مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9674|ئىنكاس: 24

كارۋان تىياتىر كۇلۇبىدىن يېڭى يىللىق سۇۋغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياپۇن سامۇرايلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 658
يازما سانى: 1557
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36536
تۆھپە نۇمۇرى: 477
توردا: 5179 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 09:57:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يېڭى دەۋىردىكى قىممىتىنى نامايان قىلىش، سەنئەتنى ياشلار ئالاھىدىلىكى ،مىللىي ئالاھىدىلىك، دەۋەر ئالاھىدىلىككە بىرلەشتۈرۈپ نادىر ئىجادىيەت يارىتىش، ياشلار جۇشقۇنلۇقى ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يېڭى مەنزىلنى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە، ئەلنىڭ ئارمانلىرىنى قەلبىگە پۈككەن «كارۋان تىياتىر كۇلۇبى» 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 6-، 7-، 8- كۈنلىرى 2-سان نادىر سەنئەت كېچىلىكىنى كەڭ سەنئەت سۆيەر خەلقىمىز ھوزۇرىغا سۇنىدۇ.
بۇ قېتىمقى «كارۋان تىياتىر كۇلۇبى» يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى، ھازىرقى زامان سەھنە سەنئىتى يېڭىلىقلىرىنىڭ  مىللىي ئالاھىدىلىك بىلەن مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلىشىنى ئەڭ يېڭى ئۇسلۇب، ئەڭ يېڭى شەكىل بىلەن ئىپادىلەنگەن بىر مەيدان نادىر سەنئەت كېچىلىكى بولۇپ، بۇ قېتىمقى كېچىلىككە كارۋان تىياتىر كۇلۇبنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەل سۆيگەن ناخشىچى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، كارۋان كۇلۇبىدىكى ياش ناخشىچىلاردىن ئابدۇقادىر يار ئېلى، مەۋلان مەمتىمىن، بەختىيار ئېزىز، زۇلپىيە رېشىت، دىلمۇرات غۇلام، كارۋان كۇلۇبىدىكى ئىقتىدارلىق ياش ئاكتيورلار، ئىتوت سەنئىتىدىكى ئۈمىدلىك چولپانلاردىن ئابدۇرېھىم راخمان، ئابدۇكېرىم ئابلىمىت (مىرشاپ)، ئەنۋەر ئابلىز، قۇندۇز ئاي تاش، ئامىنە ئابلا، تاققا-تۇققا يۇمۇرلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ھەبىبۇللا موللا (ئەبەي)، شۆھرەت ۋەلى، قەلبىنۇر قېيۇم، ئەرەفات دىلشات، ئابدۇسالام ئابدۇكېرىم، رىنات تەلغەت، گۈزەلئاي ئابدۇراخمان، كارۋان كۇلۇبىدىكى رايونىمىز سەھنىلىرىگە گۈل چېكىپ كېلىۋاتقان ياش ئۇسسۇلچىلاردىن ئابلىكىم ئابلا، توختى بەكرى، يۇلتۇز ھەسەن، مۇڭلۇق كۈيلىرىنى خەلقىمىز ھوزۇرىغا سۇنۇۋاتقان مۇزىكانتلاردىن ئالىمجان ئابلىز، فەرۇخ دولقۇن، ئەزىزجان ئابلىمىت، سودىيە ئاي مەھمۇد، مەرھابا نۇر مۇھەممەد، مۆمىنجان يۈسۈپ، شىرئېلى توختى قاتارلىقلار قاتناشقان.
بۇ قېتىمقى كېچىلىكتە تالانتلىق ئاكتيور، ياش رېژىسسور جۈرئەت ۋايىت رېژىسسورلىقىدىكى نادىر ئىتوتلار، ياش ناخشىچىلار ئىجراسىدىكى ئىجادى ناخشىلار ۋە ياش ئۇسسۇلچىلار تەرىپىدىن ئوينىلىدىغان نەپىس ئۇسسۇللار سىزگە يېڭى يىلدا يېڭىچە تەسىرات بېغىشلايدۇ، نەخ مەيداندا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ!
يېڭى بىر يىلغا يېڭى كەيپىيات، يېڭى بىر ئىلھام،  يېڭى بىر ھاياجان ئىچىدە قەدەم بېسىڭ. بۇ خۇشال دەقىقىلەردە ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى يېنىڭىزدا بولسۇن!
كارۋان تىياتىر كۇلۇبىنىڭ يېڭى يىللىق سوۋغىسى سىزنى كۈتمەكتە.
ئورنى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسى (بەيگە مەيدانى تۆت كوچا يېنىدا «سەيماچاڭ يېڭى جۈيۈەن») 16-، 63-، 106-، 912-يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ يىپەك يولى مېھمانخانىسى بېكىتىدە، 61-، 70-، 801-، 919- يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ داۋان ساقچىخانىسى بېكىتىدە چۈشسىڭىز يېتىپ بارىسىز.

TEL: 18999999863   18999999873   18999999723 13999992745   13699999537   13999855903   13364798889   13809951737   13179800010     0991-8550006  0991-5200050  0991-5204400   


مەنبە. ئىزدىنىش مۇنبىرى

ئۇيغۇر ئوغلى..ئۇيشۇپ ياشا ئۇيغ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64101
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4980
تۆھپە نۇمۇرى: 838
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2012-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 03:24:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قەشقەردە  مەن نەخمەيداندا كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمەيدىكەن مەن

قىززىق يەردە قىززىق ئىش،  يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش،   يۇلۇپ تاشلاندى ساق چىشلار، دەت كۆرمىدى ئاغرىق چىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71761
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3421
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 03:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بىر كۆرگۈم باتى مۇشۇ كېچىلىكنى . ئەڭ ياخشىسى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۆرەي جۇمۇ .  

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 03:52:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇمچىدىكى دوسلار كۆرۇپ ، بىزدەك يىراقتىكى كۆرەلمەيدىغانلارغا سۆزلەپ بىرەسىلەر !!

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

غەلبە تىرىشچانل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11054
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 1186 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 07:17:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىلىق يىراق، نەخ مەيداننى كۆرەلمەيمىز.
پىلاستىنكىسى چىققاندا سېتىۋېلىپ كۇرەرمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7749
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 07:18:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەق مەيداندا كۆرۈشكە نىسىپ بولغاي

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 08:19:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمدا جىق ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمۇرى .................

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

تىلەيمەن جەڭدىكى ئۈلۈمنى.

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71539
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3625
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2011-12-23
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 08:40:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىڭى يىلغا خېلى بۇپ قالدى ....

زامان  ئاخرىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدە.سەناتكارلار.ناخشىچىلار.يەنە نۇرغۇن شۇلارغا چوقۇنىدىغانلار ،يەنە نۇرغۇن.شۇلارغا ئەگىشىدىغانلار كۆپىيىپ كېتىدىكەن...بۇ خىل ئەھۋاللار ئاساسەن كۇففۇرلارنىڭ دۆلەتلىرىدە ئەۋجېپ كېتەركەن .مانا.بىزلەرنىڭ ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىز .بەزىبىر ئازغۇن كىشىلەرگە توختىماستىن ئاللاھتىن ئۇلارنىڭ كۆڭلەللىرىگە ئەقىدە .ئىدىقاد .تىلەۋاتسا .

مۇشۇنداق ۋاقىت ئىسىراپچىلىقى .ئوزىگە قىلچە ئەسقاتمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن .بىكادىن بىكارغا ۋاقىت ئىسراپچىلىق قىلىۋاتىدۇ..
بۇلار دەيدىغاندۇ .بىز جەمىئەيتكە پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىجات قىلىش ئارقىلىق .شۇلارنىڭ تۇرمىشىغا مەنىۋې زوق ئاتا قىلىمىز دەپ.


نەدە مەنىۋې زوق بۇ.شۇ يەردە تەسىرلىنىپ يىغلاشلىرىچۇ تېخى .كۆنىلار دەيدىكەن.(ئشكەمۇ ھاڭىراپ بۇللاماي كۆزىدىن ياش چىقىپ كېتەرئىكەن دەپ).شۇنىڭدىن بىر سائەت تەسىرلىنىدۇ .ياكى بىرە ھەپتە كىيىنچۇ .ئوز تۇرمىشغا شۇنداق بىر ئىشلار كەلسۇنچۇ .ئۇ ئىجاد قىلغان تەسىرلىك ئىتوتلاردىن ئىبرەت ئېلىپ يولىنى توغرا  تەرەپقا بۇراپ ئوزىنىڭ قىلغىننىڭ خاتالىقىنى سېزەرمۇ؟--...
مۇشۇنداق ئېلانلارنى تېلىۋۇزۇر .رادىئولاردا ئاڭلاش يەتمىگەندەك مۇنبەرلەرمۇ چالا قالماپتۇ مانا...

بۇ ئومۇرۇمنىڭ ئاخرقى تىنىقلىردىمۇ تىلەيدىغنىم . ئىمان بىلەن كېتىش .ئەمما ئارزۇيۇم ھەم ئۈمۈدم .بىر ئەھمىيەتلىك ئۈلۈم.-(يەنى -جەڭ!)-سىناققا دۇچ كەلمەي تۇرۇپ ھەقىقى مۇئمىن .مۇسۇلمان بۇلىمەن دىمە!
ئاڭلىغانكەنسە ئەمەل قىل .سۆزلەيدىكەنسەن ھەقنى سۆزلە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66591
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3200
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 576 سائەت
تىزىم: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 10:01:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچى سان كېچىلىكتىكى ئابدۇرېھىم راخمان (يەنى رېھىم قان)،مەشرەپنىڭ رىياسەتچىسى قاتارلىقلار ئوينىغان سىناق ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان تېتېىقسىز ئېتوتلارنى قايتا ئوينىماسلىقىڭلارنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىلغار پىكىر ،ئىلغار ئىدىيە ،ياخشى جامائەت پىكرى ياكى خەلىقنىڭ ئارزۇسى ئەكىس ئەتمىگەن ، دىنىي ئېتىقادىمىز،مىللىي كىملىكىمىز ،مىللى ئەخلاقىمىزغا  ئوچۇقتىن ئوچۇق ھاقارەت قىلغان نەرسىلەرنى سەھىنىگە ئەچىقماسلىقىڭلارنى قەتئىي تەلەپ قىلىمەن ، مەدىنىيەت خىزمىتىنىڭ قانداق باشقۇرۇلدىغانلىقىنى ،كىمنىڭ باشقۇرىدىغانلىقى ماڭا بەشقولدەك ئايان ، دىنىي ئېتىقادىمىز،مىللىي كىملىكىمىز ،مىللى ئەخلاقىمىز بىلەن ئوينىشىدىكەنسىلەر ئاقىۋەت چوقۇم قولۇڭلارنى كۆيدۇرۋالىسىلەر!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66591
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3200
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 576 سائەت
تىزىم: 2011-11-23
ئاخىرقى: 2014-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 10:05:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭ بىلەن بىرگە
   بىرنچى سان كېچىلىكتىكى ياخشى نومۇرلار ئوخشاش ئېسىل ،خەلق ياقتۇرغان سەنئەت نومۇرلىرىنىڭ بۇ سان كېچىلىكتىمۇ كىشلەرگە مەنىۋى زوق ئىلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش