ئەرلەر قارىماققا پولات - تۆمۇردەك قەيسەر كۆرۇنسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى،
تاشقى قىياپەتتەك ئۇنداق كۈچلۇك ئەمەس، ھەتتا ئەرلەرنى <ئادەم بالا>دىسەكمۇ ،
ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز. شۇڭا ئۇلار بىزنىڭ كۆيۈنىشىمىزگە،ھالىنى پات-پات ،
سوراپ تۇرشىمىزغا ،بەزىدە خۇددى ئانىلاردەك غەمخورلۇق قىلىشىمىزغا
تولىمۇ مۇھتاج. ئائىلىنىڭ بەخىتلىك بۇلۇشى ئايالغا باغلىق . كونىلار ناھيتى توغرا ئېتقان؛
<ياخشى گەپ تاشنى يارار ،يامان گەپ باشنى>، <كۇڭۇل كۇڭۇلدىن سۇ ئىچەر> دەپ ، ئەرلەرگە،
مۇلايىم ۋە يېقىملىق بولغاندا، ئۇلارنىڭ كۇڭلىنى ئېلىش ئۇچۇن ھەر ۋاقىت تىرىشقاندا،
چىن ئىخلاس بىلەن ئېرىنى خوشال قىلىش ئۇنىڭ خىزمىتىدە بۇلۇش ئىستىكىدە بولغاندا
ئاندىن ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئورۇن ئالالايسىز.شۇڭا ھېسىسىياتىمى داۋاملىق
چوڭقۇرلاشسۇن، سالماق قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسۇن،مۇھەببەتكە نائىل بۇلاي دىسىڭىز
ھەر ۋاقىت چېھرىڭىزدىن نۇرانە تەبەسسۇمىڭىز جىلۋە قىلىپ تۇرسۇن،ئېرىڭىز قۇبۇل قىلالايدىغان
خارەكتېرىگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا كۇينىڭ،سالامەتلىكىگە كۇڭۇل بۇلۈڭ.
چۇنكى ئەر-- ئائىلىنىڭ تۇۋرۇكى، يۇلەنچۇكى !
ئەرلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالالايدىغان ھەقىقەت پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارغا كۇڭۇل
بۇلىدىغان ياخشى مىجەز. ئەرلەر ھامان ئۇنىڭ ئالدىدا باش ئىگىدۇ.
دىل ئارامى _ ياخشى بولسا گەر خوتۇن،
يامان بولسا ئۇندىن خۇدا ساقلىسۇن.
_سەئىدى شېرازى
مەنبە:گۇلجەۋھەر ئىبراھىم نىڭ
<خوتۇنلارغا 101 تەكلىب> دىگەن كىتاپدىن ئېلىندى