ئاتا –ئانىلار:
ھېيتلىق پۇلۇڭنى مەن ساقلاپ بېرەي:ئىمتىھاندىن كېيىن قانداق ئوينىساڭ كارىمىز يوق.
بالا:
ئىككىنچى ئۇنداق قىلمايمەن.
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى:
ماڭا راست گەپ قىل،ئاتا –ئاناڭغا دەپ قويمايمەن.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى:
تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئاغرىپ قالدى،بۇ سائەتلىك دەرسنى مەن ئۆتىمەن.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى؛
بىر مىنۇتلا ۋاقتىڭلارنى ئالىمەن.
رەھبەرلەر :
مەن ئىككى ئېغىز سۆزلەي.
قەرز ئالغۇچى:
پۇل تاپقان ھامان قايتۇرىۋېتىمەن.
دوختۇر:
پەقەت ئاغرىمايدۇ.
ئاياللار:
مانا ھازىرلا تەييار بولىمەن.
ئەرلەر:
ئۇنىڭ ھېچنەرى سىزگە يەتمەيدۇ.
بەڭگى:
بۇ قېتىم راستىنلا تاشلىدىم.
قىز:
بىز يەنىلا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتەيلى.
ساھىبخان:
قۇرۇق كېلىۋەرمەي.
ھۆكىمەت:
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قاتتىق تەكشۈرمەكتە.
ئۇزۇن يوللۇق قارا تاكسىلار:
چىقسىڭىزلا ماڭىمىز.
مال ساتقۇچى:
ماڭا پايدا قويمىدىڭىز،سىزگە كىرىش باھاسىدا سېتىپ بەردىم.
خىزمەتداش:
بىر كۈنى سېنى ئايرىم مېھمان قىلىمەن.
مەنبە : قانۇنچىلىق گېزىتى
نەجمىدىن نەسىردىن تەييارلىغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-30 08:47 AM