇنداق دىيەلەيمىزكى، بۇنداق قاراش ئىنساننىڭ ئۆمۈر سەرمايىسىنى بىكارغا سەرىپ قىلىشقا، ھەم بىلىپ بىلمەي بەزى ئىنسانلارنىڭ ئويۇنچىقى بولۇپ قېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئەركەكلىرىمىزدىن شەخسىيەت، ئىززەت ۋە ئۇلۇغلىقنى، ئايللىرىمىزدىن بولسا ئىپپەت ۋە نازاكەتنى يوق قىلىپ تاشلاشنى ئويلىغان قارا نىيەت كۈچلەرنىڭ قۇرالىدۇر. دۇنيانى جىنسىيەت دېرىزىسىدىن تاماششا قىلدۇرغان ۋە بۇ ئاددى تەبئىي قانۇننى ئىنساننىڭ يىگانە غايىسىدەك كۆرسىتىدىغان كاتتا ۋە تېخنىكىلىق ئويۇن...  جىنسىيەت ماۋزۇسىنى چۈشەندۈرمەكچى ئىكەنمىز، مەسىلىنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە نەزەرگە ئېلىش زۆرۆر. ئاسماندا چاقماق چاقماقتا، بۇنىڭدىن نۇر پەيدا بولماقتا. ئىنىقكى مۇسبەت ۋە مەنپى قۇتۇپ بولغاندىلا ئاندىن چاقماق ھاسىل بولىدۇ. ئەگەر بۇلۇتلارنىڭ ھەممىسى يا مەنپى قۇتۇپ، ياكى مۇسبەت قۇتۇپ بولسا چاقماق ھاسىل بولمايدۇ.

ئاسمان ۋە يەر يۈزى... ئۇلار ئۆزـ ئارا بىر ئىتتىپاق پەيدا قىلىشقان. «ئانا يەر» چۈشەنچىسىدىن ئىلھاملانغان ھالدا شۇنداق دىيەلەيمىزكى:«يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسە ئاسمان بىلەن يەرنىڭ ئورتاقلىق مەھسۇلىدۇر...». شۇنىڭدەك، يەر يۈزىمۇ ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق.

مىساللارنى داۋام قىلايلى. ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدە ئىككى خىل جىنىس بارلىقى مەلۇم. يەنى ئەركەك ۋە چىشى. نىھايەت، ئائىلىنىڭ قۇرلىشىمۇ ئىككى بېرىپ تاقالماقتا. ئەركەك ۋە ئايال...

بۇنى شۇنداق ئىزاھلىشىمىز مۇمكىن:  ئىنسانلاردىكى جىنسىيەت(جۈپ يارىتىش)، ئىلاھى قانۇننىڭ پەقەت بىر ھالقىسى خالاس. ئۇنى شۇنداق چۈشىنشىمىز ۋە شۇنداق قوبۇل قىلشىمىز كىرەك.

قۇرئان كەرىمدىمۇ شۇنداق دىيىلىدۇ:«ئاللاھ(پۈتۈن ئەيىپ نۇقسانلاردىن) پاكتۇر. ئۇ پۈتۈن نەرسىلەرنى جۈپ ياراتتى. زىمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار) نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار»(ياسىن 36ـ ئايەت). يەنە بىر ئايەتتە بولسا:« ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى جۈپ ياراتتۇق»(زارىيات 49ـ ئايەت).

مانا خۇليا! بۇ ئايەتلەردە ئىشارەت قىلىنغان جۈپلىكلەردىن پەقەت بىر ئىككىنىلا ساناپ ئۆتتۇق. بۇلارنى شۇنداق قىلىپ ياراتقان بىر زات بار. ئۇ بولسىمۇ ھەممە جۈپلىكلەرنىڭ يىگانە ياراتقۇچىسى، پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھتۇر. شۇنداق بولغانكەن، ھەقىقەت ئۈچۈن كەلتۈرگەن تەرىفنى بۇ مەسىلىگە تەتبىق قىلىپ، شۇنداق دەيمىزكى:« جىنسىيەت نىمە ئۈچۈن تەقدىر قىلىنغان بولسا، ئۇنى شۇنداق چۈشەنگەن ئىنسان ھەقىقەتكار بولىدۇ. ئەكسى ھالدا بولسا، شەھۋەتپەرەس ئەخمەق ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ».

ئاسمان ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كۆتۈرلىپ قويۇلغاندۇر. يەر بولسا ئاللاھ خالىغاندەك ھەركەت قىلىپ ئىنسانلار ، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. باشقا جۈپلەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق بار...

ئەركەك ۋە ئايال جۈپلەرمۇ بۇ قانۇن دائىرسىنڭ سىرتىدا ئەمەس. ئىنسانلار بۇ جۈپلىكنى ئاللاھ ئاتالا ئۇلارغا جارىي قىلغان قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن يۈكسەلدۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يولغا ئىشلىتىشكە ھىچقانداق ئەركەك ـ ئايالنىڭ ھەققى يوقتۇر.

جىنسىيەت ماۋزۇسىدا يەنە بىر ئايەت كەرىمە بەكمۇ ئىبرەتلىكتۇر:«ئۇلار(ئاياللىرىڭلار) سىلەر ئۈچۈن لىباستۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارلىشىپ ياشايدۇ ۋە لىباس بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)،سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن لىباسسىلەر( يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارلىشىپ ياشايسىلەر ۋە لىباس بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر)»(بەقەرە 187ـ ئايەتنىڭ بىر قىسىمى).

لىباس، يەنى كىيىم... ئەركەك ۋە ئايال بىرـ بىرىنى ھىمايە قىلغۇچى لىباس... بىرـ بىرىنى يامان يوللاردىن ئاسرايدىغان توساق... بۇ قىسقا دۇنيا ھاياتىدا نۇمۇس ئىمتىھانىنى تاپشۇرۇشلىرى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ بىرـ بىرىگە نىئمەتتۇر. باشقىلارنىڭ نۇمۇسىغا كۆز سالماسلىقى ئۈچۈن ياخشى بىر باغلىنىش... نىكاھ بولسا نۇمۇس خۇسۇسىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىرـ بىرىگە بەرگەن ئەھدۇـ پەيمانىدۇر. يەنى، ئائىلىۋىي مەسىلىدە ئايالنى ئەركەككە ئامانەت قىلغان ۋە ئائىلىنى باشقۇرۇش يۈكىنى ئەركەكنىڭ زىممىسىگە يۈكلىگەن بىر شەرىتنامىدۇر. ھازىر بولسا ياشلارنىڭ ئېڭىغا بۇ ھەقىقەتلەرنى «قالاقلىق» دەپ سىڭدۈرۈشكە ھەركەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم مەفكۇرە، جەمىيەت ۋە گورۇھلار بار. ئۇلارنىڭ توزىقىغا چۈشمەسلىك، ناغرىسىغا ئۇسسۇل ئوينىماسلىق ئۈچۈن بەكمۇ دىققەتتە تۇرشىمىز ۋە سەگەك بولىشىمىز كىرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ھاياتنىڭ ئەسلى غايىسى ئىككى جىنىس ئوتتۇردىكى ناشايان مۇناسىۋەتلەردىن ئىبارەت،دەپ چۈشەنگۈچى ياشلارنىڭ سانى ئاۋۇپ كىتىشى مۇمكىن. بۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىك ھاياتىنى ئۇۋال قىلىش بىلەن بىرگە ئۈممەتنىڭ ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئەخلاقسىز ياشلارنى كۆرگىنىمدە خىيالىمغا بىر ۋەقە كىلىدۇ. قۇربان ھېيت ئىدى، بىر قېرىندىشىمنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ماڭغانن ئىدىم. كوچىنىڭ ئىككى چېتىدە ئىككى توپ بالىلار توپلىشىپ تۇرغان ئىكەن. قىزىقىپ ئۇلارنىڭ بىر توپىغا يېقىنلاشتىم. ئەسلىدە بىر كىشىنىڭ تۇغۇشقا ئاز قالغان قويى ئاغرىپ قالغان ئىكەن. ئۇ كىشى ھەر قانچە قىلىپمۇ قوينى ساقايتالماپتۇ. ئاخىرى سويۇپ تاشلاپتۇ. سويۇپ قارىسا قورسىقىدا قوشماق بالىسى تۇغۇلمايلا قورسىقىدا ئۆلۈپ قالغانكەن، قوي شۇنىڭغا ئاغرىغان ئىكەن. بالىلار بولسا شۇ قوينىڭ قورسىقىدىن چىققان بىر ئۆلۈك قوزىنى كۆرىشىۋاتقان ئىكەن. ياندىكى بىر توپ بالىلارمۇ شۇ قوشماق قوزىلارنىڭ يەنە بىرسىنى كۆرۈۋاتقان ئىكەن.

قېرىندىشىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىپ قايىتتىم. يەنە بىر دوستۇمنى يوقلاپ بارماقچى بولۇپ، تاكسىغا چىقىپ ماڭدىم. تاكسىدا يەنە شۇ ئۆلدۈم ـ كۆيدۈم ناخشىللىرى ياڭراۋاتاتتى. بىر چاغدا ھىلىقى ئىككى ئۆلۈك قوزا خىيالىمغا كەلدى. ئۇلار ئانىللىرىنىڭ قورسىقىدا ئۆلۈپ قالمىغان، ۋاقت ـ سائىتى توشاپ دۇنياغا كۆز ئاچقان بولسا، دەپ تەسەۋۋۇر قىلدىم. ئۇلار چوڭايدى، بىرى ئەركەك، يەنە بىرى چىشى ئىدى. يەنە ئۆزۈممۇ بىلمىگەن بىر ھىس بىلەن، ئۇلار بىر ـ بىرىگە ئاشىق بولدى ۋە تاكسىدا ياڭراۋاتقان ئەخلەقسىز ناخشىلارنى شۇلار ئېيتىشتى، دەپ خىيال قىلدىم... ھەر ئىككىسى ئەسلى ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ، بىر ـ بىرىگە كەلسە كەلمەس مەدھىيلەرنى ئېيتىشىپ، ئەخلاقسىز ئىلتىپاتلارنى كۆرسىتىپ،شەھۋانى نەفىسلىرىنى قاندۇرۇشقا ھەركەت قىلماقچى بولۇشتى...

كاللامنى سىلكىپ، خىيالىمدىن  بۇ بىمەنە ئويلارنى چىقىرىپ تاشلىدىم. بۇنداق پەسكەش ھاياتنى، ئەخلاقسىلىقنى، چىرىك گۇناھلارنى ھايۋانلارغا باغلىيالمايمەن. ئۇ خىيالدىن قۇتۇلغان بولساممۇ، ئەمما ئىنسانلىق ھىس تۇيغۇللىرىم بىلەن ئۆز جىنىسلىرىم بولغان بەزى كىشىلەرنىڭ پەرىشان ئەھۋاللىرىنى كۆرۈپ ئىچ ـ ئىچىمدىن ئۆرتىنىپ، ئېچىنىپ، ئازاپ چىكىشكە باشلىدىم.  ــ بۇ ئىنسانلار بۇنچىلىك پەس بولۇپ كەتمەسلىكلىرى كېرەك ئىدى، دىدىم ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئىچىمدە،ــ ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ۋەزىپىللىرىنى، دۇنياغا كىلىش ھىكىمەتلىرىنى، ئۆلۈم ۋە ئاخىرەتنى بىر چەتكە سۈرۈپ قويۇپ، شەھۋەت بالاسىغا مۇپتىلا بولغان ئەخلاقسىزلار دەرىجىسىگە چۈشمەسلىكى ئىدى...

ئەزىز، ساڭا يەنە بىر خاتىرەمنى ئېيتىپ بىرەي.

  ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش سىنىپى ئوقۇغۇچىسى ئىدىم. بىز كۈنى مۇئەللىم ياتاققا كىرىپ، تامدىكى ئەخلاقسىز، ئۇياتسىز رەسىم ۋە يازمىلارغا كۆزى چۈشتى، ئۆڭى ئۆچۈپ كەتتى. ھىچ نەرسە دىمەي قولى بىلەن تامغا چاپلاقلىق رەسىم ۋە يازمىلارنى يىرتىۋەتتى. چىرايىدىن ئاچچىقى كەلگىنى كۆرىنىپ تۇراتتى. كىيىن قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ ئۇياق ـ بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. نىھايەت، بىردەمدىن كىيىن بىزگە قاراپ:« بالىلار، يىراقنى كۆرىدىغان، ئويلايدىغان بولۇڭلار» دىدى. بىز ھىچ نەرسىنى چۈشەنمىدۇق. نىمە دىمەكچىدۇ؟ بۇ سۆزنىڭ رەسىم بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟! جىمجىتلىق باشلاندى. مۇئەللىم ئۆزى ئىزاھلىدى:« ھىم، ئۇزاقنى كۆرىدىغان بولۇڭلار. پەقەتلا ھازىرقى كۈننى، ھازىرقى مەۋسۇمنى ۋە يىلنى ئويلىماڭلار. ھېچ بولمىسا ھازىرقىدىن ئون يىللار كىيىننى ھاياتقا ساياھەت قىلىڭلار. بۈگۈن شۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈڭلاركى، يېزىڭلاركى، دەڭلاركى كىلەچەكتە ئوغۇل ياكى قىزىڭلارغا ئارـ نۇمۇس تەربىيەسى قىلغان چېغىڭلاردا يۈزۈڭلار قىزارمىسۇن...».

ياتاقتا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. ئۇياتسىز رەسىمنى چاپلىغان بالىنىڭ يۈزى چوغدەك قىزىرىپ كەتتى. مۇئەللىم گېپىنى داۋام ئەتتى:«بۈگۈن شۇنداق ياشاڭكى، ئەتە ئۆمۈر يولدىشىڭىزنىڭ يۈزىگە ئۇيالماي قاراڭ ۋە ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزگە‹بۇمۇ مىنى نەزىرىگە ئىلماي، سېلىپ ـ ئالماشتۇرسا بولىۋىردىغان كىيىم دەپ قالدىمۇ نىمە؟›، دېمەڭ.

بۇ گەپلەر ھەممىمىزنىڭ قۇلقىغا قوغۇشۇندەك قۇيۇلۇپ قالدى...

مۇئەللىمنىڭ شۇ گىپى بىلەن مەكتۇبۇمنى يەكۈنلەيمەن. ئۆلۈم ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتنى ئىسىڭدىن چىقارماي ئەسلەپ تۇرغىن. خەيىرلىك، ياخشى ئۆمۈر ئۆتكۈزىشىڭنى تىلەيمەن. كىينكى خېتىمدا بۇ ماۋزۇنى داۋام ئىتىمەن ئىنشائاللاھ... سالام بىلەن..."  


      ئېۋەتكەن ئىككى مەكتۇبىمغا خۇليادىن تۆۋەندىكى جاۋاپنى تاپشۇرۇپ ئالدىم:

« ھۆرمەتلىك ئۇستاز، ئېۋەتكەن مەكتۇبىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. ئەمدى ئۆزۈمنى سىزنىڭ قارشىڭىزدا ئاۋۋالقىدەك چۈشكۈن، جۈرئەتسىز ھىس قىلمايۋاتىمەن. چۈنكى سىز بۇ مەكتۇپنى ماڭىلا ئەمەس، بەلكى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى خىزمەتداشلىرىمغىمۇ يېزۋاتىسىز. تارىتقان قىيىنچىلىقلىرىڭىزمۇ پەقەت مەن ئۈچۈن ئەمەس...

تەۋسىيەلىرڭىزگە ئەمەل قىلغان ھالدا، دائىما ئۆزۈمنى يىتىشتۈرۈشكە، كۆپ بىلىملىك، مەلۇماتلىق ۋە مەدەنىي بولۇشقا غەيرەت كۆرسىتىۋاتىمەن. ئومۇمەن ئالغاندا، ئاۋۋالقى چەككەن ئىزتىراپلىرىمدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ئەمما تولۇق ھوزۇر ھالاۋەتكە ئىرىشتىممۇ دىيەلمەيمەن.

بۇ قېتىمقى سەپەردىن كىيىن باشقىچە بىر ھوزۇرسىزلىق ئىچىدە قالدىم. روھىم بىر قاراردا ئەمەس. بەزىدە ھاياجانلىنىپ، بىر نىمىلەرنى قىلىشقا ھەركەت قىلىمەن. بەزىدە ئىچىمنى بىر مەيۈسلىك قاپلايدۇ. ‹ سەنمۇ ئادەمغۇ؟! شۇ ئەخلاقسىزلىق قاپلاپ كەتكەن جەمىيەتنى تۈزەش سىنىڭ گەدىنىڭگە ئارتىلغانمۇ؟  شۇ ھالىڭ بىلەن توسىمەن دەمسەن؟›، دەيمەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم. كىيىن يەنە ھوشۇمغا كىلىپ:‹سەن ۋەزىپەڭنى بىجىرگىن، ئىبادەت قىلىشنىڭ ھوزۇرىنى كۆر. ھىچ بولمىسا ۋىجدانىڭ خاتىرجەم بولسۇن›، دەيمەن.

ئىشقىلىپ، ئاخىرى ياخشىلىق بىلەن تۈگىسۇن. بۇ روھى ھالەتمۇ ئۇزاق داۋام ئەتمەيدۇ. بىرەر  خىزمەتدىشىمغا ھەقىقەتنى چۈشەندۈردۈرسەم، ئۇنىڭدىن ئۇنىڭدىن كۈتكەن نەتىجە ئالالمىسام بەكلا خاپا بولۇپ، روھى چۈشكۈنلىككە پاتىدىكەنمەن.  قىسقىسى، بىر تەجىربە دەۋرىدە ياشاۋاتىمەن. سىزگە بۇ گەپلەرنى بىر دەرتلەشكىم كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىچىمنى تۆكۈش ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن. بىزار قىلغان بولسام ئۆزۈر...».


   مەكتۇپ بەكمۇ ئۇزۇن يېزىلغان ئىدى. ھەرخىل ماۋزۇلارنى، سۆھبەتلەرنى، بەزى ئۆزىگە تەسىر قىلغان ئىشلارنى يېزىپ ھىكايە قىلغان ئىدى.

مەنمۇ ئۇنىڭغا كىچىكتۈرمەي جاۋاپ يېزىشقا كىرىشتىم:


      يەتتىنجى مەكتۇب


خۇليا، ساڭا بۇ مەكتۇبۇمدا «سۆيگۈ» ھەققىدە بىر نىمىلەر يازماقچىمەن. پەقەت ئالدىن سىنىڭ «ئىچ ئىزتىراپلىرىڭ» توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. كىيىن يەنە ئەسلى ماۋزۇغا قايتىمەن.

  غەم ـ تەشۋىشلەر، دەرت ـ ئەلەملەر راھەت ـ پاراغەتكە ئېلىپ بارىدىغان يوللاردۇر. ئۇرۇق دەرەخ بولماقچى بولسا تۇپراققا كۆمۈلىشى، يەر تېگىدە سىقىلىشى زۆرۆز. ئوقۇغۇچى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا بارماقچى بولسا كىتاپخانا ۋە ئۆگۈنۈش ئۆيىگە بەنىد بولمىقى لازىم... «جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق»، دىگەن ھېكىمەت بۇ ھەقىقەتنى بىلدۈرسە كىرەك. قانچىلىغان ئادەملەر دوستلىرىغا:« مىنىڭ ئۇنداق كىيمىم يوق، بۇنداق ئۆيۈم يوق، ئىسىل ماشىنام يوق»، دەپ دەرت تۆكۈپ، ھەسرەت چىكىۋاتقان بولسا، سەن:« بىرەر ئىنسانغا ھەقىقەتنى چۈشەندۈرەلەرمەنمۇ؟، ئۇلارغا توغرا يولى كۆرسىتەلەرمەنمۇ؟»، دەپ ئىزتىراپ چىكىۋاتىسەن. بۇ ھالىڭنى ئەڭ بۈيۈك ھالاۋەت بىل.

ئۆتكەن مەكتۇپلىرىمدىمۇ ئىشارەت قىلغىنىمدەك، بىز ھەر زامان توختاۋسىز ھەركەت قىلىۋاتقان بىر كائىناتتا ياشاۋاتىمىز. ئىلىكتىروندىن تارتىپ سەييارىلارغىچە بولغان پۈتۈن ئالەم بىردەم بولسىمۇ ھەم قارارىنى ئۆزگەرتكىنى يوق. شۇنداق ئىكەن سەنمۇ روھىڭنى ۋە قەلبىڭنى تولۇق بىر ھوزۇرـ ھالاۋەتكە ئېرشىدۇ دەپ ئويلىما. چۈنكى سەن بۇ ئالەم بىلەن باغلىنىشلىق. ئۇ يېزى بىلەن سىنى ئىسسىتار ئىكەن، ئەلۋەتتە سوغۇقى بىلەن سىنى توڭلىتىدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە بولسا كۆڭلۈڭنىڭ يورۇق تۇرغانلىقىنى، تۇتۇق ھاۋادا بولسا كۆڭلۈڭنىڭ بىر خىل يېرىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسەن. قەلبىڭدە بەزىدە ئۈمۈد، بەزىدە ساراسىمە پەيدا بولىشىنى بۇ ئالەمدىكى پائالىيەتلەرنىڭ كىچىك بىر مىسالى دەپ چۈشەن.

«قەلىب»نىڭ لۇغەت مەنىسى «ئۆزگىرىش» دېمەك. ئۇنىڭ ئىسىمىدا بۇ ھەقىقەت يوشۇرۇنغان. جۈمىلىدن پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر ھەدىسى شەرىفتە قەلىبدىكى ئۆزگىرىشكە شۇنداق ئىشارەت قىلىدۇ:«قەلىپ ھاۋاغا تاشلانغان بىر قۇش پىيى كەبىدۇر. شامال ئۇنى قاياققا ئۇچۇرسا شۇياققا ئۇچقاندەك، قەلىبمۇ شۇنداق ئۆزگىرىدۇ». قەلبىڭنى شۇنداق تونۇپ ۋە ئالەمنى شۇ شەكىلدە ئىدراك ئېتەلىسەڭ، راھەت ۋە ھوزۇر ـ ھالاۋەت يولىنى تاپقان بولىسەن.

يەنى بۇ دۇنيانىڭ ھوزۇرـ ھالاۋەت دىيارى ئەمەس بەلكى ئىمتىھان دىيارى ئىكەنلىكىنى، ھەق تائالانىڭ سائادەت ۋە ئازاپ مەنزىلى باشقا دىياردا ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. دۇنيادىكى پۈتۈن تاماششا، ھوزۇرـ ھالاۋەتلەر ۋە پۈتۈن گۈزەللىكلەر جەننەتتىن، پۈتۈن غەم  ـ تەشۋىش، ئەلەم، ئىزتىراپلار بولسا جەھەننەمدىن خەۋەر بەرگۈچى بىر ئىشارەت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشىنىپ يېتىسەن. ئەبەدىي ئالەمگە نامزات ئىكەنلىكىڭنى ۋە بۇ پانىي دۇنيا مېھمانخانسىدا ئاشۇ باقىي دىيار ئۈچۈن كىرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى تەييارلاش كىرەكلىكىنى ئۇنۇتمايسەن. ئەگەر شۇنداق ئويلىساڭ، بۇ ئەخلاقسىز جەمىيەتتە ناچار تەربىيە قارشىدا چەككەن ئىزتىراپلىرىڭمۇ ئاشۇ باقىي دىيار ئۈچۈن بىر سەرمايە بولىدۇ. سىنىڭ ھازىر تارتىۋاتقان شۇ ئىزتىراپلىرىڭنىڭ ئۈچ ـ تۆت ھەسسىگە باراۋىرىنى مەن بىر قانچە يىل ئالدىدا مەلۇم بىر ۋەقە سەۋەپلىك تارتقان ئىدىم.

ئۇرۇش يىللىرى ئىدى. ئىش ئورنۇمدىكى بىر يىگىت شۇنداق دىدى:«ئەسكەرلىككە چاقىرسا بارمايمەن. ئەگەر بارسام... ئۇرۇشقا بېرىپ بىكاردىن ـ بىكارغا ئۆلۈپ بىرىدىغان ساراڭ ئەمەسمەن. بىز ئۇرۇشقا بارغان بىلەن، بۇ يەردە ئەمەلدارلارنىڭ ئوغۇللىرى مەيخانا، چايخانىلاردا كۆڭۈل ئېچىپ يۈرسە... ئەخمەق ئادەم يوق، بارمايمەن...»

ئۇنىڭ گېپىنى بىر دوستۇمغا دىگەن ئىدىم، ئۇ شۇنداق دىدى:«بۇنداق پىكىر بىر كىشىنىڭلا قانائىتى ئەمەس. بۇ گەپ ۋەتەن، مىللىتىگە نىسبەتەن ئىچىدە ئازدۇرـ كۆپتۇر خىيانەت پىكىرى بولغان كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىكى گېپىدۇر. سەن بۇلاردىن پەقەت بىرسىگىلا دۇچ كىلىپسەن...»

بۇ جاۋاپ مىنى يەنە خاپا قىلدى. ئەخلاقسىزلىك بىر گۇناھ بولۇپلا قالماي، بەلكى مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى يوقىتىدىغان، ياشلاردىكى ۋەتەن ـ مىللەت سۆيگۈسى، مەردلىك، جاسارەت تۇيغۇللىرىنىڭ ئورنىغا شەھۋەتپەرەسلىكنى ئۈستۈن قويىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىۋتىدىغان  دەھشەتلىك بىر زەھەر ئىكەن.

ئارىدىن يىللار ئۆتتى. سىنىڭ مەكتۇبلىرىڭ مەندىكى بۇ ئەسكى ئىزتىراپلىق خاتىرىلەرنى يەنە بىر نۆۋەت قەلەمگە ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ جەھەتتە ساڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

ماۋزۇنى بىر ئاز قالايمىقانلاشتۇرۋىتىپتىمەن. ئەسلى مەقسەتكە كىلەيلى. ئۆتكەنكى مەكتۇپلىرىمدا جىنسىيەت ھەققىدە بىر ئاز سۆھبەت قىلغان ئىدۇق، بۈگۈنمۇ شۇ ماۋزۇدا باشقا بىر تەرەپتىن سۆزلەشكەچ سۆيگۈ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتسەك. باشتا ماۋزۇسىمىزغا ئالاقىسى يوقتەك كۆرۈنگەن بىر ھادىسىگە ئىتبارىڭنى تارىتمەقچىمەن:«ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بىر كىشى بىرەر شەخىسگە بايلىقى ئۈچۈن ھۆرمەت كۆرسەتسە، دىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى يوقىلىدۇ».

ئىسلام تەۋھىد دىنىدۇر. بۇ كائىناتنىڭ ساھىبى ۋە مالىكى تۇغمىغان ۋە تۇغۇلمىغان، ئەزەلدىنلا بار بولغان، يەككە ـ يىگانە ئاللاھدۇر. ھەر قانداق ئىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالمايدۇ.

ئىسلامىيەت نۇرى ئۈچۈن قۇياشقا، بۇغدىيى ئۈچۈن ئېتىزغا، بايلىقى ئۈچۈن بايغا ئۇلار لايىق بولمىغان دەرىجىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرمەسلىكنى ئۆگىتىدۇ. ھەممە نەرسە بىر سەۋەب خالاس. پۈتۈن نىئمەتلەر يەر ۋە ئاسماننىڭ رەببى بولغان ئاللاھ  تەرپىدىن كىلىدۇ. بۇنى بىلگەن كەمبىغەل ـ پەقىر كىشى رىزقىنى خۇددى ئۇ بېرۋاتقاندەك بىرەر بايغا ھۆرمەت كۆرسەتسە، ئۇ كىشىنىڭ تەۋھىدى، يەنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىش ۋە ھەممە نىئمەتنى ئاللاھ  تەرپىدىن بولىدۇ دەپ قوبۇل قىلىش ئىتقادى زەرەرلەنگەن بولىدۇ.

باي بولسۇن، كەمبەغەل بولسۇن ھەرقانداق بىر ئىنسان ئەۋۋەللەن ئىمان، كىيىن بولسا ئەخلاق ـ پەزىلەت، ئلىم ـ ئىرپان، دۇرۇسلۇققا ئوخشاش ياخشى سۈپەتلىرى ئۈچۈنلا سۆيۈلىشى كىرەك. بايلىقى سۆيگۈگە سەۋەپ بولالمايدۇ. بىرەر باي كىشى بۇ ھەدىسنى ئوقۇسا، ھىچكىمنى مىننەتكە قويمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزى كۆرسەتكەن ياخشىلىقلىرى، قىلغان ئېھسانلىرى ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەت كۈتمەيدۇ.

بۇلارنى نىمە ئۈچۈن يازغىنىمنى ئازدۇرـ كۆپتۇر تەخمىن قىلغانسەن؟. بوپتۇ، تېخىمۇ روشەنلەشتۈرەي.  بىر ياش قىز ۋىجدان، قەلىب ۋە ئەقىل جەھەتتىن بولمىسۇمۇ، ھىس ئالىمىدە بىر يىگىتنىڭ پەقەت ئۇنى ئويلىشىنى، ئۇنىڭ خىيالدا دائىم ئۆزىنىڭ بولىشىنى، ھەتتا ئۆزىگە يال ئۇرىشىنى ئويلايدۇ. نەفىسى بۇ ھالەتتىن لەززەت ئالىدۇ، راھەتلىنىدۇ. كۈچ ـ قۇۋۋەت جەھەتتە ئۇنىڭدىن ئۈستۈن بولغان يىگىتنىڭ ئۇنىڭغا يال ئۇرىشىدىن، ئۇ يىگىتكە ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىنى ئۆتكۈزىشتىن نەفسانىي زوق ئالىدۇ. ئەمما ئۇ ئۆزىنى بىر (ئاللاھ ساقلىسۇن) «شىرىك»، قارشى يىگىتنى بولسا «مۇشرىك» ھالەتكە كەلتۈرۈش يولىغا كىرگىنىنى بىلمەيدۇ. بۇنىڭدا قاباھەت ئۇ بىچچارىنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس، ئۇنى بۇ ھالەتكە كەلتۈرگەن ئەركەكگىمۇ بولىدۇ. ئەركەك ئەمەس ئەركەكلىكىنى ئۇنۇتقان، بەندە ئىكەنلىكىدىن غاپىل، ئەرمەك ئۈچۈن ئەڭ تەسىرلىك غەپلەت ۋاستىسى ئارقىلىق شەھۋەت ۋە ئايالنى تاللىغان شەھۋەتپەرەسلەر...

ئۇزاق يىللار شۇ قانائەتتە بولۇپ كەلدىم. ئەمما بۇ قانائىتىمنىڭ ئىچىدە بىر سۇئال بار ئىدى:«ئەجىبا ھەقىقەتەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەركەكلەر سەۋەپچىمۇ؟» ئۆتكەن كۈنلەردە بۈيۈك بىر ئالىمنىڭ كىتاۋىدىن ئوقۇغان مۇنۇ قۇرلار قانائىتىمنى تېخىمۇ كۈچلەندۈردى.«ئەركەكلەرنىڭ خوتۇنلىشىشى، ئاياللارنىڭ ئەركەكلىشىشى نەتىجىسىنى بەردى»،دەيدۇ ئالىم. شۇلار ھەققىدە باش قاتۇرۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر ئايەت ـ كەرىمىنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرۈپ قالدىم. نىسا سۈرىسىنىڭ 117ـ ئايىتىدە مۇنداق دىيىلىدۇ:«ئۇلار(يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ، پەقەت(ئۆزلىرى) چىشى(ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن باش تارىتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ». ئايەتنىڭ تەپسىرىسىدە ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن كىشىنىڭ روھىدا ئەڭ بۈيۈك غايە «ئايال» بولۇپ جاي ئالغىنى كۆرسىتىلىپتۇ ۋە مۇنداق دىيىلىپتۇ:«بەزى ئەركەكلەر ئاياللارغا قىممىتىدىن ئارتۇق ماقام بىرىدۇ. نەتىجىدە ئىنساننىڭ دۇنياغا كىلىش غايىسىنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئەمەس، بەلكى (ئاللاھ ساقلىسۇن) ئايالىغا سېغىنىش دەپ گۇمان قىلىدۇ».

بۇنىڭغا ئەرەپ مۇشرىكلىرىنىڭ بۇت ـ سەنەملىرىگە ئايال ئىسىملىرىنى قويۇۋىلىشلىرى ئوچۇق دەلىل بولىدۇ. يەنە يۇنان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بۇت پەرەس خەلقلەرنىڭ بۇت ـ سەنەملىرىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر.

بۇ ھالەت ئايالغا قىممەت بىرىش ئەمەس، ئەكسىنچە مەسىلىنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىن قېچىش ۋە ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن يۈز ئۆرۈش ئورۇن ئېلىپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر بۇنداق بولمىغىنىدا ئىدى، ئاياللاردىن بۇتلار ياساپ، ئۇلارغا سېغىنغان ئاشۇ قەۋىملەر ئەينى دەۋىردە ئايال زاتىغا ئەڭ زور زۇلۇملارنى قىلمىغان بولاتتى.

ئايالنىڭ ئەسىلى دەرىجىسىدىن چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭغا سېغىنىدىغان دەرىجىدە باغلانغان ئىنسانلار ئەسلىدە شەيتاننىڭ نەيرەڭلىرىگە ئۇسسۇل ئويناۋاتقىنىنى ۋە بۇ ھالەتلىرى بىلەن شەيتانغا سېغىنىۋاتقانلىقىنى ئايەت ـ كەرىمىلەر ناھايىتى توغرا ئىپادىلىگەن.

ئارىدىن نەچچە يىللار، نەچچە ئەسىرلەر ئۆتكىنىگە قارىماي، شەيتان يەنىلا شۇ شەيتاندۇر، نەفس يەنە شۇ نەفىسدۇر. ھەممە زامانلاردا بولغىنىدەك، بۈگۈن ھەم نەپسىگە ئەسىر، شەيتانغا ئويۇنچۇق بولغان كۆپچىلىك ئەركەكلەر غەپلەت ئارقىسىغا كىرىپ، يەنىلا ئايالنى تاللىماقتا...

روھلاردا يارا پەيدا قىلغۇچى بۇ ھالەتنى ئىزاھلاپ بىرىش مۇھىم ئەمەس دەپ ئويلايمەن. بۇ خۇسۇسدا مۇشۇ يەردە توختاپ، ساڭا سۆيگۈ ھەققىدە بىرـ ئىككى سەترە يازماقچىمەن.


ئەجىبا، «سۆيگۈ دىگەن نىمە زادى؟»، دەپ ئويلاپ كۆردىڭمۇ؟ ئىنسان قەلبىگە بۇ ئالى سۈپەتنى كىم، نىمە ئۈچۈن جايلاشتۇرغان؟ ئىنسان كىمنى قايسى دەرىجىدە سۆيىسە، بۇ ئالى ھىسسىنى ئۆز جايىدا ئىشلەتكەن ۋە ئىسراپ قىلمىغان بولىدۇ؟

شۇ چەكلەنگەن ئىنسان تېنىگە سۆيگۈسى ۋە قورقۇنىچى، ئۈمۈد ۋە ئارزۇلىرى چەكسىز بولغان مەنىۋىي قەلىپ جايلاشتۇرۇلغان.

كۆرۈش، ئاڭلاش، ھىدلاش ۋە چۈشۈنۈش ھەممىسى ئايرىم قانالدۇر. بۇلارنىڭ ئەڭ ساپ مىۋىللىرى، يەنى ئاخىرقى مەھسۇللىرى قەلىبگە توپلىنىشدىدۇر. مەسىلەن، گۈزەل بىر مەنزىرىنى كۆرگەن ئادەم ئۇنى دەرھال سۆيىدۇ. بۇ سۆيگۈ ئۈچۈن ئۇ ئەقىلگە مۇراجەت قىلمايدۇ. يەنى:« بۇ مەنزىرە گۈزەلكەن، سۆيۈشكە لايىقكەن. شۇنداق بولغانكەن، ئۇنى سۆيىشىم كىرەك»، دىگەن قارارغا كىلىپ ئاندىن سۆيۈشكە باشلىمايدۇ. مەنزىرىنى كۆرگەن ھامان قەلبىدە مەنزىرگە نىسبەتەن زوق پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭدا سۆيگۈ كۆز ئارقىلىق قەلىبتە پارلىدى. ئىنسان بۇلبۇلنىڭ خۇش ئاۋازىنىمۇ سۆيىدۇ. بۇنىڭدا سۆيگۈ قۇلاق ئارقىلىق قەلىبكە كىرىپ كەلدى. خۇددى شۇنىڭدەك، ئاڭلاشمۇ سۆيگۈ ۋاستىسىدۇر.

ئىنسان روھى كامالەتتىن، ئېھساندىن، گۈزەللىكتىن خەۋەردار. قەلىب بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۆيەلەيدىغان قەلىبتۇر. شۇنداق ئىكەن بۇنى مۇنداق چۈشىنىشىمىز كىرەك ئەمەسمۇ. يەنى، بىزگە كۆزدىن ئىبارەت بۇ نىئمەتنى بەرگەن زات ئالەمنى سۆيدۈرۈپ، ئۇنى بىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا (ئاللاھقا)مۇھەببەت باغلىشىمىز ئۈچۈن كائىناتنى كائىناتنى گۈزەللىكلەر بىلەن تولدۇردى. بىزگە قۇلاق نىئمىتىنى بەخىش ئەتكەن رەببىمىز، تەپەككۇر قىلىشىمىز ۋە ئاللاھتىن ئىبارەت يېقىملىق ئاۋازـ سادالارنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونىشىمىز ۋە سۆيىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئالەمنى ھەرخىل گۈزەل ئاۋازلارغا تولدۇردى. بىزلەرگە ئەقىل نىئمىتىنى بەرگەن خالىقىمىز بۇ كائىنات كىتابىنى ئوقىشىمىز ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ ياراتقۇچسىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا مۇھەببەت باغلىشىمىز ئۈچۈن ئاتومدىن ھۈجەيرىسىگىچە، مايسىلاردىن يۇلتۇزلارغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان مەنالارغا تولدۇردى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر چەتكە سۈرۈپ قويۇپ، بۇلار چەققىدە ئويلاشنى ئۆزىگە لايىق كۆرمەي، قارشى جىنىستىكى بىر ئىنساننىڭ سۆيگۈسى بىلەن قەلبىنى تولدۇرۇش، ئىنسان زاتىغا ھىچ ياراشمىسا كىرەك.

ئايالغا بولغان سۆيگۈنىڭمۇ بۇ ئالەمدە ئورنى بار، ئەلۋەتتە. ئەمما ھەممە نەرسىلەر ئۆز ئورنىغا جايلاشتۇرۇلغان بۇ دۇنيادا، ھەممە ئەزاسى، ھەممە ھېس ـ تۇيغۇللىرى جاي ـ جايىغا قويۇلغان ئىنسان ئۆزىگە ئېھسان قىلىنغان بۇ سۆيگۈنى ھەم ئورنىدا ئىشلىتىشكە مەجبۇردۇر.

ئىنسان بۇ قىممەتلىك ھىسسىنى ئىسراپ قىلماسلىق كىرەك. كىم قانچىلىك سۆيگۈگە لايىق بولسا، ئۇنى شۇ دەرىجىدە سۆيىشى كىرەك. ئىنسان يۇلتۇزلارنى سۆيىدۇ، ئەمما ئۆز بېغىدىكى دەرەخلەرچىلىك ئەمەس... دەرەخ شاخلىرىدىكى مىۋىلەرنى سۆيىدۇ، ئەمما ئۆز بارماقلىرىچىلىك ئەمەس... قولىنى، پۇتىنى، كۆزىنى سۆيىدۇ، ئەمما ئەقلىچىلىك ئەمەس. قوشنىسىنىڭ پەرزەنتىنى سۆيىدۇ، ئەمما ئۆز پەرزەنتىچىلىك ئەمەس.

بۈگۈن بۇ مۇھەببەت سەۋەبلىرىگە ئىنسان روھى «لەببەي» دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. يەنى، ھەممىسىنى يىتەرلىك سۆيەلەيدۇ ۋە ئۇ قەلىبتە ئورۇن تارلىقى يوقتۇر. بۇ ھال بىزلەرگە تۆۋەندىكى ھەقىقەتتىن دەرس بەرمەكتە:

   قەلىبلەردىكى چەكسىز مۇھەببەت قابىليىتى پەقەت مۇقەددەس زاتى كەبى پۈتۈن سۈپەت ۋە پېئىللىرى ناھايىتى كامالەتكە يەتكەن ئاللاھ ئۈچۈندۇر. بۇ ئالەمدىكى پۈتۈن گۈزەللىكلەر ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ بىر تەجەللىيىدۇر. بۇ ماۋزۇدا يەنە بىر بۈيۈك ھەقىقەتنى ئېيىتماي تۇرالمايمەن.

مەلۇمكى «سەمەد» ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر بىر نەرسە ئاللاھقا مۇھتاج ۋە ئاللاھ ھىچ نەرسىگە مۇھتاج ئەمەس، دىگەنلىكتۇر. ئىنسان قەلبىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئېھتىياجى ئۆزىنى ياراتقان ۋە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە تەربىيەت قىلغان رەببىگە ئىمان كەلتۈرۈشتۇر، ئۇنى سۆيۈشى، ئۇنىڭدىن قورقىشىدۇر. بەدىنىدىن تارتىپ تاكى قۇياش ـ يۇلتۇزلارغىچە بولغان ھەممە نەرسىلەرنى بويسۇندۇرغان. سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى ئاللاھقا شۈكۈر ۋە ھەمدۇ ئېيتىشتۇر. ئىنسان قەلبى پەقەت ئىمان، مەرىفەت ۋە مۇھەببەت بىلەنلا ھۇزۇر تاپىدۇ. سۆيگۈ ھىسسىنى ئۆز ئورنىدا ئىشلەتمەكچى بولغان ئىنسان، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ رەببىنى، خالىقىنى ئەڭ چوڭقۇر سۆيىشى كىرەك ۋە كىيىن باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن سۆيىشى كىرەك.

بۈگۈن «سۆيگۈ» ۋە «ئىشىق» دىگىنىمىزدە كاللىمىزغا دەرھال ئايال ۋە شەھۋەت كىلىدىغان بولسا، بۇنى بىر كىسەللىك، پەسلىك ۋە پەرىشانلىق بىلىشىمىز لازىم... شۇنى ھەم ياخشى بىلىشىمىز كىرەككى، ھەر نەرسىنى ۋە ھەربىر زوقنى، جۈملىدىن ئايالغا ياكى ئەركەككە بولغان سۆيگۈنىمۇ ئاللاھ سايىسىدا سېزەلەيمىز. ئۇ بىزنى جۈپ ـ جۈپ قىلىپ ياراتمىغان بولسا ئىدى، ئايال ياكى ئەركەك سۆيگۈسىنى نەدىن بىلەتتۇق؟ بۇ ھەقىقەت ھەققىدە قۇرئان كەرىم تۆۋەندىكىدەك دەرىس بىرىدۇ:«ئاياللار بىلەن ئۇنسى ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر ـ خوتۇن ئارىسىدا) مېھىرـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدۇرتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار»(سۈرە رۇم 21ـ ئايەت).

كۆرگىنىڭدەك، «ئايەت» سۆزى بۇيەردە «دەلىل»، «ئالامەت» مەنىسىدە كەلمەكتە. كائىناتقا قارىساق، ھەممە نەرسىنىڭ جاي ـ جايىغا قويۇلغانلىقىنى، ئۇ نەرسىلەرنىڭ مۇكەممەل بى نىزام ئاستىدا ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مانا بۇھالەت ئۇلارغا نىزام بەلگۈلىگۈچى بىر زات بار ئىكەنلىكىگە دەلىل ـ ھۆججەتتۇر. ئاڭسىز نەرسىلەرنىڭ ئاڭلىق ۋەزىپىلەرنى بىجىرۋاتقانلىقى يەنە بىر دەلىلدۇر. كائىناتتىكى گۈزەللىكلەر  گۈزەللەشتۈرگۈچىنىڭ، پۈتۈن نىئمەتلەر بولسا بىر نىئمەت بەرگۈچىنىڭ بارلىقىغا دەلىلدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ھەرـ بىر ئايىتى ئالاھىدە بىر ھەقىقەتكە دەلىل ۋە ئالامەتتۇر... ئۈشبۇ ئايەت كەرىمە بىزگە كۆپۈنچە بىز ئۇنتۇپ قالىدىغان باشقا بىر دەلىلنى ــ ئىنسانلارغا ئۆز تۈرلىرىدىن جۈپلەر يارىتىلغانلىقى ۋە سۆيگۈ ھىسسىنىڭ قويۇلغىنىنى ئەسلەتمەكتە...

ئىنسانغا ھايۋان تۈرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز تۈرىدىن ئۈلپەتلەر يارىتىلغانلىقى ھەقىقەتەنمۇ كاتتا بىر نىئمەتتۇر. يەنە ئەركەك ۋە ئايال ئوتتۇرسىدىكى مېھىرـ مۇھەببەتمۇ نىمىدىگەن بىر بۈيۈك نىئمەت ھە! شۇنداق بىر خىيال قىلايلى، ئاللاھ كۆرسەتمىسە ئىدى، بىز نىمىنى كۆرەلەيتۇق؟! بىز كۆرەلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر بار. مەسىلەن روھ، ئەقىل، پەرىشتىلەر، ئېلىكتىرماگىنىت دولقۇنلىرىغا ئوخشاش... ئاللاھ ئاڭلاتمىسا ئىدى، بىز نىمىنى ئاڭلىيالايتۇق؟! بىز ئاڭلىيالمايدىغان كۆپ ئاۋازلار بار. مەسىلەن چاستوتا ئارلىقىدىن تاشقىرى ئاۋازلارنى ئاڭلىيالمايمىز. ئاللاھ سۆيدۈرمىسە ئىدى، بىز نىمىنى سۆيەتتۇق؟! بىز ياقتۇرمايدىغان، ئەمما ھايۋانلار يېقىملىق ئىشتىھا بىلەن يەيدىغان نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر، بىز يىرگىنىدىغان، ئەمما ئۇلار زوقلىنىدىغان نۇرغۇنلىغان مەۋجۇداتلار بار. چىۋىنگە ئەخلەتلەرنى ھەسەل كەبى سۆيدۈرگەن، مۆشۈككە چاشقاننى مەپتۇن قىلغان بىر ھىكىمەت بىزگە بىزگىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يامان نەرسىلەرنىمۇ سۆيدۈرەلەيتى. بىز ھەم مەمنۇنىيەت بىلەن سۆيەتتۇق...

دېمەك، بىزلەرگە بىرىلگەن سۆيگۈ ۋە مەرھەممەت پەقەت ئاللاھنىڭ ئېھسانىدۇر. سۆيگۈدىن ئىبارەت بۇ ئېھسان بولمىغىنىدا ئىدى، ھىچ بىر ئەركەك دارامىتىگە شىرىك، ئۈستىگە يۈك بولىدىغان ئايالنى ۋە بىر نەچچە بالىنى بېقىشتەك ئېغىر مۇشەققەتنى زىممىسىگە ئالارمىدى؟!

ئىنسان نەسلىنىڭ كۆپۈيىشىنى ئەر ۋە ئايالنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە باغلىغان  ئاللاھ، بۇ ۋەزىپىنىڭ بىجىرىلىشى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى ئۈچۈن بۇ ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدا سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت ھىسسىنى ئىجاد قىلغاندۇر.

ئايەتنىڭ ئاخىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.

ئەركەك بىلەن ئايال بىر تۈرگە تەۋە بولسىمۇ ئوتتۇرلىرىدا نۇرغۇنلىغان بەدەنىي ۋە روھىي پەرىقلەر مەۋجۇد. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان نەسلىنىڭ داۋامىغا خىزمەت قىلىدۇ. ھەر ئىككى جىنىس بۇ خىزمەتكە ئەڭ ئۇيغۇن ھالدا يارىتىلغان ۋە تەربىيەت قىلىنغان.

ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھالال دائىردە بولىغىنى ئىكەن، ھالال يىمەك، ھالال تاپماق، توغرا سۆزلىمەككە ئوخشاش ھالاللىقنى ئەرـ خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى سۆيگۈگە ھەم تەدبىق قىلمىقىمىز لازىم.

«ئايال نىمە ئۈچۈن سۆيۈلىدۇ؟!»، بۇ سۇئالىڭنىڭ جاۋابىنى، ئەپسۇسكى، ھازىرقى كۆپلىگەن ياشلىرىمىز بىلمەيدۇ. ئايەتتىن ئالغان دەرسىمىزگە ئاساسلانغاندا، مەسىلىنى ئۈشبۇ شەكىلدە ئاڭلىشىمىز لازىم:«ئايالنى ئەركەككە ئاللاھ سۆيدۈرگەن، ئەركەكنىمۇ ئايالغا ئاللاھ سۆيدۈرگەن. ئاللاھنىڭ بۇ سۆيدۈرىشى ھالال دائىردە ۋە ھەق ئۈچۈن، ياخشىلىق ئۈچۈن، جەننەت ئۈچۈندۇر... ھالال بولمىغان «سۆيگۈ»لەر بۇ سۆيگۈگە كىرمەيدۇ. ئۇنداق «سۆيگۈ»لەر رەھمانىي ئەمەس، شەيتانىيدۇر. «ئاياللار شەيتاننىڭ توزىقىدۇر» دىگەن ھەدىس شەرىفدە شۇنىڭغا ئوخشاش «سۆيگۈ» توزىقىغا ئىلىنغانلارنىڭ ئەلەملىك ۋە ئاچچىق ئاقىۋىتى بايان قىلىنغان.

بىر ئايال پەقەت ئېرى تەرپىدىنلا سۆيۈلىشى مۇمكىن، خالاس... بۇنىڭدىن تاشقىرى پۈتۈن «سۆيگۈ»لەرنى شەيتانغا توزاق سۈپىتىدە تەرىفلىسە بولىدۇ. ئەگەر بىر قىز كەلگۈسىدە كىم بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىنى بىلمىگەن ھالدا ئەتراپىدىكى يۈزلەرچە ئىنساننىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، ياشلارنىڭ شەھۋەت ھېسلىرىنى قوزغۇتۇپ، بىراق شۇ يۈزلەرچە ئىنسانلاردىن پەقەت بىرسى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆلچەمسىز دەرىجىدە ئوچۇق ـ قېنىق بىزەپ يۈرگەن بولسا، بۇ قىز سۆيگۈنىڭ ھەقىقىتىگە ئېرىشمىگەن، چۈشۈنۈپ يەتمىگەن ۋە بىلمەستىن شەيتانغا تورـ توزاق بولغان بولىدۇ. شەيتان بولسا ئۇ تورـ توزاق بىلەن قانچىلىغان ياشلارنىڭ ئىپپىتىنى، ھاياسىنى ۋە داۋاملاشتۇرىۋەرسە، ئىمانىنى ئوۋلايدۇ.

نۇرغۇنلىرىنىڭ خىياللىرىنى بۇزۇپ، ئىچكى دۇنياسىنى خاراپ قىلغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ بىرسى بىلەن ئائىلە قۇرغان ياش قىز، ئۇ ئەركەك بىلەن نىكاھلىنىدىغان كۈنگىچە ھارام بىر ھاياتنى ياشايدۇ. بۇنداق ھاياتنىڭ ئاخىرى نىكاھ بىلەن تاماملانسىمۇ، كەينىدە گۇناھ ۋە ئىسيان تولۇپ ـ تاشقان بىر زامان قالىدۇ ۋە كىيىنكى ئىشلىرى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرغىنىدەك، ئەزىمەس باھانىلەر بىلەن بۇ تۇرمۇش بۇزۇلسا، ئاخىرەتتىكى دەھشەتلىك ئازاپ يېنىدا دۇنيادىمۇ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئۆمۈر بويى داۋام ئىتىدىغان ۋىجدان ئازابى مىراس قالىدۇ.

بىر ئاز ماۋۇ سىرتىغا چىقىپ كەتكەندەك بولدۇم. مەقسەتكە يېقىنلىشايلى.

ئايالنى «شەيتاننىڭ توزىقى» دەپ تەرىپلىگەن ھەدىسى شەرىفمۇ ئاياللارنىڭ دىققەتلىك بولۇشقا چاقىرماقتا، ھەم شەھۋەت ئەسىرى ئەركەكلەرنىڭ ئەسلىدە كىمنىڭ توزىقىغا ئىلىنغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەكتە. يەنى، ھەدىس شەرىف شەھۋەتكە ئەسىر ئەركەكنى شەيتان تورىغا ئىلىنغان بېلىق كەبى تەسۋىرلىمەكتە.

خۇليا، ناھايىتى ياخشى بىلىسەنكى، ئىمان كۇفۇرنىڭ قارشىسى بولغىنىدەك، ئىتائەت ئىسياننىڭ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ زىددىدۇر. بۇلارنىڭ بىرىگە قانچىلىك نىسبەتتە يېقىنلاشساڭ، يەنە بىرىدىن شۇنچىلىك ئۇزاقلىشىسەن.  قانچىلىك ئىتائەت قىلساڭ، قارشىلىق بىلەن مۇناسىۋتىڭ شۇنچىلىك ئۈزۈلىدۇ. ئىمانىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولسا، كۇفۇردىن شۇ دەرىجىدە ئۇزاق بولىسەن. شۇنداق ئىكەن، دۇنياغا قانچىلىك ئېتىبار بەرسەڭ، ئاخىرىتىڭ شۇنچىلىك يۈزەكى بولىدۇ. دۇنيا زوقلىرىنى قانچىلىك ئالدىڭغا قويىۋالساڭ، ئەبەدىي سائادىتىڭدىن شۇنچىلىك ئۇزاقلىشىسەن. بۇ يەردىكى «دۇنيا»دىن مەقسەت ئاخىرەتكە پەردە بولىدىغان دۇنيادۇر. بىر ھەدىس شەرىفتە دۇنيانىڭ بۇ تەرىپىگە ئىشارەت قىلىپ:«دۇنيا سۆيگۈسى ھەممە خاتانىڭ بېشىدۇر!»، دەپ مەرھەممەت قىلىنغان. مەن بۇ مەسىلىنڭ ئايالغا ئائىت بولغان تەرەپلىرى ئۈستىدە ئازراق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

دۇنيا سۆيگۈسىدە ئەڭ چوڭ قىسىم ئايالغا ئائىتتۇر. چۈنكى، ئۇ دۇنيا چۈشەنچىسىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىسىدۇر.

بايلىق، مەنسەپ، مەرتىۋە، ئابروي كەبى نەرسىلەر «تاتلىق»تىلى ئىنساننى ئۆزىگە تارتسا،

ئايالدا بۇ چاقىرق جانلىق ۋە ئاۋازلىق مەيدانغا كىلىدۇ. يەنى ئايال گەپ قىلىدىغان، كۈلىدىغان، نازلىنىدىغان، ھىيلە ـ نەيرەڭلىرى كۆپ بولغان جانلىق دۇنيادۇر... شۇنىڭدەك، ئاخىرەت سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كاتتا توسۇقتۇر...

بۈگۈن پىكىرۇـ زىكىرىنى بىر ئايالنى رازى قىلىشقا سەرىف قىلغان ئىنسان بارا ـ بارا ئىلاھى رىزانى ئويلىمايدىغان ھالغا كىلىدۇ. بۇلارنى ئاياللارنى يامان كۆرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سېنى ۋە دوسلىرىڭنى شۇنداق شەيتانىي بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىن قەتئىي قايتۇرۇش ئۈچۈن يازماقتىمەن...

ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۆزىنى بىلىشلىرى ۋە سۆيۈشلىرى، رىزاسىغا نائىل بولۇشلىرى ۋە مەرىفەتىدە مەرتىۋىگە ئېرىشىشلىرى، نەتىجىدە جەننەتكە لايىق بىر قىممەتكە ئىگە بولىشلىرى ئۈچۈن ياراتقان. بۇ ھەقىقەتتىن غەپلەتتە قېلىپ، بارلىقىنى پەقەت جىنسى ئالاقىغا بېغىشلىشىڭ، ئەلۋەتتە، شەيتانىي ۋە نەفسىي بولۇشتىن نېرىغا ئۆتەلمەيدۇ. خاتىرەمدىن مۇنۇ قۇرلارنى يازدىم:«بىر قەدەھ بىلەن مەست بولغاندىن كىيىن دېڭىزنى قانداق ئىچەلەيسەن؟!». كۈنىمىزدىكى ياشلار تامچە شەربەتكە ئاشىق ۋە ئۇنىڭ بىلەن مەست بولۇش كويىدا... دېڭىزنى ئىچىشتىكى مەقسەت قەلىبگە ئىلاھى مۇھەببەتنى جايلاشتۇرۇشتۇر. پۈتۈن بارلىقلار پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا سۆيۈلىدۇ. ئەركەك ۋە ئايالنىڭ ھالال دائىردىكى سۆيگۈسى، ئاللاھ قەلىبلەرگە جايلاشتۇرغان بىر ئالاقە ھېسسىدۇر. سۆيگۈ ھېسسىنى ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىشىڭنى ئارزۇ قىلىپ، مەكتۇپنى ئاخىرلاشتۇرمەن. سالام بىلەن..."


بىر ئايدىن كىيىن خۇليادىن جاۋاپ كەلدى. يازغان مەكتۇبى مىنى ھەم سۆيۈندۈردى، ھەم ئويلاندۇردى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ روھى يەنە بىر پەللە يۈكسەلگەن ئىدى. مەكتۇبىدا  ياشلارنىڭ  بۈگۈنكى ھال ـ ئەھۋالىدىن قايغۇ، ئىزتىراپ ۋە ئەندىشىللىرىنى يېزىپتۇ. بۇرۇنقى مەكتۇپلىرىدا ئۆز ھالىنى تەسۋىرلەپ، ئىچ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلەتكەن سۆزلىرىنى بۇ قېتىم ئومۇمىي ياشلارنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلۇشلىرىنى ئىپادىلەشكە سەرىف قىلماقتا، ئۇلارغا ئىچ ـ ئىچىدىن ئېچىنماقتا، ئەمما قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيۋاتقانلىقىغا قايغۇرۇپ يازماقتا ئىدى.

مەكتۇبتا مەندىن شۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى سوراپتۇ.

ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى جاۋاپنى يازدىم:


سەككىزىنچى مەكتۇب


" ھەقىقەتنى ئىزلەۋاتقان خۇليا! مەكتۇبىڭدا سىنى پەرزەنىتلىرى ئىشقىدا يېنىۋاتقان بىر ئانا پىسخولوگىيەسى ئىچىدە كۆردۈم. بۇ يېشىڭدا شۇنداق بىر كامالەتكە ئىرىشكىنىڭ ئۈچۈن سىنى تەبرىكلەيمەن. ياشلارنىڭ ھالىنى قانداق تەلقىن قىلىشىمغا كەلسەك، بۇ ماۋزۇدا نىمە دەپ يېزىشقا ھەيرانمەن. بويىغا يەتكەن ياكى، باشقا بىر تىل بىلەن ئېيتقاندا، تۇرمۇش قۇرۇش يېشىغا يەتكەن ياشلارنىڭ بالىلارچە ئۇششاق ئىشلارنى قىلمايۋاتقانلىقىغا شاھىد بولىمىز. قىزلىرىمىز يىگىتلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا، كىچىككىنە تەبەسسۇم قىلىدىغان ئاددىي چاقچاق ئۈچۈن ئاۋازىنى قويىۋىتىپ قاقاقلاپ كۈلىدۇ. يىگىتلەرمۇ سەمىمىيەتسىز ۋە سۈنئىي كۈلۈشلىرى بىلەن بۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرىدۇ.

بۇ ئىپادىللىرىمدىن ھەرگىزمۇ بۇ ئادەمدە ياشلارغا نىسبەتەن نەپىرەت ۋە دۈشمەنلىك ھېسسى بار ئىكەن دەپ ئويلىما. مەن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئەمەس، تايىنى يوق ئىشلىرىغا قارشىمەن. گۇناھ يوللىرىدىن قۇتۇلۇشلىرىنى جان دەپ ئارزۇ قىلىمەن ۋە بۇ خۇسۇسدا ئۈمۈدۈم ھېلىمۇ قايىتقان ئەمەس. زامانىمىزنىڭ ئىشتىياقسىز، مەقسەتسىز، تەنتەك، قېنى قىززىق ياشلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەن روھىدا بىر بوشلۇق بارلىقىنى ۋە بۇ بوشلۇقنى ماددى نەرسىلەر بىلەن تولدۇرۇش كويىدا ئاۋارا ئىكەنلىكىنىمۇ ياخشى بىلىمەن. دەرىتلىرىنىڭ داۋاسىنى باشقا يەردىن ئىزدەۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن. سەندىمۇ بۇ ياشلارغا نىسبەتەن ئېچىنىش ھېسسىسى پەيدا بولغان ئىكەن، بۇ ھېسسىنى توغرا قوللىنىش كىرەك. مەسىلىگە ئاچچىغىڭ بىلەن ئەمەس بەلكى شەپقەت، كۆيىنىش بىلەن مۇئامىلە قىلغىن. بۇ ھەقتە ساڭا بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بىرەي. بۇ ۋەقە قەلبىمنى يارا قىلغان ۋەقەدۇر. زامان ۋە ماكانلىرىنى دەپ ۋاقىتنى سوزماي، قىسقىچىلا سۆزلەپ بىرەي...

بىر ياش قىز ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇش ئۈچۈن شەھەرگە كەلدى ۋە شەھۋەت سودىگەرلىرىنىڭ قولىغا چۈشتى. تىز ئالدىنىدىغان زەئىپ قەلبى، تىز ھاياجانلىنىدىغان ھېسسىياتى ئۇنىڭغا كىلەچىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ،«ھايات دىگەن مۇشۇكەن» دىگۈزۈشكە باشلىدى. ئۈگۈنۈش ۋاقىتلىرىنى كەيىپ ـ ساپا، دەرىس ئورنىنى مەيخانا، كافىخانا ۋە رېستۇرانلار ئىگەنلىدى. ئاخشاملىرى ياتاققا كەلمەسلىككە باشلىدى ۋە مەكتەپتىن ھەيدىلىش دەرجىسىگە باردى. رەھبەرلەر ئەھۋالنى ئۇ قىزنىڭ دادىسىغا ئىنكاس قىلدى. بىچچارە دادا قىزىنى شەھەردىكى ئىپلاس مۇھىتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، قىزىنىڭ قېشىغا كەلدى. قىزى بىلەن كۆرۈشۈپ، كەچ بولسىمۇ ئاتىلىق نەسىھەتلىرىنى قىلغاندىن كىيىن:«بۇ شەھەردە قىسمىتىڭ مۇشۇ ئىكەن، نەرسىللىرىڭنى يۇغۇشتۇر، كىتىمىز»، دىدى. نىمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان قىز، «مەيلى»، دەپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى. بۇ ئىشلار بىردەمدىلا يۈر بەردى. شۇ چاغدا قىزنىڭ ۋىجدانىنى قانداق ھىساپ ـ كىتاپ قىلغىنىنى، نىمىلەرنى ئويلىغىنىنى بىلمەيمىز، ئەمما بىز بىلگەن بىر نەرسە شۇكى، بىر قىزنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشقان ئىدى. تاراق ـ تۇرۇق ئاۋاز بىلەن تەڭ، ئاتىمۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەڭ، «نىمە بولدىكىن»، دەپ قىزىنىڭ ياتىقىغا يۈگەردى. ياتاققا كىرىپ قىزىنىڭ جانسىز جەسىدىنى كۆردى...

  مىنڭچە، بۇ قىز دادىسىنىڭ گېپىنى رەت قىلىش ئورنىغا، ياتاقدا ئېسىلىپ ئۆلىۋىلىش ئارقىلىق، روھىدا بىر خىل نۇمۇس تۇيغۇسىنىڭ بارلىقىنى ئۇيەرگە توپلانغان جامائەتكە جەسىدى بىلەن كۆرسەتمەكچى ۋە جانسىز بېقىشلىرى بىلەن ئۇلارغا:«مىنى بۇ ھالغا سىلەر كەلتۈردىڭلار!»، دىمەكچى ئىدى.

ھىم، بۇ قىز كىشىلەرنىڭ شەھۋەت توزاقلىرىغا چۈشۈپ قالغان ئەمەس. ئۇ بۈگۈنكى جەمىيەتنىڭ قۇربانى ئىدى. ھەممە «سۆيگۈ» دەپ ئىسىنى يوقاتقان، گىزىت ـ ژورناللار باش سەھىپىسىنى ئاياللار ئۈچۈن ئاجراتقان، رادىئوـ تېلىۋىزيەدە، ناخشاـ قوشاقلاردا:«ئايال، ئايال»، دەپ ۋارقىراپ جار سېلىۋاتقان جەمىيەتتە ئۆسۈپ يىتىلدى. ھەممىنى دەم تارتىپ، جەمىيەتنى بىزار قىلۋاتقان بۇ ئىپلاس ھاۋا قىزنىمۇ زەھەرلىگەن ئىدى. بۇ بىچچارە قىز ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش يۈزلەپ، مىڭلاپ ياشلار توختاۋسىز تەشۋىقاتلار بىلەن، ئاجايىپ بىرخىل ھايات پەلسەپەسىنى مەجبۇرى قوبۇل قىلىشقا رازى بولغان ۋە بولماقتا. بۇنداق رەزىل ھاياتنى ھىچكىمنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى تانلىغانلىقلىرىغا ئىشىنىشىدۇ. ئۇزاق يىللاردىن بىرى ئۇلارغا ئارـ نۇمۇس ۋە ھايا كەبى چۈشەنچىلەر «كونا»،«قالاقلىق»، دەپ سىڭدۈرۈلدى. « زامانىۋىي، مەدەنىيەتلىك ياش ئەۋلادلار بۇنداق توسۇقلارغا مۇتلەقا پەرۋا قىلماسلىقى كىرەك»، دەپ ئۇقتۇرۇپ كىلىندى. نەفىسلىرى ئاسرالدى، ئۆزلىرى بولسا خۈنۈك بىر ئويۇنغا قۇربان قىلىندى. «يىغىشتۇر شۇ ھايا دىگەن نەرسىلەرنى، ئاتلاپ ئۆت بۇنداق تۇسۇقلاردىن» دىگەندەك مەككىرانە تەلقىنلەرگە دۇچ كەلدى ياشلار. ياشلارنى ئوۋلاش مەقسىتىدە بولغان بەزى قارا گورۇھلار:«ئۆزىڭنى ھەرگىز يوقاتما، سەنمۇ بىزلەرگە ئوخشاش ئادەمسەن»،«ھازىر زامان مۇشۇنداق»،«ئۆتمۈش ۋە كىلەچەكنى ئۇنۇت، كۈندىلىك كەيىپ ـ ساپاغا، ئويۇن ـ كۈلكىگە باق،ياشلىقىڭدا ئوينىۋال»،دىگەندەك شەيتانى يوليورۇقلار بىلەن ياشلارنى يولدىن ئاداشتۇرۇپ، ئاقىبەت ياشلارنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋىلىشى، ئېسىلىپ ئۆلىۋىلىشى، پويىزغا ئۆزىنى ئېتىۋىلىشىغا ئوخشاش ئىشلارغا سەۋەپ بولماقتا.

ساغلام ئەقىل، ئويغاق ۋىجدان بىلەن ئويلاپ كۆرۈلسە، ھىچبىر شەخىسنىڭ رازى بولمايدىغانلىقى ئىنىق بولغان بۇ بۇزۇق ھايات پەلسەپەسىنى، ئەپسۇسكى، ھازىرقى كۈندە ئالدانغان بەزى ياشلار قوبۇل قىلماقتا. نەتىجىدە ئويلاشتىن، پىكىر قىلىشتىن قاچىدىغان، ئالدامچى، نەيرەڭچىلەرگە جان دەپ يېپىشىدىغان، غەپلەتكە ئاشىق، ئەيش ـ ئىشرەتكە مەپتۇن، پەقەت مەئىشەت ۋە ئويۇن ـ تاماشا بىلەن كۈن ئۆتكۈزدىغان بىر نەسىل يىتىشىپ چىقىتى.

بۇ يەردە بىر مۇتەپەككۇرنىڭ سۆزىنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن:« مېسسىيونىرلار(خىرىستىيان دىنىنى تارقاتقۇچىلار) مۇسۇلمان دۇنياسىدا مۇقەددەس تۇيغۇنى، يەنى ئىسلامىيەتنى ئۆلتۈرۈش كويىدا ھەركەت قىلماقتا. بۇ مۇقەددەس تۇيغۇ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ بۇزۇق ئىتقادلىرىنى سىغدۇرالماسلىقى ئىنىق ئىدى. چۈنكى مىسسىيونىرنىڭ ئەسلى مەقسىدى خىرىستىيانلاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئەزەلىي رەقىبى بولغان مۇسۇلمانلارنى ئىتنىك جەھەتتىن پارچىلاپ تاشلاشتۇر. خالىغان قېلىپىغا سالالايدىغان،  ئاڭسىز ۋە ئىرادىسىز لايغەزەل ھالەتكە كەلتۈرۈش...».

ياشلارنى قانداق قىلىپ بۇ ھالەتكە ئېلىپ كىلىشىدۇ؟!

بۇ مەسىلە ناھايىتى چوڭ بىر تەتقىقاـ مەسىلىسىدۇر. بىرەر مەكتۇپ بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلە ئەمەس بۇ. پەقەت مۇشۇنچىلىك ئېيتاي:«گىزىت ۋە ژورناللاردىن رومان ۋە ھىكايىلەرگىچە، كىنوـ فىلىملەردىن رادىيو ـ تېلۋىزىيەلەرگىچە بارلىق نەشىر ئورگانلىرى ئۈستىدە، زامان ئامىللىرىمۇ ھىساپقا ئېلىنغان ھالدا، بىر دىققەت قىلىنسا، بۈگۈنكى بىر قانچە ئىجدىمائىي كىسەللىكلەر، خۇددى ۋابا كىسەلگە ئوخشاش بىردىنلا پەيدا بولماستىن، بەلكى ناھايىتى ئاڭلىق ۋە سېستىمىلىق پەيدا بولغانلىقىنى روشەن بىلنەر ئىدى. يېقىنقى زاماندا تېخى مۇسۇلمان ئەجداتلىرمىزغا جىزيە تۆلەپ، ئەجداتلىرمىزدىن دەرس ئېلىپ ياشىغان ياۋروپا بۈگۈن، مەسىلەن، «گۈزەللىك مۇسابىقىسى» نامىدا قىزلىرىمىزنى ھوزۇرىغا جەلىپ قىلىپ، ئەڭ خۈنۈك بىر شەكىلدە ئىمتىھان ئېلىۋاتقان بولسا ۋە بىز ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدىغان ھالغا كەلگەن بولساق، بۇنىڭ تاساددىبى ئەمەسلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.

تەتقىقات داۋامىدا ناخشاـ مۇزىكىلارنىڭ مەتىنلىرگچە ئىنچىكىلەپ، بۇنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىمىزگە، قەدىرىيەتلىرىمىزگە قانچىلىك توغرا كىلىشىنىمۇ تەھلىل قىلىش لازىم بولىدۇ. بازارلاردا، تاغلاردا، كوچا ـ كويلاردا، ئۆيلەردە، مىترولاردا، كانايلار بىر بىرى بىلەن بەسلىشىپ:«ئاھ جېنىم، سەن بەرىبىر مىنىڭسەن»،«ھامان بىر كۈن قايتىپ كىلىسەن، بىز مەڭگۈ بىزگە بولىمىز»، دىگەنگە ئوخشاش تايىنى ناخشا ـ قوشاقلارنى قولاق تۈۋمىزدە ياڭرىتىپ، ئۇلارنى ئاڭلىغان ياشلارنىڭ، ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا، ئەقىللىرىنى ئۆلۈپ، خىياللىرىنى پەرىشان قىلماقتا. بۇ ياشلار ئەقىل بابىدا بولمىسىمۇ، ھېس بابىدا ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ھەمرا قىلىپ تاللىغان قىزنىڭ باشقىلار بىلەن خالىغانچە يۈرۈپ، مەيلى ئۇلار قانداق قىلسۇن، ئاخىرقى ھېساپتا يەنە ئۆزىگە قايتىپ كىلىشىنى غەلبە دەپ بىلدىغان ھالغا چۈشتى.

بۇنداق تۇيغۇ ياش قىزلار ئۈچۈنمۇ خەۋىپلىكتۇر. باشقا شۇنىڭغا ئوخشىغان شەھۋەت نەغمىللىرىنى بۇنىڭغا قىياسلىشىڭ مۇمكىن.

بۇلاردىن تاشقىرى، «سۆيگۈ» ھەققىدىكى رومان ۋە ھىكايىلەر جەمىيەتكە يازغۇچىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئەسەر قەھرىمانلىرى ئارقىلىق تەقدىم قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىر يازغۇچىنى ھەقىقى مەنادا تونۇمىساڭ، ئىپپەت ۋە ئائىلە ھەققىدە  ئۇنىڭ پىكىرلىرىدىن خەۋەرسىز بولساڭ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇساڭ، تاغ ـ دالادا ياكى ئادەمسىز يەردە نامەھرەم ئەركەك بىلەن سەيلەـ ساياھەت قىلغانغا ئوخشاش ئىشتۇر. رومان قەھرىمانلىرى گويا مىكروفۇن، ئەمما گەپ قىلىۋاتقانلار بولسا ھەردائىم يازغۇچىنىڭ ئۆزىدۇر. پاك قەلىبلىك بىر ئۆسمۈر بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقىۋەرسە، ئاخىرى ھاياتقا ئاشۇ رومان(ئەسەر) پىرسوناژى كەبى قاراپ، كائىنات ۋە ئىنسانىيەتنى شۇ ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈشكە باشلايدۇ. ئەسلىدە لەنەتلىنىشكە تىگىشلىك بولغان بىر پىكىر ئەسەر قەھرىمانى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەبىئىي سالدا سىڭدۈرىلىشى مۇمكىن. ھازىرقى كۈندە دۇنيانىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە يېيىلغان ئەخلەقسىز نەشىر، كىنو ۋە ۋىدىئولار ئالدىدا رومانلارمۇ ئارقىدا قالدى. ياۋرۇپا ياشلىرىنى شەھۋەت پاتقىقىغا پاتۇرغانمۇ شۇ ھاياسىز نەشىرلەرنىڭ خىزمىتىدۇر. نەتىجىدە بۈگۈن پاھىشۋازلىق دۇنيادا چوڭ بىر مەسىلە سۈپتىدە تارالماقتا. غەرب دۇنياسى بۇ مەسىلىدە ئۆز يېغىدا ئۆزى قورۇلماقتا. يەڭگىلتەك، ھاياسىز، شەھۋەتخور ياشلارنى بۇ يولدىن قانداق قۇتقۇزۇشدا بېشى قاتقان بولسىمۇ، بىز تەرەپتىن بىز مۇسۇلمانلارغىمۇ تەسىرىنى يۇقتۇرماقتا. بىزنىڭ ياشلىرمىزنىمۇ دائىما ئۆزىگە تارتماقتا. بىز گىزىتتە تۆۋەندىكى مەلۇماتقا دۇچ كەلدىم:«ئامرىكىدا تۆت سائەتتە 1200 ئايال ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە ئۇلاردىن %43تى ئەرلىرىگە خىيانەت قىلىپ، ئۇلارنى ئالدىغان ئىكەن». ئامرىكا شۇنداق بولسا فىرانسىيە، شىۋىتسىيەنى ئۆزۈڭ تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆر.

ئۆلكىمىزدە غەربلىكلەر بۇنداق ئەخلاقسىز ئىشلارنى تەشۋىق قىلىشى ھاكىمىيەت بېشىدىكى بەزى مۇتەسەددىلەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن تېخىمۇ تىزلاشمەكتە.  ئەگەر ياشلىرىمىز غەرىپكە مەپتۇن بولۇپ، غەرىپلىشىش پېيىگە چۈشسە، نەتىجىسى بەكمۇ يامان بولىدۇ...

ئەمما شۇنىڭغا شۈكرى قىلىمەنكى، مىللىتىمىز ۋە ئائىلىۋىي ئەھلىللىرىمىزنىڭ ھەممىسى بۇنداق ئەھۋالغا چۈشكىنى يوق. يەنە بىر نۆۋەت چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرگىن. بىر ئەسىرگە يېقىن چەككەن ئىزتىراپ ۋە يارىمىز تېخى پۈتكىنى يوق. بۇ يارىلارنى داۋالاش سىزلەردەك ئاللاھنى تونىغان، غەيرەتلىك، ئۈممەت ۋە دىنى ئۈچۈن قايغۇرغان، ئىمانلىق ئەۋلادلارنىڭ ھەركەلىرى ۋە غەيرەتلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشقۇسى ئىنشائاللاھ...

سالام بىلەن...»

تۈگىدى.



تاھىربەگ تور تۇراسى  ۋە مىسرانىم مۇنبىردە ئىلان قىلىندى


‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___   سۈرە شەمسى 9_ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3200
يازما سانى: 556
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7926
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 493 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 03:08:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                   توپقا « ئوقىمىغانلار ئارماندا» دەپ يېزىپتىكەنسىز ~~~
                        
                                   قېنى بىر ئوقۇپ باقاي ~~~`

قايغۇرما دۇنيا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64415
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4268
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 05:19:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھرىرلىنىۋاتىدۇ :qiray131

ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويىۋىتىش،مەغلوبىيەتنىڭ ئىككى ھەسسىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بەخىت ئمان ئاستىدا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11721
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5631
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 134 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 05:53:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاككۇك..

قورقۇنچاقلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ،
باتۇرلۇق ئۆمۈرنى قىسقار تالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35044
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 06:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رس

مېھراي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35044
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 06:20:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىلا بەك ياخشى ئەسەركەن.

مېھراي

بۈگۈن خىزمەتتە ت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69868
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 549
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 06:54:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن.

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم، سۇبەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، ئەجرىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.

مۇخسىن- ياخشىلىققا باشل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63062
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 620
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 08:12:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا    ئوقۇمىغانلار   ئارماندا  قالغۇدەك ئەسەركەن ........                                                     
                                                                                                                                 
تەرجىمە قىلىپ بولغىچە  خېلى  جاپا  تارتقانسىلەر    ھە  ............                                          
                                                                                                                                
                                                                                                                                   
                                                                                                                                   
                                                                                                                                    
                                      

بىر ئايالنىڭ غورورى بىر ئەر كىشىنى  يامان يولدىن توسسا ،
بىر ئەرنىڭ غورورى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسۇپ قالالايدۇ .
ئاياللار ھېيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغاچقا ، ئاياللار ھايا پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلىماقتا .................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71863
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 05:45:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
:qiray124بۇپتۇ جۇمۇ؟؟؟؟

دۇستلار ياخشىمۇسىزلار؟؟؟؟؟؟؟؟

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23112
يازما سانى: 907
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6721
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 866 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 06:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن ........ئارماندا قالغىلى تاس قاپتىمەن .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20362
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3342
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 09:41:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېس-تويغۇلىرىمنىڭ شۇنچە تېز ھاياجان قوينىدا تولغونىپلا، بېسقىپ قىلىشىنى خالىمايمەن ھەم باشقىلارنىڭ، مەن ھەم تەشنا بولغان بەزى جاۋابلارغا نائىل بولدۇم،بەك بەك خۇرسەنلىك ئىلكىدە ئەسەرنى تامام ئوقۇپ تۈگەتتىم.
ئاللاھ، ئىمان نۇرىنىڭ تىخمۇ بەك جۇلالىنىشى ئۈچۈن قىلغان ھەركىتىڭىزنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن.


يامان ئادەم بولماق ئاسان، ياخشى ئادەم بولماق تەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20362
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3342
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 09:47:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلەمسلەركى، ئوقۇرمەن قېرىنداشلىرىم بۈگۈن شۇنداق بىر جاۋابنىڭ مىنى چوڭقۇر ئىككىلىنىشكەھەم گۇناھقا شېرىك بولغان قەلبىمنى قوتۇلدۇرىشىغا مۇھتاج بولغان ھەم سىغنغان ئېدىم،  ئىگەم مۇھتاجىسىز قۇيمىدى بەندىسىنى، ئويلايمەن باشقىلارنىمۇ ھەم شۇنداق.

يامان ئادەم بولماق ئاسان، ياخشى ئادەم بولماق تەس !

للە ھىچ ئادەمنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6191
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6766
تۆھپە نۇمۇرى: 299
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 10:43:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن.

پوقنى قانچە كوچىلىغانسىرى ئۇنىڭ سىسىقلىقى شۇنچە نامايەن بولىدۇ !!!دسااااااااااااا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37456
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1852
تۆھپە نۇمۇرى: 161
توردا: 1846 سائەت
تىزىم: 2011-4-13
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 11:33:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئاجايىپ ئېسىل ئەسەركەن، قاتتىق ھاياجانلار ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم، دۇنياغا ئىسلام نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىكى نۇرغۇن سوئاللاغا ئاجايىپ چۈشىنىشلىك ۋە ئوبرازلىق جاۋاب بېرىلىپتۇ.
    تەرجىمە قىلغۇچىلار قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن، ئاللاھ خالىسا سىلەرگە كۆپ ساۋابلار باردۇر.
   ئەپسۇسلانغىنىم، مېنىڭ كۆڭلۈمدىمۇ ساقلىنىۋاتقان ۋە بۇ ئەسەردىمۇ تىلغا ئېلىنغان ئىككى سوئال يەنى: «ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتنى تېپىشدا تەڭ ئىمكانغا ئىگە ئەمەسمۇ؟» « ياراتقۇچى ئىگىسى بولسا، ھەممە ئىنسانلار نىمىشقا بىر نۇقتىغا بىرلىشەلمەيدۇ؟ »دېگەن سوئاللارغا يەنىلا ئېنىق جاۋاب تاپالمىدىم.

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3713
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 2614 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-2 01:40:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

كۆپرەك  دوستۇم بولسا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش