مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 448|ئىنكاس: 4

ھەممىمىز يولۇچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5093
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 1747 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 08:24:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەممىمىز يولۇچى



    

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر
    باش تىمىغا كىرىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى فىلىملەرنى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

.


-----------------------------------------------------------------------
لەيلى- مەجنۇن


بەخىت ئۇنۇتۇلمايدۇ


مىلىيون گۈل

------------------------------------------------------------------------



    قېرىنداشلار، ئەمدى نەق كەلسەك، يۇقارقى ئۈچ قىسقا فىلىمدىن بايقىغىنىڭلاردەك بۇ فىلىملاردىكى ئورتاق باش پىرسۇناژ ئابلىز ئابدۇرىشىت ياشلىق، ئوتتۇرا ياشلىق، قىرانلىق مەزگىللىرىنى باشتىن كەچۈردى. ( اللاھ كۆپنىڭ قاتارىدا ئۇنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن) بۇ يەردىكى مەقسەت ئابلىز ئابدۇرىشىتنى تونۇشتۇرۇش، ياكى ئۇنىڭ ھايات كارتىنىلىرىنى ئەسلەش ئەمەس. پەقەت بۇ كىلىشكەن ئۇيغۇر ئوغلىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ھايات ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆزلەشتۇر.
    ھەممىمىزگە مەلۇم، اللاھ نىسىپ قىلغان بولسا، ھەر بىر جان ئىگىسى بالىلىق، ياشلىق، قىرانلىق، قېرىلىق مەزگىللىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا اللاھنىڭ دەرگاھىغا قايىتقۇچىدۇر. مەيلى تۇرمۇشنى قايسى خىل شەكىلدە ئۆتكۈزەيلى، كەيپىياتىمىز خۇشال ياكى خاپا بولسۇن، تەبىئەت قانۇنىيتى بىزگە ئىتىبار قىلمايدۇ. كۈنلەر يەنىلا ئۆز تەرىقىسىدە ئۆتىۋېرىدۇ. ئېغىر ئولتۇرۇپ ئارقىمىزغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلارنى، ساۋەپ ۋە گۇناھلارنى قالدۇرۇپ كەتكىنىمىزنى بايقايمىز. تۈنۈگۈن بىرگە ئولتۇرۇپ سىرداشقان دوستىمىز، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز، تونۇش- بىلىشلىرىمىزنىڭ بۈگۈن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. نەچچە ئاي ئىلگىرى شەھەر سوراپ، پۇزۇر ياشاپ كىلىۋاتقانلارنىڭ، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىر نانغا زار بولۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ ئىچىمىز سىيرىلىدۇ. قىسقىسى بۇ دۇنيا ھىچكىمگە باقىۋەندە ئەمەس. نۇرغۇن مىھمانلارنى كۈتۈپ، ۋاقتى توشقاندا ئۇزۇتۇپ قويغان بۇ دۇنيا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ياش- قېرى، ئەر- ئايال دەپ ئايرىماي، كىمنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئۇ دۇنياغا ئۇزۇتۇپ قويىدۇ.
مۇشۇ يەردە يەنە بىر قىستۇرما قېتىشنى لايىق كۆردۈم.
    «كۇرتلار ۋادىسى» ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ. بۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىكى باش رول پولات ئەلەمدارنىڭ بېقىۋالغان دادىسى ئۆمەر دادا مەزىنلىك رولىنى ناھايتى ياخشى ئالغان بولۇپ، بىزگە نۇرغۇن ئايەت، ھەدىس، ھېكايە ۋە رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ كېلىۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇنداق بىر ھېكايەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
    « ھەزىرتى ئۆمەر بىر كۈنى بازاردىن بىر ئادەمنى تېپىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا:_ ساڭا ھەر كۈنى بىر تىللا بېرىمەن. سەن ھەر كۈنى سەھەردە ئۆيۈمگە كېلىپ، «ئەي ئۆمەر، ئۆلۈم بار» دەپ قويۇسەن.- دەپتۇ.
    بۇ گەپنى چۈشۈنەلمىگەن ھېلىقى كىشى:_ نېمىشقا؟- دەپ سوراپتۇ.
    ھەزىرتى ئۆمەر:- بۇنى سورىما. مەن دىگەننى قىل.- دەپتۇ.
    شۇنداق قىلىپ ھېلىقى كىشى كۈندە ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، «ھەي ئۆمەر، ئۆلۈم بار» دەيدىكەن ۋە بىر تىللانى ئېلىپ چىقىپ كىتىدىكەن. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپتۇ. ئارىدىن ئۇزاق مەزگىل ئۆتۈپتۇ.
    بىر كۈنى ھېلىقى كىشى ھەزىرتى ئۆمەرنىڭ ئۆيىگە كىلىپ:- ھەي ئۆمەر، ئۆلۈم بار.- دەپتۇ.
    ھەزىرتى ئۆمەر ئۇنىڭغا بىر تىللانى بېرىپ:- بۇنىڭدىن كىيىن كەلمىسەڭمۇ بولىدۇ.- دەپتۇ. ئۇ كىشى نىمىشقا كەلمەيدىغانلىقىنى سوراپتۇ. ھەزىرتى ئۆمەر چاچلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:- چاچلىرىمىغا كىرگەن ئاقنى كۆردۇڭمۇ؟ ئەمدى ھالا بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ، سېنىڭ ئۆلۈمنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشىڭ زۆرۈرمۇ؟- دەپتۇ ».
    شۇنداق، باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندە چۈشكەن سۈرىتىمىز بىلەن بۈگۈن تېلىفۇنىمىزدا تارتقان سۈرىتىمىزنى، ياق، ئۆتكەن ھەپتىدىكى رەسىمىمىز بىلەن بۈگۈنكى سۈرىتىمىزنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى. ئازدۇر- كۆپتۇر پەرىق مەۋجۇت. ئاتا- ئانىمىزنىڭ بىز ئەسلىيەلەيدىغان ئەڭ بۇرۇنقى ھالىتى بىلەن بۈگۈنكى ھالىتىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى. ئاتا- ئانىمىزغىمۇ جىق ھاردۇق يېتىپتۇ. دىمەككى، ھاياتىمىزدا بىر كۈن ئۆتسە، ئاخىرەتتىكى سۇئال- سوراققا بىر كۈن يېقىنلاشقان بولىمىز. ئەتە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇدىغانلىقىنى ھىچكىم ئىيتىپ بىرەلمەيدۇ. لېكىن شۇ ئۆلۈمگە، ئاخىرەتكە تەييارلىقىمىز بارمۇ؟ ئاتا- ئانىمىز، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز، بالا- ۋاقىلىرىمىز، دوست- بۇرادەرلىرىمىز تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ؟ ھەر بىرىمىزنىڭ ئۇلار ئۈستۈدىكى ھەققى ئادا بولدىمۇ؟  بۇ سۇئاللار ئالدىدا تىرناق تاتىلايدىغانلار ئاز بولمىساق كېرەك.
    قېرىنداشلار، تۈنۈگۈن سىز نېمە ئىش قىلدىڭىز، قانداق ئادەم ئىدىڭىز، بۇلارنى سۈرۈشتۈرۈپ، زىغىرلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى قالمىدى. مەيلى ياخشى، ياكى يامان بولسۇن ئۇلار ئۆتمۈشكە ئايلاندى، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ. مۇھىمى، بۈگۈن نېمە قىلىۋاتىسىز؛ شۇنداقلا، ئەتە ئۈچۈن قانداق تەييارلىق ھازىرلىدىڭىز. گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلايلى، قايتا تەكرارلىمايلى. ئاتا- ئانىمىزنى رەنجىتكەن بولساق ئەپۇ سورايلى، قايتا رەنجىتىشتىن ساقلىنايلى. خۇشاللىقتىن، غەلبىدىن كېرلىپ كەتكەن بولساق، ئۆزىمىزنى يىغىۋالايلى. ئازاپتىن ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويغان بولساق، ئاستا تېپىۋالايلى. كىمدىن قالمىغان دۇنيا بۇ، يەنە كىملەردىن ئاشىدۇ، بۇ بىزگە نامەلۇم... بۇ ھەقتە يەنە سۆزلەپ، يەنە مىسال ئىلىشنىڭ ئورنى يوق. تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن مىساللارنى ئۇچىراتتۇق، ئۇچىرىتىپ كېلىۋاتىمىز.  
    خۇلاسە كالام، ھەرۋاقىت ئۆلۈمنى ئەسلەپ تۇرايلى. بۈگۈننى ساۋاپلىق، ئەھمىيەتلىك، ياخشىلىق يوللىرىغا سەرىپ قىلايلى. اللاھ ئەتىدىكى ئىشىلىرىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلىدۇ.

يازما ئىگىسى: Haci


(ئەسكەرتىش: بۇ پەقەت شەخسى كۆز- قاراش؛ خاتا قاراشلار، ياكى مەزمۇنلار بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن)

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەردە خ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32640
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1004
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 01:37:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  ئېيتىسىز بىز بۇ دۇنيادا بىر ئۆمۈر ياشىيالمايمىز ،سىز ئيتقاندەك ھەمېمىز بىر يولۇچى.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3677
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 3012 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 05:14:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار؟

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71589
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 254
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2011-12-23
ئاخىرقى: 2012-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-29 10:12:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بۇ جاھان ئۆتكۈنچى جاھان ،ھىچكىمگە باقىۋەندە ئەمەس.بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم ،ھەممىمىز بۇ دۇنيادىكى بىريولوچى خالاس .شۇڭا ھەر بىر قەدىمىمىزنى ئىھتىيات بىلەن بېسىشىمىز  ناتوغرا يوللاردا مېڭىپ سالماسلىقىمىز زۈرۆردۇر .ئاللا ئىگەم ھەممىمىزنى توغرا  يولغا باشلىغاي.

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5093
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 1747 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-30 08:59:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش