خار كۆرمىگىن ئاجىز ئىنساننى
XOHTEKIN
بۇ دۇنيانىڭ راھىتى چەكلىك،
مال-بىساتىڭ ئامانەت پەقەت.
پاشا شىرنى قاقشىتار چېقىپ،
كىممۇ بىر خىل ياشايدۇ ئەبەد.
خار كۆرمىگىن ئىجىز ئىنساننى.
توكۇرلارنى پۇتلىما ھەرگىز،
گاچىلارنى تىللىما ساتلەپ،
قارغۇلارنى ئىتتىرمە ھاڭغا،
مەدەت بەرسەڭ مېيىپ قەلبىگە،
سۆيەر سېنى مەڭگۈ ھەسسىلەپ.
كىمنىڭ يوقتۇر ئۇلۇغ بولغۇسى،
لېكىن تەقدىر كاچدۇر ئەزەلدىن.
ئەھدى قىلىپ شۈكۈر،تۆۋىنى،
ساقلا دىلنى نۇمۇس،غەرەزدىن.
پەس كۆرمىگىن ئاجىز ئىنساننى.
ئەگەر بولساڭ سەنمۇ بىر مەجرۇھ،
زار-ھەسرىتىڭ تەڭرىگە يەتمەس.
گويا جەننەت ھەر ئىنسان باغرى،
شەپقەت رىشتى نۇرلۇق مۇھەببەت
.
2011-يىل30-دىكابىر(دىيارى كەلپىن)