ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى قۇتيار تور بېكىتىنىڭ ئەزىز قوللغۇچىلىرى ۋە ئىشتىراكچىرى، قانداق ئەھۋالىڭلار؟
قۇتيار تور بېكتى قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم(قىسقارتىلىپ‹‹
خەتلىك فىلىم›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، كومپيۇتېر بىلىملىرى، يانفون بىلىملىرى، ئۇيغۇرچە كومپيۇتېر ۋە يانفون دېتاللىرىنى ئاساس قىلىپ تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز قۇتياردىكى ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ قۇتيار مۇنبىرى ئېچىلىپ ئۇزاققا قالماي «قۇتيار تورىنىڭ مۇكاپاتلىق تېما يوللاش پائالىيىتى باشلاندى! » دېگەن تېمىنى يوللىغانىدۇق. بۇنىڭغا قارىتا تورداشلاردا خېلى تېمىلار، پىكىر-تەكلىپلەر بولۇنغانىدى ۋە قوللىغانلارمۇ خېلى چىققانىدى. ئەمدى بۇ قېتىم يەنە بىر قېتىملىق پائالىيەت ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتىمىز. بۇ پائالىيەت مەخسۇس خەتلىك فىلىم ھەققىدىلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇ پائالىيەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرىنى دەپ ئۆتەي(ئېنىق تەلەپلىرىنى پائالىيەتلىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپتىن كۆرۈۋېلىڭ):
ھازىر گۇرۇپپىمىز ئېلىپ مېڭىۋاتقان ھۆججەتلىك فىلىملەردىن‹‹ئادەم ئاناتومىيىسى››ۋە ‹‹ماتېماتىكىنىڭ ھېكايىسى››دېگەن ئىككى كۆپ قىسىملىق فىلىم بار. بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مۇشۇ ئىككى ئىلىم-پەنگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھۆججەتلىك فىلىمنى ۋە قوشۇمچە بىر قانچە فىلىمنى تولۇق تەجىمە قىلىپ چىقىش.
ئومۇمەن، تەرجىمانلار بۇ فىلىملەرنى ئۆزى خالاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەرجىمە قىلىشى كېرەك، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرىراق ياكى قىسمەن كەسپىي ئاتالغۇلارنى باشباشتاقلىق بىلەن ئۆزى ئاتىۋالماي، لۇغەتتىن پايدىلىنىشى، زادى تاپالمىغان سۆزلەر بولسا قۇتيار مۇنبىرىگە مەسلىھەت ئېلىش تېمىسى يوللاپ مۇشۇ ھەقتە مۇنبەردىكىلەردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ. بەك كۈچى يەتمىگەنلىرى بولسا كېيىن تۈزىتىدىغانغا قويۇپ قويسا تەرجىمە پۈتكەندە تەرجىمە-مۇھەررىر ئۇستىلىرى تەھرىرلەپ چىقىدۇ.تەرجىمە قىلغۇچى (كىنوغا تەرجىماننىڭ ئۆز ئىسمى ياكى تەخەللۇسى كىرگۈزىلىدۇ)يۇقىرىقى فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىشقا تاللىغاندىن كېيىن ئىنكاس ئارقىلىق(قۇتيار باشلىقى كۈلكىنىڭ چ چ نومۇرى 406878478) بىزگە بىلدۈرۈشى ۋە بىزنى ئىزدەپ قىلىۋاتقان تەرجىمە ئىشلىرىدىن دوكلات بېرىپ تۇرۇشى كېرەك.چوڭ مەسىلە بولسا مۇنبەرگە تېما يوللىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، قىيىن ،مۇجمەل مەسىلىنى ئورتاق ھەل قىلىمىز.
ئاخىردا شۇنى سەمىمىيلىك بىلەن دەيمىزكى، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ھەقىقەتەن تورداشلىرىمىزنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، يەنە كېلىپ بۇ تور دۇنياسىدىكى يېڭى سەھىپە ھېسابلىنىدۇ؛ بۇنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىشى يەنىلا جاپاكەش، تىرىشچان، شاش يىگىت-قىزلىرىمىزنىڭ زور قوللىشىغا موھتاج. بىز بۇ خەتلىك تەرجىمە فىلىم ئىشلىرىدىن پۇل تېپىپ قورسىقىمىزنى باقايلى دېمىدۇق بەلكى كەڭ تورداشلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو(ئۆزىڭىزنىڭ يېزىقىدا كىنو كۆرسە) كۆرسىمۇ بىر زور ھۇزۇر بولىدىغانلىقىنى ئاۋامغا بىلدۈرۈپ قويۇش. شۇڭا قۇتيار ئەھلىنىڭ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ھەم قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز. سىزنىڭ مەدىتىڭىز قۇتيارنىڭ ‹‹قوزغاتقۇچى››سى!
ھەممىمىز بىرلىكتە قۇتيار تور بېكىتىنى تور دۇنياسىدىكى ھەم تورداشلار قەلبىدىكى ‹‹ئېسىل››، ‹‹نوپۇزلۇق›› تور بېكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىرگە ، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمچىلىك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرايلى. قۇتيارنىڭ قوللىغۇچىلىرى، كۆپ رەھمەت سىلەرگە .
بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قويۇلىدىغان تەلەپ:
1. قۇتيارنىڭ ھەرقانداق ئەزاسى،باشقۇرغۇچىلىرى شۇنداقلا بۇ پائالىيەتنى سىرتتىن ئاڭلىغان كىشىلەر قاتناشسا بولىۋېرىدۇ. ئاغىينە دوست يارەنلىرىڭىزگە قىلغۇزسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ.
2.تەرجىمە سۈپىتى چوقۇم قۇتيارنىڭ ھازىرقى كىنولىرىنىڭ سۈپىتىدىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم.
3. تۆت دەرىجىگە ئايرىلغان بۇ پائالىيەتكە قاتناشقۇچىنىڭ ئەمگىكىنىڭ تەكرار بولۇپ قالماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،كىنولارنى رەسمىي تەرجىمە قىلىش نىيىتىگە كەلگەن تورداش،ئۆزىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قاراشلىرى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە قۇتيار تورىنىڭ باشلىقى كۈلكە ئەپەندىمگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك. كۈلكە ئەپەندىم ۋە بىر قىسىم تەرجىمە ئۇستازلىرى تەرجىماننى رەسمىي بېكىتىپ چىقىدۇ(دېمەك، تەرجىمان بېكىتىلسىلا مۇكاپاتنى شۇ كىشىنىڭ ئېلىش ئېھتىماللىقى بار دېسەك تامامەن بولىدۇ).
4. تەرجىمە خىزمىتىنى تولۇق تاماملىشى شەرت، ھەرقانداق باھانە-سەۋەب كۆرسىتىپ تەرجىمىنى خىزمىتىدە يېرىم يولدا توختاپ قالغۇچىلارغا مۇكاپات بېرىلمەيدۇ.
5. تەرجىماننىڭ تەرجىمىسىنى(ناچار تەرجىمە قىلىپ ۋاقىت ھەم ئەمگەكنى ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن) دەسلەپتە كۆزىتىپ ، بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ، تەرجىمان 1 قىسىم فىلىمنىڭ srtسىنى كۈلكىگە يوللاپ بېرىدۇ. ئەگەر بۇ ئۆتكەلدىنلا ئۆتەلىسە، كىنونىڭ داۋاملىق تەرجىمىسىنى قىلىۋەرسە بولىدۇ. بولمىسا تەرجىمان ئالماشتۇرۋېتىلىدۇ.ئازراق كۆڭۈل قويۇپ، 10كۈن چىدىۋەتسىڭىزلا بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.ئىرادىلىك بولۇڭ.
مۇكاپات بۇيۇمى:
قەدىرلىك تورداشلار،مۇكاپات ئاز بوپ قالسىمۇ، بۇ بىزنىڭ‹‹ سەمىمىي كۆڭلىمىز، دۇرۇس نىيىتىمىز.››
1-دەرىجىلىك مۇكاپات: 200 يۈەن خەلق پۇلى ۋە بىر دانە بىلقۇت خەزىنىسى: تەرجىمە قىلىدىغان فىلىم:人体漫游 ئادەم بەدىنى ئاناتومىيەسى، جەمىي 5 قىسىم
2-دەرىجىلىك مۇكاپات: 100 يۈەن خەلق پۇلى ۋە بىر دانە ئالپسوفت لۇغىتى: تەرجىمە قىلىدىغان فىلىم:数学的故事ماتېماتىكىنىڭ ھېكايىسى، جەمىئىي 3 قىسىم
3-دەرىجىلىك مۇكاپات: 50 يۈەن خەلق پۇلى ۋە بىر دانە كەنجى كوررېكتور: تەرجىمە قىلىدىغان فىلىم:一起了解宇宙 ئالەمنى چۈشىنىپ باقايلى، جەمىئىي 3 قىسىم
4-دەرىجىلىك مۇكاپات: بىر دانە ئالپسوفت كىرگۈزگۈچىسى ۋە 200 مۇنبەر تەڭگىسى: تەرجىمە قىلىدىغان فىلىم: 2100-يىلىدىكى يەرشارى،پەقەت 1قىسىم
پائالىيەت ۋاقتى:
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ 2012-يىلى 1-ئاينىڭ22-كۈنى يەنى چاغانغىچە بولىدۇ. ھەم شۇ چاغدا مۇكاپات نەقلەشتۈرىلىدۇ،مۇنبەرگە بۇ ھەقتە مەخسۇس تېما يوللىنىدۇ.
مەزكۇر تېمىنى يوللاشتىكى مەقسەد بىر قىسىم تەرجىمانلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئويۇشتۇردۇق. باشقا ئالاھىدە مەقسەد يوق. شۇڭا تەرجىمانلارنىڭ قىزغىن بولۇپ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىڭلارنى سورايمىز.
تەپسىلاتى بۇ تور بېكەتتە مەرھەممەت
ھۆرمەت بىلەن:
قۇتيار تور بېكىتىhttp://www.qutyar.net
قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ21-كۈنى