مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2027|ئىنكاس: 16

كومراجىۋا شىئېرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17171
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 12:30:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


(مىلادىيە 344-413-يىللار)

ئون ئىسىئارە


جىمى شەيئى تېگى پىنھان ئۇنىڭ تىمسالى پىنھاندۇر،
بىرەر پىنھان تەۋەللۇت گەر يەنە بىرسى ئۇڭا جاندۇر.
پەقەت پىنھان بىلەن مۇمكىن شۇ پىنھان مەنىسىن بىلمەك،
چۈشەنسەڭ سىرىنى پىنھانلىقى شۇئان نامايەندۇر.
كى سەن دەھرى يولىدىن ئايرىلىپ زاھىتقا تەلپۇنسەڭ،
ياشايسەن بار بىلەن يوقلۇق ئارا بۇ روھقا ئىمكاندۇر.
دېمەك ، پىنھان ئۆزى يوقلۇق ئەمەل قىلساڭ مەگەر ئىزچىل،
تەبىئەت ئالىمى غايىپ كەبى يوقلۇقتا قالغاندۇر



سىرامان فاخېغا



نىيەت -ئىقبال سەمىمى گەر ئەدەپ- ئەخلاق يېتىلگەيلەر،
ئۇنىڭ مەڭگۈلۈكى تىنماي ئېقىپ ئاخىرغا كەتكەيلەر.
تاپالماي جورا بىر ئەنقا قونۇپ توغراقتا سايرايدۇ،
نىدا قىلغان ئاۋازى يەتتە قات ئاسمانغا يەتكەيلەر.  


"غەربىي يۇرت ئاز سانلىق مىللەت شائىرلىرىنىڭ شىئېرلىرى"دىن ئىلىندى.

شۇ كىتاپ 15-بەت.



كۇماراجىۋا  مىلادى 344 – يىلى غەربىي يۇرتتىكى كۈسەن خانلىقىدا دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى كۇماراتان ھىندىستانلىق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ھىندىستاننىڭ مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى، ئانىسى جىۋا بولسا كۈسەن خانى ئاقارى پاكنىڭ سىڭلىسى ئىدى. مۇشۇنداق ئەۋزەل ئائىلىۋىي مۇھىت ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولغان كۈسەننىڭ قويۇق مەدەنىي مۇھىتى ئۇنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتراپلىق تەربىيىلىنىش  ئاساسىغا ئىگە قىلغان. كۇماراجىۋا توققۇز يېشىدا يەنى مىلادى 353-يىلى ئانىسى جىۋا بىلەن شىمالىي ئەنەتكەك (شىمالىي ھىندىستان) كە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بارغان. بۇ يەردە ئاتاقلىق بۇددا ئۆلىماسى پانتۇدادۇدىن ھىنايانا بۇددىزمى بويىچە ئۈچ يىلدىن ئارتۇق سىستېمىلىق تەلىم ئالغان. ئۇ يەنە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، تېبابەتچىلىك بىلىملىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. 13 يېىشدا كۈسەنگە قايتقان ھەم 39 يېشىغىچە كۈسەندە ئىلمىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان.  
     كۇماراجىۋا مىلادىيە  401 -يىلىدىن 413 - يىلىغىچە بولغان 12 يىلدا كېيىنكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ياۋ شىڭنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە ئاساسەن، چاڭئەندە دۆلەت ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددا نوم - ئەھكاملىرىنى تەرجىمە - تەپسىر قىلىش ۋە شاگىرت تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان.  
     كۇماراجىۋانىڭ زادى قانچە جىلىدلىق بۇددا نوم - سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار. زېڭ يۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 32 پارچە، 300 جىلىد، فېڭ چاڭفانىڭ كۆرسىتىشىچە 98 پارچە، 425 جىلىد بۇددا نوم - سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغان. 800 دىن كۆپرەك شاگىرت تەربىيىلىگەن. «ھەقىقىي ئالەم»، «كۇماراجىۋا تەلىم بايانلىرى»، «ھەقىقىي ھېكمەتكە بېرىلىش ھەققىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب»، «راھىب خۇي يۈەننىڭ 18 جەھەتلىك سۇئالىغا جاۋاب» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرنىمۇ يازغان.
    كۇماراجىۋانىڭ ئەڭ زور تۆھپىسى يەنىلا تەرجىمە ساھەسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇ «ۋىمالا كىرتى سۇتراسى»، «ساددا ھاراما پوندانىكا سۇتراسى» قاتارلىق تالاي مەشھۇت بۇددا ئەھكاملىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەنلا قالماي، يەنە غەربىي يۇرتنىڭ كۆپلىگەن نادىر تېنابەتچىلىك رىسالىلىرىنىمۇ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان، بۇنىڭدىن كۇماراجىۋانىڭ  ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ساھەسىدىنمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ساھەگە ئىخلاس قىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.  
    كۇماراجىۋانىڭ ئانىسى جىۋا خانىم يالغۇز بۇددا ئىلىم ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋرنىڭ تېبابەتچىلىك ساھەسىدىمۇ مەشھۇر بولغان تىۋىب ئىدى، تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، جىۋا خانىم «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنى يازغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەسەر ئىچكى بەش ئەزانىڭ نورمال خىزمىتى ۋە ئۇلارنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى، ھەر خىل دورىلارنىڭ نامى قاتارلىقلار تەپسىلىي يېزىلغان. بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك تارىخىدىكى يېزىلغان ۋاقتى بىرقەدەر بۇرۇن، مەزمۇنى خېلى مۇكەممەل بولغان تېبابەتچىلىك رىسالىسى دېيىشكە بولىدۇ.
     مىلادىيە 1902 -  ۋە 1903 - يىللىرى گېرمانىيە ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىدىن ۋون. لىكوك ۋە ئالبىرىت. گرونېېدىللار تۇرپاندا ئېلىپ بارغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» نى قېزىۋالغان. بۇ ئىككى كىتابتىن تۈپلەنگەن قېلىن بىر دەپتەردىن ئىبارەت بولۇپ، دەپتەرنىڭ ئوڭ تەرىپى «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن ئەسەر، تەتۈر تەرىپى «تېببىي رېتسىپلار جەۋھىرى» دېگەن ئەسەردىن تەشكىل تاپقان. «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن كىتاب كەڭلىكى 13.5 سانتىمېتىر ، ئۇزۇنلۇقى20 سانتىمېتىر چوڭلۇقىدىكى  كىتاب بولۇپ، كەمتۈكلىشىپ كەتكەچكە، قانچە بەت كېلىدىغانلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمىغان. ھازىر ئۇ گېرمانيىدە ساقلانماقتا.
     كۇماراجىۋا ئانىسى جىۋا يازغان «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ناملىق خاس ئەسەرنى مىلادىيە 383 - يىلى ئەتراپىدا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان.  
     ئۇنىڭدىن باشقا كۇماراجىۋا يەنە «جىۋا كاپوستا»، 33 جىلدلىق «غەربىي دىيار تىۋىبلىرى ئېيتىپ بەرگەن مۇھىم رېتسىپلار»، ئۈچ جىلىدلىق  «غەربىي دىيار ئەۋلىيالىرىنىڭ مۇھىم رېتسىپلىرى»، تۆت جىلىدلىق «غەربىي دىياردىكى مەشھۇر تېۋىبلار توپلىغان مۇھىم رېتسىپلار»، تۆت جىلىدلىق «بۇتساتىۋا ناگار جۇنانىڭ دورا رېتسىپلىرى»،  ئىككى جىلدلىق «بۇتساتۋا ناگار جۇنانىڭ ئىسىرىقلاش ئۇسۇللىرى» ۋە 2600 جىلدلىق «ھەريەرلەردىن توپلانغان رېتسىپلار» قاتارلىق تىبابەت رىسالىلىرىنى تەرجىمە قىلغان.  
     بۇلاردىن «جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا» ۋە «جىۋا كاپوستا» دېگەن ئەسەرلەر دۇنخۇاڭدىكى مەخپىي نوم - پۈتۈكلەر ساقلانغان غاردايېقىنقى دەۋرلەرگىچە ساقلانغان. 19 - ئەسەرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى تەرىپىدىن گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن. ھازىر گېرمانىيىنىڭ بۇرس ماگىستىرلار ئىنستىتۇتى بىلەن لوندوندىكى ھىندىستانغا ئائىت ماتېرىياللار كۇتۇپخانىسىدا  ساقلانماقتا.  
     يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۇماراجىۋا غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نادىر تېبابەتچىلىك رىسالىلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئىقلىم رايونلىرىنىڭ تىبابەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىللە يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى گۈللەنگەن تېبابەتچىلىك تارىخىنى مۇھىم تارىخي پاكىتلار بىلەن تەمىن ئەتتى.(ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر)

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

پــىــيــاز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9538
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 960 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 02:47:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ تالانتلىق كىشى ئىكەن ، 800 دىن ئارتۇق شاگىرت تەربىيلىكەن ئادەم چوقۇم  98 پارچە، 425 جىلىد بۇددا نوم - سۇترالىرىنى تەرجىمە قىلغانلىقىغا ئىشەندىم !!

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7753
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 02:57:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭسىڭ بۇددا نوملىرىنى شىنجاڭدىن ئالغانلىقىغا ئىشەندىم

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55725
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 03:31:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇددا دىنىغىمۇ ئاجايىپ تۆھپە قوشقان ئىكەن ئەجدادىمىز!
لېكىن مەن كومراجىۋانىڭ تەرجىمە قىلىش تالانتى ۋە ئەدەبىي تالانتىغا يەنە بىر قېتىم قول قويدۇم!

oghuzkhan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 03:34:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىدىرىس بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 03:41:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇيغۇر بۆرىسى،ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9922
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13022
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 5741 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 03:56:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇ تېمىدا بىلسەم-بىلمىسەم ،بىردەمدىن كېيىن جېدەل باشلىنىدۇ..كومراجىۋا توغرۇلۇق تېمىلاردا جېدەل ئۇزۇلگەن ئەمەس

بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن

ئۆزۈڭنى بىل.......

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4194
يازما سانى: 228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5648
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 914 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 04:30:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  lostba كە 2011-12-27 02:57 PMئەۋەتىلدى  :
تاڭسىڭ بۇددا نوملىرىنى شىنجاڭدىن ئالغانلىقىغا ئىشەندىم
توۋا....

http://attirgul.blogbus.com/
http://www.nazugum.com/
http://www.izdiyari.biz/attirgul

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63195
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4215
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2011-11-1
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 05:23:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئىرلىرىدىن بۇددا پەلسەسىپىسى بالقىپ تۇرىدىكەن.

بۈگۈن خىزمەتتە ت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69868
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3549
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 06:32:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېرلىرى بەك ياخشى ھەم ئىنتايىن مەزمۇنلۇق، پاساھەتلىك ئىكەن.

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم، سۇبەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، ئەجرىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش