مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 23335|ئىنكاس: 237

نيوتوننىڭ 1-ۋە 2 -قانۇنى بىر -بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شەپەرەڭ ياخشى كۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71346
يازما سانى: 451
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5237
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 12:26:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   



                                               

                                                

ماقالە يىتەكچىسى---شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنستىتۇتى مۇدىرىيەت رەئىسى ،دوتسېنت غۇپۇر يۇنۇس،  فىزىكا لېكتورى پاتەمخان مەڭنىك .  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى سىياسەت ۋە قانۇن پەنلىرى ئىنستىتۇتى دوتسېنتى ،ماگىستېر يىتەكچىسى. ئادىل مەمەت.

ئاپتورلار _ ھاكىم غېنى { تۇرپان ئايدىڭكۇل} ،ئابۇدوروسول كىچىك ئاخۇن {چاپچال }، ئارزىگۇل قېيىم { توخسۇن}،ئابلىز ئابلا -{ئاقسۇ-توقسۇ } ،ئەنۋەر ئابباس{ئاقسۇ -توخسۇ}                                                

                                                 ئىزاھات:بۇ ماقالىدىكى ئاساسى كۇزقاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇچىلارنىhttp://www.21food.cn/company/show-kingraisin.html نىڭ باش دىرىكتورى،{يېشىل ياقۇت}ماركىسىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى ھەبىبۇل غۇجىئابدۇل ئەپەندىم 11000يۇئەن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.  

نيوتون ھەرىكەت  قانۇنلىرىنىڭ ئاساسى تۇۋرىكىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىش ئۇچۇن   تەڭرىنى چۇشۇنۇش زۇرۇر بولىدۇ، دۇنيادىكى 4300خىلدىن ئارتۇق مىللەت ئېقىقات  قىلىدىغان  خىرىستىئان  ،ئىسلام  ،كاتولىك   ،ھىندى   ،يەھۇدى ،بوددا دىنى ...قاتارلىق دۇنيادىكى بارلىق دىنلارنىڭ ھەممىسىدە تەڭرى {ھەممىنى بىلگۇچى،ھەممىگە قادىر،ھەممىدىن مېھرىبان}دەپ تەسۋىرلىنىدۇ،لېكىن نيوتون1684-يىلى ئۈز نامىدىكى ھەرىكەت قانۇنلىرىنى تۇزۇشتىن بۇرۇن پۇتكۇل ئالەمنى غايەت زور مىخانىك سائەتكە  ئوخشاتقان،بۇ سائەت ئەڭ بۇرۇن قانداق ھەرىكەت قىلغان،نيوتون  ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ سەۋەبىنى تاپالماي ،ئەڭ ئاخىرى تەڭرىنى چاقىرغان،بۇ سۇز 320يىلدىن بۇيان كىشىلارنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغۇمىغان،يەنى خىرىستىئان دىنىغا ئوخشايدىغاننىڭ  بارلىق دىنلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قارىسىڭئىزمۇ ،تەڭرىنى ئىنسانلارنىڭ چاقىرىپ بىرەر ئىش قىلدۇرالىشى پەقەت بولۇپ باقمىغان بىر ئىش، ئەڭ مويىمى   تەڭرىنىڭ ھەرىكەتلەندۇرگىنىمۇ چوڭ سائەتكە ئوخشايدىغان قۇياش سىسىتىمىسى،بىزنىڭ بىلمەكچى بولغىنىمىزمۇ ئەگەر قۇياش سىستىمىسى سەركەت قىلمىغان بولسا ئاندىن تەڭرى نيوتونغا يەردەم قىلسا بولاتتى، ھەممىنى بىلگۇچى تەڭرى ئەجىبا بۇنى بىلمەي قاپتۇغۇ؟،نيوتوننىڭ نەزىرىدە ،تەڭرىنىڭ ۋەزىپىسى ئورۇنلانغاندىن كېيىن تەڭرىنى يەنە ئۇزىتۇپ قويغان، كېسىپ ئېيتقاندا ،نيوتون بۇنىڭ بىلەن 1684-يىلى خىرىسىتئان دىنىدىكى تەڭرىنى تامامەن ئىنكار قىلغان،كېيىن ئۇمۇرىنىڭ ئاخىرىدا خىرىستىئان دىنىغا كىرگەن،ئەسلىدە تەڭرىنى ئىنكار قىلغاندىكى قانۇنلاردىمۇ ئوزگۇرۇش بولمىغان.                                    {1}نيۇتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرغانلىغى ھەققىدىكى ماتىريال  1684-يىلى ئېلان قىلغان {تەبىئات پەلسەپەسىنىڭ ماتىماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى}دە  ئېلان قىلغان، نيوتون قانۇنلىرى بىلەن ئالەملىك تارتىشىش كۇچى نەزىريەسىدە يۇشۇرۇن بايان قىلىنغان.چۇنكى نيوتوننىڭ {بىرىنچى ھەركەتلەندۇرۇش كۇچى}نى  چاقىرغانلىغى،ئۇنىڭ    لوگىكا جەھەتتىن{ئىنجىل}دىن  باشلاپ، ئارىستۇتىل ،پتولىمېي،كوپىرنىك،كېپلېر ۋە گالىلېيلارنىڭ  ئالەمنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىغى ھەققىدىكى بارلىق بايقاشلىرىنى لوگىكىلىق ئىنكار قىلغانلىغى بولىدۇ. بۇنداق دىيىشىمىزنىڭ سەۋەبى-- نيوتوننىڭ نەزىرىدە  پۇتكۇل ئالەمدىكى  بارلىق ماددىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى  تەخمىنەن  1684 -يىلى  ئۇ تەڭرىنى چاقىرغاندىن باشلانغان بولۇپ بۇ ئۇنىڭ ئىنىرىتسىيە  قانۇنىدا يۇشۇرۇن ئەكس ئىتىدۇ،يەنى بارلىق جىسىملار سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىمايدىكان ھامان ئۈزىنىڭ تۇز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت ھالىتىنى ياكى تىنىچ ھالىتىنى ساخلايدۇ،ھەرقەنداق ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇ،نيوتوندىن بۇرۇنمۇ شۇنداق بولىدۇ،نيوتوندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ،خوش ،ئۇنداق بولسا نيوتون تەڭرىنى چىقىرىپ نىمە قىلىدۇ؟  مىخانىك ھەرىكەت  ھەرىكەتلەر ئىچىدىكى ئاڭ ئاددى ھەرىكەت،ئۇ بىر جىسىمنىڭ سىرتقى كۇچ تەسىرىدە ئورنىنىڭ ئۇزگەرگنلىگىنىلا كۇرسۇتۇدۇ،سائەتنىڭ مېڭىشى بولسا باشقىلار تەرىپىدىن ياسالغان سائەتنىڭ ۋاقىت ھىساپلىغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ.تەڭرى ئالەمنى ۋاقىت ھىساپلاش ئۇچۇن ياراتقانمۇ ياكى ئىنسانىيەتنى ياشاش ئۇچۇن ياراتقانمۇ؟نيوتون دىگەندەك ۋاقىت ھىساپلاش ئۇچۇن ياراتقان بولسا،،سىز دەپ بېقىڭ خىرىستىئان دىنىدىكى تەڭرى ئالەمنى يارىتىپ بولۇپ ئۇنى ھەرىكەتلەندۇرۇشنى راستىنلا ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ .  نيوتون ۋە نيوتوننى قوللۇغۇچى كېمبېرىج ئۇنىۋېرستېتى خىرىستىئان دىنى ئىنىستىتوتى {نەچچە يىل بۇرۇن دۇلىتىمىزنىڭ تىك-تاك توپ خانىشى دىڭياپىڭ بۇ ئىنىستىتوتنى پۇتتۇرۇپ دوكتۇرلۇققا ئېرىشتى} 320يىلدىن بۇيان نيوتوننىڭ قارىشىنى قوللاپ كەلدى. نيوتون قانۇنلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقانلىغى ،نيوتوننىڭ خىرىستىئان دىنىدىكى تەڭرىدىن 1684-يىلى {بىرىنچى ھەرىكەتلەندۇرگۇچى كۇچ}نى ئالغانلىغىنىڭ دەلىلى. شۇنىڭدىن بۇرۇن ئالەم ھەرىكەت قىلمىغان بولسا بۇنىڭ ئىمكانىيىتى بار بولغان بولىدۇ.لېكىن نيوتون 1-ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۇچنى ئېلىشتىن بۇرۇنلا ئالەم بۇ كۇچكە ئېھتىياجلىق ئىدى.     نيوتننىڭ تەڭرىنى چاقىرغانلىغى ئەمىليەتتە ،پۇتكۇل دۇنيا ئالىملىرىنىمۇ ،   خىرىستىئان دىنىدىكىلەرنىمۇ،تەڭرىنىمۇ  كولدۇرلاتقانلىغىنى  بولۇپ ھىساپلىنىدۇ،بۇنى بەلكىم باشقىلارمۇ بۇرۇن بايقىغان بولۇشى مۇمكىن .      

         

{2} بىلىشىمىز كېرەككى ، قۇياش سىستىمىسى سەئەتكە ئوخشاش بولسا،  بۇنى نيوتون ھەرىكەتلەندۇرەلمەي بەلكى، نيوتوندىن بۇرۇن تەڭرى ھەرىكەتلەندۇرگەن بولىدۇ، بۇنىڭدا نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرىشىنىڭ زۇرۇريىتى بولمايدۇ. دىمەك نيوتوننىڭ مىخانىك ھەرىكەت قانۇن لوگىكىسى ئىدېيالىزمنىڭ {روخ بىرلەمچى ،ماددا ئىككىلەمچى} قارىشىدىكى تەڭرى ئالەمنى يارىتىپ بولۇپ ھەرىكەتلەندۇرگەن دىگەن قاراشنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە ماركسىزمنىڭ {ماددا بىرلەمچى،‹ئۇ ئاۋال پەيدا بولغان ھەم ھەرىكەت قىلغان  ،روخ‹ ئاڭ -نيوتون ئېڭى كېيىن پەيدا بولغان ›،ئۇ  ئىككىلەمچى} دىگەن قارىشىدىن مۇتلەق پەرق قىلىدىغان، 3-خىل  دۇنياقاراش بۇلۇپ ،بۇنىڭغا باشقىلار قارشى چىقىپ باقمىغان.

      ھالقىلىق سۆزلەر :                                                

نيۇتون  قانۇنلىرى دۇنيا بويىچە ئورتاق دەرىسلىك، ماركىسىزىمنى دۇنيا بويىچە ئورتاق دەرسلىك قىلىشقا بولامدۇ -يوق. خۇددى نيوتونغا ئوخشاش تەڭرىنى بىز خالىغان ئىشقا سالغىلى بولامدۇ،سالغىلى بولىدىغان بولسا بۇ دۇنيادا نامىراتلار نىمە ئىش قىلىدۇ؟


نيۇتون قانۇنلىرىنىڭ ئاساسى لوگىكىسىنى تەتقىق قىلىشتىن بۇرۇن فىزىكىدىكى  جىسىم دىگەن نېمە ، نيوتوننىڭ  ئىنىرىتسىيە قانۇنىدىكى بارلىق جىسىملار زادى  قانچىلىك  دائىردىكى جىسىملارنى كۇرسۇتىدۇ ؟ كۈچ دىگەن نېمە؟ كۈچ قانچىگە بۇلىنىدۇ؟كۈچنىڭ كېلىش مەنبەسى نېمە؟ دىگەندەك مەسىلىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك                                                

{1-} كىلاسسىك فىزىكىدا جىسىم  دىگىنىمىز -ئوبىكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان   ئەمىلى  نەرسىنى كۆرسۈتىدۇ . ئىنىرىتسىيە قانۇنىدىكى بارلىق جىسىملار دىگەندە - نىيۇتون دەۋرىدە ئىنسانلار بايقىغان بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ.نيوتون دەۋرىدە ئىنسانلار بىلىپ يەتكەن دائىرىدىكى جىسىملار ئاتومدىن تارتىپ قۇياش سىستېمىسىغىچە بولغان بارلىق  مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەممىسى بارلىق ماددىلار دائىرسىگە كىرىدۇ.                                                

{-2}جىسىم  دىگەن ماددا،ماددا بىلەن ھەرىكەت ئايرىلمايدۇ، ئادەتتە فىزىكىدا  بولسا جىسىمنىڭ  جىسىمغا بولغان تەسىرى كۈچ دېيىلىدۇ.يەنى ئەدەمنىڭ ئادەمگە بولغان تەسىرى بولغان جانبازلىق مۇسابىقىسى ، خەلقئارا بوكۇس مۇسابىقىسى،زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى  قاتارلىقلاردا بۇ كۇچنى ھىس قىلالايمىز ھەم  كۇرەلەيمىز،كۇچلۇكلەر نەتىجە ئېلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ،نيوتون قانۇنلىرىدىكى باشقا جىسىملارغا تەرىر كۇرسۇتۇدىغان كۇچ دەل مۇشۇ.،بۇ ئىنسانلارغا خاس كۇچ بولۇپ ،فىزىكىلىك كۇچنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى، قۇياش سىستېمىسىدا بولسا،قۇياشنىڭ  سىستېما ئىچىدىكى بارلىق پلانىتلارنىڭ تارتىپ تۇرغانلىغى،يەر شارىنىڭ ئاي شارىنى تارتىپ تۇرغانلىغى سەۋەپلىك ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى  ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلغانلىغى  بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالەملىك تەرتىشىش كۇچىنىڭ سەۋەبىدىندۇر،بۇمۇ فىزىكىدىكى4خىل چوڭ  كۇچنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى . يەر  يۇزىدە بولسا،يەنى ئادەم  ھارۋا تارتسۇن ياكى ھارۋىنى ئىتتەرسۇن،  ئادەم  جىسىمنىڭ رولىنى ئويناپ ،ھارۋىغا كۈچ ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. نيوتوننىڭ 1-قانۇنىدا ئادەم ۋە ھايۋاناتلار جىسىم ئەمەس،لېكىن 2-قانۇنىدا بولسا جىسىمنىڭ تېزلىنىشىغا  سەۋەپچى بولغان  كۇچنىڭ كېلىش مەنبىيى بولغان ئادەم ۋە ھايۋاناتلار جىسىم دەپ قارىلىدۇ،دىمەك 1-قانۇندىكى جىسىم ئۇقۇمى بىلەن 2- قانۇندىكى جىسىم ئۇقۇمى  بىر -بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ.بۇ نيوتوننىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ نيوتون قانۇنلىرىنىڭ نېگىزىنى چۇشەنمەيدىغانلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ

مەسىلەن : ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلار  بارلىق جىسىملار دائىرسىگە كىرىدۇ ،بۇلارنىڭ يول يۇرۇشى،يۇگۇرۇشى ،ساياھەت قىلىشى ،ئۇخلىشى ...قاتارلىقلار   باشقىلارنىڭ{يەنى سىرتقى كۇچنىڭ} ياردىمى بولمىسىمۇ بولىدۇ.  نيوتوننىڭ بىرىنچى قانۇنى  بۇنى ئىنكار قىلىدۇ.  لېكى پۇتۇن دۇنيا فىزىكا ئالىملىرى بولسا  نيوتون قانۇنلىرىنى قوللاش جەريانىدا بۇ كۇچنى ئىنكار قىلىدۇ.  ئەمىلى پاكىت شۇكى،  يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ھەرقانداق بىر  ئىنساننىڭ قۇياش سىستېمىسى ئەمەس، ئادەم كۇچىگە تايىنىپ 200كىلوگىراملىق نەرسىنى ھەرىكەتلەندۇرۇشكىمۇ قۇربى يەتمەيدۇ . چۇنكى دۇنيا ئېغىرلىق كۇتۇرۇش مۇسابىقىسىنىڭ رىكورتىمۇ بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمەيدىغۇ؟ ئېغىرلىق كۇتۇرۇش مۇسابىقىسىدە،مەسىلىنى ئىككى تەرەپتىن مۇلاھىزە قىلىمىز،كۇتۇرۇلگگن ئېغىرلىققا نىسپەتەن ئۇ يەر يۇزىدىن كۇتۇرۇلۇپ ،مىخانىك ھەركەت قىلغان بولىدۇ،يەنە بىر جىسىم ئادەمگە نىسپەتەن ئادەم ئىجتىمايى ھەرىكەت قىلغان بولىدۇ،چۇنكى بۇ يەردە ئىككى جىسىم تەڭلا مەۋجۇت.      ا نيۇتوننىڭ ئىنىرىتسىيە قانۇنىنى  چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەنگەن تەجىربىنى كۇرەيلى ، ئالدى بىلەن بۇ تەجىربىنى ئادەم  ئىشلەيدۇ، يەنى سىلىق ئۇستەل ئۇستۇگە كىچىك بىر ياغاچ ساندۇقتەك نەرسە قۇيۇلىدۇ،ئەندىن كېيىن ئېغىر بىر جىسىمنى يىپقا باغلاپ ،ئۇستەل ئۇستۇدىكى جىسىمغا ئۇلايدۇ،تارتقۇچى جىسىمنى قۇيۇۋەتسەك ئۇستەل ئۇستۇدىكى ياغاچ ساندۇق سىرىلىدۇ،بۇ يەردە يەنە بىر تەجىربە ئىشلەيلى،سىرىلغۇچى جىسىم ئورنىغا بار ئادەمنى ،بىر تاش پاقىنى قويساق،ئۇلار تارتىشقا قارشىلىق بىلدۇرۇدۇ،بۇرۇن قامچا بىلەن ئۇرۇشتىن بۇ قارشىلىق كۇچىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغان،ھازىر .ىشتىن بۇشۇتۇش تەھدىتى  بويىچە بۇ ئۇسۇل ھەل قىلىنىدۇ،يەنى ئىختىدارسىز دەپ قارالغان كىشى سۇرەش كۇچىگە بەرداشلىق بىرەلمەي،ھەممىدىن قۇرۇق قالىدۇ.بۇ يەردە بىرلا خىل تەجىربە ئىشلىنىپ بارلىق جىسىملارنىڭ ھەركىتىنى چۇشەندۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
  

تەبىئەتنىڭ چوڭ قانۇنلىرىدا بولسا،ئاي شارى يەر شارىنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاي شارى ۋە يەر شارى قۇياشنى ئايلىنىپ سىكۇنتىغا 30كىلومېتىر تېزلىكتە  ھەركەت قىلىدۇ ، قۇياش بولسا قالغان 8پلانىتنى باشلاپ { يەنى  قۇياش سىستېمىسىنى باشلاپ{ سامان يولىنىڭ مەركىزىنى بويلاپ  سىكونتىغا 250كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن  ھەرىكەت قىلىدۇ .بۇ يەردە خىلى كۇپ ھەرىكەتلەر ئۇخشىمىغان تېزلىكتە يۇز بېرىپ تۇرۇدۇ،دىننىڭ قارىشىدا بۇنى تەڭرى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرۇدۇ ياكى شۇنداق ياراتقان، مانا بۇلارنى ئىنسانلار ئېڭى كونتۇرول قىلالمايدۇ،ئىنسانلار پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا بار ھەرىكەتلەر ئىدى .  كېيىنكى  گالىلېينىڭ پولات شارنى دۇمۇلىتىپ يۇرۇپ  ئىشلىگەن تەجىربىلىرى  بولسۇن ،ياكى نيۇتوندىن كېيىنكى دۇنيادىكى بارلىق فىزىكا ئالىملىرىنىڭ مېخانىك ھەرىكەتنى چۇشەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىگەن تەجىرىبىلىرى بولسۇن،ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتى كاتۇگىرىيەسىگە كىرىدىغان،ئىنسانلار بىلەن قوشۇپ چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىغان ھەرىكەتلەر بولۇپ،بۇ ھەرىكەتلەر بىلەن قۇياشنىڭ ھەرىكىتى ئوخشاش ئەمەس. نيوتون قانۇنلىرىدا  بۇلارنى ئوخشاش دەپ قاراپ  ئادەم بىلەن تەڭرىنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ كەلدۇق. دېمەك مېخانىك ھەرىكەت تەبىئى مېخانىك ھەرىكەت ۋە ئىجتىمايى مېخانىك ھەرىكەت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلسەك ،تەبىى مىخانىك ھەرىكەتنىڭ تەڭرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان بولىدۇ،                                                                                          نىيوتوننىڭ 1-قانۇنى   تەبىئى مېخانىك ھەرىكەتنىلا چۇشەندۇرەلەيدۇ،يەنە كېلىپ بارلىق جىسىملار قۇياش سىستىمىسىدىكى جىسىملار بولۇشى كېرەك ،ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنى ئۇز ئىچىگە ئالماسلىغى كېرەك. بۇنىڭدا ئادەم ۋە ھايۋاناتلار يەر شارىنىڭ قۇياشنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىشىغا تەسىر كۇرسۇتەلمەيدۇ.نيوتون 2-قانۇنى بولسا  ئىجتىمايى مىخانىك ھەرىكەتنىلا   چۈشەندۈرەلەيدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى  ھەركەت قىلغۇچى جىسىم 2ياكى 3 جىسىم بولۇپ،نيۇتون   بۇلارنىڭ ھەركىتىنى چۇشەندۇرگەندە  ئادەم ،ئات،ھارۋا قاتارلىق  ئىككى -ئۈچ خىل ماددىنى بىرلا خىل ماددا شەكلىگە يىغىنچاقلاپ چۇشەندۈرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن خاتالىشىدۇ،چۇنكى‹ كونكىرىت مەسىلىنى كونكىرىت تەھلىل قىلىش› ناھايىتى زۇرۇز.سىرتقى تەسىر كۈچ دەل مۇشۇ ئادەم بىلەن ئاتتىن ئىبارەت   جانلىق جىسىمدىن چىققان كۈچتۈر.ئۇلار بۇ كۇچنى چىقىرىش جەريانىدا بۇ كۇچ ئۇدۇللۇق ھەرىكەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ، كۇچ تۇگۇگەندە ببولسا قانداق بولىدۇ.يەنى بىر ئادەم ھارۋا ھەيدەۋاتقان بولسا ،ئات ھارۋىنى سۆرەيدۇ،ئاتنى ئادەم باشقۇرىدۇ،بۇ يەردە ھارۋا،ئات ۋە ئادەمدىن ئىبارەت 3خىل جىسىمنىڭ ھەركىتى تەڭلا مەۋجۇت.تەڭلا ھەرىكەت قىلىدۇ،لېكىن نىيۇتۇن ھارۋا ھەرىكەت قىلىدۇ،باسقىلار تىنىچ تۇرۇدۇ دەپ قارايدۇ، سىز قاراپ بېقىڭ ،ئەمىليەت شۇنداق بولامدۇ،قۇغۇن باسقان بىر دېھقان ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ قۇغۇن سۇدىسى قىلىۋاتقان بولسۇن،ئات،ئادەم،ھارۋا قاتارلىقلار تەڭلا ھەركەت قىلىدىغۇ؟

                                                                                                                                      ئىنسانلارنىڭ بىر -بىرىنى  ۋە ئۆز-ئۆزىنى ئالدايدىغانلىغى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر ئىش،شۇنىڭ ئۇچۇن بۇ ئالدامچىلىقنى كونتۇرول قىلىش ئۇچۇن ھەر خىل قانۇنلار تۇزۇلىدۇ،لېكىن ئادەملەرنى ئالدىغىلى بولغان بىلەن  تەڭرىنى ئالدىغىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرىشىدەك بۇ ئۇسۇلىدىن تەڭرىنى ۋە ئىنسانلارنى تەڭلا ئالدىغانلىغنى كۇرۇپ يىتەلەيمىز، خىرىستىئان دىنى ئالىملىرى نيوتوننىڭ ئۇ   ئالەمدىكى تەغدىرى ئۇستۇدە قانداق پىكىر يۇرگۇزىۋاتقاندۇ، گۇزىۋاتقاندۇ  . ئەلۋەتتە  ئىلىم- پەننىڭ يەنىمۇ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ،  ھازىرقى ۋاقىتتا ھەرىكەت ۋە ئۆزگۈرۈشنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈدىغان فىزىكا ۋە ماركسىزىمنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەر بايقالدى، دۇنيايىۋى فىزىكا  ئالىمى سىتىفون خوك دەل  ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەقى قىلىشى ھەققىدە نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى بايقىغان ۋە تەرەقى قىلدۇرغان ،تەڭرىگە ئىشەنمەيدىغان ئالىم،ئۇ نيوتون ھەققىدە چۇشەنچە بىرىپ{ھازىر بىرىنچى ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۇچنى چاقىرمايمۇ  ئالەمنىڭ ھەرىكىتىنى چۇشەندۇرگىلى بولىدۇ} دەپ قارىغان  .لېكىن بۇ ئالىم  نيوتوننىڭ تەڭرىنى چاقىرغانلىغىدەك  ئەجەللىك  خاتالىغىنى  تىلغا ئالمىغان.ئۇنىڭ تەرەقى قىلدۇرغىنى {ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزىريەسى}بولۇپ ،بۇ مەيلى فىزىكىدىكى ماددا بولسۇن ياكى ماركىسىزىملىق پەلسەپەدىكى ماددا بولسۇن ،   ئۇلارنىڭ ھامان بىر باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ بارلىغىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ بىزگە،ئېنگلسنىڭ 19-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى  يېزىپ چىققان {ھەرىكەتنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نى تەرەققى قىلدۇرۇپ  ، {ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نى تېپىپ چىقىشىمىزغا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى. بىز ئەڭ كۆپ ئۇچىرىغان سۇئال شۇكى نيۇتون قانۇنلىرى بىلەن ماركىسىزىمنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار ؟بۇنى مۇنۇلاردىن كۇرەلەيمىز:                                         

ھازىرقى {ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزىريەسى} ماددىنىڭ ئەڭ ئىپتىدايى شەكلىنىڭ 13مىليارت700مىليون يىل بۇرۇن پەيدا بولغان چوڭ پارتلاشتىن مەيدانغا كەلگەنلىگىنى،2-سىكىنوتتىن كېيىن ئاساسى زەرىچىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىغىنى، ئالەم پارتلاپ 38تۇمەن يىلدىن كېيىن ھىدروگىن،گېلىي قاتارلىق گاز ھالەتتىكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ پەيدا بولغانلىغىنى،9مىليارت700مىليون يىلدىن كېيىن ھاياتلىقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى بولغان يۇسۇن تۇرىدىكى ماددىلارنىڭ پەيدا بولغانلىغىنى،`13مىليارت500مىليون يىلدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ  ھايۋاناتلار توپىدىن  ئايرىلىپ چىققانلىغىنى كۆرسۈتۈپ بەردى.                                                                                                                           دەل مۇشۇ پەرقلىق يىللاردا،ھەرىكەتنىڭ ئوخشىمىغان شەكىللىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ماددا شەكىللىرى پەيدا بولغان بولۇپ ،بۇلارغا  ئېنگىلسنىڭ {ھەرىكەتنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}نوختىسىدا   تۇرۇپ قارىساق، بۇ ماددا شەكىللىرىنىڭ  ماددىنىڭ    مېخانىك شەكلى ،   ماددىنىڭ فىزىكىلىق شەكلى،  ماددىنىڭ خىمىيەلىك شەكلى،بىئولوگىيەلىك  ھەرىكەت شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋاناتلار ۋە ئىجتىمايى ھەركەت شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىنسانلار پەيدا بولغان.                                                                          بۇ  يەردىكى بىرىنچى ھەرىكەت شەكلى بولغان مېخانىك ھەرىكەت دەل نيۇتون فىزىكىسىدىكى مېخانىك ھەرىكەتتۇر.[چوڭ پارتلاش نەزىريەسىى}سىدە گەرچە تاشقى ئامىل ھىساپقا ئېلىنمىسىمۇ ،لېكىن ۋاتىكان يەنىلا تەڭرى ئالەمنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ياراتقان دەپ ئىزاھلىغان.  ماركسىزمنىڭ    {ماددا بىرلەمچى،ئاڭ ئىككىلەمچى}نەزىريەسى تەڭرىنى ئىنكار قىلىدۇ،ماددا ۋە ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى {ماددا بىرلەمچى ،ئاڭ ئىككىلەمچى}، نەزىريەسىنى ئىسپاتىلىغىلى بولىدۇ،يەنى  ماددا پەيدا بولغىلى 13مىليارت 700مىليون يىل بولدى،نيۇتوننىڭ ئېڭى بولسا {چۇنكى نيۇتونمۇ بىر ئىنسان ،فىزىكا ئۇنى جىسىم دەيدۇ،ماركسىزم بولسا ماددا دەيدۇ}  ئالەمنىڭ ئومومى يېشىغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە سىكىنوت بۇرۇنقى ئىش.   

                                                

ئۇنداق بولسا ماركسىزمدىكى ئادەم بىلەن فىزىكىدىكى ئادەم بىر ئۇقۇممۇ؟                                                

بۇ مەسىلىگە ئېينشتىيىن 105يىل بۇرۇنلا -ئوخشاش- دەپ جاۋاپ بېرىپ بولغان،لېكىن بۇ ئالىمنىڭ قارىشى تاكى ھازىرغىچە فىزىكا تەرىپىدىن  قۇبۇل قىلىنمىغان.يەنى 1905-يىلى ئېينىشتىيىن {تار مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى}نى ئوتتۇرغا قويۇپ،فىزىكىلىق مەيداندا تۇرۇپ ،ئادەمنىڭ نۇر تېزلىگىگە يېقىن ھەركەت قىلغاندا ، ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر  كۆرۈدىغانلىغىنى ئوتتۇرغا قويغان. شۇنداقلا بۇ نەزىرىيە ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەندە ،يەر شارىدەك ئېنىرگىيەسى تۈگىگەن ،بۇلغۇنىشى ئېغىر،تاشقى پىلانىتلارنىڭ يەر شارىغا سۇقۇلىش تەھدىتى بار دەپ قارالغان  بۇ ماكاندىن باشقا ماكانغا يۆتكۈلۈشىگە نەزىريىۋى قانۇنيەتنى تىكلەپ بەرگەن.بۇ يەردە تەبىئى پەن بىلەن ئىجتىمايئى پەندىن ئىبارەت  ئىككى ساھەنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى بولغان ئىنسانلار بىر ئۇقۇم بولۇپ ،ئىككى پەن بىرلىشىپ كەتكەن . يەنى ئېينشتىيىن جسىم دەپ قارىغان ئادەم دەل ماركسىزملىق پەلسەپە ماددا دەپ قاراۋاتقان ئىنسانلاردۇر. ئېينشتىيىن بۇ نەزىريەسى ئارقىلىق تەبىئى پەندىكى ماددا بىلەن ئىجتىمايىئى پەندىكى ماددىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويغان.   

دېمەك نيۇتون قانۇنلىرىدىكى ئاساسي لوگىكىلىق خاتالىقنى بايقاش بۇ ھەرگىزمۇ بىرەر شەخسكە تەۋە ئەمەس ،بەلكى ئىلىم -پەن ۋە ماركسىزمنىڭ 160نەچچە يىللىق  تەرەقىياتىنىڭ مەخسۇلى ،شۇنداقلا ماركىسىزىملىق ئىلمى دۇنيا قاراشنى فىزىكىغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنىڭ  مەھسۇلى .بۇنىڭ مىسالى ھازىر 6قېتىم نوبېل مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن {ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش نەزىريەسى{دىن بەزى ماتىرياللارنى بىلىشكە بولىدۇ.يەنى ئالەم پەيدا بولۇپ ، تەخمىنەن13مىليارت 600-700 مىليون يىلدىن كېيىن ئاندىن كېيىن ئىنسانلار پەيدا بولغان بولۇپ ،بۇ دەل ماركسىزمنىڭ {ماددا بىرلەمچى ،ئاڭ ئىككىلەمچى} دىگەن نەزىرىيەسىنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنداقلا بۇ  نيۇتون ،ئېينشتىيىننىڭ نەزىريەلىرىدىكى  بەزى-بىر خاتالىقلارنى  كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.  بىز ئالدى بىلەن نيۇتوننىڭ نىمە ئۈچۈن تەڭرىنى چاقىرغانلىغىدىكى ئەسلىدىكى ماتىرىيالنى كۇرۇپ باقايلى.بۇ ماتىرىيال {ئۇچار تەخسە تەتقىقاتى}ژورنىلىىڭ 2002يىلى 6-ئايدىكى سانىدىن كەلگەن بولۇپ .ماقالىنىڭ تىمىسى {‹چۈشۈنۈش تەس بولغان ھالقا›-ئەسلى ماتىرىيالنىڭ خەنزۇچىسىنى  بەيدۇ توردىن تاپقىلى بولىدۇ ،بۇنىڭدا مۇنداق بىر بۆلەك بار.كىلاسسىك فىزىكىنىڭ  ئاساسىنى سالغۇچى نيۇتون بۇلۇپ ،ئۇنىڭ دۇنياقارىشى مېخانىك ئىدى.ئۇ ئەينى چاغدا پۇتۇن ئالەمنى غايەت زور مېخانىك    سائەتكە ئوخشاتقان بولۇپ ،بۇ سائەتنىڭ ھەممە يەرلىرى ناھايىتى ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ،بۇ سائەت تەڭرىنىڭ رولىنى يوققا چىقارغان بولۇپ ،نيۇتوننىڭ نەزىرىيەسى شۇ چاغدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىلاھشۇناسلىق ئىلىمىگە ناھايىتى زۆرۈر زەربە بولغان.لېكىن ئۇ بۇ سائەتنىڭ تېخى ھەركەت قىلمىغانلىغىنى،بۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى تەسىر كۈچنىڭ كەم ئىكەنلىگىنى سەزگەن.شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز،سىرتقى كۈچ{تەڭرى}نى چاقىرىپ كەلگەن،بىراق  سىرتقى كۈچ بۇ سائەتنى ھەركەتلەندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن نيۇتون بۇ سىرتقى كۈچنى  دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرمىغان.بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى بولسا نيۇتون ھەركەت قانۇنلىرى چۇشەندۇرگەن،.....،}."  مانا بۇ 320يىل بۇرۇن نيۇتون دەۋرىدىكى نيۇتون ھەرىكەت قانۇنلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنىڭ ھەقىقى ئارقا كۇرۇنۇشى .بۇنىڭدا بىزگە مۇنداق بىرقانچە سۇئال تۇغۇلىدۇ.                                                

{1} نيۇتون ئەينى چاغدا قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق تەڭرى بىلەن ئالاقە قىلغان،تەڭرىنى نەگە چاقىرىپ كەلگەن،نىمە سەۋەپتىن تەڭرىنى يەنە ئۇزىتىپ قويغان،ئەجىبا ئەيسا پەيغەمبەر كىرىسقا مىخلانغاندا تەڭرىنى چاقىرىش ئېسىگە كەلمىگەندىمۇ؟ ئىراقنىڭ بۇرۇنقى زۇڭتۇڭى سادام ھۇسەنيىن ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ،تەڭرىنى چاقىرىپ كېلىش ئېسىگە كەلمىگەندىمۇ؟ تارىخى ماتىريالىزىملىق مەيداندا تۇرۇپ قارىغاندا دۇنيانىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرىنى نيۇتون چۈشەندۇرمىسىمۇ ئۇنى چۈشەندۈرۈدىغان ئادەم چىقىدۇ،دۇنيانىڭ قانۇنىيەتلىرىنى چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا،ئىنساننىڭ ھاياتى تېخىمۇ مۇھىم ئەمەسمۇ؟ يەنە كېلىپ، نيۇتوندىن بۇرۇن قۇياش سىستېمىسى ھەرىكەت قىلامتى ياكى قىلمامتى ؟ قىلاتتى،بۇنى نيۇتوندىن باشقا ئالىملار ۋە ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەمتى ياكى بىلمەمتى؟ بىلەتتى .نيۇتون ياشىغان دەۋىردە ئەنگىلىيەدە تۆت پەسىل بارمۇ -يوق؟ بار،بىرىنچى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كىم چاقىرغان ؟ئەلۋەتتە نيوتون چاقىرغان.ئادەتتىكى كىچىك بالىلار بىلىدىغان مەزمونلارنى تەڭرى ۋە نيوتوندەك دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئالىمنىڭ  بىلمەسلىگىگە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.                                         

ئىلىم -پەن تاكى ھازىرغىچە بۇ سۇئاللارنى تېخى قويۇپ باقمىغان .بۇ سۇئاللارنى قويۇشقا بولمامدۇ ياكى زۆرۈريىتى يوق دەپ قارالغانمۇ؟ بىز  دۇنيا پەلسەپە بىرلەشمىسىنىڭ 120دىن ئارتۇق  دۆلەتكە   تارقالغان  ئاپاراتلىرىنىڭ تەتقىقات پىروگىراممىلىرىدىن شۇنى كۆردۈقكى ،ئۇلارنىڭ تەتقىقات تىمىلىرى ئىچىدە  ماركسزمنىڭ لوگىكىسى ،ماركسىزمنىڭ ماددا كاتۇگىرىيەسىگە ئائىت ھىچ بىر مەزمون يوق{ئەلۋەتتە دۆلىتىمىز بۇنىڭ سىرتىدا}.بۇ دەل دۇنيادا تاكى ھازىرغىچە بوش تۇرىۋاتقان بوشلۇق بولۇپ ،بۇ بوشلۇق پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى  ھەم نيۇتوننىڭ قارىشىنى قۇللايدىغان قاراشقا ئىگە قىلدى، بىزنىڭ بۇ تىمىنى  ئىزچىل تەتقىق قىلىۋاتقىنىمىزغىمۇ 20نەچچە يىل بولغان بولۇپ.ماقالىنىڭ ئاساسى لوگىكىسىدىن  پۈتۈن دۇنيا 3يىل بۇرۇنلا خەۋەردار.بۇ ماقالىنىمۇ دۇنيا پەلسەپە بىر لەشمىسىنىڭ ھىندىستان شۆبىسى2010-12-20كۈنى توردا ئېلان قىلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن يەنە 700قېتىمدىن كۆپ ئۆزگەرتىش ۋە تولۇقلاش  ئارقىلىق كۆپچىلىككە سۇندۇق، ھىندىستاندىن باشقا يەنە 10نەچچە دۆلەت بۇنى توردا ئاشكارە ئېلان قىلدى.                                                                                                             ئەسلى گەپكە قايتىپ كەلسەك.  {-1تەھلىل} قۇياش سىستېمىسى زادى سائەتكە ئوخشامدۇ ياكى ئوخشىمامدۇ؟  ئىنجىلدا دىيىلىشىچە ،تەڭرى 4004يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۇنى{ يەنى يەكشەنبە}   يەر شارىنى ۋە ئىنسانلارنى يارىتىپ بولغان بولۇپ،بىز ھازىر بۇ كۈننىڭ تەڭرىنىڭ ئالەمنى ياراتقان ئەڭ ئاخىرقى كۈنىمۇ ياكى ئەڭ دەسلەپكى  كۈنىمۇ بۇنى بىلەلمەيمىز. لېكىن نيۇتوننىڭ غايەت زور مېخانىك سائەت نەزىرىيەسىگە ئاساسلانساق ،ئەڭ مۇكەممەل تەڭرىمۇ بۇ سائەتنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن 6كۈن ۋاقىت سەرپ  قىلغان، ئادەتتىكى لوگىكىغا ئاساسلانغاندا،  پەقەت مىخانىك سائەت پۈتكەندىن كېيىنلا ھەركەت قىلالايدۇ. كۆرۈشكە بولىدۇكى  بۇ يەردىكى  روشەن خاتالىق دەل {ئىنجىل}غا ئاساسلانغاندا ، تەڭرىنىڭ سائەت پۈتمەي تۇرۇپ ،ئۇنى ھەركەت قىلدۇرالىشىمۇ  مۇمكىن ئەمەسقۇ؟ دىمەك نيۇتوننىڭ مېخانىك   ھەركەت  نەزىرىيەسىدە ماددا پەيدا بولغان بىلەن ھەركەت قىلمايدۇ، پەقەت نيۇتون تەڭرىنى چاقىرىپ كەلگەندىن {توغراراق ئېيتقاندا ،نيۇتۇن تەڭرى بولغاندىن كېيىن}لا،بۇ سائەت ھەرىكەتكە كەلگەن.نيوتوننىڭ بۇ نەزىريەسىنى  ھازىرقى ئىلىم -پەن پاكىت جەھەتتىن  مۇتلەق ئىنكار قىلىدۇ.دىمەك غايەت زور مىخانىك سائەت نەزىرىيەسىپۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.  يەنە  نيوتون تەڭرىنىڭ 4004-10-23كۇنى  ئالەمنى ياراتقانلىغىنى   پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. ،دىمەك بىز نيۇتوننىڭ ئۆز نەزىرىيەسىنىڭ ئاساسى لوگىكىسىنى تولۇق چۈشەنمەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ.         

{2}جىسىملار سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا ئۇلار ھامان ئۆزىنىڭ تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ياكى تىنچ ھالىتىنى ساقلايدۇ.بۇنى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرگەندە، پىلانتلار قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىمىسا تۈز سىزىق بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ دىگەن قاراش ،ئۇنداق بولسا جىسىملارنىڭ تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت قىلىشىغا سەۋەپ بولغان كۈچ زادى  قايسى كۈچ؟ نيۇتون قانۇنلىرىنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى،تۇز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەتمۇ دەل سىرتقى كۇچ سەۋەبىدىن بولغان دەپ قارايدۇ.  ئۇنداقتا تۇز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت قىلىشى ئۇچۇن سىرتقى كۇچ بولمايدۇ دىگەن خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ.پەقەت سىرتقى كۈچ بولمىسىلا جىسىم تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت قىلىدۇ.ئۇنداق بولسا جىسىمنىڭ تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكىتى نەدىن كەلگەن؟بۇنىڭ ھازىرغىچە جاۋابى يوق.                       {3}نيۇتون قانۇنلىرىنىڭ يەنە بىر كېلىش مەنبەسى شۇكى ،نيۇتون گالىلېينىڭ ئىشلىگەن تەجىربىلىرى ئاساسىدا نيۇتون ھەرىكەت قانۇنلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ ،گالىلېي ئىشلىگەن تەجىربە شۇكى ،ئۇ  ئارىستۇتىلنىڭ 1000يىلدىن كۆپىرەك دەۋر سۈرگەن ئېغىر جىسىم يېنىك جىسىمغا قارىغاندا يەر يۈزىگە بالدۇر چۈشىدۇ دىگەن نەزىريەسىنى ئاغدۇرۇش ئۇچۇن ئىشلىگەن تەجىربىزىنىڭ بىر تارمىغى بولۇپ ،يۇمۇلاق شارچىنى،90 ،70،80-60گىرادۇسلۇق  ئوخشۇمىغان يانتۇلۇقلاردىن دۇمۇلۇتۇش ئارقىلىق،جىسىم سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرمىغاندا بولىدىغان ھادىسىلەرنى  چۇشەندۇرمەكچى بولغان،ناھايىتى روشەن بىر مەسىلە باركى پولات شارنى گالىلېي يانتۇلۇقتىن دۇمىلىتىش ئۇچۇن يانتۇلۇققا قويغانلىغىنىڭ ئۈزىلا شارغا نىسپەتەن بىرىنچى تەسىر كۇچ بولىدۇ،يەنە بىر نوقتىدىن چۈشەندۈرگۈچىلەر بولسا ،تەڭرىنىڭ ئالەمنى ھەرىكەتلەندۇرگەنلىگىنى نيوتون كېيىن بايقىغان دىگەن قاراش بولۇپ ،بۇ خىل قاراشتىكىلەر {چۈشۈنۈش تەس بولغان ھالقا}دىگەن ماقالىنى كۆرمىگەنلەردۇر. لېكىن بارلىق جىسىملار سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىماي قالمايدۇ، مەسىلە شۇكى، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىغاندىن جىسىمنىڭ ھەرىكىتىدە يۈز بېرىدىغان ئۆزگۈرۈش بولۇپ،مەسىلەن كىچىككىنە شامال بىر ۋاراق قەغەزنى ئۇچۇرىغان بىلەن بىر توپاقنى،بىر دانە تانكىنى ئۇچۇرۇپ كىتەلمەيدۇ.شۇنىڭغا ئوخشىغان قائىدە شۇكى،بارلىق جىسىملارنىڭ ھەممىسىنى قەغەز دەپ قارىغىلى بولمىغانغا  ئوخشاش ،ھەممە مەۋجۇداتنى  ماددىنىڭ مېخانىك شەكلىگە يىغىنچاقلاشمۇ بىزنى ئۇنى -بۇنى دەپ مەن تەڭرى دىگەن لوگىكىغا ئېلىپ بارىدۇ."         

      دۇلەت دەرىجىلىك ئىلمى ژورنال{تور بايلىغى}دا ئېلان قىلىنغان {پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى ۋە نيوتوننىڭ يېڭى ھەرىكەت قانۇنلىرى}ۋە  دۇلەت دەرىجىلىك ئىلمى ژورنال‹ دەۋىر  كىشىلىرى›{تۇپ مەزمونى ئۇزئارا زىدىيەتلىك نىسپىلىك نەزىريەسى ۋە نيوتوننىڭ يېڭى ھەرىكەت قانۇنى} نىڭ گنزۇ تىلىدىكىسى 20دىن ئارتۇق ژورنالدا خەنزۇ تىلىدىكىسى ئېلان قىلىندى، ئىنگىس تىلىغا تەرجىمە قىلىنغىنى بولسا                                                                                                                                           . بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە كېيىن نۇرغۇن  دوستلار،ساۋاغداشلار ،خىزماتداشلار بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئۇخشىمىغان پىكىرلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق،بۇ پىكىر ئېقىملىرى ئاساسەن  نيوتوننى قوللۇغۇچىلار،ماركىسىزىملىق مەيداندا تۇرۇپ نيوتوننى ئىنكار قىلغۇچىلار ، ،ماتىماتىكىلىق لوگىكىلىق مەيداندا تۇرۇپ پىكىر بەرگۇچىلەر خىرىستىئىن دىنى ،ئىسلام دى نى ،كاتولىك دىنى ،ھىندى دىنى،،،قاتارلىق دىنلارنىڭ  مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر بەرگۇچىلەر بولۇپ3 ئېقىمغا بۇلۇنىدۇ. بۇلار ،شىنجاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم گۇيخۇا بەندىن  تەتقىقاتچى ئەكپەر، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتىدىن دوتسىنىت غېنى ئابدىگۇل ،شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى سېستىما ۋە ماتىماتىكا پەنلىرى  ئىنىستۇتىنىڭ    مۇئاۋىن باشلىغى،ماتىماتىكا دوكتۇرى،فرافېسسور ئابدۇرىشىت ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئۇچۇر -ئاخبارات ئىنىستىتوتىدىن دولقۇن ئابدۇللا  ،{شىنجاڭ پەن ۋە تۇرمۇش ژورنىلى}نىڭ  باش تەھرىرى ،فرافېسسور ئالاۋىدىن ئابدۇرېيىم  ، ئاپتونوم رايونلۇق  يېزا ئىگىلىك بانكا پارتىيە مەكتىۋىدىن ئەخمەت رەخمىتۇللا{كەلپىن}،خوتەن قاراقاش ناھىيە يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن غۇجى ئابدۇللا ناسىر،بۇگۇر ناھىيە ئاق ساراي بازارلىق ھۇكۇمەتتىن زاكىر ،خوتەن ۋىلايەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئادىل مەمەت،شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرستېتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ  باشلىغى،دوكتۇر، فرافېسسور  كېرېم ئېلى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك  ئۇنىۋېرستېتى كۇتۇپخانىدىن بەكرى،  شىنجاڭ تەبىى پەنلەر ئاكادىمىيىسى فىزىكا ۋە خىمىيە تەتقىقات ئورنىدىن دوكتۇر،  تەتقىقاتچى  تۇردى ئۇمەر، شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش باشقارمىسىدىن تىببى پەنلەر   ماگىستىرى پەرىدە غۇپۇر،شىنجاڭ ھازىرقى زامان كەسپى تېخنىكا ئىنىستىتوتىدىن مۇنىرە غۇپۇر،شىنجاڭ مالىيە نازارىتى تۇرلەر باشقارمىسىدىن باشقارما باشلىغى قاھار ياسىن، شىنجاڭ ئىجتىمايى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىقتىسات تەتقىقات ئورنىدىن فرافېسسور ئەدىلقان مامۇقان ،شىنجاڭ ئادىل -پاك ئادۋۇكاتلىق ئۇرنىدىن ئادۋۇكات ئاسىپجان ياسىن، شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتىدىن دوتسېنېت  يالقۇن روزى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تەتقىقات ئورنىدىن ئىساق ئەپەندى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدىن ئادىل سىيىت،شىنجاڭ ئىيجتىمايى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئىقتىسات تەتقىقات ئۇرنىدىن فرافېسسور ئەدىلقان مامۇقان،{شىنجاڭ ياشلىرى }ژورنىلىدىن ئەسەت مەسئۇت ،شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش -قۇرلۇش بانكىسىدىن  ئالى مۇخبىر گۇشۇيگېن،ئۇرۇمچى شەھەرلىك  مائارىپ ئىدارىسى ئاساسى مائارىپ باشقارمىسىدىن مۇئاۋىن باشقارما باشلىغى دوتسىنىت سادىقجان سايرام،ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك بانكا {شىنجاڭ يېزا پۇل مۇئامىلىسى }ژورنىلىدىن تەھرىر نىجات سوپىيوف،بىڭتۇئەن بانكىسى ئۇرۇمچى شەھەر تارمىغىدىن شۇھرەت ئابدۇقادىر ،ئۇرۇمچى شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بۇلۇمىدىن   دوتسېنت  ئەكپەر، ئۇرۇمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش بۇلىمىدىن  دوتسېنت يالقۇن،تۇلۇق ئوتتۇرا  سىنىپ بۇلىمىدىن خەنزۇ تىلى ئۇقۇتقۇچىسى مەرھابا ، خىمىيە ئۇقۇتقۇچىسى ئەلىشىر، تارىخ ئۇقۇتقۇچىسى ھەبىبە،ماتىماتىكا ئۇقۇتقۇچىسى مېھرىگۇل  ، فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى گۇلزار، ئەدبىيات ئۇقۇتقۇچىسى خۇشتار، فىزىكا ئۇقۇتقۇچىسى قەيسەر  ،{شىنجاڭ پەن تېخنىكا گېزىتى} تەھرىر بۇلىمىدىن سەمەتجان،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىدىن مۇھەممەت باغراش.  ياسىنجان ئابدۇشكۇر ،شىنجاڭ تېلۋىزىيەسى 9-قانالدىن ئادىلجان ئابلىمىت،تۇرپان ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىغى ئالىم ئىمىن،تۇرپان شەھەرلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى ئىدارە باشلىغى  بارى، تۇرپان ۋىلايەتلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىدىن ھەبىبۇل، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمان پونكىتىدىن ئۇسمان،تۇرپان ۋىلايەتلىك  تېخنىڭ كېڭئەيتىش پونكىتىدىن ئۇمەر،تۇرپان شەھەرلىك يېزا ئامانەت قەرز كوپىراتىۋى يار يېزا پونكىتىنىڭ  مۇدىرى باۋدۇن  زىياۋۇدۇن، يېزا ئامانەت كوپىراتىۋى ئايدىڭكۇل  پونكىتىنىڭ مۇدىرى ئابابەكرى،قۇمۇل شەھەرلىك سىياسى كېڭئەشتىن ئابلىز ئوسمان ،تۇرپان شەھەر ئايدىڭكۇل ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەتىنياز مەڭنىك ،ئەخمەت مەمتىمىن،مەكتەپ مۇدىرى ئېلى توختىنىياز ،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇل نېجىم،سىكرىتار غېنى ئابلىمىت.ئوقۇتۇش تەتقىقات رايونىدىن مەخمۇت ھەبىبۇل ،مەمەت نىجىمدىن ،ئۇقۇتقۇچىلاردىن، باۋدۇن سىراي،نىياز ئېزىز،ئەنۋەر ئامىسلىم،غاپپار غۇپۇر،شىنجاڭ سۇ ئېلىكتىر مەكتەپتىن پەتتار مەمەت ،نېفىت دوختۇرخانىسىدىن دوختۇر ئەخمەت مەمەت،سۇ ئىشلار نازارىتىدىن ئەنۋەر ئابدۇرېيىم،شۇي موگۇ خەلق ھۇكۇمەتتىن ئادىل ياسىن ،شىنجاڭ شېنخۇا گۇروھىدىن ھامۇت مامۇت قاتارلىقلار بولۇپ  ،بۇ جەرياندا بۇ يولداشلار بىلەن     

كۆپ قېتىم  تالاش- تارتىش بولدى، ھەم نۇرغۇن يېڭى ماتىريال تېپىلدى،بۇلار ئاساسىدا بىز  يېڭى بىر نەرسىنى يەنى{  نيۇتوننىڭ  تەڭرىنى چاقىرىپ كېلىشى مۇمكىن ئەمەس} دىگەن يېڭى ئىدىيە تۇغۇلدى،بۇ ئاساستا يېزىپ چىققان ئىلمى ماقالىنىڭ ئىنگىلسچىسىمۇ بىر قانچە دۇلەتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى،بۇلار ئامرىكا مائارىپ مىنىستىرلىگىنىڭ تورى   -in..1www.rsssearchhub.com/.../interdisciplinary-studies..2.》,《 -3》 ،ھىندىستان پەپسەپە تورى قاتارلىقلار .شىنجاڭدا تۇرۇپ ئاچالماي قالسىڭئىز چەت دۇلەتلەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ھاۋالە قىلىپ باقسىڭئىزمۇ بولىدۇ.  يەنە كېلىپ بۇ تالاش    -تارتىشلار  بىزنىڭ يېزىلىۋاتقان 12پارچە ئىلمى ماقالىنىڭ ئىلمى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. بۇلاردىن ۋەكىللىك خاراكتىرغا ئىگىلىرى {ئېينىشتىيىننىڭ لوگىكىلىق خاتالىغى} . {يېڭى نىسپىلىك نەزىريەسى} ، {يېڭى نيۇتۇن قانۇنلىرى}،{ ماركسىزمنىڭ يېڭى تەرەقىياتى -ماددىنىڭ ئاساسى شەكىللىرى}.{ئىنسانلارنىڭ فىزولوگىيەلىك پىسخولوگىيەلىك ھەركىتى}،{ھايۋاناتلارنىڭ فىزولوگىيەلىك -پىسخولوگىيەلىك ھەركىتى}.{ئالەمنىڭ چوڭ پارتلاش ئېنىرگىيە  فورمۇلىسى} ،{نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش قانۇنى ۋە نيوتون ھەركەت قانۇنلىرىنىڭ دىيالىكتىك مۇناسىۋىتى}....قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ،شۇنداقلا بۇ ماقالىلەرگە ياۋرۇپا فىزىكا جەمىيىتى ،كانادا پەلسەپە بىرلەشمىسى ،ئەنگىلىيە پادىشاھلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسى  فىزىكا تەتقىقات جەمىيىتى  قاتارلىق 10نەچچە ئورۇن ناھايىتى قىزغىن پوزىتسىيەدە بولۇپ ،ئۆزلىرىنىڭ  ژورناللىرىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ماقالىلەرنى تاللاپ ئېلان قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈشتى .بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئىلمى ژورنال {تور بايلىغى}دا ئېلان قىلىنغان، جوڭگۇ مەركىزى مائارىپ تەتقىقات ئورنى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن  {نيۇتوننىڭ يېڭى ھەرىكەت قانۇنلىرى} قايتا يېزىش  زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى.ھازىر سىز كۇرۇۋاتقان دەل بۇنىڭ يېڭى بىر نۇسخىسى.

پايدىلانغان ماتىرياللار: {3}ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىم خەنزۇچە 89-بەت، {2}مۇشۇ كىتاپ 78-79-بەتلەر،مۇشۇ كىتاپ 74-بەت.{100مەشھۇر شەخس-ئۇيغۇرچە 336-بەت‹3›دالى كارنىگنىڭ بارلىق  كىتاپلىرى. 4,‹كەڭ دائىردىكى ›ۋە ‹تار  مەنىدىكى نىسپىلىك نەزىريەسى›-‹ئېينىشتىيىن› بىكىتى. ‹7›‹يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر رىتسىپلىرى› شىنجاڭ نېفىت دوختۇرىانىسى ئەخمەت  مەمەت ‹شىنجاڭ پەن -تېخنىكا سەھىيە نەشىرياتى2000-يىلى نەشىرى。8‹ېيجىڭ ئۇنۋېرستېتى  دوكتۇرلار ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى›   {12}بېيجىڭ ئىلمى مائارىپ كىنو سىتودىيەسى بىلەن  مەركىزى تېلۋىزىيە 6-قانال بىرلىشىپ ئشلىگەن  ئىلمى تەربىيىۋى فىلىم《ئالەم ۋە ئىنسانلار〉{13}‹ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى›،‹مىۋە قېپى ئىچىدىكى ئالەم › ئاپتورى  سىتىفون  خوك-‹13›يىجوڭتىئەننىڭ  ‹ئۇچ پادىشاخلىق ›قا بەرگەن باھاسى-جەمى 52 قىسىم .《14》ماركس ،ئېنگىلىس ،لېنىن ،ستالىن تاللانما ئەسەرلىرى 1،2،3،4توملار.‹15›‹تەبىئەت دىيالىكتىكىسى›--ئېنگىلىس 1979-يىلى  مىللەتلەر نەشىرياتى يېڭى يېزىق نەشىرى‹16›  ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر -يولۋاس راشىدىن -شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى ئەدەبىيات فاكولتىتى 2002يىلى نەشىر قىلدۇرغان‹16›ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى تەرەقىياتىغا تەسىر كۇرسەتكەن 100مەشھۇر شەخىس. ئاپتورى مېخائىل خارت -ئامىرىكا -تەرجىمە قىلغۇچىلار ئازات ئالماس ،تەلئەت ئىمىن ،رىشىت ئابدۇراخمان ،تىلەك ›.2000 -يىل شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى.‹17›ئەڭ بۇرۇنقى 3 مىنوت - سىتىۋىن  بوگىن {ئامرىكا›‹18›-‹ماتىماتىكا -فىزىكا -خىمىيەدىن ئاممىباپ لىكسىيە›-ئاپتورى لىياڭخېڭ ،مۇھەممەتجان نۇجۇۋۇللا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-17 12:36 AM):

شەپەرەڭ ياخشى كۇرمەيدۇ دەپلا قۇياشقا قارشى چىقىش مۇمكىنمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20119
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 4507 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 01:32:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋ پانا ، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ جىدىلىدىن يەنە بىرى چىقىدىكەندە؟

بىلىغىممۇ بىلىغىم، پىلتىڭلايدۇ بىلىغىم، قېرىغاندا قېرى تاتۇق، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلىغىم.

●مۇۋەپپەقىيەتكە

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13166
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8886
تۆھپە نۇمۇرى: 687
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 02:13:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا  {نيۇتوننىڭ يېڭى ھەرىكەت قانۇنلىرى} دىگەن ماقالىنىڭ تورئادىرسىنى يوللاپ بىرەلەرسىزمۇ؟؟؟

ھۆپۆپۆپنىڭ تاجىسى باركەن بوز تورغاينىڭ يوقمىكەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11186
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9664
تۆھپە نۇمۇرى: 555
توردا: 1778 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 03:22:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
牛顿第一定律
任何物体在不受任何外力的时候,(Fnet=0)总保持匀速直线运动状态或静止状态,直到有作用在它上面的外力迫使它改变这种状态为止。
牛顿第二运动定律
物体加速度的大小跟它受到的作用力成正比,跟物体的质量成反比。

ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

مەن سۆيگەن ياشلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32264
يازما سانى: 1256
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 35318
تۆھپە نۇمۇرى: 1053
توردا: 3101 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 03:24:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ماقالىنى تۇتۇۋېلىپ سىلكىسە، بىر تاغار ئەخلەتتىن باشقا نەرسە چۈشمەيدىكەن.  ئېنگلىزچىدىكى «نيوتۇن مىخانىك سائەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەسىلىسىدىلا تەڭرىگە مۇراجىئەت قىلدى» دېگەننى تەڭرىنى چاقىرىپ كەلدى دەپ چۈشىنىۋېلىپ، ئېشىكىدىن توقۇمى چوڭ بىر قانچە زاتلارنىڭ ئىسمىنى دەستەك قىلىپ بىلجىرلاشقۇ بۇ؟! ماركىسزىم تېخى نەچچىنچى ھېسابلىنىدۇ؟! ماركىسزمنى تېخى قەيەردە بىر پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىپ كېتىپتۇ؟! كىچىك بالىدەك نيوتۇن دۇنيانى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تەڭرىنى چاقىرىپ كەلگەن دەپ جۆيلۈش نېمانچە ئەخمىقانىلىق؟! ئەجىبا نىيوتۇن تەڭرىنى چاقىرىشتىن بۇرۇن دۇنيا ھەرىكەت قىلماپتىكەنمۇ؟! ئەگەر بۇ قاراش راستلا شۇنداق بولسا بۇرۇنلاردا بىراۋلارنىڭ پىكرى چىقماسمىدى. قىزىق گەپ بولدى، نىيوتۇننىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرى ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بەردى، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ خۇداسىزلىق نەزەرىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلالمىدى.نېمىلا دېگەن بىلەن ماركىسزمدەك ئاغزىدا بىلجىرلاپ، ئىنسانىيەتكە ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىگەن قۇرۇق سەپسەتىلەردىن ياخشى، ئەمما بۇ يەردە ئېنىق تۇرۇپتۇكى، نيوتۇن قانۇنلىرىنى كىملەر ئىنكار قىلىپ تاشلىسۇن-يۇ ئەمما ئورنىغا ئۇنىڭدىن مۇكەممەل بىرەر قانۇننى ئوتتۇرىغا ھېچكىم قويالمىدى. نيوتۇن قانۇنلىرىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھېلىھەم خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى دەل ئۇنىڭ قانۇنلىرىنىڭ نىسپىي توغرىلىقىنى كۆرسەتسە، مېخانك سائەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ھېچكىمنىڭ تېپىپ چىقالمىغانلىقى دەل بىر ئىلاھىي كۈچنىڭ باشتىن-ئاخىر مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
   ئەمدى ماركىسزمغا كەلسەك، ئۇ پەقەت قۇرۇق نەزەرىيە، نەدىمۇ ئۇنى نيوتۇن ھەرىكەت قانۇنلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟! دېمەك بۇ ماقالىنىڭ دەسلەپتىلا كەتكۈزگەن يېرى نيۇتۇننىڭ «مىخانىك سائەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسى تەڭرى» دېگەننى «تەڭرىنى چاقىرغان » دەپ خاتا چۈشىنىۋالغانلىقى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kaisar809 + 10 ئېسىل ئىنكاس

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

جىممىدە ئۆتكەن ھاياتنىڭ قېتىدا ھېكمەتلىرى.شادلىقى ئوچۇممۇ چىقماس بىر تاغار قىسمەتلىرى.
ئەسلىمە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 03:36:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51026
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9848 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 03:40:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيۇتۇنىنىڭ مېنى ھەممىدىن قايىل قىلدىغان تەتقىقاتى ئالەملىك تارتىش قانۇنى بايقىغانلىقى ۋە6.87دېگەن تۇراقلىق ساننى كامالەتكە يەتكەن ماتىماتىكا ئىقتىدارىغا تايىنىپ،تېپىپ چىققانلىقى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ.
تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرى جاھالەت قوينىغا يۇشۇرۇنغان.قۇدرىتى ئۇلۇغ خۇدا:‹‹دۇنياغا تۆرەلگىن ،نىيۇتۇن!››دېدى.شۇنىڭ بىلەن جاھان يۇرۇپ كەتتى.
-ئالىكساندېر پوپى
نىيۇتۇن تۇغۇلغان يىلى گالىلىي ۋاپات بولغان ئىكەن،مەن بىر ئىشقا ھەيران قالدىم،پەلسەپەدە تارىخىي ماتىريالىزىم،ئىدىئالىزىم دەپ ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت.
لېكىن،نىيۇتۇن مەزكۇر ماقالىدا ئىپادىلىنىشچە،ھېچقايسى قاراشقا كىرمەيدىغان تىپكەن،ئۇنداقتا،نىيۇتۇننىڭ پەلسەپە نۇقتىسىدىن دۇنيا قارىشى قايسى قاراشقا كىرىدۇ.
تارىخىي نۇقتىدىن كۆزىتىش ئېلىپ بارغاندىمۇ،نىيۇتۇننىڭ تۆھپىسى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىر دائىرسى بەك كەڭ،نۇرغۇن ساھالەرگە چېتىلىدۇ.ئېنىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى توغۇرسىدىكى تەتقىقات ماقالىسىنىمۇ كۆرگەن ئىدىم.
مېخانىكا-توغۇرلۇق بۇ مۇرەككەپ پەندە،ئارىستۇتىل،گالىلىي قاتارلىقلاردىن كېيىن مۇتلەق شۆھرەت قازانغان كىشى ئەلۋەتتە نىيۇتۇن ئىدى.
ھازىرقى فىزىكا پېنىمۇ نىيۇتۇندىن ئايرىلالمايدۇ.نىيۇتۇننىڭ 3-دۇنيا قارىشىنىڭ قانداق دۇنيا قارىشى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاپ چىقىلسا،ماركىزىملىق تارىخىي پەلسەپدىمۇ زىدىيەت تۇقۇنىشى كېلىپ چىقىشى مۇقەررەر.

QINSOYGU بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 03:42:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11186
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9664
تۆھپە نۇمۇرى: 555
توردا: 1778 سائەت
تىزىم: 2010-9-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 03:51:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىيوتوننىڭ قانونلىرى خاتا دېيىش توغرا بولسا كېرەك ، چۈنكى ھازىر خەلقئارادا نيوتوننىڭ خاتالىقى توغرىسىدا يېزىلغان ماقالىلارنىڭ ماۋزوسىنى يېزىش ئۈچۈنلا 1000بەتلىك قېلىن كىتاپچىدىن بىرسى پۈتۈپ چىقىدۇ...

ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39302
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4429
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 720 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 04:18:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ ماقالىنى ئولتۇرۇپ چاي  ئىچكەچ ئوبدان ئوقۇپ باقسام بولغۇدەك جۇما~~~:qiray12

ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش