ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ،ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىمىز ئالدىنقى قېتىم،يازغۇچىمىز چوپانىنىڭ ‹‹ياغاچ مىدال›› ناملىق تارىخى روماننى ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلىگەندۇق. ئاپتۇرىمىزنىڭ بۇ ئىشقا نىسپەتەن ئىنكاسى: رومانىمنى ئېلكىتاب قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھ خەيرلىك كۈنلەر ئاتا قىلغاي! ھۆرمەتلىرىم بىلەن : چوپانى بۇ ئىشقا نىسپەتەن گۇرۇپپا ئەزالىرىمىز تىل بىلەن ئىپادىلگۈسىز چەكسىز ھاياجان ۋە خوشاللىقا چۆمدۇق،يەنە ئاپتۇرنىڭ بۇ ئىنكاسى بىزگە ناھايتى چوڭ بىر ئىلھام بولدى. 2-قەدەمدە بىز ئاپتۇرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن يازغۇچىمىز چوپانىنىڭ يەنە بىر رومانى تارىخى بولغان ‹‹سەمەندەر›› ناملىق رومانىنى ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەپ چىقتۇق.
مۇقاۋىسىنى لايھەلىگۈچى گۇرۇپپىمىز ئەزاسى aral 52 سەمەندەر رومانىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: 1945 -1946-يىللىرىدىكى زەرەپشان، خالاستان بويلىرىدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرىگە قارشى ئىنقىلابى كۆرەشلەر ئىخچام ۋە تەسىرلىك بايان قىلىنغان بولۇپ پېرسۇناژلارنىڭ روھى دۇنياسى،ئىدىيىۋى ھىسياتى،گۈزەل تىللار ئارقىلىق ناھايتى ئىنچكە ۋە چىن تەسۋىرلەنگەن،روماننىڭ ۋەقەلىك توقۇنۇشى ئۆتكۇر،پېرسۇناژلارنىڭ ھىس-تۇيغۇ زىددىيىتى ئىنتايىن كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق، مۇھەببەت، نىكاھ، ھۆرلۈك ئازادلىق دوسلۇق ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىپەلسەپىۋى پىكىرلەر ئارقىلىق بىر قەدەر مۇكەممەل شەرھىلەنگەن، روماننىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ،تىل ئىپادىسى، جۈملە قۇرۇلمىسى،ئىپادىلەش ئۇسۇلى تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ،ھىس تۇيغۇ ئوقچۇپ تۇرىدۇ. ئىككىنجى شەخىس تىلىدا يېزىلغان بۇ تۇنجى لىرىك رومان سىزگە سىزگە چوڭقۇر بەدىئىي زوق بېغىشلاپلا قالماستىن روماندىكى پېرسۇناژلارنىڭ قەيسەرانا كۆرەش روھى سىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇردۇ . بۇ يەرگە كىرىپ چۈشۈرۈڭ: كىرىش مەنبە: ئىستىقبال مۇنبىرى سىز تونۇشماقچى بولغان ئىستىقبال تورى،2011-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ،كۆپسانلىق تورداشلىرىمىزغا تونۇشلۇق بولغان ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش،ئۆزئارا ئۆگنىش،ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەمەلى ئىشلارنى قىلىپ بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلدى.ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىمىز ۋە ئىستىقبال تورىمىزنىڭ مەقسىدتى: كۆپلەپ خەلقنىڭ ماددى-مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇ پۈكۈلگەن قەلبلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ خەلققە بىر كىشىلىك ھەسسىسنى قوشۇش ئويىدا يۈرىۋاتقان پىدائىيلارغا خاس روھقا ئىگە ياشلارغا ئۆز ھىسلىرىنى ئەمىلىي نەتىجە بىلەن ئىپادىلەيدىغان سەھنە ھازىرلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان،خەلقىمزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان ،ئۆزىمىز ئىگە بولغان ئەۋزەل شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلنىپ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر بۆلۆك كىشىلەر توپىنى ھاسىل قىلىپ خەلقىمىز ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئەمەلى ئىش قىلىپ بىرىش. ئەگەر سىزمۇ خەلقىمىزئۈچۈن ئازراق ئەمەلى ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلىسىڭىز،ئىستىقبال تورى ۋە ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلىشىڭىزنى ،سەمىمى پىكىرلەرنى بېرشىڭىزنى ۋە ھاياتىنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن سۆيدىغان كىشلەرۋە خەلقىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئويدا يۈرگەن قېرىنداشلارغا بىزنىڭ تەشەببۇسنامىمىزنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ. يەنىلا شۇ گەپ ئەلنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن بىھۇدە ۋە قالايىمقان پەرەزلەرنى قىلىشتىن ئەمەلى ھەركەتنى ئەۋزەل كۆرۈش ئەلنىڭ مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك، ئەلنىڭ ئىستىقبالىنى دەپنە قىلغان بىلەن باراۋەر. بىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىشمىز خەلقىمز ئۈچۈن ئېلكىتاب ياساش بىلەن باشلاندى،لىكىن بىز بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەمەلى ئىشلارنى قىلىشا تىرشىمىز. گۇرۇپپىمىز ۋە ئىستىقبال تورىمىز سىزنىڭ قوللاپ قۇۋەتلەپ بېرشىڭزنى، سەمىمى ياخشى تەكلىپ-پىكرلەرنى ئايماسلىقڭىزنى،خاتالىق نۇقسانلار بولسا كەچۈرۋېتىشڭىزنى ئۈمىد قىلدۇ. رازىمەن كېچىشكە ئىسسىق جېنىمدىن، ۋە لېكىن كەچمەيمەن ئانا تىلىمدىن! تىلىم ۋە يېزقىم بارلىقىم مېنىڭ، كەچمەيمەن ئۆلسەممۇ ئۆز يېزىقىمدىن! ئاخىردا بىز بۇ سان كىتابىمىز ئارقىلىق،ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىمىزنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدە تۈرۈتكلىك رول ئوينىغان مىسرانىم مۇنبىرىگە،ئىستىقبال مۇنبىرىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلىگەن قىياس دۇنياسى تور بېتىگە ،يەنە مۇنبىرىمىزنى قۇرۇش،تەڭشەش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئىشلاردا بىزگە ياردەم بەرگەن تۇرانىم ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز. ئەل ئىستىقبال ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-31 09:22 PM
|