مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1850|ئىنكاس: 21

بۇ ھەقىقەتنى ئويلاپ باققانمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ساڭا ساراڭ ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11255
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 05:35:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن ئويلاپ باققانمۇ؟



ئەسكەرتىش : بۇ تىماتۈركىيەلىك ئالىم  ھارۇن يەھيانىڭ «بۇ ھەقىقەتنى ئويلاپ باققانمۇ؟ (ever thought about the truth) ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان مەن ئەمەس ھە...بىر توردىشىمىز  تەرجىمە قىلىپتىكەن   ساقلاپ قويغانتىم .....بىللە   تەپەككۇر قىلىپ باقايلى ..


ئېلىكتىر سىگناللىرىدىن تەركىب تاپقان دۇنيا
«سىرىتقى دۇنيا»دەپ ھىس قىلغانلىرىمىز ئەمىليەتتە بىر يۈرۈش ئېلىكتىر سىگناللىرىدىن ئىبارەت. قېنى تۆۋەندىكى مىسالغا دىققەت قىلايلى. «بىز قانداق كۆرىمىز؟»دېگەن سۇئالغا دائىم «كۆزىمىزبىلەن،ئەلۋەتتە.»دەپ جاۋاپ بىرىمىز.لىكىن بۇسۇئالنىڭ جاۋابى بۇنداق ئاددى ئەمەس.
فوتونلار بىرقانچە باسقۇچلۇق جەرياندىن كىيىن كۆزىمىزگە كىرىدۇ. ئۇلار ئېلىكتىر سىگناللىرىغا ئايلاندۇرلىدۇ ھەم بۇ ھالەتتە مېڭىمىزگە يىتىپ بارىدۇ. يەنى مېڭىمىزگە يىتىپ بارغىنى بىز ھىس قىلغان شەيئىدىن چىققان فوتونلار بولماستىن بەلكى بىز كۆز دەپ ئاتايدىغان كۆرۈش ئەزايىمىزدا فوتونلارتەسىرىدە شەكىللەنگەن ئىنكاس- ئېلىكتىر سېگناللىرىدىن ئىبارەت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مېڭىمىزدىكى كۆرۈش مەركىزى ئەسلىدىكى نۇرنى بىر تەرەپ قىلماستىن بەلكى ئەسىلىدىكى نۇرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسىنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.بىز « مەن بۇ نەرسىنى كۆرىۋاتىمەن» دىگىنىمىزدە ،ئەمىلىيەتتە بىز ئۇ نەرسىنى كۆرمەيمىز. بىزنىڭ كۆرگىنىمىز مىڭىمىزدىكى ئۇ نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېلىكتىر سىگناللىرىدىن ئىبارەت. پەقەت بىر نەچچە كۋادىرات سانتىمىتىر كىلىدىغان كۆرۈش مەركىزىمىزدە پۈتكۈل كائىناتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە شەيئىنى كۆرىمىز .
ئەگەر بۇ تونۇشنى چۈشەندۈرۈش زۈرۈرىيىتى بولغىنىدا، شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى،ماھىيەتتىكى كۆرۈش كۆزىمىزدە يۈز بەرمەستىن كۆرۈش مەركىزىمىزدە يۈز بىرىدۇ. يەنى ، ئادەتتىكى تونىشىمىزنىڭ ئەكسىچە، بىز كۆزىمىز بىلەن كۆرمەيمىز ، كۆرۈش مەركىزىمىز بىلەن كۆرىمىز. چۈنكى مىڭىگە ھىچقانداق نۇر كىرمىگەچكە، مىڭە دائىم قاراڭغۇ بۇلىدۇ. ئەگەر كۆرۈش مەركىزىڭىزگە بىر نۇرباتارىيىسى –نۇر ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب –قۇيۇلسا ،گەرچە سىز قۇياشقا قاراپ تۇرغان بولسىڭىزمۇ كۆرۈش مەزكىزىڭىزدە ھىچقانداق نۇر بايقالمايدۇ . دىمەك، مىڭە ھەرگىزمۇ شەيئىنىڭ ئۆزىنى كۆرمەيدۇ، بەلكى شەيئىلەر قۇيۇپ بەرگەن ئېلكتىر سىگناللىرىنى كۆرىدۇ.بىرچرەند رۇسسىل(Bertrand Russell) تۆۋەندىكى مىسالنى كەلتۈرىدۇ:
ئادەتتىكى تۇيغىمىزدا بىر ئۈستەلنى كۆرگەندە كۆزىمىزنى ئۈستەلنى كۆردى دەپ تەسەۋۋر قىلىنىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خاتالاشقانلىق. بىر ئۈستەلنى كۆرگەندە، مەلۇم نۇر دولقۇنلىرى كۆزىمىزگە يىتىپ كىلىدۇ، بۇ نۇر دولقۇنلىرى دەسلەپكى باسقۇچتا مەلۇم سىزىمگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، خۇددى باشقىلارنىڭ ئۈستەلنى كۆرگەنلىكىگە بەرگەن گۇۋاھلىقىغا ئوخشاش. بىراق بۇ نۇر دولقۇنلىرىنىڭ ھىچقايسىسى بىزگە ئۈستەلنىڭ ئۆزىنى يەتكۈزۈپ بەرمەيدۇ. نۇردولقۇنلىرى كۆزىمىزدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، ھەمدە بۇ ئۆزگىرىش مىڭىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. بۇلار بىزدە «ئۈستەلنى كۆرۈش» دەيدىغان تۇيغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، گەرچە مىڭىمىزدە ئۈستەل يوق بولسىمۇ. (Bertrand Russell, The ABC of Relativity, George Allen and Unwin Ltd..p.129)
كۆرۈش سەزگۈسىنى چۈشەندۈرگەن بۇ قائىدە باشقا ھەممە سەزگۈلەرگىمۇ ماس كىلىدۇ. بىز ئېلىكتىر سىگناللىرىنى پۇرايمىز، ئېلىكتىر سىگناللىرىنى ئاڭلايمىز ھەم يىمەكلىكلەرنى ئەمەس بەلكى ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېلىكتىر سىگناللىرىنى يەيمىز.
تۇتۇش-سىلاش سەزگۈسىمۇ يۇقۇرقىغا ئوخشاش. «گەرچە بېشىڭىز بىلەن تامغا ئۈسسىڭىزمۇ، ئەمىلىيەتتە سىز تامغا ھەرگىز تىگىشمەيسىز. سىز بىر جىسىمىنى تۇتتۇم دەپ ئويلىغىنىڭىزدا، بەدىنىڭىزدىن شەكىللەنگەن ئېلىكتىرون ۋە پروتونلار سىز تۇتتۇم دەپ ئويلىغان جىسىمدىكى مەلۇم ئېلىكتىرۇن ۋە پروتونلاربىلەن تارتىشىدۇ ھەم تىپىشىدۇ، لىكىن سىز بىلەن جىسىم ئوتتۇرسىدا ھىچقانداق تىگىشىش يۇز بەرمەيدۇ. بەدىنىڭىزدىكى ئېلىكترون ۋە پروتونلار باشقا ئېلىكترون ۋە پروتونلار بىلەن يېقىنلىشىش سەۋەبىدىن قۇزغۇتىلىپ قالايمىقانلىشىدۇ، ھەمدە نىرۋا ئارقىلىق مىڭڭىزگە بىر قالايمىغانچىلىقىنى يەتكۈزىدۇ. سىزنىڭ تىگشىشنى ھىس قىلىشىڭىزغا لازىملىقى دەل مىڭىدىكى بۇ خىل تەسىردىن ئىبارەت. »
(Bertrand Russell, In Praise of Idleness and Other Essays, George Allen and Unwin Ltd.,1958,p.228)
ئاڭلاشنىڭ يۇقۇرىقىغا ھىچقانداق ئوخشىمايدىغان يىرى يوق. نىرۋا سىستىمىسى قۇلاققا يىتىپ كەلگەن ئاۋاز دولقۇنلىرىنى ئېلىكتىر سىگناللىرىغا ئايلاندۇرىدۇ ھەم ئاڭلاش مەركىزىگە يوللايدۇ. كۆرۈش مىخانىزىمىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش، مىڭىگە يىتىپ بارىدىغىنى ئاۋاز دولقۇنلىرىنىڭ ئىلىكتىرونلۇق كۆپەيتىلمىسى خالاس.

مىڭىدا شەكىللەنگەن دۇنيا
ھازىرغىچە، كۆرگىنىمىز، تۇتقىنىمىز ۋە ئاڭلىغىنىمىز پەقەت مىىڭىمىزدە شەكىللەنگەن ھەم مىڭىمىز چۈشەندۇرىدىغان ئېلىكتىر سىگناللىرى ئىكەنلىكىنى تەپسىلى بايان قىلىپ ئۆتتۇق. مەسلەن، بىر ئادەم ئالما يىگەندە، ئۇنىڭ مىڭىسىدە بىر قانچىلىغان ئېلىكتىرونلۇق تەسىر پەيدا بولىدۇ ھەم چۈشەندۇرىلىدۇ. ئۇنىڭ ھىس قىلغىنى ھەقىقى ئالما ئەمەس بەلكى مىڭىدىكى ئالمىنىڭ شەكلى، پۇرىقى، تەمى، قاتتقىلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئېلىكترونلۇق سىگناللاردىن ئىبارەت. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سەزگۈ ئەزالىرىمىز ئارقىلىق تونۇغان سىرىتقى دۇنيا ئېلىكترونلۇق كۆپەيتىلمىلەرنىڭ يىغىندىسىدىسى ھىسابلىنىدۇ. مىڭە پۈتكۈل ھاياتىمىزدا مۇشۇ ئېلىكترونلۇق كۆپەيتىلمىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەم باھالايدۇ. بىز ئۆزىمىزنى«ھەقىقى» شەيئىلەر بىلەن باغلىنىشلىق دەپ پەرەز قىلىمىز، لىكىن بىز پەقەت تەسۋىرلەرنىڭ كۆپەيتىلمىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىشىمىز.

«ھەقىقى» سىرىتقى دۇنيا؟
ئادەتتە سەزگۈللىرىمىز ئارقىلىق «ھەقىقى» جىسىلارنى ھىس قىلالمايمىز. شۇڭا كاللىمىزدا شەكىللەنگەن دۇنيا ھەقىقى دۇنيانىڭ تەسۋىرى ئىكەنلىكىگە ھەرگىز جەزىم قىلالمايمىز. مىڭىمىزدە شەكىللەنگەن تەسۋىرلەر سىرىتقى دۇنيادىكى ھەقىقى شەيئىلەر بولماسلىقى مۇمكىن. مىڭە مىڭىگە كىرگەن ئۇچۇرلانى ئۆز سىستىمىسىدا باشقىچە بىر خىل ھالەتكە ئايلاندۇرىدۇ ھەم باشقىچە بىر دۇنيا شەكىللەندۈرىدۈ. چۈنكى تۇغۇلغاندىن تارتىپ بۇ سىستىمىغا تايانغاچقا، بىزدە مىڭىنىڭ ھەقىقى دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرىشىنى ۋە ھەقىقى دۇنيانىڭ توغرا ئۇچۇرىنى يەتكۈزىشىنى جەزىملەش ئۈچۈن ھىچقانداق پۇرسەت يۇق. بىز «توغرا، مەن مىڭىنىڭ ھەقىقى دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىمەن، چۈنكى مەن شەيئىلەرنى ھىس قىلغاندا، باشقا كىشلەرمۇ ماڭا ئوخشاش شەيئىنى ھىس قىلغىنىنى ئېيتشتى» دىيشىمىز. لىكىن بىز ئاشۇ كىشلەرنىڭ ئوخشاشلا سىرىتقى دۇنيانىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ۋە شۇڭا ئۇلارنىڭمۇ تۇيغىمىزنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى ئۇنتۇپ قالدۇق. بۇ خۇددى پۈتۈن ھاياتىنى بىر ئۆيدە ئۆتكۈزۈپ ، سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئىكران ئارقىلىق ئالاقە قىلغان كىشگە ئوخشايدۇ. ئۇ كىشىگە نىسبەتەن ئۇ «سىرىتقى دۇنيا» دەپ كۆرگەن تەسۋىرلىرىنىڭ ھەقىقەتەن سىرىتقى دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ.
يىغىنچاقىلغاندا، بىزنىڭ «سىرىتقى دۇنيا»نى تونۇشىمىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ تۇيغۇللىرىغا ۋە مىڭىمىزنىڭ چۈشەندۈرشىگە باغلىق .
«ئەمىليەتتە، كائىناتتا بىزگە كۆرۈنگەندەك ۋە بىز ئېنىقلىما بەرگەندەك نۇر، بىز ئاڭلىغاندەك ئاۋاز، بىز ھىس قىلغاندەك ئىسسقلىق يوق. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىرىتقى دۇنيا بىلەن ئۇچراشقاندا سەزگۈ ئەزالىرىمىز بىزنى ئالدايدۇ.»(Prof. Dr. Ali Demirsoy, Evrenin Cocklari Children of Universe,p.3-4)
بىرچرەند رۇسسىل(Bertrand Russelll) پەلسەپىۋى مەسىللەر (Philosophical Matters) ناملىق كىتابىدا، «سىرىتقى دۇنيا» بىلەن مىڭمىزدە شەكىللەنگەن دۇنيانىڭ پەرقىنى قارىغۇ ئادەمنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ.سىز قارىغۇ كىشىگە ئۇ چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ، نۇر بولسا دولقۇنلارنىڭ يۆتكىلىشى دىيەلەيسىز، چۈنكى كۆرەلمەيدىغان كىشلەر تۇتۇش –سلاش ئارقىلىق يۈلىنىشنى بەلگىلەيدۇ. لىكىن قارىغۇ كىشى نۇرنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن ئىرىشكەن چۈشەنچىسى نۇرنىڭ ھەقىقى ماھىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. قارىغۇ كىشى ئۈچۈن نۇرغا ھەرگىز ئېنىقلىما بەرگىلى ياكى نۇرنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. دولقۇنلارنىڭ يۆتكىلىشى دەپ تەسۋىرلەنگەن نۇر بىز ھىس قىلغان نۇرغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. شۇڭا مىڭىدە پەيدا بولغان تەسۋىرلەرنىڭ مەنبەسىنى نۇر دىيەلمەيمىز. دىمەكچى بولغىنمىز شۇكى، شەيئىلەرنى كۆرىشىمىز ئۈچۈن «سىرىتقى دۇنيا»دىكى شەيئىلەر بىزگە يىتىپ كىلىشى ھاجەتسىز. بۇ ھادىسە باشقا سەزگۈلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش. يەنە بىر مىسال كەلتۈرەيلى:
«ئەڭ يېقىملىق كۈيمۇ ئىچكى قۇلىقىمىزنى تەۋرىتىدىغان ئاۋاز دولقۇنلىرىدىن تۈزۈلگەن .بىزگە خۇددى ھەممە تۇيغۇلار سىرىتقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىشى كىرەكتەك تۇيۇلىدۇ ، لىكىن تۇيغۇلار سىرىتقى دۇنيادىن تارقالمايدۇ ، پەقەت ھىس-تۇيغۇ شەكىلىدە مەۋجۈت بۇلىدۇ.» (Science and Technique, August, 1988)
ئەمىلىيەتتە، «سىرىتقى دۇنيا» دىكى ئاۋاز دولقۇنلىرىنى كۈيگە ئايلاندۇرغان نەرسە دەل ئۆزىمىزنىڭ مىڭىسى. بۇنداق دىگەنلىك سىرىتقى دۇنيادا ھەرگىزمۇ مۇزىكا ھاسىل بولمايدۇ، بىز مىڭە ئارقىلىق ئىچىمىزدە ھىس قىلىمىز.
رەڭ تۇيغىمىزدىمۇ ئوخشاش نەتىجىگە ئىرىشەلەيمىز؛ ئوخشىمىغان رەڭلەرنى كۆرگەندە ، ئەمىليەتتە ئوخشىمىغان دولقۇن ئۇزۇنلىقىدىكى نۇر كۆزىمىزگە يىتىپ كىلىدۇ. يەنىلا مىڭە بۇ دولقۇنلارنى رەڭگە ئايلاندۇرىدۇ. مەسلەن، بىزگە ئالمىنىڭ قىزىل رەڭدە كۆرىنىشىنىڭ سەۋەبى ئالمىدىن چىققان نۇر دولقۇن ئۇزۇنلىقىنىڭ مىڭىدە ھاسىل قىلغان تۇيغۇسى. بۇ دىگەنلىك ئالما راستىنلا قىزىل ئەمەس ، ئاسمان كۆك ئەمەس ، دەرەخلەر يىشىل ئەمەس؛ بىزنىڭ تۇيغىمىز سەۋەبىدىن ئۇلار بىزگە ئاشۇندان كۆرىنىدۇ.
مەشھۇر ئىلىمى ژورنال «La Recherche»دا بۇ تىمىغا ئائىت مۇنداق دىيىلگەن : «نۇرلارئىچىدە بىز قىزىل ياكى كۆڭ دەپ ئاتايدىغان نەرسىلەر يۇق . ئەمىلىيەتتە بىز رەڭلەرنى مەۋجۈت دىيەلمەيمىز. بۇ پەقەت كۆڭۈلدىكى تۇيغۇ خالاس.»(January,1981)

ھايۋانلار باشقىچە كۆرىدۇ
بۇندىن باشقا، ھايۋانلارنىڭ شەيئىلەرنى ئوخشىمىغان رەڭ ۋە شەكىلدە كۆرىدىغانلىقى بايقالغان. بۇ مىسال كۆرۈشنىڭ تۇيغۇغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان يەنە بىر مىسال.
ئاتلارغا نىسبەتەن ئاسمان كۆك ئەمەس بەلكى كۈلرەڭ. ھەرىنىڭ ئىنسانلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇلار ئولتىرا بىنەپشە نۇرنى تۇيالايدۇ، شۇڭا ھەرىلەر نۇرغۇنلىغان باشقا رەڭلەرنى كۆرىدۇ. تىمساق ۋە چاشقانغا نىسبەتەن، ھەممە نەرسە قارا ياكى ئاق كۆرىنىدۇ. كالىلار قىزىل رەڭنى تونىيالمايدۇ. ئوخشاشلا ھايۋانلارنىڭ شەيئىلەرنىڭ شەكىلىنى باشقىچە كۆرىدىغانلىقى بايقالغان.
بۇنداق ئەھۋالدا، كاللىمىزغا « قايسىسى توغرا؟» دەيدىغان سۇئال كىلىدۇ. ئېنىقىكى پەقەت ئىنسانلارلا شەيئىلەرنى توغرا كۆرەلەيدۇ دەيدىغانغا ئاساس يوق.

ئۆز كاللىمىزدا شەكىللەنگەن دۇنيادا ياشايمىز
نىمىگە ئاساسەن بىز كۆرىۋاتقان ، تۇتىۋاتقان ، ياكى ئاڭلاۋاتقان بۇجىسىمنى مەۋجۈت جىسىم دىيەلەيمىز. ئەمما بۇ تۇيغۇلار جىسىمنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئەمەس، چۈنكى ئۇلار مىڭمىز ياكى كاللىمىز ئۇ جىسىمغا بەرگەن سۈپەتلەر خالاس. يەنى ئاغرىق ياكى ئىسسقلىقا ئوخشاش بەش تەبئي سەزگۈلەردىن بىرى ئارقىلىق ئىرشكەن تۇيغۇلار «سىرىتقى دونيا»نىڭ بىر قىسمى ئەمەس، پەقەت كاللىمىزنىڭ ئىچىدە شەكىللەنگەن.
شۇڭا بىز مۇلاھىزە قىلىۋاتقان «سىرىتقى دۇنيا» پەقەت بۇ تۇيغۇلارنىڭ توپلىمى، ئەگەر كاللىلمىز بولمىسا بۇ سىرىتقى دۇنيا مەۋجۈت بولمايدۇ. ئەگەر بىر مىۋىنىڭ سىرىتقى كۆرىنىشى ، پۇرىقى، تەمى قاتارلىق سۈپەتلىلرىرىنى چىقىرىۋەتسەك، بۇ مىۋىنىڭ بىزگە ھىچقانداق مەنىسى قالمايدۇ. تەمى ،پۇرىقى، قاتتىقلىقى ياكى رەڭگى بولمىسا ئۇنى ھەرگىزمۇ مىۋە دەپ ئاتىمايمىز .
بىز بىلىدىغان دۇنيا ئەمىلىيەتتە كاللىمىزنىڭ ئىچىدە لاھىلەنگەن ،ئىپادىلەنگەن ، يارىتىلغان دۇنيادىن ئىبارەت. بىز پەقەت مۇشۇ دۇنياغىلا جەزىم قىلالايمىز.
يىغىنچاقلىغاندا، بىز كاللىمىزدىكى دۇنيادا ياشايمىز، ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلالمايمىز ھەم خاتا ھالدا بۇ ھەقىقى« سىرىتقى دۇنيا» دەپ ئويلايمىز. بۇ ئۆزگىچە پەلسەپىۋى چۈشەندۈرۈش ئەمەس ؛ بۇ ئېلىم-پەننىڭ ئېنىق پاكىتى.
تەقلىد قىلغۇچى ئەسۋابلار؛ سۈنئىي رىئاللىق
تەقلىد قىلىش دەپ ئاتالغان بۇ تېخنىكا كومپيوتىر ياردىمىدە، بىر خىل سۈنئي مەۋھۇم دۇنيا ھاسىل قىلىدۇ. ئىكرانلىق قالپاق سىزگە ئۈچ-ئۆلچەملىك تەسۋىر ھاسل قىلىپ بىرەلەيدۇ ھەمدە ھەر قايسى سەزگۈلىرىڭىزنى غىدىقلاش ئارقىلىق مىڭىڭىزنى ھەقىقى دۇنيادا تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ. ئەڭ يېڭى تەقلىد قىلىش ۋە مۇدىل قىلىش تېخنىكىسى سەپلەنگەن كومپىيوتىر ئادەمنىڭ 5خىل سەزگۈسىنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ ۋە مىڭىنى غىدىقلىيالايدۇ. بۇ زادى قانداق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ھەمدە بۇنداق قىلىشنىڭ ئەھمىيىنى نىمە؟
بۇ يېڭى تېخنىكا ئاساسلىقى بىزگە ئاللىبۇرۇن تۇنۇش بولغان 3 D(ئۈچ-ئۆلچەم) ئۇيۇنلىرىدىكى ئەڭ يېڭى تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىنى قۇللىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ. F16 ئايرۇپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسىنى مەشىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن LCD (سۈيۈق كىرستال ئىكران-液晶显示器) ياسىلىدۇ ياكى ئۇچقۇچىغا ئۆز بېشىنى يوقۇرى-تۆۋەن لىڭشتقاندا خۇددى ھەقىقى ئايرۇپىلاندىكىدەك تۇيغۇ بىرەلەيدىغان ، ئۇچقۇچىغا ئۈچ-ئۆلچەملىك ئايرۇپىلان سۈرىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان قالپاق لاھىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا مۇكەممەل ئاۋاز سىستىمىسى ۋە LCD قالپىقىنىڭ تەسۋىرىگە ئاساسەن ھەركەتلىنىدىغان سەزگۈر ئۇرۇندۇق ئارقىلىق ئۇچقۇچىنى ھەقىقى ئۇچقاندىكى تەۋرىنىش ۋە ھىس-تۇيغۇلارنى ھىس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
بۇ مىسال سەزگۈلەرنىڭ تەسىرى ئۇڭايلا مەۋھۇم دۇنيا ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

زادى كىم كۆرىدۇ؟
« ‹سىرىتقى دۇنيا› راستىنلا بارمۇ؟ ياكى ئۆزىمىز كاللىمىزدا شەكىللەندۈرەمدۇق؟ بىز بەش خىل سەزگۈمىز بارلىقىنى جەزىملەشتۈردۇق. ھىس-تۇيغۇلار نىرۋا سىستىمىسى ئارقىلىق مىڭىگە يىتىپ بارىدىغانلىقى ۋە مىڭىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلايدىغانلىقىنىمۇ جەزىملەشتۈردۈق. لىكىن نىمە ياكى كىم بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كشلەرنىڭ ئىسىگە سالىدۇ، نېمە ياكى كىم سەزگۈ غىدىقلىغۇچىلارنى تەرتىپلىك ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنى ئاڭغا ئىگە بىر مىخانزىمغا ئايلاندۇرىدۇ، ئاندىن بۇ مىخانىزىمنى «سىرىتقى دۇنيا»نىڭ ھىس-تۇيغۇللىرى دەيمىز؟
(Encyclopedia Gelisim of Science and Techmique,p.1216 )
بىزنىڭ مىڭىمىزدە شەكىللەنگەن دۇنيادا ياشايدىغانلىقىمىزدا ھىچقانداق شۈبھى يۇق. لىكىن بۇ تېخمۇ مۇھىم سۇئالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بىز كۆرىۋاتقان ۋە بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلار چۈشكە ئوخشاش ماددى مەۋجۈدىيەت بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ تەسۋىرلەر قانداق شەكىللەنگەن؟
بەزىدە بۇ تەسۋىرلەر « مىڭىنىڭ تېخى چۈشەندۈرىلمىگەن فونكىسسىيسى» دىيىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، چۈش خاتىرىمىز تەرىپىدىن نامەلۇم بىر ئۇسۇلدا يارىتىلغان بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە « كىم بۇ تەسۋىرلەرنى مىڭىگە كۆرسىتىدۇ؟» دىگەن سۇئال سۇرالغاندا، گەرچە بۇ تەسۋىرلەرنى مىڭىنىڭ شەكىللەندۈرگەنلىكىگە ھىچقانداق ئىسپات بولمىسىمۇ بۇ تەسۋىرلەر مىڭە فونكىسسىيىسىنىڭ نەتىجىسى دىيىلىدۇ.
بۇ يەردە بۇ مەسلىنىڭ ھازىرغا قەدەر نەزەردىن ساقىت قىلىنغان يەنە بىز تەرىپىنى قۇبۇل قىلىشىمىز لازىم.
بىرچرەند رۇسسىل(Bertrand Russell) مۇنداق دەيدۇ:
« ئادەتتىكى ماددا بىر گۇرۇپ ھادىسلەرنىڭ يىغىندىسى دىيىلسە، ئۇنداقتا بۇ قائىدە ئوخشاشلا كۆز، ئوپتىك نىرۋا ۋە مىڭىگىمۇ قۇللىنىلىدۇ.»
(Bertrand Russell, ABC of Relativity, George Allen and Unwin.,1958, p.129)
يەنى مىڭىمۇ ماسسىسى، ئورنى، ۋە ھەجىمى يوق تەسۋىرلەرنىڭ توپىلىمى دەپ تەرىپلەنگەن «سىرىتقى دۇنيا»نىڭ بىرقىسىمى. چۈشكە ئائىت بىر مىسال بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئەمدى مىڭىمىزدە چۈش كۆرىۋاتىمىز دەپ پەرەز قىلايلى. چۈشىمىزدە: مەۋھۇم بەدىنىمىز بار بۇلىدۇ، شۇڭا مەۋھۇم كۆز ۋە مىڭىمىز بۇلىدۇ. ئەگەر بىرى چۈشىمىزدە بىزدىن «دۇنيانى قەيىرىمىزدە كۆرىمىز ؟» دەپ سورىسا، « مىڭەمدە.» دەپ جاۋاپ بىرىمىز. ئەگەر يەنە شۇ كىشى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ مىڭمىز قەيەردە ، ئۇ نىمىگە ئوخشايدۇ دەپ سورىسا ، ئۇ ھالدا بىز مەۋھۇم بېشىمىزنى تۇتىمىزدە ئاندىن « مىڭەم باش سۆڭىڭىنىڭ ئىچىدە، تەخمىنەن بىز كىلوگرام كىلىدۇ.» دەيمىز.
ئېنىقكى چۈش كۆرگەندە ھەقىقى مىڭە ئەمەس مەۋھۇم باش ۋە مەۋھۇم مىڭىمىز بۇلىدۇ. شۇڭا تەسۋىرلەرنى كۆرگىنى ئۇ مەۋھۇم مىڭە ئەمەس بەلكى مىڭىدىنمۇ « ھالقىغان» بىر مەۋجۇدىيەت.
ئەمىلىيەتتە، چۈش بىلەن «ھەقىقى دۇنيا» ئۇتتۇرىسىدا ھىچقانداق كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان پەرقى يوق. شۇڭا كۆندىلىك تۇرمىشىمىزدا يۇقىرىقىغا ئۇخشاش سۇئالغا يۇلۇققاندا، ئوخشاش جاۋاب بەرسەك جاۋابىمىز مەنىسىز بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا شەيئىلەرنى كۆرىدىغىنى مىڭىدىن «ھالقىغان» پۈتۈنلەي ئۆزگىچە خاراكتىرگە ئىگە مەۋجۈدىيەت.
بۇ «مەۋجۈدىيەت» ھىس قىلىدىغان، تۇتىدىغان، كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان، ياخشى كۆرىدىغان، قۇرقىدىغان ۋە ئۆزىنى «مەن» دەپ ئاتايدىغان نەرسە. بۇ «مەۋجۈدىيەت» بولسا «ھايات ئورگانىزم»، لىكىن ئۇ ماددىمۇ، تەسۋىرمۇ ئەمەس. ئۇنى بىر كىلو 300 گرام كىلىدىغان بەدەننىڭ بىر قىسمى دىيىشمۇ خاتا. چۈنكى، ھۆجەيرىلەرنى تۈزگەن ئاتوملارنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ئۈچ-ئۆلچەملىك دۇنيا يارىتالىشى مۇمكىن ئەمەس. مىڭىنى ئىنچىكىلەپ ئانالىز قىلساق، مىڭىدە كائىناتنىڭ ھەرقانداق بۆلىكىگە ئۇرتاق بولغان ئامىنو كسلاتاسى، مالىكۇللا قاتارلىق تەبىئي قۇرۇلمىلارنى ئۇچرىتىمىز. يەنى مىڭىدە تەسۋىر ۋە ئاڭنى شەكىللەندۈرىدىغان ھىچقانداق ئۇرۇن ياكى قۇرۇلما مەۋجۈت ئەمەس.
رۇشەنكى، ھىس قىلىدىغان، كۆرىدىغان، تەپەككۇر قىلىدىغان ۋە ئۆزىنى «مەن» دەپ ئاتايدىغان بۇ «مەۋجۈدىيەت» مىڭىدىن باشقا جايدا. دىندا بۇ مەۋجۈدىيەتنى «رۇھ» دەپ ئاتايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، اللە رۇھىمىزغا «سىرىتقى دۇنيا»نى خۇددى چۈشىمىزدىكىگە ئوخشاش ھەرخىل شەكىلدىكى تەسۋىر ھالىتىدە كۆرسىتىدۇ. يەنى ئىنسانلار كائىناتنىڭ ئىچىدە ئەمەس بەلكى كائىنات ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە.
«سىرىتقى دۇنيا»نىڭ بىزگە شۇنچە ھەقىقىدەك كۆرىنىشىنىڭ سەۋەبى سەزگۈ ۋە تەسۋىرلەرنىڭ مۇكەممەللىكىدىندۇر. ياراتقۇچىمىز دۇنيانى نوقسانسىز ياراتتى. بىزنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغىنى بۇ تەسۋىرلەرنىڭ يارىتىلىشىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى گۈزەللىكى. قىسقىسى، دۇنيا مۇكەممەللىكتە شۇنچىلىك دەرىجىگە يەتكەنكى بىز دۇنيانى «ھەقىقى» دەپ ھىس قىلىدىغان تەسۋىر دەپ ئېنقلىما بىرىمىز.
قۇرئان بۇ مەسلنى قانداق بىر تەرەپ قىلغان؟
بىز ھازىرغىچە چۈشەندۈرگىنىمىز مەلۇم پاكىتلارنى چۈشىنىشىمىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. كائىناتنىڭ ھەقىقى ماھىتى يۇقۇرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئىسپاتلىدى ھەمدە اللە ۋە ئىنساننىڭ مەۋجۈدىيىتىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ئۆتمۇشتە توغرا دەپ قارالغان ماتىريالىستىك قاراشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى.
ماتىريالىستىك قاراش ماددا مۇتلەق مەۋجۈت دىگەن پەرەز ئۈستىگە قۇرۇلغان. ماددىنىڭ مۇتلەق مەۋجۈدىيەت ئەمەس بەلكى ھىس-تۇيغۇ ۋە تەسۋىرلەردىن تەركىب تاپقانلىقىنى بىلگەن ئىكەنمىز، ئۇنداقتا ماددىنىڭ كۈچ قۇدرىتى بۇ تەسۋىرلەرنىڭ ھەممىنى ياراتقۇچى بولغان اللەنىڭ كۈچ-قۇدرىتى دەپ قاراش لازىم. چۈنكى، ماددا ھىس-تۇيغۇلارنىڭ يىغىندىسى خالاس، بۇنىڭلىق بىلەن بوشلۇق ۋە ئۇرۇن قاتارلىق ئۇقۇملارمۇ مەنىسىز بۇلۇپ كىتىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا، «اللە نەدە؟»دىگەن سۇئالنىڭ جاۋابىمۇ رۇشەنلىشىدۇ. قۇرئاننىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن ھاياتلىق يولى ۋە تەپەككۇر يولىغا ئەگەشمىگەنلەرنىڭ كۆز قارشى بويىچە، اللە «ئاسماندا» ئۇلارغا مەلۇم ئارلىقتىن قاراپ تۇرىدۇ ۋە دۇنيا ئىشلىرىغا ئارلاشمايدۇ. بۇ قاراش اللەنى دۇنيادىن ئايرىپ قارايدۇ. بەزى دىنلاردا اللەنى چۈشىنىشتە مۇشۇ خىل كۆز قاراشقا تايىنىدۇ. ھەتتا نادانلىق قاپلىغان بەزى مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىدىمۇ بۇ خىل قاراش ھۆكۈم سۈرىدۇ.
يۇقىرىدا تەكىتلەنگىنگە ئوخشاش ، ماددا پەقەت ھىس-تۇيغۇ خالاس. ھىچنىمە اللەنىڭ زاتىدىن خالى مەۋجۈت بولمايدۇ. قۇئاندىكى بىر قانچە ئايەتلەر بۇ چۈشەنچىنى تېخىمۇ توغرىلايدۇ.
«ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەقىقەتەن كشلەرنىڭ(ئەھۋالىنى)نى تۇلۇق بىلىدىغانىقىنى ئېيتتۇق.» (سۈرە ئىسرائىل،60-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
«ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى شەيئلەرنىڭ ھەممىسى اللەنىڭدۇر (يەنى اللەنىڭ مۈلكىدۇر،بەندىللىرىدۇر، مەخلۇقاتىدۇر). اللە ھەممە نەرسىنى تۇلۇق بىلگۈچىدۇر.»
(سۈرە نىسا،126-ئايەت)
«...بىلىڭلاركى ، اللە ھەممە نەرسىنى ھەقىقەتەن تۇلۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.»
(سۈرە فۇسسىلەت، 54-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
«مەشرىقمۇ، مەغرىپمۇ(يەنى پۈتۈن يەر يۈزى) اللەنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلارمۇ، ئۇ اللەنىڭ تەرىپى يەنى سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسدۇر، اللە (نىڭ مەغپىرىتى ) ھەقىقەتەن كەڭدۇر اللە ھەممىنى بىلىگۈچىدۇر.» (سۈرە بەقەرە، 115- ئايەت.)
«ئاسمانلاردا ۋە زىمىندا (ئىبادەت قىلىنشقا تېگشلىك) اللە ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى (ياخشى-يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.» (سۈرە ئەنئام، 3-ئايەت)
«ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ پادىشاھلىقى اللەغا خاستۇر، اللەنىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكمۇ يوقتۇر، اللە ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى.» (سۈرە فۇرقان، 2-ئايەت)
«بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىنمىز.» (سۈرە قاف، 16-ئايەت)
«اللەدىن باشقا ھىچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يۇشۇرۇننى ، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مىھرىباندۇر، (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر. اللەدىن باشقا ھىچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نوقساندىن پاكتۇر)، (مۆئمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قۇرقۇنچتىن، ئازاپتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغىچىدۇر، غالىپتۇر، قەھىر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىللىرىدىن پاكتۇر. اللە (ھەممىنى ) ياراتقۇچىدۇر،( يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىپتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»
(سۈرە ھەشىر، 22-ئايەتتىن 24-ئايەتكىچە)
ئىسلام ئالىملىرى كائىناتنى چۈشەندۈرۈشتە قۇرئاننىڭ نۇقتى نەزىرىنى قۇللىنىپ كائىناتنىڭ ماھىتىنىڭ ماددا ئەمەسلىكىنى نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا تۇنۇپ يەتكەن، ھەمدە اللە ياراتقان مەخلۇقلارنىڭ ماھىتى توغرىسىدا ئىنتايىن ئېنىق ھۆكۈم ئۇتتۇرىغا قۇيغان. ئىسلار تارىخىدىكى مەشھۇر پەيلاسۇپلارنىڭ بىرى ئىمام رەببانى ئۆز كۆز قارشىنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرغا قۇيغان: « اللە ھەرخىل شەيئىلەرنى تاللاش ئارقىلىق ئۆز سۈپىتىنى نامايەن قىلىدۇ ۋە بۇ شەيئىلەردە ئۆز سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ. اللە ئۆز سۈپەتلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تاللىغان بۇ شەيئىلەرنىڭ ماھىتىدە نامايەن قىلىنغىنى بولسا مەۋھۇملۇق( يۇقلۇق). اللە ئۆزىنىڭ ھەر بىر سۈپىتى ئۈچۈن مەۋھۇملۇقتا ئوخشىمىغان شەيئىلەرنى تاللىدى ۋە ئۇ شەيئلەرنى سەزگۈلەر ۋە خىياللار دائىرىسدە ياراتتى. اللە خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر.
سەزگۈلەر ۋە خىياللار دائىرىسدە مەۋجۈت بولغان بۇ كائىنات ماددى ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا سەزگۈلەر ۋە خىياللار دائىرىسىدە بىر خىل تۇراقلىق ھالەت مەيدانغا كىلىدۇ ۋە كائىنات قۇدرەت ئىگىسى بولغان اللەدىن كۈچ-قۇۋەتكە ئىرىشدۇ. شۇنىڭ بىلەن كائىنات ياشايدىغان، بىلىدىغان، ھەركەت قىلىغان، خالايدىغان، كۆرىدىغان، ئاڭلايدىغان ۋە سۆزلەيدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. سىرىتقى دۇنيادا ئۇنىڭ نامى ۋە ئالامىتى ئەكىس ئىتىش ۋە سايە ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ. رىئاللىقتا، اللەنىڭ سۈپەتلىرى ۋە كۈچ قۇدرىتىدىن باشقا ھىچنىمە يۇق.
رىئاللىقتا كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى بۈيۈك اللەنىڭ رۇشەن مەۋجۈدىيتىدىن ئىبارەت. سىرىتتا بۇ كۆرۈنۈشلەردىن باشقا ھىچنىمە يوق. بۇنىڭلىق بىلەن بۇ كۆرۈنۈشلەر سىرتقى دۇنيادا سۈرەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇلار خۇددى ھەقىقى مەۋجۈتتەك كۆرىنىدۇ. ھەقىقەتتە، سىرىتتا اللەدىن بۆلەك ھىچنىمە يوق. (مەكتۇباتى رەببانى، p.517-519)
يەنە بىر مەشھۇر ئىسلام پەيلاسوپى سەئىد نۇرسىىنىڭ چۈشەندۈرىشىمۇ ئوخشاش مەنانى ئىپادىلەيدۇ:
« ماددى دۇنيانىڭ ماھىتى مەۋھۇملۇقتۇر، يەنى اللەنىڭ مەۋجۈتلىقىنىڭ ئەكس ئىتىشىدىن ئىبارەت. بۇ مەۋھۇم دۇنيا اللە نىڭ بۇيرىقى بىلەن راستقا ئايلىنىدۇ. اللەنىڭ خالىشى بىلەن مۇقىم ھەم تۇراقلىق بۇلىدۇ. بۇ دۇنيا ھەقىقى ئەمەس، خىيالى ۋە ۋاقىتلىق سايىمۇ ئەمەس. بۇ دۇنيا پەقەت ئاللانىڭ يارىتىشى بىلەن مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدۇ.» (مەكتۇبات، p.503)
خۇلاسىلىگەندە، ئۆز بەدىنىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «سىرىتقى دۇنيا» اللە رۇھىمىزغا چۈشۇرگەن تەسۋىردىن ئىبارەت. شۇڭا، سىرىتقى دۇنيا ئۆزى مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ. كائىنات ئىنساننىڭ ئىچىدە ۋە ئىنساننى ئۇراپ تۇرغىنى ماددا ئەمەس بەلكى اللەدۇر. بۇ پاكىت تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنغان: «
«بىز ھەقىقەتەن ئىنساننى ياراتتۇق، بىز ئۇنىڭ كۆڭىگە كەلگەننى بىلىمىز، بىز ئۇنىڭ جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىنمىز.»
قۇرئاندا نۇرغۇن ئايەتلەر مەخلۇقاتلارنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرىنى تەسۋىرلەپ كەلگەن:
«ئۆزلىرى يارىتىلغان ، ھىچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) اللەغا شېرىك كەلتۈرەمدۇ!» (سۈرە ئەئراف، 191-ئايەت)
« ئۇلارنىڭ اللەنى قۇيۇپ ئىبادەت قىلغانلرى ( يەنى بۇتلىرى) ھىچ شەيئىنى يارىتالمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغاندۇر(يەنى ئىنسانلار تەرىپدىن يارىتىلغاندۇر)، (سۈرە نەھل،20-ئايەت)
تۆۋەندىكى ئايەتلەر اللەنىڭ ئۆزلۈكسىز يارىتىشى ۋە اللەنىڭ ھەر بىر تەسۋىرنى قانداق ياراتقانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۇرىدۇ.
« ( ئىنساننى دەسلەپتە خەلق ئەتكەن ، ئاندىن ئۇنى تىرىلدۈرىدىغان كىم ؟سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زىمىندىن رىزىق بىرىدىغان كىم؟...» (سۈرە نەمىل، 64-ئايەت)
كائىناتنىڭ دائىم مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىشى پەقەت اللەنىڭ ئۆزلىكسىز مەخلۇقاتلارنى يارىتىپ تۇرىشىغا باغلىق. بۇ خۇددى پەقەت تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تېلىۋىزىيە تارقاتقاندىلا ئاندىن تېلىۋۇزۇر كۆرگىلى بۇلغانغا ئوخشاش.
اللە ھەممە تەسۋىرلەرنى ياراتقانلىقى ئۇچۈن، ھەر بىر ھەركەتمۇ اللە تەرىپىدىن يارىتىلغان بولىدۇ. بۇ بىز ماڭساق، يۈگۈرسەك، ياكى كۈلسەك، بۇ ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق تەسۋىرلەر اللە شۇنداق قىلىشىنى خالىغاچقىلا شۇنداق ھالەتتە پەيدا بولىدۇ. بۇ مەسلىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بەزى قۇرئان ئايەتلىرى كاللىمىزغا كىلدۇ:
«( ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، ئەمەلدە ئۇلارنى (سىلەرگە ياردەم بىرىپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ پەيدا قىلىش بىلەن ) اللە ئۆلتۈردى، (ئى مۇھەممەد بىر سىقىم تۇپىنى مۇشرىكلارغا ) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) اللە ئاتتى. ( اللەنىڭ مۇنداق قىلىشى ) مۆئمىنلەرگە (ساۋاب، غەلبە، غەنىيمەتلەردىن ئىبارەت) چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. اللە ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ) ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، ( نىيەتلىرىنى، ئەھۋاللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.» (سۈرە ئەنفال ، 17-ئايەت)
« ھالبۇكى، سىلەرنى ۋە ياراتقان نەرسەڭلارنى اللە ياراتقاندۇر.» (سۈرە سەففات، 96-ئايەت)
«... ھەممە ئىش اللەنىڭ ئىلكىدىدۇر...» (سۈرە رەئد، 31-ئايەت)
يىغىنچاقلىغاندا، ھەممە كىشى اللەنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا ياشايدۇ ۋە ھىچ ئىش اللەنىڭ خالىشى ۋە تىزگىنلىشىسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. اللەنىڭ تەسۋىرلەرنى روھىمىزغا چۈشۈرىشى بىرنەچچە ئايەتتىلا چەكلەنمىگەن. ئۇندىن باشقا قۇرئاندا اللە بەزىدە ئىش-ۋەقەلەرنى كىشلەرگە باشقىچە ھىس قىلدۇرىدىغانلىقىمۇ ئۇچرىتىمىز.
« (ئى يەھۇدىلار جامائەسى! بەدرىدە جەڭ ئۈچۈن) ئۇچراشقان ئىككى گوروھتا سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار، بىرى اللە يولىدا ئۇرىشىۋاتقان گوروھتۇر، يەنە بىرى مۇسۇلمانلارنى (سانىنى) ئۆزلىرىدەك ئىككى باراۋەر ئوپئۇچۇق كۆرگەن كافىرلار گوروھىدۇر (يەنى اللە كافىرلارغا قورقۇنچ سېلىش بىلەن ئۇلارنى ئۇرۇشتىن قول يىغدۇرۇش ئۈچۈن، كافىرلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنى جىق كۆرسەتتى)، اللە خالىغان كىشىگە ياردەم بىرىپ قۇللايدۇ. بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىللىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار.»
(سۈرە ئىمران، 13-ئايەت)

ئۇيقۇ،چۈش، ئۈلۈم ۋە ئاخىرەت
قۇرئاندا ئۇيقۇ توغرىسدىكى بايانلار يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان تىما بىلەن ناھايىتى مۇھىم باغلىنىشقا ئىگە. قۇرئاندا ئۇيقۇ تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلەنگەن:
«ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا، اللە ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ، ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ، ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ( يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قۇيۇپ بىرىدۇ، بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اللەنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.» (سۈرە زۇمەر، 42-ئايەت)
« اللە سىلەرنى كىچىسى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزدە سلەرنى ئويغىتىدۇ، ئاندىن اللەنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى اللە سىلەرگە ئېيتىپ بىرىدۇ.»
(سۈرە ئەنئام، 60-ئايەت)
قۇرئاندا ئۇيقۇلۇق ھالەتنى «ئۈلۈم» دىيىلگەن. ئۇيقۇ بىلەن ئۈلۈم ئوتتۇرسىدا ھىچقانداق مۇھىم پەرق بايان قىلىنمىغان، ئېنىقكى، ئۇخلىغاندا بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگىنىمىز بىرى ئۆلگەندە بېشىدىن كەچۈرىدىغان ئشلار بىلەن ئىنتايىن ئوخشاش.
ئۇنداقتا ئۇيقۇ بىلەن ئۈلۈم ئوتتۇرىسىدا قانداق ئورتاقلىق بار؟ ھەم بۇنداق ئورتاقلىق بولغاننىڭ قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟ ئۇخلىغاندا ئادەمنىڭ روھى تىنىدىن ئايرىلىدۇ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، اللە تەن بىلەن روھنى ئايرىۋىتىدۇ. يەنى بىر تەرەپتىن ئيېتقاندا،چۈش كۆرگەندە روھ يېڭى بىز تەنگە ئىرىشىدۇ ۋە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مۇھىتنى ھىس قىلىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى «ئويغىتىدۇ»دىگىنى روھنىڭ تەنگە قايتىشىنى ۋە ئاتالمىش «كۈندىلىك ھايات»نى داۋاملاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
دىمەكچى بولغىنى شۇكى، ئۈلۈم بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ، بۇ جەريان ئارقىلىق رۇھ يېڭى تەنگە ئىرىشدۇ ۋە ئۈلۈم پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يېڭى بىر ھاياتنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ. بۇ دەل دىننىڭ بەزى چۈشىنىش تەس بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئۇقۇم. مەسلەن، ئۈلۈم ۋە قايتا تىرىلىش پەقەت روھىمىزغا اللە تەرىپىدىن چۈشۈرىلگەن تەسۋىرلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئالمىشىشىدىن ئىبارەت. ھەر كۈنى، ھەر بىر دەقىقىدە اللە بىز ئۈچۈن دۇنيانى قايتا-قايتىدىن يارىتىپ تۇرىدۇ ۋە رۇھىمىزغا ئۆزلۈكسىز ھالدا ئاجايىپ گۈزەللىكلەرنى ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇخلىغاندىمۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، كۈندۈزدە يارىتىلغان مۇرەككەپ تەسۋىرلەر كىچىدە چۈشىمىزدىمۇ ئوخشاشلا يارىتىلىپ تۇرىدۇ. ئوخشاشلا، بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياغا ئۈتۈش بەلكىم ئۇخلاشقا ئوخشاشلا ئوڭاي بولىشى مۇمكىن. بۇ دۇنياغا تەئەللۇق بولغان تەسۋىرلەر يەنە بىر دۇنيانىڭ تەسۋىرلىرىگە ئايلىنىدۇ، ئۈلۈم ئۆتكۈنچىلىك رۇلىنى ئوينايدۇ.
چۈشمۇ كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا رۇھ ھىس قىلىغان تەسۋىرلەرگە ئوخشاشلا رۇھ تەرىپىدىن ھىس قىلىنغان تەسۋىرلەر خالاس. تۆۋەندىكى ئايەتلەر اللەنىڭ كىشلەرگە قانچىلىك يېقىنلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ئاندىن چۈشنى نىمە ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ.
«ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەقىقەتەن كشلەرنىڭ(ئەھۋالىنى)نى تۇلۇق بىلىدىغانىقىنى ئېيتتۇق، بىز ساڭا (مىراج كىچىسى ئاسمان-زىمىندىكى ئاجايىپلاردىن ) كۆرسەتكەن كۆرىنىشنى قۇرئاندىكى لەنەت قىلىنغان دەرەخنى (يەنى قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان زەققۇم دىرىخىنى) پەقەت كىشلەر ئۈچۈن سىناق قىلدۇق.» (سۈرە ئىسرائىل،60-ئايەتنىڭ بىرقىسمى)
چۈش اللە تەرىپىدىن ئىنسان رۇھىغا كۆرسىتىلگەن بولغاچقا، بەزى چۈشلەردىن كىشلەر يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بىرىدىغان ئىشلارنىڭ بىشارىتىنى قۇبۇل قىلىشى مۇمكىن. قۇرئاندا بۇنداق چۈشنىڭ مىساللىرى ناھايىتى كۆپ، مەسلەن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشى، يەنى ئۇ چۈشىدە ئۆز ھاياتىنىڭ ئوخشىمىغان مەزگىللىرىنى كۆرىدۇ. چۈش ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلانساق يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنى چۈشىنىۋالالايمىز. چۈشنى مىڭىنىڭ فونكىسسىيىسى دەيدىغان كىشلەر ئادەم چۈش كۆرگەندە مىڭىدىن مەلۇم سىگنال قۇبۇل قىلىدۇ، شۇڭا بۇ ھەممە ئىشنىڭ مىڭىدە يۈز بىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ دەيدۇ. لىكىن اللەنىڭ ھەممە ئىشنى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بويىچە ياراتقانلىقنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كىرەك. بۇ ئىنسان تىنى ۋە رۇھى ئۆز-ئارا ئىنتايىن زىچ مۇناسۋەتلىك.
ئازاپ، ئاۋارىچىلىق، مۇھەببەت قاتارلىق مىڭىگە تەسىرى بار ھەر خىل ھىس- تۇيغۇلار تەن ۋە روھنىڭ نۇرمال مۇناسىۋىتىنىڭ نەتىجىسدىن ئىبارەت. لىكىن مىڭە ئەمەس بەلكى روھ بۇھىس –تۇيغۇلارنى ھىس قىلىدۇ.

ۋاقىتنىڭ نىسبىلىكى
ۋاقىت ۋە بوشلۇقمۇ ئوخشاشلا ھەممنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان اللە تەرىپىدىن يارىتىلغان. ئىلگىرى ۋاقىت ۋە بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس ئىدى. ئەمىلىيەتتە ۋاقىت ۋە بوشلۇقتا چەكلمىگە ئۇچرىغان، نۆۋەتتىكى فىزىكىلىق قانۇنلارنى ئاساس قىلغان بىر بۆلەك ۋاقىتنى پايدىلىنىش جىسىمى قىلغان «ئىلگىرى»مۇ مەۋجۈت ئەمەس. لىكىن دىققەت قىلساق، ۋاقىت ۋە بوشلۇق پەقەت ھىس-تۇيغۇدىن ئىبارەت. قۇرئاندا ئوخشىمىغان ئايەتلە ۋاقىتنىڭ نىسبى ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ:
« اللە (ئۇلارغا): « زىمىندا قانچىلىك تۇردۇڭلار ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، (ئاي-كۈنلەرنى) ھىسابلىغۇچى (پەرىشتە)دىن سورىغىن» دەيدۇ(ئۇلار دۇزاقتا چېكىۋاتقان ئازاب تۈپەيلدىن،زىمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ.) اللە: «ئەگەر بىلسەڭلار (دۇنيادا) ئازغىنا تۇردىڭلار » دەيدۇ.» (سۈرە مۇئمىنۇن، 112-ئايەتتىن114-ئايەتكىچە)
«بۇ سۈر چېلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە (شەكلى ئۆزگەرگەن) كۆك –كۆزلۈك (قارا-يۈزلۈك) گۇناھكارلارنى يىغىمىز.(قىيەمەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ دۇنيادا تۇرغان ۋاقتى قىسقا بىلىنگەنلىكتىن) (ئۇلار ) «دۇنيادا پەقەت ئون كۈن تۇردۇڭلار» دىيىشىپ پىچىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنى:«سىلەر پەقەت بىر كۈن تۇردۇڭلار» دەيدۇ.» (سۈرە تاھا، 102-ئايەتتىن 104-ئايەتكىچە)
بۇئايەتلەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى ئاخرەتتە بىز بۇدۇنيادىكى نەچچە يىللىغان ھاياتىمىز پەقەت چۈش كۆرگەندە ياكى ئۇخلىتىلغاندا ئۆتكەن بىر دەقىقە ۋاقىت داۋاملاشقانلىقىنى بايقايمىز. بىز چۈش كۆرگەندە چۈشىمىز بىر نەچچە سائەت ياكى بىر نەچچە كۈنگە سوزۇلدى دەپ پەرەز قىلىمىز. لىكىن ئىلىمى پاكىت چۈشنىڭ بىر نەچچە مىنۇتلا ھەتتا بىر نەچچە سىكونتلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شونىڭغا ئوخشاشلا، بۇ ئۇزۇن ئۇيقىدىن ئويغانغاندا بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىكى ۋاقىتنىڭ تۇلىمىۇ قىسقا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتى
بىز تۇغۇلغان ۋاتىتىن باشلاپلا، بەزى نەتىجىلەرنى بەزى سەۋەبلەرگە باغلاشقا ئۈگىتىلدۇق. بۇ ئەمىلىيەتتە ماتىرىيالىستىك دۇنيا قاراش تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ تەبئي نەتىجىسى. لىكىن قۇرئان زىمىندا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئوخشىمىغان قانۇنىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بىلەن تەمىنلىدى.
«پەرۋەردىگارىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر خالىسا ئۇنى مۇقىم قىلاتتى، ئاندىن قۇياشىنى سايىگە دەلىل قىلدۇق (يەنى كۈنىنىڭ چىققانىلىقىنى سايىنىڭ بارلىقىغا دەلىىل قىلدۇق).» ( سۈرە فۇرقان، 45-ئايەت)
بۇ ئايەتتە سايە قۇياشتىن ئايرىم يارىتىلغان ۋە قۇياشنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ئەمەس دىيىلگەن. قۇياشنى سايىگە دەلىل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
بۇ ئايەتتىكى قۇياش-سايە مىسالى سەۋەب نەتىجىسىدە ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لىكىن سەۋەب ۋە نەتىجىنڭ ھەر ئىككىسى ئەمىلىيەتتە اللە تەرىپىدىن يارىتىلغان. يەنى ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىدەك كۆرۈنگەن سەۋەبلەر ئەمەس. پادىشاھلىق اللەغا خاستۇر.اللە ھەر بىر دەقىقىدىكى تەسۋىرلەرنى يارىتىپ تۇرىدۇ. پەقەت اللە ياراتقانلىقى ئۈچۈنلا ھاياتلىق مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدۇ. «اللە سىلەرنى ۋە سىلەرنىڭ ياراتقىنىڭلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ.»دىگەن ئايەت بۇ پاكىتنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
سىرتقى دۇنيا بىلەن چۈشنىڭ ھىس-تۇيغۇللىرى ئارىسىدا ھىچ پەرق يوق ئىكەنلىكىنى ئىسىمىزدە تۇتقىنىمىزدا، قۇياش بىلەن سايەنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيمىز. چۈشىمىزدە كۆرگەن سايە قۇياشنىڭ سايە چۈشۈرىشى سەۋەبىدىنمۇ؟ قانداق قىلىپ مەۋجۈت بولمىغان قۇياش سايە چۈشىرەلىسۇن؟ ئۇندىن باشقا، بەزىدە چۈشىمىزدە كۆرگەن پارلاپ تۇرغان قۇياش كۆزىمىزنى چاقايتىشى مۇمكىن.شۇڭا بۇ چۈشتە ھەقىقى قۇياش نۇرى بولمىغاچقا كۆزنىڭ چاقىيىش تۇيغۇسى ئالاھىدە ۋە ئايرىم يارىتىلغان. بۇنىڭغا ئوخشاش مەنتىق چۈش كۆرگەندە بىز يەۋاتقان مىۋىنىڭ تەمىنى تېتىشقا ياكى بىر جىسىمنى ئۇرغاندا ھىس قىلىدىغان ئاغرىققىمۇ توغرا دەپ قارىلىدۇ.
بىز ھادىسلەرنى سەۋەب-نەتىجە شەكلىدە ھىس قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى اللە بۇ ئىشلارنى مۇشۇ تەرتىپتە ياراتقان. بۇ كىنۇنىڭ ۋەقەلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ھاياتىمىز بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يارىتىلغان ۋەقەلەردىن تەشكىل تاپقان. مەسلەن، ئاۋال دەرەخ ئاندىن مىۋە بۇلىدۇ. كىشلەرنىڭ دەرەخنى مىۋىنىڭ بارلىققا كىلىشىنىڭ سەۋەبى دەپ قارىشىنىڭ سەۋەبى بۇ ئىشلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يۈز بىرىدۇ. لىكىن اللە دەرەخنى ۋە مىۋىنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئايرىم –ئايرىم ھالدا يارىتىدۇ.

«خاتا قۇيۇلغان ئىسىم»: تەبىئەت قانۇنلىرى
يۇقىرىقى مەلۇماتلارنىڭ ياردىمىدە، «تەبىئەت قانۇنلىرى» نىڭ ماھىتى ھەققىدە ئويلىنىلىشى لازىم. ھەممە ھىس تۇيغۇ ۋە تەسۋىرلەردىن تەركىب تاپقان يەردە، قانداقمۇ «قانۇن» پەيدا بولسۇن؟ قانداقمۇ سۇنىڭ « لەيلىتىش كۈچى» بۇلسۇن؟ ھاۋا ماھىيەتتە ھىس-تۇيغۇغا تايىنىپ مەۋجۈت بولىدىغان تۇرسا، ھاۋانىڭ سۈركىلىش كۈچى قانداق چۈشەندۈرۈلسۇن؟
ئومۇمىيۈزلۈك قۇبۇل قىلىنغان ماتىرىيالىستىك دۇنيا قارىشىنىڭ ئەكسىچە، قۇرئان ئايەتلىرى بۇ قانۇنلارنىڭ ماھىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن:
« ئۇلار قۇشلارنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشقا بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ( ھاۋادىن چۈشۈپ كىتىشتىن ) پەقەت اللە تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن (اللەنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.» (سۈرە نەھل، 79-ئايەت)
« پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنى پەزىلى(يەنى پەزىلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بىرىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە مىھرىباندۇر.»
(سۈرە ئىسرائىل، 66-ئايەت)
«دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن اللەدۇر، تىرىكىنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ اللەدۇر، (اللەنىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟»
(سۈرە ئەنئام، 95-ئايەت)
بىزنىڭ «تەبىئەت قانۇنلىرى»دەپ ئاتايدىغانلىرىمىز اللەنىڭ ئۆزلۈكسىز يارىتىپ تۇرىشىدىن شەكىللەنگەن. اللە گۈلنىڭ تەسۋىرىنى يارىتىشتىن بۇرۇن ئۇرۇقنىڭ تەسۋىرىنى سەۋەب قىلىپ يارىتىدۇ. ھەرگىزمۇ گۈلنىڭ تەسۋىرى ئۇرۇقنىڭ تەسۋىرىدىن بۇرۇن يارىتىلمايدۇ. گەرچە مەيدانغانغا كەلگەن نەتىجە ئادەتتە مەلۇم سەۋەبكە باغلىنىشلىق بولسىمۇ،لىكىن اللە بارلىق سەۋەب-نەتىجىلەرنىڭ ياراتقۇچىسى .
«تەبىئەت قانۇنلىرى» پەقەت ئۆزلۈكسىز يارىتىلىش جەريانىغا بىرلگەن ئىسىمدۇر. مەسلەن، كېمىلەر سۇدا لەيلەيدىغان قىلىپ ياسىلىدىغان بولغاچقا سۇنىڭ نەرسىلەرنى لەيلىتىدىغان خۇسۇسىتىنى بار دەيمىز. بۇنىڭغا ئوخشاشلا « قۇشلارنىڭ ئۇچقىنىنى كۆرسەك، ھاۋانىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى قۇشلارنىڭ ئۇچالىشىنىڭ سەۋەبى دەيمىز. لىكىن قۇرئان ئايەتلىرىدە اللە قۇشنى چۈشۈپ كىتىشتىن تۇتۇپ تۇرىدۇ ، اللە كېمىلەرنى دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بىرىدۇ دىيلگەن، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، اللە دىن باشقا ھىچ بىر كۈچ-قۇدرەت يوق، شۇنداقلا بارلىق تەسۋىرلەر مۇشۇ ئۇسۇلدا يارىتلغان. شۇڭابىز مەۋجۈت دەپ ئويلايدىغان سۇنىڭ لەيلىتىش كۈچى ۋە ئېغىرلىق كۈچىدەك تەبىئەت قانۇنلىرى بىز كۆزەتكەن مۇكەممەل ، تەرتىپلىك يارتىلشقا ئۆزىمىز قۇيۇپ قويغان ئىسىمدىن ئىبارەت. ئېينىشتىين بۇ رىئاللىقنى تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلەيدۇ:
«ئېغىرلىق كۈچى، ئېلىكتىر ماگنىت كۈچى، ئىنىرگىيە، توك ۋە كۈچ قاتارلىق پەنلەرنىڭ ھەممىسى نەزىرىيىۋى قۇرۇلمىلاردۇر،بۇلار پەقەت ئىنسانلار كۆزەتكەن ئشلارنىڭ ئارقىسدا يۇشۇرۇنۇپ ياتقان ماھىيەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئنسان كاللىسىدا شەكىللەنگەن ئوخشىتىش ۋە سىمۋوللاردۇر.»
(Science and Technique,v.272,p.28)
«...پۈتۈن كۈچ-قۇۋەت اللەغا مەنسۇپ...»(سۈرە يۇنۇس،65-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
اللەغا تەئەللۇق بولغان كۈچ-قۇۋەت ۋە ئۇلۇغلۇق «ئېغىرلىق كۈچى » ۋە «ئىنىرگىيە» قاتارلىق ئىسملاربىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ ئىسملارنىڭ پەقەت ھىچ بىر مەنىسى يوقىلىقىنى تەپەككۇر قىلىنسىلا بۇ مەسىلىنى ئاسانلا چۈشۈنىۋالغىلى بولىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، خىيالى كۈچلەرگە مەستانە ماتىريالىستىلار «ئانا تەبئەت» دەيدىغانغا ئوخشاش مەنىسىز ئاتالغۇلارنى ياساپ چىقىدۇ. قۇرئاندا يۈسۈف ئەلەيسىسسالامنىڭ سۆزى بۇ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرىدۇ:
« سىلەر اللەنى قۇيۇپ ئىبادەت قىلۋاتقىنىڭلار پەقەت سىلەر ئۆزەڭلار ۋە ئاتا-بوۋاڭلار ئاتىۋالغان (بۇتلارنىڭ ۋە غەيرىنىڭ) ناملىرىدىنلا ئىبارەت، اللە (ئۇلارنىڭ اللەنىڭ شېرىكى بۇلۇشى توغرىسدا) ھىچقانداق دەلىل چۈشۈرگىنى يوق، ئىبادەت ۋە دىن بارىسىدىكى بارچە ھۆكۈملەر پەقەت اللەغىلا مەنسۇپ، ئۇ سىەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىىشقا بۇيرۇغان، بۇ تۇغرا دىندۇر، لىكىن كىشلەرنىڭ تولىسى(بۇنى) بىلمەيدۇ.» (سۈرە يۈسۈف، 40-ئايەت)
بىزنى قايمۇقتۇرۇپ قۇيىدىغىنى كۆپلىگەن كشلەرنىڭ ئايەتتە كەلگەن ھەقىقەتنى بىلمەسلىكىدۇر. لىكىن ھەر بىر كىشى ئاخرەتتە بۇ دۇنيانىڭ پەقەت تەسۋىرى دۇنيا ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىندۇ. ھازىر ھەممەيلەن اللەنىڭ بارلىقىنى تەپەككۇر قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى باشلىشى لازىم. چۈنكى قۇرئاندا ئىمانسىزلارنىڭ ھالى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلىنغان:
«كافىرلانىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ ئويلىغان) ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرراپقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھىچ نەرسىە كۆرۈنمەيدۇ(يەنى سۇ كۆرۈنمەيدۇ)، ئۇ اللەنىڭ ئۆز (ئەمەلىنىڭ) يېنىدا (كۆزىتىپ تۇرغۇچى) ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، اللە ئۇنىڭ قىلىمىشغا تېگىشلىك جازا بىرىدۇ،اللە تىز ھىساب ئالغۇچىدۇر.» (سۈرە نۇر،39-ئايەت)

مۆجىزە
«ئاسمانلارنى، زىمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ (يەنى بىكارغا) ياراتقىنىمىز يوق.ئۇلارنى بىز پەقەت ھەق ياراتتۇق ۋە لىكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى)بىلمەيدۇ.»
(سۈرە دۇخان، 38-ئايەتتىن 39-ئايەتكىچە)
كىتابنىڭ بېشىدا بىز تۇيۇقسىز يارىتىلغان ئادەمنىڭ مىسالىنى كەلتۈرگەن ئىدۇق. بۇ كىشىنىڭ ئۆز زاتىنى ۋە ئۆز مۇھىتىنى ھەيرانۇ-ھەس بىلەن قانداق كۆزىتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن ئىدۇق. ھەم بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇ كىشىدىن ھىچقانداق پەرقىمىز يوقلىقىنى ئۇتتۇرغا قۇيغان ئىدۇق. لىكىن جەمئىيەتتىن يۇققان ئىش-ھەرىكەرتلەر ۋە ئادەتلەر سەۋەبىدىن ئەتراپىمىزدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ كاتتىلىقىدىن ھەيران قېلىشتىن ، ھەۋەس قىلشتىن ھەتتا تەسىرلىنىشتىن مەھرۇم قالدۇق. يەنى كۆز ئالدىمىزدىكى مۆجىزىلەرنى تۇنۇيالمىدۇق.
جەمئىيەتتىكى ئادەت ۋە خاتا تەپەككۇر سەۋەبىدىن تەرەققى قىلغان تاش يۈرەكلىكنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن قۇرئان ئايەتلىرىدىكى ئىنتايىن مۇھىم تىمىلارنىڭ بىرىنى كەلتۈرۈش زۈرۈر. قۇرئاندىكى بەزى ئايەتلەر اللەنى ئىتراپ قىلىشتىن بۇرۇن اللەنىڭ مۆجىزىسى ۋە باشقا پاكىتلىرىنى كۈتكەن كىشلەرنىڭ ئېزىپ كەتكەنلىكىنى تەسۋىرلىسە يەنە بەزى ئايەتلەر ھەممە جايدا مەۋجۈت بولغان مۆجىزىلىك ھادىسلەرنىڭ مەنبەسىنى تەسۋىرلەيدۇ.
قۇرئانغا ئاساسلانغاندا ، ھەممە جانلىقلار اللەنىڭ مەۋجۈتلىقى ۋە كۈچ قۇدرىتىنىڭ ئىسپاتى. بۇنىڭ سەۋەبى اللەنىڭ ھەربىر مەخلۇقاتى ياراتقۇچىنىڭ سۈپىتى بىلەن خاراكتىرلەنگەن بولىدۇ.


اللەنىڭ نازۇك، گۈزەل مەخلۇقاتلىرىنى ۋە چەكسىز ھىكمىتىنى نامايەن قىلىش ئۆزلۈكسىز يارىتىشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى. قۇرئاندا مىسال كەلتۈرۈلگەن ئالاھىدە ھايۋانلارنى تەپەككۇر قىىلىپ باقايلى:
«سلەرنىڭ يارىتىلشڭلاردا ۋە (اللەنىڭ زىمىنىدا) تارقىۋەتكەن جانۋارلاردا (اللەنىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىلەر بار.» (سۈرە جاسىيە، 4-ئايەت).

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
azizgul + 10 مەنپەئەتلىك تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 10   باھا خاتىرىسى

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

مەن ساڭا ساراڭ ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11255
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 08:34:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  ئېسىل  تېما  يوللىسام ھېچكىم كۆرمەپتا.ئىنكاس  يېزىپ كۆتۇرۇپ  قويايچۇ ..

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10422
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9144
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 4739 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 09:04:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىسام خېلى ئويلىنىپ ئوقۇغۇدەكمەن ،ئۇنۇڭ ئۈستىگە كۆپكەن ،ۋوردقا كۆچۇرۋالدىم ،ئاللا خالىسا ئەتە ئوقۇيمەن......
بەك ئىسىل تېما ..ئاللاھ ئەجرىڭىزنى كاتتا قىلسۇن  ..
داۋاملىق مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13600
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 09:21:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە يۇقارقى تىمىنى كۈرۈپ نۇرغۇن چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69644
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3048
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2014-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 10:01:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! تېمىڭىزغا رەھمەت!
بۇ تۈركىينىڭ ئىسلامىي ھەم پەننىي ۋە باشقا جەھەتلەردىمۇ كامالەتكە يەتكەن‹‹ھارۇن يەھيا›› ئىسىملىك ئالىمنىڭ ئەسىرى ئىكەن، بۇ كىشى 300 پارچىدەك كىتابى ئارقىلىق غەرپ دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرى ۋە سۈيقەستلىرىنى بىتچىت قىلىپ ئېغىز ئاچۇرمىغان، قۇرئان، سۈننەت ئاساسىدا ھەق يول تۇتقان كاتتا ئىسلام ئالىمى. ئەسەرلىرى بەك يۇقۇرى سەۋىيەلىك. چۇڭقۇر تەپەككۇر دۇنياسىغا باشلايدۇ، شۇڭا قايتا-قايتا ئوقۇپ تەپەككۇر قىلىش كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71101
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3395
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2011-12-20
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 10:28:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كشنىڭ كۆپ ئەسىرى تەۋھىد ئىلىمىنى كۆپ قۇللانغان
اللەھ نىڭ بارلىقىغا نۇرغۇن ئىلمىي پاكىتلار بىلەن مىسال ئەپ چۈشەندۈرگە     ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20581
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6069
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 10:29:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(nasu~rulla) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

« ھارۇن يەھيا » نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان نوپۇزلۇق كىتابى بارمۇ ؟ بىلەرسىزمۇ  ...!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10570
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7938
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1492 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2012-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 10:32:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللەرەھمەت قىلسۇن!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20581
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6069
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 10:33:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن ،بىراق ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانمۇ -يوق ئۇقمايدىكەنمەن ،،،،  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40668
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1808 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 10:36:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاپتىم،رەھمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش