مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2763|ئىنكاس: 31

قىز بۇلىغان بايۋەتچە(مايماق) [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67130
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 682
تۆھپە نۇمۇرى: 829
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2011-11-26
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 03:44:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز بۇلىغان بايۋەتچە (فانتازىيىلىك ھىكايە)

بۇلارنىڭ قىلىقى مىنىڭ بەك ئاچچىقىمنى كەلتۈرىۋەتكەنىدى.ئۇلار ئاشۇ قىزىنى مەندىن ئاياۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىزمۇ مىنى ياراتمايۋاتاتتى...
-مىنىڭ نەرىم بولمايدىكەن؟تۇتىگۈلنى  ئالغىنىم ئالغان!!!،-دىدىم جىلە بولۇپ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا.
-بايۋەتچە سىزدەك نوچى،مەرت يىگىت يېزىمىزدا تېپىلمايدۇ،لىكىن بىز قوشنىمىزنىڭ ئوغلى غۇلامجان بىلەن ئۇنىڭ تويى كىلەر ھەپتىگەبىكىتىلىپ بولغان،بىزنى بۇ ئىشتا خىجىل قىلمىسىلا ،-دىدى كارۋان يەنە جاھىللىق قىلىپ.
-غۇلام قاسساپقا دەپ قوي...ئۇمۇ چېلىشچى بولغاندىكىن مەيدانغا چىقسۇن گېپى بولسا!!!يېڭىلسە قىز مىنىڭ،-دىدىم ئۇلارنىڭ تېخىچە جاھىللىق قىلىۋاتقانلىقىغا ئاچچىقىم كىلىپ.
-بايۋەتچە...سىلىگە يېزىمىزدا ھېچقانداق ئەركەك رەقىپ بولالمايدۇ..غۇلامجانمۇ بۇنىڭغا قايىل.ئەمما بۇلار ئاللىبۇرۇن پۈتۈشۈپ بولغان باغاقنىمۇ تارقىتىپ بولغان....،-كارۋان گەپنى ئۈزىۋىدى،قىزى چالۋاقاشقا باشلىدى:
-ئاڭلاپ تۇرۇڭ نامان بايۋەتچە،سىز ھېلىغۇ يېزىمىز بويىچىكەن پۈتكۈل سىرام يۇلتۇزى بويىچە كۈچلۈك بولسىڭىزمۇ چاتىقىم يوق،مىنىڭ غۇلامغا تەگكىنىم تەگكەن!،-دىدى ئۇ چالۋاقاپ.
-چاتىغىم يوق.ماڭ توي قىلىمىز!،-دىدمدە ئاچچىغىمدا قىزنى سۆرەي دەپ بىلىكىدىن تارتىشىمغا،ئات باقارىم قولۇمغا ئېسىلىپ قۇلۇقۇمغا ئاغزىنى يېقىن ئەكىلىپ:
-بايۋەتچە....بۇ قىزنىڭ لايىقى باركەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىزنى ئاپارسىلىمۇ باي غوجام ئۇنىمايدۇ.ئۇ بەك سەتكەن،-دىدى پىچىرلاپ.
-سەت بولسىمۇ كارىم يوق، داداممۇ بۇنىڭغا ئارلىشاممايدۇ.ھازىر مەن دىگەن قورامىمغا يەتتم،-دىدىم ئۈنلۈكلا.
بۇ گەپلارنى ئاڭلاپ قىزنىڭ ئاتا -ئانىسى ماڭا بىر قاراپ قويدى.نىمىگە قارايدىكىنا؟ئاتباقار ئۇلارغا ئوڭايسىزلانغاندەك قارىۋېتىپ يەنە قۇلۇقۇمغا:
-بەگزادەم بوشراق گەپ قىلسىلا،ئۇلار ئاڭلىسا سەت تۇرىدۇ،بولدى كىتەيلى ..ئۇنداق ئالغاي قىزغا باي غوجام ھەرگىز قوشۇلمايدۇ،-دىدى پىچىرلاپ.
مەن ئاچچىقىدىن يېرىلىپ كىتەي دىگەن قىزنىڭ كۆزىگە سىنچىلىپ قارىۋەتكەندىن كىيىن:
-راس ئالغايكەنسىز لىكىن مەن ئېلىۋىرىمەن،-دىدىم كىسىپلا.
قىز كەينىگە بۇرۇلۇپلا ،ياندىكى ئۆيدىن دادىسىنىڭ قېلىچىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ،ماڭا قاراپ ئېتىلدى.مەن ئاتباقارنى قولتۇقۇمغا قىسقانچە تالاغا قاراپ قاچتىم،ئۇنىڭدىن قورققىنىم ئەمەس،ئايال زاتىغا قول تەككۈزۈشكە ئەزەلدىن قولۇم بارمايدۇ....ئۇ بىردەم قوغلاپلا توختاپ قالدى.مەن ئاتباقارنى يەرگە قويۇپ:
-قانداق قىلسام بولار بۇنى،-دەپ سورىدىم ئۇنى.
-ئۆھھۆ..ئۆھھۆ..بايۋەتچە مىنى بەك چىڭ قىسىۋەتتىڭىز،‹‹ۋايجان››دەي دىسەممۇ ئۈنۈم چىقمىدى....ئۆھھۆ...بولدى قىلىڭ بايۋەتچەم،...سىز ئالىمەن دەيدىغان بولسىڭىز قىز دىگەن نۇرغۇن..يېزىمىزدىكى قىزلارنىڭ قايسىسى سىلىگە كۆيمەيدۇ؟باي غوجامنىڭمۇ يېزىمىزدا ئىناۋىتى چوڭ،ئۇنىڭ ئۈستىگە
سىلىنىڭ مەرت ۋە باتۇر ئىكەنلىكلىرىگە ھەممە ئادەم قايىل.ئۇ قىز سىلىگە ئۇنىمىغىنىدىغا قارىغاندا كاللىسىمۇ چاتاقكەن .يۈرسىلە بايۋەتچە ئۇنداق ئالغاي ھازازۇلنى قويۇپ ،توموچۇقتەك چىرايلىق قىزدىن بىرنى تاپايلى ،-دىدى ئۇ مىنى قىزىقتۇرۇپ.
-مەن رەنا بىلەن باغلاشقان...ئەگەر قورامىمغا يەتكەن كۈنۈم ئىشىكتىن چىقىپلا كۆرگەن قىزنى ئالمىسام ئۇنى ئاچا دىمىسەم بولمايدۇ.سەن مىنىڭ
قاچان دودىن يانغىنىمنى كۆرگەن؟،-دىدىم ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ.
رەنا بىزنىڭ يېزىدىكى قازىنىڭ قىزى بىز بىرمەكتەپتە ئوقۇيمىز.چېلىش ئۇستازىمىزمۇ بىر ...دۇنيادا ئۇنىڭدەك ئوسال ئادەم يوق.. بىر قېتىم ئايۋاندا ئۇخلاپ قالسام يۈزۈمگە قىزىل سىيادا كالا دەپ يېزىپ قويسا ،خىيالى تالاغا چىقىپتىمەن تېخى...
-رەنا قىزمۇ پەرىزاتتەك چىرايلىق،ئەقىللىق قىزغۇ بەگزادەم...ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىكىڭلاردىن سىلەر بىللە ئويناپ چوڭ بولغان...،-ئاتباقار شۇنداق دىيىشىگىلا :
-نامان بايۋەتچە شۇ قىزنى ئالالمىسىلا ،بۇندىن كىيىن مىنى ئاچا دەپ چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا ھە...سىلىمۇ ئاڭلاپ قويسىلا مراخور ئەپەندىم مەن ھەرگىز ئۇكا يوللۇق ئادەم بىلەن توي قىلمايمەن،-دەپ يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا پەيدا بولدى رەنا. ھە قاچان بىرەر يەردە مىنىڭ ئويۇنۇمنى
كۆرۈپ تۇردى بۇ..
-ھىم..ئەنسىرىمە سىنى چوقۇم ئاكا دىگۈزىمەن،-دەپ ئۇنىڭ بىلەن چاتىقىم يوق كەينىمگە بۇرۇلۇپ ماڭدىم.ئاتباقارىم كەينىمدىن ئەگىشىپ كەلدى...بىر ئازدىن كىيىن ئۆيگە كەلدۇق.دەرۋازىنى تىپىپ ئېچىپ ئۆيگە كىرسەم دادام تەككە ئىشلەۋېتىپتۇ.ئۇ مىنىڭ پەيلىمنى كۆرۈپ:
-ئوھوي...بۇ دەرۋازىنى قانچە پۇلغا ئالغانلىقىمنى بىلەمسەن؟سەن بىر موچەن تاپمىغاندىكىن ئۇنى تەپمە....بىردەم ئۆيدىكى پۇلنى ئوغۇرلاپ ئەچىقىپ خەققە بېرىسەن،بىر دەم ئاناڭنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى خەققە تارقىتىسەن!ئەمدى ئۆينىمۇ قومۇرۇپ خەققە بېرەي دەمسەن؟؟؟،-دىدى چالۋاقاپ.
-نىمە؟؟؟سەندە جىق بولغاندىكىن يوقلارغا بەرمەمتىڭ ئەمىسە؟ئىشىكنىمۇ بېرەلمەيدۇ دەپ قالما!،-دىگەچ دەرۋازىنى بىر قولۇمدا قومۇرۇپ ئېلىپلا
كوچىغا ئاتتىم.بىردەمدە ئۇنى خەقلەر بۆلۈشۈپ ئۆيلىرىگە ئەككىرىپ كەتتى.چۈنكى مەن دائىم ئۇنى-بۇنى ئېتىپ تۇراتتىم.قوي-كالىلارمۇ بار ئەلۋەتتە.دادامنىمۇ ئىزلەتكىلى قويمايتتىم.دادام پەيلىمنىڭ راستلا يامانلىقىنى كۆرۈپ:
-ۋوي بەگزادەم،سىنى يەنە رەنا قىز بوزەك ئەتتىما؟،-دىدى دادام ئىچ ئاغرىتقاندەك.
-نىمە؟؟؟؟مىنى ئۇ بوزەك قىلالامدا؟.-دىدىم يېرىلغىدەك بولۇپ.
-شۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ سىنى،-دەپ بولۇپلا تەك ئىشىغا چۈشۈۋالدى دادام.
شۇ ئاچچىغىمدا كەينىمگە يېنىپ ئۇدۇل كارۋاننىڭ ئۆيىگە بارغانچە.ئىشىكنى تېپىپ ئېچىپ كىرىپ ،قىزنى ئىزدەشكە باشلىدىم.ئۇ ئېغىلدا كارۋانننىڭ تۆگىسىگە ئوت بېرىۋاتقانىكەن.ئۇنى بېلىدىن قولتۇقۇمغا قىستارغانچە تالاغا ماڭدىم.ئەمدى چىقىشىمغا كارۋان ئىشىكتىن كىرىپ ئالدىمنى توسۇۋالدى.
-بايۋەتچە...بەرمىسەم بۇلايدىكەنلىدە؟،-دىدى ئۇ ۋەزمىن ئاھاڭدا.
-شۇنداق!!مەن بۇقىزنى ئالماي قويمايمەن!!،-دىدىم كىسىپلا.
-بولدى بەردىم،بىراق توي 5-ئاينىڭ37-كۈنى بولسۇن ،قانداق دەيلا بىگىم؟
-5كۈنلا قاپتۇ چاتاق يوق!،-دىدمدە ھەميانىمدىن 100موسنى(سىرام يۇلتۇزىدىكى تەڭگە پۇل)چىقىرىپ تاشلاپ قويۇپ .قىزنى يەرگە قويۇپ قويۇپ
ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.كەينىمدىن قىزنىڭ:
-ئۆھھۆ..ئۆھھۆ...مەرت دىگەن نامىڭغا ۋاي..تاس قالدا سىقىپ ئۆلتۈرگىلى ..ئۆھھۆ..ئۆھھۆ،- دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
ھەش پەش دىگۈچە تۆت كۈن ئۆتۈپ بولدى ،مەن ھە دەپ توي تەييارلىقى قىلىۋاتاتتىم.قازى غوجام قوروغا كىرىپ كەلدى...
-بەگزادەم نىمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىلا؟
-تويغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن!!مەپە بېزەۋاتقىنىمنى كۆرمەيۋاتاملا قازى ئاخۇنۇم؟،-دىدىم ئۇنىڭ قەستەنگە بىلمەس بولۇۋالغىنىغا تېرىكىپ.
-ئەمما بۇ توي ئىشلىرى قاملاشمىغۇدەك.ئەڭ ياخشىسى بېزىمىسىلە سىلى چۈشتىن كىيىنلا سەپەرگە ماڭمىسىلا بولمايدۇ،-دىدى قازى مەندىن ئەيمىنىپراق.
-مەن سەپەرگە چىقىمەن؟مەن يا كارۋان بولمىسام؟،-دىدىم ھەيران بولۇپ.
بىزنىڭ سىرام يۇلتۇزىدا بىر يۇرت بىلەن بىر يۇرتنىڭ ئارلىقى بەك يىراق يول خەتەرلىك بولغاچقا ،ئادەتتە يولنى پىششىق بىلىدىغان كارۋانلا چىقىپ باشقا يۇرتلارنى كۆرۈپ يېڭى نەرسىلەر بولسا ئېلىپ كىلىپ ھۈنەرۋەنلەرگە بېرىدۇ.باشقىلار سىرتلارغا چىقمايدۇ ھەم چىققىسىمۇ يوق.سىرتقا ئائىت قورقۇنۇشلۇق چۆچەكلەرمۇ كۆپ.بىزنىڭ كۈچلۈكلەر يۇرتىنىڭ چېتىدىكى قۇملۇقنى كېزىپ نەچچە ئاي ماڭغاندىن كىيىن پىخسىقلار يۇرتىغا بارارمىش...ئۇ يەردىكى ئادەملەر دادامدىنمۇ پىخسىقمىش....پەقەت سەپەرگە چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندا ئالدىنقى كارۋان يەنە بىر يېڭى كارۋان بەلگىلەيتتى،يېڭى كارۋان سەپەرگە چىقىشنى داۋاملاشتۇراتتى ..ھەر جۈمە كۈنى يېزا يىغىلىشىدىن كىيىن پۈتۈن يېزا كارۋاننى ئۇزۇتاتتى.
-كارۋان ئۆلۈۋاپتۇ،ئۇ ۋەسىيەتنامە يېزىپ كارۋانلىققا سىزنى تەيىنلەپتۇ....،-دىدى قازى.
-نىمە قېيناتام ئۆلۈپتۇما؟،-دىدىم ھەيران بولۇپ.
-ئۇ سىلىگە خەت قالدۇرۇپتۇ،كۆرۈپ باقسىلا،-دەپ خەتنى ئۇزارتتى قازى.خەتنى يۇلۇپ ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم خەت مۇنداق يېزىلغانىدى.
يېزىمىزنىڭ نوچىسى ،پۈتكۈل يىگىتلەر ئىچىدىكى شاش ئارغىماق بولمىش نامان بايۋەتچە ئۇزۇن يىللىق سەپىرىمگە خىراجەتنى پۈتۈنلەي ئاتىلىرى
ھاشمباي ھېچ كىشىگە بىلدۈرمەي تەمىنلەپ كىلىۋاتقانىدى.شۇنىڭ يۈززىسىدىن بولسىمۇ 100قىزىم بولسىمۇ ئۆزلىرىگە بېرەر ئىدىم ،ئەمما ئۇ ئىككى بالا ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە ئاشىق.شۇڭا بۇ ئامالنى تاپتىم كارۋانلىقنى ئۆزلىرىگە تاپشۇردۇم.جۈمە يىغىلىشتىن كىيىن دەرھال سەپەرگە چىققايلا.بۇ قارار قىزىم ئۈچۈنلا ئەمەس يەنە سىلى ئۈچۈن.....كارۋانلىققا ئۆزلىرىدىن ئۆتەر مۇۋاپىق ئادەم پۈتۈن سىرامدا تېپىلمايدۇ......خەير ھېلى نامىزىمدا كۆرۈشەيلى.
خەتنى ئوقۇپ ھاڭ-تاڭلا قالدىم...مەن جاھىللىق قىلىپ يېزىمىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان كارۋاننى ئۆلۈمگە قىستىغانىدىم.جۈمە كۈنى يىغىلش تۈگەپ ئاۋۋال كارۋاننى كۆمدۇق..ئۇنىڭ قىزى يىغلاپ ئايلىنىپ قالايلا دىدى.ئۇنىڭ ماڭا تىكىلگەن كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنى چاقنايتتى.ئۆزەمنىڭ قىلغانلىرىغا شۇنداق ئازاپلاندىم.ئاندىن كىيىن قازى مەيدانغا چىقىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا:
-مالىك كارۋان كەتتى...بۇنىڭغا سەۋردىن باشقا ئىلاج يوق....لىكىن يېزىمىزدىكى ئەجدادلار ھېكمەتلىرى قامۇسىنىڭ 6-توم،8-جىلىت،12-باپ.126-ماددىسىدا ‹‹كارۋاننى شەنبىگە قويماسلىق››دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن،-دىيىشىگە :
-قازى ئاخۇنىم.بۇ ماددىلارنى ھەممەيلەن بىلىدۇ ،لىكىن مالىك كارۋان قازا قىلدى..ئەمدى قانداق قىلىمىز نەق گەپنىلا قىلسىلا..،-دىدى جۈمەرلىك سودىنىڭ پايدىسىغا قىيماۋاتقان دادام ئالدىراپ.ئۇ مىنىڭ كارۋان بولۇپ قالغىنىمدىن خەۋەرسىز ئىدى.
-ئەمما مالىك كارۋان كەتكەن بىلەن ،ئىزىنى ئۆچەرمەي ،كارۋانلىقتىن ئىبارەت بۇ مەشئەلنى،جىمى يىگىتلەرنىڭ سەردارى ،نوچىلارنىڭ......
ئۇ نوچىسى دىگەن گەپنى قىپ بولالمايلا دادامنىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرىنى كۆرۈپ ئىتتىكلا:
-ئىشقىلىپ نامان بايۋەتچە كارۋان بولدى،-دەپ گېپىنى تۈگەتتى ئۇ.
-نىمە دەۋاتىلا قازى ئاخۇنۇم؟مىنىڭ بىچارە بايقۇشۇم نامان سەپەرگە چىقامدا؟ئۇنى خەقلەر بوزەك قىلسا قانداق قىلىمەن،يولدىن ئېزىپ قالسا ئۇنى نەدىن تاپىمەن؟-دىدى دادام قازىنىڭ ياقىسىنى سىقىپ.بىچارە دادام جىددىلىشىپ قىزىرىپ كەتكەنىدى.
-بولدى قىسىلا دادا،مەن سەپەرگە چوقۇم چىقىمەن.بۇ ئىشنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ!!قېنى دادا ئەل يۇرتنى باشلاپ دۇئا بەرسىلە...بىز ئۇنىمىغان بىلەنمۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان بۇ قائىدىگە رىئايە قىلماي ئامال يوق،-دىدىم ئۇھسىنىپ.
-ھاشىمباي شۇنداق قىلسىلا....بولمىسا ئەل-يۇرتمۇ قوشۇلمايدۇ...ئۇنىڭ ئۈستىگە بايۋەتچە ئىنتايىن كۈچتۆڭگۈر..ئۇيەر بۇيەردىن مال ئالغاچ كەلسە،
تىجارەتلىرى تېخىمۇ روناق تاپار ئىدى..يەنە تېخى...
پۇلنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان دادام قازىنىڭ گېپى تۈگىمەيلا
-ئامىن!!!!،-دەپلا دۇئاغا قول كۆتۈردى.ئۇنىڭ چىرايىدا ئابايقى ئەنسىرەشتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.چۈتۈن ئەل-جامائەت دادامغا ئەگىشىپ دۇئاغا قول كۆتۈردى.......
خۇرجۇننىڭ بىر تەرىپىگە يىمەك-ئىچمەك ،يەنە بىر تەرىپىگە دادام بەرگەن موسلارنى(سىرام يۇلتۇزىدا ئىشلىتىلىدىغان تەڭگە پۇل)سېلىپ ئەمدى قۇملۇق تەرەپكە مېڭىۋىدىم.جامائەت ئارىسىدىن رەنانىڭ ئاۋازى كەلدى:
-توختاپ تۇرسىلا نامان بايۋەتچە؟بىرەر ئىشنى ئۇنتۇپ قالدىلىمۇ يا؟،-دىدى ئۇمەسخىرلىك ئاھاڭدا.
-ئۇنتۇپ قالمىدىم رەنا ئاچا،خوش مەن ماڭدىم،-دەپلا قۇملۇققا قاراپ يول ئالدىم.
ئۇنى ئاچا دەپ يېزىدا ياشىغىنمدىن سەپەردە جاپا تارتقىنىم ئەۋزەل ئىدى.لىكىن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كۆڭلۈم بىكاردىن بىكارغىلا
يېرىم بولۇپ،كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى.بىرەرى كۆرۈپ قالمىغىدى دەپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم......




مايماق ئىجادىيىتى

تۈپتۈز  كۆرۈنگەن ئەسلى تۈز ئەمەس،
مايماق كۆرۈنگەن راس مايماق ئەمەس.
تۈزلۈكنىڭ ئىچىدە ئەسلى مايمىقى،

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1743
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 26947
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4216 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 11:14:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى زاماندا قىزلارنى نامرات بۇلىسا بۇلامىكىن تاڭ ، بايۋەچچىلەر بۇلىمىسىمۇ ئۇلاردا قىزلارنى ئۆزلىكىدىن جەلىپ قىلالايدىغان ئەڭگۈشتەر بار .....

فانتازىيلىك بولسىمۇ مەلۇم نىسبەتتە تۇرمۇشتا بار ئىشلار دە بۇ ،..

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3393
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 2908 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 11:22:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رازۋېتكا ھىكايىسىنى قويۇپ بۇنىڭغا تۇتۇش قىپسزدە..
بۇمۇ ياخشى بوپتۇ....لىكىن ...ئامال بار رازۋىتكا ھىكايىسىنى يازسىڭىز ،ھەممەيلەن بەك ئامراق بولغاندىن كىيىن...

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36767
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 145
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1601 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 11:31:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمايمەن دەپ  بەك  ئىتتىك  يىزىپسىزغۇ،رەخمەت

شەرمى ^^ ھايا ___ ق

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 675
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10342
تۆھپە نۇمۇرى: 681
توردا: 1260 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 11:53:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا..............ھا................ھا................. ، نېمانداق قىزىقارلىق ..... ئەتىگەندە بىر كۈلىۋاپتىمەن

كىشىلەردىن ھايا يوقالسا ، ئورنىغا بالا كېلىدۇ.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60437
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1170
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 1213 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2011-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 11:53:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزدە يىڭىچە نەرسىلەرنى يازىدىغان تالانىت باركەن ئەمەسمۇ، مەن يەنە بىر دىلۇكەندە دەپ كىرسەم ئەمەسكەن دىسە.

تىزىملاتقان ئىسمىمنى ئامىلەگە ئۆزگەرتكۈم بار ئىدى.

كەتتى..تۈگىدى.....

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55818
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2054
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 1069 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 12:22:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىدىمغۇ.....ئىلھام كەگەندە يازماي ھەددى ئەمەس....شۇندامۇ مايماقجان؟؟؟؟  ھاھاھاھاھا..........بەك ياخشى چىقىپتۇ...تازا كۈلۈپتىمەن.....

ئەسلىدىنلا ئۆزى مەتو خەق ئىدى،
پىتلارنىمۇ تېرىپ-تېرىپ يەر ئىدى.
ئەمدى دەيدۇ بىز خەقلەرنى مەتو دەپ،
ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ قالغان پەس ئىدى.

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى ماھىر قەلەمكەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 659
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5861
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 2348 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 12:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگدىما ؟  مەن رەنا قىزنى نامان بايۋەتچىنى ياخشى كۆرىدىغاندەك ھېس قىلدىم .

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62511
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 12:33:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سىزنىڭ رازۋېتكا ھىكايىلىرىڭىزنى  بەك ياقتۇرىمەن.
رازۋىتكا ھىكايىسىنى يازسىڭىز،قابىلىيىتىڭىزنى تىخىمۇ ياخشى  جارى قىلدۇرالايدىكەنسىز. ئىجادىتىڭىزگە تىخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن مايماقجان.

ھەممە ئىشلار كۆڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 1839
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19636
تۆھپە نۇمۇرى: 763
توردا: 7305 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-26 01:45:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگىدىمۇ؟ ماڭا بۇ فانتازىيلىك ھىكاينىڭ داۋامى باردەك ھىس قىلدىم، ئەگەر داۋامى بولسا ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يازىمەن،داۋامى بولمىسا مۇنداق ئىنكاس يازىمەن:
تىمىغا تەكلىپ:
بۇ ھىكايە گەرچە فانتازىيىلىك ھىكايە بولسىمۇ فانتازىيە تۈسى ناھايتتى ئاز، سىرام يۇلتىزى دىگەن بىر ئاتالغۇ بىلەنلا فانتازىيىلىك بولۇپ قالغان. دىمەك بۇ ئەسەر فانتازىيە بىلەن مۇناسىۋىتى سەل يىراق بولۇپ قاپتۇ. لىكىن دادىسىنى ناھايتتى قىزىقارلىق تەسۋىرلەپتۇ. نىمىشقىدۇر مەركىزى ئىدىيە كۈچلۈك يورىتىپ بىرىلمەپتۇ.
بۇنداق دىسەمم خاپا بولماڭ-ھە؟ دوستۇم دەپ بىلگەنلىكىم ئۈچۈن راستىنى دىدىم.

فانتازىيىلىك ئەسەرگە مەن بەك ئامراق، بولسا فانتازىيەلىك تەسۋىرلىرى بىزنى ھەيران قالدۇرۇپ بىزگە سىرلىق تۇيغۇنى ھىس قىلدۇرغان بولسا...سىزنىڭ يىزىپ چىقالايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن.

يەنە بىر گەپ: رازۋىتكا ئەسىرىڭىز قاچان يوللىنىدۇ؟ ساقلاۋاتىمەن

ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش