شائىرغا ئىلتىجا < دەيمەن >
شائىر بوپ دىھقاننى كۈيلىسەم دەيمەن ،
بۇلبۇلدەك باغلاردا ، ئۈنلىسەم دەيمەن .
قەلەمدىن مىللەتكە ، ھارارەت بېرىپ ،
ئۇلاردىن قىلچە غەم ، كۆرمىسەم دەيمەن .
گۈل كەبى پۇراقلىق ، كۆكلىسەم دەيمەن ،
بۈركۈت بوپ قۇزغۇندىن،ئۆرلىسەم دەيمەن .
ھاياتتا جەڭ تۇلا ، تۆھمەت ھەم سۆكۈش ،
شۇ جەڭنى ‹ ئۆزلەردىن ›، كۆرمىسەم دەيمەن .
يىتىمگە قەھىرىمنى ، تۆكمىسەم دەيمەن ،
ئۆز قەۋىم ، مىللەتنى ، سۆكمىسەم دەيمەن .
شەرەپتىن بالدۇرقى ، كەلگەن جاپاغا ،
كۆز ياشنى ئالدىراپ ، تۆكمىسەم دەيمەن
.
دۈشمەنگە دەردىمنى ، تۆكمىسەم دەيمەن ،
تۈلكىدەك قۇۋلۇقتا ، ئۆلمىسەم دەيمەن .
مەردانە ياشايمەن ، مەردانە ئۆلۈپ ،
ياۋلارغا ‹تىزىمنى › ، پۈكمىسەم دەيمەن
.
گۇگۇمدا چىراق بوپ ، ئۆچمىسەم دەيمەن ،
يوقسۇلنى گاداي دەپ، سۆكمىسەم دەيمەن .
‹تاشمۇ ھەم ئەزىزدۇر ، چۈشكەن يىرىدە ›،
بىر ئۆمۈر يۇرتۇمدىن،كۆچمىسەم دەيمەن .
شائىر بوپ گۈل كەبى ، ئېچىلسام دەيمەن ،
دىھقان بوپ سەپلەرگە ، قېتىلسام دەيمەن .
دىھقاندۇر نەسلىمىز ، بۈگۈنىمىز ھەم ،
مېدال بوپ دىھقانغا ‹ئېسىلسام › دەيمەن .
مەنبە---- تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان > بۆرتالا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tagnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-30 06:47 PM