مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3467|ئىنكاس: 54

ئالدانغان قىز(پۇشايمان خاتىرىسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

اللاھ ماڭا مەدەت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34043
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1351
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 3373 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 04:04:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇگۇن ئەتتىگەن دۇكاننى سەل ۋاقچىراق ئاچتىم.دۇكاننى تازلاپ بۇلۇپ،ئادەتتىكىدەكلا تورغا چىقىپ ئولتادىم.تۇيۇقسىز بىر ئەركىشىنىڭ‹ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم›دەپ دۇكانغا كىرگىنى كۇرۇپ ئەندىكىپ كەتتىم.چۇنكى دۇكۇنىمدا ئاياللارنىڭ ئىسلامچە كىيمىنى ساتىدىغان بۇلۇپ،ئادەىتتە دۇكۇنىمغا ئەرلەر كىرىپ كەتمەيتى.مەن‹ۋئەلەيكۇم ئەسسالام›ئورنۇمدىن قوپتۇم.ئۇ سەل تارتىنغان ھالدا گەپ ئېچىشقا باشلىدى.
  ـمەن ئۇدۇلىڭلادىكى دۇكاننغا يېڭىدىن كۇچۇپ كەلگەن قوشناڭلا بۇلىمەن.توبانى يۇيۇپ كىلەي دىسەم سۇخانىنىڭ نەدىلكىنى بىلمىدىم شۇڭا…
  ئۇ گەپ قىلىپ بولغۇچە مەن ئۇنىڭ تەقى تۇرقۇغا سەپ سېلىشقا ئۇلگۇردۇم.ئۇ رەتلىك كىيىنگەن.بېشىدا  دوپپا.ئاق كۆينەك پادىچىلار شىمى.ئۇنىڭغا ياراشتۇرۇپ قۇيۋالغان قىسقا ساقاللىرى.بىر قاراپلا ئۇنىڭ ئىسلامى يىگىت ئىكەنلىكى بىلنەتى.
  -ھە،ئۇچۇنچى قەۋەتكە چىقىپ ئوڭ تەرەپكە ئۇدۇل ماڭسىڭىزلا شۇ يەردە بار.
  -رەھمەت سىزگە.
   ئۇ ئارقىغا بۇرۇلدى.شۇ ۋاققىتتا بۇرنۇمغا ئىنتايىن پۇراقلىق ئەتتىرنىڭ ھىدى ئۇرۇلدى.مەن بۇرۇنتىنلا  ئەتتىر چېچېىپ رەتلىك يۇرۇيدىغان ئوغۇللارغا ئامراق ئىدىم.ئۇ چىكىتىپ خېلى ئۇزۇنغىچە ۋۇجۇدۇمنى ئەزەلدىن بۇلۇپ باقمىغان بىر خىل ئىللىق سىزىم چىرمىۋالدى.ئۆز ئۆزۇمدىن خىجىل بۇلۇشقا باشلىدىم‹توۋا ئايزۆھرە،نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسەن؟سەن خېلى ئۇزەڭنى تۇتۋالغان قىزغۇ؟خىجىل بولساڭچۇ!›مەن دەرھال ئەتىراپىمغا قاردىم.خۇددى بىراۋ مىنىڭ بۇ ئويلىرىمنى بىلىپ قالغاندەك ئەندىكىپ،قاراپ كەتتىم.مانا بۇگۇن مەندە ئون سەككىز يىلدىن ياقى بۇلۇپ باقمىغان ھېسىياتلار شەكىللىنىشە باشىلدى.
  ھەش پەش دىگۇچە بىر ئاي ئۆتەپ كەتتى.بۇر بىر ئاي ئىچىدە مەندە جىق ئۆزگىرىشلەر بولدى.ئادەتتە مەن ئۇزەمنى ئانچە تۇزەپ كەتمەيتىم.ئەمما شۇ كۇندىن ياقى مەن ئۇزەمگە ئالاھىدە كۆڭۇل بۇلدىغان،كىيىملەرنى قىممىتىنى،گىرىملەرنى .ئېسىلىنى تاللاپ ئشلىتىشكە باشىلدىم.يەنە تىخى بۇرۇنقىدىك قوپاللىقنى قىلمايدىغانمۇ بولدۇم.بۇ ئوزگىرىشلەرنى ئۆيدىكىلەرمۇ سەزدى بولغاي مىنىڭ دۇكان ئېچىشىمنى توسۇيدىغان بۇلۋالدى.ئەمما مەن ئاتا-ئانامنىڭ بىرلا پەرزەنتى بولغاچقا،كونا ھۇنۇرۇمنى ئشقا سېلىپ،دادامغا ئەركىلىپ ئۇنۇڭغا ئۇنمىسا يىغلاپ دىگەندەك ئاخىر ماقۇل كەلتۇردۇم.ئەمما ئۇ دۇكان خوشنام بىلەن ئانچە پاراڭلىشىپ كەتمەيتىم.ئۇ دۇكىنىدىن چىقماي كىتاپ كۆرۇپ ئولتۇراتى.مەنمۇ خىجىل بۇلۇپ ئۇنىڭغا گەپ قىلمايتىم.
  تۇيۇقسىز بىر كۇنى ئۇ دۇكۇنىمغا كىرىپ،ئۇزىگە تورغا چىقىشنى ئۇگۇتۇپ قۇيشىمنى ئېيتتى.مەن بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ماقۇل بۇلمەندە.شۇنىڭدىن ياقى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقەم بارا-بارا قۇيۇقلىىشىشقا باشىلدى.مەن ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇللا ئىكەنلىكنى،30 ياشقا كىرگەنلىكىنى بىلىدىم.شۇنىڭدىن ياقى ئۇنى ‹ئابدۇللا ئاكا›دەپ چاقىرادىم.بىز بارا-بارا بىللە تاماق يەيدىغان،چاقچاقلىشىدىغان بولدۇق.ئۇ بەكلا ئىلمى ئىدى.ماڭا ھەدىس سوزلەپ بىرەىتتى..ئۇنىڭ ئەخلاقى،بىلىمى مىنى ھەقىقەتەن ئۇزىگە مەھلىيا قىلۋالغانتتى، بىر كۇنى بىللە چۇشلۇك تاماق يەپ ئولتارغىنمىزدا ئۇ سۆز ئاچتى.
  -ئايزۆھرە،يات ئەرلەر بىلەن يات ئاياللار بىزگە ئوخششاش چاقچاقلىشىپ،بىللە تاماق يەپ ئولتۇرسا بۇ چەكلىنەتتى.
   ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلغاندا مەن ھەقىقەتەن بەك خىجىل بولدۇم.ئەمما يەنە تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلدى
  -ئابدۇللا ئاكا،مەن سىزگە بىللە تاماق يەيلى دىدىممۇ؟يا پاراڭلىشايلى،دىدىممۇ؟ھەممىسى سىزنىڭ تەلپىڭىز بۇيۇنچە بولدۇغۇ؟
  -ياق ئايزۆھرە،سىز مىنى خاتا چۇشنۇپ قاپسىز.مەن بۇنداق دىمەكچى ئەمەس.
  -ئەمسە نىمە دىمەكچى.ئۇزۇم كىچىك بولساممۇ،ئۆزەمگە چۇشلۇق غورورۇم بار ئادەم مەن.
  -مەن سىزنى ئالاي دەيمەن
  بۇنداق ئۇچۇق ئېيىلغان گەپتىن ھەقىقەتەن خىجىل بولدۇم.نىمە دىيشىمنى بىلمەي خىقىلچىلىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكىدەكلە بۇلۇپ كەتتىم.
  -كەچۇرۇڭ،سىزنى قورقۇتۋەتتىم.ئەمما مەن سىزگە راستىنلا ئامراق.سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن باشلاپلا سىزنىڭ باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىڭىزنى بىلگەن ئىدىم.سىزنى شۇنچە ئۇزاق سىنىدىم.ئەتراپىمىزدىكى خوشنا قىزلارنىڭ ھەممىسى ھەرخىل ئىشلارنى باھانە قىلىپ كىرىپ.مەن بىلەن پاراڭلىشۋالاتتى.سىزنىڭ كىرشىڭىزنى نەچچە رەت كۇتكەن بولساممۇ سىز ئۇنداق قىلمىدىڭىز.سىز بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا سىزنىڭ ھەقىقى ئەخلاقلىق قىز ئىكىنلىكىڭىزنى بلدىم.سىزگە بۇ گەپنى نەچچە رەت قىلاي دىدىميۇ ئەممە ئىككىمىزنىڭ ياش پەرقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى ئويلاپ دىيەلمىدىم.ئەمما بۇگەن قەتتى نىيەتكە كەلدىم.
  مەن نىمە دىيشىمنى بىلمىدىم.بۇ مىنىڭ ئۆمرىمدە تۇنجى قېتىم بىراۋنىڭ ماڭا بۇنداق گەپ قىلشى ئىدى.نىمە دىيشىمنى بىلمىدىم،نىمە قىلشىمنى ھەم.پەقەتلا يەرگە قاراپ ئوتۇراتىم.ئۇ مىنىڭ خىجىل بولغىىمنى بىلۋالدى بولغاي.دەرھاللا
  -ئەگەر قۇشۇلسىڭىز بېشىڭىزنى لىڭىشتىڭ بۇلامدۇ؟
  مەن بېشىمنى لىڭىشتىم...
  كۇنلەر بىر خىل رىتىمدا كىتىپ باراتتى،بىزمۇ قىزغىن مۇھاببەت قاينىمىغا چۇكۇپ كەتتۇق.ئەمما بىز باشقىلارغا ئوخشاش كوچىدا قول تۇتۇشۇپ ماڭمايتۇق،قالايمىقان چاقچاقلاشمايتۇق.بىز مۇھاببىتىمىزنى پەرىشەپ بىلەن زىننەتلىۋالغان ئىدۇق.ئۇ پات-پاتلا ئۆيگە قاچان ئەلچى ئەكىرسە بولدىغانلىغىنى سورايتى.مەن ئۇزەمنىڭ تېخى كىچىك ئىكەنلىكىمنى ئاتا-ئانام ھازىر قۇشۇلمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭ كوڭلنى ئاغىرتىپ قۇياتىم.
  ھيىت ھارپىسىدا كۇندۇزى دۇكاندا بەك ھېرىپ كەتكەنلىكىمدىن بالدۇرلا ياتقان ئىدىم.تىلفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلدى:
  ‹جىنىم،بۇ بىر نەچچە كۇننى سىز يوق قانداقمۇ ئۆتكىزەمەن.ئوگۇنلۇككە كورۇشەيلى.سىزنى سېغىنىپ كىتىدىكەنمەن›
  ئۇچۇرنى كۆرۇپ ھارغىنلىقىم بىردىنلا كۇتۇرلۇپ كەتتى.بۇ ئۇنىڭ تۇنىجى قېتىم مننى‹جىنىم› دىيشى ئىدى.ھەم بۇ ئۆمرىمدىمۇ تۇنجى قېتىم باشقىلارنىڭ مىنى شۇنداق دەپ چاقىرشى ئىدى.ئاھ،نىمىدىگەن تاتلىق گەپلەر بۇ!مەن بۇ گەپلەرنى كۇرۇپ خوششاللىقىمدا ئۇنىڭغا تېفۇن قىلدىم.ئەمما ئۇ بېسۋىتىپ،يەنەئۇچۇر قىپتۇ.ئۇچۇرىدا‹كەچۇرۇڭ،مەن ھازىر بىرادەرلىرىم بىلەن بىللە ئىدىم.›ئۇنىڭغا‹ھە.ھىيىتتا مەن سىرىتقا چىقالمايمەن جىنىم كەچۇرۇڭ.دۇكانغا بارغاندا كۇرۇشەيلى.مەنمۇ شۇنداق بولىمەن›دەپ ئۇچۇر قايتۇردۇميۇ،بەكلا خىجىل بولدۇم.
  ئۇچ كۇندىن كىيىن بىز دۇكاندا كۇرۇشتۇك.ئۇ ماڭا،
  -نىمانداق چىرايلىق بۇلۇپ كەتتىڭىز.ياغلىقىڭىزنى پەسراق چىگۋېلىڭ،باشقا ئەرلەر قاراپ قالمىسۇن سىزگە دەپ كۇلۇپ قويدى.
  مەن ئەتتىگەن ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر مۇنچە ۋاقتىمنى چىقىرىپ ياسىنىپ كەلگەن ئىدىم.ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا بولغان ھورمىتىم تېخىمۇ ئاشتى.كەچتە دۇكاننى تاقايدىغان ۋاقىتتا،ئۇ بىزنىڭ دۇكانغا كىرىپ ‹بۇ ئۇچ كۇن جەريانىدا سىزنى بەك سېغىندىم.كەچتە بىللە تاماق يەيلى›دىدى.مەن دادامنىڭ كەچ كەلدىڭ دەپ تىللاپ كىتىشدىن قورقىسساممۇ يەنىلا قۇشۇلدۇم.پەسكە چۇشۇپ ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقتىم.ئۇ ماشىنىنى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر خەنزۇلار جىق بازارغا توختاتتى.
  -ئاكا،تاماقنى بۇلارنىڭكىدە يىمەسمىز؟
  -ياقەي.قېنى چۇشۇڭ سىزنى بىر يەرگە ئاپىرىمەن.
  مەن سەل تۇرۋېتپ چۇشتۇم.ئۇ مىنىڭ قۇلۇمنى تۇتتى.مەن دەرھاللا قۇلۇمنى تارتىۋالدىم.ئۇ يەنە قۇلۇمنى چىڭ سېقىمدىمالدى.تارتىشقا ئامالسىز قالدىم.ئۇ مىنى ئىككى قەۋەتلىك بىر بىناغا ئېلىپ ماڭغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ مىنى ياتاققا ئېلىپ ماڭغانلىقىنى بىلىپ،شۇ يەردىلا كىرمەيمەن دەپ ئولتۇرۋالدىم.ئۇ ماڭا،
  -سىز كۆپ ئويلاپ كەتتىڭىزمۇ نىمە؟باشقا يەردە گەپ قىلاي دىسەم،مىنى جىق كىشلەر تۇنۇيدۇ،سەت تۇردۇ،بۇ يەر ئەڭ ئەپلىك دىدى.
  -ماشىنىدا گەپ قىلسىڭىزلا بولدۇغۇ؟
  -بۇ سوغاقتىما؟
  -ئىسسىتقۇنى ئېچىپ قۇيۇڭ.
  -مەن سىزگە ئوخشاش بايۋەتچى بولمىسام.خاتىرجەم بۇلۇڭ سىزگە باشقا نىيتىم يوق.
  -ئاللاھ نامىدىن ماڭا چېقىلمايمان دەپ،ۋەدە بىرىڭ
  -ئاللاھ نامىدىن قەسەم بىرىمەن.
  مەن شۇندىلا خاتىرجەم بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن ماڭدىم.بىز بىر كىچىك ئۆيگە كىردۇق.مەن كىرىپ ئىشىك يېنىدىلدا ئولتۇرۋالدىم.
  -ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلدىمغۇ؟بۇندق قىلسىڭىز ئاللاھقا ئىشەنمىگەن بۇلسىز جۇمۇ.
  مەن ئىسلام تەربىيىسىنى ئالغىلى ئۇزاق بولمىغاچقا،ئۇنىڭ گىپىنى راسىت ئوخشايدۇ دەپ ئىچىگە كىردىم.شۇندىلا ئۇنىڭ نىيتىنى بۇزۇلۇشقا باشىلدى.مەن قېچىش ئۇچۇن ھەركەت قىلغان بولسساممۇ مەندەك بىر ئاجىز قىز ئۇنىڭغا تەڭ كىلەلمىدىم...
  مەن يىغلاپ ئولتۇردۇم،ئۇ ماڭا،
  -خاتىرجەم بۇلۇڭ،سىزنى ئالىمەن،دەپ بىر مۇنچە قەسەم بەردى،تەسەللى بەردى.نىمە دىگەنلىكى تازا ئىسىمدە يوق.ئەمما مەن پەقەتلا ئۇزەمنىڭ قىز بۇلۇپ قالغىنىمدىن بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم.ئويگە بارغۇچە بىر ئېغىز پاراڭ قىلىشمىدۇق.ئۆيگە كىرسەم سائەت توققۇز بۇلۇپتۇ.دادام ماڭا تازا كايدى.تېخى يۇزۇمگە بىرنى سالدى.ئەمما مەن ھازىر ھېچنىمىنى سەزمەيتىم.ئەتىسى يەنە دۇكانغا باردىم.بۇگەن ھېچقانداق گىرىممۇ قىلمىدىم.بارسسام ئۇ دۇكاننى تېخى ئاچماپتۇ‹كۇندە شۇنداق بالدۇر ئاچىدىغان ئادەم بۇگەن نىمە بولدىكىنە›دەپ ئويلاۋېتىپ ئۇنىڭدىن بەكمۇ سەسكىنىپ كەتتىم.
  چۇشتىن كىيىن سائەت ئىككىلاردە بىر ئايالنىڭ باشقىلاردىن ‹ئايزۆھرەنىڭ دۇكىنى قايسى؟›دەپ سوراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،ئۇنىڭ يېنىغا چىقتىم.ئۇنىڭ يېنىدا ئككى كىچىك بالىلار تۇراتتى.ئۇ دۇكانغا كىرىپ ماڭا ۋە دۇكانغا بىر قۇر كوز يۇگۇرتۋەتكەندىن كىيىن،
  -مەن ئابدۇللانىڭ ئايالى بۇلمەن.بۇلار بىزنىڭ باللىرمىز بۇلىدۇ .دېدى.
  -قايسى ئابدۇللا؟سوردىم مەن.شۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللانى تۇنمىساممۇ.
  -ئاۋۇ دۇكاننىڭ ئىگىسى ئابدۇللا.
   مەن گەپ قىلماي تۇرۇپلا قالدىم.
  -سىڭلىم.قارىسام كىچىك قىز ئىكەنسىز.ئائىلەمنى بۇزمۇسىڭىز سىىزگىمۇ تېپىلار ئىدى.
  -مەن...مەن...گەپ قىلالماي قالدىم.
  -قاراڭ خان بايقى ئەپتىم بىلەن ئەسلى بېرىپلا سىزنى بىر نەرسە قىلىپ قويماقچى ئىدىم.بىراق ما باللىرىمنى قورقۇپ كەتمىسۇن دىدىم.ئارلىشىپ قايسى باسقۇچقا كەلدىڭلا؟
  كىچىكىمدىن باشلاپلا ناھەقچىلىققا چىدىمايتىم.ئۇنىڭ ئۇ گەپلىرگە شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى.
  -ئۆزىڭىزنىڭ ئىرىنى تۇززۇك باشقۇرماي نىمە دەپ ماڭا گەپ قىلتىلە؟ئۇ ماڭچۇ قارىسلا ئايالىم بار دىمگەچكە.كەچكىچە كۆيدۇم پىشتىم دەپ ئارقامغا كىرۋالغاچقا ماقۇل بولغان.قانداق ؟گەپلىرى بارما؟بۇنداق پوپوزلىرنى قارىسلا ماڭا قىلىپ بەمەي بېرىپ ئاۋۇ ئالدامچى ئەرلىرنى چىڭ تۇتسىلا...
  گەپنى قلىپ بولغۇنچە ئۇ ئايالنىڭ تايقى ئاستىدا قالدىم.بۇ ۋىجىك ئەپتىم بىلەن ئۇ تەمبەل ئايالنى پەشۋالىرى ئاستىدا قالدىم.تۇيۇقسىز بۇ قىيا-چىيالاردىن خوشنىلار كىرىپ ئاجىراشتۇرۋالدى.بەدەنلىرىم شۇنداق ئاغريتى.يۇزلىرىم ئېششپ كۇكۇرۇپ كەتكەن ئىدى.مەن شۇ چاغدىلدا ئۇنىڭ مىنى ئالدىغانلاقىنى بىلدىم.بىردەمدىلا ئاتا-ئاناممۇ ئۆنگەندكلا پەيدا بۇلۇپ ئۇ ئايال بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۇيىگە كىردۇق.ئۇ ئۇخلاۋاتقان ئىكەن.بىزنى كۇرۇپلا ئالاقىزادە بۇلۇپ قالدى.مەن ئۇنى كۇرۇپ ئېتىلىپ بىرىپلا ئۇنىڭ بوينىدىنلا ئېلىپ تازا چىشلىدىم.بۇ چىشلىشىمدە چۇقۇپ بوينى ئۇزۇلدىغۇ دەپ ئويلىدىم.دادام ۋە ئۇنىڭ ئايالى مىنى مىڭ تەستە تارتىۋالدى.ئۇنىڭ بوينىدىن بۇلدۇقلاپ قان چىقۋاتاتى.مىنڭ سالامەتلىكىم تازا ياخشى بولمىغاچقا شۇ يەردىلە يىقىلىپ چۇشتۇم.كۇزۇمنى ئېچىپ قارىسام دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن.ئاپام بۇ ھالىتىمنى كۇرۇپ بۇلدۇقلاپ يىغلاپ كەتتى.قارىسام داداممۇ يىغلاۋېتىپتۇ.ئىچىم ھەقىقەتەن ئاچچىق بولدى.بۇلارغا قاراپ مەنمۇ يىغلاپ كەتتم.ئۇزەمنڭ ئاخماقلىقىغا يىغىلدىم.ئۇنى بەك چوڭ كۇرۇپ كەتكەنلىكىمگە يىغىلىدىم.ھىلىقى كۇندىكى ئىشلارغا يىغىلدىم.پاكلىقىم بىر ئالدامچىنىڭ قۇلىدا نابۇت بولغانلىقىغا يىغىلدىم...
  كىيىن مەن دۇكانغا بارماس بولدۇم.ئاڭلىسام ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئاجىرشىپ كىتىپتۇ.مەن بۇ شەھەردىن باشقا يەرگە ھۇنەر ئۇگۇنىمەن دەپ كەتتىم،بۇ ئازاپلارنى ئۇنتۇش ئۇچۇن كەتتىم.
ئەسكەرتىش:ئەسەردىكى قىز مەن ئەمەس.مەن بۇنداق يېزىپ ئىسلامنى خۇدۇكلەشتۇرۇشنى مەخسەت قىلغانمۇ ئەمەس.پەقەتلا ئاچا-سىڭڭلىرىمنى تېخىمۇ ئېھتيات قىلسۇن دەپ مەلۇم رىئاللىقنى كېڭەيتىش قىسمەن جايلىرنى ئۇزگەرتىپ يېزىلغان.
  اللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچ كىشى ئوزگەرتەممەيدۇ.اللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچ كىم توغرا يولغا يىتەكلىيەلمەيدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bargam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-30 06:45 PM  


ئەگەر نۇمۇسۇڭغا زىيان يەتمىسۇن دىسەڭ، باشقىلارنىڭ نۇمۇسىغا قىيا كۆز بىلەن قارىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3752
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11541
تۆھپە نۇمۇرى: 848
توردا: 6329 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 05:08:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇن زاكاس قىلىۋېلىپ ئالدىرماي ئوقاي ،

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2349
تۆھپە نۇمۇرى: 449
توردا: 970 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 05:08:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستەكمۇ نىمە!

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

بۈگۈن خىزمەتتە ت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69868
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 517
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 05:16:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا.

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم، سۇبەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، ئەجرىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.

اللاھ ماڭا مەدەت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34043
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1351
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 3373 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 05:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
artiken يوللىغان ۋاقتى  2011-12-30 05:08 PM
راستەكمۇ نىمە!

ياق ،راسىت ئەمەس

ئەگەر نۇمۇسۇڭغا زىيان يەتمىسۇن دىسەڭ، باشقىلارنىڭ نۇمۇسىغا قىيا كۆز بىلەن قارىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71880
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 389
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 05:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ھايۋان شوۋىچى !
چاماكىزەك قىلىۋتىدىغان بەدبەخت ھاڭگىكەن
ھەجەپ ئاچچىقىم كەلدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71880
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 389
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 05:33:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ھايۋان شوۋىچى !
چاماكىزەك قىلىۋتىدىغان بەدبەخت ھاڭگىكەن
ھەجەپ ئاچچىقىم كەلدا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5080
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5166
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 384 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 05:38:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ، ئىھتىيات قىلغان ياخشى، جاھاندا بۇ ئادملەر بەكمۇ تۇلا ،

راسىت يەنە بىر گەپ تورداشلار cdma بىلەن WCDMA نىڭ پەرقى نىمە؟ جۇڭگۇ تىلگىرافىنىڭ نۇمۇرلىرى WCDMA كىرەمدۇ؟ بۇ تىمىغا ئەھمىيەتسىز سۇئالكەن دىمەي قۇشۇمچە جاۋاپ بىرەرسىلەر

پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5875
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 859 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 05:53:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئالدامچى كىشىلەر بەك ، كۆپ سىز قايسى شەھەردە ھۇنەر ئۇگىنىۋاتىسىز ؟

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ھەزىرىتى ئۆمەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24873
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3825
تۆھپە نۇمۇرى: 318
توردا: 1305 سائەت
تىزىم: 2011-1-3
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 06:04:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhammat.kusuwu يوللىغان ۋاقتى  2011-12-30 05:52 PM
مانا مۇشۇنداق ئابدۇللاغا ئوخشاش بىئەقىل ھاياسىز نىجىس ...

خەتنى كىچىكىرەك يازسىڭىز بولمامدا

بىر قوتان مىلىڭ بولسىمۇ ، پەزىلەتلىك خوتۇنۇڭ بومىسا بىكار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش