ئاسىيا كىندىكى تورى ۋە تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر بېرىشىچە،ئاپتونوم رايونىمىز 2012-يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە جەمئىيەتتىن ئىلى ئوبلاستى،قەشقەر ۋىلايىتى،ئاقسۇ ۋىلايىتى،خوتەن ۋىلايىتى ،قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بىرقىسىم ناھىيەلىرىنىڭ ساقچى بۆلۈملىرىگە خىزمەتچى(ساقچى) قوبۇل قىلىدىكەن.
29-دېكابىر،مۇخبىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق مەمۇرىلار ئىدارىسىنىڭ قوبۇل قىلىش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە،بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئورنى مالىيەدىن تولۇق خىراجەت ئاجرىتىلىدىغان كەسپى شىتاتقا تەۋە بولىدىكەن.قوبۇل قىلىنىدىغان خادىملار چوقۇم توختامدا بەلگىلەنگەن بويىچە، خىزمەت ئورنىغا چىققاندىن كېيىن ئەڭ قىسقا خىزمەت قىلىپ بېرىش چەكلىمىسىدىن بۇرۇن خىزمەتتىن چېكىنمەسلىك(مەسىلەن ئەڭ تۆۋەن خىزمەت قىلىپ بېرىش ۋاختى 3 يىل بولسا) شەرتىگە قول قويۇشى كېرەككەن.
قوبۇل قىلىش ئېلانى 29-دېكابىردىن باشلاپ ئاپتونۇم رايونلۇق ئەمگەك بايلىغى ۋە جەمئىيەت كاپالىتى(自治区人力资源和社会保障厅网مەزكۇر نازارەتنىڭ ئۇيغۇرچىسى مۇشۇنداق ئېلىنامدۇ،خاتا بولسا تۈزىتىۋالارسىلەر)نازاررىتى تور بېتى،شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى تورى(新疆人事考试中心网) ۋە كوئېنلۇن تورىدا ئېلان قىلىندى.
قوبۇل قىلىنىدىغانلار،شىنجاڭ نوپۇسىدىكى،ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار،ئىچكىردىن كېلىپ شىنجاڭ ئالى مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر،ھەربى سەپتىن چېكىنگەن تولۇق ئوتتۇردىن يۇقۇرى مەلۇماتلىق ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار،شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ئامانلىق ساقلاش (保安人员) خىزمىتىنى ئىزچىل ئىشلىگەنلەر،ساقچى تارماقلىرىغا ماسلىشىپ ئامانلىق ياردەمچى ساقچىسى بولۇپ ئىشلەش تارىخى 2يىلدىن ئاشقان تولۇق ئوتتۇردىن يۇقۇرى مەلۇماتقا ئىگە كىشىلەر بولىشى كېرەككەن ۋە ياكى يۇقۇردىكى شەرتلەرگە چۈشىدىغان بولىشى كېرەككەن.
تەپسىلاتىنى يۇقۇردىكى تور بېكەتلىرىدىن كۆرۈۋالغايسىزلەر.مەنبە تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەنزۇچە بېتى.
http://www.tianshannet.com.cn/news/content/2011-12/30/content_6464853.htm