(شەرقىي خەن دەۋرىدىكى ئۇيسۇنلار)
ئۇسۇن(ئۇيسۇن)乌孙 - ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا يەنى ھازىرقى گەنسۇنىڭ دۇنخۇاڭ ئەتراپىدا ياشىغان قەدىمكى قەبىلە - قوۋم ۋە دۆلەت نامى. ئۇسۇنلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئىلىم ساھەسىدىكىلەردە ھەر خىل قاراش بار: بۇنىڭ ئىچىدە كۆپرەك كىشلەر ئەسلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپسىغا تەۋە تىلدا سۆزلىشىدىغان، كېيىن ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى توخار تىلىدا سۆزلىشىدىغان ساكلار قان سىستېمسى ئارىلاشقان كۆچمەن چارۋىچى مىللەت، دەپ قارىشىدۇ. بەزى ئالىملار ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى يېنسىېي دەرياسى ۋادىلىرىدىن جەنۇبقا كۆچكەن خاكاسلار (قىرغىزلار) نىڭ بىر تارمىقى دەپ قاراپ كەلمەكتە.
(خەن مەلىكىسى ۋېنچىڭنىڭ ئۇيسۇن خانىغا ياتلىق بولىشى)
ئۇسۇنلارنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى نوپۇسى تەخمىنەن 630 مىڭ دەپ قەيت قىلىنغان. بۇلار دەسلەپ توخرىلار بىلەن بىرگە دۇنخۇاڭ، چىليەنشەن تېغى ئارىلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى، ئۇسۇنلار كۈنبېيسى (كۈبەك پادىشاھ) ئېلىجاۋبىنىڭ ئاتىسى ناندۇبېيتوخرىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇسۇنلار توخرىلار بىلەن ھۇنلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، غەربكە سۈرۈلۈپ ئىلى دەرياسى يۇقۇرى ئېقىنى ۋادىلىرىدا ياشىغۇچى ساكلارنىڭ ماكانىغا كەلگەن. كېيىن ئىسسىق كۆل ئەتراپىغا قەدەر كېلىپ، دۆلەت قۇرۇپ، قىزىلقورغاننى ئۆزىگە بارگاھ قىلغان. خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ۋۇدى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 119 - يىلى جاڭ چيەننى ئۇسۇنغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ھەمدە ئىككى نۆۋەت مەلىكىسىنى ئۇسۇن كۈنبېيىسىگە ياتلىق قىلغان. ئۇسۇن كۈبېيسى قوشۇن چىقىرىپ خەن سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ، ھۇنلارنى مەغلۇب قىلغان. ئۇسۇنلارمۇ غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە تەۋە بولغان. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرى (388 - 534) دە جۇرجانلار (ئاۋارلار) نىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، كۆكئارت (پامىر) تېغى ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇسۇنلار شۇنىڭدىن كېيىن پەيدىنپەي قازاق قاتارلىق مىللەتلەرگە ئۆزلىشىپ كەتكەن. ھازىرقى قازاق مىللىتى ئىچىدىمۇ ئۇسۇن قەبىلىسى نامى ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئۇسۇنلار تارىختا شامان دىنى، تۇتېزم ۋە ئاتا - بوۋىلىرىغا چوقۇنۇپ كەلگەن، كېيىن بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلغان. ئۇسۇنلار جەمئىيىتىدە ئاساسەن قەبىلە - ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى بىلەن ھەربىي دېموكراتىيە تۈزۈمى بىرلەشتۈرۈلگەن."
(ئۇچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ئۇيسۇنلار)
..........................................................
مەنبە: داۋۇت سايىم ، رائىلە داۋۇت ، «دۇنيا مىللەتلىرى» ، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى، 1996-يىلى 1-نەشرى ،304-بەت