|
|
|
|
لىۋىيەنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبىرى مۇھەممەر قەززافى تەرىپىدىن لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى زالە شەھىرىدە چۆلگە كۆمۈۋېتىلگەن 20توننا ساپ ئالتۇننىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بارنىق ناملىق گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالتۇنلار بىلەن بىرلىكتە 80 مىليون ياۋرومۇ كۆمۈۋېتىلگەن. گېزىت، پۇل ۋە ئالتۇنلارنىڭ جەنۇب تەرەپتە ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا داۋاملاشقان توقۇنۇشلار ئەسناسىدا تېپىلغانلىقىنى يازدى. مۇھەممەر قەززافىنىڭ قانچىلىك بايلىقى بارلىقى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، فىرانسىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان 24-تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قەززافىنىڭ بايلىقى 85 مىليارد ياۋرو ئەتراپىدا ئىكەن. لىۋىيەلىك مەسئۇللار بولسا 200 مىليارد دوللار ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا. بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدىكى بانكىلاردا ۋە ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مەنبە : مىسرانىم تورىhttp://www.misranim.com/html/news/dunya/misranim_1811.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawkeran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-12-29 12:13 PM
|
|
|
|
|
|