بسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
بىر ھەقىقەت شۇكى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەللە يۆگىگەن. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەللە يۆگىگەنلىكى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغاندۇر. مەسىلەن :
مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاھارەت ئېلىپ بېشىنىڭ ئالدى تەرىپى بىلەن سەللىگە ۋە ئىككى كەشىگە مەسھى قىلغان.(سەھىھى مۇسلىم 274-ھەدىس)
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى بېشىدا قارا سەللە بار ھالەتتە كىرگەن.(سەھىھى مۇسلىم 1358-ھەدىس)
ئەمرۇ ئىبنى ھۇرەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خالايىققا قارا سەللە يۆگىگەن ھالەتتە خۇتبە سۆزلىگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە ئەمرۇ ئىبنى ھۇرەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بېشىدا قارا سەللە، سەللىسىنىڭ ئىكى ئۇچىنى ئىككى تارغىقىنىڭ ئوتتۇرىغا ساڭگىلىتىپ قويغان ھالەتتە مۇنبەردە تۇرغانلىقى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا.(سەھىھى مۇسلىم 1359-ھەدىس) بىر ئۇچى دەپمۇ رىۋايەت كەلگەن.
ئۇبەيدۇللاھ نافىئتىن، ئۇ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەللە يۆگىسە سەللىسىنىڭ ئۇچىنى ئىككى تارغىقى ئوتتۇرىغا ساڭگىلىتىپ قوياتتى. نافىئ دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سەللىسىنىڭ ئۇچىنى ئىككى تارغىقى ئوتتۇرىغا ساڭگىلىتىپ قوياتتى. ئۇبەيدۇللاھ دېدى: ئەلقاسىم بىلەن سالىملارنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەنمەن. (سۈنەنى تىرمىزى 1736-ھەدىس. تىرمىزى: ھەسەن غەرىيب دېگەن. ئابانى سەھىھ دېگەن . )
ساھابە كىراملارنىڭمۇ سەللە يۆگىگەنلىكى ئىسپاتلانغان. مەسىلەن:
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ بېشىغا يۆگەيدىغان سەللىسى بار ئىدى.(سەھىھى مۇسلىم 2552-ھەدىس)
ھەسەن بەسرىي: ساھابىلەر (ئىسسىقنىڭ دەستىدىن) ئىككى قولىنى يەڭدىن چىقارماي سەللە ۋە دوپپىغا ئوخشاش نەرسىلەرگە سەجدە قىلاتتى، دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى- ئىسسىق قاتتىق بولغاندا كىيىمگە سەجدە قىلىش توغرىسىدا دېگەن باب)
يەنە بىر ھەقىقەت شۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنىڭ ئۈلگىمىزدۇر، جانابى ئاللاھ بىزگە ئۇنى ئۈلگە قىلىپ بەرگەن، ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:
(سىلەرگە رەسۇلۇللاھتا ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگە بار ئىدى.)(ئەھزاب سۈرىسى 21-ئايەت . )
(ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەر ئاللاھنى سۆيىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى سۆيگەي»)(ئالى ئىمران سۈرىسى 31-ئايەت . )
لېكىن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەللە يۆگىگەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ بۇ بىزدىن تەلەپ قىلىنغان ئەگىشىش دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشمۇ ياكى ئەگىشىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئادەت خاراكتىرلىق ئىش-ھەرىكەتمۇ؟ بۇنىڭدا ئالىملار ئىككى قاراشتا بولغان:
بىر قىسىم ئالىملار: سەللە سۈننەت ئەمەس، مۇباھ ئىش، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بويىچە يۆگىگەن، دەپ قارايدۇ. بۇلار رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى 3 قىسىمغا ئايرىغان:
1. ئىنسانىي تەبىئەت ۋە ئادەت بىلەن قىلغان ئىش-ھەرىكەتلەر.
2. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خاس ئىش-ھەرىكەتلەر.
3. ئىبادەت جەھەتتىن قىلغان ئىشلار .
بۇ تەقسىمگە ئاساسەن كىيىم-كېچەك مەسىلىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەر كاپىرلارغا خاس كىيىم بولمىسىلا ئىبادەت دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ناۋادا سەللە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يۆگىگەنلىكى ئۈچۈنلا سۈننەت بولىدىغان بولسا، ئىزار بىلەن رىدا كىيىشمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىيگەنلىكى ئۈچۈن سۈننەت بولغان بولاتتى.
يەنە بەزى ئالىملار: سەللە يۆگەش سۈننەت ئىش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا كىمكى سەللە يۆگەپ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىدىكەن، ساۋابقا ئېرىشىدۇ. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش، ئۇنى ئۈلگە قىلىش ئەسلى قائىدە بولۇپ، ئەگىشىشكە، ئۈلگە قىلىشقا بولمايدىغانغا بىرەر دەلىل ئىسپاتلانمىغىچە بۇ ئەسلى قائىدىدىن چىقىپ كەتكىلى بولمايدۇ.
بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە نوقتىنى ئېنىق بىلىۋېلىشىمىز لازىم:
1. يۇقىرىدا ئىسپاتلىغىنىمىزدەك رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەللە يۆگىگەن.
2. سەللە يۆگەشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا رىۋايەت قىلىنغان بەزى ھەدىسلەر يالغان ياكى بەكلا ئاجىز. مەسىلەن: "سەللە بىلەن ئوقۇلغان ناماز 25 نامازغا باراۋەر كېلىدۇ". "سەللە بىلەن ئوقۇلغان جۈمە 70 جۈمەگە باراۋەر كېلىدۇ"."سەللە بىلەن ئوقۇلغان نامازغا ئون مىڭ ساۋاب بار" دېگەندەك.(كەشفۇل خەفائ 2/33-بەت. 1603-نومۇر). يەنە "سەللە بىلەن ئوقۇلغان ئىككى رەكئەت سەللىسىز 70 رەكئەتتىن ئەۋزەل".(ئالبانى سىلسىلە سەھىھە 1/251-بەتتە: يالغان، دەپ باھالىغان).
يەنە بەزى ھەدىسلەر سەل ئاجىز ياكى ھەسەن. مەسىلەن: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستە: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى بىر قوشۇنغا قوماندان قىلىپ تەيىنلىگەندە ئابدۇرراھمان يۆگىگەن سەللىسىنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چۇۋۇۋېتىپ ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭغا سەللە يۆگەپ قويغان. ئارقىغا تۆت بارماق ياكى شۇنچىلىك ئۇزۇنلۇقتا ساڭگىلىتىپ قويغان. ئاندىن: "ئى ئەۋفنىڭ ئوغلى! مانا مۇشۇنداق سەللە يۆگىگىن، بۇ تېخىمۇ تونۇشلۇق ھەم چىرايلىق" دېگەن.(بۇ ھەدىسنى تابارانى رىۋايەت قىلغان. ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسات 5/61-بەت. 4671-ھەدىس. يەنە بەيھەقىمۇ رىۋايەت قىلغان. شۇئەبۇل ئىيمان 5/174-بەت. 6254-ھەدىس. ھەيسەمىي: ئىبنى ماجە بۇنىڭ بىر قىسمىنى رىۋايەت قىلغان، تابارانى بۇنى ئەۋساتتا رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىسنادى ھەسەن دەپ باھالىغان. مەجمەئۇززەۋائىد 5/20. سەخاۋى پەتىۋالار توپلىمى 3/1197-بەتتە: ئىسنادىدا سەل ئاجىزلىق بار، دېگەن. سۇيۇتىمۇ: ئىسنادى ھەسەن دەپ باھالىغان.) رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ تېخىمۇ چىرايلىق دېگەن سۆزىدىن ئەۋزەللىك، مۇستەھەبلىك چىقىدۇ، دەپ قارالغان.
3. ھەدىسشۇناسلارنىڭ سۈننەتكە بەرگەن تەرىپىگە قارايدىغان بولساق، سەللە يۆگەش ئۇلارنىڭ ئىستىلاھى بويىچە سۈننەت دائىرىسىگە كىرىدۇ.
4. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئادەت خاراكتىرلىك سۈننەتلەر، ئىبادەت خاراكتىرلىك سۈننەتلەر دەپ ئايرىش بولسا، بۇ ئۇسۇل ئالىملىرى ئارىسىدا بار ئەقلى ئىزدىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ھەممە ئالىملار تەرىپىدىن ئىتتىپاققا كەلگەن ئۇسۇل ئەمەس.
5. سەللە يۆگەشنى ئاساسەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەھلى ئىلىملەر، پەزىلەتلىك، دىيانەتلىك كىشىلەر قىلىپ كەلگەن ئىش بولۇپ، مىسىر، شام، ئىراق، تۈركىيە، ئافرىقا، ھىندىستان ۋە بىزنىڭ دىيارىمىزدىمۇ، پۈتۈن ئورتا ئاسىيادىمۇ ئالىملار سەللە يۆگەپ كەلمەكتە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ تېخى يېقىنغا قەدەر ئالىملار سەللە يۆگەيدىغان بولۇپ، يېقىننىڭىزى سەللىنىڭ ئورنىغا رومال ئارتىش پەيدا بولغان.
6. بەدر غازىتىنىڭ ۋەقەلىكىدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (ئەگەر (جەڭدە) سەۋر قىلساڭلار، (ئاللاھتىن) قورقۇپ (ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ.)(ئالى ئىمران 125-ئايەت) بۇ ئايەتتىكى نىشانلىق پەرىشتە دېگەن سۆزنىڭ تەپسىرىدە سەللە يۆگىگەن ھالدا دەپمۇ كەلگەن بولۇپ، سەللە رەڭگى ھەققىدە ئوخشىمىغان رىۋايەتلەر بار. بەزىلەر ئاق، بەزىلەر سېرىق، بەزىلەر قارا يەنە بەزىلەر قىزىل دېگەن.(تەپسىرى ئىبنى كەسىير 1/403)
7. سەللە يۆگەشنى سۈننەت، مۇستەھەب دەپ قارىغانلارغا، مۇستەھەب ياكى سۈننەت ئەمەس، ئادەت دەپ قارىغانلار ئېتىراز قىلسا بولمايدۇ. چۈنكى كىشى ئۆز قارىشىنى باشقىلارغا تاڭسا بولمايدۇ. كىشى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۈلگە قىلىمەن دەپ سەللە يۆگىسە، ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ساھابە كىراملار كىيىم-كېچەكتىلا ئەمەس، يېمەك-ئىچمەكتىمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۈلگە قىلىشاتتى.
ئىسھاق ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى تالھە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: ئۇ ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: بىر تىككۈچى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆزى تەييارلىغان تاماققا تەكلىپ قىلغانىدى، مەنمۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئاشۇ تاماققا باردىم. مەن رەسۇلۇللاھنىڭ تەلەڭگىنىڭ ئەتراپىدىن قاپاقنى ئىزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ كۈنىدىن تارتىپ قاپاقنى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن.(سەھىھەين: بۇخارى 5379-ھەدىس. مۇسلىم: 2041-ھەدىس)
ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە يېمەك-ئىچمەكتە ۋە ياكى باشقا ئىشلاردا بولسۇن ئەھلى خەيرگە ئوخشاشقا تىرىشىشقا ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشكە ھېرىسمەن بولۇش بار. بۇ ھەدىستە يەنە ئىنسان تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بويلاپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن ھەزرىتى ئەنەسنىڭ ئالاھىدە پەزىلىتى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئاشۇنداق ئىشلاردىمۇ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشكە ئۆزىنى زورلايتتى. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن".(فەتھۇل بارىي 9/526)
شۇنداقلا سەللە يۆگەشنى سۈننەت ياكى مۇستەھەب ئەمەس دەپ قارىغانلارغا، مۇستەھەب ياكى سۈننەت دەپ قارىغانلار ئېتىراز قىلسا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئالىملار ئوتتۇرىدا كۆز قاراش ئوخشاش بولمىغان مەسىلە.
8. ئىسلام دىنىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ كىيىم-كېچەك، تەققى-تۇرقىدا كاپىرلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق كىيىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سەللە يۆگىگەن ئەھۋالدا پەرقلىنىش بولىدۇ.
9. ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ: "رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەھاب دەيدىغان سەللىسى بار ئىدى، بۇنى ھەزرىتى ئەلىگە كەيدۈرۈپ قويغان. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى كىيەتتى. ئۇنىڭ ئاستىغا (دوپپا ياكى تۇماقتەك) باش كىيىمى كىيەتتى. سەللىسىز (دوپپا ياكى تۇماقتەك) باش كىيىمىمۇ كىيەتتى. باش كىيىمىسىز سەللىمۇ يۆگەيتتى. سەللە يۆگىسە ئۇچىنى ئىككى تارغىقىنىڭ ئوتتۇرىغا ساڭگىلىتاتتى. مۇسلىم سەھىھىدە ئەمرۇ ئىبنى ھۇرەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغاندەك: ئۇ مۇنداق دېگەن: "مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بېشىدا قارا سەللە، سەللىسىنىڭ ئىكى ئۇچىنى ئىككى تارغىقىنىڭ ئوتتۇرىغا ساڭگىلىتىپ قويغان ھالەتتە مۇنبەردە تۇرغانلىقى كۆرگەن". يەنە سەھىھى مۇسلىمدا كېلىشىچە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى بېشىدا قارا سەللە بار ھالەتتە كىرگەن. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە سەللىنىڭ ئۇچىنى تىلغا ئالمىغان، بۇ سەللىنىڭ ئۇچىنى ئىككى تارغىقىنىڭ ئوتتۇرىغا داۋاملىق ساڭگىلىتىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ".(زادۇل مەئاد 1/135)
خۇلاسە: سەللىنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۈلگە قىلىش مەقسىتىدە يۆگىسە ساۋاب بېرىلىدىغان مۇستەھەب ئىش. يۆگىمىسە گۇناھ بولمايدۇ. سەللىنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرگە قارىغىنىمىزدا سەللىنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011 -12-25
مەنبە:
http://www.sajiye.net/viewsj.php?id=639