|
|
|
|
رۇسىيەنىڭ پىرىزدىنىت سايلىمى ئۈچۈن 60 مىڭ ئاشكارا بېلەت تاشلاش ساندۇقى تەسسىس قىلىنىدىغان بولدى
ياندىكىس خەۋەر تورى
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ مەركىزىي سايلام كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى سىتانسىلاۋا ۋاۋلوۋ 28-دېكابىردا بايان قىلىپ: 60 مىڭ ئاشكارا بېلەت تاشلاش ساندۇقى كېلەر يىلى 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىغا ئىشلىتىلىدۇ.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، مەركىزىي سايلام كومىتېتى رەئىسى ۋلادىمىر چىلويوف 22-دېكابىر كومىتېتتىكى ھەر قايسى فېدېراتسىيە گەۋدىسىنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى بىلەن ئاچقان يىغىندا، يېقىندا يېرىم ئاشكارا بېلەت تاشلاش ساندۇقىنىڭ تولۇق ئاشكارا بېلەت تاشلاش ساندۇقىغا ئۆزگەرتىدىغان خىزمەتلەرنى تېز ئىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى. چوڭ سايلامغا قاتناشماقچى بولغان رۇسىيەدىكى چوڭ سودىگەر پۇرىخۇفمۇ بېلەت تاشلاش ساندۇقىنىڭ ئالماشتۇرۇلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ ئاشكارا بېلەت تاشلاش ساندۇقى كىشىلەرنىڭ بىلەت تاشلاشقا قارىتا گۇمانىنى تۈگىتىدۇ، دېدى.
رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن ئاشكارا بېلەت تاشلاش ساندۇقىنى ئىشلىتىش تەكلىپىگە قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى "ئۇسۇل تۈزدە ياخشى، گەپ يۈزدە (ياخشى)" بۇ يازمىنى ئاخىرىدا haci تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-30 12:09 AM
|
|
|
|
|
|