مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1354|ئىنكاس: 0

ئىسلام دىندىن تېرورلۇققا نەزەر  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىمىنجان ھىدايە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15099
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10514
تۆھپە نۇمۇرى: 1944
توردا: 1581 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 06:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلام دىنىدىن تېرورلۇققا نەزەر   

ئەھمەتجان ھەسەن




21- ئەسىر باشىلىنىش بىلەن، ئەسلىدىنلا خەلقارا سىياسى ۋەزىيەتتىكى قارشىلىشىش ۋە سۆزلىشىش، تۇقۇنۇش ۋە ھەمكارلىشىش، قالايمىقانچىلىق ۋە مۇقۇملىق، زومىگەرلىك ۋە زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش ، دۇنيانىڭ كونا تەرتىپىنى ساقلاپ قېلىشقائۇرۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا قارشى يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىشتەك ئوخشىمىغان كۈچلەر ۋە كۆز قاراشلار ئوتتۇرسىدىكى مۇرەككەپ كۈرەش ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن، تىنىچ بولماي كىلىۋاتقان دۇنيا تېخىمۇ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى. بۇلۇپمۇ ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر گوروھ كىشىلەر تەرەپىدىن 2001-يىل 9-ئاينىڭ 11- كۈنى ئامرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون ۋە نيويورك شەھەرلىرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېرورلۇق ھەركىتى پۈتۈن يەرشارىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە زور داۋالغۇش پەيدا قىلدى. ئىنسانىيەت تېرورلۇقنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن، خەلقارا جەمىيەت تېرورلۇققا بولغان ھۇشيارلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكتە تېرورلۇقنى ئەيىپلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملىشىنى مۇراجەت قىلدى. تېرورلۇققا زەربە بىرىش ۋە ئۇنى يىلتىزىدىن يوقۇتۇش، پۈتۈن دۇنيادىكى تىنىچلىق سۆيەر خەلقلەرنىڭ ئاساسى نىشانىغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تېرورلۇقنى پەيدا قىلغان بىر ئۇچۇم ئەسەبىي كۈچلەر ئوخشىمىغان رايون ۋە دۆلەتلەردە ئاشكارا ياكى مەخپىي ھالدا تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرخىل شەكىلدىكى زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، ھاكىمىيەتكە قارشى ئاغدۇرمىچىلىق ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇلۇنۇپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. ئۇلار پەيدا قىلغان تېرورلۇق ۋەقەلىرى، تېرورلۇق يۈز بەرگەن دۆلەت ياكى رايوننىڭ سىياسى مۇقىملىقىغا، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل يەرشارىنىڭ تىنىچلىق ۋە تەرەققىياتىغا زور بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. «11-سىنتەبىر ۋەقەسى››دىن كىيىن، پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى ھەرقايسى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى (تېلىۋىزور،

رادىئو، گېزىت ژورناللار)دا، مەزكۇر ۋەقەنى ئومۇميۈزلۈك ئەيىبلىدى ۋە ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇدى. كۆپ سانلىق مەشھۇر ئىسلام ئالىملىرىمۇ ئىسلام دىنىي تەلىماتىنىڭ باشقا دىنلارغا ئوخشاش، ھەر قانداق شەكىلدىكى زورلۇق ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىغىنى ۋە ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىغىنى بىلدۈردى. ھەم «ئىسلام» ۋە «تېرور» سۆزلىرىنى بىر-بىرىگە باغلاپ ياكى تۈرلەپ ئىشلىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما ئىسلامنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن «قۇرئان كەرىم»

ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ۋەھىي، كۆرسەتمىلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە مەنىسنى چۈشەنمەيدىغان، چۈشەنسىمۇ ئۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدىغان ئاز ساندىكى يەنە بىر قىسىم كىشلەر. تېرورلۇقنى سادىر قىلغان ئاشۇ بىر گوروھ كىشلەرنىڭ دىنىي ئېتقادىنىڭ ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىگە قاراپلا، ئاشۇ ئۇرۇش، توقۇنۇش ۋە پارتىلتىشلارنى ئىسلام دىنى پەيدا قىلغان، ئىسلام دىنى، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېرورلۇقنىڭ مەھسۇلى دەپ قاراشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ مۇسۇلمانلار ئارىسدا، «ئىسلام دىننىڭ ھەقىقىي مۇقەددەس نامى»نى قايتىدىن تىكلەپ، ئۇنى دىننى سىياسىيلاشتۇرۇپ، تەشكىلنى ئاپراتلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەقىدە ۋە ئىدىيلەرنى ئەسەبىيلەشتۈرۈپ، زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق پەيدا قىلۋاتقان دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە تېرورچىلارنىڭ سەپسەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدىكى سادالار ھەممە يەرنى قاپلىدى ھەم ئۇلار ئىسلام دىنىنى ئاقلاش يولىدا ئاجايىپ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى .دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېرورلۇق بۈگۈنكى دۇنيادا بار بولغان دىنلارغا ئىتقاد قىلىپ كىلۋاتقان ئىنتايىن ئاز ساندىكى يامان نىيەتلىك كىشلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. لېكىن ئۇ قايسى دىننى يېپىنچا قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقرىشتىن قەتئىينەزەر، ھەرگىز شۇ دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى مەيلى يەھۇدى، خرىستىئان، ئىسلام، بۇددا، ياكى باشقا دىنلاردا بولسۇن، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي دەستۇرلىرىدا ئەسەبىيلىك، جاھىللىق، مۇتەسىپلىك، قىزىققانلىق، زوراۋانلىق ياكى تېرورلۇقنى تەكىتلەيدىغان، ئۇنى قىلغانلارغا «مۇكاپات بېرىمىز» دەيدىغان سۆز-ئىبارىلەر يوق. مەيلى يەھۇدىي، خرىستىئان، ئىسلام، بۇددا، ھىندى ياكى باشقا دىنلاردا بولسۇن، ئۇلار بارلىققا كېلشى بىلەن تەڭ ئىنسانلار ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت ۋە گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆز نىزامىغا ئايلاندۇرغان، شۇڭا، ئۇنداق ياكى مۇنداق قاتىللىق ۋە ۋەھشىيلىكلەرنى پەيدا قىلغان تېرورچىلارنىڭ يەھۇدىي، ناسارا ياكى مۇسۇلمان بۇلۇشىغا قاراپلا، شۇ دىنلار توغرىسىدا توغرا بولمىغان پىكىر ۋە خۇلاسىلەر چىقرىش تولىمۇ ئەقىلسىزلىق، يەنى مەلۇم بىر تېرورچىنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىگە قاراپلا، ئۇنىڭ جىنايىتىگە شۇ دىننىڭ نامى بىلەن ئات قۇيۇش توغرا ئەمەس. مەسلەن، تېرورچى ئۆزىنى يەھۇدىي دىنى مۇخلىسى دېسە، ئۇنىڭ جىنايىتىنى«يەھۇدىي تېرورچىلىقى» دېيىش؛ تېرورچى ئۆزىنى خىرىستىئان دىنى مۇخلىسى دېسە، ئۇنىڭ جىنايىتىنى «خرىستىئان تېرورچىلىق» دىيىش؛ تېرورچى ئۆزىنى مۇسۇلمان دېسە، ئۇنىڭ جىنايىتىنى «ئىسلام تېرورچىلىقى» دېيىش خاتا. بىزگە مەلۇم، زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇقنى ئۆز ئادىتىگە ئايلاندۇرغان، ئەسەبىيلەشكەن ئەقىدىلەرنى دەستەك قىلغان دىنىي سىياسىي ئېتقادلار، پەقەت يۇقىرىقى دىنلارنىڭ مەيدانغا كېلىش ۋە تەرەققى قىلىش مۇساپىسىدە، سىياسىي، ئىجتىمائىي تارىخى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەلۇم سىياسىي غەرەزنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دىننىڭ نامىنى سۈيئىستېىمال قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېگىنى ۋە قىلغىنى دىن ئەمەس، شۇنداقلا دىندىكى ئاساسىى ئېقىممۇ ئەمەس.
تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇلارنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى دىنغا قىلىنغان ھاقارەت بۇلۇپ، مەقسىتى كىشلەرنى دىندىن چەتلەشتۈرۈش، باشقىلاردا ئىمان-ئېتقادلىق ئادەملەرگە نىسبەتەن ۋە غەزەپ پەيدا قىلىش، چۈنكى، تېرورلۇق ئىمان-ئېتقادنىڭ دەل ئەكسى بۇلۇپ، باشتىن-ئاخىر رەھىمسىزلىك، زۇلۇم ،قاتىللىقنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىمان-ئېتقاد بولسا رەھىم-شەپقەتلىك، مېھرى-مۇھەببەتلىك، كۆيۈمچان، ئەپۇچان بۇلۇشقا، تىنچلىق، ئاسايىشلىق بەرپا قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
1.«قۇرئان كەرىم »دىن تېرورلۇققا نەزەر
بىزگە مەلۇم، ئىسلامنىڭ ئاساسى «قۇرئان كەرىم» مۇسۇلمانلارنى رەھىم-شەپقەت، مېھرى-مۇھەببەت، كەمتەرلىك بىلەن ياشاشقا چاقىرىق قىلغان بۇلۇپ، «ئىسلام» دىگەن سۆز ئەسلىدىنلا «ئۇرۇش»،«ئۆچمەنلىك» دېگەن سۆزلەرگە قارىمۇ-قارشى بولغان «تىنچلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئىدى. شۇسەۋەبتىن بولسا كېرەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى ئەرەب دەۋرى «جاھىلىيەت دەۋرى»، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كىيىنكى دەۋر «ىسلام دەۋرى» دەپ ئاتالغان. مەشھۇر ئىسلام ئالىمى ئەھمەد ئەمىنمۇ «ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرى» ناملىق ئەسىرىدە: «جاھىلىيەت» دېگەن سۆز، «بىلىم» دېگەن سۆزگە قارىمۇ-قارشى ئېيتىلغان سۆز ئەمەس. بەلكى «ئۆچمەنلىك، چوڭچىلىق، يولسىزلىق، زوراۋانلىق» دېگەن مەنىدە ئېيتىلغان سۆزدۇر دەيدۇ، يەنە شۇ ئەسەردە تەبىرىنىڭ «قۇرئان تەفسىرى» دىن نەقىل ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھھنىڭ بەندىلىرى رەھىمدىللىك بىلەن يولدا كېتۋاتقاندا باشقىلار ئۇلارغا زۇلۇم سېلىپ يولسىزلىق قىلسىمۇ، ئۇلار ئۇنداق قىلمايدۇ»①. كۆرۈۋالايمىزكى«ئىسلام» دېگەن سۆز «كەمتەر-ئەدەپلىك بۇلۇش، ئىتائەت قىلىش» دېگەن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھھ «قۇرئان كەرىم» كىشلەرنى گۈزەل ئەخلاققا يۈزلىنىشكە، شەيتان ئىزىدىن يۈرمەسلىككە، زۇلۇم قىلماسلىققا چاقىرىق قىلغان:
«ئى مۆمىنلەر! ئىسلام دىنغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار (يەنى ئىسلام دىننىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىغا بويسۇنۇڭلار، بەزى ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىپ، بەزى ئەھكاملىرىنى تەرك ئەتمەڭلار)، شەيتاننىڭ يوللىرىغا (ۋە ئېغۋاسىغا) ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر»②. ئاللاھھ كىشلەرنى يەر-يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىققا چاقىرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتقانلارنى «شەيتاننىڭ ئىزىدىن ئەگەشكەنلەر» دەپ ئاتايدۇ.
قۇرئان تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا، مۇسۇلمان كىشى ھەربىر ھەركىتى ئۈچۈن ئاللاھھ ئالدىدا جاۋاپكاردۇر. شۇڭا ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا ھەققانىي، ئادالەتپەرۋەر، رەھىم-شەپقەتلىك بۇلۇش، مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ياخشىلىق قىلش، ئاجىز، مۇھتاج كىشلەرنى قوغدىش ۋە ھىمايە قىلش، باشقىلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن توسۇش كېرەك.
«قۇرئان كەرىم»دە مۇسۇلمانلارغا مۇنداق خىتاب قىلىنغان.«ئۇ (ھۇزۇرۇڭدىن) قايتقاندىن كىيىن، زىمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە زىرائەتلەرنى، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلش ئۈچۈن تىرىشىدۇ (ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ئەمەلدە ئىنسانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈندۇر، چۈنكى زىرائەتسىز ۋە ھايۋاناتسىز ئىنسانلارنىڭ ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس). ئاللاھ بۇزغۇنچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ» ③.ھىچقانداق گۇناھى يوق ئادەمنى ئۆلتۈرۈش، بۇزۇقچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى ھىسابلىنىدۇ. ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە مۆمىنلەرنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرغان:«كىمكى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمىگەن ياكى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەندەك بۇلىدۇ، كىمكى بىر ئادەمنى تىرىلدۈرسە (يەنى قۇتقۇزسا ياكى ھايات قېلىشىغا سەۋەبچى بولسا)، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى تىرىلدۈرگەندەك بۇلىدۇ»④. بۇ ئايەتتىن، بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ جېنىغا زامىن بۇلۇشنىڭ نەقەدەر ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلۋالايمىز «ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىسنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن بۇزغانلار، ئاللاھنىڭ سىلە-رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت ئەمىرىنى تۇتمىغانلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار-ئەنە شۇلار لەنەتكە دۇچار بۇلىدۇ ۋە (ئولارنىڭ) ئاخىرەتلىكى يامان بۇلىدۇ»⑤. «ئاللاھ بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» ⑥. بۇ ئايەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنلەرگە ئاللاھ لەنەت ئوقۇيدۇ. «قۇران كەرىم» يەنە جىنايەت سادىر قىلىش مەقسىتىدە بىرلەشكەن مۇناپىق قەۋمنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا لەنەتلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ بىرىدە، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىپ، پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش پىلانىنى تۈزگەن توققۇز كىشلىك بىر گۇرۇھ ھەققىدە مەلۇمات بىرىدۇ: «شەھەردە (يەنى ھىجرىدە) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان توققۇز نەپەر كىشى بار ئىدى. ئۇلار: ‹ئۆزئارا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىڭلار› دىدى. ئۇلار ئېيتتى: ‹بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چۇقۇم ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن چۇقۇم ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنىڭ) ئىگىسىگە، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا بىز ئۈستىدە ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راستچىلمىز دەيلى›. ئۇلار (سالىھقا قارشى) سۈيىقەست پىلانلىدى. ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ ھالاك بولىشىنى تىزلىتىش ئۈچۈن) سۈيقەستى ئۈچۈن تۇيۇقسىز جازالىدۇق① .«قۇرئان كەرىم» ئىمان ئىگىلىرى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ھەمىشە تىلغا ئېلىپ ئۇنىڭ
نامىدىن قەسەم ئىچىش، كىشىنىڭ ئىمانى ۋە تەقۋادارلىقىغا ئاساس بولالمايدۇ. ئېھتىمال بۇ ئادەملەر ئاللاھنىڭ نامىنى ئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ، كۇفرى، ۋەھشىيلىك ۋە ياۋۇزلۇقلار بىلەن مەشغۇل بولۇشى، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ۋە ئىسلام ئەخلاقلىرىغا تۈپتىن زىت بولغان نەرسىلەرنى شۇ قەسەملىرىنىڭ ئاستىغا يۇشۇرغان بۇلۇشى مۇمكىن. ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە مۇسۇلمانلارنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ پاراۋانلىقى ۋە ئاسايىشلىقى يولىدا كۆپلەپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا چاقىرىدۇ : «ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنۇتمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، (سەن ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگىمۇ) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ»② . بۇنىڭدىن مەلۇمكى، «قۇرئان» ھەربىر ئىمان-ئېتقادلىق ئادەمدىن، بارلىق ئىنسانلارغا رەھىم -شەپقەت يەتكۈزۈشنى، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلدە بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . يەنە مۇنۇ قۇرئان ئايەتلىرىدە: « ئاتا-ئاناڭلارغا، خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، يىتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا ، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا) مۇساپىرغا قول ئاستىڭلاردىكى قول-چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبىھسىزكى، ئاللاھ مۇتەككەبىر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ»③ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق»④. يۇقىرقىلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، «قۇرئان» مۇسۇلمانلارنى، ھەممە ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشقا دەۋەت قىلغان بۇلۇپ، جېدەل- ماجىرا ۋە غوۋغالاردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەم ياخشىلىق قىلغانلارغا «بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بۇلىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ»⑤. دېگەندەك مۇكاپاتلارنى ۋەدە قىلىدۇ. يەنە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى، مۇسۇلمانلارنى ئادالەتپەرۋەر، كەڭ قورساقلىق بىلەن ياشاشقا دەۋەت قىلىدۇ :
«ئى مۆمىنلەر! خۇدالىق ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشتە، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ياكى تۇغقانلىرىڭلارنىڭ زىيىنىغا (گۇۋاھلىق بېرىشكە) توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئادالەتنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار، (گۇۋاھلىق بېرىلگۈچى) باي بولسا (ئۇنىڭغا رىئايە قىلماستىن)، ياكى پېقىر بولسا (ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتماستىن) ھامان ئادىل گۇۋاھ بېرىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن ئۇلارغا يېقىندۇر (يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنىڭ نېمىدە بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ)، نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگىشىپ (ھەقىقەتتىن) بۇزۇلۇپ كەتمەڭلار. ئەگەر تىلىڭلارنى تولغىساڭلار (يەنى گۇۋاھلىقتىكى پاكىتنى بۇزمىساڭلار)، ياكى گۇۋاھلىقتىن باش تارتساڭلار، ئۇنداقتا ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچىدۇر»⑥.
يۇقىرقى ئايەتتە، يەر يۈزىدىكى ھەر قانداق ئادەمگە، مەيلى ئۇ قايسى مىللەت، ئىرق ۋە دىنغا تەۋە بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئادىل مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈگى تەكىتلەنگەن. ئىسلام تەكىتلەۋاتقان ئادالەت ھەرگىز زامان ماكان ۋە ئادەمگە قاراپ ئۆزگەرمەيدۇ. يەنە كىلىپ ئاللاھ يەر يۈزىدىكى تۈرلۈك قوۋم ۋە ئىرقلارنى بىر-بىرى بىلەن دۈشمەنلەشسۇن دەپ ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئارا تۇنۇشۇپ، ئالاقە قىلىپ ياشىسۇن دەپ ياراتقان. دىمەك، ئاللاھ دۇنيانىڭ خىلمۇخىللىقى ۋە رەڭگارەڭلىكىنى ئىرادە قىلغان. ئەمما تېرورچىلار ئادىل ۋە كەڭ قورساقلىقتىن مەھرۇم بولغاچقا، ھەر قانداق بۇزغۇنچىلىق ۋە ئادالەتسىزلىكنى ناھايىتى ئاسان، ۋىجدان ئازاب چەكمىگەن ھالدا قىلىۋېرىدۇ. لېكىن ئۆزلىرى يەنىلا بىر خىل ئەندىشە، قورقۇنچ ۋە خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ياشايدۇ. چۈنكى، ئىچكى قىسىمدا بىر-بىرىگە ئىشەنچ بولمىغاچقا، باشقىلارنىڭ ساتقىنلىق قىلشىدىن قورقىدۇ. بۇ ھالەتلەر ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بېلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى رەھىم-شەپقەتلىك بۇلۇش، ياخشىلىق قىلىش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشتەك ئېسىل گۈزەل ئەخلاقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىدىن باشقا بارچە ئادەمگە بىر خىل غەزەپ -نەپرەت بىلەن قارايدىغان بىنورمال ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ (ھەقلىرىنى) ئادا قىلشقا تىرىشىڭلار، ئادىللىق بىلەن گۇۋاھ بېرىڭلار، بىرەر قەۋمىگە بولغان ئۆچمەنلىكىڭلار (ئۇلارغا) ئادىل بولماسلىقىڭلارغا سەۋەب بولمىسۇن. (دۈشمىنىڭلارغا) ئادىل بۇلۇڭلار، بۇ (يەنە ئۇلارغا ئۆچمەن تۇرۇپ ئادىل بۇلۇشۇڭلار) تەقۋادردارلىققا ئەڭ يېقىندۇر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»①. مانا بۇئايەت بىزگە، قايسى دىن، ياكى مەزھەپتىكى قانداق ئادەم بولمىسۇن، ھەممىسىگە باراۋەر ئادىل مۇئامىلە قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۇشەندۇرۈپ بېرىدۇ. ‹‹قۇرئان كەرىم››دە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹دىندا(ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوقتۇر، ھىدايەت گۇمرانلىقتىن ئېنىق ئايرىلدى...››②. ‹‹سەن(ئۇلارغا) ۋەز-نەسىھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا) ۋەز-نەسھەت قىلغۇچىسىى سەن››③.قۇرئان››مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئەلۋەتتە، مۇسۇلمانلار‹‹قۇرئان كەرىم››دە بايان قىلىنغان ئەخلاقىي پىرىنىسىپلارنى ھاياتقا تەتبىقلاش توغرسىدا بىر-بىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشى، بىر-بىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى سەمىگە سېلىپ قۇيۇشى كېرەك. ھەرگىز باشقىلارغا، مەن بەشۋاخ ناماز ئوقۇغانلىقىم، ئون كۈن روزىنى ساق تۇتقانلىقىم، زاكاتنى تۇلۇق بەرگەنلىكم، ھەج قىلغانلىقىم ئۈچۈن مەن مۇسۇلمان، سەن كاپىر دېمەسلىكى، ياكى ئۆزىنىڭ كۆز-قارشى ۋە چۈشەنچىسى بىلەن باشقىلارنى ئۆلچىمەسلىكى كېرەك.
«قۇرئان كەرىم››دە يەنە: ‹‹بىز ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيىش كۇپپارلىرىنىڭ) ئېيتىدىغان سۆزلىرىنى ئوبدان بىلىمىز، سەن ئۇلارنى (ئىسلامغا) زورلىغۇچى ئەمەسسەن، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىمدىن قورقۇدىغانلارغا (قۇرئان بىلەن) ۋەز نەسىھەت قىلغىن››④. دەپ تەكىتلىنىش ئارقىلىق، ئىسلام دىنىغا باشقىلارغا دىنىي ۋەز-نەسىھەت ئېلىپ بىرىشقا بۇلىدىغانلىقى، ئەمما ئىككىنچى بىر ئادەمنى دىنغا كىرشكە زورلاشقا ياكى مەججبۇرلاشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ‹‹قۇرئان كەرىم›› كىشىلەرنى سەۋر-تاقەتلىك ۋە كەڭ قورساق بۇلۇشقا چاقىرىق قىلغان بۇلۇپ، تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئايەت بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ:
«ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرىغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنى قىلماي)، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن››⑤. مانا بۇ ئىسلامنىڭ ئاساسىي تەلىماتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ‹‹ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ،ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە)تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ)سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سرداش دوستۇڭدەك بۇلۇپ قالىدۇ››⑥. دېمەك يۇقىرقى ئايەتتە ئەپۇچان، كەڭ قورساق، رەھىم-شەپقەتلىك
——————————
① ‹‹قۇرئان كەرىم››،سۈرە مائىدە 8-ئايەت .
②‹‹قۇرئان كەرىم››،سۇرە ۋەقەرە 256-ئايەت .
③ ‹‹قۇرئان كەرىم ››،سۈرە غاشىيە 21-ئايەت .
④‹‹قۇرئان كەرىم ››،سۈرە قاف. 45-ئايەت.
⑤‹‹قۇرئان كەرىم ››،سۈرە ئەئراف 199-ئايەت .
⑥ ‹‹قۇرئان كەرىم ››،سۈرە فۇسسىلەت34-ئايەت.
بۇلۇشنىڭ ئىنساننىڭ ھەققىي خىسلتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسە، ‹‹بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسنى)تۇزىسە، ئۇنىڭ ئەجىرىنى ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ››①. دىيىش ئارقىلىق، ئۆزىدە ئەنە شۇنداق گۈزەل ئەخلاقىي سۇپەتلەرنى مۇجەسسەملەشتۇرگەن كىشىنى پەرۋە دىگارنىڭ ئالىي مۇكاپاتى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
‹‹قۇرئان كەرىم›› يەنى ئۇرۇش توغرسىدا توختىلىپ، ئۇرۇشنى ئامالسىز، ئىلاجىسىز قالغاندا ياكى زۆرۈرىيەت تۇغۇلغاندا، يەنى دۆلەت تاشقى دۇشمەننڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچۇراپ، خەلىقنى دۆلەت زىمىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلغاندا ئېلىپ بېرىشقا بۇلىدىغانلىقى، شۇنداق بولغاندىمۇ ئىنسانىي ئەخلاق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇن- نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەممىدىن زۆرۈرلىكىنى كۆرسىتىىپ بەردى .
‹‹...ئۇلار ھەرقاچان (رەسۇلۇللاغا قارشى) ئۇرۇش ئوتىنى ياقماقچى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ئۆچۇرىدۇ. ئۇلار بىر يۈزىدە (ئىسلامغا سۇيقەسىت قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارئارىسدا پىننە قوزغاش بىلەن) بۇزغۇنچىلىق قىلىىپ يۇرىدۇ، ئاللاھ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ››②. قىسقىسى‹‹قۇرئان كەرىم››بۇزغۇنچىلىق، زوراۋانلىقلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلگەن بۇلۇپ، يۇقىرقى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن، ئىسلام دىنىڭ ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا تىنىچلىقنىڭ تۇرۇشىتىن ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى چۈشىىۋالالايمىز.
2.جىھادنىڭ ھەقىقي مەنىىسنى توغرا چۇشنەيلى
‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ نازىل بۇلۇشى توپتۇغرا 23 يىلدا تاماملانغان بۇلۇپ ئۇنىڭ ئاۋۋالقى 13 يىلدا مۇسۇلمانلار ئاجىز ھالەتتە، مەككە مۇشىرىكلىرى كۇچلۈك ھالەتتە مۇسۇلمانلار ئاز سانلىقنى مەككە مۇشىرىكلىرى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغانىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى مەككە مۇشرىكلىرى تەرىپىدىن تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ، ھەرخىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار ھەممىشە مەككە مۇشىرىكلىرىنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىغاندىن سىرىت، بىر قىسمى مۇنىرىكلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن، ئۆيلىرى مال-مۇلۈكلىرى مۇسادىر قىلىنغان، ھەتتا ئۆز يۇرتىدىن قوغلانغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇسۇلمانلار مۇشىركىلارغا قارشى زورلۇق كۈچ ئىشلەتمىگەن، ئەكسىچە ئۇلاربىلەن سۈلھى تۈزۈپ تىنچلىقتا بىرگە ياشاشقا تىرىشقان.
بۇتپەرەسلەرنىڭ زىيانكەشلىكى چەكتىن ئېشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۇلىكى خەۋپ ئىچىدە قالغاندا، ئۇلار ئۆز يۇرتلىرى(مەككە)نى تەرك ئىتىپ، دەسلەپتە ھەبەشىستانغا، كىيىنچە يەسرىپ (كىيىنچە مەدىنە دەپ ئاتالغان) شەھرىگە بېرىپ ئورۇنلاشقان. كىيىنچە مۇسۇلمانلار مەدىنىدە سىياسى تەرتىپ ئورنىتىپ، ھەقىقىي كۈچ توپلىغاندىمۇ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ياكى كونا ھىساپ-كىتاپنى قىلىش ئۈچۈن مەككىگە ھۇجۇم قىلمىغان. پەقەت مۇنۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كىيىن، شۇنداقلا مەككە مۇشرىكلىرى مەككىدىن مەدىنىگە قۇشۇن تارتىپ بېرىپ، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن كىيىن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان.
«ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلىرى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى. ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىر» ③. «(ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دىگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا
——————————
① «قۇرئان».سۆرە شۇرا 40-ئايەت.
②«قۇرئان».سۆرە مائىدە 64-ئايەت.
③«قۇرئان». سۆرە ھەج 39-ئايەت.
، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسچىتلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى...» ①. «قۇرئان كەرىمنىڭ»نىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، يۇقارقى ئايەتلەر نازىل بولغىنى بىلەن، ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇرۇشلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ياكى مۇداپىئەلىنىش ئۇرۇشى بۇلۇشىنى ، ھەرگىز تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى بولماسلىقىنى قايتا - قايتا تەكرارلىغان .
«سىلەرگەئۇرۇش ئاچقان ئادەملەرگە قارشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار، تاجاۋۇز قىلماڭلار، تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ» ②.يۇقىرقى ۋەھىيلەر نازىل بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلاربىلەن ئەرەبلەرنىڭ مۇشرىك قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر قانچە قېتىم جەڭ بولدى. لېكىن ئۇنىڭ بىرەر قېتىملىقىغىمۇ مۇسۇلمانلارسەۋەبچى بولمىدى ياكى مۇسۇلمانلار باشلامچى بۇلۇپ ئۇرۇش قوزغىمىدى. قىسقىسى، مۇسۇلمانلار تاجاۋۇزچى بولمىدى ياكى مۇسۇلمانلار باشلامچى بۇلۇپ ئۇرۇش قوزغىمىدى. قىسقىسى، مۇسۇلمانلار تاجاۋۇزچى بولمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، «مىلادىيە 628- يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يىلدا بىركىلدىغان ھەج مەۋسۇمىدا نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى باشلاپ مەككىگە كەلدى. لېكىن، مەككىلىكلەر ھەج قىلىشقا كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ شەھەرگە كىرىشنى رەت قىلدى. مۇسۇلمانلار ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇردى، شۇنىڭ بىلەن كېڭەش ئارقىلىق كېلشىم تۈزۈلدى. بۇ «ھۇدەيبىيە سۈلھىسى» دەپ ئاتالدى. بۇ سۈلھىدە (ئىككى تەرەپ ئون يىلغىچە ئۇرۇشماسلىق) دېگەن بىر ماددىمۇ بار ئىدى. بۇ سۈلھىگە ئاساسەن، مەككىدىكى قۇرەيىشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ دىن تارقىتىش ۋە يېڭى ئىتقادچىلارنى قۇبۇل قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم مەككىگە كېلىپ ھەج قىلشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، مەككىلىكلەر سۈلھىگە خىلاپلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەككىگە بويسۇندۇرغۇچى سۈپىتىدە كىرىپ كەلدى. لېكىن دۈشمەنلىرىگە ئىنتايىن كەڭچىلىك قىلدى»③. دەرۋەقە،ئۇ كەئبنىڭ ئىچىدىكى بۇتلارنى چىقرىپ تاشلاپ، بۇمۇقەددەس جاينى بۇتپەرەسلىكتىن خالىي قىلغاندىن باشقا، مەككىلىكلەرگە چېقىلمىدى، بەلكى مەڭگۈلۈڭ تىنىچلىق ئورناتتى. شۇ ۋاقىتتا، ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالام خالىغان بولسا، بۇرۇن ئۆزلىرىگە چەكسىز ئازاب كۈلپەتلەرنى سالغان مەككىلىك مۇشرىك قەبىلە باشلىقلىرىدىن ئۆچ ئېلىشقا پۈتۈنلەي قادىر ئىدى. ئۇھەتتا باشقا دىنلارغا ئېتقاد قىلدىغان كىشلەرگە ئۆز دىنغا ئېتقاد قىلش ھۇقۇقىنىمۇ ھەم بەرگەن .«ئۇ ھاياتنىڭ ئاخىرقى ئىككى يىلدا ،ئەرەبىستاننىڭ شىمالىدىكى يەھۇدىي قەبىلىلىرى ۋە خىرىستىئان دىنغا ئېتقاد قىلدىغان قەبىلىلەر بىلەنمۇ تىنىچلىق كېلشىمى ئىمزالىغان» ④ .
«(كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بۇلۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىمايدۇ، شۈبىھسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ»⑤. يۇقىرقى ئايەتتە، ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرىي مۇسۇلمانلارغا ئادىل، كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ سەگەكلىك بىلەن تۇنۇشىمىز ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىزنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان مەسلە «جىھاد» چۈشەنچىسى بۇلۇپ، ئىسلامنىڭ ئاساسىي بولغان قۇرئان كەرىم، ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ۋە ساھابىلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى، ئىسلامدا تەكىتلەنگەن «جىھاد»نىڭ مەنىسنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، نېمىگە قارىتا ئېيتىلغانلىقى، ئۇنىڭدىكى مەقسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە دائىر بىر قاتار سۇئاللاھرغا ئاللىقاچان جاۋاب بېرىپ بولغان.
«جىھاد» دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى«ئىنتىلىش»،«ھەرىكەت قىلىش»،«تىرىشچانلىق كۆرسىتىش»،«جاپا چىكىش» دېگەندىن ئىبارەت. ئىسلام ئەقىدىسىدىن قارىغاندا، «جىھاد قىلىش»-«جۇھد جەھىد» يەنى«بىرەر قىلىش قارار قىلىش» دېگەنلىك بۇلۇپ، مىسىر دىن ئىشلىرى ۋەخىپە ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى ۋە ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى مەھمۇد ھەمدى زەقرۇق ئۆزىنىڭ«ئىسلام دىننى بۇرمىلايدىغان بىر تەرەپلىملىكلەرنى تۈزىتەيلى!» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «جىھاد سۆزنىڭ مەنىسى (شەخىس ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش) دېگەنلىك بۇلىدۇ، ئۇيەنە ئىككى خىل مەنىگە ئىگە: بىرىنچى خىل مەنىسى، شەخىسنىڭ روھىي جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچى خىل مەنىسى، ھەققانىي ۋە توغرا ئۇرۇشتا تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ بىرىنچى خىل مەنىدىكى غەيرەت بىلەن تىرىشىش«چوڭ جىھاد» دەپ
——————————
①«قۇرئان».سۆرە ھەج 40- ئايەت .
②«قۇرئان».سۆرە بەقەرە 190- ئايەت.
④③{پاكىستانلىق} سەئىد فەييازمەھمۇد:«ئىسلام دىننىڭ قىسقىچە تارىخى» 1-قىسىم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1996-يىل نەشىرى، 46-47بەتلەر.
⑤«قۇرئان كەرىم»، سۈرە مۇمتەھىنە 8- ئايەت.
ئاتىلدۇ، بۇ شەخىسنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ھەممە گۇناھ ۋە ئازغۇنلۇقلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، قەلبىنى پاكلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك گۇناھلاردىن بۇلۇپمۇ ھەسەتخورلۇق، گۇمانخورلۇق، ئۆچمەنلىكلەردىن يىراق بۇلۇپ، بۇئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغائېرىشىشنى كۆرسىتىدۇ. باشقا شەكىلدىكى جىھادلار «كىچىك جىھاد» دەپ ئاتىلدۇ، ئۇنىڭ مەنىسى ھەققانىي، توغرا ئۇرۇشنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت»①.
دىمەك، ئىسلام ئەھكاملىرىدا ئوتتوۇرىغا قۇيۇلغان ھەقىقىي جىھاد-چوڭ جىھاد بۇلۇپ، كىشلەرنىڭ نەپسىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆز تېنىدىكى يامان خۇسۇسىيەتلەر(ئاچكۆزلۈك، ناپاكلىق، ئەخلاقسىزلىق، ۋەھشىيلىك، ۋە ياۋۇزلۇق)نى يوقىتىپ قەلبىنى پاكلاش، ئىش- ھەرىكىتى ۋە سۆزىنى گۈزەللەشتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن«قۇرئان كەرىم» ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ چاقىرىقى ئىدى.
بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام جەڭ مەيدانىدىن قايتىپ كىلىپ، يېنىدىكلەرگە :«بىز كىچىك جىھادتىن چوڭ جىھادقا قايتىپ كەلدۇق»②. دېگەن، يەنى ئۇ، چوڭ جىھاد ياكى ئۇلۇغ جىھاد-ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىگە قارشى ئېلىپ بارغان جىھادىدۇر، دەپ تەلىم بەرگەن.
3. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئۇرۇشقا بولغان پوزىتسىيىسى
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتى ياكى پۈتۈن ھاياتى بولسۇن، باشتىن- ئاخىر باشقىلارغا ياخشى نەسىھەت قىلىش، تەربىيە بېرىش بىلەن ئۆتكەن. ئۇ، دىنىي دەۋەت ئېلىپ بارغان دەسلەپكى چاغلاردا، قۇرەيىش ئاقسۆڭەكلىرى مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغان، رەسۇلۇللاغا ھۇجۇم قىلغان، رەسۇلۇللا قاتتىق خورلۇققا ئۇچرىغان. شۇ ۋەزىيەتكە قارتا نازىل بولغان «قۇرئان كەرىم» ئايىتىدە: «سەن بۇلاردىن يۈز ئۆرىگىن، سالام دىگىن، (يەنى ئۇلارغا بەددۇئامۇ قىلمىغىن، دىنغا دەۋەتمۇ قىلمىغىن)، ئۇلار كەلگۈسىدە (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ»③ دىيىلگەن. بۇ چاغدا ئاللاھ تائالا مۇھەممەت ئەلەھىسسالامنى «كىچىك جىھات»نى قوللىنىشقا بۇيرىمىغان، بەلكى سەۋىر-تاقەت قىلىشقا بۇيرىغان. ئون نەچچەيىل تىنىچلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىنمۇ، مۇسۇلمانلار يەنىلامەككەئاق سۆڭەكلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ۋە زۇلىمىغا ئۇچراۋەردى، ئۇلارنىڭ ھاياتى تەھتدت ئاستىدا قالدى،بۇ چاغقا كەلگەندە، ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى: ‹‹ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقلى ئۈچۈن، (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى›› ④. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى، ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى جىھاد قىلىش شارائىتى ھازىرلانغان ئەھۋالدىمۇ، ئالدى بىلەن تىنىچلىقنى تاللىغان، ئامال بولمىغاندىلا ئۇرۇش
——————————
①‹‹يىڭى ۋەز – تەبلىغلەر››1-توپلام، 39-، 40- بەتلەر، جۇڭگۇ ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى تۈزگەن. دىن مەدىنىيىتى نەشىرىياتى 2001-يىل نەشىرى.
②‹‹يىڭى ۋەز - تەبلىغلەر››1- توپلام، 41- بەت، جۇڭگۇ ئىسلام دىنى ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى تۈزگەن، دىن مەدەنىيىتى نەشرىياتى 2001- يىل نەشىرى.
③ ‹‹قۇرئان كەرىم ››، سۈرە زۇخرۇق 89-ئايەت .
④ ‹‹قۇرئان كەرىم››، سۈرە ھەج 39-ئايەت.
ئېلىپ بارغان.
مۇھەممەت ئەلەيھىسىسىلامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن مۇسۇلمانلارغا باش بولغان «خۇلەفائى راشىدىن» (يەنى توغرا يولدىكى خەلىپلەر) ۋە مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى، ئىستېلا قىلغان جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ تىنچ، بىخەتەر ياشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. خەلىپىلەرنىڭ بىرىنچىسى ئەبۇبەكرى سىدىق سۈرىيىگە ھەربىي يۈرۈش قىلىىپ كېتىۋېتىپ، ئۆز قوشۇنلىرىغا ‹‹قۇرئان كەرىم›› مەزمۇنىغا ئاساسەن مۇنۇ يوليۇرۇقنى بەرگەن:
‹‹ئەي ئىنسانلار!مەن سىلەرگە چىن دىلىڭلاردىن ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك بولغان ئون قائىدىنى مەلۇم قىلىمەن، ئۇنى پەقەت ئىسىڭلاردىن چىقارماڭلار ۋە توغرا يولدىن ئاداشماڭلار. بالىلارنى، ئاياللارنى، قېرى ،ئاجىز، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرمەڭلار، خورما دەرەخلىرىگە ئوت تىرىكچىلىك ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بۇلىۋاتقان ۋە ئاخىرەتلىكىنى تىلەپ تائەت-ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلتۈرمەڭلار››①.
ئەبۇبەكىرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ خەلپىلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان ھەزىرتى ئۆمەرمۇ، ئۆزىنىڭ باشقا دىندىكىلەرگە خەيرخاھلىقى، رەھىم-شەپقەتلىىكى ۋە ئادالەتپەرۋەرلىكى بىلەن مۇسۇلمان دۇنياسىدىلائەمەس، بەلكى غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ ناھايتى زۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلۇپ كەلگەن، مەسىلەن: مىلادىيە 637-يىلى ئەرەپ قۇشۇنلىرى پەلەستىنىىنى ئىستېلا قىلدى. ئەسىرلەر مابەينىدە يۈز بەرگەن بىھېساپ ئۇرۇش ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ شەپقەتسىزلىكىدىن يۈرەكزادە بۇلۇپ كەتكەن خەلىق، بىر ھۆكۈمران دىنىنىڭ باشقا بىر دىن بىلەن ئالمىشىشى، يەنە نۇرغۇن ۋەيرانچىلىقلارنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. دەپ ئەندىشە قىلغانىدى، ئەمما خەلىپە ئۆمەر رەھبەرلىكىدىكى مۇسۇلمانلار پەلەستىندە دىنى ئەركىنلىك، تىنىچلىىق ۋە پاراۋانلىقنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئەنگىلىىيىلىك تارىخچى، يېقىن ۋە ئوتتۇرا شەرق تارىخى بويىچە مەشھۇر مۇتەخەسىس كەرېن ئارمىستىراڭ ‹‹ئىلاھىنىڭ تارىخى›› ناملىق ئەسىرىدە: ‹‹خەلىپە ئۆمەر قۇددۇسقا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا شەھەر ھاكىمى ۋە قۇددۇسنىڭ ئالىي روھانىيىسى ھەمراھ بۇلۇپ، قۇددۇستىكى ئاساسىي ئىبادەتخانىلارنى كۆرسەتتى. «تەۋرات» (كونا ئەھدى)تا تىلغا ئېلىنغان سۇلايمان ئەلەيھىسىالام بىنا قىلغان بەيتۇلمۇقەددەسكە باشلاپ باردى. خەلىپە ئۆمەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسىالام مىراجغا كۆتۈرۈلگەن جايىنى زىيارەت قىلدى ۋە شۇ جايدا ناماز ئوقۇدى. باش روھانىي بۇ ۋەقەلەرنى بىر ئاز قورقۇش ئىچىدە كۆزىتىپ تۇرۇپ، ئەمدى كۈنۇم تۈگىدى دەپ ئويلىغانىدى. ئاندىن كېيىن، خەلىپە ئۆمەر ناسارالار ئىبادەت قىلىۋاتقان چېر كاۋنى ۋە ھەزىرتى ئەيسا زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان جاينى كۆرمەكچى بولدى. ئەمما ئۇ نارسارلار ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا ناماز ۋاقتى بۇلۇپ قالدى. پوپ ئەدەپ بىلەن خەلىپە ئۆمەرگە مۇشۇ ئىبادەتخانىدا ناماز ئوقۇش تەكلىپىنى بەردى، لىكىن خەلىپە ئۆزرە ئېيتىپ، تەكلىپنى رەت قىلدى. ھەم ئەگەر مەن مۇشۇ ئىبادەتخانىدا ناماز ئوقۇغۇدەك بولسام، مۇسۇلمانلار بۇ ۋەقەنى تارىخ سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن. كىيىنچە ئىبادەتخانا ئورنىغا مەسچىت بىنا قىلىشى مۈمكىن، دىدى- دە، ئىبادەتخانىدىن چىقىپ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ناماز ئوقۇدى. كىيىنچە مۇشۇ جايغا ئۆمەرنىڭ نامى بىلەن بىر مەسچىت بىنا قىلىنغان بولۇپ، «مەسچىدىل ئۆمەر»(ئۆمەر مەسچىدى) دىگەن نام بىلەن ئاتالدى»② .خەلىپە ئۆمەر قۇددۇس ناسارالىرى بىلەن تۈزگەن خەۋىپسىزلىك شەرتنامىسىدىمۇ: «ئۇشبۇ بىتىم، مەنكى ئاللاھنىڭ بەندىسى، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى تەرىپىدىن قۇددۇس خەلقىگە بىرىلگەن ھامىيلىق ھەققىدىكى بىتىمدۇر. مۆمىنلەر ئەمىرى ساق ياكى كېسەل بولسۇن، پۈتۈن خەلىقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنىڭ ھىمايىچىسىدۇر.شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، بۇتلىرى ۋە دىنلىرىنىڭ دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىماسلىقىغا.خەلىقنىڭ بۇتخانىلىرىنىڭ بۇزۇلماسلىقىغا، شۇنداق جايلارنىڭ تۇرار جايلارغا ئايلاندۇرۇلماسلىقىغا، ئۇلارنىڭ ئاۋالقى ھوقۇقلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىدىن ھېچنېمىگە چېقىلماسلىققا. دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىدە ھەركىمگە،ھەرقانداق جايدا بېسىم ئىشلەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك بېرىمەن. ئاللاھ، ئۇنىڭ رەسۇلى، رەسۇلىنىڭ ساھابىلىرى ۋە بارچە مۆمىنلەر ئۇشبۇ
——————————
① ھارۇن يەھيا «ئىسلام تېرورلۇققا لەنەت ئوقۇيدۇ»، 2002-يىل تۈركىيە نەشىرى، 49-بەت.
②كەرېن ئامىستىراڭ: «ئىلاھنىڭ تارىخى»، خەينەن خەلىق نەشىرياتىى 2001-يىل، 172-بەت.
بىتىمنى تەستىقلايدۇ. ئىمزا: ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ» ①. دىمەك، مۇندىن مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇنقى بىتىمدە، شەھەردىكى چېركاۋلارنىڭ بۇزۇپ تاشلانماسلىقى، مۇسۇلمانلار، ناسارالارنىڭ چېركاۋلىرىنى بېسىۋالماسلىقى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىبادەتخانىلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى تىلغا ئېلىنغان.
دىمەك، ئىسلامنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ، ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرغان ساھابىلەر ۋە تابىئىنلەر، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ «قۇرئان»نىڭ مەزمۇنى ۋە مەنىسىگە ئەمەل قىلغان مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلىرى، كىشىلەرنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇپ، يامان ئىش قىلىشتىن تۇسۇشنىڭ، ئىسلام ئەھكاملىرىدا تەكىتلەنگەن ھەقىقى جىھاد (چوڭ جىھاد)نىڭ ئۆزى ئىكەنلىگىنى تولۇق چۈشەنگەن ۋە شۇنىڭغا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلغان. شۇ ئاساستا ئوخشىمىغان ئىرق، ئېتىقاد ۋە مەزھەپلەردىكى كىشىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، تىنىچلىقتا بىللە ياشاشنىڭ يارقىن نامايەندىسىگە ئايلانغان.
ھاقىقەتەن، ئىسلام ئەھكاملىرىدا تەكىتلىگەن جىھاد، جاپالىق ئىشلەپ تاپقان مال-مۈلۈكنى تۈرلۈك خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا، جۈملىدىن ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىش، خۇتۇن-بالىلىرىنى بېقىش، يىتىم-يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتاش، خەيىرلىك ئىشلارنى قىلىش، پاك-دىيانەتلىك، ئادىل بولۇش، ھەققانىيەتنى قوللاش ھەمدە گۈزەل ئەخلاق مىزانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۆزىنى بېغىشلاش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى، جۈملىدىن مۇشۇ نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يامان ئادەم، يامان ئىشلار بىلەن كۈرەش قىلىش، ئىپپەت-نۇمۇسىنى ساتىدىغان، پاھىشىۋازلىق قىلىدىغان، شەھۋانى بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە تارقىتىش بىلەن شۇغۇلىنىدىغان، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ ساتىدىغان، زەھەر ساتىدىغان ۋە چىكىدىغان، قىمار ئوينايدىغان، خۇراپاتلىقتىن پايدىلنىپ باشقىلارنىڭ پۇل-مېلىنى قاقتى-سوقتى قىلىدىغانلار بىلەن كۈرەش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقۇرقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولۇدۇكى، «جىھاد دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى «ئۇرۇش قىلىش» دىگەنلىك ئەمەس، ھەرگىز «ئادەم ئۆلتۈرۈش»دىگەنلىكمۇ ئەمەس. مۇھەممەد ئەلەيھسسالام دەۋرىدە مۇسۇلمانلار رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقتىن، مۇھەممەد ئەلەيھسسالام ساھابىلارنى ھەققانىيەت ۋە ئۆزلىرىنى قوغداش يۈزىسىدىن «كىچىك جىھاد» ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغانىىدى.
بۈگۈنكى كۈندە بولسا دەۋىر ئۆزگەردى، جەمىيەت تەرەققى قىلدى، ئېتىقاد يۈكسەلدى مەملىكىتىمىزدە مىللەتلەر باراۋەر، ئىتتىپاق بولۇش، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىگى بولۇش سىياسىتى يولغا قۇيۇلۇپ، بۇ نىشانلار ئەمەلگە ئاشتى ۋە ئاشماقتا. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، مۇسۇلمانلارنىڭ 56 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىدە تىنچ ياشىشىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. مانا مۇشۇنداق تىنىچلىق دەۋرىدە، ئىسلامنىڭ تىنچلىقىنى ئاساسى قىبلىنەمە قىلىپ مەيدانغا كەلگەنلىگىنى، ئاخىرقى نىشانىنىڭمۇ تىنچلىق ئىكەنلىگىنى چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يىتىشىمىز لازىم.
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى دىن تەتقىقات ئورنى
جاۋابكار مۇھەررىرى: ئابدۇۋەلى مەخپۇللا
مەنبەسى: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتتى ژورنىلى

      2011 - يىل 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى  خوتەن ۋىلايىتى  گۇما - ناھىيە كىلياڭ يىزا  كومپىيۇتېر باسمىدا ئىمىنجان ھىدايەت پاسىبانى

ھازىرغىچە 11 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yixil.nur + 10 ئوزىنىڭ دىنىنى ۋەتىنى.
toxkanjan + 10 مۇسۇلمانلار ئۆزنىڭ يۈ.
hazniqi + 50 ئامىرىكىنى تىللىغانلار قەغەز يولۋاس
wolf516 + 20 زادى كىم ئەسكى؟ئامىركىمۇ؟تىرورچىلا
uzumtal + 10 بىن لادىن ئەزەلدىن بىر ئاپشاركا.........
KURAX.JAN + 10 سەنلە بېنلادىننى تىللايدىغان بوش ما
Janpolat + 11 لادىن دېگەن ئېشەكنىڭ بالاسى
koznak + 100 ب ل د،ئە م س ،ىسلامدىكى قاتماللىق
yolwasjan001 + 1 بېن لادىن ئاپاڭنى ئۆلتەردىمۇ گۇي
JAWLAN622 + 10 مۇسۇنمانلارئامىركا كىيدۇرگەن قالپا
gumani + 1 بىن لادىن تېرىغان بالا بۇ...

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 213  مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ئىمىنجان ھىدايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش