مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2502|ئىنكاس: 0

ئامىرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاند  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

*ئاللاھ گۇناھلىر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33532
يازما سانى: 1448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 1943 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 06:56:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىرىكىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەربى گىنىرالى Martin Dempsey ھەربى جەھەتتىن تەييار بۇلۇپ بولغانلىقى ئىيتتى.
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي گېنېرالى Martin Dempsey ئوباما رۇخسەت قىلسىلام ئىرانغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاشقا تەييار بولۇپ بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
Martin Dempsey ئافغانىستاندا ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلىغا:(ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارشى ھەربىي تەييارلىقلىرىنىڭ پۈتۈپ بولدى،ھازىر ھەرخىل تاللاشلارنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز،ئەڭ مۇۋاپىقىنى تاللاپ ئىجرا قىلىمىز) دېدى.

قىلىنغان پەرەزنىڭ خاتا بولۇشى دۇنيا ئۈچۈن بىر تراگېدىيە بولۇپ قىلىشى مۇمكىن

Dempsey تېھرانغا قارشى قىلىنىدىغان ھۇجۇم ئۈچۈن تەييارلىقنىڭ ناھايىتى ياخشى قىلىنغانلىقىنى ئەمما،ئىران بىلەن قىلىنىدىغان ئۇرۇشنىڭ بىر تراگېدىيىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئۇ:(ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم خاتا تەھلىل قىلىۋېلىش،قىلدىن قىيىق كەتكۈدەك بىر خاتا تەھلىل چوڭ ئاۋارىچىلىك ئىلىپ كېلىدۇ) دېدى.
Dempsey دىن جاسۇس ئىنسانسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئىران ھەققىدە ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئۈچۈن ئۇچۇر توپلاۋاتقان توپلىمايۋاتقانلىقى سورالدى.Dempsey ئىراننىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ ئۇچۇر توپلىماسلىقنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئېھتىياتسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.ئەمما،جاسۇس ئىنسانسىز ئايروپىلانى ھەققىدە بىر نېمە دېيىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
Dempsey :( ئەگەر بىزدىن ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلىغان توپلىمىغانلىقىمىزنى سورىساڭلار،جاۋابى،شۇنداق.ئۆزىنى ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى دەپ ئېلان قىلغان بىر دۆلەتنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلىشىمىز ئېھتىيات ئۈچۈن) دېدى.
ئىسرائىلىيىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قوزغاشتىن بۇرۇن ئامېرىكىدىن رۇخسەت ئىلىشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس

Dempsey ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات توپلاش جەھەتتە ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىق چەمبىرىكى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئەمما،ئىسرائىلىيىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قوزغاشتىن بۇرۇن ئامېرىكىدىن رۇخسەت ئىلىشىنى بىر نېمە دېگىلى بولمايدىغانلىقنى،كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى دېدى.



مەنبە: خەۋەر تورى

ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
toxkanjan + 10 ئىرانىنىڭ ھەيۋىسىنىم.
TURKIYE + 1 e ran , al ga  ?
Janpolat + 11 نىجادنى يوقىتىش كېرەك زادى.
umak88 + 10 قانخورلار ئەجەپ توختاتمىدى ئۇرۇشنى
Uyghun + 20 قانخولۇق قاچانمۇ تۇگەر
yolwasjan001 + 1 بالدۇرراق ئۇرۇشسا بولاتتى دەيمەن
XaPaRaG-5 + 10 يۈركى يۇقلار يەنە قۇلۇپلاپتۇ بۇ تمنى

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 53  مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

رەنجىمە ئاللاھدىن،ئاللاھ گۇناھسىز. رەنجىمە دۇنيادىن، دۇنيا رە ھىمسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش