مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1471|ئىنكاس: 9

كۈيئوغۇل بولۇش ئىلمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47910
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5532
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 09:15:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈيئوغۇل بولۇش ئىلمى  

سەن كۈيئۇغۇل بولدۇڭ، بۇ كۈننىڭ ساڭا نىسىپ بولغىنىغا مۇبارەك بولسۇن، ئوغلۇم! يادىڭدا تۇتقۇنكى ، نىكاھ مۇقەددەستۇر! شۇنىڭ ئۈچۈن جۈپتى ھالال دىيىشىدۇ.    
  ئەمدى قانىتىىڭ قۇش بولىدۇ، ئاتا-ئاناڭنىڭ باغرىدىن ئۇچۇپ چىقتىڭ ، ئۆي بىساتىڭ ئالاھىدە ، «ئائىلە»ئاتلىق مەملىكەتنىڭ سۇلتانىدۇرسەن، ئەمرىڭنى تازىم بىلەن بىجا كەلتۈرىۋاتقان مۇلايىم ئايىم بولسا ۋەزىرىڭدۇر، ئۆيلەندىڭمۇ تامام، سۆزۈڭدە، ئۆزۈڭدە ، تۇتۇملۇرىڭدا كۆندە بىر يىتۈكلۈك، ئۇلۇغلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈنسۇن، قانىتىڭ قۇش بولۇپ ، ئايدىن ئۈزۈلگەن بىر غۇنچە ساڭا مەھرەمى جان سايلىنىپ ، ئۇڭۇ -سولۇڭ شايى-ئەتلەسلەرگە پۈركەنگەندە گۈركىرەپ ئۆسمىسەڭ ، چىرايلىق گۈللىمىسەڭ ، سېنى قورشاپ تۇرغان جەننىتى ئىمكانلارنىڭ ئۇۋالى تۇتقاي!
  ئىشىڭ زور بولۇپ ، مەرتىۋەڭ چەندان كۆتۈرۈلۈپ ، تاشقىرىدا ھەممە نەرسە ساڭا تەزىمدە بولسىمۇ ، ئۆيۈڭدە تىنىچلىق ، ئەمىنلىك بولمىسا ، بەرى بىكار! يەر ئۈستىدە قىمىرلاپ يۈرگەنلىكى ئادەم ئۆيۈم ، بالىچاقام دەپ يۈرىدۇ، كوچىدىكى ئىشلىرىنى جىددىيلىك بىلەن بىجىرىپ ، ئائىلىسىگە يۈگۈرگىنى يۈگۈرگەن.
  ئوغلوم ، ھازىر ساڭا يەتكۈزىدىغىنىم ، دەسلەپكى ئىنتايىن نازوك ئىلىم ، يادىڭدا تۇت:ئەركەك كىشىنى ئاساسەن قولىقى يىتەكلەيدۇ ۋە ئۇنى كۆپ بالالارغا گىرىپتار قىلىدۇ، كىلىنچەككە ئايرىم ھوجرىدا ئىيتىدىغان بىرىنجى گىپىڭ شۇ بولسۇن:
  «ئىلاھىم، سىز بىلەن بىللە ھەممىمىزگە سائادەتلىك كۈنلەر كىلىۋاتقان بولسۇن، ئەمما ئىيتىپ قوياي، مىنىڭ پۈتۈنلىكىم ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىللە ، ئۇلانىڭ ياخشى-يامان پىئىللىرى ئۆزۈمگە ئايان، ئۇلارنىڭ قانداقلىغىدىن قەتئىنەزەر ، ئۇلار مىنىڭ بارلىقىم ، مېنىڭ قىسمىتىم ، مىھرىمگە چۈشكەن، ياقماي قالسا كىچىپ كىتەلمەيمەن، ئوتتۇرىغا قويىدىغان بىرىنجى شەرتىم شۇكى:ھىچقاچان قان-قىرىنداشلىرىمنى ماڭا يامان دىمەڭ، سىز تۈپەيلى ھېجبىرىدىن كۆڭلۈم قالمىسۇن، قولىڭىزدىن كەلسە ئۇلارنى ماڭا ئىسسىق كۆرسىتىڭ، يامانلىرىنى ياخشى قىلىپ بېرىڭ.    
  ئەگەر بۇ ئىلتىماسىمنى بېجىرەلمىسىڭىز سىزدىن ئىككى دۈنيا رازى ئەمەسمەن! » >  
  مانا شۇ گەپنى ئىيتىش قولۇڭدىن كەلسۇن ، ئۇغلۇم !    
  تىخىمۇ چوڭ بولغىنىڭچە ئۆزۈڭ گۇۋاھ بولىسەن ، ئايال زاتى ھەققىدە «پالانچى تۇرمۇشقا چىققاندىن كىيىن يىقىنلىرىدىن كېچىپ كىتىپتۇ» دىگەن گەپنى ھىچكىم ئاڭلىغان ئەمەس، ئەمما ئۆيلەنگەندىن كىيىن ئاكا-ئۇكا، ھەتتا ئاتا-ئانىسىدىن نېرى بولۇپ كەتكەن ئەركەكنى قەدەمدە ئۇچرىتىپ تۇرىسەن، بۇنى ئۇيات دەپ بىلگىن، ئەر ئۆچۈن قارا يۈز بولۇش دىگەن شۇ، ئوغلۇم !  
  ئوغلۇم ، ئاتا-ئاناڭدىن كۆرگەن مىھىر مۇھەببىتىڭگە گەپ كەتمەيدۇ، ئەمما ھاياتىڭدا ئەڭ يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمەتنى كۈيئۇغۇل بولغىنڭدا قىينانا-قىيناتاڭدىن كۈرىسەن، مىللىتىمىزنىڭ بارچىسى شۇنداق، بالىسىغا ھەتتا ئۆزىگە قىلىنمىغان ھۆرمەتنى ، مۇكاپاتنى كۈيئۇغۇلغا تۇتىدۇ.  
  ئوغلۇم . سەن بۇ مۇھەببەتلەردىن راھەتلەن ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوبدان ئويلان:ئۇلار ئوغۇللىرىغا كۆرسەتمىگەن ياخشىلىقلىرىنى ساڭا كۆرسىتىۋىتىپتۇ، سەنمۇ گاھى-گاھى ئۇلارغا ئوغۇللىرى قىلمىغان ياخشىلىقلارنى كۆرسەت، قەددىلىرىنى كۈتۈرۈپ قوي، سىنىڭمۇ ئۇلارغا ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىشىڭ يىگىتچىلىكتۇر، «قاغا بىلەن ئۈلپەت بولساڭ، يىيىشىڭ نىجاسەت»دىگەن گەپ بار، كۈيئوغۇل بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ كوچىدىكى جايىڭنى بىل، بولار-بولماس دوسىتلارنى يىغىشتۇر، ئۆيلىنىش-ئەل قاتارى جەمىيەتكە قوشۇلۇش دىگەنلىك ، شۇ كۈنگىچە سەن پەقەت ئۆز ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭ نەزىرىدە يۈرگەن بولساڭ، كۈيئوغۇل بولۇپ ئەمدى سىنى كۆزەتكۈچىلەر پۈتۈن بىر ئەۋلادقا كۆپىيىدۇ.  
  كۈيئۇغۇل بولۇش قاتارغا كىرىش دىمەكتۇر ، ئەمدى مەسلىھەت ئاۋازىغا ئىگىسەن، قۇدا تەرەپلەرنىڭ ئۆيىدىكى تۆر سىنىڭكى، ئۇكا -سىڭىللىرىڭ ھەققىدىكى مەسلىھەتلەر سىنىڭسىز ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، ئەمدى مەھەللىدىكى ، قىرىنداش ، ئۇرۇقلار ئارىسىدىكى پاتىھە لازىم جايلارغا ، جىنازا نامازلىرىغا ئۆز نامىڭدا قاتنىشىشىڭ شەرت، تويلارغا، بىمارلارنى يوقلاشقا، ئاتا-ئاناڭدىن تاشقىرى، ئالاھىدە سورۇنلارغىمۇ ئۆز نامىڭ بىلەن بارىسەن، ئەلۋەتتە شۇنداق.
  ئائىلەڭدىكىلەر ئالدىدا ئايالىڭغا ھە دىگەندە ئېتىۋار بېرىۋەرمە، سۆز قىلىۋەرمە، تاشقىرىدا ، دوست -قەدىردانلىرىڭ ئارىسىدا جۈپتىڭنى تەرىپلىمە، ئۇ ھەقتە سۆزلىگىڭ كىلىۋەرمىسۇن، سەۋەبى، بىر سوئال پەيدا بولىدۇ، سەن ئۈچۈن ئايالىڭدىن ئەزىزراق ئادەم يوقمۇ؟ئۇلار تەرىپلىنىشكە ئەرزىمەپتۇمۇ؟ۋەھاكازا. . . .

  ئايالىڭنى پەردە كەينىدە ئاسرىغىنىڭ ئار-نۇمۇسۇڭنىڭ گۇۋاھىدۇر، ئۆز كۆيۈمچانلىغىنى ھەقىقى ئەركەك ئوتتۇرىغا سىلىۋەرمەيدۇ.  
  ئوغلۇم كىلىن كەلگۈچە ئۆيۈڭدىكىلەر ئۈچۈن بالا ئىدىڭ ، ئانچە-مۇنچە ئىشلار ئۈچۈن ساڭا ئاداۋەت ساقلىماس ئىدى، كۈيئۇغۇل بولغان چىغىڭدا چوڭ كىشىلەرگە قانداق قارىساڭ ، سىنى شۇنداق سوراق قىلىشقا باشلايدۇ:ئەمدى سەن ئۈچۈن ئەڭ قالتىس جاي _ئائىلەڭ، يېقىنلىرىڭ ! «ئائىلە»دېگەننىڭ ھېچ قەيەردە يىزىلمىغان ئەمما ھۈكۈم ۋە جازالىرى بار، كۆپىنچە سىنىڭ خاتالىرىڭ ئۈچۈن ئايالىڭ جاۋاپ بېرىدۇ، ئېھتىياتسىزلىقىڭ سەۋەپلىك ھەتتا ئۈزۈڭ بىر نەچچە كىشىگە زىيان يەتكۈزىسەن.
  كوچىدىن كىرەركەنسەن ، سۆزۈڭ بىلەنمۇ ، كۆزۈڭ بىلەنمۇ ئاناڭنى  ئىزلە ، ئاتاڭنى زىيارەت قىل ، ئەھۋاللىرىڭنى سورا ، ئاندىن ئايالىڭنى كۆر ۋە بالاڭغا ئىتىبار قىل ، بىلگىنكى ئاتا-ئەخلاقلىق بولۇڭڭ بىرلا ئىشى قالغان ، ئۇ بولسىمۇ كۈندە سېنىڭ ئامان -ئىسەن كېلىشىڭنى كۈتۈش! سەن بولساڭ كېلىپلا ئايالىڭنى سورىدىڭ ياكى بالىلىرىڭنى ئوينىتىشقا چۈشتۈڭ ، شۇ خاتايىڭنىڭ تەسىرىنى كۆر :كۆزۈم تەگمىسۇن دەپ سىنى ھەتتا ئۈزىدىنمۇ قىزغىنىپ ئۆتكەن ئانا سېنى پۈتۈنلەي ئىگەللىۋالغان كېلىندىن قىزغانمامدۇ؟مانا شۇ چاغدا قېينانا-كېلىن ماجرالىرى باشلىنىدۇ.  
  ئانىلارمۇ ئىككى خىل بولىدۇ، باغرى كەڭى:«بالام سىرتتىن كىرسە ، كۈتۈۋالىدىغان ئەھلى ئايالى، ئاۋۇندۇرىدىغان بالىلىرى بار، ئەمدى غەم يىمىسەممۇ بولىدۇ، دېمەك بالام مەنسىزمۇ ياشىيالايدۇ، ئەمدى مىنىڭ يۆلەنچۈك بولۇشۇمغا ئېھتىياجى يوق»دەپ ئۆزىنى ئاۋۇندۇرغان بولىدۇ، «بالام مىنى ئانچە ئويلىماس بولۇپ قالدى»دىگەن دەھشەتلىك پىكىرنى ئۆزىدىن ھەيدەشكە ئۇرۇنىدۇ ۋە غەش كۆڭلىگە :«ھە دېگەندە كىسەل بولۇپ ، ئۇنى ھەم چىقىمدار ھەم بىئارام قىلىۋاتىمەن، بو بالامغا جەۋىر سالغىچە ئاستاغىنە كىتىپ قالسام ، ئۇنىڭغا يەڭگىلرەك بولار ئىدى»دىگەن ئويلا كىلىدۇ، بالىچاقىسى بىلەن ئارىلىشىپ ئانىدىن چەتنەپ قالغان ئوغلۇم ، كۆرۈۋاتامسەن، ئاناڭ ۋالىدەك مىڭ رىزالىق بىلەن ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەشكە باشلىدى. . .
  باغرى تار ئانا ئىيتىدۇكى:«بۇ كىلىننىڭ ئىشى، تۈنۈگۈن كىلىپ بۈگۈن مىنى شېرىن چۈشۈمدىن جۇدا قىلدىغۇ بۇ، بالا تۇغۇپ بەردىم دەپ، بالامنى ئىگەللەپلا كەتتى» ۋەھاكازا . . . دىسە، كۆرىسەنكى بۇ چاغدا كېلىننىڭ ھەممە ئىشىنى يامانغا چىقىرىۋىرىدۇ، بۇ ھالەتنى تۇغدۇرغان سەن بولدۇڭ، سىنىڭ بىپەرۋالىغىڭ بولدى!  
  ئۆيلەنگەندىن كىيىن ئاچا -سىڭىل، ئاكا-ئۇكىلىرىڭغا كۆپرەك مۇلازىمەتتە بول، كۆرەر كۆزلەرگە ئۆزۈڭنى ئايالىڭغا ئېتىبار بەرمەيۋاتقاندەك تۇت.    
   ھىيىت-ئايەملەردە بىرىنجى بولۇپ ئاتا-ئاناڭنى يوقلا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاندىن قېيناناڭ ۋە باشقىلارنىڭكىگە بار، يانچۇقۇڭ يار بەرگەن دائىرىدە ئەڭ ياخشى نەرسىنى ئاتا-ئاناڭغا تارتۇق قىل، ئاناڭ ئەسلا سوۋغا سورىمىسىمۇ ، سوۋغا ئىلىپ كەلمەسلىكىڭنى ئېيتسىمۇ ، ھىچقاچان ھوزۇرىغا قۇرۇق قول بارما، بالا قول ئۇزاتقان نىمەت ئاتا-ئانىغا جەننەتنىڭ راھىتىنى بېرىدۇ.   .
  ئاتا-ئاناڭ قانداق ئەھۋالدا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئەتراپتىكىلەردىن نۇمۇس قىلما، باغرىڭغا باس، بېمار بولسا ھېچكىمگە ئىشەنمە، ئۆزۈڭ يىمەك بەر، ئۆزەڭ پاكىزلە، قوللىرىڭدا كۆتۈرۈپ يۈر، كۈلۈپ ئاڭلاپ، كۈلۈپ سۈزلەپ، كۈلۈپ باق، ئۇلارنىڭ بۇ دۈنيادا پەرزەنىتلىرىدىن ، يەنى سەندىن باشقا خىرىدارى يوق، سىنىڭ قىلغانلىرىڭنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدىغان ئاتا-ئانىغىمۇموھەببەت كۆرسىتىۋەر، سەن مۇشۇ سەۋەپلىك كۆكلەرگە كۆتۈرىلىرىۋىرىسەن، كىمنىڭ كىمى بولماپتۇ، كىم ئەزىز مۇكەررەم دەل شۇ ئاتا-ئانىسىدىن دۇئا ئالغان ئېنسانلاردۇر، ئاتا-ئەخلاقلىق بولۇڭ بىشىڭدا كۆتۈرگىنىڭنى بالىلىرىڭ كۆرۈپ تۇرسۇن، ئۇلار سىنى جاۋابىغا باشلىرىدا كۆتۈرىدۇ!


مەنبە:«قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر»دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48371
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8057
تۆھپە نۇمۇرى: 1537
توردا: 5045 سائەت
تىزىم: 2011-7-19
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 10:17:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم بۇيرىسا مەنمۇ شۇنداق كۈيئوغۇل بولمەن

خەپ  ئىچكى دۈشمەن

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5613
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 10:52:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
« قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر » دىنمۇ ياكى « ئۇغۇللارغا ئاتالغان نەق گەپلەر » دىنمۇ ؟

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7740
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1478 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 10:54:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(baxwazir) نىڭ تېمىسىغا

ئاما ئالامەت تىمىدىن بىرنى يوللاپ سىز ھە..... خۇدايىم بۇيرىسا مۇشۇنداق كۈيئوغول بولۇشقا تىرىشىمىز
ھەراس baxwazir  دىگەن ئىسمىڭىزنى ‹‹ پىكوغا ››يۆتكىۋىلىڭ........كەستوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2189
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7199 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 11:13:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلەنمىگەن يىگىتلە بىر كۈرۈشكە تىگىشلىك  تېمىكەن   

ھازىرقى ئاتا ئانىلا بۇنداق سۆزلەنى  قىلىشى ناتايىن قىلسىمۇ ئاز

ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8186
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1771 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2012-6-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 01:27:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە بىر ماقال بارغۇ، «كېلنىڭ يامان بولسا ئوغلۇڭدىن كۆر، كۈيئوغلۇڭ يامان بولسا قىزىڭدىن ( كۆر ).»، مېنىڭچە بۇ ماقال « ساڭا بىقىپ مەن، ئىشىككە بېقىپ دەم» دىگەن ماقالنىڭ يەنە بىر خىل شەكىلدە ئېيتىلىشى بولسا كېرەك. ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن ئىشلار ئۆز- ئارا نىسپىيدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30164
يازما سانى: 716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6452
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 3331 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 09:18:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ياخشىراق كۆرۋالسام بولغىدەك

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72806
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3006
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-1-8
ئاخىرقى: 2012-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 10:22:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق  كۇنلەر  كەلگەندە   مەن مۇشۇ  يولنې تۇتېمەن

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 1291
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 311942
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 10:31:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈيئوغۇل بولۇش ئالدىدا تۇرماقتىمەن خۇدايىم بۇيرىسا . ئەلۋەتتە يۇقىردىكى گەپ -سۆزلەرنى مەن بۇرۇنمۇ ئويلاشقان ئىكەنمەن .  
    توي قىلىدىغان  يىگىتلەرنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئانىسى بىلەن خوتۇننىڭ ئارسىدا قىلىش بولسا كىرەك .

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41408
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3561
تۆھپە نۇمۇرى: 102
توردا: 1892 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 10:55:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدايىم بۇيرىسا چوقۇم شۇنداق قىلىمەن :qiray18

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش