فىلىم نامى: Das Boot
ئۇيغۇرچە نامى: پاراخوت
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 1981
ژانىرى: ۋەقەلىك / ئۇرۇش
دۆلىتى: غەربىي گېرمانىيە(فىدىراتىپ گىرمانىيە)
تىلى: ساپ گېرمانچە
يېزىقى:
ئۇيغۇرچەنەتىجىسى: 8.4 (43225 ئاۋاز)
ئۇلىنىش:
http://www.imdb.com/title/tt0082096
فورماتى: rmvb
ئۇزۇنلىقى: 293
رەزمى: 640x336
چوڭلۇقى:6CD/2.34GB
رېژىسسور: Wolfgang Petersen (ۋولفگاڭ پېتېرسېن)
سىنارست: Wolfgang Petersen
روللاردا:
Jürgen Prochnow
Herbert Grönemeyer
Klaus Wennemann
Hubertus Bengsch
Martin Semmelrogge
قىسقىچە مەزمۇنى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى:
ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى يېقىنقى 100يىل مابەينىدە چوڭ-كىچىك بولۇپ 373 قېتىم ئۇرۇش پارتىلىدى. 100مىليون كىشى بۇ ئۇرۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلدى. بىۋاستە ئىقتىسادى چىقىم 5 تىرلىئۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. بولۇپمۇ ئىككى قېتىملىق مىسلىسىز چوڭ ئۇرۇش بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا 33دۆلەت قاتناشتى، 1 مىليارد 500 مىليون ئادەم ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالدى. بۇ پۈتۈن يەرشارى نوپۇسىنىڭ 3/2 قىسىمى ئىگىلەيدۇ، جەمئىي 21 مىليون ئادەم ئۇرۇشتا يارىلىنىپ ئۆلدى. يەنە20مىليون ئادەم كېسەل، ئاچارچىلىق ۋە ئۆي ماكانسىز قېلىپ جېنىدىن ئايرىلدى. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ زىيىنى بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدىنمۇ زور بولدى. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى 1939-يىلى 2-سېنتەبىر گېرمانىيىنىڭ پولشاغا ھۇجۇم قوزغىشى بىلەن ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. دۇنيا نوپۇسىنىڭ 5/4 قىسىمى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىردى. 61 دۆلەت ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۆلگەن ئومۇمىي ئەسكەر سانى 27 مىليون بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە 90 مىليون پۇقرا ئۇرۇشتا قازا قىلدى. پەقەت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىدىلا ئۆلگەن ئومۇمىي ئادەم سانى 30 مىليوندىن، گېرمانىيىدە بولسا 10مىليوندىن ئاشىدۇ. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدا ئاساسلىقى قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز يۆنىلىشى بويىچە ئەڭ زامانىۋى قوراللار ئىشقا سېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە دېڭىز ئۇرۇشى ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ ئاساسلىق توقۇنۇشقان مەيدانى بولۇپ قالدى. دېڭىز ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ U تىپلىق پاراخوتلىرى ئىتتىپاقداش ئارمىيىگە زور ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.
1906-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيىلىكلەر دېزىل ماتورىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى قىلغان U تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتىنى ياساپ چىقتى. بۇ چاغدا دۇنيادا بۇ پاراخوتقا يېتىدىغان زامانىۋى پاراخوت تېخى ئىجاد قىلىنمىغان ئىدى. 1914-يىلى5-سېنتەبىر گېرمانىيىنىڭ U-21 سۇ ئاستى پاراخوتى بىر دانە تورپېدا بىلەن ئەنگلىيىنىڭ «يول ئاچقۇچى» ناملىق پاراخوتىنى پاچاقلاپ تاشلاپ 250 نەپەر ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. 1914-يىلى 22-سېنتەبىر گېرمانىيىنىڭ U-9 سۇ ئاستى كېمىسى بېلگىيىنىڭ دېڭىز بويىدا 90 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئومۇمىي ئېغىرلىقى 12مىڭ توننا كېلىدىغان 3 دانە ئېغىر قوراللانغان ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى. پاراخوتتىكى 1500 ئادەمنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 1915-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگىچە گېرمانىيە U تىپلىق پاراخوتلىرى ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ 600 دىن ئارتۇق سودا پاراخوتلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 1916-يىلى ۋە 1917-يىلى ئارىلىقىدا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1100 دانە ۋە 2600 دانىگە يەتتى. پەقەت بىر U-35 پاراخوتنىڭ ئۆزىلا 226 كۈرەشچى پاراخوتنى پاچاقلاپ تاشلىدى. پاچاقلانغان پاراخوتنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 500 مىڭ توننىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ.
بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدا، گېرمانىيىنىڭ U تىپلىق پاراخوتلىرى چۆكتۈرۈۋەتكەن دۈشمەن سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 5906گە، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 13مىليون 200 مىڭ توننىغا يەتتى. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا U تىپلىق پاراخوت بىلەن چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ جەڭ كېمىلىرىنىڭ سانى192گە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە كۈرەشچى كېمىنىڭ سانى 12، ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوتنىڭ سانى 23، قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ سانى39، سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ سانى 30 بولدى. بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن بولۇپ ياسىغان ئومۇمىي سۇ ئاستى كېمىنىڭ سانى 640دىن ئاشقان، پەقەت گېرمانىيىنىڭ ياسىغان U تىپلىق سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ سانىلا يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ پاراخوتلار ئىچىدە بولۇپمۇ U تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ سۇ ئاستىدىكى چەبدەسلىكى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى گېرمانىيىنىڭ دېڭىز ئۇرۇشىدا بىر مەھەل نام چىقىرىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى پارتىلاشنىڭ ئالدى-كەينىدە گىتلېرنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئۇرۇش قوماندانلىرى U تىپلىق پاراخوتقا ماسلىشىپ ئۇرۇش قىلىدىغان ئاۋىئا*** ياساشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىر قىسىم قوماندانلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچۇرغان. بىر قىسىم قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىرى گېرمانىيە پەقەت قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى ئاساس قىلىپلا پۈتكۈل ياۋروپانى تۆمۈر تاپىنى ئاستىغا ئالالايدۇ، ئۇنداق چوڭ پاراخوتنى ياساشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، U تىپلىق پاراخوتلا ئۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن U تىپلىق پاراخوت گېرمانىيىنىڭ ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى، يەنى دېڭىز ئۇرۇشىدىكى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدىغان ئاساسلىق قورالى بولۇپ قالغان. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ سانى 496ئىدى. ئۇرۇش جەريانىدا 1669 نى ياسىغان، ياسالغان ئومۇمىي كېمىنىڭ سانى2100 دىن ئېشىپ كەتكەن. ئۇرۇش مەزگىلىدە نوقۇل سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ چۆكتۈرۈۋېتىلگەن كۆرەشچى پاراخوتلىرىنىڭ سانى 395كە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۈرەشچى پاراخوت سانى 3، ئاۋىئا*** 17، ئوكيان چارلىغۇچى پاراخوت 32، قوغلىغۇچى پاراخوت 122. ھەرقايسى تەرەپتىن چۆكۈپ كەتكەن مال توشۇغۇچى پاراخوتلارنىڭ ئومۇمىي سانى 5000دىن ئارتۇق بولۇپ، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 20مىليون توننىدىن ئارتۇق. گېرمانىيە يەنىلا U تىپلىق ئىلغار سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز بويىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ سودا پاراخوتلىرى ۋە قوغدىغۇچى پاراخوتلىرىنى توختىماي ۋەيران قىلدى. گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ U تىپلىق پاراخوت ئادمىرالى كار دۇننىس ئاتالمىش «بۆرە توپى» ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ئىجاد قىلدى. يەنى 12~6 بولغان سۇ ئاستى پاراخوتى بىر گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللىنىپ، كۈندۈزى دۈشمەن سۇ ئۈستى پاراخوتلىرىنىڭ ئىزىغا چۈشۈش، گۇگۇم چۈشكەندە ئۇرۇش تەييارلىقىغا ئۆتۈش، كەچ بولغاندا ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىن تورپېدا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش. 1940-يىلى 10-ئايدىلا 12 سۇ ئاستى كېمىسىدىن تەركىپ تاپقان بۆرە توپى 32 دۈشمەن پاراخوتىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ بىر مويىمۇ تەۋرەپ قويمىدى. 1941-يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيىنىڭ U تىپلىق پاراخوتلىرى پاچاقلاپ تاشلىغان ئىتتىپاقداش ئارمىيىنىڭ جەڭ پاراخوتلىرىنىڭ سانى 1150گە يەتتى. 1942-يىلىغا كەلگەندە بۇ سان 1600گە ئۆرلىدى. 1943-يىلىدىن كېيىن ئىتتىپاقداش ئارمىيە پاراخوت ۋە ئايروپىلانغا U تىپلىق پاراخوتتىن مۇداپىئەلىنىش رادار سىستېمىسىنى بېكىتىپ پاراخوتلىرىنىڭ زەربىگە ئۇچراش نىسبىتىنى %65كە چۈشۈردى. 1944-يىلىغا كەلگەندە ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ پەقەت 200كېمىسىلا ۋەيران بولدى. ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا گېرمانىيە جەمئىي 1131 سۇ ئاستى كېمىسى ياسىغان، ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ياسىغان 57سىنى قوشقاندا جەمئىي 1188 بولغان. بۇ كېمىلەر ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ 3500 پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەن. 45 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەسكەر سانى 40 مىڭدىن ئاشقان. بىراق سۇ ئاستى كېمىسىدىكى 30مىڭ جەڭچى شۇ كەتكىنىچە قايتىپ كېلەلمىگەن. ئۇرۇش ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن گېرمانىيىنىڭ 781 سۇ ئاستى كېمىسى ئىتتىپاقداش دۆلەت ئارمىيىسى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ دېڭىزغا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن. قالدۇق بىر قىسىم U تىپلىق پاراخوتلار ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېلىھەم گېرمانىيىنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
سىز كۆرمەكچى بولغان بۇ فىلىم ئاشۇ ئۇرۇش قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەن نەچچە مىڭلىغان U تىپلىق پاراخوتلارنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر پاراخوتنىڭ بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، يەنە ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ سۇ ئاست كېمىسىدىكى تۇرمۇشىمۇ جانلىق، تەسىرلىك بايان قىلىنغان. مەزكۇر سۇ ئاستى كېمىسى ئۇرۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن فىلىم، 82-يىلى 6 تۈردە ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن. ھەمدە رېژىسسور ۋولفگاڭ پېتېرسېن (Wolfgang Petersen) تارىختىكى تۇنجى گېرمان تىلى فىلىمى بىلەن ئەڭ مۇنەۋۋەر رېژىسسور مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن نامزات بولدى. بۇ فىلىم پۈتۈن دۇنيا كىنو مەستانىلىرىنى قايىل قىلغان ھەمدە ئۇرۇش فىلىملىرىغا يىقىلماس ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن.
ئەسلى بۇنى قۇييار تورىغا كىرىپ ھەقلىق كۆرەتتى، فىلىممۇ بەك كونىراپ قالدى، شۇڭا تورداشلارغا سوۋغات سۈپىتىدە بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم.مەلۇم بىر تورداش بۇنى تىپەن تور بوشلۇقىغا چىقىرىپ قويۇپتىكەن، بۇ يەرگە ئادرېسىنى يوللاپ قويدۇم.جەمى 6 قىسىم
http://d.1tpan.com/tp1218711420
http://d.1tpan.com/tp0073916829
http://d.1tpan.com/tp0741594048
http://d.1tpan.com/tp1750378165
http://d.1tpan.com/tp0733553312
http://d.1tpan.com/tp0073995596
شۈنلېينىڭ ئابونتچىلىرى بۇ يەردىنمۇ چۈشۈرەلەيدۇ:
http://yun.xunlei.com/file/17606 ... c-b439-920dcee7e357
http://yun.xunlei.com/file/17606 ... 3-b1a5-2ebab30865c1
http://yun.xunlei.com/file/17606 ... 0-8484-97219a9a213d
http://yun.xunlei.com/file/17606 ... 9-ad54-7bb273b5c916
http://yun.xunlei.com/file/17606 ... e-b616-a6ec9c3c4ee2
http://yun.xunlei.com/file/17606 ... f-88b1-901a4840c982
چ چ تور بوشلۇقىدىن ئالدىنقى 5قىسىمىنى ، قالغان 1 قىسىمىنى ئۈستىدىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.بۇنىڭدىن تېز چۈشۈرەلەيسىز:
1-قىسىم
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ!
چۈشۈرۈش كودى1a1857e0
2-قىسىم
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ!
چۈشۈرۈش كودى576eb9d0
3-قىسىم
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ!
چۈشۈرۈش كودىed2d9fca
4-قىسىم
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ!
چۈشۈرۈش كودىab300398
5-قىسىم
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ!
چۈشۈرۈش كودى6b392385
6-قىسىم ...................
ھۆرمەت بىلەن قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسى
http://www.terjimefilim.com