مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 945|ئىنكاس: 5

ھەزرىتى ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئـاق ئـاتـلـىـق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 993
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14413
تۆھپە نۇمۇرى: 533
توردا: 756 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 02:51:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەزرىتى ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ ھەققىدە


ئابدىل ئەھەت ھاشىم


ھەزرىتى ﺋﻪﻟﻼﻣﻪئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ تارىخى ھىجىرىيىنىڭ 544- يىلى (مىلادىيە 1150- يىللىرى ئات يىلىدا) قەدىمقى خوتەن دۆلىتىنىڭ پايتەختى «يورتقان شەھرى» (ھازىرقى خوتەن ناھىيە بىزىن بازىرى بورزان رايۇنىدا) ئۇقۇمۇشلۇق زات خوجامۇھەممەت ئاخۇن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، بۇ خوتەن رايونىدا ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنغىلى بىر ئەسىردىن ئاشقان، دىنى ئىسلامنىڭ ئەقىدە ئەركانلىرى ئۆزلىشىپ، ئىلىم – مەرىپەت گۈللىرى كۈچۈيۈپ كىتىۋاتقان ۋاقىت بولۇپ، ھەزرىتى ﺋﻪﻟﻼﻣﻪئاﻻئىدىن دەسلەپكى ئىلمىي ساۋادىنى ئۆز ئاتىسىدا چىقىرىپ كىيىن ئاتىسىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۆزىنىڭ تەلىۋى بويىچە قەشقەرگە چىقىپ شۇ زاماننىڭ ئاتاقلىق ئىلىم – مەرىپەت بۈشۈگى بولغان «مەدرىسى ساچىئە» گە ئوقۇشقا كىرىدۇ.
«مەدرىسى ساچىئە» - ئوتتۇرا ئاسىيا قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيەت – مەرىپەت مەركىزى قەشقەردە قۇرۇلغان ئاتاقلىق ئالىي دارىلفۇنۇن دەپ ئاتىلاتتى.
«ساچ» - چاچ دىگەنلىك بولۇپ، چاچتەك چېچىلىپ تۇرسۇن، يۈكسەك ئالىي دەرىجىدە يالىلداپ تۇرسۇن دىگەن مەنىدە ئاتىلىپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادا نامى مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى ئىدى. بەزى تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى «چىنى باغ» دىگەن يەردە قۇرۇلغان بولۇپ ئورنى 1000 مو كىلىدىكەن. شۇچاغدىكى قاراخانىيلار ھۆكۈمرانى يۈسۈپ قادىرخان (1032-1024) تەخىتتىكى چېغىدا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ شاھ ئاتىلىق ۋەسىيىتى ۋە قەشقەر خەلقىنىڭ تەلىۋى بويىچە ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ قۇرۇپ چىققان.
شۇ دەۋىرلەردىكى مەھمۇت قەشقىرى، دۆلەت خاس ھاجىپى يۈسۈپنىڭ ئۇستازى ھەزرىتى ئىمام ھۈسەيىن خەلىپە مەكتەپنىڭ قازى مۇدىرى بولغان. (1093-973) بۇنىڭ بىلەن پەننى ھەم دىننى تۈس ئالغان ئالىي دارىلفۇنۇن «بۇخارا»، «بالاساغۇن» قاتارلىق ئىلىم – مەرىپەت بۈشۈكلىرىگە ئوخشاشلا قەشقەر مۇھىتىدا راسا تەرەققىي قىلغان. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، بەلىغ، تاشكەنت، بۇخارا، خىيۋە، ئالمىلىق، جالال ئابات، باغدات، ئىسپاھان، دەمەشىق، دىھلى، ئەل فوستات (مىسىر) قاتارلىق جايلاردىن ئالىملار، شائىرلار ۋە تالىپلار كىلىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇلۇغ ئالىم جىمال قەرىشى (قەشقەرلىغ) بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ «ئىلمى ھېكمەت» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈش بىلەن دۇنياغا مەشھۇر «سوراخ» ناملىق كىتاۋىنى يېزىپ پۈتكۈزگەن. ئۇلۇغ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەئخمۇت قەشقىرى «مەتنى ئەلبىيە» (تىل دەرىسىنى) ئۆتكەن ۋە باشقا ئىلمى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان، «قۇتادغۇبىلىك»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر 4 كىتاپنىڭ ئىككىسى مۇشۇ مەكتەپتە يېزىلىپ تاماملانغان. ئۇ چاغلاردا ھەرخىل ئىچكى ئۇرۇش ۋە مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ماتىرىياللار يوقاپ كەتكەن. بەزى ئايرىم ماتىرىياللارغا قارىغاندا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىمۇ خېلىلا ئىلغار بولۇپ تالىپلار ياتاقخانىسى، قىرائەتخانىسى، كۈتۈپخانىسى قۇرۇلغان بولۇپ نەچچە ئون مىڭ كىتاپ قويۇلغان. شۇ دەۋىرلەردە نۇپۇزلۇق مۇدەررىس، مۇھەندىس، ئەلپەتتارلار يىتەكچىلىكىدە ئەرەپ تىلى، پارىس تىلى، تەپسىرىل قۇرئان، ئەخلاقىل ساپا، ئىلمى پەلەك(ئاستىرنومىيە)، ئىلمى ھېساپ، جۇغراپىيە، ئىلمى مەنتىق (لوگىكا)، ئىلمى شىپاھ، ئىلمى ھەدىس، تارىخى كەبىر قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلەتتى. «مەدرىسى ساچىئە» دە تالىپلار مۇدەررىسلەرنى ئۆزى تاللايتتى، ئوقۇش ۋاختى 5 يىلدىن 15 يىلغىچە بولاتتى. تالىپلار ئاش – تامىقىنى ئۆزلىرى ئىتىپ يەيتتى. پادىشاھلىقتىن ئوقۇغۇچىلارغا «پەيشەنبىلىك» بىرەتتى يېرىم كۈن ئوقۇيتتى، يېرىم كۈن ئىشلەيتتى، قىيىنچىلىقى بار تالىپلارغا جەمىئەتتىكى پۇلدارلار، دانىشمەن ئالىملار، كىيىم-كىچەك، پۇل- خىراجەت خەيرى ئىھسان قىلاتتى.تالىپلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن يۇرت كىزىپ ساياھەت قىلاتتى. ئۆزلىرى خىراجەت راسلاپ يۇرتلىرىغا قايتىپ خىزمەتنى ئۆزلىرى تاپاتتى. ئۇلارنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار ئۇلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ، ئەلالىرىنى تاللاپ ئىشقا قوياتتى. خوتەنلىك شائىر ئەخمەتشاھ قارىقاشى ساچ مەدىرىسىگە ئات ئۇلاغ بىلەن بېرىپ ئۈچ يىل ئوقۇپ كىلىپ قارىقاش گۈزە مەسچىتىدە مۆتىۋەللى ئاخۇن بولغان. 1678-1514- يىللىرى سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە مەكتەپ يەركەنگە كۆچۈرۈلدى. 1760- يىللارغا كەلگەندە يەركەندىكى سوپى ئىشانلار جەڭگە جىدەللىرىدە ئادەتتىكى سوپىلار مەدرىسىگە ئايلىنىپ قېلىپ ئاخىرى ئەمەلدىن قالدى. شۇنداق قىلىپ «مەدرىسى ساچىئە» پەننى ھەم دىننى بىلىم مۇكەممەل بىرلەشكەن ئۇيغۇر ئالىي مائارىپىنىڭ دەسلەپكى ئەۋرىشكىسى سۈپىتىدە بارلىققا كېلىپ تارىختا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئويناپ قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇدرەت تاپقۇزغان ئىدى.
ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ «مەدرىسى ساچىئە» دە تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىپ ئوقۇپ شۇ دەۋىرنىڭ ئىھتىياجى بىلەن ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئۆزلەشتۈرىدۇ. «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس تەپسىرشۇناسلىقىدىمۇ ئالىم بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.
تىبابەتچىلىكككە ئىشتىياق قويۇپ ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا قاتارلىقلارنىڭ داۋالاش ئىلمى جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرىدۇ.
ياش ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ بۇ جەرياندا ساۋاقداشلىرى ۋە قەشقەردىكى ئىلىم ئەھلى ئارىسىدا خېلىلا نام ئاتاق قازانغان بولسا كېرەك، چۈنكى شۇ مەزگىللەردىلا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا «خوتەنى» تەخەللۇسى قوشۇلۇپ «ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.
ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ- XII-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا «مەدرىسى ساچىئە» نىڭ ئىرشاتنامىسىنى ئېلىپ خوتەنگە قايتىپ كېلىدۇ ۋە شەھىرى يورتقاننىڭ مەركىزىدىكى (ھازىر بۇ يەرلەر خەلچە كەنتى، ئەسىسكەنتى، ئەللامە ناملىرى بىلەن ئاتىلىدۇ) خانلىق مەدرىسىگە مۇدەررىسلىككە تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مول بىلىمى، ئاجايىپ ناتىقلىقى، ئېسىل ئەخلاقى – پەزىلىتى ۋە قولى شىپاھ تىۋىپلىگى بىلەن تولا شۆھرەت قازىنىدۇ.
خانلىق مەدىرىسىنىڭ ئىلىم ئۆگىنىدىغان تالىپلىرى كۆپىيىپ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئاۋاتلىشىدۇ، ئىلىم مەرىپەت ۋە ئىلمى تىبابەتنى ئۆگىنىش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ.
ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ مەدرىسىدە تالىپ تەربىيىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا شىپاخانا ئېچىپ كېسەل كۆرىدۇ، ۋە داۋالايدۇ. دورا-ئەشيالارنىڭ خىمىيىلىك، فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىنچىكىلەپ ئىنىقلاپ چىقىدۇ.ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنانىڭ رىتسىپلىرىنى تەجرىبە سىناقتىن ئۆتكۈزىدۇ، مەجۇن، ھەپ، شەربەت، مەلھەملەرنى ياسايدۇ. دورا- ئەشيالار ئىچىدىكى مىتاللارنى كوشتە قىلىش (زەھەرسىزلەندۈرۈش) ئۇسۇللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، كىسەل كۆرۈپ تونۇشنىڭ بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرىنى سېستىمىلاشتۇرىدۇ. ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ نىڭ نام شۆھرىتى يىراق – يېقىنغا تارقىلىدۇ. ئۇنىڭ مول بىلىمى خەلقنىڭ روھىي ۋە جىسمانىيتىنى تەربىيىلەشتە كۆرسەتكەن تۆھپىسى، ئىسىل ئەخلاق پەزىلىتى، ئەل يۇرت ۋە ھاكىمىيەتنى قايىل قىلىدۇ.
«قارا قىتان» سۇلالىسىگە قارام بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لىكىن يەنىلا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق ئىلىكخانى قىلىچخان ئۇنى «ئەللامە» لىققا تەيىنلەيدۇ. «ئەللامە» نىڭ مەنىسى نىمىدۇر؟ قەدىمقى كىتابلاردا ئەرەپلەر ئارىسىدا «ئەللامە ئىبنى خالىدۇن»، «ئەللامە ئىبنى ئەخمەت»، «ئەللامە ئىبنى ئەخمەش» قاتارلىق يەتتە «ئەللامە» ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. شۇلاردىن مەلۇمكى : ئەللا ئۇستازلارنىڭ ئۇستازى دىمەكتۇر ھەم ۋەزىپىدۇر. يۇرت ئىچىدە كىمكى مەدرىسە ئېچىپ تالىپ تەربىيىلىمەكچى ۋە ياكى شىپاخانا ئېچىپ كىسەل داۋالىماقچى بولسا ئالدى بىلەن ئەللامىنىڭ ئىمتىھان سىناقلىرىدىن ئۆتمىگى، ئىرشاتنامىسىگە ئېرىشمىكى زۆرۈردۇر. ھەربىر يۇرت ئەل ئۈچۈن ئېيتقاندا يىتىلمىگەن ئالىم ئۆلىما، ئالدامچى ، ساختا تىۋىپلاردىن ساقلىنىش ئىھتىياجىدۇر.
ھەزرىتى ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ ئەللامىلىق قىلغان مەزگىل خوتەندە ئىلىم – مەرىپەت، ئەخلاق – ھىدايەت، تىبابەتچىلىك – دورىگەرلىك، داۋالاش ئىشلىرى راسا گۈللەنگەن مەزگىلدۇر.
تارىخى كىتابلاردا ھەزرىتى ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪنىنىڭ تالىپلىرى ئۈچ مىڭغا يەتكەنلىكى، ئۆزمەدرىسىدە مول كىتاپ زاپىسىغا ئىگە كۈتۈپخانا، تەجرىبىخانا قۇرغانلىقى، كۇتۇپخانىدا شۇ دەۋىرنىڭ شاھانە ئەسەرلىرىنىڭ قول يازمىلىرى ساقلانغانلىقى بايان قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ ئۆزىنىڭ ئاز بولمىغان ئەدەبىي ۋە تىببىي كىتاپلارنى يازغانلىقىنى پەرەز قىلالىشىمىز مۇمكىن.
ۋاھالەنكى بىزگە پەقەت ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۈچ پارچە كىتاپ ۋە بىر پارچە شېئىرنىڭلا ئۇچۇرى يىتىپ كەلگەن. بۇ كىتاپلارنى ئۇنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىدىن موللا خوجا ئاخۇنلۇقۇم، موللا خوجا مۇھەممەت ھاجىم، تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇم قاتارلىقلار ئەۋلاتمۇ ئەۋلات مىراس قالدۇرۇشۇپ 20 – ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغىچە يەتكۈزۈپ كەلگەن. ھەزرىتى ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان بۇ كىتاپلارنىڭ بىرىنچىسى «ئەلقىسقىمول تىببىيە» (تىبابەت قانۇنلىرى) بولۇپ، بۇ كىتاپنى ئەشۇ 50-يىللاردا ئابلىمىت يۈسۈپ داموللاھاجىم، تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇم ھوزۇرىدا كۆرگەن ئىكەن. بۇ كىتاپتا ئەللامە ياشىغان XII-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ نەزەرىيە بىلىملىرى، داۋالاش قائىدە پىرىنسىپلىرى، تىۋىپلارنىڭ ئەخلاق- مىزانلىرى، داۋالاش ھادىسىلەرنىڭ بىرتەرەپ قىلىش قائىدە تۈزۈملىرى، تىببىي خادىملارنىڭ قەستەن ياكى سەھۋەن سادىر قىلغان خاتالىقلىرى، باشقىلارنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە يەتكۈزگەن زىيانلىرىنى شەرىئەت ھۆكۈمى بويىچە بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئىخچام، يېغىنچاق بايان قىلغانىكەن. ئەپسۇسكى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيى ئاختۇرۇلۇپ قىممەتلىك تارىخى، ئەدەبىي، دىننىي ۋە تىببىي كىتاپلار بۇلاڭ – تالاڭ قىلىنىپ كۆيدۈرۈلگەندە «ئەلقىسقىمول تىببىيە» (تىبابەت قانۇنلىرى) مۇ كۆيدۈرىۋېتىلگەن. بۇ بىزنى ھەسرەتتە قويغان ئېغىر ئەلەملەرنىڭ بىرىدۇر.
ھەزرىتى ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ قەلىمىگە مەنسۇپ ئىككىنچى كىتاپ «زوبدەتۇل قەۋەنئول ئىلاج» بولۇپ بۇ كىتابنى كىيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ بىرى داڭلىق تىۋىپ تۇردى مۇھەممەت ئاخۇنۇمنىڭ شاگىرىتى ۋە كۈيئوغلى باقى ئالىم ھاجىمگە ۋەسىيەت بىلەن قالدۇرغان. «زوبدەتۇل قەۋەنئول ئىلاج» (داۋالاش قانۇنلىرىدىن خۇلاسە) نىڭ مۇھەممەت باقى ھاجىم ساقلاۋاتقان نۇسخىسى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى پاتلانغان خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان كىتاپ بولۇپ فورماتى 19×13 سانتىمىتىر 161 ۋاراق. 332 بەت، 38 باپ 665 خىل رىتسىپ، ھەربىر بەتكە 11 قۇردىن قارا سىياھ بىلەن يېزىلغان. باپ ، پەسىللىرى قىزىل سىياھ بىلەن يېزىلغان، مۇقاۋىلىنىپ ئوبدان ساقلانغان.
ئىككىنچى نۇسخىسىنىڭ ھەجىمى چوڭراق بولۇپ فورماتى 28×33 سانتىمىتىر 28 باپ، 776 خىل رىتسىپتىن تۈزۈلگەن. يەككە دورىلاردىن 700خىل مۇرەككەپ دورىلاردىن300 خىل دورا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. ھەربىر بەتكە بىر رىتسىپ پاتۇرۇلۇپ باپلىرى قىزىل رەڭدە، رىتسىپلىرى قارا رەڭدە ناھايىتى كۆركەم، چىرايلىق يېزىلغان. بۇ قول يازمىدا ئىلگىرى ئۆتكەن ھۆكۈمالاردىن بۇقرات، سابىت، ئىھساق يوھونا، مەسھو، مۇھەممەت زىكىر، ئىبنى ھاسىل، جوي، جالىنوس، ئىبىن سىنا، ھونەيىل، روفەس، فولىس قاتارلىق 13 نەپەر ئالىمنىڭ رىتسىپلىرى كۆچۈرۈلۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا ئۆزىنىڭ بۇ رىتسىپلارنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ ئېرىشكەن ساۋاقلىرى يېزىلغان. ھەربىر رىتسىپنى تەجرىبە ئارقىلىق دەلىللەپ چىققان، بۇ كىتاپنىڭ تەرجىمىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژورنىلىنىڭ 2001-يىلى 2-سانىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىپ كەڭ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئەسلى قولىمىزغا يىتىپ كەلگەن كىتاپ يېزىغى پارىسچە بولۇپ ماقالىگە قوشۇمچە قىلىپ ئەسلى نۇسخىسى كىرگۈزۈلدى.
ھەزرىتى ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ تارىختا ئەنە شۇنداق ئۇزاق ئىلىم – مەرىپەتلىرىنى ئەل يۇرت، ۋەتەنگە بېغىشلاشنىڭ ئالتۇن دەۋرىگە قەدەم قويۇۋاتقان يىللاردا دىيارىمىزنىڭ سىياسىي تارىخىدىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتاتتى.
1206-يىلى شىمالىي يايلاقتا چىڭگىزخان باش كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇ شەرقى نايمان قەبىلىسىنىڭ پادىشاھى تايانخاننى مەغلۇپ قىلىپ ئۇنىڭ تامغۇچىسى تاتاتوڭانى تۇتىۋېلىپ تايانخاننىڭ قاچقۇن ئوغلى كۈچلۈككە زەربە بېرىشكە خارەزىم دۆلىتىگە بارىدىغان يولدىكى توسالغۇنىڭ كۈچلۈكخان ئىكەنلىكىنى ھېساپقا ئېلىپ ئۇنى يوقىتىش قارارىغا كەلدى. چىڭگىزخان مىلادىنىڭ 1218- يىلى جەبەنويان قو خاندانلىقىدىكى يىگىرمە مىڭ كىشلىك ئاتلىق موڭغۇل قوشۇنىنى كۈچلۈكخاننى يوق قىلىشقا ماڭدۇردى. كۈچلۈكخان مىلادىنىڭ 1204-يىلى ئالتايدىن يەتتە سوغا غەربىي قىتان خانى چورۇقنىڭ قېشىغا قېچىپ بارغان نايمان شاھزادىسى ئىدى. كۈچلۈك چورۇقخاننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغاندىن كىيىن ئالتاينىڭ شەرقىدە چېچىلىپ يۈرگەن نايمانلارنى يەتتە سوغا كۆچۈرۈپ كەلدى. چورۇقنىڭ قىزىغا ئۆيلەندى، كۈچ توپلاپ، پۇرسەت پايلاپ يۈرگەن كۈچلۈكخان 1211-يىلى خارەزىم شاھى مۇھەممەت بىلەن غەربىي قاراخانىلارنىڭ قاغانى بولغان ئوسمان بۇغراخان قوماندانلىغىدىكى بىرلەشمە قوشۇن تەرىپىدىن تارمار بولغاندا (تالاس دەرياسى بويىدا) 80نەچچە يىل ھۆكۈم سۈرگەن غەربىي قىتانلار خانلىقى (1125-1211) نى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، شۇ خاندانلىقنىڭ خارابىسىدە غەربىي نايمان خانلىقىنى قۇردى.
غەربىي نايمان خانلىقى تېرىتورىيىسىگە خوتەن، يەركەن، قەشقەر، يەتتەسۇ، پەرغانە ۋادىسى كىردى.كۈچلۈكخان غەربىي نايمان خانلىقىنى قۇرغاندىن كىيىن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ھەر جەھەتتىن ئېغىر زۇلۇم سالدى. بولۇپمۇ دىنىي جەھەتتىن بەكمۇ يولسىزلىق قىلدى. كۈچلۈكخان ئەسلىدە خىرىستىئان دىنى (ناستورىئان مەزھىپى) گە ئىتىقاد قىلاتتى.ئوملارنىڭ 1204-يىلى قىتانلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى يەتتە سۇغا قېچىپ كەلگەندىن كىيىن بۇرۇنقى ئىتىقادىدىن يېنىپ بۇددا دىنىغا كىرگەنئىدى، كۈچلۈكخان كۆرۈنمەككە باتۇر، ھىلىگەر بولسىمۇ تىگى تەكتىدىن ئالغاندا، دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا دۆت، قارام، تەدبىرسىز، ۋەھشىي، زالىم خان ئىدى. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ خوتەن، يەركەنت ، قەشقەر قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلەردىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىدىن يېنىپ بۇددا دىنىغا كىرىشكە زورلىدى. ھەتتا ئۆزى خوتەنگە كىلىپ ، ھەزرىتى ئەللامە ئالائىددىن مۇھەممەت خوتەنى باشلىق بىرنەچچە مىڭ ئۆلىمانى يېغىپ ئىسلام دىنىدىن يېنىپ بۇددا دىنىغا كىرىش توغرىسىدا ئۇختۇرۇش قىلدى. ئۇنىڭ دىگىنىچە قىلمايدىغان بولسا ئۇلارنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەزرىتى ئەللامە ئالائىددىن مۇھەممەت خوتەنى يۈرەكلىك، دادىل ھالدا كۆكرەك كېرىپ نەخ مەيداندا كۈچلۈكنى بەس – مۇنازىرىدە مات قىلىش بىلەن لەنىتى كۈچلۈكنىڭ يۈزىگە تۈكۈردى. رەسۋا بولغانلىقىغا چىدىمىغان كۈچلۈكخان ھەزرىتى ئەللامە ئالائىددىن باشلىق 3000 دىن ئاتۇق ئۆلىما ئىماملارنى ئۆلتۈردى، ئىسسىق قانلار دەريا بولۇپ ئاقتى. مەرىپەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ئوغلان ھەزرىتى ئەللامە ئالائىددىن مۇھەممەت خوتەنىنى ئۆز مەدرىسىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا چارمىخ قىلىپ ئەل جامائەتكە ھەيۋە قىلدى. زالىم كۈچلۈكخان بۇنىڭلىق بىلەنلا قانائەت قىلىپ قالماستىن ھەزرىتى ئەللامە ئالائىددىننىڭ كۈتۈپخانىىسى ۋە مەسچىتلەرنى كۈلگە ئايلاندۇرۇپ كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، شۇ قېتىم كۆيدۈرۈلگەن كىتاپلار ئىچىدە «تۈركى تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قوليازما نۇسخىلىرىمۇ بار ئىدى. دەپ قەيت قىلىنىدۇ تارىخى كىتاپلاردا. شۇنداق قىلىپ ئەنە شۇ زالىمنىڭ قانغا بويالغان قولىدا بۈيۈك ئالىم ھەزرىتى ئەللامە ئالائىددىن مۇھەممەت خوتەنىنىڭ ئەھمىيەتلىك بولغان ھاياتى نابۇت بولىدۇ.ۋىسارا خانلىقىغا مىڭ يىلدىن ئارتۇق پايتەخىت بولغان «يورۇتقان شەھرى» مۇ كۆيدۈرۈلۈپ خاراپ قىلىنىدۇ. ئەللامە ئالائىددىن مۇھەممەت خوتەنى شېھىد بولغاندىن كىيىن خەلق ئۇنى ئۆزى مەدرىسە ئاچقان جاينىڭ يېنىغا دەپنە قىلىپ ھەيۋەتلىك قەبرە قاتۇرغان. بۇ جاي ھازىرغىچە «ئەللامە بۇزۇرۇكۋارىم مازىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ھەزرىتى ئەللامە ئالائىددىن مۇھەممەت خوتەنى بىلەن بىللە قەتلى قىلىنغان 3000دىن ئارتۇق موللا ئۆلىما تالىپلار ئەنە شۇ مازارنىڭ شەرقىغە ( قاشى يارلىغىنىڭ لىۋىدىكى لايلاتما تۈزلەڭلىككە دەپنە قىلىنغان بولۇپ بۇ جاي ھازىرمۇ «گورجاي شېھىدلىق» (شېھىدلەر گودىڭى)، «قەۋمى شەھدان» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەسلىدىكى «شەھرى يورۇتقان» نىڭ شىمالى تەرىپى ھازىرمۇ «قېلىچ كەنت» (سەل بۇزۇلۇپ خەلىچ كەنت) دەپ ئاتىلىدۇ. موڭغۇللار مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن كۈچلۈكخان ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى نەزەرگە ئېلىپ دىنىي ئىتىقاد ئەركىنلىكى توغرىسىدا تەشۋىقات يۈرگۈزدى. بۇ تەدبىر كۈچلۈكخاننىڭ ھالاكىتىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ قويدى. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپ – نەپرىتىگە يولۇققان كۈچلۈكخان ئىسسىق كۆلنىڭ بويىدا جەبە نۇيان بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ قەشقەرگە قاراپ چىكىندى، ئۇيغۇرلار كۈچلۈكخاننىڭ ئەسكەرلىرىنى ئۇچرىغان يەردە ئۆلتۈردى. ئېغىر ئەھۋالدا قالغان كۈچلۈكخان قەشقەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سېرىققول غا قاچتى. ئۇ كەينىدىن قوغلاپ كىلىۋاتقان موڭغۇللار تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. چىڭگىزخان 1218-يىلى كۈچلۈكخاننى بىتچىت قىلغاندىن كىيىن مىلادىنىڭ 1219- يىلى (بۇ يىلان يىلى) 210مىڭ جەڭچىدىن تەركىپ تاپقان زور قوشۇنغا ئۆزى قوماندان بولۇپ ئۇلۇغ خارازىم شاھ دۆلىتىگە قاراپ يۈزلەندى.
ھەممىدىن ئۇلۇغ، ماختاشقا سازاۋەر ئاللاھ تائالا زىمىننى، ئىنسانلارنى، قەغەز ۋە قەلەمنى يارىتىپ لەۋھۇل مەھپۇزغا ئىنسانلارنىڭ ياشاش، ھاياتلىق يولىنى ئىلىم – مەرىپەت، ھېكمەت مەشئېلىنى ئىلھام قىلىپ بىلدۈرۈپ ئەرشى كۇرسىدا قارار ئالغاندىن ھازىرغىچە نوشىرىۋاندەك ئادىل پادىشاھلار، شەتتات نەمروت پىرئەۋىندەك زالىم پادىشاھلار ھەر دەۋىر مەنزىللىرىدە ئوخشاش بولمىغان كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ئادالەت-زالالەت يوللىرىنى تۇتۇشۇپ كەلگەن بولسىمۇ ئىلىم – مەرىپەت بۈشۈگى ئوچىقىدىن يالقۇنجاپ چىققان ئۇچقۇنلارنى نابۇت قىلىشقا قۇربى يەتمىدى. زاماننىڭ تەرەققىياتى ئىلىكتىرونلۇق دەۋىرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاشۇ قەغەز قەلەم ئارقىلىق ئىستىداتلىق دۇنياۋىي شاھ ئاتىلىرىمىز، مۇتەپەككۇر ئالىم ئۆلىما، پىروففىسور، دوكتۇر، دوكتۇر ئاشتى، ئاسپىرانت ، ماگەستىرلىرىمىز بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بويلاپ ئىنسانلارنىڭ ياشاش، تەبىئەتنى تونۇش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ كەلمەكتە. ئۈمىدۋار غايىنى ئۆزلىرىگە ئۆرنەك قىلىپ ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلمەكتە، ئىزدەنمەكتە. ئىلىم مەرىپەت ئوتلىرى زالالەت، ئازغۇنلۇن، زۇلمەت قاراڭغۇلىغى ئۈستىدىن غالىپتۇر. ئىبلىس شەيتان ئەلەيھىننىڭ تەقدىرىمۇ ئەنە شۇ ھەقىقەتنى بەلگىلىگەن. ئىلىم – مەرىپەت پىشىۋالىرى ئىنسان قەلبىنىڭ چوڭقۇر يىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئەبەدىلئەبەد مەڭگۇ ياد ئىتىلىدۇ. ئەلقىساسى مىنەلھەق. تېرىساڭ ئالىسەن مول – ھوسۇلنى، تېرىمىساڭ چىشلەپ قالۇرسەن لىۋىڭنى. پېقىرغا يېقىندىن ياردەملىشىپ ماسلاشقان دوستلارغا ئەڭ ئالىي سالام ۋە تەشەكك
ۇر.
پايدىلانغان ماتىرىياللار

1. ھەزرىتى ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻰ ھەققىدە – رەجەپ يۈسۈپ «يىڭى قاشتېشى» ئەدەبىي ژورنىلى 2004-يىلى 3-سان
2. ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ئاﻻئىدىن ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﻮﺗﻪنىنىڭ «زۇپتىنۇن قاۋانىل ئىلاج ناملىق ئەسىرىدىن. ئاپتور ھەققىدە» مەمەت باقى ئالىم، مىھرىگۇل مەمەتباقى، سايىپخان تۇردى مۇھەممەت، شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژورنىلى 2005-يىل 4-سان
3. «ئالاھىددىن» تارىخى داستان ئابلا سۇلايمان « تارىم ژورنىلى » 1985-يىلى 11-سان
4. «تارىخى رەشىدىيە» مىرزى مۇھەممەت ھەيدەر كۇراگان شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2007-يىل 7-ئاي
5. «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» پەرھات جىلال شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2007-يىلى 9-ئاي
6. «موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى» تەرجىمە قىلغۇچى ئەركىن شېرىپ 1999-يىلى 1-ئاي شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى
7. « چىڭگىزنامە » موللا مىرسالى قەشقىرى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1986-يىل 2-ئاي.
8. «شەجەرەئىي تۈرۈك» ئەبۇل غازى باھادىرخان شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2002-يىلى 1-ئاي
9. «تارىخى رەشىدىيە زەيلى قىسمى» مىرزا مۇھەممەت جاراس شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ جەمىئەت تارىخىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىپ باستۇرۇلدى. خوتەن سىفەن جۇەنكې مەكتىۋى جەمىئەت تارىخىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۆپەيتىپ باستى. 1981- يىلى
10. «ئۇيغۇر ئالىي مائارىپىنىڭ ئەۋرىشكىسى مەدرىسى ساجىئە» دارىلفۇنۇنى ھەققىدە شېرىپجان قاسىم كامالى
11. «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تىزىسلىرى» گاۋىن ھامبىلى يەنى (ئامرىكا) مىللەتلەر نەشىرىياتى بېيجىڭ 2008-يىلى 9-ئاي

ئـادەم خـوشـال بـولىۋەرمەس كـۈلسىلا، خـوشـاللىققـا بـەلـگـە ئەمەس كۈلكىلا. ئـويـلىمىغىن غەملا كۆرسەڭ قايغۇ دەپ، ياشاش دىگەن ئاسان ئەمەس ئۇنـچىلا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71016
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3795
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 518 سائەت
تىزىم: 2011-12-19
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 08:16:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىزدىنىش بوپتۇ ، داۋاملىق تىرىشىڭ .

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىرە چۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65380
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4452
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-24 11:56:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلمىگەن نۇرغۇن تارىخنى بىزلەرگە يەتكۈزگەنلىكىڭىزدىن تەشەككۈر!

تەڭ ئىدۇق تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن نەتىجىلىرىڭدىن،
تەڭ بولارمىز ئاخىر بىركۈن قەبرە ئالدىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35342
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13724
تۆھپە نۇمۇرى: 959
توردا: 2040 سائەت
تىزىم: 2011-3-26
ئاخىرقى: 2013-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 10:40:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جانابى ئاللاھ شەھىد ئۇستازلىرىمىزغا ھەسسىلەپ ئەجىر بەرگەي.

‹روھىنى پاكلىغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يىتىدۇ ›___   سۈرە شەمسى 9_ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 1252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10971
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 10606 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 11:24:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە اللە تەئالا رەھمەت قىل سۇن

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-25 03:23:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادېر يوللانما .......

خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش