2011–يىلى 12–ئاينىڭ 27-كۈنى ( سەيشەنبە ) ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 8:00 دا شىنجاڭ خەلق رادىئوسىنىڭ نادىر پروگراممىسى ھېسابلانغان «بوغدا ساداسى» نىڭ «ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار» سەھىپىسىدە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى مۇقەددەس بىلەن ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەلقەم ئىلھام يۈكسەل ۋە ئوسمانجان نوھ بىلىگيار ئىشتراكچىلىقىدىكى«ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» ھەققىدە تەپسىلىي زىيارەت سۆھبىتى ئاڭلىتىلماقچى. ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگۈچى كەڭ تورداشلارنىڭ ۋاقتىدا ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
تۆۋەندە بۇ قېتىملىق زىيارەت سۆھبىتىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتى بېرىلدى، توردا بىۋاستە ئاڭلىيالمىغان تورداشلار چۈشۈرۈپ ئاڭلىسىمۇ بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://www.eldawa.com/ad/20111227.mp3
[mp3=0]http://www.eldawa.com/ad/20111227.mp3[/mp3]
تۆۋەندە مەزكۇر زىيارەت سۆھبىتىنىڭ ئەسلى يازما ئورگىنالى بېرىلدى!
1- سوئال: پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىمۇ كۆپلەپ قۇرۇلۇۋاتىدۇ. قۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىۋېرىسال تۈسكە ئىگە بولۇپ، ناخشا-مۇزىكا، كىنو، ئويۇن قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان. سىز «ئەلداۋا» دېگەن نامدىكى مەخسۇس ساغلاملىق تىپىدىكى بۇ تور بېكەتنى قۇرۇپسىز، سىز قانداق بولۇپ مۇشۇنداق مەخسۇس ساغلاملىق تىپىدىكى تور بېكەت قۇرۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟ بۇنىڭدا ئالاھىدە سەۋەب بارمۇ قانداق؟ |
دەرۋەقە، دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تورچىلىقىمۇ تېز تەرەققىي قىلدى. تۈرلۈك مەزمۇنلاردىكى كۆپلىگەن تور بېكەتلەر كەينى-كەينىدىن قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىگە تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشتى، ئۇيغۇرلارمۇ جاھاندىكى باشقا قەۋملەردىن پەرقسىز ھالدا تور مەدەنىيىتىگە ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئىشتراك قىلدى. ئەمما، سىز ئېيتقاندەك تور بېكەتلىرىمىزدە كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنى ئاساس قىلغان تور بېكەتلەر كۆپرەك، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە چېتىلىدىغان كەسپىي تور بېكەتلەر ئازراق بولدى. جۈملىدىن، ساغلاملىق ھەققىدە بەزى توربەت ۋە بلوگلار قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كەسىپچانلىقى، سەۋىيىسى، مەزمۇنى جەھەتتە سىستېمىلاشقان كۆلەم ھاسىل قىلالمىدى.
ئەمدى، سورىغان سۇئالىڭىزغا قايىتسام، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى مېنىڭ ئۇزاق يىللىق ئارزۇيۇم ۋە ياسىنجان، ئوسمانجان، ئامىنە، زۇلپىيە قاتارلىق شىركىتىمىز خادىملىرىنىڭ جاپالىق ئەجىر-مېھنىتىنىڭ شېرىن مېۋىسىدۇر. مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلرىمدىلا كۆڭلۈمگە كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دوختۇر بولۇشنى پۈككەن ئىدىم ۋە شۇ ئىستەك بويىچە 1999-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا داۋالاش كەسپىدە ئوقۇشقا كىردىم. كىم بىلسۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، 2005-يىلى مەكتەپ تەرىپىدىن «شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» غا خىزمەتكە ئېلىپ قېلىندىم. ئەزەلدىن دوختۇر بولۇشنى نىيەت قىلغان مەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن دوختۇر ۋە باشقا سەھىيە خادىملىرى يازغان تېببىي ئىلمىي ماقالىلارنى تەھرىرلەيدىغان مۇھەرىر بولۇپ قالدىم. مانا ھازىر مۇھەرىرلىك ھاياتىمغىمۇ 6-5 يىلچە بولۇپ قاپتۇ. گەرچە ئۆزۈم مۇھەرىرلىك قىلىۋاتقان بولساممۇ، كۆڭلۈمدە يەنىلا كىشىلەرنىڭ ساقلىقىغا ئالاقىدار بىرەر ئىش قىلىش ئىستىكى ئارام بەرمەيتتى. شۇ خىل خىياللارنىڭ تۈرتكىسىدە 2008-يىلى «يۈكسەل بلوگى» دەيدىغان بىر بلوگنى قۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئەيدىز بىلىملىرى ۋە سەھىيە ئۇچۇرلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان بولدۇم. كۈتمىگەندە، تورداشلارنىڭ ئىنكاسى بەك ياخشى بولدى. ئەيدىز ھەققىدە سورالغان تۈرلۈك-تۈمەن مەسلىھەتلەرنى تاپشۇرىۋالاتتىم ۋە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تورداشلار قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب بېرىشكە تىرىشاتتىم.
كۈنىمىزدە ھەممە شۇنداق تېز تەرەققىي قىلماقتا، تۇرمۇش رىتىمى تېزلاشماقتا. ھالبۇكى، بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارمۇ سەپتىن قالماي تېز كۆپەيمەكتە. نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز ئاراساقلىق ھالىتىدە ساقسىزلىق بېكىتىگە كۈنسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز مەلۇم كېسەل تۈپەيلى داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىنمۇ ئۆزىنى ياخشى پەرۋىش قىلالماي كېسەل كارۋىتىغا تەكرار يىقىلماقتا... مانا بۇلار ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى، ساغلاملىق بىلىملىرىنىڭ بىز ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى بەلكى ئىنتايىن جانغا ئەسقاتىدىغانلىقىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇرۇپتۇ.
بىزدە «تەن ساقلىق زور بايلىق» دەيدىغان ھېكمەت بار. كېسەل كۆرسىتىش تەس، داۋالىنىش خىراجىتى يۇقىرى بولىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يۇقارقى ئاتىلار سۆزىگە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشماقتا. دەر ھەقىقەت، ساغلاملىق بەخت دېمەكتۇر. ئىنسان ئۈچۈن ساغلاملىق مەڭگۈلۈك تېما، تەن ساغلام بولمىسا قالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىكار...
سۆزۈمنى يىغسام، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك ئۆزۈمدە ئەسلىدە بار بولغان كىشىلەرنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئىستەك ۋە نۆۋەتتىكى جەمئىيىتىمىز كىشىلىرىدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىگە بولغان ئېھتىياج مېنىڭدە «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» دەك بىر كەسىپلەشكەن ساغلاملىق تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىقىشىمغا تۈرتكە بولدى.
2- سوئال: بىلىشىمچە، سىز قۇرغان ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭمۇ مۇلازىمەت تۈرىلىرىمۇ ساغلاملىققا ئائىتكەن. بۇ شىركەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز؟
بولىدۇ. ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2011-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، سودا-سانائەت تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دىيارىمىزدىكى تۇنجى ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. شىركىتىمىز يولغا قويغان مۇلازىمەت تۈرلىرى ساغلاملىق بويىچە مەسلىھەت بېرىش، كېسەل كۆرسىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، دوختۇرخانا ۋە ساغلاملىققا ئالاقىدار شىركەت-كارخانىلارنى ئېلان-تەشىۋىقات مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە، شىركىتىمىزدە مۇقىم 5 نەپەر خادىم بولغاندىن باشقا، يەنە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان 10 نەپەر ستيۇدېنت ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەيدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى تېببىي ماتېرىياللارنى تەييارلاشقا مەسئۇل بولۇپ، ئىشلىگىنىگە قارىتا مائاش ئالىدۇ.
3- سوئال: نۆۋەتتە بۇ ئەلداۋا ساغلاملىق تور بېكىتىنىڭ تور ئاممىسى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنىش ئەھۋالى قانداق؟
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ ناھايىتى قىزغىن ياقتۇرۇپ زىيارەت قىلىشىغا سازاۋەر بولدى. تور بېكەت ئېلان قىلىنىپ ئەتىسىلا، زىيارەت ئېقىمى 22 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئۈچىنچى تەرەپ تەمىنلىگەن سىتاتىستىكا ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ زىيارەت ئېقىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 18مىڭدىن 24 مىڭغىچە بولىۋاتىدۇ. زىيارەت چوڭقۇرلۇقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەر 1 زىيارەتچى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7 بەتتىن 10 بەتكىچە كۆرىۋاتىدۇ. تور بېكەت ئېلان قىلىنىپ، پەقەت 1 بەتنىلا كۆرۈپ چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن ئەھۋال كۆرۈلگىنى يوق. بۇ ئەھۋال ئەلداۋالىقلارنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.
4-سوئال: بۇ تور بەتنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
نۆۋەتتە، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تېخى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتمىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تېخى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش باسقۇچىغا رەسمىي قەدەم قويمىدى. بىز دەسلەپ پىلانلىغاندا، ئۇدا 6 ئاي ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلاشماي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئاساس قىلىپ تور بېكەت يۈرۈشتۈرۈشنى پىلان قىلغان ئىدۇق. ئەمەلىيەتتە ھەم بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئۈنۈمگىمۇ ئېرىشتۇق. مەسىلەن، بۇ يىل 1-دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە « تۇنجى نۆۋەتلىك ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى » نى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللىدۇق. بۇ ھەقتىكى خەۋەرمۇ 2-دېكابىر شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن ئاڭلىتىلدى. نۇرغۇنلىغان تورداشلار تور ۋە تېلېفون ئارقىلىق ساغلاملىق ۋە كېسەل كۆرسىتىش ھەققىدە مەسلىھەت سوراۋاتىدۇ. بىز ھەر بىر كىشىگە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مەسلىھەت كۆرسىتىپ كېلىۋاتىمىز. پات ئارىدا «ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى»،« ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژۇرنىلى » ۋە « ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى» نى ئېلان قىلماقچىمىز. مۇشۇنداق كۆپ قىرلىق مۇلازىمەت شەكلى ئارقىلىق، خەلقىمىز ئۈچۈن ئەمەلىي نەپ بېرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويۇش ۋە شۇئارقىلىق ئەجىرگە يارىشا بەلگىلىك قىممەت يارىتىشىمىزغا ئىشچەنچىمىز كامىل.
5-سوئال: بۇ تور بېكەتنىڭ نامىدىنلا تور بەتنىڭ كەسپىي خاراكتېرىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن. سىز قانداق قىلىپ «ئەلداۋا» دېگەن بۇ نامنى قوللاندىڭىز؟
تور بېكەتنىڭ نامىنى قويۇشتا ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئويلاندىم. ئاساسلىقى بىر ئاڭلاشتىلا خاراكتېرى گەۋدىلىنىشنى، ئېيتىلىشتا ئوڭاي تەللەپپۇز قىلغىلى بولىدىغان، ئەستە ساقلاشقا قولاي بولۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، كۆپ كىشىلەردىن مەسلىھەت ئېلىش، تەكرار ئويلىنىش ئارقىلىق مۇشۇ « ئەلداۋا » سۆزىنى تاللاپ قوللاندۇق.
ئەلداۋا سۆزى ھەققىدە مۇھەررىرلىك كەسپىدىكى ئۇستازىم نەبىجان مەھمۇد ئاكىنىڭ مۇنۇ نەزمىسىنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇم:
«ئەلداۋا»ــــــ ئەلنىڭ شىپاسى-داۋاسى،
شۇنچە ساپتۇر ئىلمىي مۇھىت-ھاۋاسى،
ئۇندا بايان بىمارلارنىڭ نىداسى،
ئۇندا ئايان ھەكىملەرنىڭ سىماسى .
«ئەلداۋا» ئەلنى ئۆزىگە قاراتقاي ،
زەئىپ تەنگە ئۈمىد نۇرى تاراتقاي .
«يۈكسەل» بىرلەن تەڭ يۈكسىلىپ - شان قۇچۇپ،
«ئىزدىنىش» تىن يۈكسەك پەللە ياراتقاي !...
بۇ نەزمىگە تورداشلارنىڭ ئەلداۋا ساغلاملىق تورىغا بولغان ئالقىشى ۋە ئۇنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى مۇجەسسەملەشكەن.
6-سوئال: سىزنىڭ ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان ئاخىرقى نىشانىڭىزنى بىلىپ باقساق بولامدۇ؟
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى « ئەلنىڭ داۋاسى بىزنىڭ غايىمىز! » دېگەن مۇشۇنداق بىر بۈيۈك مەقسەتنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تور ئاممىسىنى ئەڭ كەسپىي، ئەڭ نوپۇزلۇق، تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يەنىمۇ ساغلام بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلنىڭ ساقلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز ئەجرىگە يارىشا قىممەت يارىتىش ئەلداۋانىڭ ئەزگۈ نىيەت-ئىقبالىدۇر.