مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3958|ئىنكاس: 35

تۇنجى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمىم: ئاپاچ ناملى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 587
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14169
تۆھپە نۇمۇرى: 843
توردا: 7356 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 05:09:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىمىم: ئاپاچ ناملىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان
تور بەتلىرىمىزدە خالىس تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملار تارقىتىلىشقا باشلانغاندىن بۇيان، مېنىڭدىمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تورداشلارغا ئاز-تولا مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلغۇم كېلىپ قالدى. ئۆزەم ئۇزۇندىن بۇيان ئېنتىرنېتتا تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، لېكىن تېخنىكا جەھەتتە ياردەم بېرىدىغان بىرى بولمىغاچقا، فىلىم تەرجىمە قىلىش ئارزۇيۇم ئۇزۇندىن بۇيان ئەمەلگە ئاشماي كەلگەن.
دۇنيادىكى نۇرغۇن ھەربىي ئىشلار مەستانىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان، نۇرغۇن ئۇرۇشلاردا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن ئاپاچ ناملىق ھۇجۇمچى ئايروپىلاننى تونۇشتۇغان فىلىمنى تەرجىمە قىلىپ قويغان ، لېكىن تېخنىكا جەھەتتە قوللايدىغان بىرى بولمىغاچقا، بىر يىلدىن بۇيان كومپيۇتىرىمدا ساقلىنىپ تۇرغان ئىدى. يېقىندا شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ تېخنىكا جەھەتتە قوللىشى بىلەن، مەن تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم «ئاپاچ ناملىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان» ھۆججەتلىك فىلىمى شاھ ئۇيغۇر بلوگىدا ئېلان قىلىندى. مېنى تېخنىكا جەھەتتە قوللىغان شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن، تورداشلارغا سەرخىل ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملارنى داۋاملىق سۇنىمەن. (تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلىشىم بولغاچقا، بەزى خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەس، تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى ئايىماسلىقى ئۈمىد قىلىمەن)

مەزكۇر فىلىم ئادرىسى: http://shahblog.net/?p=1848

ئاپاچ ناملىق ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان


AH-64    ئاپاچ (Apache)  تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئامېرىكا ماكدونالد-دوگلاس شېركىتى (McDonnell-Douglas Corporation) ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ «ئىلغار ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان ياساش»پىلانى(AAH) غا ئاساسەن ياساپ چىققان ئىلغار ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلان. بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان ناچار ھاۋارايى شارائىتىدىمۇ كېچە كۈندۈز تانكا پاچاقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ ھەمدەناھايىتى كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقى، قۇتقۇزۇش ۋە مەۋجۇتلۇق ئىقتىدارى بار. 1975-يىلى9-ئايدا،ئىپتىدائىي تىپتىكى ئاپاچ ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلغان، 1984-يىلى رەسىمىي تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. 1989-يىلى12-ئايدا،پانامادا تۇنجى قېتىم ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلغان. 1991-يىلدىكى دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى ۋە 1999-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يۇگۇسلاۋىيەگە ھەربىي زەربە بەرگەندە ھەمدە يېقىنقى ئىراق ئۇرۇشىدا نۇرغۇن AH-64 ئاپاچ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىنىپ، ئۆزگىچە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى.

   ئاپاچنىڭ تىپلىرىدىن: AH-64A «ئىلغارئاپاچ»، «كۆپ باسقۇچلۇق ئۆزگەرتىش پىلانى»؛ AH-64B  بولسا AH-64Aئۆزگەرتىلگەن تىپى، يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى(GPS) ئورنىتىلغان، نىشان تۇتاشتۇرۇش ئىقتىدارى بار؛ AH-64C بولساAH-64Aنىڭ ئۆزگەرتىلگەن تىپى؛ AH-64D«ئۇزۇن يالىق ئاپاچ»، «ئۇزۇن يالىق» رادارئورنىتىلغان، رادىئو چاستوتىسى باشلاپ ماڭىدىغان «دوزاخ ئوتى» (Hellfire) باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ؛ ئامېرىكا ئارمىيىسى قۇۋۋىتى تېخىمۇ  يۇقىرى بولغان ھەممىباب ئېلىكترون شېركىتىنىڭ T700-GE-701C ماتورى،يېڭى توك تەقسىملەش سېستىمىسى، قوش ھەسسىلىك70كىلوۋولت ئامپىرلىق چوڭ تىپتىكى ترانسىڧور ماتور ھەمدە AN/ASN-157 دوپلېر يول باشلاش سېستىمىسى سەپلەشنى پىلانلانماقتا.

ئاساسلىق ئورۇنلاشتۇرىلىشى: 4 تال چاقپېلەك قانىتىلىق تولۇق چاتما شەكىلدىكى پىرقىرىما قانات سېستىمىسى،پولات لېنتىلىق ئۇلاش دېتالى ۋە ئىلاستىكىلىق تەۋرىنىشنى ئۈچۈرگۈچ قوللىنىلغان. قۇيرۇق قانىتى 2 چاقپېلەك قانىتى بار پىرقىرىما قانات ئوخشاش بىر ئاچا شەكىللىك ئۇلاش ئۇچىغا ئورنىتىلغان.

ھەركەتلەندۈرگۈچ قۇرۇلمىسى:2 دانە ھەممىباب ئېلكترون شېركىتىنىڭT700-GE-701 پىرقىرىما ئوقلۇق ماتور، ھەر بىرىنىڭ قۇۋۋىتى1285كىلوۋات كېلىدۇ، يۈزىنچى ئاپاچ AH-64A دىن باشلاپT700-GE-701C ماتورى سەپلىنىشكە باشلىدى، ھەر بىرىنىڭ قۇۋۋىتى1417كىلوۋات.

   قورال-ياراغلىرى: ئامېرىكا خىيۇج شېركىتىنىڭXM-230-E1 تىپلىق 30كالبېرلىق زەنجىلىك پىلموت، 1200پاي ئوق بار، مىنۇتىغا652پاي ئاتىدۇ،16دانە « دوزاخ ئوتى »(Hellfire) باشقۇرىلىدىغان بومبىسى ئېلىپ يۈرىدۇ، 70مىللىمېتىرلىق راكېتا ئوقى قاچىلىغىلى بولىدۇ، ھەر بىر ئېسىش نۇقتىسىغا 19 تۆشۈكلۈك قويۇپ بېرىش چاڭگىسى ئاسقىلى بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغان4 نى ئاسقىلى بولىدۇ، جەمئىي 76 دانە راكېتا ئوقى بار.

رازمېرلىرى: پىرقىرىما قاناتنىڭ دىئاممېتىرى 14.63 مېتىر، قۇيرۇق قانىتىنىڭ دىئاممېتىرى 2.77 مېتىر،ئايروپىلان ئۇزۇنلۇقى17.76مېتىر،ئېگىزلىكى 3.52 مېتىر.قۇرۇق ئېغىرلىقى5092 كىلوگىرام، ئەڭ چوڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى 9525 كىلوگىرام، ئەڭ چوڭ سىرتقى ئاسما يۈك كۆتۈرۈشى 771 كىلوگىرام، ئاساسلىق ۋەزىپىدىكى ئېغىرلىقى 6552 كىلوگىرام.

ئىقتىدار سانلىق مەلۇماتلىرى: ئەڭ چوڭ ئۇچۇش تېزلىكىm/h 365، ئەڭ چوڭ تۈز ئۇچۇش ۋە چارلاش سۈرئىتى m/h 293 ئەڭ چوڭ ئۆرلەش تېزلىكى سېكونتىغا4.32 مېتىر، ئېگىزگەئۆرلەش چەكلىمىسى6400مېتىر، مۇساپىسى(ئىچكى يېقىلغۇ)482 كىلومېتىر، داۋاملىق ئۇچۇش ۋاقتى1سائەت50 مىنۇت، ئەڭ چوڭ داۋاملىق ئۇچۇش ۋاقتى3سائەت 9 مىنۇت.

نۆۋەتتە ئاپاچ تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، ئەنگىلىيە، گوللاندىيە، ئىسرائىلىيە، سېنگاپور، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر ئىشلىتىدۇ، كۆپ قىسىمى AH-64D«ئۇزۇن يالىق ئاپاچ» نى ئىشلىتىدۇ.ئىسپانىيە 8 دانە AH-64 ئاپاچنى ئىجارىگە ئالدى، يەنە "ئۇزۇن يالىق ئاپاچ"نى سېتىۋېلىش باسقۇچىدا.

2002-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى شۇ ئاينىڭ ئاخىرى كۇۋەيتكە 16دانە AH-64D سېتىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.2002-يىلى 5-ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە 30 دانە AH-64Dئاپاچ تىك ئۇچار ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى.

دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئاپاچ تىك ئۇچار ئايروپىلانى بىرىنچى پاي ئوقنى ئاتتى. 1991-يىلى1-ئاينىڭ17-كۈنى سەھەردە، «قۇملۇق بورىنى» ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەركىتى باشلىنىشتىن 22 مىنۇت ئىلگىرى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ 8 دانە AH-64ئاپاچ قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش شەكلى ئارقىلىق ئىراق ئارمىيىسىنىڭ رادار تورىدىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈپ، ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسىمىغا يوشۇرۇن كىردى. ئىراق ئارمىيىسىنىڭ ئىككى مۇھىم ئالدىن سىگنال بېرىش رادار پونكىتىنى بايقىغاندىن كېيىن، 8دانە ئاپاچ ئايروپىلانى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىنىپ، رادار پونكىتىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. «دوزاخ ئوتى» باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنى كەينى-كەينىدىن قويۇپ بېرىپ، ئىراق رادار پونكىتىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇۋەتتى. كۆپ دۆلەت قىسىملىرى ئۈچۈن بىخەتەر يول ئېچىپ بەردى، كۆپلىگەن بومباردىمانچى ئايروپىلانلار يوچۇقتىن كىرىپ، باغداد ھاۋا بوشلۇقىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. «قۇملۇق بورىنى ھەركىتى »موشۇنداق باشلاندى.

2003-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىراق ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى باغدادقا ھۇجۇم قىلىش ھەركىتىدە، 32دانە AH-64ئاپاچ قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى كەربالانى ساقلاۋاتقان ئىراق جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ «مەدىنە» دېۋىزىيىسىگە شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، باغداد ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى پاي ئوقىنى ئاتتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىراق ئارمىيىسىنىڭ 10 تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. (نەپرەت2009 تەرجىمىسى)

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
qiman~zar + 20
kizhumar0998 + 300 تىرىشسىڭىز ھەممىنى قىلالايسىز

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 320   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر ئوغلى..ئۇيشۇپ ياشا ئۇيغ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64101
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1973
تۆھپە نۇمۇرى: 748
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2012-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 05:48:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قويۇپ كۆرۈشكە ئەرزىگىدەك كىنو كەن  مەن ساقلىۋالدىم  رەخمەت سىزگە

قىززىق يەردە قىززىق ئىش،  يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش،   يۇلۇپ تاشلاندى ساق چىشلار، دەت كۆرمىدى ئاغرىق چىش.

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەردە خ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32640
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1004
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 05:51:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ بىر ياخشى ئش بوپتۇ،رەخمەت سېزگە بۇندىن كېيىنكى ئېشلىرىېڭىز تېخمۇ ئوڭۇشلۇق بولسۇن.

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4598
يازما سانى: 1081
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : -729
تۆھپە نۇمۇرى: 765
توردا: 3134 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2012-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 06:19:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق يامان ئايروپىلان ئاۋۇ؟ موللاق ئاتسىمۇ چۈشۈپ كەتمەيدىكەن.يەنە تېخى يېقىلغۇسى تۈگەپ كەتسىمۇ يېرىم سائەت ئۇچالايدىكەن.

مەن

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5649
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 1448 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 06:26:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەخمەت ..ساقلىۋالدىم

مۇساپىرچىلىق يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8219
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6250
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 5384 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 06:34:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىزىقىدىغان فىلىمكەنغۇ بۇ

باشقىلاردىن ئەقىللىق بول  ، ئەمما بۇنى ئۇلارغا بىلدۈرمە

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 210
تۆھپە نۇمۇرى: 974
توردا: 7066 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 07:03:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى تۈشتە كۆرگەن  كۈرۈپ شۇنداق  خوشبولدۇم   بۇكاساپەتنى  ياساشجەريانى  بىرمۇ بىر سۆزلىنىپتۇ
Naprat2009 بۇرادەر  جاپا تارتىپسىلە رەھمەت
مەن  بۇ ئايرىپىلانغا  ئوتتەك قىزقىشىم تۇپەيلى ئۆزەمدەك  چوڭلىقتىكى  ئايرىپىلان ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى

بىر كۈنى  ۋاقىت بولسا  مائۆيدىكى  ئاپاچ  ماركىلىق ئايرىپىلانىمنى  بىر ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ  ھۇزۇرۇڭلاغا سۇنمىسام  ئاللاھ خالىسا

سۈكۈت  !


      تازا دەگەندەك ياخشى چارە ئەمەس  ........

كۆك بۆرە ئىكەنسە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26217
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4147
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 507 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 07:20:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆز  ئارتۇقچىلىقىڭىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇڭ.........كۆمىلەپ قالماڭلار.....

مەن سېنىڭ مېنى ي

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27502
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8345
تۆھپە نۇمۇرى: 438
توردا: 6399 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2012-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 07:56:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنى تەبرىكلەيمەن، يەنىمۇ تىرىشىڭ.
ئەگەر يەنە فىلىم كىرىشتۈرۈش، بوشلۇققا يوللاش ئىشلىرىدا قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز ئاق بۈركۈت ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تورى ياردىمىنى ئايىمايدۇ.
www.akburkut.com

مەن سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرمىگەنلىكىڭدىن ئەمەس، بەلىكى ياخشىراق كۆرەلمىگەنلىكىڭدىن ئەپسۇسلىنىمەن.

سۆز كۈمۈشتۇر،سۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35975
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1557
تۆھپە نۇمۇرى: 9
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2011-4-1
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 08:14:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىۋىلىپ كەچتە كۆرەي،رەھمەت سىزگە.........

سۆز كۈمۈشتۇر،سۈكۈت ئالتۇن.....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش