خارۋاد:  قەدىرلىكىم، كەلمەمسىز.  مەكتىپىمىزنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 200 مىڭ دوللاردىن كەم ئەمەس ! ئېلانغا ئىشەنمەڭ ! ئوقۇغۇسى بارلارنى رەت قىلىشقا ئەڭ ئامراق مەكتەپ بىز ئەمەس ! ئەڭ ئادەمگەرچىلىكى يوقى ماسساچۇستىس تەبىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى ! ھەرگىز ئۇيەرنى ئىلماس قىلماڭ ! بىزگە ئىشىنىڭ ! گەرچە  20مىڭدىن ئارتۇق ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن پەقەت %9 لا ئادەم قوبۇل قىلساقمۇ، يەنىلا ئىلتىماس قىلىڭ!ناھايتى شۇ خەت ساندۇقىڭىزدا رەت قىلىنىش ئۇچۇرىدىن بىرسى كۆپىيىپ قالا . قېنى كېلىڭ ! تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىلتىماس قىلغۇچىلار كېلىڭلار! شۇنداق بولغاندا بىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىمىز %1 تۆۋەنلىشىدە ئۈمىد زور ! 
 
    
پرىنسىتون:  ھېچبولمىسا بىرەر پارچە ئىتلىماسنامىدە بولسىمۇ  كبرىڭىزنى تولۇق نامايەن قىلىڭ ! شۇنداق قىلالىسىڭىز مەكتىپىمىزگە قىسىلماي كىرەلەيسىز !  بىلىڭكى ، بىزنىڭ يېشىمىز ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭكىدىنمۇ چوڭ ! 
  
    
غەربىي قىسىم ھەربىي مەكتىپى :  ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇيسىز ، پۇلدىن قىسىلمايسىز 
   
 يالى: مەكتىپىمىزگە كەلگىنىڭىزدىلا ۋىليام.خاۋورد(27-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى)،چوڭ بوش(41-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى)،كىلىنتون(42-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى)،كىچىك بوش(43-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى) قاتارلىقلارنىڭ ئىزىغا ئەگىشەلەيسىز ، بىز سىزگە بىر دۆلەتنى قانداق ئىدارە قىلىش ياكى قانداق ۋەيران قىلىشنى ئۆگىتىمىز.
 
    
ستانفورد: خارۋاد نېمىگە ھېساپ ؟  كالفورنىيە بىزنىڭ زېمىنىمىز . سىز بىزگە نىسبەتەن ئۇنچە مۇھىم ئەمەس ، بىراق يەنىلا ئىلتىماس قىلىپ قويغىنىڭىز ياخشىراق، ئامىتىڭىز كېلىپ چوڭ مۇكاپات تۇتۇپ قالامسىز تېخى .
    
كالفونىيە تەبىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتىتى :  تۈن يېرىم سائەت ئۈچ،تۆتلەردە خەققە ئوخشاش شىرىن چۈش كۆرۈپ ياتماستىن ،ئەكسىچە فىزىكا تەجرىبىخانىسىدا ھاردىم-تالدىم دېمەي تەجرىبە ئىشلەپ ئىلىم-پەننىڭ سىرلىرى ئۈسىتىدە ئىزدىنىش ، نىمە دېگەن ئەھمىيەتلىك ھايات ھە ! ئىچىڭىز پۇشقان ، كۆڭلىڭىز يېرىم ، ئاچچىقلانغان ۋاقىتلىرىڭىزدا  ئىچىگە نىترات كىسلاتا قاچىلانغان كاۋىنى ئالتىنچى قەۋەتتىن تاشلاپ پارتىلىتىش ئارقىلىق ئاچچىق چىقىرىش ، بېسىمنى يىنىكلىتىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟  قېنى ئۇنداق بولسا مەكتىپىمىزنى ئىلتىماس قىلىڭ !
   
    ماسساچۇستىس تەبىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى : بىز بىر توپ غەلىتە مەخلۇقلار ،  مەكتەپ قۇرۇلىشى ۋە ياتاقلىرىمىز بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ . مەكتىپىمىزگە ئىلتىماس قىلىپ سىناپ كۆرۈشىڭىز كېرەك . چۈنكى ، قانداق سەۋەپ بىلەن رەت قىلىنىدىغانلىقىزنى چوقۇم بىلگىڭىز بار .
    
دۇك ئۇنىۋېرسىتىتى : بىزنىڭ تەنھەركەت كوماندىمىز تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىمۇ يەر چىشلىتۋەتكەن!  ، قېنى ئېلتىماس قىلىڭ! مەكتىپىزدە يۈز بەرگەن باسقۇنچىلىق دېلولىرىدىن ئۇنچە قورقۇپ كەتمەڭ! 
    
دارتموس ئۇنىۋېرسىتىتى : مەكتىپىمىز يېڭى خامشپىردىمۇ ياكى ۋېرمونت شىتاتىدىمۇ ؟ بولدىلا غاجىشىپ ئولتۇتمايلى ، ئىشقىلىپ مەكتىپىمىز كۆپ مىللەتلىك رايوندا ، نېمىلا بولمىسۇن ، بىزنىڭ نامىمىز ياڭراق . ئەگەر سىز قارتېيىلىشنى ، دوستلار يىغىلىشىنى ياخشى كۆرسىڭىز مەكتىپىمىز سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭز بولالايدۇ.
    
كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتىتى: مەكتىپىمىز نيۇ-يوركنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان ، بىراق بىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىمىز پەقەت %10لا جۇمۇ.  تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ مەكتىپىمىزگە كىرەلمىسىڭىز  نيۇ-يورك ئۇنىۋېرسىتىتىگە بارسىڭىز بولىدۇ ، ئۇيەردىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى مەكتىپىمىزگە تاللىنالمىغانلار . 
    
    چىكاگو ئۇنىۋېرستىتى : گوت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان مەكتەپ قورۇسى ھەقىقەتەن كۆركەم .  سىز بىر غەلىتە ئادەم بولسىڭىز ،  غەلىتە ماقالىلەرنى يازالايدىغان قابىليەتكە ئىگە بولسىڭىز ، ئۇنداقتا مەكتىپىمىز سىزنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشىڭىز ! بىزگە كەلگەن ئىلتىماسلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىدىن غەلىتە يازمىلار.
    
بروۋىن ئۇنىۋېرسىتىتى: توغرا، مەكتىمىزنى بىرخىل رەڭ نامى بىلەن ئاتىشىمىزنىڭ سەۋەبى ، ئۆگىنىش مۇھىتىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەركىن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەگەر سىز بىر غەلىتە ئادەم بولۇشنى خالىسىڭىز ، ئۇنداق سىزنى تەبرىكلەيمىز ، سىز جايىنى تېپىپسىز . چىكاگو كالتەك توپ مەيدانىغا بېرىپ باققانمۇ ، ئۇ يەر بىزدىنمۇ «ئەركىن» ، بىراق ھېچقىسى يوق . ئىسىڭىزدە بولسىۇن، بىز ئەركىنلىككە چوقۇنىمىز ! 
    
ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتىتى :  تەنتەربىيە بىرلەشمىسىدىن رەت قىلىنغانلارنى قارشى ئالىمىز ! قېنى مەرھەمەت . نام-شۆھرىتىمىز ئۇيەرلەرگە يەتمىسىمۇ باشقا جەھەتلەردە ھېچكىمدىن قالغۇچىلىكىمىز يوق . ئەڭ پەيزى تۇرمۇش  كۆز ئالدىڭىزدىلا !
   
غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتىتى : بىز مىچىگان كۆلى بىلەن قوشنا . سىز چىكاگو شەھەر مەركىزىگە ۋېلىسپىتلىق بېرىپ كەلسىڭىز بولىدۇ  . بىراق راستلا  شۇنداق قىلسىڭىز توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن 
   مەنبە : شىنخۇا تورى