مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9671|ئىنكاس: 107

كەچۈرۈڭ! مەن دىگەن ھاراملىق (داۋامى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بوينۇمنى كەسكەن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68619
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6669
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 429 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 08:56:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئافغانىستان چېگرىسىدىن خاتىرجەم ھالدا ئۆتۈپ ماشىنا تاغ باغرىدىكى ئەسكى يولدا جالاقشىپ خىلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ھىندىستان چېگرىسىغا يىتىپ كىلىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق، پاسپورتقا تامغا ئۇرغۇزۇش ئۈچۈن ھەممەيلەن ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئىنتايىن رەتلىك ھالدا مىڭىپ سان ماڭا كەلگەندە چېگرا خادىمى بېشىمدىن تارتىپ ھەممە يېرىمگە قارىۋېتىپ:
-نېمە قىلماقچى سەن ھىندىستاندا؟‹ئىنگىلىزچە›
-ھىندىستاننىڭ نامىنى بەك ئاڭلىغان ئىدىم شۇڭا بىر كۆرۈپ باقاي دەيمەن.
ئۇ پاسپورتىمغا خىلى ئۇزۇن قارىغاندىن كېيىن تامغىنى ئۇرۇپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ماشىنىغا چىقىپ يولنى يەنە داۋام ئەتتۇق، ئۇزۇن ماڭمايلا شۇنداق گۈزەل بىر زېمىن كۆز ئالدىمدا نامايان بولدىكى ھەيرانلىقتا ئاغزىمنى ئىچىپلا قالدىم، چەكسىز كەتكەن يايلاق، يېشىللىققا تولغان تاغلار، ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان مۇزدەك ساپ ھاۋا، يول بويىدا ئاجايىپ رەڭلەرگە تولۇپ ئىچىلغان گۈللەر ۋە چېچەكلەرنى ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم كۈرىشىم دىسەممۇ بولىدۇ. بىز ماشىنىدا 14 سائەت ماڭغاندىن كېيىن ھىندىستاننىڭ يىڭى دېھلىغا يىتىپ كىلىپ ماشىنىدىن چۈشتۇق ماشىنا خىلى ئاۋات بىر جايدا توختىغاچقا بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىساملا ‹دوستلار مىھمانخانىسى› دېگەن ۋىۋىسكىغا كۆزۈم چۈشۈپ ئۇدۇل ياتاققا قاراپ ماڭدىم، ياتاققا كىرىشىمگە كۈتكۈچى قولىنى جۈپلەپ تۇرۇپ ‹نوماستى› دىۋىدى نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئىنگىلىزچە سۆزلىدىم:
-ماڭا بىر كىشىلىك ياتاق لازىم ئىدى.
ئۇ نېرىدىكى ساپادا ئولتۇرغان بۇرۇتلۇققا قاراپ:
-بۇ ئەجنەبى نېمە دەيدۇ گېپىنى بىلەلمىدىم.‹ئوردۇچە›
ئۇنىڭ بۇ گىپىگە ئوردۇچە ئۇدۇللا ئۆزۈم جاۋاب بەردىم:
-ماڭا ياتاق لازىم دەيمەن.
-ھوي، ئوردۇ تىلى بىلگەندىن كېيىن باشتا شۇنداق دىسەڭ بولمامدۇ؟
-بىراق سىنىڭ بايا دېگەن گىپىڭنى چۈشەنمەي باشقا مىللەتمىكىن دەپ شۇڭا ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلىگەن.
-ھە، سەن قايسى دىندىن؟
-مەن مۇسۇلمان بولىمەن.
-مۇسۇلمانلار ئەسسالامۇئەلەيكۇم دىسە بىز ھىندى دىنىدىكىلەر نوماستى دەيمىز شۇڭا چۈشەنمەپسەن.
-ئەمدى ماڭا ياتاق بىرەمسەن؟
ئۇ قولۇمدىكى سومكامنى ئىلىپ بىر ئاچقۇچنى ئىلىپ مىنى ياتققا باشلاپ كىردى بۇ ياتاق خىلى ئىسىل بىزەلگەن ئىدى بىراق بۇلار باشقا دىندىن ئىكەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلىپ قويارمۇ؟ بۇ يەردە ياتسام توغرا بولارمۇ ؟ دىگەندەك سۇئاللار كاللامغا كىرىۋالغاچقا خاتىرجەم بولالماي قالدىم، بۇنى كۈتكۈچى سەزدى بولغاي ئۇ چىرايىمغا قارىۋەتكەندىن كىيىن:
-ناماز ئوقۇساڭ ياتاقتىن 50 مىتىر يىراقلىقتا مەسچىد بار، ساڭا بىرىلگەن بۇ كارىدوردا ئاساسلىقى مۇسۇلمانلار ياتىدۇ باشقا ئىشلاردىن ئەنسىرىمە، تاماقنى ئۆزۈڭ قىلساڭ ئاشخانا تەييار ، بولمىسا سىرىتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشخانىسى كۆپ چىققاندا مەن كۆرسىتىپ قوياي.
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن سەل خاتىرجەم بولۇپ ئۇنى چىقىرىۋىتىپلا ھاردۇق چىقىرىش ئۈچۈن كارۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم، كەچلىك تاماققا رايىم يوق شۇ ئۇخلىغان پىتى ئەتىسى چۈشكە يىقىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاستىنكى كەۋەتكە چۈشۈپ ھىلىقى كۈتكۈچىنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن ياتاقنىڭ كارتىسىنى ئىلىۋىلىپلا سىرىتقا قاراپ ماڭدىم، ياتاقتىن چىقىپ ئازراق مىڭىپلا مۇسۇلمانچە دىگەن خەت يىزىلغان بىر ئاشخانىغا كىرىپ تىزىملىككە قاراپ پالەك قورىمىسى بىلەن بىر ناننى بۇيرۇتۇپ قوساقنى ئەستەرلەپ سىرىتنىڭ مۇھىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئايلاندىم، بۇ يەرنىڭ كوچىلىرى شۇنداق مەينەت، يوللنىڭ ئىككى قىرغىقىدا يۈندە ئىقىپ تۇرىدىغان ھەم سىسىق پۇراق كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بۇ يەر بىردەمدىلا مىنىڭ رايىمنى قايتۇرغان ئىدى شۇ ئايلىنىشلار بىلەن مىڭىپ يۈرۈپ ناھايىتى چىرايلىق بىر يەرگە كىلىپ ئىگىز سىلىنغان بىنالار، ئىسىل ماشىنىلار، شۇنداق پاكىز بىر مۇھىت ماڭا باشقىچە روھ ئاتا قىلدى. كەچ بولغىچە ئايلىنىپ يۈرۈپ يول بويىدىكى بىر سىتالبوغا چاپلانغان مەكتەپنىڭ ئىلانىنى كۆرۈپ قالدىم بۇ ئىلاندا ئوقۇش ھەققى ئەرزام ھەم ياتاقمۇ بىرىلىدىغانلىقى يىزىلغان ئىدى بۇ يەردە ياتاقتا يىتىپ يۈرسەم نۇرغۇن پۇل كىتىدىكەن ئۇنىڭ ئورنىغا مەكتەپ ياتىقى خاتىرجەم ھەم ئەرزان بولغاندىن كىيىن ئوقۇشنى باھانە قىلىپ مۇشۇ يەردە ياتمايمۇ دىگەننى ئويلاپ مەكتەپ ئادىرىسى ۋە تىلىفۇن نۇمۇرىنى يىزىپلا ياتاققا قايتىپ قالدىم، ياتاقتا تىلىۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بىردىنلا ئىسلام دىنى توغرىسدىكى بىر قانالغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى بۇ قانالدا زاكىر ئىسىملىك بىر كىشى ئىسلام دىنى توغرىسىدا بۇددىستلار ۋە خىرىستىيانلار بىلەن سۆھبەت ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ قىلغان ھەر-بىر سۆزى كىشى ئەقلىنى لال قىلغۇدەك ئىدى ئەڭ ئاددى بىر مىسالنى ئىلىپ ئىيتسام بۇددىست ۋە زاكىرنىڭ پاراڭلىدىن:
بۇددىست: ئادەم نېمىشقا ئوت-چۆپ يۈرىدىكى ۋە گۆش تۈرىدىكى نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلالايدۇ؟
-زاكىر: ئوتخور ھايۋانلارنىڭ چىشى تۈز چىققان بولۇپ ئىنسانلارنىڭ ئۇدۇلقى چىشىغا ئوخشايدۇ ئىزىق چىشى يوق شۇڭا ئۇ ئوت-چۆپ يەيدۇ، گۆشخور ھايۋانلاردا بۇنداق چىش يوق شۇڭا ئۇ ئوت-چۆپنى ھەزىم قىلالمايدۇ ۋە يىمەيدۇ، ئىنسانلاردا گۆشخور ۋە ئوتخور ھايۋانلارنىڭ چىشى ئورتاقلاشقان شۇڭا ھەر ئىككى نەرسىنى ھەزىم قىلالايدۇ . بۇ ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرىدۇر.
بۇ مىسالنى ھەرقانداق بىر دىن ياكى ئىلىم پەندىن ئىلىپ ئىيتقاندىمۇ ئىنتايىن توغرا مىساللارنىڭ بىرىدۇر، بۇ كىشىنىڭ باشقا دىننىڭ يالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىپ ئىسلامنىڭ ھەق ئىكەنلىكى توغرىسىدا كۆرسەتكەن ھەر-بىر مىسالىغا جاۋاپ تاپالمىغان بۇددىست ۋە خىرىستىيانلار رەسۋاچىلىقتىن قىچىپ يەنە مۇنازىرلىشىپ تۇرايلى دەپلا سورۇننى ئاخىرلاشتۇردى، زاكىر دىگەن بۇ كىشى مۇشۇنداق سۆزلەپ يۈرۈپ ھىندىستاندا 500 مىڭ كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولىشىغا تۈرۈتكە بولغان كىشى ئىكەن.‹ ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي› ئەتىسى ئەتىگەندە نامازنى ئوقۇپلا قولۇمدىكى مەكتەپ ئادىرىسىغا قاراپ مەكتەپ ئىزلەپ يۈرۈپ كەتتىم، ئوقۇش باشلىنىشقا 10 كۇن قالغاچقا بىر يىللىق پۇلنى تۆلەپ يۈك-تاققىلىرىمنى كۆچۈرۈپلا ياتاققا كىرىپ كەلدىم، بۇ ياتاقتا 3 مۇسۇلمان 4 بۇددىست ۋە بىر خىرىستىيان بولۇپ تۇردۇق، بىز باشقا-باشقا دىندىن بولساقمۇ ھەرگىز بىر-بىرىمىز بىلەن ئۇرۇشىدىغان،ھاقارەتلەيدىغان ئىشلار يۈز بىرىپ قالماي ناھايىتى ئىجىل ئۆتتۇق. مەن خوش ياقسا دەرىس ئوقۇپ بولمىسا سىرىتنى ئايلىنىپ يۈردۈم دەرىس ئوقۇشقا توغرا كەلسە ھىندىستان، تارىخى قانچە مىللەت بار ، ھىندىستان قانۇنى ۋە ئۆرىپ-ئادەتلىرى توغرىسىدىكى دەرسلىككە قاتناشتىم. ھىندىستاننىڭ بىر مىلىياردتىن كۆپ خەلقى بولۇپ نەچچە مىللەتتىن تەركىپ تاپقان كاپىتالىزىم دۆلىتى ئىدى، بىراق بۇ دۆلەتنى باشقۇرۋاتقانلار ئاساسلىقى سىك مىللىتى بولۇپ پەن-تىخنىكا، دۆلەت ھوقوقى دىگەندەكلەرنى مىللەت سانى ئاز بولغان بۇ كىشىلەر باشقۇراتتى . بۇلار ئوقۇشقا قىززىقىدىغان مائارىپى بەك تەرەققى قىلغان مىللەت بولغاچقا مەنمۇ قايىل بولدۇم لىكىن ئادەمنى ئويغا سالىدىغان بىر يىرى بۇ سىك مىللتى ئۆمۈر بويى بەدىنىدىكى تۈكنى ئالمايدىكەن ئۆرىپ-ئادىتى ئەڭ مەينەت ئىددىيەسى بىر خىل ۋەھشىلىككە تولغان ، بۇ ۋەھشىيلىك كۆزىدىنمۇ چاقناپ تۇرىدىغان ئاجايىپ كىشىلەر ئىدى. بىر كۈنى سىنىپتا ھىندىستاندىكى بۇددىست دىنى توغرىسىدا دەرس ئۆتۈلدى:
-ھىندىستاندىكى سىك مىللىتى بىر ئىنسانغا ئىتقاد قىلىدۇ ھەر يىلى ئوخشاش بولمىغان بىر كۈندە ھەممىسى بىرلىشىپ ماتەم شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىم قىلىدۇ، باشقا بۇددىسلار توغرىسىدا مۇنداق ئۆرىپ-ئادەتلەر بار:
-بۇددىستلار خۇدانى رام دەپ ئاتايدۇ بۇددىستلارنىڭ ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغىنى ساكىيامۇنى بولۇپ بۇ كىشى ئىنسانلىقتىن ئىلاھلىققا ئايلانغان، بۇددىستلارنىڭ جەمئىې 21 خۇداسى بار ئۇلار ھەممىسىگە ئىتقاد قىلىدۇ بۇد ھەيكەلنىڭ ئىچەگە سۈت قۇيىدۇ 21 خۇدانىڭ 21 خىل ئىسمى بولۇپ ھەر-بىر بۇدنىڭ مۇرۇتلىرى ئايرىم ھالدا بولىدۇ بەزىدە كالىمۇ خۇدا دەپ ئاتىلىدۇ، شۇڭا ھىندىستاندا كالا ئۆلتۈرگىچىلەر كىشىلەرنىڭ ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ.‹ بۇدلارنىڭ ئاتىلىشىنى خاتا ئاتاپ قويغان بولسام گۇناھىمنى ئاللاھدىن تىلەيمەن›
بۇ ئابزاسنىڭ ئاڭلاپ پىسسىڭڭىدا كۈلۈپ سالدىم، ئوقۇتقۇچى قولىدىكى كىتابنى قويۇپ مىنى ئالدىغا چىقىشقا بۇيرىدى.  مىنى ھەممىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ:
-سەن نىمىگە كۈلىسەن؟ قارىسام مۇسۇلمان ئىكەنسەن ئادەتتە بۇنداق دەرىسلەرگە مۇسۇلمانلار قاتناشمايدۇ.
-توغرا دەيسىز مەن مۇسۇلمان، بۇددا دىنى بەك قىزقارلىق ئىكەن سىلەر بۇدنى خۇدا دەيدىكەنسىلەر بىراق ئاشۇ بۇدنى ئۆزۈڭلار ياسىغاننى ئۇنتۇپ قالمىغانسىلەر ئاتاشقا توغرا كەلسە ئىنسانلار ئاشۇ بۇدنىڭ خۇداسى بولىدۇ، يەنە كىلىپ ھىچ نەرسە بىلمەيدىغان بىر ھايۋاننى خۇدا دەيدىكەنسىلەر.
-قارا يىگىت، ئەگەر بىزنى ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلماقچى بولساڭ زاكىر ئەپەندىگە ئوخشاش تىلىۋۇزۇردا ۋە ئەل-جامائەت ئالدىدا توغرا گەپلەرنى قىل، ئىسلام دىنىدا باشقىلارنىڭ دىنىنى مەسخىرە قىلىشقا بولامدۇ؟
-ياق.
-بىراق سەن بىزنىڭ دىنىمىزنى مەسخىرە قىلدىڭ.
-بۇ خاتالىقىم ئۈچۈن كەچرۈم سورايمەن.
-ھىم ياخشى، مەن ساڭا بىر مىسال ئالاي، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلماي بۇددا دىنىنى تاللىغان ئەگەر بىز بۇددا دىنىغىمۇ چوقۇنماي ئىسلام دىنىغىمۇ چوقۇنماي دىنسىز بولساق بىز ھىچ نەرسىدىن چەكلەنمەيتۇق، ھالال-ھارامدىنمۇ قورقۇپ قالمايتۇق ۋاقتى كەلسە ئانىلىرىمىز بىلەنمۇ بىرگە بولۇشتىن يانمايتۇق، مۇشۇ دىن بولسىمۇ بىزنى ئازراق چەكلەپ ئىنساپلىق بولۇشقا ئۈندەيدۇ شۇڭا زاكىر ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرى چەكلەنمىدى بىراق بىزنىڭ بەزى شۆھرەت پەرەس ھىندىلىرىمىز مۇسۇلمانلارغا بەك ئۆچلىك قىلىدۇ چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇربان ھىيتتا كالىنى قۇربانلىق قىلىدۇ شۇ ۋەجىدىن مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بىرىپ تۇرىدۇ بۇنىڭغا ئاساسلىق كۈشكۈرتكىچىلەر شۇ ھىندى دىنى يىتەكچىلىرى . كۆپ قىسىمدىكى ھىندىلار مۇسۇلمانلارغا ئامراق ھەم ئىسلام دىنىغا قىززىقىدۇ بىراق ئائىلە سەۋەبى ياكى باشقا سەۋەپلىك ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن قورقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىسلام دىنى ئىنتايىن مۇكەممەل دىن بىراق باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى بىر ئاجىزلىق شۇكى ئۇلار ئەتراپىدىكىلەرنى ئىسلام دىنىغا يىتەكلىيەلمىگەن ئىسلام دىنىدا باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋىلىش سەۋەپسىز ئۆلتۈرۈش، باللارغا ھۇجۇم قىلىش چەكلىنىدۇ بىراق باشقا دىندا بۇ نوختا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىمەيدۇ مۇسۇلمانلار ئۆزىنى چەكلەپ باشقىلارغا ھەقنى ئۆگەتمىدى شۇڭا باشقا دىندىكىلەر ھە دىسىلا مۇسۇلمانلارنى بوزەك قىلىدۇ ئۇلارنىڭ ھەققىنى يەيدۇ، باللىرىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمان دۆلەتلىرى تەشۋىق ئارقىلىق باشقىلارنى ئىسلامغا ئۆگەتكەن بولسا ئىدى بۇ دۇنيادا ئۇندا گۇناھلار بولمايتى مىسالغا ئالساق ھازىرقى ھىندىستان، ھىندىستاندا زاكىر ئەپەندىگە بىرىلگەن مەخسۇس بىر پىروگىرامما بار زاكىر ئەپەندى مۇشۇ تەشۋىق ئارقىلىق ھىندىستاننى ئىسلام دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ قوياي دىدى شۇڭا ھازىر ھىندىستاندا بۇرۇنقىدەك ئىسلام دىنىدا چەكلىنىدىغان گۇناھلار ئاز يۈز بىرىدۇ بۇرۇن ھىندىستاندا كۈنىگە 80 ئايال باسقۇنچىلىققا ئۇچرايتى، نۇرغۇن بالىلارنىڭ جەدىسى كوچىدا قالاتتى. ھازىر تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.
-ئەمسە نىمىشقا سىلەرمۇ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلمايسىلەر؟
-بەش باشماقنىڭ ھەممىنى ئىغزىڭغا تىقىپ باق، مەن ھازىرلا ئىمان ئىيتىمەن.
ئۇنىڭ بۇ گىپى مىنى يەرگە قاراشقا مەجبۇر قىلدى، ئۇ بىردەم جىم بولغاندىن كىيىن مىنى ئورنۇمغا بىرىشقا بۇيرۇپ دەرىسنى داۋاملاشتۇردى، دەرىستىن كىيىن ئىسقىرتقان پىتى ياتاق تەرەپكە قاراپ كىتىۋاتسام بىرسى گەجگەمگە شاپىلاق بىلەن بىرنى قاتتىق ئۇرىدى، ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ تاشلىدىم ھەم ئاچچىق بىلەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام بىزنىڭ سىنىپتا ئوقۇيدىغان مۇشۇ مەكتەپنىڭ بايۋەتچىسى تۇرىدۇ مەن ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ:
-نىمىگە ئۇرىسەن؟
-ئاغرىغان ئوخشىمامدۇ تەشۋىقاتچى؟
-مىنى ئۇنداق دەپ ئاتىما.
-ئەمسە ئاكا دەيمۇ؟
-بولدى قىلە!!!
-ئاغرىپ كەتكەن بولسا كەچۈرۈم سورايمەن، ئاغرىمىغان بولسا چالۋاقىما، بىراق بىر ئىشنى خاتا قىلدىڭ دەرىس ۋاقتىدا غىت قىسىپ ئولتۇر نىمە ئۇ بىلجىرلاشلىرىڭ.
-ياقمىغان بولسا قۇلاقنى ئىتىۋالساڭ بولمىدىمۇ!!
-ۋاي تولا كاكىرىما ھەي، ئىسمىم ئاكشىيا.
جىم بولدۇم، ئۇ كۆزلىرىنى چەكچەيتكەن پىتى:
-ئىسمىم ئاكشىيا دىدىم، ئۆزۈڭنىڭچۇ؟
-ئۈمۈد.
-نىمانداق ھالىڭ چوڭ سىنىڭ، دوست بولۇپ قالايلى دىسەم بۇنداق چوڭچىلىق قىلما ھە، مەن بىلەن تونۇشالماي تۇرغانلارمۇ ئاز ئەمەس جۇمۇ.
-راس گەپ قىلسام دۈمبەم ھازىرغىچە ئاغرىۋاتىدۇ.
-ئورانگوتاندەك قوللىرىمنى كۆتۈرەلمەي قاپسەندە بايقۇش.
ئۇ بىردەم چاقچاق ئارلاش تۇرۇپ مىنىڭ كەيپىياتىمنى تەڭشىگەندىن كىيىن :
-ماۋۇ مىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرۇم، قانداق ئىش بولسا تىلىفۇن قىل، نوماسكار.
دەپلا كىتىپ قالدى، بۇ بالا مۇشۇ مەكتەپنىڭ بايۋەتچىسى ھەم ئەركە لۈكچىكى بولغاچقا باشقىلارغا نىمە دىسە ھە دەپلا ئاڭلايتى ئەسكىلىكى تۇتسا مەكتەپ مۇدىرىنىمۇ قوغلاپ يۈرىدىغان بۇ بالىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنىمۇ خىلى ئاڭلىغان ئىدىم. تاماق،ياتاق،ئوقۇش دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى نورمال بولغاچقا كۈنلىرىم پاكىستاندىكى ئىشلارنىڭ ئاخىرىنى ساقلاش بىلەن مۇشۇ يەردە ئۆتىۋەردى ئاكشىيا بىلەنمۇ ۋاقىت ئۆتكەنسىرى خىلى يىقىن ئاغىنىلەردىن بولۇپ قالدىم، ئۇ بىر كۈنى مىنى ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆيىگە ئىلىپ باردى مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن ساپاغا بىرىپ ئولتۇردۇم بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئانىسى خىزمەتكارىنى تاماققا بۇيرىۋەتتى تاماقنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا ئاكشىياغا قارىدىم ئۇ كۆڭلۈمنى چۈشەندى بولغاي‹ بۇلارنىڭ قولىدا تاماق يىسەم بولمايدۇ› ئانىسىغا:
-ئانا، بىز بىر يەرگە بارماقچى ئىدۇق تاماقنى شۇ يەردە يەيمىز، بىرگە رۇخسەت قىلساڭ بىز قايتىپ قالايلى.
-تۇنجى قىتىم كەلگەندىن كىيىن تاماق يەپ قايتىڭلار.
ئۇلارنىڭ تۇتىۋىلىشىغا ئۇنىماي قايتىپ چىقتۇق، ئۇ خوندا ماركىلىق ماشىنىسىغا مىنى ئولتۇرغۇزۇپ يولدا كىتىۋاتقۇچە:
-بايا بىزنىڭ ئۆي بۇرنىڭغا سىسىق پۇرىمىدىمۇ؟
-راس گەپ قىلايمۇ؟
-ھەئە.
-سىسىق پۇرىدى بىراق چىداپ ئولتۇردۇم، نىمە پۇراق ئۇ؟
-سىلەر بىزنى كاپىر دەيسىلەر ، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرنىغا كاپىرلار ئىچىپ قالغان سامساقتەك پۇرادۇ، كاپىرلارنىڭ بۇرنىغا كاپىر ۋە مۇسۇلمان ئۇنداق پۇرىمايدۇ.
-بۇ نىمە سەۋەپ؟
-ئۆتكەندە سەن سىنىپتا جىدىلىنى قىلغان ئىماننىڭ سەۋەبى.
-بىراق سەن نىمىشقا بۇنداق گەپلەرنى ماڭا دەيسەن، سەنمۇ بۇددىسقۇ.
-مىنىڭ دوسلىرىمنىڭ تولىسى مۇسۇلمان بۇ گەپلەرنى ماڭا شۇلار قىلىپ بەرگەن، مەن مۇشۇنداق ھەممە ئىشقا كۆپ دائىرلىك قارىغاچقا ئىغىر ئالمايمەن چۈنكى بۇ دىگەن ھەقىقەت.
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن مۇسۇلمان بولۇش ئىددىيەسى تىكلىنىپ بولغانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇراتتى بىراق نىمىشقىدۇ يەنە ئارتۇق گەپ قىلغۇم كەلمىدى. بىز كەچلىك تاماقنى سىرىتتا يەپ بولۇپلا ئۇ مىنى ياتاققا ئاپىرىپ قويۇپ خوشلىشىپلا قايتىپ قالدى، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ ئىككىمىز بىرلىكتە سىرىتنى ئايلىنىپ يۈرۈپ يول بويىغا يوغان قىلىپ ئىنگىلىسچە خىت يىزىلغان بىر ۋىۋىسىكىنى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭدا باجسىز ماللارنى تالاشتۇرۇپ سىتىش باشلاندى دەپ يىزىقلىق ئىدى، مەن قىززىقىپ ئاكشىياغا ئۇ يەرگە كىرگۈم بارلىقىنى دىدىم ئۇ ئىككىلەنمەيلا مىنى باشلاپ كىردى، بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان چەتئەلنىڭ ماللىرى بولۇپ باھا قويۇلۇپ تالاشتۇرۇپ سىتىلىۋاتاتتى، مەن ئاكشىيادىن :
-بۇ نىمە ماللار ئەمدى؟
-بۇ چەتتىن كىرىپ چىگرادىن ئىگىسى باجنى قىممەت كۆرۈپ ياكى زاكاس قىلغان مال كەلمەي ئىلىپ كەتمىگەن ماللار، بۇنى 20 كۈن ئىچىدە تامۇژنا خادىملىرى مۇشۇنداق تالاشتۇرۇپ ساتىدۇ.
ئۇ يەرنى ئايلىنىپ چىقىپ كەتتۇق، كەچكىچە باغچىلارنى ۋە شەھەرلەرنى بىرلىكتە ئايلىنىپ يۈرۈپ قايتىشقىمۇ خوش ياقماي ماشىنىنى يول بويىدا توختىتىپ ماشىنا ئىچىدىلا ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلدۇق، ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەندىن كىيىن مىنىڭ كاللامدا ھىلىقى باجسىز ماللارنىڭ سودىسى پەيدا بولۇپ قالدى كىچىچە شۇ خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرۇپ ئەتىسى ئاكشىيا ئورنىدىن تۇرغاندا ئۇنىڭدىن ھازىر ھىندىستاندىكى سودا ئىشىدا سۇئال سورىدىم:
-ئاغىنە، ھازىر ھىندىستاندا قايسى ئىشنى قىلسا بەك ياخشى.
-قانداق دەيسەن؟
-كۆپ پۇل كەتمەيدىغان ھەم سىرىتتىن ئەكىرىدىغان ماللارنىڭ ئىچىدە دەيمەن.
-كۆپ پۇل كەتمەيدىغان ئىش نەدە ھازىر، ھازىر ھىندىستادا بىر ئىش بەك ياخشى قارا مەسلەن HONDA REBORN    ،TOYOTA COROLLA ،VITZ ماركىلىق ماشىنىلارنىڭ تۆت، ئىشىكى ۋە ئالدى ئارقا تورمۇز دىگەندەك نەرسىلەرنىڭ بازىرى ھەقىقەتەن ياخشى بىراق باج قىممەت،بۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل كىتىدۇ.
-بۇنى توردىن ئىزدەيلى ، قايسى دۆلەتتى كىرگۈزۈش ۋە بىزگە چەتئەلدە قانچە توختايدۇ بۇ يەردە قانچە سىتىلىدۇ دىگەندەكلەرنى.
-نىمە قىلماقچى سەن؟
-ئاۋال مۇشۇ ئىشنى پۈتتۈرەيلى قالغان پىلاننى ئاندىن دەي ساڭا.
بىز شۇ كۈنىلا توردىن ئىزدەپ ھىندىستان بازىرى دىگەندەكلەرنى كۆرۈپ باھانى ئۇقۇپ چىقتۇق، كەچتە ئىككىمىز قەغەز-قەلەمنى بىر يەرگە ئەكىلىپ ئولتۇرۇپ مەن ئۇنىڭغا:
-ئاداش، يىنىڭدا قانچىلىك پۇل بار؟
-قانداق قىلىسەن؟
-ئاۋال دىگىنە.
-مەندە پۇل يوق.
-ئاپلا.
-نىمە؟ ئەگەر لازىم بولسا ماۋۇ ماشىنامنى ساتسام يىگىرمە بەشمىڭ دوللارغا يارايدۇ يىنىمدا يىغىپ قويغان ئون مىڭ دوللار پۇل بار.
-ھەببەللى، ئەمدى پىلانىمنى ساڭا دەي، قارا، خوندانىڭ تۆت ئىشىكى بىزگە ياپۇنىيەدە 180 دوللارغا توختايدىكەن ئەگەر باج تۆلەپ ھىندىستانغا كىرگۈزسەك بۇ مال بىزگە 900 دوللارغا يىقىن بولۇپ قالىدىكەن، چۇنكى ياپۇنىيەدىن دۆلەت كارخانىلىرى نامىدىن كىرسە  باج ئەرزان ئەگەر قاراڭغۇ بازاردىن كىرسە قىممەت ئىكەن قاراڭغۇ بازاردىن ئەكىرىپ باج تۆلىسەك 900 دوللار بىزگە قىممەت توختايدۇ بىز قاراڭغۇ بازاردىن ئىلىپ باج تۆلىمەي ئەكىرەيلى.
-ئىنىق دە، چىگرادا قىينى ئاتاڭ بولسىمۇ قىلالمايسەن بۇنى.
-مۇنداق، بىز ئاۋال كىرگۈزۈشتە مىڭ جۈپ ئالدى-ئارقى ئوڭ تەرەپنىڭ تاق ئىشىكىنى كىرگۈزەيلى، بۇ مال يىڭى دىھلى پورتىدىن كىرسۇن، سول تەرەپ تاق ئىشىكىنى مومبايدىن كىرگۈزەيلى بۇنداق تاق ماللارنى باشقىلار ئالمايدۇ 20 كۈندىن كىيىن تالاشتۇرۇش ئورنىغا بىرىپ بۇنى ئەرزان باھادا بىز ئالايلى، مومباي ۋە دىھلىدىكىنى بىرلەشتۈرۈپ بۇ يەردە ساتساق قانداق دەيسەن؟ بۇنى ھىچ كىشى قىلالمايدۇ.
-ھەجەپ كاللاڭ ئىشلەيدىغان نىمە ئە سەن قاقباش.
پىلاننى ناھايىتى پۇختا تۈزۈپ ئۇ ماشىنىنى بىر ھەپتە ئىچەدە سىتىپ يىنىدىكى پۇلنى ۋە مىنىڭ يىنىمدىكى 5000 دوللار پۇلنى قوشۇپ جەمئىې قىرىق مىڭ دوللار پۇلنى تەييار قىلدۇق، بۇ پۇلنىڭ يىگىرمە بەش مىڭ دوللارغا ياپۇنىيەدىن ئىككى شەھەرگە ئىككىگە بۆلۈپ كىرگۈزدۇق، يىڭى دىھلىغا سىلىنغان ماللار كەلگەن كۈنى پورتقا مەن چىقىپ ماللار ساختا ئىكەن دەپلا قايتۇرۋىتىش تالونىغا ئىمزا قويۇپ باج تۆلشنى رەت قىلىپلى قايتىپ كەلدىم، ساق 20-كۈنى بىز يىڭى دىھلى باجسىز ماللارنى كىمئاشتى قىلىش ئورنىغا باردۇق، دەرۋەقە بۇ ماللارمۇ بۇ يەردە خاتىرجەم تىزىلغان ئىدى تالاش تۇرۇپ سىتىش باشلانغاندا تىزىملىكنىڭ بىرىنچىسىدە ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئىلان قىلىندى ھەممە سودىگەرلەر شۇنداق قىززىققان بولسىمۇ تاق ئىشىك دىگەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ جۈپنى تاپقىلى بولمايدۇ دەپلا ھەممىسى ياندى بۇ ئىشىكنىڭ باشلىنىش باھاسى 120 دوللار چىقىپ قالدى. باشقىلار تارقاپ بولغاندا يىنىزدىكى پۇلنى ساناپ ھەر-بىر ئىشىككە 120 دوللاردىن تاپشۇرۇپ ئىشىكنى ئاكشىيا بىلەن قايتۇرۇپ ئەكىلىپ ئىجارە ئالغان بىر ئامبارغا بىسىپ قويدۇق، ئارىدىن 5 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن مومبايدىكى تاموژنىغا مال كەلگەنلىك خەۋىرنى ئاكشىيا تاپشۇرۇپ ئالدى ۋە شۇ كۈنىلا ئايرۇپىلان بىلەن مومبايقا راپ ئۇچتۇق، مومبايدىن ئاكشىيا مالنى قايتۇرغاندىن كىيىن يەنە 20 كۈن مومبايدا بىكار ياتتۇق، 20-كۈنى بۇرۇنقىدەكلا ئىشنى ئەپلەشتۈرۈپ بۇ ماللارنى دىھلىغا قايتۇرۇپ كەلدۇق خۇداغا شۈكرى قىلغان ئىشىمىزدىن ھىچ چاتاق چىقمىغان ئىدى. ماللارنى ئۆزىمىز چۈپلەپ قاچىلاپ بولۇپ خىرىدار ئىزلەشكە چۈشۈپ كەتتۇق، بۇ ماللارنى ئىلىش ئۈچۈن چوڭ-چوڭ سودىگەرلەر كەلگەن ئىدى، بىز ھەر-بىر جۈپ ئىشىكنى 800 دوللاردىن باھا قويساق كىشىلەر تالىشىپ سىتىۋالدى، تۇنجى قىتىم قىلغان سودىدا تەڭدە-تەڭ پايدا قالغاچقا ناھايىتى خوشال بولۇپ كەتتۇق ھەم يەنە باشقا مال كىرگۈزۈش ئويىدا بولدۇق، بىراق بۇ قىتىم ئاكشىيا شۇم پىلاندىن بىرنى تۈزۈپ چىقتى. بىز ئاۋىستىرالىيەدىن ھەر جۈپى 1 دوللار توختايدىغان ھىندىستاندا 17 دوللار قىممىتىدىكى خىروم پەلەينى تاقلاپ ئەكىردۇق، بۇ قىتىمقى ئىشنىڭ يەنە چانماسلىقى ئۈچۈن ئاۋىستىرالىيەگە ئاكشىيا بىلەن مەن چىقتىم جەمئىې 80 مىڭ دوللارغا پەلەينى ئىلىپلا ئۆيگە ئەكىرىپ يىشىككە تاقلاپ قاچىلىدۇق ۋە پەلەينىڭ ئوڭ پىيىنى مومبايغا سول پىيىنى دىھلىغا ئەۋەتتۇق. بۇ ماللارنىمۇ ئالدىنقى قىتىمقىغا ئوخشاش ھالدا چىگرادىن ھەر بىرىگە 2 دوللاردىن تۆلەپ قايتۇرۇپ چىقتۇق. ئاندىن بىر قىسىم مالنىڭ ئۈستىگە پەلەيدىن ئازراقلا جۈپلا قويۇپ بۇ پەلەيگە خىرىدارمۇ تاپتۇق، بۇنى سىتىش ئىشىنى ئاكشىيا ئۆزى يالغۇز قىلدى، ئۇ ھەر بىر جۈپ پەلەينى 13 دوللاردىن دىيىشىپ يىشىكنىڭ ئۈستىنى ئىچىپ جۈپلەنگەن پەلەيدىن نەچچىنى كۆرسىتىپلا نەخ مەيداندا پۇلنى ئىلىپلا تىكىۋىتىپ قايتىپ كەپتۇ بۇ قىتىم قولغا كەلگىنى بەش يۈز مىڭ دوللار ئىدى، ئۇ پۇلنى ئىلىپ كەلگەندىن كىيىن تىلىفۇننى ئىتىپلا نەچچە كۈن ئۆيدىن سىرىتقا چىقمىدى مەنمۇ چىقماي ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئولتۇردۇم ئارىدىن ئون كۈن ئۆتۈپ ئۇ مىنى سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ بىقىشقا ۋە بىر ھەپتىدىن بۇيان چىققان گىزىتلەر بولسا ئىلىپ كىرىشىمنى بۇيرىدى مەن سىرىتقا چىقىپ ئازراق يىمەكلىك ئالغاچ گىزىتنى كۆتۈرۈپ كىردىم ئۇ گىزىتنى بىردەم ئوقىۋىتىپ :
-مەن ئويلىغاندەكلا چىقتى.
-دىگىنە نىمە بوپتۇ.
-ھىلىقى ئەخمەق گىزىتقا ئىلان قىپتۇ، يا ئۇ مىنى تونىمىسا مەن بارغاندا ساقال چاپلىۋالغان ھەم راستىلا سىكلاردەك ياسىنىۋالغان ئىدىم.
-ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
-ئۇنىڭ ئادىرىسىنى سەن تىپىپ بار ھەم ئۇنىڭ بىلەن سودىلىشىپ ئاشۇ تاق پەلەينىڭ جۈپىنى 2 دوللاردىن ئىلىپ كەل.
-چاتاق چىقماس.
-چاتاق چىسا ئۆزۈم ئىگە.
ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە شىم-كاستىيۇمنى كىيىپ ھىلىقى ئەخمەقنىڭ ئىشخانىسىغا باردىم، ئىشخانىغا كىرىپ كاتىپقا ئۇنىڭ بىلەن كۆرىشىدىغانلىقىمنى ئىيتىپ جاۋاپ ساقلاپ ئولتۇردۇم، كاتىپ ئىچىگە كىرىپ چىقىپ:
-ئەپەندىم، كىرسىڭىز بولىدۇ.
ئىچىگە قاراپ مىڭىۋىتىپ بىردە پۇت-قۇللىرىم سەل تىترىسە يەنە بىردە  ئويناۋاتقان ئويۇنلارنى ئويلاپ كۈلگۈم كىلەتتى، ئىشىكتىن كىرىپ ئۇدۇلدىكى ساپادا تاماكىنى ئاچچىق شوراپ ئولتۇرغان كىشىگە:
-ئەپەندى، ئاڭلىسام سىزدە تاق پەلەي بار ئىكەن، ئەرزان باھادا بەرسىڭىز مەن سىتىۋالاي .
-ئۇنى نىمە قىلىسىز؟ مەنمۇ ساتالمايۋاتسام بۇ يەردە.
-مەن جۇڭگۇغا ئاپىرىپ ساتىمەن.
-ئەمسە كىيىن يىنىۋالماڭ، قىنى قانچە پۇلدىن ئالىسىز؟
-سىز دەڭ.
-مەن 13 دوللاردىن ئالغان ئىدىم.
-مەن 1 دوللار بىرەي.
-نىمە؟ بىكارغىلا سورىساڭ بولمامدۇ؟‹شىرەنى مۇشلاپ›
-ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ، سىز ساقلىسىڭىز ھەممىسى بىكارلا بولىدۇ شۇڭا مەن پايدىلىناي.
-بىر دوللارغا بەرمەيمەن.
-ئەمسە ئىككى دوللار بولسۇن، ساتسىڭىز مانا پۇل قولۇمدىكى چامداندا، بولمىسا قايتىپ قالاي.
ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن:
-بوپتۇ، نىمە قىلىمەن مەن بۇنى، ئالسىڭىز ئىلىڭ.
ئۇنىڭ بىلەن ئامبارغا چىقىپ مالنى كۆرۈپلا سىرىتتا تەييار قىلىپ قويغان ماشىنىنى چاقىرىتىپ پۇلنى بىرىپ خاتىرجەم ھالدا ئىلىپ چىقىپ كەتتىم، مالنى ئاپىرىپ ئامبارغا چۈشۈرۈپلا ئاكشىياغا خەۋەر قىلىپ ئۇنى چاقىرتتىم، ئاندىن بىز بىر كىچە مالنى جۈپلەپ چىقىپ ئەتىسى ئاكشىيا يەنە شۇ كىشىگە تىلىفۇن قىلىپ:
-ئۆتكەندە سىزنى پەلەيدە دۈم چۈشۈپتۇ دىگەن خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم، مەندە شۇ ماركىدىكى پەلەي بار ئالسىڭىز 12 دوللاردىن بىرىمەن مالنىڭ ھەممىنى تەكشۈرۈپ ئاندىن پۇل سانىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
-مال قەيەردە؟ ئاۋال مالنى تەكشۈرەي.
ئۇ ئامبارنىڭ ئادىرىسىنى ئىيتىپ بەردى بىزمۇ ئىھتىيات ئۈچۈن ئون نەچچە قوراللىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ئامانلىق ئۈچۈن تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ قويۇپ مەن ئاستا يوقالدىم،ئاكشىيا كەچكە يىقىن بىر چامدان پۇلنى كۆتۈرۈپ مەن ئۇنى ساقلاپ ياتقان تاجمەھەل دىگەن ياتاققا كىرىپ كەلدى ۋە ئۇ ئەخمەقنىڭ ماللارنى ئۆز كۆزى بىلەن بىرمۇ-بىر كۆرۈپ چىقىپ پۇلنى بەرگەنلىكىنى ئىيتتى ئاندىن ئۇ چامداننىڭ ئاغزىنى ئاچقاچ:
-قاپاقنى باراڭ قىلىپ سىتىش دىگەن مۇشۇ جۇمۇ بىلىۋال.
كۈلۈشۈپ كىتىپ ئىككىمىز ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان پۇلنى بۆلۈشۈپ بولۇپ خوشاللىقىمدا ئىبرارغا تىلىفۇن قىلدىم:
-ئالو ئىبرار، قانداق ئەھۋالىڭ.
-ياخشى ئۆزەڭچۇ؟ بەك يوقاپ كەتتىڭ جۇمۇ.
-ھى ھى، مەن بار ئاداش، ساڭا بىر خوشخەۋەرنى ئىيتاي.
-توختا، ئاۋال مەن ئىيتاي، بىزنىڭ ئىشلىرىمىز كىلەر ھەپتە ئاخىرلىشىدۇ، سوت نەتىجىسى ئەتە چىقىدۇ بۈگۈن سوتقا مەن قاتناشتىم، ھەممە ئىشلار جايىغا كەلدى.
-ھوي! ياخشىغۇ، قوش ئامەت كەپتۇ بىزگە بۇ يەردىمۇ مەن خىلى جىق ئىش قىلىۋالدىم ئەمدى پاكىستانغا قايتىمەن.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاكشىيا سەكرىگەن پىتى:
-مىنى تاشلاپ كىتىدىغان بولساڭ ئۆلىۋالىمەن جۇمۇ ماز!
ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويۇپ ئىبرار بىلەن پاراڭلاشىپ بولغاندىن كىيىن ئاكشىياغا چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ:
-ئاداش، مەن يەنە كىلىمەن ئاللاھ خالىسا، ۋەتەنگىمۇ بارمىغىلى نەچچە يىللا بولۇپ كەتتى بىرىپ يەنە كىلىمەن مىنى توغرا چۈشەن.
-ئەگەر كەلمىسەڭ قانداق قىلىمەن سىنى؟
-قاراپ باق، مەن يۇرتۇمدىن ئايرىلغاندا تىخى بۇرنۇمدىن ماڭقام ئۈزۈلمەيتى، ئەمدى بۇرتۇم ئاياق چوتكىلىغىدەك بولدى بەك سىغىندىم ۋەتەننى.
ئۇنىڭغا نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەر ئارقىلىق ئۇنى قايىل قىلىپ ئۆزۈمنىڭ پۇلىنى دۇنيا بانكىسىغا قويۇپلا اكىستانغا قاراپ ئاتلاندىم، ئاكشىيا مىنى ئايرۇدۇرۇمدا يىغلىغان پىتى ئۇزۇتۇپ قويدى چوپچوڭ بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ يىغلىشى باشقىلارنى ھەيران قالدۇردى بولغاي ھەممىسى دىگندەك قارىشىپ كەتتى بىراق بۇ ئىككىمىز ئىككى دىندىكىلەر بولغان بىلەن بەك ئىچەكىشىپ كەتكەن ئىدۇق، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئايرۇپىلانغا چىقتىم، ئىككى سائەت ئۇچقاندىن كىيىن پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد ئايرۇدۇرۇمىغا چۈشتۈم ئايرۇپىلاندىن سىرىتقا چىقىشىمغا بىر نەچچە قوراللىق ساقچى كىلىپ قولۇمدىكى چامداننىڭ ئالدى ۋە مۇلايىملىق بىلەن:
-قارشى ئالىمىز، ھارمىغايسىز ئەپەندى.
ئىبرار ئايرۇپىلاندىن سەل نىرىدا مىنىڭ بۇرۇنقى ماشىناغا يۆلىنىپ تۇراتتى، مەن پەسكە چۈشۈپ بولغاندا ئۇمۇ مەن تەرەپكە قاراپ كەلدى ۋە يىقىنلىغانسىرى قەدىمىنى تىزلىتىپ كىلىپلا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتۇق ئاندىن ماشىنىغا چىقىپ پاسپورتىمنى ھىلىقى ساقچىدىن بىرىگە بىرىپ بىز سىرىتقا قاراپ ماڭدۇق ، پاكىستاندا پۇللا بولسا بۇنداق ئىنتىرازغا ھەممە كىشى ئىرىشەلەيدىغان بولغاچقا ساقچىلارنىڭ كىلىپ ئالىې مىھمان سۈپىتىدە كۈتىۋىلىشى مىنى ئانچە ھەيران قالدۇرمىدى. ئىبرار بۇرۇنقىدەكلا ماشىنامنى ئۆزى ھەيدەپ مەن ئامراق ناخشامنى قويۇپ بىرىپ ئۇدۇل ئۆيگە باشلاپ چىقتى، ئۆي جايىدا تۇرۇپتۇ ھىچ نەرسە بۇزۇلغاندەكمۇ ئەمەس، بىز يۈك-تاققىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مەن بۇرۇن دائىم بارىدىغان ئاشخانىغا بىرىپ تاماق يىدۇق، تاماقتىن كىيىن ئىبرار مىنى باشلاپ زاۋۇت تەرەپكە ماڭدى كىرىپ قارايدىغان بولسام زاۋۇت بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم ھالدا ئىشلەۋاتقان، ۋە بۇرۇنقى تىجارەتلەرنىڭ ھەممىسى جايى-جايىدا مىڭىۋاتقان بۇنى كۆرۈپ تىخىمۇ خوشال بولدۇم. بىر ھەپتە پاكىستاندا تۇرغاندىن كىيىن ئىبرارغا ۋەتەنگە قايتىش پىلانىم بارلىقىنى بىراق يىقىندا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىمنى ئىيتتىم ، ئۇ باشقا پىكىرمۇ قىلمىدى ھەم ماڭا بانكىدا تۇتۇلۇپ قالغان پۇللانى ئىلىپ دوللارغا ئالماشتۇرۇپ ئەكىلىپ بەردى ئاندىن بۇ يەردىكى تىجارەتنىڭ ھەممىنى ئىبرار قىلىدىغان ۋە تاپقان پۇل ئەسلى پىلان بويىچە بۆلىنىدىغان بولدى، مەن يەكشەمبىنىڭ ئايرۇپىلان بىلىتىنى ئىلىپلا يەكشەمبىگە ساقلاپ ئولتۇردۇم ۋە ئاتامغا قايتىپ بارىدىغانلىقىمنى ئىيتتىم بىراق ئاتام ئانچە خۇشال كۆرۈنمەيتى ئۇنىڭغا بىرەر سوۋغا ئىلىش خىيالىدا ئۇنىڭدىن سورىسام ئۇ بىردەم تۇرىۋىتىپ:
-ماڭا ئۈمۈدجان ئەمەس بەلكى ئۈمۈد كىرەك، سەن شۇنى ئالغاچ كىلەلەمسەن ئوغلۇم؟ ھە ئوغلۇم.
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى بىرخىل سىرلىق تۇيۇلغان بولسىمۇ ‹دىگىنىڭىزدەك قىلىمەن ئاتا› دەپ خوشلىشىپ تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ يەكشەمبە كۈنى ئەتىگەندە نەچچە قوراللىق ئايرۇدۇرۇم خادىملىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئايرۇپىلانغا چىقىپ ۋەتەنگە قاراپ يول ئالدىم.
تىمىنىڭ قىززىق يىرى ئەمدى باشلاندى، بىراق يولداشلارنىڭ كەڭ قورساقلىق قىلىپ مىنى ئالدىراتماسلىقى ھەم تىمىدىن ئىملا سەۋەپلىك مەندىن خاپا بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
داۋامى جىددى يىزىلىۋاتىدۇ..................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-8 03:23 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
52arslan + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
altun + 68 بىمەنە تۇقۇلما
zulayha + 500 دەرىس ئالغاندەك بولدۇم .
خوراز + 1000

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1500  مۇنبەر پۇلى + 118   باھا خاتىرىسى

توپىنى ئالتۇنغا ئالتۇننى توپىغا پەقەت بىرلا نەرسە ئۆزگەرتەلەيدۇ.

فىلىم ئشلەش ھەۋە

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5000
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4262 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 11:10:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە بولدۇ داۋامىنى ساقلايمىز  ... ئاپتۇردىن سوراپ باقسام !سىز بۇ ئەسىرىڭىز نى نەشىرياتقا يوللاپ باقتىڭىزمۇ ؟ دىمەكچىمەنكى سىز  شۇنداق ياخشى بىر ئەسەردىن ئازراق ئقتىسادى قىممەت يارتىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىز مۇ؟

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2392
تۆھپە نۇمۇرى: 449
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 11:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قۇياي

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71416
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 182
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2011-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 11:21:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ دەششەت يېزىپسىز ! ئاپىرىن  ! داۋامىنى ئىنتىزارلىق ئىچىدە كۈتىمەن .ئەمما بىر گەپ .ئافغانىستان بىلەن  ھىندىستان بىۋاستە چېگىرلانمايدۇ .شۇ يىرىگە سەل دىققەت قىلسىڭىز بوپتىكەن

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4524
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 11:27:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەر ،
داۋامى تېزراق چىقسا بولاتتى

مەن ئۇيغۇر!!!!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2696
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1960 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 11:36:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياىشى يېزىلىۋاتىدۇ ، زاكىر ئەپەندى ناھاييتى ماختاشقا تېگىشلىك كېشىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغاي... سىزگىمۇ ئامەت تېلەيمەن!!

ئېزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلار!

~ئويغان*_*ئۇيغۇر~

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18939
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3555
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 1407 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2012-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 11:57:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى ئانا يۇرتىغا بارىدىغان ئوخشايدۇ.

ئوغۇل بول شوخ بول، بولمىسا يوق بول. قىز بول تاتلىق بول، بولمىسا ياتلىق بول.

ئۇرخۇن باتۇرى تا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14553
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5376
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1942 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 12:01:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنىڭ ئالدىنى ئۇقۇپ بولدۇم ،بۇقىسىمىنى كىيىن ئۇقاي ، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىۋاتىدۇ .
بىر ئەدەبى ئەسەر تىلى مەزمۇنى جەھەتتە تۇرمۇشمىزدىن ئۈستۇنرەك تۇرۇشى كىرەك ،ئادەتتىكى تۇرمۇشمىزغا ئوپئوخشاش بۇلۇپ قالسا جەلىپكارلىقى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ ~~~~

ئۆزەڭنى ھەقىقىي ئىنسان دىيىشتىن بۇرۇن،ئۆزەڭدىن: باشقىلارغا ھېچقانداق مەقسەتسىزلا ياردەم قىپباقتىممۇ دەپ سورا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39999
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1411
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 2475 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 12:15:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  naway0998 كە 2011-12-27 11:21 PMئەۋەتىلدى  :
داۋامى مانچىنجى ئاينىڭ مانچىنجى كۇنى يوللىنىدۇ دەپ ئەسكەرتىپ قويۇڭ ئەمسە شۇچاغدا ۋاڭباغا كىرىپ كۆرەي بولامدۇيا
ھەجەپ  بىمەنە گەپتىن بىرنى قىپتىغۇ مائۇكام.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34415
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1242
تۆھپە نۇمۇرى: 110
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2011-3-19
ئاخىرقى: 2012-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 12:28:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي سىز چەتئەلنىڭ ھەممە يىرىنى ئايلىنىپ بولاي دىدىڭىزمۇ نىمە!!!!

女人的眼泪只是没有用的液体,但是如果你让女人流泪就表明你很没用
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش