مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3173|ئىنكاس: 27

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ سى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5110
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 08:53:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ سىجىل تەرەققىيات يولى


جۇڭگۇ خەلىقئارالىق رادىيو ئىستانسىسى تورى



      2011-يىلى 16- دىكابىر خەۋىرى  
      خەلىقئارالىق خەۋەرلەر تورى خەۋىرى (مۇخبىر: لىن لۇ): جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى قەشقەر شەھىرى جۇڭگۇنىڭ ئەڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، ياۋرۇ- ئاسىيا قۇرۇقلىقنىڭ مەركىزى، يازما يادىكارلىقلاردا خاتىرىلىنىشىچە 2100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم بىر ئۆتەڭ. 2011- يىلى 30- سىنتەبىر، جۇڭگۇ گوۋۇيۈەننىڭ « قەشقەر قورغاس ئىقتىسدىي ئېچىۋىتىلگەن رايونى قۇرلۇشىنى ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار كۆپلىگەن پىكىرلىرى» رەسمىي يوسۇندا ئىلان قىلىندى، قەشقەر ئىشىكنى سىرىتقا ئېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان جۇڭگۇ ئىچكى قۇرۇقلىقىدا قۇرۇلغان تۇنجى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون بولدى. قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تەرەققىيات پۇرسىتىنىڭ بىخلىرى ئۆسۈشكە باشلىدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك كومىتىتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قەشقەر ئىقتىسادىي ئېچىۋىتىلگەن رايونى پارتىيە خىزمىتى سېكىرتارى، شەھەرلىك كومىتىتنىڭ سېكىرتارى چېن شۈگۇاڭ 15- دىكابىر بېيجىڭدا ئېچىلغان قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ئىستىراتىگىيلىك تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدىكى تەسەۋۇرلىرى ۋە پىلانلىرىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمبەھىرلەندى.
        چېن شۈگۇاڭ قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ سىجىل تەرەققىيات يولى- شەكىلنى ئەركىنلەشتۈرۈپ، خەلىقئارالىق يىشىل شەھەر بەرپا قىلىشتىن باشلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلەپ: « بايلىق مەنبەسىنى توپلاشقا بېقىنغان ئاساسىي ئۇسۇل ۋە كەڭ كۆلەملىك تۇپراق ئېچىش ئارقىلىق شەھەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قەدىمكى ئەنئەنىۋى شەكىلنى بۇزۇپ تاشلاپ، قەشقەرنى بەشىنجى ئەۋلاد خەلىقئارالىق يېڭى شەھەر قىلىپ قۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئالاھىدىلىكنىڭ بىرى، تۆۋەن سەرمايىدە يۇقىرى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئاقما ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تۈۋرۈك قىلىشتۇر. زور كۈچ بىلەن پۇل- مۇئامىلە ساھەسى، ساياھەتچىلىك، مال ئوبۇرۇتى قاتارلىق ئىقتىسادىي شەكىللەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئادەم كۈچى، مال، مەبلەغ، ئۇچۇر قاتارلىقلارنى جەلىپ قىلشىمىز لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن دۇنيادىن ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، پۈتۈن دۇنيا ئىختىساس ئىگىلىرىنى قەشقەرنىڭ ئەپچىل ۋە يۇقىرى ئۈنۈمدە تەرەققىي قىلىشىغا خىزمەت قىلدۇرىشىمىز، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر قەشقەرنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققىي تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك»  دېدى.
    قەشقەر پامىر ئىگىزلىكىنىڭ شىمالى باغرىغا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، تەبئىي بايلىقلىرى مول، مەھسۇلاتلار نۇرغۇن. چېن شۈگۇاڭ قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى تەبئىي مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلمەسلىكى، تۆۋەن كاربۇنلۇق ئىقتىسادىي يول بىلەن قەشقەرنىڭ گۈزەللىكنى قوغداش ھەققىدە توختۇلۇپ: « تۆۋەن كاربۇنلۇق يىشىل ئېكولوگىيەلىك تەرەققىياتنى باشلامچى قىلىپ، تۆۋەن كاربۇنلۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۆۋەن كاربۇنلۇق تۇرمۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك يىشىل ئېكولوگىيە بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەشقەرنىڭ دەل- دەرەخ ۋە ئورمانلىرىنى، مۇز تاغ ۋە دەريا- كۆللىرىنى، نەم يەر ۋە يىپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى، بوستانلىق ۋە ئوتلاقلىرىنى قوغداشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش؛ بايلىق مەنبەسىنى ئېچىش بىلەن ئېكىلوگىيلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، قەشقەرنىڭ گۈزەل مۇھىتى ۋە بوستانلىقنىڭ يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
    قەشقەر ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىياتقا ئىگە، ئۇيغۇركۈلتۈرىسىنىڭ بۆشۈكى، ھېيىتگاھ مەسچىتى، ئاپاق خوجا مازىرى قاتارلىق تارىخىي يادىكارلىقلار دۇنياغا تونۇلغان. ئالاھىدە ئۇسلۇبتىكى ئىگىزلىك ئاھالىلىرى، سىرلىق ئوردا ئۇسلۇبىدىكى قەدىمكى كوچىلار، دۇنياغا مەشھۇر « تۈركىي تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» لەر قەشقەر تارىخىي مەدەنىيتىنىڭ گۇۋاھچىسى. ناخشا- ئۇسۇلغا ماھىر، مىھماندوسىت ئۇيغۇر خەلقى كىشىلەرگە جۇڭگۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھەرلىرى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدىغان تۇيغۇ بېرىدۇ؛ گۈلچىلىك، كىيىم- كىچەك، سازچىلىق قاتارلىق مىللىي قول- ھۈنەر سانائىتى دۇنياغا مەشھۇر. چېن شۈگۇاڭ يېڭى بىر تەرەققىيات جەريانىدا، قەشقەر تارىخىي كۈلتۈرنى قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنى تەرەققىياتنىڭ تۈپ يىلتىزى قىلىش، قەشقەرنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق پارلاق تارىخىي كۈلتۈرسىنى راۋاجلاندۇرۇش، شەھەرنى ئېچىش بىلەن تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش مەسىلىسىنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىش، كۈلتۈر ساياھەتچىلىكىنى بەرپا قىلىش كىرەكلىكىنى ئىيتىپ ئۆتتى.
    چېن شۈگۇاڭ يەنە: « قەشقەر ئۇزاق مەزگىللىك كۈلتۈر تارىخىغا ۋە قويۇق مىللىي ئۇسلۇبقا، شۇنداقلا ئۆزگىچە تەبئىي مەنزىرىگە ئىگە، بارلىق ساياھەت مەنبەلىرى دۇنياۋى دەرىجىلىك. يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچىدا ساياھەت كۈلتۈرى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىكنى قەشقەر تەرەققىياتىدىكى ئىستىراتىگىيلىك ۋە تۈۋرۈكلۈك ساھە قىلىشىمىز، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بۇ يۇرتتىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان قىلىپ قويۇشىمىز كېرەك»  دېدى.
    قەشقەردە چىگرا ئېغىزى توپلىشىپ قىلىشتەك ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بار، پاكىستان، ھىندىستان، قىرغىزىستان، ئافغانىستان، ئۆزبىكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چىگىرلىنىدۇ، ئومۇمىي چىگىرا ئۇزۇنلىقى 888.5 كېلومىتىر. قەشقەردىن ئىسلام ئابادقا ئۇچۇدىغان ھاۋا لىنىيەسى ئېچىلدى، قەشقەر جۇڭگۇدىن ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربى ئاسىيا ۋە ياۋرۇپاغا چىقىشتىكى ئەڭ قۇلايلىق خەلىقئارالىق يولدۇر، ئۆز نۆۋىتىدە سىرىتقا ئېچىۋىتىشتىكى مۇھىم ئىشىك، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى كۈچلۈك. كەلگۈسىدە ھۆكۈمەت قەشقەردىن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە بولغان ھاۋا لىنىيەسى قۇرۇشنى قوللايدۇ، چېن شۈگۇاڭ بۇ ھەقتە قەشقەر بۇرۇن كارۋانلىق يىپەك يولى ئىدى، بۇنىڭدىن كىيىن تىرىشىپ قەشقەرنى ھاۋا يولىدىكى يىپەك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز، دۇنيا مىقياسىدىن قاراپ، چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىپ، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كەڭ راۋاجلاندۇرۇپ، تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرىمىز دىدى. « چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىشتا، (جۇڭگۇ) قەشقەرنىڭ يۇقىرى نۇقتىدا تۇرۇپ چەتئەل كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قولللاش كىرەك، مىسالەن ئىيىتساق، پۇل- مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئاۋال قەشقەرنىڭ سىناق قىلىپ يۈرگۈزىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، بىز بۇ نۇقتىدىن پايدىلىنىپ چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىدىغان ساھەلەرنى تېپىپ چىقىمىز. بۇنىڭدىن باشقا، چەتئەل ھاۋا لىنىيەسى قۇرۇشقا نىسبەتەن، (جۇڭگۇ) دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ھاۋا يوللىرىنىڭ بىۋاستە قەشقەرگە تۇتۇشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، يەنە ساياھەتچىلىك، كۈلتۈر ئالماشتۇرۇش، ئىنىرگىيە تېجەش ۋە مۇھىت ئاسىراش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ چەتئەل مەبلىغىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە جەلىپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ ئۆتتى.
    چېن شۈگۇاڭ يەنە پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەرەققىياتىنىڭ مىۋىسىنى تىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى؛ نۆۋەتتە، يېڭى بىر قىتىملىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتا قەشقەر ئالاھىدە رايوننىڭ %70 مەبلىغى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلىشىغا ئىشلىتىلدى، مەسىلەن، تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار. كېلەچەكتە ئالاھىدە رايون قەشقەر پۇقرالارغا تېخىمۇ بەخىتلىك تۇرمۇش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. چېن شۈگۇاڭ تەكىتلەپ: « ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقلىق پۇقرالارغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى، پۇقرالارغا كىيىنكى تۇرمۇشىنىڭ قۇياش نۇر، بەخىت ۋە ئۈمىدكە تولغانلىقىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پۇقرالار كۈتكەن نەتىجە ئىكەنلىكى، لىكىن جەمىيەت ئامانلىقى سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ساقلاشتىكى زۆرىيەت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرىمىز. قەشقەرگە قەدەم بىسىپ باققان بارلىق كىشىلەر قەشقەر خەلقىنىڭ ئىنتايىن ساپ دىل، مىھماندوسىت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. بۇ جايدا 2100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي كۈلتۈر، ئۆز- ئارا سىغىشقان مەدەنىيەت، ئېتىقادنى ھۆرمەت قىلىشتىكى پەرق بار. ئەگەر پۇرسەت بولسا كۆپچىلىك قەشقەرگە بېرىپ كۆرۈڭلار، مەن كۆپچىلىكنىڭ بۇ نۇقتىنى ھىس قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، يەنى ئىقتىسدىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ جەمىيەت ئامانلىقى ياخشىلىنىدۇ، مۇقىملىقمۇ ياخشىلىنىدۇ » دېدى.


تەرجىمە قىلغۇچى: Haci
جۇڭگۇ خەلىقئارالىق رادىيو ئىستانسىسى خەۋەر تورىدىن تەرجىمە قىلىپ يوللاندى


ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2168
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 9425 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 09:58:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مەدەنىي ئەسەرئەتىقىلەر تارىخى قۇرۇلۇشلار  كۈل تەرىپىدىن كۈل بوپتىمىش .

ماڭغان يولۇڭدا غېرىپسەن، بۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ ئازلىقىدىن يالغۇزلۇق ھىس قىلما!ساڭا قارشى چىققۇچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن مەيۈسلىنىپمۇ كەتمە. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبى دۇنيا بىلەن باغلانغان چاغدا ، ئى قەلبى بىلەن يالغۇز قىلىش سۈيگۈسىگە چۈمۈلگەن ئىنسان ساڭا مۇبارەك بولسۇن.

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5110
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 1750 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 10:22:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(kaisar) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

بەدەلسىز ئىش بولماس دەپ ئاڭلىغانتىم. بەلكىم مۇشۇمۇ بىر بەدەل بولۇشى مۇمكىن. قېنى قاراپ باقايلى، كىيىنچە ياخشىلىنىشمۇ بولۇپ قالار.

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5460
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4400 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 11:01:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر شەھەردىن 22كىلومىتىر نېرلىقتىكى بىزنىڭ ئۆيلەرمۇ چېقىلارمىش ئاڭلىسام ...

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

ياخشى ئەخلاق-راستچىللىق ۋە پاك

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38489
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3345
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 1862 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 11:01:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!

چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىرە چۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65380
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1261
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 11:04:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجدادلار ياراتقان مەدەنىيەتنى بەزىلەر كىلىپ بۇزىدۇ، بەزىلەر قىلغان قۇرۇلۇشلارنى كىيىنكىلەر چاقىدۇ! مانا بۇ يەر يۈزىدىكى ئىسلاھات! قۇرۇپ كەتسۇن!

تەڭ ئىدۇق تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن نەتىجىلىرىڭدىن،
تەڭ بولارمىز ئاخىر بىركۈن قەبرە ئالدىدا.

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 23361
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4312 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 11:04:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(sazguri) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

تۆلەمممممممممممممممممممممم ئالىسىز خاتىرجەم بولۇڭ !
بىنـــــــــــــــــا ئۆيگە چىقىسىز خاتىرجەم بولۇڭ !

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

فىلىم ئشلەش ھەۋە

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 1007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5460
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4400 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 11:07:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6قەۋەتتىكى(XERHAN) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

شىركا سىللە ما تىمىدىكى ئىنكاسىمنى بى كۆسىلە https://uyghur-archive.com/misranim/viewthre ... p;amp;page=1#900756
شۇ بىنا ئۆينى شۇ ھە  !!!ھە.

فىلىم ئشلەش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللشى ziltar.net

DUNYA,,MUHABBATKA,TULSUN.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6527
يازما سانى: 256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6568
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 11:43:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامانلىقنى ئۇيلاۋەرمەي ياخشىلىقنىمۇ ئۇيلاش كىرەك،،،ئاپتۇنۇم رايۇنلوق پارتىكۇم كىيىن تەرەققى قىلىپ ھەممىدىن ئىشىپ كىتىشى ئىرادىسىگە كەپتۇ ،،شىنجاڭلىقلارمۇ گۇڭدۇڭ ،شىنجىنلىقلاردەك باي بۇلمايدۇ،،مەڭگۇ مۇشۇنداق كەمبەغەل ئۇتىدۇ،،،دەپ كەتكىلى بۇلمايدۇ،،،مەركەز شىنجاڭنى باي قىلىمەن دەيدىغان قەتئى ئىرادە بۇلسا بۇ تەس ئىشى ئەمەس ئۇمۇتۋار بۇلايلى ،،،

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18814
تۆھپە نۇمۇرى: 276
توردا: 6535 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 11:46:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

3قەۋەتتىكى(sazguri) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

ۋاتۇجىدا چاقامدىكىن ياكى جاڭسەنجىدە چاقامدىكىن .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش