. ئاپتورى: پەرھات ئەمەت( سۆيگۈم)
[بىزنىڭ مەھەللىمىز ناھىيە ئىچىدە. نەچچە يىللار ئاۋۋال يەنى مەن كىچىك ۋاقتىلاردا بۇ مەھەلىدە ئاددى ئاسفالىت يول بار ئىدى، تار كوچىلار بولسا ئوڭتەي توڭتەي توپلىق يوللار ئىدى، ياز ئايلاردا يامغۇر يېغىپ قالسا، ياكى ئەتىياز پەسىلدە قىشنىڭ قېلىن قارلىرى ئېرىغان مەزگىللەردە بۇ كوچىلارخۇددى سايرام كۆلىدەك چوڭ- چوڭ كۆللەرگە ئايلىنىپ كېتەتتى، بىز بولساق ئىككى قاسناقتىكى تېرەكلەرنى چىڭ تۇتۇپ تامنىڭ قىرى بىلەن چوتكلاپ يۇيۇپ ئاقارتىۋەتكەن چوقەيلىرىمىزنى ئاياپ مىڭ تەستە مەكتەپكە بېرۋالاتتۇق. نەچچە يىللار ئۆتۈپ ناھىيمىزنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مەھەللىمىزنىڭ يول بويىدىكى ئائىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئېلنىپ يول قىلىپ كېڭەيتلىدى. قارىسىڭىز ھەممە يەر تۈپتۇز ئاسفالىت يوللار بولۇپ كەتتى،بۇرۇن ئاندا ساندا ماڭدىغان ماشنا پىكاپلار كۆپلەپ ماڭىدىغان بولدى، مانا ھازىر بولسا قاتناش كۆپيىپ مەھەلىمىزنىڭ تۆت دوقمۇشقا قىزل،سېرىق يېشىل رەڭلەردە يېنىپ تۇردىغان كوچا چىراق ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەرەققىيات.
تەرەققىيات بولسا بىنالار كۆپيىەمدۇ، ياكى نوپۇس كۆپيىپ كەتكەچكە ئادەملەر ئولتۇردىغان ئۆيلەرگە ئېھتياجلىق بولامدۇ ئىشقىلىپ ھازىر ھەمملا يەردە يېڭدىن بىنالار سېلىنىپ تۇرۋاتىدۇ. بەلكىم چوڭ شىركەتلەر،ئۆي مۈلۈك شىركەتلىرى بۇنداق ناھىيە بازارلىرىدا رىقابەتلىشىپ نۇرغۇن مەبلەغ خەجلەپ يەر سېتىۋىلىپ بىنا سېلىپ پايدىغا ئېرشمەكچمۇ بىلمدىم. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەممىسلا تەرەققىيات ئۈچۈن دېگىلى بولماس.
ئاكام ئۆيلىنىپ ئاز ۋاقتتىن كېيىن ئىقسسادى ياخشى بولغاچ بىنا ئۆي ئېلىپ بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆينى بىزەش ئۈچۈنلا 30 -40 مىڭ يۈۋەن كېتىپتۇ. لىكىن بۇ چاغدا يەڭگەم بوشنىپ قالغاچقا ئۆيگە كىرشكە بولماسمىش.چۈكى ئۆينى ئاقارتقان نەرسىىدە ئادەم بەدىنگە زىيانلىق بىر ماددا بارمىش.شۇڭا بىر ئىككى ئايغىچە ئاكام بىنا ئۆيگە كىرمەي يەنىلا بىزنىڭكىدە تۇردى.شۇنداق بولسىمۇ بىنانىڭ قولايلىق تەرەپلىرى كۆپكەن،بولۇپمۇ قىشنىڭ كۈنى مەش ئورناتمايسىز، پار بار.كۆمۈر چۈشۈرمەن، قار تازلايمەن دېگەنلەر يوق.تېخى ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭدا ئەينەك قاچىدا بىلىق باقالايسىزكەن بۇمۇ بىر تەرەققياتنىڭ مەھسۇلى ئەلۋەتتە.
مانا ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە بىنا ھەممە يەرگە چۈشۈپ ئايلىنىپ ئايلىنىپ بىزنىڭ مەھەلىگە كېلىپ قالغاندەك مىش مىش گەپلەر تارقالغىلى بىر يىلچە بولاي دېدى. بەزىلەر :«پالانچنىڭ ئۆينى ئۆلچەپ چىقىپ كېتىپتۇ. ھەر بىر پۇڭغا مۇنچە پۇل بەرگۇدەك، پالانچى ۋاقىتتا مەھەلىمىزگە بىنا چۈشكۈدەك ...»دېگەن گەپلەر مەھەلىمىزىدىكى «قىززىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت»كە ئايلاندى. بىزنىڭ ئۆيدىمۇ شۇ گەپ، ئاپام:«بىنا چۈشسە چۈشە، ئىككى بىنا ئۆي بىلەن بىرىنچى قەۋەتتىن بىر دۇكان بەرسە بولدى ھە راست ئۆينى بېزەش ئۈچۈنمۇ ئاز تولا پۇل تەلەپ قىلىمز. ھازىر ئۆينىڭ ھەربىر كۋادرات مېتىرى مانچە پۇل بولۇپ كېتىپتۇغۇ»دەيدۇ، ئاپام يەنە ماڭا (مەن ئوغۇلنىڭ كىچىكى)بىر بىنا ئۆي بىردىغانلىقى دادام ئاپاملارنىڭ يەنە بىردە ئولتۇردىغانلىقنى ئېيتتى..«دۇكاننى قانداق قىلارمىز ؟»دېۋدىم ___يا سەن ئاچاسەن ياكى ئىجارىگە بەرسەكم بولىدۇ دېدى.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزەمچە شېرىن خىياللارغا بەنىت بولۇپ قالدىم.
ئاز ۋاقتتىن كېىيىن يەڭگەم يەنە بىر بالا بوشاندى، شۇنىڭ بىلەن ئاپام ئاكامنىڭ ئۆيگە بىرىپ كېلىن قىزغا قاراشقا توغرا كېلىپ قالدى.چۈنكى شارئىت شۇنداق بولۇپ قالغاچقا ئامالىسز ئاپام بېرىپ قارايدىغان بولۇپ قالدى.لىكىن ھەپتە ئۆتۈپ ئاپام «قويۇڭلار دادىسى شۇ بىنا ئۆينى ئىچىم سىىقىلپ ئۆلەي دېدىم مۇشۇ ئازادە ئۆيمىزگە يەتمەيدىكەن»دېدى،ئۇ ناۋادا بىزنىڭ ئۆيگە بىنا چۈشۈپ قالسا بىرنى بىزگە بىرىپ يەنە بىر يېزدىن قورۇ جاي ئېلىپ شۇ يەردە تۇرساق بولدىكەن، ياشلار تۇرسۇن بۇ بىنادا دەپ سۆزلەپلا كەتتى..
ئۆيمىزنىڭ ئورنىغا بىنا چۈشۈپ قالسا قانداق بولار دەپ ئويلىنىپ باقتىم .ھېچقاچان بۇنداق ئويلنىپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئۆيمىزگە قارىدىم ئاددى بولسىمۇ نەقىشلىك قىلىپ سېلنغان پىشايۋانلىق ئۆي، بىر تەرەپتە لاپاس، توخۇ كاتىكى، تونۇر، كۆمۈرخانا، ئەڭ ئاخىرقى بۇلۇڭدا ھاجەتخانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبى، ئولتۇراقلىشىش ،ئۆي ماكان ئالاھىدىلىكى، پىشايۋاندىن چۈشكەن يەردە گۈللۈك، يازدا كىپنەكلەر،ھەرىلەر ئۇچۇپ تۇرغان، كىچىك بولسا تۆت بۆلەك قىلىنغان كۆكتاتلىق يەر،.،،،بۇ يەرنى ھەر ئەتىياز مەن ئاغدۇرىمەن، ئانام ئۇرۇق چاچىدۇ،،دادام سۇغۇرىدۇ.. سڭلىم كىچىك ۋاقتىدا پەمىدۇرلۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتسە بىز يۈتۈپ كەتتى دەپ پۈتۈن مەھەللە ئۇرۇق تۇغقاننڭ ئۆينى ئىزدەپ كەلسەك بىر چاغدا ئاشۇ ئىگىز ئۆسكەن پەمدۇرلىقنىڭ ئىچىدە ھە دەپ پەمىدۇر يەۋاتقان ھالدا چىقىپ قالغان. .......بۇلارنى ئويلاپ تۇيۇقسزلا بۇ ئۆيمىزگە مېھرىم،مۇھەببىتىم قوزغالدى.بىزنىڭ بالىلىقىمىز، مىللى ئالاھىدىلىكىمىز ،كەچۇرمىشلىرىمىز ۋە ھالال ئەمگەكلىرىمىز مۇشۇ ھويلىغا سڭگگەن.
ياق ياق بىنا ئۆيگە كۆچمەيمىز، بۇ ئۆينمۇ ساتمايمىز بىنا چۈشسسە چۈشسۇن بىزنىڭ ئۆيگە چۈشمىسۇن.
دادام ئاپاملارغا ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمىنى چۈشەندۇردۇم.ئۇلارمۇ راست دەپ دېرىزدىن ھويلىغا مۇھەببەت بىلەن نەزەر سالدى،كاشكى شۇ شۇم ئېغىز كىشلەرنىڭ ئاغزدىكى سۆزلەر يالغان بولۇپ قالسىچۇ دەپ ئويلايمەن.
كىم بىلىدۇ تەرەققياتىمىز مەھەلىلەرنى يوقتىپ ئۆيمىزگە بىنا چۈشۈپ كېتەمدۇ؟ ئېھتىياج بىلەن تەرەققىيات بىر گەۋدىلەشەمدۇ،كىشلەرنىڭ ئارزۇ قىلىنغدەك نەتجىدە ھەر قاچان يۈز بېرەمدۇ بىر نېمە دېگلى بولمايدۇ.لىكىن
تەرەققياتقا قۇربانلىق بىرىمىز دەپ قەدىمكى نەرسىلەردىن ئايرلىساق، ئۆرۇپ ئادەتلەر مۇجەسسەملەنگەن نەرسىلەردىن ئايرلىساق ھەممىنى يېڭلاپ چاقىۋەرسەك بىزدە ئەتىۋرلىغۇدەك نېمە قالىدۇ؟
مەنبە: ئۆز قەلەمىم
2011.12.25