  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					  روجىستىۋا بايرىمىنىڭ ئالدى كەينىدە ئالتۇن بازىرى سۇسلىشىپ1611دوللاغا كىلىپ يىنىش ھالىتىدە تۇردى .27-دىكابىر ئاسىيا بازىرى ئىچىلغاندىن كىيىن ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەشكە باشلىدى .شۇ كۈنى بازار 12 دوللار چۈشتى . 
28-دىكابىر كۇنى ئالتۇن يەنە سەل تۆۋەنلەپ 1590 دوللارغا ئاندىن يەنە تۆۋەنلەپ 1580 دوللارغا چۇشتى .شۇ كۈنى كىچە ئالتۇن باھاسى يەنە تۆۋەنلەپ 1570 --1560 دوللارغا چۈشۈپ قالدى . 
29-دىكابىر ئەتىگەن 1551 نوقتىغا تۆۋەنلەپ بىر ئازدىن كىيىن ئازراق ئىشىپ 1557 دوللارغا چىقتى . بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇننىڭ چۈشىشى ئاخىرلاشقان بولۇشى مۆمكىن دىگەن تۇيغۇدا شۇ نوقتىلاردا ئالتۇنغا مەبلەغ سىلىشقا باشلىدى . 
ئەپسۇس ؛29-دىكابىر كەچتە ئالتۇن باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ 1540--1530--1523 دوللارغا چۈشۈپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى . 
شۇنداق بولغاندا ھەر گىرامى 330 يۇندىن 2 كۈن ئىچىدىلا 313 يۈەنگە چۈشۈپ قالدى (  خام ئالتۇن ) 
 
ئالتۇن باھاسى يىل ئاخىرىدا نىمە ئۈچۈن بۇنچە تىز چۈشۈپ كىتىدۇ ؟ 
 
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھەر يىل ئاخىرىدا ئامرىكىدا ئامرىكا دۆلەت سانلىق مەلۇماتلىرى ئىلان قىلنىدۇ .ئىلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ ياخشى -يامانلىقى ئالتۇن باھاسىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ . 
يەنى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . 
27-دىكابىر ئىلان قىلىنغان ئامرىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ياخشى چىقىشى ، ئىشسىزلىقنىڭ سوممىسى تەلەپ قىلىدىغانلارنىڭ ئازىيشى بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنىچ كۆرسەتكۈچى ئۆرلىدى .12-ئايلىق ئىشەنىچ كۆرسەتكۈچى چوڭ كۆلەمدە ئۆرلەپ64.5گە چىقتى . بۇ خەۋەر پاي كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرەلمگەن بولسىمۇ ئالتۇننىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
 
http://kaxkar.net/forum.php  پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى 
 
 
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |